torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن كىرەمدۇ؟

يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ ئەيدىزدىن مەسلىھەت ›› سەھىپىسىنى يولغا قويغاندىن بېرى، تورداشلار: ‹‹ كۆپلىگەن كېسەللىكلەر ئېغىز ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن ، يەنى بىرگە تاماقلىنىش، سۆيۈشۈش … قاتارلىقلاردىن يۇقامدۇ ؟›› دېگەن سۇئاللارنى كۆپرەك سوراپ كېلىۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بىزدە ‹‹ كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ ›› دەيدىغان گەپ بار. ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن كىرەمدۇ؟

 

1. ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئېغىزنىڭ نورمال فۇنكىسىيەسى ئارقىلىق يۇقمايدۇ

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىرگە تاماقلىنىش، قاچا – قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئورتاق ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، سۆيۈشۈش ( شۆلگەيلەرنىڭ ئالمىشىشى ) قاتارلىق ئېغىزنىڭ نورمال فۇنكىسىيەسى ئارقىلىق يۇقمايدۇ.

ئەمما، ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئېغىزىغا سۆيۈش ئادىتى بار كىشلەر قارشى تەرەپنىڭ ئېغىزىدا قان بار-يوقلىقىنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە، بىلىپ-بىلمەي ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېغىزىنى سۆيگەندە ئەيدىز (AIDS) نى يۇقتۇرۋېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېھتىياتچانراق بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ، چوڭلار كىچىك بالىلارنىڭ ئېغىزىغا سۆيمەسلىكى لازىم.

 ئەيدىز ۋىرۇسى قان، ئىسپىرما، ئانا سۈتى، دېزىنفېكسىيە ئۆلچىمىگە يەتمىگەن چاچ ئېلىش، ھۈسىن تۈزەش، قاش تېرىش سايمانلىرى، مونچىلاردىكى پۇت ئاسراش سايمانلىرى، ساقال ئالغۇچ بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، قۇلاق تېشىش، كالپۇك، قاش، بەدەنلىرىنى چەكتۈرۈش، چىش چوتكىلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئۆلچەمسىز قان ياسالملىرى ۋە بۇلغانغان قاننى ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بار-يوقلىقى تەكشۈرۈلمىگەن ئادەم ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ساغلام ئادەملەرنىڭ قېنى ۋە ئىسپىرمىسىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يۇقىدۇ.

 دۇنيا بويىچە داۋالاش جەريانىدا دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن داۋالانغۇچىنىڭ ئەيدىز (AIDS) كېسىلىگە گىرىپتار بۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان تۇنجى دوختۇر – ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، رىئاللىقتا ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ۋە ئۇلارنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىسا، بۇ ئاچچىق تىراگىدىيەنىڭ قايتا تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېيەلمەيمىز.

2. ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ ئەيدىز (AIDS) كېسىلىنى يۇقتۇرۇش يوللىرى

چىش تارتىش، چىش زاماسكىلاش، چىشتىكى تاشلارنى يۇيۇش قاتارلىق داۋالاشلارنى ئېلىپ بارغاندا، يارا ئورنىدىن چىققان قان سايمانلارنى بۇلغىغاندىن كىيىن، ئۇنى يۇيۇپ تازىلاش، دېزېنفىكسىيە قىلىش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن، كېلەر قېتىم باشقا بىمارلارغا قايتا ئىشلەتكەندە يۇقۇش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.

 بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان لاياقەتىسز بىر قېتىملىق سايمانلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.

ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئەيدىز (AIDS) يۇقۇمدارلىرىنىڭ چىشىنى تارتىش، چىشىنى يۇيۇش ۋە زاماسكىلاش جەريانىدا، قولىغا يۇققان قاننى پاكىزە يۇيماي ياكى پەلەينى ئالماشتۇرماي ، ئىككىنچى بىمارنى داۋالىغاندا، دوختۇر قولىدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قان ساغلام بىمارنىڭ قېنىغا ئارىلىشىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرلار ھەربىر بىر بىمارنى كۆرگەندە، پەلەينى چوقۇم ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، ئالدىنقى بىمارنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، قۇلىنى سوپۇن بىلەن پاكىزە يۇيۇپ ئىشلىتىلمىگەن لۆڭگىگە، ھېچبولمىغاندا تاماق ئۈستىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق قەغىزىگە قولىنى سۈرتۈپ، ئاندىن كىيىنكى بىمارنى كۆرۈشى كېرەك.

3. ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى قايسى ئىشلارغا دېققەت قىلىشى كېرەك؟

 دوختۇرلار ھەر بىر بىمارنى كۆرگەندە، قولىدىكى پەلەينى چوقۇم ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

دوختۇرلار ئېغىز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان ئامبۇر، قىسقۇچ، بورماشىنىسىنىڭ بېشى ۋە يىڭنىسى قاتارلىق سايمانلارنى چوقۇم  ھەر بىر بىمارغا يېڭىسىنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 بىمارلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىپ بولغان سايمانلارنى سۇغا ئۇزاق چىلاپ پاكىزە يۇيۇپ، ئېقىشچان سۇدا پاكىزە چايقاپ، دورا سۈيىدە تازىلىغاندىن كىيىن، ئۆلچەملىك دېزېنفىكسىيە قىلىدىغان قازانلاردا ۋاقىت ۋە تېمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ دېزېنفىكسىيە قىلىپ، پېچەتلەپ، ئۈستىگە دېزىنفىكسىيە ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى ئېنىق يېزىشى لازىم.

دوختۇرلار بىمارلارنى داۋالاش جەريانىدا، بىمارنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسىنى ئېقىشچان سۇ بىلەن پاكىزە تازىلاپ، ئېغىزدىن چىققان قان ۋە ئاجرالما ماددىلارنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسىدا توختاپ قالماسلىقىغا  كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

4. ئەيدىز (AIDS) كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئالامەتلىرى

ئەيدىز (AIDS) كېسىلى ئەڭ ئاۋۋال ئادەمنىڭ تېرە، ۋە شىللىق پەردىلەردىكى ئالامەتلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە بىز بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى: 

 

 

 

يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغاندا، ئەيدىز كېسلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ قېنى ساغلام كىشىنىڭ بەدىنىدىكى قانغا ئارىلاشقاندا، مۇقەررەر ھالدا ساغلام كىشىگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شىىللىق پەردىسدە يارا بۇلۇش، چىش ئەتراپ مىلىكى ياللۇغلىنىش ياكى چىشنىڭ يۇقۇملىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ئېغىزىدا قان ھۈجەيرىلىرى بار كىشىلەر %70 تىن ئارتۇق سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتراپىمىزدىكى كىشلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانىلارغا بارغاندا يۇقارقى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن كىرەمدۇ؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىنىڭ ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى سىڭدۈرگەن ئەجرىگە كۆز يۇمماي تۇرالمايمىز. خۇددى كومپيۇتېردا ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى يېتىلدۈرسەك ئوڭاي ۋىرۇس يۇقتۇرمىغانغا ئوخشاش، رېئاللىقتىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش بىزنى بۇ نىجىس كېسەللەردىن يىراق قىلغۇسى!

  2. كالتەك مۇنداق يازغان:

    يىقىندىن بۇيان بولۇپ 2008.يىلدىن كىيىن دىيارىمىزدىكى ئىغىز بوشلۇقى تىخنىك خادىملىرىدا بۇرۇنقىغا قارغاندا مەسئۇلىيەت ئىڭى ۋە كەسپىي تىخنىكىسى مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىرىشىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ ،بۇنى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەلۋەتتە .لىكىن جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە چىش تىخنىك خادىملىرىنىڭ تىببىي ئەخلاقى توغۇرلۇق سۆز ئىچىش تازا مۇمكىن ئەمەس ،بۇ ھالمۇ ھازىر بۇرۇنقىغا قارغاندا ەل ياخشىلاندى،بۇمۇ ئوڭشىلىشى مۇمكىن ،لىكىن بۇنى ئازدەپ تىلىۋىزور ۋە تورلاردا چىش دوختۇرلىرىغا ھەددىدىن زىيادە بىسىم پەيدا قىلدىغان پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى تازا ياخشى ئەھۋال ئەمەس ، سىز ۋە باشقىلار بۇ يەردە بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمىسىمۇ ،ئادالەت قاسىم ،دېلمۇرات ،ۋە باشقا پىشقەدەملەرمۇ چىش دوختۇلارنىڭ كۆرۈشىشىدە تاپىلاپ جىكىلەپ تۇرىدۇ .بەك بۇ ھەقتە سۆزلىگىڭىز كەلسە ،شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇششاق چۈششەك ياتاقلارغا ئۆز يىنىڭىزدىن مەبلەغ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات ئىلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ .ھازىرقى بۇزۇقچىلىقنى ۋە مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاۋەرسە جاھاندا ساق ئادەم قالمىغاندەك بىلنىدىكەن .ئىشەنمىسىڭىز كەچتە تۇرۋاتقان شەھىرىڭىزدىكى بىرە ئاسمان _پەلەك داجۇدىيەن ئالدىدا 1 2سائەت تۇرۇپ بىقىڭ .
    .
    سالام يۈكسەل ئەپەندى ؛
    چىش زاماسكىلاتسا ،ئەيدىز قانداق يۇقىدىكەن ،سىز زاماسكىلاتسا يۇقىدۇ دىگىنىڭىز قايسى زاماسكىلاش مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ ؟
    كونىلاردا قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن ،ئالتۇننى زەگە سۇقسۇن دەپتىكەن شۇڭا بەزى ئىشلارنىڭ ئومومىي تولۇق تەپسىلاتىنى بىلمەي تۇرۇپ سۆزلەپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان تەسىر بىرىپ قويۇشتىن ساقلانساق .مەسىلەن قايسى بىر كۈندىكى تىمىڭىزدا جىك ئەپەندى بۇقتىنى يۈزىڭىزگە سىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ،شۇڭا ھەرقانداق ئىشقا بەكلا يۈزەكى خۇلاسە سۆزى قىلمىساق .
    يەنە بىر گەپ ئاۋۇ رەسىملەرگە قاراپلا ئىغىزى شۇ ھالەتتىكى كىشىنى سىز ئەيدىزكەنسىز دىسەك بولمايدۇ ،ئۇ پەقەتلا قان تەكشۈرتۈپ چىققاندىن كىيىنكى خۇلاسىدە تارتىلغان رەسىم ،تولۇق پاكىتقا ئىرىشمەي تۇرۇپ ،كۆرنۈشكە قاراپ ئەيدىز كىسىلى دىسەك بولمايدۇ ،ناۋادا شۇنداقلار يولۇقسا ئوشۇق گەپ قىلماي ،چىرايلىق دوختۇرخانىغا بىرىپ قان تۈكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلغان ئەۋزەل .

  3. تورچى مۇنداق يازغان:

    جەنۇبى شىنجاڭدا قاراڭغۇ چىش دوختۇرخانىلىرى تولا.

  4. Bakhtiyar مۇنداق يازغان:

    يازلىق تەتىلدە دوستۇمنىڭ تۇيىغا ئالدىراپ سەتىراشخانىدا ساقال ئالدۇرۇپتىمەن، يېڭى تىغ ئىشلەتكەندەك قىلغان، مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا بەك دېققەت قىلپ كەتمەپتىمەن. ئەتىستىن باشلاپ ساقاللىرىمنىڭ ئاستىغا يوغان يوغان بىر نەرسىلەر چىققىلى تۇردىم، ئاجايىپ ئاغرىيدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنسەم ياللۇغلىنىپ قاپتۇ دېدى. يامان تەستە ساقايدى جۇمۇ… تەل تۈكۈس ساقىيىش ئۈچۈن ئۈچ ئايچە ۋاقىت كەتتىغۇ دەيمەن.
    بۈگۈنكىدەك كۈندە تۇرمۇشتا تازلىققا زادى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدىكەن :smile:

  5. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    نەچچە ۋاقىت بۇرۇن چىشىمنى تارتقۇزغاندا شۇنداق ئەنسىرىگەن ئېدىم. گەرچە چوڭ دوختۇرخانىدا تارتقۇزغان بولساممۇ بىر قېتىم ئاڭلاپ قالغاندىن كىيىن تولا دەككە-دۈككىدە بولىدىغان بوپقالدىم. مەھەللىدە مۇشۇنداق ئۇۋالغا قالغان ياخشى كىشىلەردىن نەچچىسىنىڭ بارلىقىنى بىر بۇرادىرىمدىن ئاڭلىغاندىن بۇيان بۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىمىزدا ھەرقانداق بىرىمىزگە خىرىس قىلىپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدىغان بوپكەتتىم. ئىشقىلىپ ھەممەيلەننى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئىمان-ئەقىدىمىزگە، ئەخلاقىمىزغا بەرىكەتلەر ياغسۇن…

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟