torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

شىنجاڭدا AIDSيۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتتى

ئاسىيا كىندىكى تورى ( 亚心网 ) نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، شىنجاڭدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە AIDS بىمارى 5651 نەپەر. AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە مەملىكەت بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرغان. مۇخبىر بۇ مەلۇماتنى 15 – نويابېر ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ( 国务院 ) ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىزدا ئاچقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن. 

شۇ كۈنكى يىغىندا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سەھىيە مىنىستىرى 陈竺 مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 370 مىڭ نەپەرگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 130 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 68 مىڭ نەپەر بولغان. شىنجاڭدىكى AIDS يۇقۇم ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغان 陈竺 يەنە 1995 – يىلى شىنجاڭدا تۇنجى AIDS يۇقۇمدارى بايقالغاندىن بېرى AIDS نىڭ شىنجاڭدىكى تارقىلىشى زەھەر چەككەندە شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇشتىن تەدرىجىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ ، يۇقۇم يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى ئادەملەر توپىغا قاراپ كېڭەيدى، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 14 ۋىلايەت – ئوبلاستتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بۇ تەرەپنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەن 陈竺 يەنە ، يەرلىك دائىرىلەردىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كېلەچەكتى 10 يىلدا شىنجاڭنى يۆلەش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە سالىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بولسا 23 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى ( World AIDS Day ). مەملىكىتىمىزنىڭ 2010 – يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىكى تەشۋىقات ئاساسىي تېمىسى يەنىلا ‹‹ ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى چەكلەيلى ›› بولۇپ، مۇددىئا يەنىلا رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە قوللاش كەڭ دائىرىلىق يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ساھە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، AIDS يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆيۈنۈپ، كەمسىتىشنى تۈگىتىشتۇر.

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟