نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جۇڭگونىڭ قىسقىچە تارىخى

كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

جۇڭگو دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمكى دۆلەتنىڭ بىرى ( قالغان ئۈچى ھىندىستان، مىسىر ۋە قەدىمكى بابىلون ) بولۇپ، يازما تارىخلارنىڭ يىل ۋاقتى 5000 يىلغا يېتىپ بارىدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردە شيا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنى ئىپتىدائىي تۈزۈمدىن قۇللۇق تۈزۈمگە كىرىدۇ، بۇ پادىشاھلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 16- ئەسىردە بەربات بولۇپ، ئورنىنى شياڭ سۇلالىسى ئىگىلەيدۇ. شياڭ سۇلالىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11- ئەسىرلەرگىچە دەۋىر سۈرىدۇ.  
جۇ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 11- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلىغىچە)
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 771-يىلىغىچە غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋىر سۈرگەن بولۇپ، گاۋجىڭ (ھازىرقى شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرى)نى باشكەنت قىلىدۇ. كېيىن بۇ شەھەر جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم سۇلالىلەرنىڭ باشكەنتى (پايتەختى) بولۇپ قالىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 770-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى شەرقىي جۇ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ مەزگىل جۇڭگو تارىخىدىكى چۈنچيۇ دەۋرى ۋە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى چىن بەگلىكىنىڭ جۇ سۇلالىسىنى ئاغدۇرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

چىن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىغىچە) نىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي جۇ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش بىلەن بىرگە، جۇڭگو جەمئىيىتىنى قۇللۇق تۈزۈمدىن فىئوداللىق تۈزۈمگە باشلاپ كىرىدۇ. گەرچە چىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئىتايىن قىسقا بولسىمۇ، جۇڭگو تارىخىدا دەۋىر بولگۈچ رولىنى ئوينايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك يازمىلىرىدا جۇڭگونى ”چىن“ دەپ ئالىدۇ. تۈركىيەدە تاھازىرغىچە ”چىن“ سۆزى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ.

خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 220-يىلىغىچە) ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھازىرقى شىئەن شەھىرىنى ئوردۇ كەنت قىلغان غەربىي خەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 25-يىلىغىچە) ۋە لوياڭنى باشكەنت قىلغان شەرقىي خەن (مىلادىن 25-يىلدىن 220-يىلىغىچە) دەپ ئىككى سۇلالىگە ئايرىلىدۇ. خەن سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى پارلاق بىر دەۋىرنى ياراتقان بولۇپ، ھازىرقى خەنزۇلارنى شەكىللىنىشى ئادەتتە مۇشۇ سۇلالىگە باغلىنىدۇ.

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادى 220-يىلدىن 280 يىلغىچە)
ئۈچ پادىشاھلىق ۋېي(220- 265-يىلغىچە)، شۇ (221- 263-يىلغىچە) ۋە ۋۇ (222- 280-يىلغىچە) دىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر تارىخىي ۋەقەلىك يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ياشىغان مەشھۇر ئەدىب لوگۈەنجۇڭ يازغان ”ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە“ ناملىق روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

جىن (晋) سۇلالىسى (265-يىلدىن 420-يىلغىچە)
جىن سۇلالىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، لوياڭنى باشكەنت قىلغان غەربىي جىن سۇلالىسى (265- 317) ۋە جىيەنكاڭنى باشكەنت قىلغان شەرقىي جىن سۇلالىسىدىن (317- 420) ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.

جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (420- 589-يىلغىچە)
جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ بۆلۈنمە ھالەتتىكى مەزگىل بولۇپ، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىپ كېتىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلار تۆۋەندىكى بەگلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
جەنۇبىي سۇلالىلەر:
سۇڭ بەگلىكى: (420- 479-يىلغىچە)
چى بەگلىكى: (479- 502-يىلغىچە)
لىياڭ بەگلىكى: (502- 557-يىلغىچە)
چېن بەگلىكى: (557- 589-يىلغىچە)
شىمالىي سۇلالىلەر:
شىمالىي ۋېي بەگلىكى: (386- 543-يىلغىچە)
شەرقىي ۋېي بەگلىكى: (534- 550-يىلغىچە)
شىمالىي چى بەگلىكى: (550- 557-يىلغىچە)
غەربىي ۋېي بەگلىكى: (535- 556-يىلغىچە)
شىمالىي جۇ بەگلىكى: (557- 581-يىلغىچە)

سۈي سۇلالىسى (581- 618-يىلغىچە):
مىلادى 589-يىلى، جەنۇب- شىمال سۇلالىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاسارىتى بولغان چېن بەگلىكى ئاغدۇرۇلۇپ، سۈي سۇلالىسى ھۆكۈمىران ئورۇنغا ئۆتىدۇ، شۇنداقلا مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ 270 يىلدىن كۆپىرەك داۋاملاشقان بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىدۇ.

تاڭ سۇلالىسى (618- 907-يىلغىچە):
جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان سۇلالىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى شىئەن شەھىرىنى باشكەنت قىلغان. زېمىن دائىرىسى ئاۋۋالقى سۇلالىلەرگە قارىغان زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇملۇق رايونلارنىمۇ ئىدارە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتكەن.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يۈەننىڭ ئاپىسى غوز ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ، بەزى تارىخچىلار لى يۈەننىڭ ئاپىسىنى تۈركلەردىن دەپ قارىسا، يەنە بەزەنلەر سىيانپىيلاردىن دەپ قارايدۇ. لى يۈەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى لى شىمىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان.

بەش دەۋر (907- 960-يىلغىچە):
بۇ دەۋردە، جۇڭگو يەنە بىر قېتىملىق بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، كۆپلىگەن كىچىك بەگلىكلەر بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بەش دەۋىر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
كېيىنكى لىياڭ دەۋرى: (907- 923- يىلغىچە)
كېيىنكى تاڭ دەۋرى: (923- 936-يىلىغىچە)
كېيىنكى جىن دەۋرى: (936- 947- يىلىغىچە)
كېيىنكى خەن دەۋرى: (947- 950- يىلغىچە)
كېيىنكى جۇ دەۋرى: (951- 960- يىلغىچە)

سۇڭ سۇلالىسى (960- 1279-يىلغىچە): بەش دەۋىرنىڭ بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى ئىلگىرى- كېيىنلىك بويىچە، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى (960- 1127-يىلىغىچە) ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1127- 1279-يىلغىچە) بولۇپ قۇرۇلىدۇ. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مەزگىللەردە، جەنۇپتا دالى، تۇبۇتلەر، شىمالدا تاڭغۇت، قىتان ۋە جۇرجىتلار بار ئىدى.
لىياۋ خاندانلىقى (907- 1125-يىلى): قىتانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن جۇرجىتلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىدۇ.
ئالتۇن (جىن) خاندانلىقى (1115- 1234-يىلىغىچە): جۇرجىتلار قۇرغان خاندانلىق. جۇرجىتلار لىياۋ خاندانلىقى بىلەن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، كېيىن موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ.
سۇڭ سۇلالىسى جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئاستانەسى دۇڭجىڭ (ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ)نى تاشلاپ، باشكەنتنى لىنئەن(ھازىرقى جېجىياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى)گە كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ سۇلالە تارىختا ”جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى 1279-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىدۇ.

يۈەن سۇلالىسى (1208- 1368-يىلىغىچە):
تېمۈرچىن (كېيىن خاقانلىق نامىنى ”چىڭگىزخان“غا ئۆزگەرتكەن) بارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇرجىتلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، ھەمدە زېمىن دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلاپ، دۇنيا تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇ ئېمپىرىيىنىڭ جۇڭگودىكى بۆلۈكىگە تېمۇرچىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى قۇبلاي ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمرانلىق جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

مىڭ سۇلالىسى (1368- 1644-يىلىغىچە):
يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، مىللىي زىدىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىپ، يېزا- ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق كەسىپلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتى قالايمىقانلىشىپ، ھەر قايسى سەپ ئارمىيىلەر موڭغۇللار ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىدۇ. دېھقانلار ئارمىيىسىدىكى جۇ يۈەنجاڭ رەھبەرلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، يۈەن سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە بېيجىڭنى باشكەنت قىلىپ، دۆلەت نامىنى ”مىڭ“غا ئۆزگەرتىدۇ.

چىڭ سۇلالىسى (1616- 1911-يىلىغىچە):
شەرقىي شىمالدىكى جۇرجىتلار ئۇزۇن مەزگىل مىڭ سۇلالىسىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەمدە ھەرقايسى جۇرجىت قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ. جۇرجىتلار ئىچىدىن چىققان ئىشنىكرۇ نۇرخاچ بارلىق جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ، ھەمدە بىرلىكتە مىڭ سۇلالىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
1616-يىلى دۆلەت نامىنى ئالتۇن (جىن) خانلىقىغا ئۆزگەرتىدۇ (تارىخىي يازمىلاردا ”كېيىنكى ئالتۇن خانلىقى“ دەپ ئاتىلىدۇ)، نۇرخاچنىڭ ئورنىغا 8- ئوغلى خانتايجى ئولتۇرغان مەزگىللەردە، ”جۇرجىت“ نامىنى ”مانجۇ“غا ئۆزگەرتىدۇ، 1638-يىلى دۆلەت نامىنى ”چىڭ“غا ئۆزگەرتىدۇ.
1840- يىلىدىكى ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو جەمئىيتى يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ زور ئازاپ- ئوقۇبەت ئىچىدە قالىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ھەر خىل ئىدىيە- ئېقىملار ئەۋىج ئېلىپ، ئەل- ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ھەر تۈرلۈك تەشەببۇسلار مەيدانغا كېلىدۇ.

جۇڭخۇا مىنگو (1912- 1949-يىلغىچە):
شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، جۇڭگودا 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان فېئوداللىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (1949-يىلدىن ھازىرغىچە):
1946-يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش گومىنداڭنىڭ تەيۋەنگە قېچىپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ، 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ ھەمدە جۇڭگو جەمئىيىتى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جۇڭگونىڭ قىسقىچە تارىخى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!22 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قانۇنچىلىق مۇنداق يازغان:

    ئۆزۈم ياشىغان زىمىنىڭ تارىخىنى ئوبدانلا بىلىۋالدىم مانا رەخمەت

  2. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    جۇڭگۇنى جۇڭگۇ قىلغان «يۈەن سۇلالىسى»مىكىن دەپ قارايمەن.

  3. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن قىسقىچە تارىخ بۇلۇپتۇ. ئەڭ قىسقا بايانلار ئارقىلىق بىر پۈتۈن جوڭگۇنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى يۇرتۇپ بىرىلىپتۇ.

  4. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ئىخچام چىققان جۇڭگۇ تارىخى

  5. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    مەن بۇرۇن ماتېرىياللاردا، تاڭ شاھى لىشىمىننىڭ شەرقىي تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ، غەربىي تۈركلەرگە زەربە بېرەلىشى ئۇنىڭ تۈرك قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرگەن ئىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ موماسى تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تۇققاندارچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركەلەر بىلەن بىرلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانمىش، شۇنداقلا بىر قىسىم تۈركلەرنىڭ تاڭ دۆلىتىگە سىڭىپ كېتىشىگىمۇ سەۋەبچى بولغانمىش.
    بۇلار پەقەت پەرەز بولۇشى مۇمكى، لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، لىشىمىندىكى قان ئۇنىڭ چىگرانى تىنچلاندۇرۇپ. خانلىقنى مۇستەھكەمەشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتكە يېقىن.

    • ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

      كۆكتۈرك بۇرادەرنىڭ كۆرگىنىنىڭ ئاساسى بار. تاڭ شاھلىرىنىڭ شىمالدا غۇزلارغا تۇتىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەنمۇ مەلۇمات كۆرگەن. ئەمما ئۇنىڭ تۈرك ياكى قايسى مىللەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. غۇز دېگەن شىمالدا ياشىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ غۇزلار دەپ ئاتالغانىدى. ئەمما كېيىنكى پەرەز سەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قاپتۇ. بۇ توغرىسىدا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئىستراتېگىيىسى بولمىش «ساھىبجامال ھىيلىسى» بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. چۈنكى، قىزىنى بەرگەن كىشىنىڭ داۋاملىق ساقىلىنى يۇلۇۋېرىشكە بولمايدۇ-دە!

      • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

        ئۇيغۇر تېكىن بۇرادەر، تورنامىم كۆكتاش، كۆكتۈرك ئەمەس.
        ساھىپجامال ھېيلىسى ھونلار زامانىسىدا بولغان ۋەقەلەرگە ياتىدۇ. ھون زامانى بىلەن تۈرك زامانى نەچچە يۈز يىل پەرقلىنىدۇ. ئىشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى كىرگەن يەرگە، قايتا دەسسىمەيدۇ. ساھىپجامال ھېيلىسىنى تۈرك زامانىسىدا ئىشلەتتى دىگەندىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنداق ئۇسۇلنى ئىشلىتىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى، ساھىپجامال ھېيلىسىنى ئىشلىتىشتىكى مەقسەت، تۇققان بولۇش ئارقىلىق، خان جەمەتى قان سېستىمىسىغا بۆسۈپ كىرىش. لېكىن لى شىمىندە غوزلارنىڭ قېنى بار، شۇڭا ھېيلە ئىشلەتمەيمۇ مەقسەتكە يېتىگلىك.
        يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق، غوزلار بىلەن بولغان تۇققاندارچىلىق شەرقىي تۈركلەرنى مايىل قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىمىدى دىگەن تەغدىردىمۇ، بۇ خىل تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن ئاندا- ساندا پايدىلانمىدى دىگىلى بولمايدۇ.

        • ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

          ئالدى بىلەن تور ناملىرىنى خاتا ئېلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن.
          ساھىبجامال ھىيلىسى بىر دەۋردىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئەمەس. بەلكى ھەر قايسى دەۋردە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن. مەيلى ھون دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى تۈرك دەۋرى بولسۇن، بۇ ئۇسۇلنىڭ بەرگەن ئالاھىدە ئۈنۈمى ئەينى دەۋرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. سىلى دېگەن تۇغقانچىلىققا كەلسەك، بۇنىڭدىنمۇ پايدىلانغان يەرلىرى بار، ئەمما ھاكىمىيەتكە تاقىشىدىغان ئىشتا، ساھىبجامال ھىيلىسىدەك رولى زور ئىستراتېگىيە تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ.
          قان بولسىلا ھېساب ئەمەس! ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن قان ئەمەس، بەلكى پاراسەت لازىمىدۇر.

  6. دەقيانوس مۇنداق يازغان:

    بۇ قىسقا جۇڭگو تارىخى ياخشى يىزىلىپتۇ ئەمما بەزى خاتالىقلارغا يول قۇيۇلۇپتۇ، مەسلەن : يەن سۇلالىسى تارىخىدا 1208-يىلى باشلانغان دىيىلپتۇ، ئەمما دۆلەت نامى 1260-يىلى رەسمى يۈەن بولغان، بۇنى توغرا دىگەندىمۇ قۇبلاي چىڭگىزخان(تىمورچىن)نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئەمەس بەلكى نەۋرىسى بۇلىدۇ. ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئوگىداي.
    ئاندىن مىڭ سۇلالىسى تارىخىدا ھەر قايسى سەپ ئارمىيەلەر دىگەن سۆز جايىغا چۈشمىگەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا بۇ ھۆكۈمەت ئارمىيسى بۇپ قالىدۇ، لىكىن قارىشى چىققىنى خەنزۇلارنىڭ قوزغىلاڭچى دېھقانلار قۇشۇنى، ئاساسەن مىللىي زىددىيەت دىيىشكە بۇلىدۇ.

  7. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    بۇ ماتېرىيالنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلسە بوپتىكەن. ئەگەر تور مەنبە قىلىنغان بولسا، ئۇلىنىش ئادرېسى تەمىنلەنسە.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      دەرۋەقە بۇ تېما توردىن تىرىشتۈرۈپ ئېلىنغان، ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەيدۇدىن ئېلىنغان، لېكىن مەزمۇنى چالا، ھەم بىزگە لازىم بولمىغان پادىشاھلارنىڭ خەنزۇچە ئىسىملىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا، قالغان يەرلىرىنى تورلاردىن ۋە باشقا مەنبەلەردىن تىرىشتۈرۈلدى.
      باشقا بىر مەنبەدىن كۆرۈشۈمچە، قۇبلاينى چىڭگىزخاننىڭ 3-ئوغلى دەپ كۆرگەچكە، ئاشۇنداق ئېلىنىپ تۇردى. يەنىمۇ ئىزدىنىپ بېقىپ، ئاندىن تۈزىتىش بېرەيلى.

      • دەقيانوس مۇنداق يازغان:

        قۇبلاينىڭ چىڭگىزخاننىڭ 3-ئوغلى ئەمەسلىكى 100پىرسەنىت ئىشەنچىلىك يەنى 1-ئوغلى جۇجى 2-ئوغلى چاغاتاي 3-ئوغلى ئوگىداي. ئەمما يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

      • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

        قۇبلاي دېگەن نەۋرىسى، تۇلۇقسىز تارىخ كىتابىدا ئېنىق يېزىلغان!

  8. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    4-ئوغلى تولىي

  9. ئوزمىش مۇنداق يازغان:

    ھەقىقى جۇڭگو تارىخى شاڭ دەرىدىن باشلانغان،شىيا بولسا پەقەت بىر رىۋايەت خالاس. ھېچقانداق ماددى ئىسپاتلار يوق.

  10. سەيياھ مۇنداق يازغان:

    ساھىبجامال ھىيلىسىگە كەلسەك قايسى دەۋىردە بولسۇن بۇ بىر سىياسى مەقسەت ئۈچۈن ئوينالغان ئۇيۇن ئەلۋەتتە .

  11. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    باللا، يۇقارقى خانلىقلارنىڭ قانچىسىنى تۈركىي مىللەتلەر قۇرغان؟

  12. مىسران مۇنداق يازغان:

    مەن بېلمەيدىكىەنمەن بۇ ئىشلارنى رەھمەت

  13. خىيالى مۇنداق يازغان:

    شۇ سۇلالىلەرنىڭ تىرىتورىيە رەسىملىرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتۇق.

  14. قارا مۇنداق يازغان:

    چىن دىگەن نام قەدىمدىن جوڭگونى كۆرسىتىدۇ دىيىشنىڭ تولۇق ئاساسى يوق،رەھمەتلىك ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىنى ككرۇپ باقتىڭلارمۇ

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      شۇنداق، چىن سۆزى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ.
      بۇ سۆز كونا كىتاپلاردىن «تارىخىي ھەمىدى»، «تارىخىي رەشىدىي» قاتارلىقلاردا كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ھەدىستىمۇ «ئىلىم چىندا بولسىمۇ، بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دەپ بار. سىز نېمىگە ئاساسەن چىن سۆزى جۇڭگونى كۆرسەتمەيدۇ دەيسىز؟ ئۇنداقتا، سىزچە «چىن» دىگەن يەر نەدە ھەم نەنى كۆرسىتىدۇ؟

كۆكتاش 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟