نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت

ئۇيغۇر تور ئۇلىنىشلىرى

ئۇيغۇر تور ئۇلىنىشلىرى

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلىنىش تورلىرى تورداشلارغا ئىنتايىن قولاي بولغان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىرمۇنچە ، بىر – بىرىدىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولغان تور ئادرېسلىرىنى يادلىۋېلىپ ياكى خاتىرلەپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىمىز ياقتۇرغان ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان مەلۇم بىر ئۇلىنىش تورىغا كىرىش ئارقىلىقلا تور دۇنياسىدىكى ئۆزىمىز نىشانلىغان تور مەنزىلىگە بىمالال يېتىپ بارالايمىز. دەل شۇ ۋەجىدىن، ئۇلىنىش تورلىرى ھامان تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەرنىڭ نامى، ئادرېسى ئەستىن كۆتۈرۈلسىمۇ، ئەمما، ئۇلىنىش تورى ئەستىن چىقمايدۇ …

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇلىنىش تورلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا قولايلىق تور ئۇلىنىش مەنزىلى تەمىنلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن كەڭ تورداشلارغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە ھەمدە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇشتى( جۈملىدىن، يۈكسەل بلوگى Www.Yuksel.Me مۇ بۇ بىرقانچە يىل داۋامىدا ھەرقايسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك زىيارەت ئېقىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ). بۇندىن باشقا يەنە، ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر شىركەت – كارخانىلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كەڭ تور جامائەتچىلىكىگە تەشۋىق قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈردى.
شۇتاپتا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ 2 ئۇلىنىش تورى ( www.ulinix.com ۋە www.ulinix.cn ) ئۇيغۇرلاردىكى زىيارەت ئېقىمى ئەڭ زور بولغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالدىنقى 1 – ۋە 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى 5 – نىڭ ئىچىگە كىرگەن تور بېكەتكە ئايلاندى. ئۇلاردىن باشقا، ياخشى ئۇلىنىش (www.yahxi.com )، تورلار دۇنياسى (www.torlar.com ) ، ئاچىل تورى، تۇتاش ئۇلىنىشى … دېگەنگە ئوخشاش ئۇلىنىش تورلىرىمۇ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى مەيدانغا كېلىپ، تور ئۇلىنىش ساھەسىدە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئورۇن ۋە نوپۇز ھازىرلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يۇقىرىقلاردىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى ‹‹ تاختا بېشى ›› غا ئېلىپ قويىدىغان ئۇلنىش، ئۇلۇنىش، ئۇلنىشلا، ئۇلۇنىشلا، ئۇلانمىلا … دېگەندەك ئۇلىنىش تورلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن بولدى. دۇنيا قارا بلوگى (http://dunyakara.blogbus.com/) نىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئۇلىنىش تورلىرى 20 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇشقان بولسىمۇ، ھامان بىر قىسىم ئەيىپ – نۇقسانلاردىن ياكى مەسىلىلەردىن ساقلىنالمىدى. مەسىلەن، ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنىڭ چىڭ ئەمەسلىكىنى، ئۇلىنىش تەمىنلەنگەن تور بېكەتلەر ئارىسىدا ئاز بولمىغان مەزمۇنى ساغلام ئەمەس تورلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، بەزى تورلاردا ۋىرۇس ، ياغاچ ئات قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، گاھى ئۇلىنىش تورلىرىدا ئۇلىنىشتىن ئېلاننىڭ كۆپلىكىنى، تېخنىكىلىك كۆرسەتكۈچىسىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىق ، ئۆلچەملىك تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرۈمىز. ئۇلىنىش تەستىقلاشتا، پەقەت ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا پىسەنت قىلماسلىق، پەقەت ئىقتىسادىي قىممەت ياراتسىلا ، مەزمۇنى ۋە تەسىرى بىلەن ھېسابلاشماسلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ، ئۇلىنىش بېرىلگەن كىنو ، MTV تورلىرىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇس – ھايا سەزگۈسىگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ‹‹ ھالۋىنى ھېكىم يېدى، تاياقنى يېتىم ›› دېگەندەك سارغايدى تور بېكەتلەرنىڭ ئەيىپىنى ئۇلىنىش تورلىرىدىن سۈرۈشتە قىلماقچى ئەمەسمىز. ئەمما، بىزدە ‹‹ ئېقىننىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىقىمۇ لاي بولۇر ›› دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ‹‹ باش توغان ، باش مەنبە ›› بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللىي ئىجتىمائىي بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ يامانلارغا يانتاياق بولۇپ، سارغايدىلارغا يول ئېچىپ بېرىپ ‹‹ دەللال ›› بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنى زىيارەت ئېقىمى بويىچە غايەت زور بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭدىكى ئۇلىنىشلار شۇ دېڭىزدىن تارىلىپ چىققان دەريا – ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قاراپ، ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنى ھازىرقىدەك بوش تۇتسا، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ سەۋەبكارلىقى بىلەن لاي – لاتقا بىلەن تولغان، بۇقسىپ ئېچىغان تور سۈيىنى ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان كىشىلەر ھەرھالدا ئىلغاشنى بىلگەن بىلەن، ئاق -قارىنى تېخى پەرقىتىپ ئۈلگەرمىگەن گۈدەكلىرىمىز ئۇلىنىش تورلىرىدىن كىرىپ، ناچار مەزمۇن – ناچار كۆرۈنۈشلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ ھېلىقى ناچار سارغايدى تورلارنىڭ ئىككى دۇنيادا مەسئۇلىيەتتىن قاچالمايدىغىنى ئېنىق. ئەمما، ئۇلىنىش تورلىرىچۇ ؟! ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئۇلىنىش بەرگەنلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى كېرەكمۇ ؟ بىزغۇ سۈرۈشتە قىلالماسمىز، ئەمما ، ئاخىرەتتە ، بارچە ئەمەللەرگە ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى زاتچۇ؟ …

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا تەكلىپ

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك كۆلەم ھاسىل قىلىشىدا ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ تۆھپىسىگىمۇ، ئۇلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بىزدە ‹‹ پۇل تاپقۇچە ، يۈز تاپ ›› دەيدىغان ھېكمەتمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىمۇ نۇقۇل ئىقتىسادىي قىممەت قوغلاشماستىن، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئالدىدا مەلۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ئۇيغۇر تور مۇھىتىنىڭ پاكىز ، بىخەتەر بولۇشىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇلىنىش تورلىرى ئۇلىنىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، بىر تەرەپتىن تور بېكەتلەرنى قانۇنىي نۇقتىدىن، يەنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، ئەكسىيەتچى ، شەھۋانى – سېرىق مەزمۇنلار بار – يوقلۇقى جەھەتتىن تەكشۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت – ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلامدۇ يوق؟ ئۇيغۇر ئەخلاق قاراشلىرىغا ئۇيغۇنمۇ يوق؟ دېگەندەك ئۆزىمىزگە خاس بولغان كونكرېت تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش لازىم. ئۇلىنىش تورلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىش ئارقىلىق زىيارەت قىلىنغان تور بېكەتلەر چوقۇم ساغلام، مەزمۇنلۇق، مەنپەئەتلىك ، بىخەتەر بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بايراقدار ئورنى ۋە نوپۇزىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۆز شەرىپىنى ساقلاشتا ھەرقاچان ھۇشيار بولۇشى زۆرۈر. ئىنسان ئۈچۈن ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەلەملىك ئىش بولماس، بىخۇدلۇق، پۇلغا زىيادە ھېرىسمەنلىك كىشىنى پەسكەشلىككە باشلايدۇ …
سۆزىمىزنى شۇ جايدا كېسىمىزكى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى جىگەر – ۋىجدانى ، ئەلگە ھەقىقىي خىزمەت قىلىش ئىرادىسى بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىشلار ئارىسىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت – ئەنئەنىسىگە بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتقان، قانۇنى جەھەتتىن سېرىق دەپ بېكىتكىلى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، ھايا – نۇمۇس قارىشى بىلەن كەسكىن توقۇنىشىۋاتقان مەزمۇن ، كىنو ، MTV ، قىسقا فىلىملەر بار بولغان تور بېكەتلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايدىغان ئەزىمەتلىكىنى، ئەل – ۋەتەننى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن سۆيدىغانلىقىنى نامايىش قىلىشى كېرەك.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!31 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. birzat مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ كۈنگىچە مەتبۇئاتلاردا ئۇلىنىش بەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر كۆرۈپ باقماپتىمەن. بۇ تېمىدا ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى قىممىتى تولۇق ئەكىس ئېتىپتۇ. مەيلى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا يۈزلىنىشى بولسۇن، مەيلى شىركەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى رولى بولسۇن ئۇلىنىش س ئىن بولامدۇ ياكى كوم بۇلارنىڭ رولى چوڭ بولماقتا. دېگەندەك مۇشۇنداق ئالقىشلارغا سازاۋەر بولۇپ خەلق ھۆرمىتىگە كۆتۈرۈلمەك ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدىغان، خەلق لەنەت ئوقۇتدىغان < <سارغايدى>> تور بەتلەرگە ئۇلىنىش بەرمەسلىكى ، ھەم شۇنداق بەتلەرنى ئۇلىنىشتىن قوغلاپ چىقىرىشى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. ئەلنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار كۆكلەپ كېتەر، ئەلنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغانلار زاۋال تاپار!!!

  2. دۇنياقارا مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بۇ بەرگەن تەكلىپى ناھايىتى ئەتراپلىق، ۋاقتىدا، جايىدا بېرىلگەن تەكلىپ بولدى.
    ئۇلىنىش توربېكەتلىرىنىڭ تۈرلۈك توركۆرگۈچلەردە خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ياكى بەت يۈزى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئومومىيۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، شۇڭا بىزگە ئانا دەرياغا ئوخشاش باش ئېقىن بولۇپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى چوڭ-كىچىك ئۇلىنىش توربېكەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  3. Bektur مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ پۇرسەتتە مەنمۇ ئىچىمدىكىنى دەۋالاي .مەن ئاڭلىغان ،كۆگەن ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش تورىدىن 20 ئەمەس ، 50 تەك باغۇ دەيمەن . دەسلەپتە ئېچىلغىنى ئۇلىنىش cn ۋە com بولسا كېرەك . مەن 2005-يىلى ئىككىسى بىلەن تەڭلا تونۇشقان . پەرىزىمچە ئۇلىنىش تور بەتلىرى پۇل تېپىۋاتقىلى بەش يىلدەك بولدىغۇ دەيمەن . يەنى ئنتېرنېتنىڭ ئۇمۇملىشىشى ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تور ئابونتلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپەيدى . ئېسىمدە قېلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئۇلىنىش cn ۋە com نىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزى قۇرۇلغان يېڭى بەتلەرنى ئىزدەپ سوراپ قوشاتتى ، QQ توپلىرىدا تەشۋىق قىلاتتى . ھازىر ئەھۋال تامامەن ئەكسىچە . ئەلۋەتتە ئۇلار دەسلەپتە ئەجىر سىڭدۈرگەن ، جاپا تاتقان ، شۇڭا تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىشى ھەقلىق . بۇنى كۆرگەن بىر قىسىم توربەت ، كومپيۇتېردىن ئازراق خەۋىرى بارلار دورامچىلىق قىلىپ ئىسمى ھەرخىل ، جىسمى بىر خىل ئۇلىنىش توربەتلىرىنى ھە دەپ قۇرغىلى تۇردى . بەزىلىرى تور بېتىڭ بامۇ دىسە با دىگىلى قۇردى . بەزىلىرى ئۇلىنىش بېتىنى قۇرۇش ، باشقۇرۇش ئاسان بولغاچقا قۇردى. بەزىلىرى cn ۋە com نىڭ تېپىۋاتقان پۇلغا كۆزى قىزىرىپ بۇ "تار كوچا"غا قىسىلىپ كىردى . ئىشقىلىپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇلىنىش تورلىرى كۆپىيىۋەدى .
    ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقىنى دىمىسەكمۇ ھەممىمىزگە ئايان . ئەمدى ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ، ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئېلىپ كېلىشى مومكىن بولغان ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى . ھازىرقى ئۇلىنىش توربەتلىرىدە ئۇمۇميۈلۈك ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە ئىملا خاتالىقى خېلى كۆپ . مەزمۇنى ساغلام بولمىغان توربەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قويىدىغان ، دىنىمىزغا ، مىللىي ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ توربەتلەنى ، رەسىملەرنى چىقىرىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . تېخى ئىملا خاتالىقى بولسا ، مەزمۇنى ساغلام بولمىسا قوشۇلمايدۇ دەپ چىرايلىق ئەسكەرتىشى بار . ئەمما بەتنى ئېچىپ قارىسىڭىز بەتنىڭ ئاز ئەمەس كۆپ قىسىمى شۇنداق رەسىملەر بىلەن توشقان ياكى شۇنداق توربەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قوشقان . پۇلنى دەپ قانچىلىك كىشىنىڭ گۇناھكار بولىشىغا ، يامان يولغا سەسسەپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟ ئۇنداق توربەتلەرنى ئەلنىڭ كۆزى ھېسابلىنىدىغان "ئۇلىنىش " توربەتلىرىدە كۆرۈلىشىنىڭ تەسىرى بەك چوڭ ، بەك يامان بولىدۇ . ئىككى داڭلىق ئۇلىنىش تور بېتىنىڭ "ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر" سەھىپىسىگە قاراپ باقايلى . "ئامېرىكا ئەرلىرى ئەڭ ياختۇردىغان 20 نەپەر گۈزەللەر ، قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ئوغۇل دوستنىمۇ تەڭ بەھىرلەندى ، 5 ياشلىق قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ قازا قىلدى ،جىنىس ئۆزگەرتكەن 18 ياشلىق يىگىت داڭلىق قىز مودىل بولماقچى ، «ئاياللارنىڭ ساقال بۇرۇت قويۇشى مودا بولدى» … مانا مۇشۇنداق ساپلا جىنسىيەتنى ۋە شەھۋانى نەرسىلەرنى تەرغىب قىلىدىغان مازمۇنلار . ئەجەبا بىز ئۇيغۇرلاغا بۇنىڭدىن باشقا خەۋەر قىلغۇدەك مۇھىم خەۋەر ، چوڭ ئىش يوقمىكەن ؟؟؟ دۇيادا مۇشۇنىڭدىن باشقا چوڭ ئىش يۈز بەرمەپتۇمۇ ؟ سېنىڭ بالاڭ ، ئىنى-سىڭلىڭ يوقمۇ ؟ ئاتا-ئاناڭ ئالدىدا شۇنداق خەۋەرلەرنى چىقىرىپ يۈزۈڭ ئازراق قىزارمىدىمۇ ؟ دەپ سورىغۇم كېلىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ بۇلار بىلەن پەرۋايى پەلەك .
    يەنە بىرى ھازىر ئۇچۇر توربېتى ياساش مودا بولدى . مەن بىلىدىغاندىنلا 20 دەك بار . بۇ ياخشى ئەھۋال . يېڭى ئۇچۇرلارنى شۇ يەردىن كۆرىدىغان بولدۇق . ئەمما ھەممىسىدىكى ئۇچۇرلار بىرلا خىل . ئىملا خاتالىقى ئېغىر . مەسىلەن :"飚车نىڭ 点 جالاش دېتالىنى چۇشۇرۋېلىڭ ، 30 يۈەنگە چەكسىز تاۋسەن(داليىەنتۇڭ)سىتىلىدۇ…دىگەندەك . تورغا ئۇچۇر يولىغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھەر خىل بولىشى (ئانچە يۇقىرى ئەمەس) ئۇچۇرنى ئۆزى بىلگەن ئەبجەش تىلدا ئەۋەتىدىغان ئىش بار . ئەمما ئۇچۇرنى قانداق ئادەم تەستىقلايدۇ ؟ نىمىشقا تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ؟ تەھرىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە ؟ تەستىقلاپ قويۇشلىما ؟ سىزنىڭ ئاشۇ كىچچىكىنە سەۋەنلىكىڭىز سەۋەبلىك قانچىلىك ئادەمنىڭ شۇ خاتاسىنى " مۇشۇ توغرىسى ئوخشايدۇ " دەپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ تۇنجى قېتىم كۆرگەن ياكى ئاڭلىغانلار ئەۋەتتە شۇ بويىچە ئۆگىنىدۇ ؟

    ئۇلىنىش توربەتلىرى ۋە ئۇچۇربېتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى ،ئۇنتۇپ قالماڭلاركى سىلەرنى خەلق كۆكلەتكەن . خەلق مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ، سىلەرنى كۆتۈرەلىگەن ئىكەن چۈشۈرۋىتەلەيدۇ . خەلق سىلەرگە نان بەرسە تۇزكورلۇق قىلساڭلار ھامان بىر كۈنى پۇشايمان يەيسىلەر . بۇ دۇنيادا بولمىسا ئۇ دۇنيادا . ئەمما ئۇ دۇنيادا پۇشايمان قىلغان بىلەن كېچىككەن بولىسىز . خەلق نەزىرىدىن چۈشسىڭىز ، خەلقنىڭ قارغىشىغا كېتىسىز .
    ئاشۇ رەسىم ، ئاشۇ كىنو ، mtv لارنى چىقىرىپ تاپقان پۇللىرىڭىز سىزگە قىلچىلىك ئەسقاتمايدۇ .
    ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش توربەتلىرى ۋە ئۇچۇر توربەتلىرىگە ، قىسقىسى ئۇيغۇر توربەتلىرىگە تەكلىپىم : ئىشنى ئىقتىسادىي قىممەتنىلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئىمان ئېتقادىڭىز ۋە مىللىي ئۆر-ئادىتىڭىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قىلىڭ . شۇندىلا ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيادا يۈزىڭىز قارا بولمايدۇ . يۇقارقىلار ئۆزۈمنىڭ شەخسي كۆز قارىشىم خالاس . خالىسىڭىز قوبۇل قىلىڭ ، خالىمىسىڭىز " ئۆز سەنىمىڭىزگە دەسسەۋېرىڭ " ! ئاخىرىدا مۇشۇ تېمىنى يوللىغان يۈكسەل ئەپەندىگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىللە ئۇيغۇر تورچىلىقىغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، قۇرغۇچىلىرىغا ئىنساپ -دىيانەت ، كۈچلۈك ئىمان -ئېتقاد تىلەيمەن .

  4. uyghurbeg مۇنداق يازغان:

    ئېنىقكى،ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى تۇتقان ئورنى كۆز يۇمۇۋالغۇسىز بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.ئادەتتە،ناخشا ئىزدەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىزدىگەن ناخشىلىرىنى تاپالمىغاندىن كىيىن ئۇلىنىش توربەتلىرىدىكى ھەر قايسى ناخشا توربەتلىرىگە بىردىن-بىردىن كىرىپ چىقىدۇ.ئەمما،ئۇلىنىش خاراكتىرىدىكى بىر قىسىم توربەتلەردە ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇرلۇق ياكى بىلىمسىزلىككە قۇشۇلغان مىشچانلىقدىن ئۇلىنىشقا قۇشۇلغان بېكەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئۇلىنىش بېتىگە چىقىرىپ قۇيۇپ،زىيارەت قىلغۇچىلارغا مەلۇم قولايسىزلىقنى ئەپكەلگىنى ئېنىق.ھېلىمۇ ئېسىمدە،دىيارىمىزدا تور راۋانلاشقان كۈنلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە،نۇپۇزلۇق ئۇلىنىش تورى بولمىش ئۇلىنىش.كوم بىلەن ئۇلىنىش.سىن تورلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇلىنىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى،بۇ ئۇلىنىشلار خېلى ئۇزاققىچە تازىلانمىدى.يەنە تېخى،خېلى بىر مەزگىللەردە دىيارىمىزدا سىرتىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان بېكەتلەر ئۇلىنىش تورلىرىدىن ئۇرۇن ئالالمىدى(كىيىنچە ئالدى بولغاي)
    ئالدىنقى رەت،نۇرقۇت تورىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە مۇنازىرە بولۇپ،ئۇلۇنۇش.كوم(ئۇلىنىش ئەمەس)ئۆزىنىڭ دەرتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدى،مېنىڭچە،ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى:ساغلام،ئەمەلىي توربېكەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇش.مۇشۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن،ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلىنىشقا قۇشۇلغان بېكەتلەرنى پات-پات كۈزىتىپ تۇرىشى،سارغايغان،ۋاقتى ئۆتكەن بېكەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ،يېڭى،مۇنەۋۋەر بېكەتلەرنى يېڭىلاش چىقىرىپ تۇرۇشى كېرەك.
    ئەلۋەتتە،يۇقارقىلىرى،پېقىرنىڭ ئۇلىنىش بېكەتلىرىدىن كۈتىدىغان ئازغىنا ئۈمىدلىرىدىن بىرى…

  5. Bektur مۇنداق يازغان:

    ھە راست ، نۇرقۇتتا مۇشۇ تېمىنى چۆرىدەپ خېلى مۇنازىرە بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ .كۆپچىلىكنىڭ بىردەم نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    ئۇلىنىش توربېكەتلىرى نېمىسىگە چوڭچىلىق قىلىدۇ؟
    http://www.nurqut.com/ud/thread-2745-1-1.html

    بىزگە ئۇلىنىش بىكەتلىرى ئېچىش شۇنچە زۆرۆرمۇ ؟
    http://www.nurqut.com/ud/thread-2848-1-1.html

    تورچىلارغا ئىككى تەكلىپ
    http://www.nurqut.com/ud/thread-2850-1-1.html

    ئۇلىنىش بەتلىرىدىن خاپا بولماڭ، ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ باقايلى!!
    http://www.nurqut.com/ud/thread-2817-1-1.html

  6. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يۈكسەل ئەپەندىم ، سىلىنىڭ مەزكۇر تىمىلىرىغا پىقىرمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بىلەن قاراپ ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرىگە بىر تىما يوللىدىم .
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=3033

  7. Nokiafun مۇنداق يازغان:

    بۇ تېما شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=1147 غا يوللانغاندىن كىيىن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز http://www.xjcfan.com دا ئىنكاس يىزىپ قۇيۇپتىمەن. بۇ تېمىنى يەنە قايتا كۈرۈپ ئاندىن نۇرقۇت تىكى تېمىلارنى كۈرۈپ چىقىپ، ئويلىنىپ قالدىم… ئەسلىدىنلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىدى… بىراق… سۆزلىسەك كەم كۈلەملىك بىر تالاش-تارتىش، جەڭگى-جىدەل چىقىشى مۇمكىن. بۇخىلدىكى تېمىلار ھازىر قىزىق مۇنزىرە تېمىسى بۇلۇپ قالغاندەك قىلىدۇ… ھالۋىنى كۆپ يىسە . تېتىيدۇ دىگەندەك، مۇنازىرلەر كۆپ بولسا بەلكىم ئۇلىنىشلار پەرۋاسىز قارايدىغان بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن…
    نۇرقۇتتىكى بىر قىسىم تورداشلار يامان ئەمەس ئىنكاسلارنى بىرىپتۇ.
    گەپ ئۇلىنىشلار نىڭ ھەزىم قىلىشىدا.
    [reply=Yuksel,2010-07-15 02:39 AM]ئۇقۇشماسلىق بولغان چېغى، xjcfan غا مەزكۇر تېما يوللانمىدى. بەلكى ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇلىنىش تورلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى بايان قىلىنغان يازمىنى شۇ جايدا ئېلان قىپتۇ. ئىككى يازما ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇلمىسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمزدا پەرق چوڭ ئىكەن.[/reply]

  8. Nokiafun مۇنداق يازغان:

    كەچۈرسىز، راستىنلا ئىككى تېما ئىكەن.
    ئەسلىدە بۇ ئىنكاس شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتىدىكى تېمىغا قالدۇرۇلغان ئىنكاس ئىدى. قارىسام بۇ ئىنكاس ئۇ تىمىدىن بۇ تېمىغا بەكرەك ماس كىلىدىكەن. شۇڭا ئۈزۈمدىن ئۈزۈم ئاتايىن رۇخسەت سوراپ، كۈچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم…
    ==============
    بۇ تولىمۇ ياخشى يېزىلغان مۇلاھىزە بوپتۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىگە سىگنال بىرىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغان ئىدى.
    ئەلۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى تور بىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىنىڭ رولى كىچىك ئەمەس. بىراق ، يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى ئاساسەن پۇلنى مەخسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىدە خەلققە ھەقىقىي بىلىم بىرىۋاتقان ۋە ئەسقىتىۋاتقان توربىكەتلەر ئاستىدا بېسىلىپ بۇيۇن قىسىپ تۇرسا تۇرىدۇكى، نەشىر ھۇقۇقىغا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە خىلاپىلىق قىلغان تور بىكەتلەر ، كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ناخشا-ساز ، كىنو بىكەتلىرى بولسا قاتارنىڭ ئەڭ بېشىدا .
    مۇشۇ تېمىدا بىر نەرسە يېزىش ئۇيۇم بار ئىدى. ئالدىنقى قېتىم يازغان « ئۇيغۇرلارنىڭ توردا پۇل تېپىش چۈشى» دىگەن تېمامدا ئەسلىدە ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپ بەرمەكچى بولغان. كىيىن يالتىيىپ قالدىم. چۈنكى كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم تورداشلارنىڭ پۇلنى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى، بۇ ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەندىن بىرى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇۋاتقانلىقى بىلىپ، ئۇلارغا تەكلىپ بەرسەكمۇ ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتكەنىدى.
    ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى يەنە كىلىپ ، تور نامىغا ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تەۋسىيە قىلغان ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى دىكى ئۆلچەملىك ھەرپلەرنى ئىشىلەتمىگەن. ئۇلاردا ئازراق ئويلىنىش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولغان بولسا ھازىرقىدەك ئۇلىنىش دىگەن بۇ تەلەپپۇزدىكى تور نامنىڭ بىر ۋە بىر نەچچە ۋاريانىتلىرى مەيدانغا كەلمىگەن بۇلار ئىدى، ئەپسۇس.
    مىنىڭچە بۇ تېما ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ئويلىنىشغا تىگىشلىكتور دەپ قارايمەن. كاللىنى سىلكىپ، مەسئۇلىيەتچان بۇلايلى. پۇللۇق ئېلان بەرمەكچى بولغان تور بىكەتلەرنىڭ خاراكتىرىنى ۋە مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، خەلىق ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كىرەك. چوققىغا تۇغ ئېلانى چىقارغان تور بىكەتلەردىن خەلققە قانچىلىك نەپ ۋە بىلىم تىگىدۇ، شۇنى ئويلاڭلار. پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ، تورغا چىققان ئۇيغۇر جامائىتىنى توغرا يولغا يىتەكلەڭلار، بىلىمگە يىتەكلاڭلار. ناخشا-ئۇسۇل تور بىكەتلىرىگە باشلاپ قويماڭلار… مىللەت ئەشۇ رۇھىي زەئىپلىك يۇلىدا نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى…؟ تورغا چىققان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتى ئۇلىنىش تور بىكىتىدىن تور بىكتلىرىگە كىرىدۇ دەپ قارىساق، سىلەر كۈندە نۇرغۇن ئاممىنى ئاشۇ روھنى زەئىپلەشتۈردىغان تور بىكەتلەرگە باشلاۋاتىسىلەر. ھىلىمۇ زەيپانىلەرچە ياشاۋاتىمىز. ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى ئارقىلىق تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى زەيپانىلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىپ بىلىم ئالالايدىغان يولغا باشلاڭلار. بىلىم بىرەلەيدىغان يولغا باشلاڭلار.
    يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تور بىكەت باشقۇرۇش تۈزۈملىرى يېڭىلىۋاتىدۇ ۋە مۇستەھكەملىشىۋاتىدۇ.شىنجاڭ تور بىكەتچىلىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە. نۇرغۇن تورداشلار مىللىي تىل-يىزىقتىكى تور بىكەتلەرگە ئىشەنىچ بىلەن قارىماقتا. بۇ ئىشەنىچ ناخشا-ساز تور بىكەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىم بىرەلەيدىغان، بىلىك بىرەلەيدىغان تور بىكەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى ، كۆپۈيىشى ۋە ئاۋاتلىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
    خەلقنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرمەڭلار…خەلق نىڭ ئالدىدا مەسئۇليەتچان بۇلۇڭلاركى ھەرگىز روھىي قاتىل بولماڭلار.

  9. Nokiafun مۇنداق يازغان:

    ئەمەلىيەتتە ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى ئۈچۈن مىنىڭچە بۇ تېما ۋە تېما ئاستىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلار كۇپايە ئىدى.
    باشقا تور بىكەتلەردىكى ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى ھەققىدىكى تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇئامىلە ۋە مۇلازىتىمىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدا مەسىلە بار ئىكەن. ( تورداشلارنىڭ پىكرىچە). بۇ تېمىدا مۇلازىمەت ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەت ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلىنىش تور بىكىتى دىسە ھازىر تورغا چىقالايدىغان كۆپلىگەن تور ئابۇنىتلىرىمىز ئاشۇ 2 ئۇلىنىش بېتىنى بىلىدۇ. يېڭى قۇرۇلغان ئەخلەت تور بىكەتلەرمۇ بىكىتىنى بىر نەچچە ئايدا داڭلىق تور بىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالىسا يۇقىرى ھەق بىلەن 2 ئاي ئېلان بىرىۋالسا كۈنلىكى 1000~2000غىچە زىيارەتچىنى قۇبۇل قىلالايدۇ ۋە دىگەن مەخسەتكە يىتەلەيدۇ…
    بىراق ئۇلىنىش تورلىرى ئەمدى ئاستا-ئاستا ئويلىنىش كىرەك…ھىس قىلىشى كىرەك. يۇقارقى ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك بىزگە بىلىم كىرەك. ھەرگىزمۇ ناخشا مۇزىكا ياكى باشقىلاردىن كۈچۈرۈپ ،تىرىپ قۇراشتۇرۋالغان قۇراشتۇرۇلما تور بىكەتلەر كىرەك ئەمەس. تېخنىكا ۋە بىلىمنى ئاساس قىلغان تور بىكەتلەرگە يۇقىردىن ئۇرۇن بىرىشىنى ، ناخشا ئۇسۇل، روھنى زىئىپلەشتۈرىدىغان مەزمۇنلاردىكى بىكەت ئېلانلىرىنى ۋەئۇلىنىشنى ئەڭ ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، بىلىم ئېىشنى ۋە بىرىشنى تەۋسىيە قىلىش كىرەك. بىزگە راستىنلا بىلىم كىرەك! بىلىمسىزلەر كىرەك ئەمەس!

  10. xahsanam مۇنداق يازغان:

    مۇنازىرىنى باشلاپتۇق – تە يۈكسەل ئەپەندى . يارايسىز …………….
    پىكىرىڭىز ئۆتكۈر بولغاچقا ، بارلىق مەسلىلەرنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويۇپسىز . بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ، مەدىنىيەت مىراسلىرىمىز ، ئەنئەنىلىرىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز . مەيلى تارىختا نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر . ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى بىزگە يەتكۈزدى . بىزنىڭمۇ ھەم كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش مەسھۇلىيىتىمىز بار .
    خادىكنىڭ ئالدى چاقى قايسى يولدا ماڭسا كەينىمۇ شۇ . دىگەندەك بىز بىر ئەۋلات كىشىلەر بۇنداق پەسكەشلىشىپ ، پۇل ئۈچۈن ئىنسانىيلىقىمىزنى ، نۇمۇس – ھايا تۇيغۇمىزنى
    قۇربان قىلىۋەتسەك . كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا يۈز كىلەلەمدۇق ………..
    ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ھالەك قىلمىغۇچە ، ئۇنى ھىچ كىشى ھالەك قىلالمايدۇ .
    ھارام يولدا تاپقان پۇل كۆپ بولىدۇ ، ئەمما بەركىتى بولمايدۇ .
    شۇڭا ئۇلىنىش تورلىرى ئالدى بىلەن بۇ مەسلىنى ئىنىق تونۇپ ، ئۇيغۇر تورلىرىغا ئۈلگە بولىشى . ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ مەدىنىيەت زاۋاللىقىغا تىزلەپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەك .

  11. ditalqi مۇنداق يازغان:

    ئىزدەش توربىكىتى ئەسلىگە كەلسە بولاتتى ،،،بلوگ ئەمەس izdax.com يەنى بۇرۇنقى ئىزدەش تور بىكىتى بارلىق تورداشلار ۋەكىلى دىتالچى دىن

    چ چ :191180806

  12. sarkarda مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە ھەر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بۇلىدۇ،يامان تەرىپى بىلەن ياخشى تەرىپىنى ئورتاق تەھلىل قىلىپ ئۇلار كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى ئىلمىي يۇسۇندا كۆرسىتىپ قويساق،ۋە تۆزىتىشىگە سەمىمىي پىكىرلەرنى بەرسەك، ئاكتىپ تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلساق دەپ قارايمەن،خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان،كەمچىلىكى بولمايدىغان كىم بار؟ئەمما خاتالىقنى تۈزەتمەيدىغان،كەمچىلىكنى ئارتۇقچىلىققا ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدىغان ئادەم بار.

  13. birzat مۇنداق يازغان:

    ھەممە ئىنكاسلاردا ئۇلىنىش بەتلىرىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى دوستانە ئەسكەرتىلىپتىغۇ؟!!

  14. miman مۇنداق يازغان:

    ھىتلېرنىڭ بىر سۆزى يادىمغا كەچتى :«ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ» شۇنداق بىزنىڭ ئاتالمىش «ئۇللنىش »تور بەتلىرىمىز تۇرۇپلا ۋابا شەكلىدە كۆپەيدى ،ئ ەمما نۇرغۇن ئېسىللىرى مەيدانغا كەلدى . خاسلىقى ، ئەۋزەلىكى بولمىغانلىرى يەنىلا تەرەققىي قىلالماي بوشلۇق ۋە ئىسىمنىڭ ۋاقتىنىڭ تۇشىشى بىلەن يوقۇلۇۋاتىدۇ ….. يەنە بەزىلىرى يۇقىردا ئېيتىلغاندەك بارا-بارا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . مەسلەن : «ياخشى ئۇلىنىش تورى » بۇ تور ئۆزىنىڭ بەت قۇرۇلمىسىنىڭ پاكىر ئىقتىدارلىق ،ئىشلىتىشنىڭ ئاسانلىقى بىلەن ئاپتاپپەرەستەك باش كۆتۈرۋاتىدۇ .
    ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ PR قىمىتىنى تۇرغۇزغاندا ulinix.com بىلەن ulinix.cn تورى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ .ئۇلار نېمىسىگە تايىنىپ ئۇ ئورۇننى ئىگەللىدى ؟؟؟؟؟!
    مونوپوللىقىغا ،ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلىنىش تورى بولمىسا باشقا تور بەتلەرگە چىقالماسلىقىنى بالدۇر تۇنۇپ يەتكەنلىكى ،بالدۇر تۇتۇش قىلىپ بالدۇر باشلىۋالغانلىقى مانا بۈگۈنكى ئورۇننى ئۇلارغا ئاتا قىلدى . پۇرسەت دىگەن ئاشۇنداق نەرسە .ئەمما ئۇلارنىڭ مونوپوللىقى قانچە ئۇزۇن داۋاملىشار ؟؟! مېنىڭچە ئەگەر يەنە مۇشۇنداق بىر ياسىۋالغان پېتى «تازنىڭ نېمىسى بار ؟ تۆمۈر تارغىقى »دەپ تۇرىۋەرسە 3يىلغا قالماي سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ .
    ulinix.com تورىنى زىيارەت قىلسىڭىز بەت قۇرۇلمىسىنىڭ كۆرۈمسىزلىكى ، بىكەتلەر ئۇلىنىشى ئەمەس ئېلانلار ئۇلىنىشى تورى بولۇپ قالغانلىقى ، ھەر قايسى تور كۆرگۈچلەرگە ماسلاشتۇرۇلمىغانلىقى ،ئەخلاقىمىزغا زىيان سالىدىغان پارازىت «ئېلان»لارنىڭ كۆپلىكى قاتارلىقلار سەۋەبلىك كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ (شەخسى پىكرىم جۇمۇ )
    ئۇنىڭغا قارىغاندا ulinix.cn نەچچە ھەسسە ياخشى ئۈزلىكسىز يېڭىلىنىش بار ، ئۇلىنىشلار قەرەللىك تازلىنىپ تۇرۇلىدۇ .

  15. siqilish مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە ئاز كۈن ئۆتمەيلا ياخشى خېلى ئاۋاتلىشىپ قالغۇدەك، مەنغۇ ئۇلىنىش تور دەسلەپتە كىرىپلا ئۇ يەرگە كىرمەيدىغانلا بولغان، يامان زەيپانى ناخشىلار، تۈنەكخانىلارنىڭ چىراقلىرىدەك لاپىلداشلاردىن "ھۆ" بوپ كەتكەنتىم. خېلىدىن بېرى پاكىز، قولايلىقراق ئۇلىنىش بېتىدىن بىرنى ياساش خىيالىغىمۇ كەلگەنتىم، كۆردۈمكى ياخشى تورى مەن ئويلىغاندەكلا ئېسىل چىقىپتۇ.

  16. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ ulinix.cn غا ئەرزىم بار! ئۇلىنىش تورى نىمىشقا بىز بلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك سەھىپىسىنى ئاجرىتىپ بەرمەيدۇ؟ مەن بۇ توغرىسىدا ulinix.cn تورىنىڭ شىركىتىگە تېلفون قىلساممۇ تومتاقلا قىلىپ < <پىكىر بېرىڭ>> دىگەن يەرگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ دىدى. مەن پىكىر بېرىپ قويغىلى نەچچە كۈن بولدى، يەنىلا مەسىلىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارالغان. ئۇيغۇر بلوگلىرىمۇ ئاللا قاچان ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىگە ئايلاندى. لىكىن بۇنىڭغنا ulinix.cn تورى سەل قارىدى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    چەۋەندازلار بلوگى
    http://qawandazlar.blogbus.com/

  17. glory مۇنداق يازغان:

    كىشلىك تۇرمۇشتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز بىلەن ھە دىسىلا باشقىلارغا دۆڭگەپ ، باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش خاھىشىمىزنى تۈزەتمىكىمىز زورۇر.
    گەپ باشلاش بىلەن ئۇيغۇردىن چۈشۈپ ئاخىردا تەڭرى ئارقىلىق قورقاق سىلىش مەسچىتلىرىمىزدە يېتىپ ئاشىدۇ. ئېلىم ئەھلىلىرى بولغان ئىكەنمىز لايىقىدا مۇنازىرە قىلماق سورۇندا بىز.
    ئۇلنىش تورلىرىنىڭ لاھىيلىگۈچىلىرىنىڭ بىلىم سەۋيىسى. لاھىيە ئىقتىدارى ۋە دۇنيا قارشى سىز ۋە بىزنىڭكىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئۇلارنىڭ نەتىجىللىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىپ،" ئاشنا ئوينىشىمنىڭ گۇناھىنى ئابدالمۇ تەڭ تارتىشى كىرەك" دىمەسلىكىمىز لازىم. ئابدالنىڭ ئىشى كەسكە كەسمەك، خالىسىڭىز ھالالىڭىز بىلەن بىرگە بولۇڭ . خالىسىڭىز ئاشنا ئويناڭ ئۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز.

  18. Bektur مۇنداق يازغان:

    glory : سىزنى مېنىڭ ئىنكاسىمغا قارىتا ئىنكاس يازدى دەپ ئويلىدىم(ئەگەر خاتا ئويلاپ قالغان بولسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ) . شۇڭا مەنمۇ ئىنكاسىڭىزغا ئىنكاس ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى لايىق تاپتىم .
    ئۇلىنىش تورلىرى زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، توغرىسى پۇلنى كۆپرەك تېپىش ئۈچۈن ، يېرىم يالىڭاچ ، ھەتتا پۈتۈن يالىڭاچ رەسىملەرنى باش بەتكە ،ئەڭ يېڭى "خەۋەر" دەپ ئاتىۋالغان يازمىلىرىغا قىستۇرۋالسا ، سىز بىلەن بىز ئۇنى بىلمەي كىرىپ كۆرسەك سىزچە بولغاندا سىزدە ئىجابىي تەسىر قوزغارمۇ ؟ ئاشۇنداق غەلىتە "خەۋەر" نىڭ سىز بىلەن بىزگە نىمە پايدىسى بولدى ؟ شۇنىمۇ دۇنيادىكى يېڭى خەۋەر دەمدۇق ؟ بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچىدە خەۋەر قىلاي دىسە يازغۇدەك بىر نىمە چىقماسمۇ ؟ تور ھازىرقى جەمىئەتتىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ رولى ۋە تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . بىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور تاراتقۇسى ھېسابلىنىدىغان ئۇلىنىش تورلېرىغا ئاشۇنداق رەسىم ، خەۋەرلەرنى قوشۇشتىكى مەقسەت نىمە ؟ سىز بىلەن بىزنى بىلىمگە ئىگە قىلىشما ؟
    ئەلۋەتتە يامان ئىش قىلىدىغان ئادەمگە سىز "ئا يەگە بېرىپ ، ما ئىشنى قىل " دەپ ئۆگەتمىسىڭىزمۇ ئۆزى ئىزدەپ -سوراپ تېپىپ قىلىدۇ . ئەمما تور بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمدى ئۇمۇملىشىۋاتىدۇ ، ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەسە ، يېڭى تورخانلار(ياش-ئۆسمۈرلەر) خەلق ئېتراپ قىلغان ئۇلىنىشتەك نوپۇزلۇق تاراتقۇدا شۇنداق رەسىملەرنى كۆرسە ، " ھە ، بۇنداق چوڭ توربەتلەردە بۇنداق رەسىمنى ، بۇنداق خەۋەرنى چىقارغاندىن كىيىن بۇنداق رەسىملەرنى كۆرۈش نورمال ئىش ئوخشايدۇ " دەپ مۇقىملاشتۇرىدۇ . چۈنكى قايسى ئاتا-ئانا بالىسىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق يالىڭاچ رەسىمنى ، … فىلىملەرنى كۆرمە جۇمۇ " دەپ تەربىيە قىلىدۇ ؟ بىزدە پەدىشەپ دىگەن بىر نەرسە بار. ئاشۇ رەسىملەرنى نورمال دەپ كۆرىۋېرىڭ ، ئۇلىنىشنى ئېچىپ قويۇپ ئاشۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇڭ، خوتۇن-بالىڭىزمۇ كۆرسۇن . بارا-بارا پەدىشەپ بۇزۇلىدۇ . ھايا كۆتۈرۈلىدۇ .بارا -بارا سەزگۈ ئەزالىرىڭىز سەزمەس ، شەيتان مەنىۋى ھۇجۇم قوزغىسا "ئۈندىمەس " بولىسىز ! ئىشلار دائىم كىچىك ئىشلارغا سەل قاراشتىن چوڭىيىپ كونترول قىلغۇسىز زورىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق غەلىتە رەسىم ، …فىلىملەر غەرىپنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ، مەنىۋى ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى . دىنى ئېتقادىڭىزنى ، ئىمانىڭىزنى بولغاپ ئىچىڭىزدىن تۈگەشتۈرۈپ قۇل قىلىدىغان قەبىھ ۋاستە . بۇنى ئەجەبا تونۇپ يەتمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم ؟؟؟
    "گەپ باشلاش بىلەن ئۇيغۇردىن چۈشۈپ ئاخىردا تەڭرى ئارقىلىق قورقاق سىلىش مەسچىتلىرىمىزدە يېتىپ ئاشىدۇ. " دەپسىز . خۇش ، ئەمىسە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى نىمە ئۈچۈن بۈگۈنكى ھالغا كېلىپ قالدى ؟ دەۋىرنىڭ كەينىدە دەسسىلىپ قالدى ؟ قاچانكى بىز توغرا يولدىن (ئىسلامدىن) چەتنىگەن ، ئازغان ۋاقتىمىزدىن باشلاپ پاجىئە باشلانغىلى تۇرغان . بىزدىكى ھازىرقى مەسىلىلەرمۇ تۈپ يىلتىزىدىن ئېيتقاندا" توغرا يول "دا چىڭ تۇرمىغانلىقتىن، ئاداشقانلىقتىن بولىۋاتقان ئىشلار . ئەجەبا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەسچىتلەردە ئىمام-ئاخۇنۇملارنىڭ دەۋاتقان ،"قېرىنداشلىرىم " دەپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان تەبلىق -نەسىھەتلىرى سىزگە تەڭرى ئارقىلىق قوقاق سېلىشكەندە ؟؟؟ئاشۇنداقلا چۈشەنگەن بولسىڭىز ئارتۇق گېپىم يوق …
    " ئېلىم ئەھلىلىرى بولغان ئىكەنمىز لايىقىدا مۇنازىرە قىلماق سورۇندا بىز" دەپسىز ، سىزچە ئىلىم نەچچە خىل بولىدۇ ؟قاندق بولىدۇ ؟ ئەجەبا ئىلىم ئەھلىلىرى دىنىدىن سۆز ئاچسا بولمامدا ؟ دىنىي بىلىم ئىلىم ئەمەسما ؟ ئاشۇ رەسىملەرنى، ئاشۇ …لارنى دىن ئارقىلىق ئۆلچىگىنىم بولماپتۇما ؟ مەنغۇ ئۆزۈمنى چىۋىننىڭ قانىچىلىكمۇ ئىلىم ئەھلى سانىمايمەن ، ھەم سالاھىتىممۇ توشمايدۇ . ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاقىۋەتنى ئويلاش كېرەك .ئەمىسە ئەڭ ئاخىرقى ئاقىۋەت نىمە ؟ بۇنىڭ ئۆلچىمى بۇ دۇنيالىقلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ دۇنيالىق .
    " بىراق ئۇلارنىڭ نەتىجىللىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىپ،" ئاشنا ئوينىشىمنىڭ گۇناھىنى ئابدالمۇ تەڭ تارتىشى كىرەك" دىمەسلىكىمىز لازىم" دەپسىز . مەن ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يوق قىپتىمەنما ؟ مېنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىمنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى "دىن " دىگەن گەپنى كۆرۈپ بېشىڭىز قېيىپ ، ئاخىرىنى ئوقۇش خوشياقماي قالدىمۇ بىلمىدىم . كۆرمەي قالغان بولسىڭىز يەنە بىر كۆرسىتىپ قوياي .
    ئەلۋەتتە ئۇلار دەسلەپتە ئەجىر سىڭدۈرگەن ، جاپا تاتقان ، شۇڭا تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىشى ھەقلىق . (ئۈستىدىن سانىغاندا يەتتىنچى قۇر)
    ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقىنى دىمىسەكمۇ ھەممىمىزگە ئايان . (ئىككىنچى ئابزاس بىرىنچى قۇر)
    يەنە بىرى ھازىر ئۇچۇر توربېتى ياساش مودا بولدى . مەن بىلىدىغاندىنلا 20 دەك بار . بۇ ياخشى ئەھۋال . يېڭى ئۇچۇرلارنى شۇ يەردىن كۆرىدىغان بولدۇق . (ئۈچۈنچى ئابزاس بىرىنچى قۇر)
    مەن ئۇلانىڭ نەتىجىسىنى يوق قىلۋىتىپ ، بىر تىيىنغا ئەرزىمەسكە چىقىرىپتىمەنما ؟مىسال ئۈچۈن كوچىدا ھە دەپ كىتاب ساتقىلى تۇردى دەيلى ، تېخى ئاق-قارىنى پەرىق قىلالمايدىغان بالىڭىز ئاشۇ كىتابنى ئېلىپ كىرىپ كۆرگىلى تۇردى دەيلى ، قارىسىڭىز مەزمۇنى ئانچە ساغلام ئەمەس . شۇ چاغدا سىز بالىڭىزدىن ئاغرىنىش بىلەن كىتاب ساتقۇچىغا خاپا بولامسىز -يوق ؟ ئۇنىڭغا ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ-يوق ؟ كىتاب ساتقۇچىدا خاتالىق بارمۇ يوق ؟ مېنىڭچە كىتاب ساتقۇچى مەيلى ئۇ كىتابنى ئەقلى ئويغاق چوڭلارغا ساتسۇن ياكى كىچىك بالىغا ساتسۇن ، ئۇنىڭ ئاشۇ كىتابنى سېتىشى ئەسلىدىن خاتا . مەن ساتمىساممۇ كۆرىدىغان ئادەم باشقا يەردىن تېپىپ كۆرىۋالىدۇ دەپ ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن ئېلىپ قېچىپ بولالمايدۇ . بۇ دۇنيادا بولمىسا ئۇ دۇنيادا .
    "ئۇلنىش تورلىرىنىڭ لاھىيلىگۈچىلىرىنىڭ بىلىم سەۋيىسى. لاھىيە ئىقتىدارى ۋە دۇنيا قارشى سىز ۋە بىزنىڭكىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن " دەپسىز . بۇ گەپ توپتوغرا ! ئەمما شۇنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر تورخانلار تورغا چىققاندا بىرىنچى بولۇپ ئاچىدىغان كۆزنەكنى ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى باشلامچى(ھازىرچە) ئۇلىنىشنى خالىغانچە قىلىۋالسا ، ئۆزى خالىغانچە نەرسىلەرنى يوللىۋالسا بولامدا ؟ ئەجەبا ئۇلاردا ھوقۇقلا بولۇپ ،ئۆز مىللىتى، يېزىقى ، دىنىي ،ئېتقادىغا ۋىجدانىي "مەجبۇرىيەت ، مەسئۇلىيەت " يوقما ؟ كاشكى ئۇلىنىشنى شەخسى ئۆزىلا ئىشلەتكەن بولسىلا قانداقلا قىلىۋالسا ئۆزىنىڭ ئىشى .
    ئاخىرىدا گەپلىرىم كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئۆزرە سورايمەن . گېپىم قاتتىق-قۇرۇق بولۇپ ، سىزگە سىلىق يول بىلەن ئۇقتۇرالمىغان بولسام بىلىمىمنىڭ كەمچىلىكى ،قەلەم قۇۋۋىتىممنىڭ ناقىسلىقىدىندۇر . مەقسىتىم بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ياخشىغا بۇيرۇش ، ياماندىن توسۇش .
    [reply=Yuksel,2010-07-17 04:43 PM]تورداش glory نىڭ ئىنكاسى بەلكىم باش تېمىغا قارىتىلغان بولسا كېرەك. مەن كۆپچىلىك نېمە دەركىن، قېنى مۇنازىرە داۋاملىشىپ باقسۇن ، دەپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەر بوپتۇ …
    ئەمما، كۆڭلۈمنى غەش قىلىۋاتقىنى شۇ بولىۋاتىدۇكى، سىز بىلەن بىزنىڭ توۋلىغان چوقانلىرىمىزنىڭ ھېچبىر نەتىجىسى يوق بولماقتا. يازما ۋە ئىنكاسلىرىمىزدا تىلغا ئالغان 20 دىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىدىن ھېچبىرى چىقىپ، بۇ چوقانلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ قارىشىنى بايان قىلمىدى ياكى مۇناسىپ ھەرىكەت قوللانمىدى. ئۇلار تۆگە كۆردۈڭمۇ ؟ ياق، قوزا كۆردۈڭمۇ ؟ ياق ، دېيشىپ ، قۇلاق يۇپۇرشۇپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدە ئەھۋاللار يەنىلا تېما ۋە ئىنكاسلاردا دېيىلگەندەك ئۆز بازارىنى ئاۋات قىلماقتا …[/reply]

  19. armanlirim مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغان ئىنكاسىغا نەچچە بېلەت تاشلىغۇم كەلدى،ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى بىزنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە،ئەمدى بۇلار مۇشۇنداق قىلسا مەن بارلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىش تورلىرىنى چەكلەشنى ، توردىكى ئۇلىنىش بەتلىرىنى ئېلىۋېتىپ قۇلاق سالىدىغان بېكەتكە ئۇلىنىش قىلىش تەكلىپىنى بىرىمەن.

  20. شاتلىق مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ مۇشۇ ياخشى پىكىرگە قاراپ ئىككى ئىغىز گەپ قىلغۇم كەلدى.راسىت بىزلەردەك ئۇيغۇر تور بەتچىلىرى بولمىسا ئۇلىنىش بەتلىرى نىمىنى ئۇلىنىش قىلىدۇ؟ نىمىسىگە تايىنىپ شۇنچە راۋاج تاپىدۇ؟ ھەممە ئادەم ئۇلىنىش بىكەتلىرىگە كىرىپ ماتىرىيال كۆرەمدۇ؟ ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى بىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر ۋاستىچى(قوپالراق قىلىپ ئىيىتسام تونۇشتۇرغۇچى)ئۇلىنىش بىكەتلىرى سىزنىڭ بىكىتىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىشى ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلانىنى كۆزگە چىلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇشىڭىز،تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىشىڭىز كىرەك. يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتۈلگەندەك ئۇلىنىش بەتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدە بىتىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر ئىيىغا نەچچە يۈز يۈەن خەجلىشىڭىز كىرەك.ناۋادا ئاشۇ بىكەتلەر بولمىسا ئۇلىنىش بىكەتلىرى نىمىنى ئۇلىنىش قىلىپ باشقىلارغا ئىلان سىتىپ پۇل تاپار يولغىيدى. ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس!!!!!!ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇلىنىش بىكەتلىرىنىڭ باش بەتلىرى پۇل بىرەلىگەن بىكەتلەر باش بەتكە چىقىدىغان پۇل بەرمىگەنلەر كىيىنكى بەتلەرگە بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا بويۇن قىسىپ يۇرۇيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.سىز داڭلىق بىكەت قۇرماقچى بولسىڭىز ئىشىڭىز ناھايىتى ئاددى ئاشۇ داڭلىق ئىككى ئۇلىنىش بىتىگە نەچچە يۈز يۈەننىڭ مىھرىدىن كىچىپلا نەچچە ئاي ئىلان بەرسىڭىزلا سىز بىكىتىڭىزگە سىرىق كىنو قويامسىز، سىرىق رەسىم چىقىرامسىز ،سىزنىڭ بىكىتىڭىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى داڭلىق بىكەتكە ئايلىنىدۇ.
    يەنە بىر قىسىم ئۇلىنىش بىكىتى باشلىقلىرى باشقۇرغۇچىلىرى ئۇلىنىش ئىتىماس قىلىشنى ئۇلىنىش بىكىتىگە قوشۇلۇشنى ھەجگە بىرىشتىنمۇ تەس بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان . بىكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى ساغلام پايدىلىنىش قىممىتى بولسىمۇ يەنىلا ئۇلىنىشقا قوشۇلمايدۇ.داڭلىق ئۇلىنىش بىكەتلىرىگە ئىلان بەرسىڭىزلا ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىپ باش بەتكە ئۇلىنىش ئورنىغا چىقىسىز…..ئۇلىنىش بىكەتلىرنىڭ ياخشى شۇئارى كەڭ تور ئابۇنىتلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىش ئەمەس‹‹ئىلان بەرسىڭىز تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىسز›› مانا مۇشۇ ……بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي پىكىرى بارلارنىڭ مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىنى ،بىكىتمزگە كىرىپ پىكىر بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش، ھەج قىلىشتىنمۇ تەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان .
      بۇ قالتىس ئوخشىتىش بوپتىغۇ ؟! … دېمىسىمۇ ئۇلىنىش تورلىرى ئوقۇرى بارغانسېرى ئېگىزلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ تور زىيارەت قىلىشتا ئۇلىنىش تەمىنلىگۈچى تورلارغا زىيادە تايىنىۋېلىشى، ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئىزدەشكە ماھىر بولماسلىقى ، تور زىيارەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك بىرقاتار سەۋەبلەر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ بۇ ساھەنى مونىپۇل قىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دېگىنى ، قىلغىنى خاتا بولسا ھېساب بولىدىغان خەتەرلىك ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. سىز ئېيتقاندەك بېكەت باشلىقلىرىدا تور بېكەت مەزمۇنىنىڭ ساغلام، مەزمۇنلۇق بولۇشىغا كۈچىمەي ، پەقەت ئۇلىنىش بېكەتلىرىگە تايىنىپ بازار تاپىدىغان ناچار خاھىش ئەدەپ قالدى . بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا پايدىسىز …
      ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر تور ئاممىسى ۋە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كۆۋرۈكنى قانداق باشقۇرۇشى ئۇيغۇر تورچىلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆۋرۈكتىن ھەممىنى قارا – قويۇق ئۆتكۈزىۋەتسە، ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىكىنى قويۇپ، ئۆتكۈزۈشكە زىنھار بولمايدىغانلىرىنى ئاقچىغا ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك ئىدى…
      ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ھېچ بولمىغاندا، ئۇلىنىش بېرىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەلرەك تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، شۇنى قاتتىق ئىجرا قىلسا، ئۇيغۇر تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇنى ياخشى ، ساغلام يۆنلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايتتى. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئەلنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشغا، تورداشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزۈل كېسىل پايدىلىق تەسىر كۆرسىتەتتى. ئەمما، ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئۇلىنىش تور مەسئۇللىرىمىز پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، بۈگۈنكى پايدا ۋە شۆھرەتكە مەستخۇش بولۇپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلار ئاگاھ بولۇشسۇنكى، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك، ئەلنىڭ قارغىش – لەنىتى ھەممىدىن يامان، كۈن كېلىپ سىغارغا جاي، چۈشەرگە پەگاھ تاپالماي قېلىشمىسۇن! …

  21. شاھرۇخ مۇنداق يازغان:

    ئاشۇنداق ئەجىر قىلىپ بېكەت قۇرغانلار كىمنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۆزى بەلگىلىيەلمەي بىزنىڭ ئاغزىمىزغا باقسا تازا ئادىل بولمايدىغۇ دەيمەن ،ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى شۇ ئېلان تۇرسا ئەمدى شۇ كىرىمىدىنمۇ مەھرۇم قىلساق ئۇ چىقىمنى سىز كۆتۈرەمسىز ياكى مەنمۇ؟ بىرەر بېكەت بولسىمۇ كۆپرەك مەبلەغقە ئېرىشىپ تەرەققى قىلسا بىرەر ئۇيغۇر بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسە نىمە بولىدۇ دەيمەن.
    10يىل بۇرۇن ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئىقتىساد قىلىپ يۈرۈپ باشقىلارغا يالۋۇرۇپ تېخنىكا ئۆگۈنۈپ ئاشۇ تور بېكەتلەرنى قۇرغاندا بىز تۇرمۇش پۇلىمىزنى ئۇنداق ئىشلارغا ئىشلەتمەي ھاراق تاماكىغا ،قىزلارغا خەشلەپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق ئەمدى ئۇلار ئاشۇ جاپاسىنىڭ مېۋىسىدىن خاتىرجەم بەھىرلىنەلمەي بىزنىڭ غاجاشلىرىمىزغا قاراپ ئولتۇرسا قاملاشمىغان ئىش بولمامدۇ.
    ھازىر بىزنىڭ ئاشۇ دەھشەتلىك بوران چاپقۇندىن ئامان قالغان ئاشۇ 2ئۇلىنىش تور بىلەن باس باستىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك چوڭراق بېكىتىمىزمۇ قالمىدى ئاشۇلار بولسىمۇ تەرەققى قىلسۇ شۇلار بولسىمۇ پۇلنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىماي ياشىسۇن

    • تۇمان مۇنداق يازغان:

      بىزدە پەدىشەپ دىگەن بىر نەرسە بار. ئاشۇ رەسىملەرنى نورمال دەپ كۆرىۋېرىڭ ، ئۇلىنىشنى ئېچىپ قويۇپ ئاشۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇڭ، خوتۇن-بالىڭىزمۇ كۆرسۇن . بارا-بارا پەدىشەپ بۇزۇلىدۇ . ھايا كۆتۈرۈلىدۇ .بارا -بارا سەزگۈ ئەزالىرىڭىز سەزمەس ، شەيتان مەنىۋى ھۇجۇم قوزغىسا ”ئۈندىمەس “ بولىسىز ! ئىشلار دائىم كىچىك ئىشلارغا سەل قاراشتىن چوڭىيىپ كونترول قىلغۇسىز زورىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.

  22. بىلىم بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    ناھايتى ياخشى يوللىنىپتۇ مەنمۇ بۇ ۋاقىتقىچە ئۇلىنىش توربىكەتلىرىدە بۇنداق خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن ناھايتى ياخشى يىزىپسىز ۋاختىدا پاش قىلىپ بۇنداق تور بىكەتلەرنى ئەدىپىنى بىرىش كىرەك بولسا مۇشۇ تىمىلارنى ئاشۇ ئۇلىنىش بىكەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا ئەۋەتىپ قويساق مەن بىر ئەۋەتىپ قوياي بۇ تىمىنىڭ ئادرىسىنى ئاشۇ ئۇلىنىش توربىتىنىڭ قۇرغۇچىسىغا بىر خىقىل بولۇپ قالسۇن ;-)

  23. بىلىم بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز لىكىن بلوگىڭىزدىكى ئۇلىنىشلار ئارىسىدىكى زىلتار دىگەن توربەتتە قالايمىقان ئىلانلار تۇرامدۇ نىمە قاراپ باققايسىز

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      مۇنازىرىمگە ئىشتراك ئەتكەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئەمما، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىدا سىز تىلغان ئالغان تور بەت مەۋجۇد ئەمەس. ا خاتا كۆرۈپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن …

  24. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەن يېڭىدا تور دۇنياسىغا قەدەم قويغان ۋاقىتلار ئىدى، بىر مۇنبەردە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن قانۇن گېزىتىدە چىقىدىغان باسقۇنچىلىق توغرۇلۇق يوللانغان خەۋەرلەرنى مۇنبەردە تەستىقلىماسلىق توغرۇلۇق خېلى كۆپ تالاش-تارتىشلارنى قىلىپ كەتتۇق. بىر تۈركۈمدىكىلەر مەن باشلىغىن بۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىساق بولمايدۇ. ھەممە ئادەم ئېغىزىدا شۇ ئىشلارنى قىلغان ھايۋانلارنى تىللىغىنى بىلەن يەنىلا بىر يەرلىرىدە شۇنداق خەۋەرلەرنى ئۇقۇشقا قىزىقىدۇ. مۇنبەرگە كىچىكلەرمۇ كىرىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ قانۇن گېزىتىگە بېسىلغىنىلا يېتىپ ئاشىدۇ .باشقىلارغا يامان تەسىرى بولىدىغان ئىشلارنى كىچىك ئىشلاردىن چەكلەيلى دېدۇق.
    مۇنبەرگە كىرگەنلەرگە بىلىم بېرىدىغان ئەدەب-ئەخلاقنى تەكىتلەيدىغان تېمىلارنى تەستىقلايلى دېسەك بېكەت باشلىقى بىلەن كۆپ ساندىكىلەر قوشۇلماي يەنىلا ئۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاۋەرگەن .ئاددىسى كىچىككىنە بىر مۇنبەردە شۇنچىلىك ئىشنى چەكلىيەلمەي خېلى ئاۋارىچىلىق بولغان ئىدى.

    ئۇلىنىش بەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلىرىدە باسقۇنچىلىق،جىنىس ئۆزگەرتكەن ۋە ھەمجىنىسلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۈندە بىر خەۋەرنى ئىگەللىمىسىمۇ ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر چىقىپ تۇرىدۇ.ئۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ كۆرمىسىمۇ ۋىجدانى،غۇرۇرى بار ئادەم ئۆزىنى ئۆزى كونتىرول قىلالايدۇ.

    ئۇلىنىش بەتلىرى ئەمدى كاللىسىنى سىلكىۋەتمىسە خەلقنىڭ نەزىرىدىن تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، تاپقان شۇ پۇللىرىنى ھەر قانچە سەرپ قىلسىمۇ خەلق ئالدىدىكى يۈز-ئابرۇيىنى ھەرگىز ئەسلىگە ئەكىلەلمەيدۇ.

  25. يالغۇز مۇنداق يازغان:

    بۇ ئىنكاسنى Bektur ئەپەندىم قالدۇرغان ئادرېستىن كىرىپ كۆردۈم. ئۇلىنىش تورىنىڭ باشلىقى بولمىش ئابدۇراخمان يېزىپتۇ. ئۆزىنىڭ نىمىشقا ياخشى بېكەتلەرنى ئۇلىنىشقا قوشماسلىق سەۋەبىنى دەپتۇ، دىمەك خەلققە نەپ بىرىۋاتقان تور بېكەتلەرنى ، باشقا ئۇلىنىش تورلىرىنى مەسىلەن ياخشى تورى دېگەندەكلەرنى ئۇلىنىش قىلسا ئۇلىنىش تورى ئۇلىنىشتىن چىقىرۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ماۋۇ تېمىنىڭ ئېلان قىلنىشىنىڭ ئالدىدا يۈكسەل بىلوگىنى ئۇلىنىش كومدا يوغان تۇغلۇق ئۇلىنىش ھالىتىدە كۆگەندەك قىلغانتىم. بۇ تېما ئېلان قىلىنىشى بىلەن يۈكسەل بىلوگىنىڭ نە تۇغلۇق نە خەتلىك ئۇلىنىشى ئۇلىنىش com تورىدا يوق ئىكەن. بۇ ئىشلار بىر – بىرىگە ئالاقىدارمۇ قانداق؟! …

    ئۇلىنىش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنىڭ گەپ تەپسىلاتى:

    مەن ئۇلىنىش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى.
    بەلكىم http://www.ulinix.com بىلدىغانسىلەر، مەن مۇشۇ بېكەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان .
    بەزى بېكەت باشلىقلىرى ئۇلىنىش تورىدىن نارازى بۇلۇپ يۇرۈپسىلەر، بەلكىم سىلەرنىڭ نارازى بۇلىشىڭلار توغرىدۇر.
    ئۇلىنىش تورىغا راستىنلا بىكەت قۇشقىلى بولمايۋاتدۇ .بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار.
    1.مىنڭ بېكەتنى باشقۇرۇشقا 24سائەت ۋاقت ئاجرىتالمىغانلىقىم ،(بۇنىڭدىكى سەۋەپ مەنمۇ نۇرمال ئارام ئىلشىم كىرەكتە)سىز بېكەت ئىلتىماس قىلىپ بولغىچە مەن شۇ ۋاقتتا تەسىتقلاشقا ئامالسىز بۇلۇپ قالدىكەنمەن.
    2.بېكەت باشلىقلىرنىڭ بېكەت ئىلتىماس قىلغاندا ئەستايىدىل بولماسلىقى. مەسىلەن : بىكەت ئىلتىماس قىلغاندا بىكەت نامى ،بىكەت ئادرېسنى توغرا يازىدۇ،بۇنى مەن دېمسەممۇ ئايان، لېكىن باشقا ماتىرىياللار qq,email,ئادرېس،بىكەت تۈرى قاتارلىقلارنى تۇشقازمايدۇ.تۇشقازسىمۇ مېنىڭ ئادرېسىم،مېنىڭ تېلفۇن نومۇرۇمنى يىزىپ قۇيدۇ.
    3. بىكەت باشىلىقلىرىنىڭ ئالغا ئىنتىلش روھى بىكەت تەسىتىلاشقا تەسىرى كۆرسىتىۋاتدۇ.مەسلەن: بىكەت تەستىقلىنىپ بولدى،لىكىن بىكەت باشىلقى ئۇلىنىشتىكى ئۇرۇنغا رازى بولمايدۇ،مۇمكىن بولسا ئەڭ ئۈستۇنكى ئۇرۇندا تۇرسا بولسا ئادىرىس يازدىغان ئۇرۇننىڭ مۇ ئۈستىدە تۇرسا دەپ ئويلايدۇ،بىكەتتە مەزمۇن قانچە كۈندە يىڭلىندۇ دىگەندەك مۇھىم ئىشلارنى ئۇيلاشقا ۋاختى يوق.بىكەتنى نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلىشغا سەۋەپ بۇلىدۇ- دە
    بىكەت تەسىتىق ھالەتتىن تەسىتىقسىز ھالەتكە ئۈتۈشكە سەۋەپ بۇلىدۇ.
    4.مەنمۇ ئۆز بىكىتىمنىڭ تەرەققى قىلشىنى ئويلايمەن .بىكەت ئىتىماس قىلغان ئىكەنسىز مەن چۇقۇم تەستىقلايمەن .سىزمۇ ئازتۇلا بىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ بىرەرتال logo,رەسىم ،دىگەندەك بىزنىڭ ئىلانلىرىمىزنى قۇيۇپ قۇيۇڭ،بىكەتنى بىزنىڭ بىكەتكە ئىتىماس قىلىپ باشقا ئۇلىنىش بىكەتلىرنىڭ ئىلانىنى قۇيۋالماڭ.مەن خاپا بولمىساممۇ مىنىڭ بىكتىم خاپا بولۇپ قالمىسۇن.ئەسىلى بىزگە ئىككى ئۇلىنىش بىكتى يىتىپ ئاشدۇ.(http://www.ulinix.com,http://www.ulinix.cn)،ئۇللۇنۇش-پۇلۇنۇش،ياخشى-پاخشى دىگەندەك باشىقىلارنىڭ ئەمىكىگە ھۇرمەت قىلمايدىغان بىكەتنى كۇرۇشنى خالىمايمەن .
    خالىمايمەن .
    5. بىز راست ئىلان قۇبۇل قىلمىساق بولمايدۇ سەۋەبى بىز بىكەتنى نۇرمال ماڭغۇزشىمىز كىرەك بىزنىڭ بىكەتلەر 100mb لىق بوشلۇقتا نۇرمال ماڭالمايدۇ
    شۇڭغا بىزمۇلازىمىتىر غا پۇل تۇلەپ ماڭمىساق بولمايدۇ.ياخشى مۇلازىمىتىر ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ ئون نەچچەمىڭ يىۋەن كىتدۇ.

  26. ماكانىم مۇنداق يازغان:

    ھەر كىمنىڭ رىسقى ئايرىم ، مىنىڭچە يۇقىردىكى دېيىلگەن بايان راس بولسا ulinix.com قۇرغۇچىسى ئىچىنى ئۇنچىۋالا تار تۇتسا بولمايدۇ.
    ulinix.com قۇرغۇچىسىدىن سوراپ باقسام.
    ئئەڭ ئاددىي مىسال :ھازىر بىزنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا پايدىلىنىۋاتقان ئىزدەش تورىدىن baidu بار ،بىز baidu نى بار دەپ google نى ئىشلەتمىسەك بولامدۇ …..

  27. ماكانىم مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ پىكرىم باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئورتاق تەرەققىي قىلىش !

  28. چىن ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    يالغۇز ئەپەندىم سەل توغرا دىگەندەك قىلىسىز … لىكىن مەن بۇ ئىككى بەتنى تازا ياقتۇرمايمەن! چۇنكى بۇ بەتلەردە بەزى ئىچىلمايدىغان بەت ئاددىرىسىمۇ بار! يەنە تىخى مىنىڭ ئەڭ ئىچىمنى پۇشۇرىدىغىنى قازاقچە ناخشا ! شۇنچە بەلەن ئۇيغۇرچە ناخشا چىقىۋاتسا قازاقلار نىمىش قىلىدۇ! مەن كۆپىنچە ناخشا ئاڭلاش ئۇچۇن كىرەتتىم لىكىن شۇ قاچاقچە ناخشا تۇپەيلى بۇ بەتلەرگە بەكلام ئۆچ بوپ كەتتىم ! بولسا مۇشۇ بەتلەرنىڭ ئىزدەش كۆزنىكى بولغن بولسا! ئۆزىنىڭ …. ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم خۇش !

چىن ئۇيغۇر 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟