torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

3 – دىۋىزىيە تۈرمىلىرىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى

3 – دىۋىزىيە تۈرمىلىرىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 3-دىۋىزىيە ( 新疆建设兵团农三师 ) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تېزگىنلەش مەركىزىدىن يولداش 白润本 نىڭ 3 – دىۋىزىيە تۈرمە – قاماقخانلىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە:

ئومۇمى تەكشۈرۈلگەن ئادەم 11134 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) مەخسۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار ( ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ) 38 نەپەر ، 3-دىۋىزىيە تۈرمىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى % 0.34 بولغان.

مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىدا كۆرستىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بارلىق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە – رايونلاردىن ( گۇاڭشى ) كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋۋال زەھەر چېكىدىغان، پاھشىۋازلىق قىلىدىغان ئەيدىز يۇقتۇرۇۋلىش خەۋپى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان كىشىلەر ئىكەن. دېڭىز بويىدىكى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئېغىر بولغان ئۆلكە – رايونلاردىن جىنايەتچىلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 3-دىۋىزىيىگە كەلتۈرۈش مەزكۇر دىۋىزىيىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش خىزمىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن خىرسقا دۇچ كەلگەن. ئەيدىز تەشۋىقاتىنى كەڭ دائىرىدە ياخشى ئىشلەش، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ئارىلىشىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بالدۇرراق قوللىنىش تولىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغان.

مەنبە: 现代预防医学 ژۇرنىلىنىڭ 2009 – يىللىق 2 – سانى 353 – بەت.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 3 – دىۋىزىيە تۈرمىلىرىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بوھران مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر جەھەتتىن، تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خېيىم-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بەزى تۈرمىلەردە جىنايەتچىلەرنىڭ باشقىلارنى ياكى ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈۋېلىشى، تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىغلىق ياكى مېتالدىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساقلىشىغا ۋە ئىختىيارى ئىشلىتىشىگە بولمايدىكەن، ساقال ئېلىش ئۈچۈن 5-6 جىنايەتچىگە بىر تاللا تىغنى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن ھەم ساقچىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئىشلىتىدىكەن ھەمدە ساقالنى ئېلىپ بولغاندا يىغىۋالىدىكەن، بۇنىڭدا قاندىن يۇقىدىغان ھەر خىل كېسەللەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ، ئۇنىڭدىن سىرت تۈرمىدىكى ئېغىر ئەمگەك، ناچار ئۇزۇقلىنىش شارائىتى ۋە روھىي بېسىملار تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشىى ئىنتايىن تېز بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى ھازىر دۆلىتىمىز يولغا قويۇۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز داۋالاش( يەنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش) تېخى كۆپىنچە تۈرمىلەردە ئەمىلىيلەشتۈرۈلمىگەن بولغاچقا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىمۇ ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ساقلاپ تۇرۇشى ۋە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن بەھىرلىنىشىگە چوڭ توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتپ ئىزدىنىپ، مۇناسىۋەتلىك چارە- تەدبىرلەرنىڭ تېزرەك ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئەمىلىيلىشىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتا.
    شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتلەردە ئىشلەپ كېلۋاتقان ئاكتىپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بولۇشى ۋە مۇشۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال- ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇشىدەك ئەھۋالغا قارىتا قىزىل كرېست جەمئىيىتى كۆپلەپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ۋە ئىشلەۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز بوھران aids بلوگىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.bohran.blogbus.com

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟