نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

شور پىشانە

سىيىتجان سىيىتىشېف ( قازاقستان )

ماڭا ھەر كۈنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىش ئۈچۈن بىر ئاز پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ . لېكىن مەن بۇ يولنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك بېسىپ ئۆتىمەن . چۈنكى پىيادىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان بۇ يولنىڭ ئىككى چېتى بۈك-باراقسان بوستانلىق ، باھار پەسلىدە ئالما ، ئالۇچا ۋە شاپتۇل چېچەكلىرى ئاپپاق ۋە ھال رەڭدە ئېچىلىپ كېتىدۇ . سىرىن گۈللەرنىڭ ھىدى پۈتكۈل كوچىغا تاراپ ، كىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ . ھەر خىل رەڭدىكى ئەتىرگۈللەر بولسا تاكى كەچ كۈزگىچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق يولدىن بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ پىيادە مېڭىپ ئۆتۈش كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ . كەچقۇرۇنلۇقى ئىشتىن قايتقىنىڭىزدا ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدۇ .
قىش-ياز پاكىز تۇرىدىغان بۇ يولنىڭ سايە-سالقىنىدىن ، گۈزەل مەنزىرىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بەھىر ئالاتتى . لېكىن ئۇنى ماڭا ئوخشاش ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭىدىغان كىشىلەرلا بىلەتتى . چۈنكى يولۇچىلار بىئارام بولمىسۇن دەپ كوچا سۈپۈرگۈچى ئايال ئەتىگەندە ، ھېچكىم كوچىغا چىقماستا يولنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ بولاتتى .
مەن بۇ ئايالنى بەزى كۈنلىرى يولنىڭ ئاخىرىدا ، بۇ ياقتىكى ئىشنى تۈگىتىپ ، ئىككىنچى جايغا كېتىۋاتقىنىدا ئۇچرىتاتتىم . ئۇ دائىم بىر قولىدا سۈپۈرگە ، يەنە بىر قولىدا ئەخلەت چېلىكىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى . بەزىدە مەن بۇ ئايالنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە زوقلىنىپ قاراپ قالاتتىم . ئۇ ، ئۆز ئىشىنى شۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيتتىكى ، گويا يولنىڭ بىرەر جايىنى چالا سۈپۈرۈپ قالسا ياكى ئادەتتىكدىن سەل كېچىكسە تۈزىتىپ بولمايدىغان خاتالىققا يول قويغاندەك ، بار ئىجتىھاتى بىلەن ئىشلەيتتى .
ئۇ ، يېشى تېخى ئەللىككە يەتمىگەن ، ئېگىز بويلۇق ، قاتما ئايال ئىدى . بېشىغا تېڭىۋالغان ياغلىقى ئاستىدىن ئاق ئارىلىغان چاچلىرى چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ تاتىراڭغۇ چىرايى تولىمۇ مەسئۇلىيەتلىك ئىش بېجىرىۋاتقان كىشىدەك ھەردائىم جىددىي بولۇپ ، يولۇچىلارغا كۆز قىرىنىمۇ تاشلىمايتتى .
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭسام يولنى ساپ-سېرىق غازاڭ بېسىپ كېتىپتۇ . كوچا سۈپۈرگۈچى ئايال بولسا كۆرۈنمەيتتى . كەچتە ئىشتىن قايتقىنىمدا قارىسام ، غازاڭلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ . ئەتىسى ئەتىگەنلىكى مەزكۇر يولنى ناتونۇش ئىككى ئايال توپا-چاڭنى شۇنداق توزۇتۇپ سۈپۈرۈشكە باشلاپتۇكى ، ئىلاجىسىز يولۇمنى ئۆزگەرتىپ ، يان كوچىلارنىڭ بىرسىگە ئۆتۈپ كەتتىم .
ئارىدىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى . بىر كۈنى ئەتىگەندە كوچىغا چىقسام ، ماڭار يولىمىز يەنە بۇرۇنقىدەك تاپتازا بولۇپ قاپتۇ . يولنىڭ تازىلىقىدىن زوقلىنىپ كېتىۋاتاتتىم ، ئالدىمدىن بىر قولىدا سۈپۈرگە ، بىر قولىدا چېلەك كۆتۈرگەن ھېلىقى تونۇش ئايال چىقىپ قالدى . ئۇ ئاۋالقىدەكلا جىددى قىياپەتتە بولۇپ ، ئىتتىك قەدەم تاشلىغىنىچە يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى .
شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ۋە ئايلار ئۆتتى ، قىش كېلىپ نەچچە قېتىم قار ياغدى . لېكىن كوچا سۈپۈرگۈچى ئايال قارنىڭ ئاياق ئاستىدا دەسسىلىپ ، مۇز بولۇپ قېتىشىغا يول قويماي ، ۋاقتىدا سۈپۈرۈپ تازىلاپ تۇردى .
باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يولىمىز يەنە سۈپۈرۈكسىز قالدى . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىمدۇر بىرلىرى پۈتۈن كوچىدا چاڭ توزۇتۇپ سۈپۈرۈشكە باشلىدى .
« بۇ ئايالغا يەنە نېمە بولغاندۇ ؟» دېگەن ئوي كاللامغا كەلدى-دە ، كەچقۇرۇنلۇقى كوچا سۈپۈرگۈچى ئايال توغرۇلۇق ئۆيدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردىم .
-ئىككى-ئۈچ كۈن بولدى ، كوچا سۈپۈرىدىغان ئايال يەنە كۆرۈنمەيدۇ ، ئاغرىپ قالغانمىكىن ؟
-ھە ، ئاۋۇ ئۈمىدەخاننى دەۋاتامسىز ؟ -دېدى ئايالىم ،-ئۇ شور پىشانىنىڭ ھالىنى سورىماڭ ، ئەھۋالى چاتاق .
ئۈمىدەخان ئىسىملىك بۇ ئايالنى مەن تونۇمىغان بىلەن ، مەھەللىنىڭ ئاياللىرى ياخشى بىلىدىكەن . ئۇ بىزگە قوشنا ئۆيلەرنىڭ بىرىدە يىگىرمە يەتتە ياشقا كىرگەن قىزى بىلەن تۇرىدىكەن .
-« تېشى پۈتۈننىڭ ئىچى پۈتۈن » دېگەننى ئاڭلىغانمۇ سىز؟ ئىچىدىن كۆيۈپ تۈگىگەن ئايال ئۇ ،-دېدى ئايالىم ۋە بىر پەس تۇرۇپ قالدى-دە ، مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى :
ئۈمىدە ياش ۋاقتىدا زىلۋا بويلۇق ، گويا سۈتكە چىلىۋالغاندەك ئاق بەدەن ۋە چىرايلىق قىز ئىكەن . كىچىكىدىن دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلغاچقا ، سەككىزىنچى سىنىپنى تۈگىتىپ ، تېببىي تېخنىكومغا كىرىپتۇ . يېشى چوڭايغانسېرى گۈلدەك ئېچىلىپ ، يىگىتلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك چىرايلىقلىشىپ كېتىپتۇ . ئوقۇشى ئاياغلىشىپ ، شەھەردىكى دوختۇر خانىلارنىڭ بىرىگە پراكتىكىغا قاتناپ يۈرگەندە ، تاشكەنت تېببىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كامىلجان دېگەن يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ . ئۈمىدە تېببىي تېخنىكومنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپتۇ بۇ جەرياندا ئىككى ياش ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىپتۇ . كۆپ ئۆتمەي كامىلجان ئۈمىدەگە ئۆيلىنىشكە ئەلچى كىرگىزىپتۇ . لېكىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەلچىلەرگە رەت قىلىش جاۋابىنى بېرىپتۇ .
بىچارە ئۈمىدە يىغلاپ-قاقشاپ ، « ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن » دەپ تەھدىت سالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ دىلىنى يۇمشىتالماپتۇ .
-بىز ئاق سۆڭەك ، خوجا ئەۋلادلىرىدىنمىز ،-دەپتۇ ئۇلار ،- بىز ھايات بولىدىكەنمىز ، نەسلى-نەسەبىنىڭ تايىنى يوق ئادەمگە تېگىشىڭگە يول قويمايمىز .
شۇنداق قىلىپ ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈمىدەنى ئىشتىن بوشىتىۋېلىپ ، ئۇنى ئالماقچى بولغان كامىلجاننىڭ ئۈستىدىن تۈرلۈك ئېغۋالارنى توقۇپ ئەرىز يېزىپتۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈمىدەنى ئاتا تەرەپتىن بىر نەۋرە بولدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ بىرىگە تۇرمۇشقا چىقارماقچى بوپتۇ . ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلىدىغان ئۈمىدە تەغدىرگە تەن بېرىپ ، شۇلارنىڭ رايىغا كۆنۈپتۇ . توي ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۈمىدەنى خۇرسەن قىلالماپتۇ . چۈنكى توينىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆزىنى ئالغان يىگىتنىڭ ھاياسىزلارچە ھىجىيىشى ، تېتىقسىز گەپلىرى ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھاراقنىڭ بەدبۇي پۇرىقى قىز قەلبىدە مۇھەببەت ئەمەس ، نەپرەت ئويغىتىپتۇ . بۇ ھال ئەتىسىمۇ ، ئۆگۈنىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمۇ تەكرارلىنىۋەرگەچكە ، بىر كۈنى ئۈمىدە مۇلايىملىق بىلەن ئېرىگە :
-بۇ نەرسىنى ھەر كۈنىلا ئىچەمسىز ؟ سالامەتلىكىڭىزگە زەرەر يەتكۈزۈپ قويسا قانداق قىلىسىز ؟ دېدى ، ئېرى:
-ھە ، ھاراق دېگەننى يىگىتنىڭ يىگىتى ئىچىدۇ ، ساڭا نېمىدى ، پۇلسىز قالدۇرمىسام بولمىدىمۇ ؟-دېدى ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايغىنىچە .

( 2 )

شۇنىڭدىن كېيىن ئۈمىدە بۇ « خوجا ئەۋلادى » نىڭ پۇلغا چوقۇنغان ، ھاراققا دۈم چۈشكەن مەخلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئانىسىغا ئاجرىشىش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى .
-بۇ كۈنلەردە كىم ھاراق ئىچمەيدۇ قىزىم ،-دېدى ئانىسى،-ياشلىقىدىن شۇنداق قىلىدۇ . ئەتە-ئۆگۈن بالىلىق بولغاندا تۈزۈلۈپ كېتىدۇ . ئاجرىشىش توغرۇلۇق گەپ ئاچقۇچى بولما . مانا داداڭ نەچچە يىلدىن بېرى ساقلىقى يوق ، تۈزۈك ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ . توي سەۋەبى بىلەن قۇدىلارغا خېلى قەرىزدار بولۇپ قالدۇق . ئەگەر ئاجرىشىمەن دېسەڭ ، ئۇ قەرىزلەرنى نەق تۆلىشىمىز كېرەك .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈمىدەنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولدى .
ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپ ، ئۆزىنىڭ ھامىلىدا ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئۈمىدە ، بىر كۈنى بۇ يېڭىلىقنى ئېرىگە ئېيتتى .
-ئوغۇل تۇغساڭ يەتتە مەھەللىنى چاقىرىپ توي قىلىمەن ، ئەگەر قىز تۇغساڭ تۇغۇتخانىدىن چىقمايلا قوي ،-دېدى ئېرى .
بۇ سۆزدىن ئۈمىدەنىڭ بويى شۈركىنىپ كەتتى .
ئۈمىدەنىڭ بويى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىشقا باشلىدى . ئۇ دائىم : « ئىلاھىم ئوغۇل بولسىدى ، شۇ باھانىدا تىلىم ئۇزۇن بولۇپ ، ئائىلىمىز تۈزۈلۈپ كەتسە ، ئېرىم ئىنسابقا كېلىپ ئىچىشنى تاشلىسا …» دەپ ئارزۇ قىلاتتى .
ئۈمىدەنىڭ ئېرى كۆكتاتچىلىق ماگىزىنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، ھەر كۈنى « مال كەلدى ، تەكشۈرگۈچى كەلدى ، ئەل-ئاغىنىلەر كېلىپ قالدى » دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۆيگە كەچ كېلەتتى . بۈگۈن بولسا تېخىمۇ كەچ قالدى . ئۈمىدە ئەتكەن تاماقنى يېمەي ئۇنى كۈتتى . سائەت ھەتتا ئون ئىككى بولدى … ئاخىرى كەلمىگەندىن كېيىن ، دىۋانغا قىڭغىيىپ ئۇخلاپ قالدى . بىر چاغدا ئىشىكنىڭ قاتتىق تاقىلدىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى . ئىشىكنى ئاچسا ئېرى كەپتۇ . لېكىن يالغۇز ئەمەس ، كەينىدە ئۆزىگە ئوخشاش چالا مەستتىن يەنە ئۈچى تۇراتتى . ئۈمىدە قورققىنىدىن :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-دەپ سالام بەردى ۋە ئىشىكنى يوغان ئاچقىنىچە كەينىگە داجىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى .
مېھمانلار ئۆيگە كىرىشتى . قوللىرىدا بىر-ئىككىدىن بوتۇلكا بار ئىدى .
ئۈمىدە ئۈستەلگە داستىخان سېلىۋېتىپ ، ئىشكاپ ئۈستىدىكى سائەتكە قاراپ قويدى ، ئون ئىككىدىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتۈپتۇ .
سائەتكە قارىماي ، چاققانراق تامىقىڭنى ئەكەل ، ئاغىنىلەرنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى ،-دەپ گۈكىرىدى ئېرى . ئۈمىدە ئەلىمىنى ئىچىگە يۈتۈپ «ھازىر » دېگىنىچە ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى .
-يارايسەن ، خوتۇنىدىن قورقمايدىكەن جۇمۇ بۇ ،-دېدى ئاغىنىلىرىدىن بىرسى ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ، يەنە باشقىلارنىڭ :
-ياشا ، ئوغۇل بالا !-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
بالىنى ياشتىن ، خوتۇننى باشتىن »،- دېدى ئولتۇرغانلارنىڭ بىرسى خىرىلدىغان ئاۋاز بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ ،-خوتۇن دېگەننى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ، لېكىن يۈز-كۆزىگە ئەمەس ، كۆكىرىپ قالىدۇ ، سوتقا بارسا ئەيىپلىك بولىسەن ، ئاچ بىقىنىغا ئۇرۇش كېرەك .
-جان چىقسا چىقسۇن ، قان چىقمىسۇن ،-دېدى يەنە بىرسى .
-قېنى ، خوتۇنىدىن قورقمايدىغان ئوغۇل بالىلارنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن بىر كۆتۈرەيلى !
«شۇمۇ ھايات بولدىمۇ ، شۇمۇ تۇرمۇش بولدىمۇ» دەپ ئەلەم بىلەن خۇرسىندى ئۈمىدە . شۇ پەيتتە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئاق خالاتلىق كامىلجان كېلىپ تۇرىۋالدى .
«بىز سىز بىلەن ئادەملەر ھەۋەس قىلغىدەك ئائىلە قۇرۇپ كېتەلەيمىز»-دېگەنىدى كامىلجان بىر كۈنى كۆيۈپ-پىشىپ ،- «ھەممە گەپ بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىزدە ، بىر-بىرسىمىزنى چۈشىنىشىمىزدە ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىمىزدا» .
ئۈمىدە قورداقنى ئىسسىتىپ ، لېگەنگە ئالدى-دە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى . ئۈستەلدە بوشىغان بىر بوتۇلكا ، ئىچىلىپ يېرىملىشىپ قالغان يەنە بىر بوتۇلكا تۇراتتى . لېكىن ئاچچىق دەملەنگەن چايدىن بىر يۇتۇممۇ ئىچىلمىگەنىدى . پىيالىلەر دەلستىلەكلىك پېتى تۇراتتى .
ئۈمىدە تاماقنى ئوتتۇرىغا قويدى-دە ، ئىختىيارسىز يېلىنغان ئاۋازدا :
-چاينىمۇ ئىچمەپسىلەر ، تاماقتىن ئېلىڭلار ، ئاچ قورساققا ئىچىۋېرىپ ، مەست بولۇپ قالماڭلار يەنە ،-دېدى .
-يەڭگە ، قانداق ئىچىشنى ئۆزىمىز بىلىمىز ، بەلكىم بۇ تامىقىڭىز بىزگە كېرك ئەمەستۇر ،-دېدى مېھمانلارنىڭ ياشراقى كۆزلىرىنى ئالاق-جالاق قىلىپ .
شۇ پەيتتە ئۈمىدەنىڭ ئېرى ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى-دە ، ئۇنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ :
-نېمە ، مېنىڭ ئاغىنىلىرىمگە ئەقىل ئۈگەتمەكچىمۇ سەن؟!-دەپلا ، بىر شاپىلاق سالدى .
-يۈزىگە ئۇرما !-دەپ ۋاقىرىدى بىرسى . شۇنىڭدىن كېيىن بېقىنىغا مۇش چۈشتى . ئۈمىدەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى سەزمەي قالدى .
مېھمانلارنىڭ ئارىسىدىن سەگەكرەك بىرسى « جىددى قۇتقۇزۇش » قا تېلېفون قىلغانىكەن ، ئۈمىدەنى «يېقىلىپ چۈشتى» دېيىشىپ دوختۇرخانىغا يولغا سېلىپ قويۇشتى .
-ئېھتىيات قىلمىغاننىڭ ئاقىۋىتى شۇ ،-دېدى دوختۇر ئايال ئېچىنىش بىلەن ئۈمىدەگە ،-تۇنجى پەرزەنتىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز، ئوغۇل بالا-ئىكەن…
شۇ ۋەقەدىن كېيىن ، ئۈمىدەنىڭ ئېرى گەرچە ئىچىشنى تاشلىمىغان بولسىمۇ ، قايتا ئۇرمىدى .
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئۈمىدە قىز تۇغدى . لېكىن بوۋاق سەل غەلىتىرەك تۇغۇلدى . ئالتە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ پۇتلىرى ھەرىكەت قىلمايتتى . دوختۇرلا كۆپ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ، قىزنى ئاتىسىنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن تۇغما پالەچ ، دەپ ئېنىقلاشتى .
يىللار ئۆتۈپ ئۈمىدەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى . قىزى ئون بەش ياشقا كىرگەن يىلى ، قاتتىق سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈمىدەنىڭ ئېرى كۆپ ئىچىپ قويغانلىقتىن ئۆيگە يېتىپ كېلەلمەي كوچىدا يىقىلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى . ئۈمىدە پالەچ قىزى بىلەن قالدى . ئۇ قىزىنى ساناتورىيىگە بېرىۋېتىپ ، ئۆزى ئىشلەپ ئادەم سىياقى ياشىسا بولاتتى ، لېكىن دۇنيادا يالغۇز پەرزەنتى ، بەختسىز قىزىدىن ئايرىلىشقا كۆڭلى بارمىدى .
ئۈمىدەگە قىزىنىڭ مېيىپلىقى ئۈچۈن دۆلەتتىن بېرىلىدىغان پۇل بىلەن تىرىكچىلىك قىلغىلى بولمايتتى . ئۇ ئۆز كەسپىنى قىلاي دېسە ، قىزىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا كۆزى قىيمايتتى . ئاخىرى ئويلاپ-ئويلاپ كوچا سۈپۈرىدىغان ئىشقا كىرىۋالدى-دە ، ھەر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا ، يەنى قىزى ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا كوچىغا چىقىپ ، ئۆزىگە تېگىشلىك يولنى سۈپۈرەتتى . ئۇ ، بىرەر قېتىم ماگىزىنغا چىقمايتتى ياكى ھېچكىمنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرمەيتتى . ھېچكىمنى ئۆيىگە كىرگۈزمەيتتى .
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قىزى بۇ يىل يىگىرمە يەتتە ياشقا كىرىپ قالغانىدى . بىچارە ئايالنىڭ پىكىر-خىيالى ، غەم-قايغۇسى : «ئىش قىلىپ ياراتقان ئىگەم ئاغرىپ يېتىپ قېلىشىمدىن ، قىزىمنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كېتىشىمدىن ساقلىسا بولاتتىغۇ » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى .
بىچارىنىڭ ئىشقا چىقالمىغان كۈنلىرى ئۇنىڭ شامالداپ ، زۇكامداپ قالغان كۈنلىرى ئىكەن .
مەن بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا كېتىۋېتىپ ، ئۈمىدەگە –ھاراقكەش ئەر تۈپەيلى ئۆمۈر بويى بەختسىز بولۇپ قالغان بۇ ئايالغا ، قىزىغا نىسبەتەن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم …

«قەشقەر» ژۇرنىلى، 2005 . 5 – سان .

ئاگاھنامە: مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : شور پىشانە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟