نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > AIDS ئەدەبىياتى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان پەرىزات


ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ( ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ) ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﻨﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺴﯩﺰ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ئەيدىز ( HIV )ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، << ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ >> ﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ئەيدىز ( HIV )ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ 5 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 4 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئەيدىز ( HIV )ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯلىرىنىڭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ….

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻙ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﻗﯩﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ، ئەيدىز ( HIV ) ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﺎﭖ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ! ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .

ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺳﻪﮬﺮﺍ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﮔﯩﻨﻪ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﯩﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ئالدىنقى ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﯩﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﻰ. ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻨﯩﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﻤﯘ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺩﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ، ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ …

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ 4 – ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺭﺱ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻘﺎ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ، ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﺷﯩﯔ ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﯔ ﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﯨﺰﺍﺗﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻳﻼﺭ ﻛﻪﭼﺘﻰ … ﺋﺎﺯ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﮬﯟﻩﺧﺎﻧﯩﻤﯘ – ﻗﻪﮬﯟﻩﺧﺎﻧﺎ، ﺑﺎﻏﭽﯩﻤﯘ – ﺑﺎﻏﭽﺎ ، ﻗﺎﯞﺍﻗﻤﯘ – ﻗﺎﯞﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﻤﯘ ﺗﻪﯓ ﻛﯜﯞﻩﺟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ… ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ، ﭘﻪﺭﯨﺰﺍتنىڭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻤﯘ ، ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯩﺖ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﻩﺭ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪن ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ، ﺭﻭﮊﺳﺘﯩﯟﺍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﻐﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺋﯚﺯﻯ ئۇنى ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ…

ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪﻯ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ئەيدىز ( HIV ) ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﭼﯜﺷﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﭘﻘﯘﺳﯩﺰ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻗﻮﺭﻗﯩﻨﭻ، ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺒﯘﺭﺩﺍ ﻗﯩﺴﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺴﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺵ، ﻗﯘﺭﻗﯘﺵ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ….

ﺷﯘﺗﺎﭘﺘﺎ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺭﻭﮬﺴﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﯕﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶ، ﮬﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ…

- ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ، ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮔﯜﺩﻩﻛﻠﻪﺭﭼﻪ ، ئەيدىز ( HIV )ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺩﺍﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻢ، ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎﻡ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﯘﻡ، ﺋﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﯨﻤﻲ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﯩﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﺴﻰ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ، ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﺎ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ…
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺷﺘﻰ، ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﺮﮔﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﻛﻪﺑﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﻪﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ…. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻤﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﯓ – ﭼﯘﯕﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻧﻼ ﮬﯘﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ… ﺑﯘ ﺗﯘﺭﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ، ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎ ، ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯜﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ …. ﺋﺎﮬ ﺧﯘﺩﺍ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﻡ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺷﻮﺭ ! … ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺪﯨﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻜﻰ – ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯛﻣﻠﻪﭖ، ﺗﺎﺯﺍ ﻳﯩﻐﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﯨﻢ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺯﺍﺭﻻﻧﺪﯨﻢ، ﺋﯚﺯﻡ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻻﻏﺎ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﻱ ﺩﺍﯞﺍﻏﺎ، ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﯩﻜﯩﻢ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﮔﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﯚﻟﯜﭘﻼ ﻗﯘﺗﯘﻻﻱ … ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍ << ﺋﯚﻟﯜﻡ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻟﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﭼﺘﻰ ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﮬﯩﻢ ﺗﺎﻗﺎﭖ، ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻣﻪﻟﻠﺪﯨﻢ، ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻣﻼﭖ ﻳﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﺩﺩﯗﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ، ﻧﻪﭘﺴﯩﻢ ﻗﯩﺴﯩﻠﺪﻯ، ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺘﻰ… ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﻳﻪﺷﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻪﻟﺒﯘﻣﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ – ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ… ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺴﯧﺮﯨﻢ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﻡ ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﮬﯚﯕﺮﻩﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ… ﺭﻩﺯﯨﻞ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ؟! … ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﻡ ، ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ، ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﻴﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﺎﯕﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻏﺎﺷﻠﯩﻐﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ …
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﯜﺵ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ 5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯩﺮﺳﯩﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئەيدىز ( HIV )ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﯸﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﻘﺎﺕ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﻗﯘﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻢ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ… ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﺒﯩﻲ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ، ئەيدىز ( HIV )ﭘﯩﺪﺍﻳﯩﺴﻰ ﺳﻪﻣﻪﺗﺠﺎﻥ ( ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ئەيدىز ( HIV ) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ، ئەيدىز ( HIV ) ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ئەيدىز ( HIV ) ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻴﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﻧﺪﯗﻕ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ئەيدىز ( HIV )ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ …

ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻪﻣﻪﺗﺠﺎﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻛﺎﻣﺪﻩﻛﻼ ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﻰ، ﻣﯧﻨﻰ ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ، ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯚﺯ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ئەيدىز ( HIV )ﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ …

ﮬﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎﻣﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﻳﻮﻕ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ … ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ … ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ !

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان پەرىزات

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!10 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. bohran مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن، قەلىمىڭىزگە بەكمۇ قايىل بولدۇم.
    بوھران بلوگىمۇ ئەيدىز توغىرسىدىكى مەخسۇس بلوگ ، قۇرۇلغاندىن بۇيان سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ھەم مەدەت بېرىشىڭىزغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىمەن. مەنمۇ ھەم سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلارنى مەنبەسى ھەم ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا بلوگىمدا ئېلان قىلسام دىگەن ئۈمىدىم بار ئىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
    ياسىن ئابدۇللا
    [reply=Yuksel,2009-04-14 02:10 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يۈكسەل بلوگىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى يازمىلار دىتىڭىزغا يارىغان بولسىلا ، ئەسلى مەنبە ۋە مەنزىلنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئېلان قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىق – تەربىيە قانچە كەڭ قانات يايسا شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ ؟!… بوھران بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىن ئەيدىز تور تەشۋىقاتىدا باشلامچىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئېھترام بىلەن
    يۈكسەل[/reply]

  2. Xahnur مۇنداق يازغان:

    HIV نوچىمىز ئەجەپمۇ كېيىن كېلىپتۇ دىسە بۇ ئالى مەكتەپلەرگە؟ مەلۇم يىلى ئۈرۈمچىگە ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈرۈشكەچ چۆگىلەپ كەلگىلى باردىم ، xxx مەكتىپىدە تاماق يەپ ياتىقىدا پاراڭلىشىپ كەچ بۇلۇپ كېتىپتۇ ، بولدى، سېنى قىستاپ قويماي، ياكى سىرىتتىكى بىرە ياتاققا چىقىپ كىتەرمەن، بولمىسا تورخانىلاردا باۋيې قىلارمەن دىسەم، مەنمۇ سەن بىلەن چقاي دەپ ماڭدى، ماڭغاچ دوستۇم ماڭا ، ماڭا ساڭا چىڭرىن داۋ (情人道) دا ماڭغۇزۇپ قۇياي دىسە نىمە دەيدىغاندۇ دەپتىمەن، بىردەم ماڭسام دەرەخلىك يول بۇيىدا ھەر بىر دەرەخ تۈرىدە بىرجۈپتىن بىر-بىرگە توك قاچلاشقىلى تۇرۇپتۇ، ھەي ،،، سىنى زە دېدىم ،،،، كۈلۈپ كەتتى دوستۇم، ھەم، ۋاي ئاداش، بۇيەردە، پۇكۇنى مەكتەپنى كىچىك ئامرىكا، پالانى مەكتەپنى 2- جەننەت،،،،،،،،،،،،ۋاھاكازا ،،،،،،،، دەيدۇ دەپ كۈلۈپ كەتتى، توۋا، ناھيە بولسىمۇ يۇرتۇم ساقكەن دەپ قالدىم ، مىنىڭچە بولغاندا ئاشۇنداق دەلتى چوشقىلار ئۆلسۇن، مەكتەپ ئاتا -ئاناڭ سېنى ئۇقۇيدۇ دەپ ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۇيەردە قۇساققا بىلىم توپلىماي قىز تۇرۇپ بالا توپلىساڭ، ئۇغۇل تۇرۇپ ئاچا سىڭلىڭنى ئۇنتۇپ قالساڭ ،سىنىڭكىنىمۇ ياسايدىغانغا بىرسى چىقىدۇ، بۇ ئالەم تەڭشەلگەن ئالەم، ئەگەر سەن نوچى ئۇغۇل بالا بولساڭ، قىز بالىنى ھەققى ياخشى كۆرسەڭ ، ئۇنۇڭ ئىشتان بېغىغا ئېسىلما، چۈنكى مەي لى سەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بول ياكى بولما ، ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا بولغان ياخشى، قىز بالىغا بالدۇر چېقىلىپ قۇيۇپ كېيىن بىرگە بۇلالمىساڭ ؟ بىر كۈنلەر دە سېنىڭ تۇيۇڭنىڭ ئەتىسى سەن بىلەن توي قىلغان قىزنىڭ پاك ئەمەسلىكىنى ، بىلسەڭ ، قېنى قانداق ئويلايسەن؟ ئەنە شۇ ، سەن بۇرۇن بىرسى خار قىلغان، ئەمدى باشقىدىن ئاشقىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؟ قانداق قىلىسەن؟ نوچىلىق قىلما يىگىت، خۇدا تەڭشەيدۇ، تەڭشەلگەن جاھان بۇ.! قىز بولساڭ ، ئىپپىتىڭنى ساقلا ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىمگە ھەممىنى ئاتايمەن دىسەڭ ، ئاخىردا سېنىڭ قەدرىڭ قالمايدۇ. ئويلاپباق، بىر كۆمۈر كاننى دەيلى ، ئۇنى قېزىۋەرسە، قېزىۋەرسە، بايلىق قالمىسا ھامان كاننى يۆتكەيدۇ، ئۇ پەقەت ئەسكى ئۆڭكۈر بۇلۇپ قالىدۇ، ھېچكىممۇ ئۇنۇڭغا قىزىقمايدۇ، سەنمۇ ئۆزۈڭنى غىلپال كۆرسىتىدىغان خۇيىنى ئۈگۈنىۋال، يۇرۈشتىن بۇرۇن ئۇنۇڭدىن قانداق قاچقان بولسا قېنى بىرە قېتىم قېچىپ باقە ؟ قانداق قىلدىكەن؟ بىرە توك قاچلايمەن دىسە يۈزۈڭنى ئەپ قېچىپ باقە قانداق قىلىدىكەن ؟ سەن ئاشىق مەستانا ساراڭ بولساڭ بېشىڭنى يىگىنىڭ شۇ!

  3. aspirant مۇنداق يازغان:

    ئۆتكەندە بىر سىتاستىتكىدا ئۈرۈمچىدە تىيانشان رايونىدا ، بولۇپمۇ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆڭ كۆۋرۈك، سەنشىخاڭزا مەركەز قىلىنغان جايلاردا بۇ كېسەلنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى بەزى يەرلىرىدە ھەر 50 ئادەمنىڭ بىرى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغانلىق ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ پۇرسەتتە قارىغۇلارچە تىل ئۆگۈنۈۋاتقان ، باشقىلارنى ياراتماي جاھاندا ئۆزىدىن ئېسل ئادەم يوقتەك كېرىلىپ ئىشتىنىغا پاتمايۋاتقانلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، سىز بەك يوغان ئىش قىلمىدىڭىز، سىزنى چوڭ سۆزلىتىۋاتقان شۇ تىلنى شۇ تىل تەۋە دۆلەتتىكى قەلەندەرمۇ، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ. سىز شۇ تىلدىن باشقا يەنە نېمە بىلىسىز ؟ سىز بىلىدىغا چەتئەلدىكى داڭلىقلىرىمىز شۇ تىل بىلەنلا داڭ چىقىرىپ ئالەمنى زى-زىلىگە كەلتۈرگەنما ! . بىزمۇ ئۆگەنگەن شۇ تىلنى ، چەتئەلگە چىقسىڭىز ھېچكىم ماۋۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدىكەن دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋالمايدىكەن . سىز يەنىلا ئۇيغۇر، ئاددى بىر ئىنسان !
    قاينىماي دېگەن بىراق ئۈرۈمچىدە كۆرگەن بەزى تىل ھەۋەسكارلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تىل ئۆگۈتۈپ پۇل تېپىۋاتقان بەزى ناكەس مۇئەللىملەرنىڭ غەيرى قىلىقلىرى، توپا چىراي ، كۆك كۆز دىن تارقاتقۇچى خىرىستىيانلارنىڭ ( ئەلۋەتتە 10% ئەتراپىدا ئۇنداق ئەمەس ) قوڭىغا كىرىۋېلىپ ، ھاجەتخانىلاردىن باشقا جايلاردا داۋاملىق بىللە يۈرگەن، بارا-بارا خىرىستىيانلشىۋاتقان ، ئۆزلىكىنى يوقاتقان ، ئىبلىسنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كېتىۋاتقان شۇ بىچارە بايقۇشلار مېنى يەنە سۆزلەشكە مەجبۇر قىلدى ……..
    ئۇلۇغ ئاللا قەلبىمىزنى ھەر دائىم ئۆز دىنىدا قىلسۇن ، ئامىن !

  4. sumrugh0991 مۇنداق يازغان:

    پەرىزاتنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغىنىغا شۇنداق خوشال بولدۇم، پەرىزات سىز ئۈمۈتۋار ، خوشال يۈرۈڭ. پۈتۈن جەمئىيەت ئۇنىمۇ بىر خىل كېسەللىك دەپ توغرا قاراش كېرەك ، ئەيدىس بىمارلىرىنى كەمسىتىش، ئۇلارنى ئارىغا ئالماسلىق مەنچە ئىنسانلىق سۈپەت ئەمەس، ھايۋان چېغىدا يارلانغان ، ئاجىزلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ؛ ئەڭ ياخشىسى ئىمان-ئېدقاتلىق بۇلايلى!
    سىلەر نىمىلا دەپ تىللاڭلار ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، تۇققىنىمىز، سىڭلىمىز، ئاچىمىز!بىز بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ تانالمايمىز! ئۆز قېرىندىشىمىزنى ئاشۇنداق ھاقارەتلەپ قورساق كۆپىكىمىز چىقتىما؟ ئۇلار مۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار. ئۇلار ياردەمگە، كۆيىنىشكە، چۈشىنىشكە، مىھرى-مۇھەببەتكە ھەممىدىن بەكرەك مۇھتاج كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ ئەڭ بولمىغاندا ئادىمىلىگىنى ھۆرمەتلەيلى!

    • پاك-ئەقىدە مۇنداق يازغان:

      ئئە سسەلامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم :
      يۇقارقى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ھەرگىز پەرىزاتنى تىللىماقچى ئەمەس . خالاس جەمىئەتتىكى بىر بىسىدىن ياخشىلىق ،،يەنە بىرىدىن يامانلىق ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرىدىغان قوش بىسلىق شەمشەردىن ھەممەيلەننى ئاگاھلاندۇرماقچى.
      ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ دىگىنىدەك‹‹بىر نەرسىنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۈرۈش،ۋە ياكى يامان كۈرۈش ئادەمنى كور قىلىپ قويىدۇ››.
      توغرا دەيسىز ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز!ھەممەيلەن مۇمكىن بولسا ئىدى ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايمىز!
      ئئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ‹يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلسىمۇ يەنىلا سۈيۈملۈكتۇر،خەلقىم ماڭا بىخىللىق قىلسىمۇ،يەنىلا سېخىدۇر›.
      ئئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي !قېنى قايسىمىز ‹مەن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولمايمەن ›دەپ كەسكىن ئېيتالايمىز؟!

  5. bohran مۇنداق يازغان:

    ھازىر ئەيدىز يالغۇز ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا جايىدا، ھەتتا ناھىيلەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە كەڭ تارقاپ، ھەممىمىز ئۈچۈن ئاپەت بولىۋاتىدۇ، بۇنى مەلۇم رايوندىكى مەلۇم ئادەملەر توپىغىلا خاس، بۇزۇقچىلىىق قىلمىسا، زەھەر چەكمىسىلا مەندىن يىراق دەپ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى خىلى بۇرۇنلا ئىسپاتلىنىپ بولغان، يەنە داۋاملىق ئاللاكىملەردىن ۋە قىسمەن ھادىسىلەردىن ئاغىرىنىپ، تىللاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، كەلگۈلۈك كېلىپ بولدى، ئەيدىز ۋەھىمىسى ھەر بىرىمىزنىڭ يېنىدىلا، شۇڭىلاشقا ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلەيلى! بىزنىڭ ئىشىمىزنى خەق كېلىپ قىلىپ بەرمەيدۇ، ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك. قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلايلى دوستلار!جىنسى ئەركىنلىك كەڭ تەرغىپ قىلىنغان، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بىزدىنمۇ ئېغىر نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ كېسەلنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىۋالدىغۇ؟ مەسىلە ئاڭدا، ساپادا، بىلىشتە. ئەلۋەتتە مىللى ئەنئەنە، ئەخلاق تەربىيىسى مۇھىم، بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئەيدىز توغىرلىق بىلىملەرنى، قانداق يۇقىدىغانلىقى، قانداق ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەي ئۇلارغا دوستانە ئادىل مۇئامىلە قىلىش توغىرسىدىكى ئەتراپلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئەتىراپىمىزدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ، دوست- بۇرادەرلىرىمىز، كەسىپداشلىرىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز، شاگىرتلىرىمىز……..غا بىلدۈرەيلى، بۇ بىلىملەرنى بىرى ئونغا، ئونى يۈزگە تارقاتسۇن! ئەيدىزنىڭ ۋاكسىنىسى ياكى تەلتۈكۈس داۋاسى يوق، بىردىنبىر ئامال ھەممە ئادەم ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش. ئەگەر مۇشۇنداق قىلساق قۇرۇق گەپ ساتقاندىن، باشقىلاردىن، جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ ۋايساپ ئولتۇرغاندىن مىڭ ئەۋزەل!

  6. rose مۇنداق يازغان:

    ئاللا بۇنىڭدىن 1400يىل بۇرۇنلا بۇنداق كۇنىڭ كىلدىغىندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئىسلام بولمغان بولسا يەنە قانداق چىكدىن ئاشاتۇقكىن تاڭ ، ھەمىسى ئىمانىڭ سۇسلىقى .. مۇشۇنداق دىنسىزلىقتىن ئادەمنىڭ ھۆرمىتمۇ بولمايدىكەن مىللتىمدىن تانايدەيمەن تانالمايمەن ، ئۇنى قۇتۇلدۇرشنى ئويلايمەنيۇ قۇلۇمدىن كىلدىغىنى بەكمۇ ئاز ئى ئاللا ھەممىمىزنىڭ دىنى مۇستكەم ئىمانىنى كامىل قىلغايسەن نئېجىس كىسەللەردىن جالى قىلغايسەن
    [reply=Yuksel,2009-04-24 11:54 PM]ئامىن ![/reply]

  7. XadlikBlog مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يۇكسەل ئەپەندىم قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟!! يىقىندىن بىرى مەن مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم ، ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە بىرخىل ، بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسۇلدا تارقىلىۋىتىپتۇ … سىزمۇ ئاڭلىدىڭىزمىكىن .؟! بولۇپمۇ تورخانىلارغا كۆپ كىرىدىغانلار دىققەت قىلمىسا ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقىملىنىدىكەن …. ئويلاپ بىقىڭ ، سىزنىڭچە بۇ نىجىس كىسەل تورخانىدا نىمىش قىلىدۇ ؟!! قايسى ئۇسۇلدا تارقىلىۋاتقاندۇ ؟!! مەخسۇس مۇشۇ تىمىدا بلوگىمغا تىما يوللىدىم ، كىرىپ كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ! چوقۇم كۆرۈڭ !!!! بولسا سىزمۇ بلوگىڭىزغا يوللاپ قويسىڭىز …. قانچە كۆپ قىرىنداشلار بىلسە شۇنچە ياخشى. ئۇلۇغ اللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ! تىما ئادرىسى : http://xadlik.blogbus.com/logs/38386228.html
    [reply=Yuksel,2009-04-24 11:53 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    بۇ گەپلەرنىڭ قىلچە ئاساسى يوق . كوچا كوتاڭدا ئېقىپ يۈرگەن ئاقماس پاراڭ خالاس! مېنىڭچە بۇنى تەشۋىق قىلماسلىق كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يولى پەقەت ئۈچلا، يەنى قان ، جىنسىي مۇناسىۋەت، ئانا – بالا يولى ئارقىلىق يۇقۇش. ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىش بىھاجەت![/reply]

  8. ishak مۇنداق يازغان:

    مەن ئاسپىرانت ئەپەندىمنىڭ سۆزىگە ھەققەتەن قايىل بولدۇم .ياىشڭ تېمىكەن تىما ئىگىسىگە
    كۆپتىن كۆپ رەھمەت .كۆپ جاپا تارتىپسىز .

  9. zakira مۇنداق يازغان:

    بۇ نىجىس كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋادلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش كېرەك.
    ھەممىمىز سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىشىمىز،بىر قېتىملىق سەۋەنلىك تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قالماسلىق ئۈچۈن پاكلىقنى ئەزىزلىشىمىز كېرەك.
    بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇيۇ لېكىن داۋاسىنى تاپقىلى بولمايدۇ قېرىنداشلار سەگەك بولايلى.ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى.

zakira 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟