نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سالام ئەل – يۇرت، سالام تورداش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سالام ئەل – يۇرت ، سالام تورداش !
ھەممىگە ئايدىڭ سەۋەب بىلەن تور ئۈزۈلگەن ، دىللار سۈكۈتكە چۆمگەن كۈنلەردە خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار تېلېفون ئارقىلىق پېقىردىن ھال – ئەھۋال سوراپ تۇردى، يۈكسەل بلوگىنى تالادىكى، بولمىغاندىمۇ دىيارىمىزدىكى دائىرىلىك توردا بولسىمۇ ئېچىپ تۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلدى. ئەمما، بۇ سەمىمىي تەكلىپ – تەۋسىيىلەرگە تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمىدىم. كۆڭلۈم بولسا سۈكۈتنى ، تىنچلىقنى خالايتتى …
مانا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىنساپى تۇتۇپ دىيارىمىزدا تورنىڭ خەلقئارالىق تورغا ئۇلىنىشى، << دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دائىرىلىك تور >> نىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ تور قىزغىنلىقى يەنە ئەۋجىگە چىقىپ، كونا توربېكەتلەر قايتىدىن، يېڭى تور بېكەتلەر باشتىن نەشىر قىلىنىپ خەلقمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى. شۇ ئەسنادا دىيارىمىز ئىچى ۋە تېشىدىكى تورداشلار ھەرخىل ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنىڭ قايتا نەشىر قىلىنىش قىلىنماسلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەل بلوگىنىڭ قايتا نەشىر قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشىدىغانلىقلىرىنى سەمىمىزگە سېلىشتى.
ئاز كەم 1 يىلغا سوزۇلغان سۈكۈتتىن كېيىن يۈكسەل بلوگىنى قايتا نەشىر قىلىپ، ئەل – جامائەت ، دوست – قاياشلار بىلەن توردا ئۆز ئارا دىدارلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ، مۇھىمى، تەڭرى ئاتا قىلغان ئاجىزغىنا قەلەمىي قۇۋۋەت بىلەن چامىمىزنىڭ يەتكەن يېرىگىچە ئەلگە خىزمەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بۇ قېتىم يۈكسەل بلوگىنى يېڭىچە تور نامى ( www.yuksel.me ) ۋە يېڭىچە قىياپەت بىلەن نەشىر قىلدۇق. بۇ تور نامىدىكى me ( مى ) بولسا ئىنگلىزچىدىكى ( مەن ) دېگەنلىك بولۇپ، ھازىر خەلقئارادا خۇسۇسىي تور بېكەتلەر، شەخسىي بلوگلار كەڭ قوللىنىۋاتقان يېڭىچە تور نامىدۇر.

بۇ پۇرسەتتە، يۈكسەل بلوگىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىگە ، ئۇنى ئەستىن كۆتۈرمەي ياد ئېتىپ تۇرغان دىلكەشلەرگە چوڭقۇر ئىھترام بىلدۈرمىز ! كەڭ تورداشلارنىڭ يۈكسەل بلوگىنى داۋاملىق يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى، كەم – كۈتە جايلىرىمىزنى كۆرسىتىپ، يەنىمۇ مۇكەممەلىشىمىزگە سەمىمىي ياردەم قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! تورداشلارنىڭ قوللىشى ئىلھام قۇشىمىزنىڭ قانىتىدۇر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : سالام ئەل – يۇرت، سالام تورداش

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. batur مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلام ئۇستازلار، دوستلار !كەمىنە باتۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام .ھەر بىرىڭلارنىڭ روھىيتى پاك، ئەزىز تىنىڭلار ساغلام بولغاي !!!
    [reply=Yuksel,2010-06-25 05:01 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! يۈكسەل بلوگىغا باسقان قەدەملىرى قۇت بولغاي، كۆپچىلىك ھەققىدە ئېيتقان تىلەكلىرى سىلىگىمۇ ھەم نىسىپ بولغاي! غېرىبانە بۇ كۈلبىمىزگە پات – پات قەدەم تەشرىپ ئەتكەيسىز.[/reply]

batur 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟