نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەلباش خۇ جىنتاۋ تورداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

خۇ ئەلباش 6- ئاينىڭ 2- – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ( بۈگۈن ) خەلق تورى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ( 强国论坛 ) ئارقىلىق تورداشلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
ئۇ بۈگۈنكى سۆھبەتنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىدى: << تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بۈگۈنكىدەك پۇرسەتتە تورداشلار بىلەن تور ئارقىلىق ئۈلپەتتە بولغۇنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بەلكىم سىلەر بىلەن كۆپ ئەسرارلىشالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما ، مەن سىلەرنىڭ ماڭا يېزىپ قالدۇرغان يازما – تېماڭلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن، تەتقىق قىلىمەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن ! >>

ئۇ ئوتئەجدەر ئاتلىق تورداشنىڭ << خۇ ئەلباش تورداشلار تور ئارقىلىق سۇنغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى  كۆرەلەمسىز ؟ >>  دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى : << مەن دائىم تورغا چىقىپ تۇرىمەن. بىرى مەملىكەت ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ئىككىنچىدىن ، تور ئارقىلىق تور ئاممىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىمەن، ئۈچىنچىدىن، تور ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا قانداق تەكلىپ – پىكىرلىرى بارلىقىنى ئىگىلەيمەن >> .
يەنە بىر تورداشنىڭ << سىز ئادەتتە قايسى تورلارنى كۆرۈپ تورىسىز ؟ >> دېگەن سۇئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : << مېنىڭ خىزمىتىم ئادەتتە ئالدىراش بولسىمۇ ، ھەر كۈنى تور ئارىلىيالمىساممۇ، ئەمما ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ تورغا چىقىپ تۇرىمەن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغىنىم شۇكى، << دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى >> مەن دائىم چوقۇم كۆرۈدىغان توردۇر.
سۆھبەت جەريانىدا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: << تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – پىكىرلەرگە بىز ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەيمىز، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىمىز. شۇڭلاشقا ، ئىش قىلغاندا، تەدبىر بەلگىلىگەندە،  خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى – ساداسىنى تىڭشاش، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جەملەش كېرەك.  بۇنىڭدا  تور ئارقىلىق ئاۋامىنىڭ ھالىنى چۈشىنىش، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جۇغلاشمۇ مۇھىم يولدۇر. >>.
ئومۇمىي سۆھبەت ۋاقتى گەرچە تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ، خۇ ئەلباشنىڭ ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ تورداشلار بىلەن ئۈلپەت – ئەسرارلىشىشى، دۆلەت ئاتىسىنىڭ تور ۋە تور ئاممىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، تور ئاممىسىنىڭ قەلىب تىۋىشىغا زەڭ سالىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى. بۇ  بىزگە ئوخشاش كەڭ تورداشلارغا زور ئىلھام بېغىشلايدۇ ئەلۋەتتە.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئەلباش خۇ جىنتاۋ تورداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟