نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

<< ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻤﯘ ، ﺗﻪﻛﺌﺎﺗﻤﯘ ؟ >> ﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ

ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ << ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻤﯘ، ﺗﻪﻛﺌﺎﺗﻤﯘ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﺪﺍ : << "تەگئات" نىڭ سۆز تومۇرى "تەگ" سۆزىدىن قارىغاندا، بۇنى "تەگئات" دېيىش كېرەكمۇ ياكى "تەكئات" دېيىش كېرەكمۇ، دېگەن سۇئال يېقىندىن بېرى كاللامغا كىرىۋالدى.
”تەگ“ سۆزىدىن ئېنىقكى، بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىر- بىرىگە ئۇچراشقانلىقىنى، يەنى تېگىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ”قولۇم تېگىپ كەتتى كەچۈرۈڭ“، ”ئوق دەل جايىغا تەگدى“.
”تەگ“ نىڭ يەنە بىر مەناسى، ئاياللارنىڭ ياتلىق بولۇشى، يەنى ”ئەرگە تېگىش“ ى.
مېنىڭچە، ئاستى دېگەن مەنانى ئىپادە قىلىدىغان ”تەگ“ دېگەن سۆز پەقەت جەنۇب، بولۇپمۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى خالاس. مەسىلەن: ”ھەجەپ تېگى با گەپ قىلىدىكەن ماۋۇ“.
لېكىن شىمال، بولۇپمۇ قومۇل- تۇرپان تەرەپلەردە ”ئاستى“ نى ”تەكتى“ دەپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ”ھەجەپ تەكتى با گەپ قىلىدىكەن بۇ (قومۇل- تۇرپاندا ”ماۋۇ“ دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ)“ . مېنىڭچە بۇ خىل ئاتاش بىر قەدەر ئومومىيلىققا ياتىدۇ.
كۆپچىلىك ئىسىم مەناسى توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلۋاتقان تەكلىماكان ، يەنى ”تەكتى- ماكان قۇملۇقى“ سۆزىدىكى يىلتىزلىق سۆزمۇ دەل ”تەكتى“ سۆزىدۇر.

شۇڭا ، ”تەگئات“ سۆزى قانداقتۇر بىر شىۋىنىڭ خاتا ئېيىتلىشى ئارقىلىقلا تۈزۈپ قالغانمىكىن، دەپ ئويلايمەن. ھەقىقى سۆز يىلتىزى ئارقىلىق تۈزۈشكە توغرا كەلسە ”تەكئات“ دەپ يېزىلسا ھەم شۇ بويىچە ئوقۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ….. … …..
”ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ“ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯘ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ”ﺭﺍﻙ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ“ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﺭﺍﻙ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺭﺍﻙ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍﻙ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺟﯩﻘﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ”ﻛﯧﺴﻪﻝ“ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﭺ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
<< ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ، ﺗﻮﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻻﻱ، ﻣﻪﻧﺎﻧﻰ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﻪﭖ ﻛﯚﺭﻩﻳﻠﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 6 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ >> ﻧﯩﯔ 2- ﺗﻮﻣﻰ 157 – ﺑﻪﺗﺘﻪ، << ﺗﻪﻙ >> ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯧﻠﻰ، ﺑﺎﺭﯨﯖﻰ، ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ؛ 159 – ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ، << ﺗﻪﻛﺖ >> ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ 1. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ، ﺋﯘﻟﻰ 2. ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ، ﺗﯧﮕﻰ 3. ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﻪﻧﺴﻰ: ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. 163- ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ << ﺗﻪﮒ >> ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ 1. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ 2. ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ، ﺗﯜﯞﻯ 3. ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﻰ، ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ، 4. ﻗﺎﺯﺍﻥ – ﻗﯘﻣﯘﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ5.ﺭﻩﺧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻝ ﺑﯧﺴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﯧﺘﻰ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ 6. ﺋﯩﺶ – ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﮔﻪﭖ – ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ، ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ 7. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ، ﺯﺍﺗﻰ، ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ، ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻘﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﺗﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻛﻰ، << ﺗﻪﻙ >> ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ << ﺋﺎﺕ >> ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ << ﺗﻪﻛﺌﺎﺕ >> ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. << ﺗﻪﻛﺖ >> ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ << ﺗﻪﻙ >> ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﺎﻛﻰ << ﺗﻪﻛﺘﯩﺌﺎﺕ >> ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﻪﻣﺪﻯ << ﺗﻪﮒ >> ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯚﺯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻤﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻟﯘﻏﻪﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ، ﺯﺍﺗﻰ ، ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﮬﯧﭻ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ.
ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺷﯘﻛﻰ، << ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯜﺯﯛﻛﻜﻪ ﻳﺎﻗﯘﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻛﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺷﺘﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺗﯘﻕ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﺴﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺋﯚﺳﻤﻪ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ >> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﯞﯗ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ >> ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﻡ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ << ﺗﻪﮒ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ << ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﯩﯟﯨﺴﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﻐﯩﻼﭖ ﻗﻮﻏﻼﻧﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ << ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : << ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻤﯘ ، ﺗﻪﻛﺌﺎﺗﻤﯘ ؟ >> ﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟