نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن قازاق ۋە خۇيزۇلار

[align=center]ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن قازاق ۋە خۇيزۇلار

ئوبۇل ھىمىت شاۋقۇن

( يۈكسەل بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى )[/align]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىرگە ياشاش جەريانىداقۇشۇپ كىتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمەكتە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلەن شىنجاڭ ئىشىلەپچىقىرىش -قۇرلۇش ئارمىيىسى قوش رەھبەرلىك قىلىدىغان تۇمشۇق شەھرىدە (بۇرۇن مارالبىشى ناھيىسىگە قاراشلىق ئىدى) 120مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇس بۇلۇپ،ئۇيغۇرلار %80 دىن كۆپرەگىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار تەركىبىدەتەخمىنەن 1500دىن ئارتۇق قازاق، 2000 دىن ئارتۇق خۇيزۇلاربار.

خوش، ئۇنداقتا بۇ قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن؟

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20 -يىللىرى قازاقىستاننىڭ قىزىل ئوردا ئوبلاستدىن 500 دىن ئارتۇ ق قازاق تۇمشۇق شەھرىنىڭ 53-تۈەننىڭ قۇملۇق رايۇنىغا (ھازىرقى6-لىيەن)كىلىپ ماكانلىشىدۇ. تەخمىنەن 90 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ،پەرزەنىتلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى پۇتۇنلەي يۇقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقنى بىر مىللەت دەپ قارغاچقا ( ئۇ چاغلاردا كىشىلەردىكى مىللىي ئاڭ بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك بولمىغاچقا . يۈكسەل )، ئۇلارنىڭ نۇپۇس ۋە كىملىككىگە بىردەك ئۇيغۇر دەپ يىزىلىپ كىتىشىگىمۇ ئىتىبار قىلمىغان. قازاقلانىڭ % 80 دىن كۆپرەگى ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگـەن بولسىمۇ ،ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن نىكاھلىنىش نىسپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ( بۇ ئىش ھەققىدە پېقىرنىڭ ئاپا تەرەپ ھاممامنىڭ يولدىشى مەرھۇم شاھىت ئەپەندى < 60 - يىللىرى تېببىي ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن چېغىدا چەتكە باغلانغان شيۇجىڭ جيۇچى دەپ ئۈرۈمچىدىن ھازىرقى تۇمشۇق شەھرى 51 - تۈەندە خىزمەت قىلىشقا پالانغان ئىكەن > مۇ 53 – تۈەندە تۇرمۇش، ئۈرپ – ئادەت جەھەتتە قازاقلارنىڭ بىر قەبىلىسىگە تولىمۇ يېقىنلىشىدىغان بىر توپ ئاھالىنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەسلىنىڭ قازاق بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە پېقىرغا ھېكايەت قىلىپ بەرگەن ئىدى. يۈكسەل )

ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىن تەخمىنەن 1300دىن ئاتۇق خۇيزۇلار تۇمشۇق شەھرى 51-تۇەننىڭ16-لىيەنگە كېلىپ ماكانلىشىپ دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ. تەخمىنەن 60 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىزچىل نىكاھلىنىش ، پەرزەنىتلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى پۇتۇنلەي يۇقىتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلارنى بىر مۇسۇلمان قەۋىم دەپ قارىغاچقا، ئۇلانىڭ نۇپۇس ۋە كىملىككىگە بىردەك ئۇيغۇر دەپ يىزىلىپ كىتىشىگە بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئىتىبار قىلمىغان .

ئاپتورنى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر :

تۇمشۇق شەھرى51-تۇەن مەكىزى مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى مەمتىمىن ئابلا(ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن خۇيزۇ)،
تۇمشۇق شەھرى53-تۇەن چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ مال دوختۇرى ،پىنسىيۇنىرى ياسىن جىلىل(ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن قازاق).
جىلىل(ئەسلى جۇلدىباي بۇ ئىسىممۇ ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن)

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن قازاق ۋە خۇيزۇلار

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. yusuf مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشى بولۇپتۇ!ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق بەك قىيىن بۇ كىشىلەرئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەر بولسا بولغۇدەك.

  2. infitar مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشىماق تەس دەپ كىم دەيدۇ ؟
    ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزدەك بۇلۇپ ياشىمىغىڭىز تەس ! ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ كىم بۇلىشىڭىزنىڭ كارايىتى چاغلىق .

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟