نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

شىنجاڭ بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ھەققىدە

يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇردى. ئاۋۋال ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۆلەيدىغانلىقى، مەبلەغ ، ئىختىساسلىقلارنىڭ بۇ قەدىمىي دىيارغا جەلپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سادا كۆتۈرۈلگەن بولسا ، ئارقىدىنلا بۇ دىيارنىڭ بارچە ئىشلىرىغا ئاز كەم 20 يىل يېتەكچىلىك قىلغان ۋاڭ يولداشنىڭ بۇ زېمندىكى سىياسىي ھاياتىغا نۇقتا قويۇلۇپ، ئورنىغا نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ ‹‹ ئىدىيىسى ئوچۇق ›› ، خەلقچىل ، ‹‹ تور شۇجىسى ›› ، ئەمەلىيەتچىل ، دىيانەتلىك … دېگەندەك تەرىپلەشكە سازاۋەر بولغان يولداش جاڭ چۈنشىيەن كەلدى، يېڭى شۇجى كېلىپ بىرقانچە كۈندىلا يەرلىك ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم ئىككىلەنگەن ئەمما جۈرئەت قىلالمىغان تورنى ئېچىۋەتتى ( مانا شۇ جاڭ شۇجىنىڭ دادىللىقى بىلەن بلوگ يېزىپ ھەرقايسىلىرى بىلەن تور ئارقىلىق ئەسرارلىشىپ ئولتۇرۇپتۇق… ). بۇندىن 10 كۈن ئاۋۋال، مەركەزدە تارىخىي ئەھمىيىتى مىسلىسىز دەپ، باھا بېرىلگەن تۇنجى قېتىملىق ‹‹ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ›› ئېچىلدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تاراتقۇلار بۇ يىغىنغا ھەددىدىن زىيادە يۈكسەك باھا بېرىشتى. دېمىسىمۇ، شىنجاڭ خەلقى بۇ يىغىنغا ئاجايىپ تەقەززا بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ئاجايىپ چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى.
دەرۋەقە، بۇ يىغىندا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئالاقىدار بىر قاتار سىياسەت – ئىستراتىگىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىغىن 3 كۈن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان مەزمۇن ۋە قارار قىلىنغان ئىشلار ئەلۋەتتە نۇرغۇن، بىزدەك ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇپ كېتەلىشىمىز ناتايىن . شۇنداقكەن ئۆزىمىز خەۋەر تاپقان دائىرە ئىچىدە ئۆزىمىز ئەڭ نېگىزلىك دەپ قارىغان مەزمۇن ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
بۇ قېتىملىق يىغىندىن خەۋەر تېپىشىمىزچە، رىۋايەتلەردىكى بايلىق بېجى ئاخىرقى ھېسابتا كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەركەز بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئاۋۋال شىنجاڭدىن باشلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ‹‹ مىقدارغا ئاساسەن باج ھېسابلاش ›› ‹‹ باھاغا قاراپ باج ھېسابلاش ›› قا ئۆزگەرتىلىدىكەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمىدە ھەر يىلى 10 مىليارد يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىنىدىكەن. مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ پۇل پەقەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن خەلق تاپىنى ئاستىدىكى بايلىقنىڭ ھەقىقى ئىگىسىگە ئايلىنىپ، بايلىقنىڭ شاراپىتىدىن ھەقىقى تۈردە بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە نائىل بولىدىكەن. مېنىڭچە ، بۇ مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭنى يۆلەش سىياسەتلىرى ئىچىدىكى سالمىقى ئەڭ زور، نان تېگىدىغان سىياسەتتۇر.
تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى يەنىلا تەرەققىيات ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ، ھەرقانداق تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ھەممىسى مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئادىل ، باراۋەر بولمىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن مەسىلىنى يەنىمۇ چىگىشلەشتۈرۈش قويىدۇ. بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بەھرىمەن بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنىڭ شىنجاڭدىن باشلىنىشى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ زور بۆسۈش شۇكى، مۇشۇ دىياردا ياشاپ كەلگەن، ياشاۋاتقان ئاھالىنىڭ مەنپەتى ھەقىقى غەمخورلۇق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن. چۈنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەر ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد مۇشۇ دىياردا ياشاپ كەلگەن، ئۇلار بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ ھەر بىر تال ئوت – گىياھسىغا ، تاش – تۇپرىقىغا ئالەمچە مۇھەببەت باغلاپ كەلگەن، بۇ كىشىلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ زېمىننى ئېچىشنىڭ ، بايلىقنى قېزىشنىڭ نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولۇشى، تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن تېتىشى كېرەك. بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت! بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى بەلكىم بايلىقنى تېجەش ۋە بايلىقنى ئېچىش جەريانىدا مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ئەمەلىيەتتە كۈچلۈكلەرنىڭ تۈكىنى يۇڭداش بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، شىنجاڭنىڭ ئالىدىغان باج كىرىمى ئاساسلىقى جۇڭگو نېفىتى ( PetroChina ) ۋە جۇڭگو نېفىت سانائەت گۇرۇھى ( sinopecgroup ) دىن ئىبارەت 2 كۈچلۈك كارخانىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ھەريىلى بۇ 2 گۇرۇھنىڭ ھەربىرى 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج تۆلەيدىكەن، 2010 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە PetroChina نىڭ يىللىق پايدىسى %4 ئەتراپىدا، sinopecgroup نىڭ يىللىق پايدىسى %1 – %2 گىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شۇنى كۆرۈپ يېتىش ئوڭايكى، مەركەز بۇ قېتىم بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدا ئاز بولمىغان توسالغۇلارنى يەڭگەن.

ئەلۋەتتە، سىناق پەيتىدىكى بايلىق بېجى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى ، يەرلىك ئاھالىنىڭ ئېرىشىدىغان نىسىۋېسىمۇ چەكلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كېرەك يوق، ئىشنى باشلاش ۋە تۇنجى قەدەمنى تاشلاش ھامان تولىمۇ قىيىن بولىدۇ، بىرىنچى قەدەم ئوڭۇشلۇق بېسىلسا، كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتمەكمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ. سىز بىلەن بىزنىڭ ئۆمرىمىز بولسا، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىغا، بۇ دىيار خەلقىنىڭ ئۆز تاپىنى ئاستىدىكى بايلىقنىڭ شاراپىتىدىن قانچىلىك دەرىجىدە بەھرىمەن بولىدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولىمىزغۇ ئاخىر …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: شىنجاڭ بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ھەققىدە

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. koinlun مۇنداق يازغان:

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى خۇشاللاندۇردى ۋە ئىپتىخارلاندۇردى. چۆمدۈردى. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن بۇنداق ھالقىما تەرەققىياتنى يولغا قويۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىن كېيىنكى يەنە بىر سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىدۇر.

    بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىشمۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش، خەلق باي، رايون مۇستەھكەم بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، بەشتە چىڭ تۇرۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ – ئامانلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
     ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ غەربىي رايوننى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن تەۋرەنمەسلىك. بۇ، چېگرا رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.
     ئۈچىنچى، مۇھىم مەقسىتى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. يەنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلار بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بازار ئىگىلىكى مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بىرلىكتە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

    تۆتىنچى، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم نۇقتا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئەۋزەل كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىق، كۆۋرۈكلۈك رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇش؛ بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ 2015 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش. 2020 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدا رايونلار بىلەن رايونلار ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، خەلقى باي، مۇھىتى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيىتى مۇقىم، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
     ئېتىبار سىياسەتلىرى. ئاساسلىقى، بۇ يىلدىن باشلاپ نېفىت، تەبىئىي گازغا پىلان بويىچە مىقدار بەلگىلەپ،باھاسىغا قاراپ باج ئېلىپ، مۇشۇ ساھەدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىللىق باج كىرىمىنى ئىلگىرىكىدىن 32 مىليارد يۈەن كۆپەيتىش. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماس كېلىدىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش. مەركەز مەبلەغ سېلىشتا «12 – بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلكىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆلىمىنى «11 – بەش يىللىق» پىلاندىكىدىن بىر قاتلاش؛ بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يىراق، چەت رايونلاردا مۇلازىمەت تور پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى بىلەن چەت ئەل مەبلىغىدىكى بانكىلارنى شىنجاڭدا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى بىلەن يېڭى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش؛ شىنجاڭنىڭ ئۆز رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بازار ئىگىلىكى ئېھتىياجىغا ئىگە كەسىپلەرگە چەك قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش سىياسىتىنى تەدرىجىي قويۇۋېتىپ، يېقىلغۇ گاز نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.
     بىز بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، توك–گاز ئىشلىتىش، مائاش تەمىناتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، «قوش تىل» مائارىپى، ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن خەلققە پايدىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش قاتارىدا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاش. تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، ئىلمىي تەرەققىياتتىكى سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

    كېلىش مەنبەسى : خەلق گېزتى تورى

koinlun 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟