نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى نېمە؟

بىز ئالدىنقى يازمىمىزدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىدىكى سىر _ ئامېرىكىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى، 知识产权法 ›› نىڭ بولغانلىقى ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدۇق. نەزىرىمىزنى تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىن بۇ قىرغىقىغا ئاغدۇرۇپ، جۇڭگوغا قارايدىغان بولساق، ئەگەر جۇڭگودا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىلمىسە، جۇڭگونىڭ تارىختا 4 چوڭ كەشپىياتنى ياراتقانلىقىدەك تارىخىي يۈكسەك پەللىنى قايتا يارىتىشىدىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.
دەرۋەقە ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بېرى جۇڭگونىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى تەرەققىيات تېز بولدى. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ساۋاتلار تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئومۇمىلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ، ئەقلىي مۈلۈكدارلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇزاقتىن بېرى يىلتىز تارتقان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئۇنىڭغا دەخلى – تەرز قىلىش، ئوغرىلاپ ياساپ سېتىش، ساختىسىنى ئوخشىتىپ ياساپ سېتىشقا ئوخشاش قىلمىشلار جۇڭگودا يەنىلا بىرقەدەر ئېغىر. بۇ خىل ئەھۋال جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازىغا زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ‹‹ جۇڭگو ياسىغان = ساختا ›› دەيدىغان ئىنتايىن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلدى. شۇنداقلا، ئامېرىكا – ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھە دېسە ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ›› نى دەستەك قىلىپ جۇڭگونى ئەيىبلىشىگە باھانە بولۇپ بەردى. نۆۋەتتە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جۇڭگونىڭ ئامېرىكا – ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ياخشى قوغداشقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ يەنە بىر ئېغىر ئاقىۋىتى شۇكى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىختىرالاش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش تەرەققىيات قەدىمىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پەقەت %1.1 جۇڭگو كارخانىسى پاتېنت ھوقۇقى ( 专利权 ) غا ئېرىشكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %0.17 كارخانىلا كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى ( 发明专利权 ) غا ئېرىشكەن؛ خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ( 自主知识产权 ) غا ئېرىشكەن جۇڭگو كارخانىلىرى ئاران %30 ئەتراپىدا بولۇپ، %99 كارخانا پاتېنت ئىلتىماس قىلمىغان، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركسى بار كارخانىلار %40 گىمۇ يەتمەيدىكەن. داڭلىق ماركا ئىنتايىن ئاز بولۇپ، نۇرغۇن كارخانىلار ‹‹ ياساش ›› تا بار ، ‹‹ يارىتىش ›› تا يوق، ھەتتا پۈتۈنلەي ئوخشىتىپ ياساشقا تايىنىپ كۈنىنى ئالىدۇ. نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇق ئېڭى يوق دېيەرلىك، دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، جۇڭگودا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە. شۇنداقكەن، ھازىرقى ھالەت ئۆزگەرتىلمەيدىكەن جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولالىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
‹‹ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش ›› تىن ئىبارەت مەركەزنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرمىسى بولسا چوڭقۇر تەسىر كۈچكە ئىگە سىتراتىگيىلىك تەدبىر. شۇنداقلا ، ھەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. ئەلباش 胡锦涛 مۇ كۆپ قېتىم ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ستراتىگىيىسى ( 知识产权战略 ) نى يولغا قويۇپ، ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەلباشنىڭ سۆزى ۋە ئىرادىسى بىزگە يېڭى ئۈمىدلەرنى بېغىشلايدۇ ، ئەلۋەتتە. قاتتىق بولغان قانۇن – تۈزۈمنىڭ كاپالىتى بولغاندىلا ، ئاندىن ئىختىرالاش ( يېڭىلىق يارىتىش ) نىڭ پۇرسىتى باراۋەر تەقسىم بولىدۇ، ئىختىرالاشنىڭ قىممىتى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىختىرالاش كەيپىياتى ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ، ھەقىقىي زور قىممەتكە ئىگە ئىختىرالار ئۆز راۋاجىنى تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ‹‹ ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش ›› قۇرۇق گەپكە باراۋەر بولۇپ قالىدۇ.
ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ( 知识产权制度 ) بىر تەرەپتىن ، ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن – تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەقلىي مۈلۈكدارلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغدايدۇ، ئىختىرا نەتىجىلىرىنىڭ قىممەت يارىتىشىنى، ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بازار تەرتىپىنى ساقلايدۇ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىلھاملاندۇرۇش ، تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك قەدىرلىنىدىغان، ئىجادقا پايدىلىق بولغان ، شۇنداقلا ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنىڭ تۈركۈملەپ بارلىققا كېلىشىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ بېرىدۇ . قىسقىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى نېمە؟

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. koinlun مۇنداق يازغان:

    بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دىگەن ئاتالغۇ ئەڭ ئەۋۋال 18-ئەسىردە گىرمانىيەدە بارىلىققا كەلگەن.ئەمىلىيەتتە قاتتىقراق ئېيتقاندا،بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ”ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى“ دەپ تەرجىمە قىلىش كىرەك ئىدى.

    بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك،كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئەسەرلىرى،قانۇنلىرى ھەتتا خەلقئارا شەرتنامىلەردە ئايرىش دائىرسى ئاساس قىلىنىپ،بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دىگەن ئۇقۇم ئايدىڭلاشتۇرىلىدۇ ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تەبىر بىرىلىدۇ.شۇڭا ،بۇ يەردە بىز يەنە گەپنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دائىرسىدىن باشلايمىز.

    ئومۇمەن ئېيتقاندا،بىلىم مۈلۇك ھوقۇقىنىڭ دائىرسىنى كەن مەنىدىكى بىلىم مۈلۇك ھۆقۇقى ۋە تار مەنىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەپ 2خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.
    كەڭ مەنىدىكى بىلىم مۈلۇك ھوقۇقى ئىنسانىيەتنىڭ بارىلىق ئەقلى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى،يەنى <>دە كۆرسىتىلگەن دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ئەھدىنامىنىڭ 2-ماددىسىنىڭ 7-تارمىقىدا بىلىم مۈلۇك ھوقۇقى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىگە دائىر ھوقۇق؛ئارتىستلارنىن ئويۇن قويۇش ھوقۇقى،ئۈن ئېلىش ۋە ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛بارىلىق ساھەلەردە ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان كەشپىيات،ئىلمى بايقاش ھوقۇقى،سانائەت بويۇملىرى ئەۋرىشكىسى ھوقۇقى؛ناتوغرا رىقابەتنى توسۇش ھوقۇقى؛شۇنىڭدەك سانائەت،ئىلىم-پەن،ئەدىبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەقلى ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىدىن پەيدا بولىدىغان ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كىرەك،دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئەھدىنامىنىڭ16-ماددىسىدا:“بۇ ئەھدىنامە ئالدىدا ئۆز پىكرىدە تۇرىۋېىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ“دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكتىن،دۇنيادىكى زور كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر(جۈملىدىن جوڭگۇ)يۇقىرقى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەبىرى توغرىسىدىكى پىرىنسىپلارنى قۇبۇل قىلىشى كىرەك،دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئۇنىڭ پىرىنسىپال بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى،كەڭ مەنىدىكى بىلىم مۈلۇك ھوقۇقىىنى دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن سېستىمىسىغا كىرگۈزىدىغان دۆلەتلەر يەنىلا خېلى ئاز.

    كەڭ مەنىدىكى بىلىم مۈلۇك ھوقۇقى بويىچە ئايرىش توغرىسىدا يەنە <>نىڭ 1992-يىلى توكيۇ يىغىنىدا بىلىم مۈلۇك ھوقۇقىنى ”ئىجادى مۇۋەپپەقىيەت ھوقۇقى“ۋە ”پەرقلىق بەلگە ھوقۇقى“دىگەن 2چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ دەپ قارىغان.ئالدىنقىسى كەشپىيات-پاتىنىت ھوقۇقى،توپلاشتۇرۇلغان ئېلىكتىر يۇلى ھوقۇقى،ئۈسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى،تېخنىكا مەخپىيىتى ھوقۇقى،سانائەت بويۇملىرىنىڭ تاشقى لايىھەسى ھوقۇقى،نەشر ھوقۇقى(ئەسەر ھوقۇقى)،يۇمشاق ماتىرىيال ھوقۇقى قاتارلىق 7تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كىيىنكىسى تاۋار ماركىسى ھوقۇقى،سودىگەرلىك ھوقۇقى(زاۋۇت نامى ھوقۇقى)،ناتوغرا رىقابەتنى توسۇشقا دائىر باشقا پەرقلىق بەلگە قاتارلىق 3تۈرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

    تار مەنىدىكى بىلىم مۈلۇك ھوقۇقىمۇ ئەنئەنىۋى بىلىم مۈلۇك ھوقۇقى دەپ ئاتىلىدۇ،ئۇ سانائەت مۈلۇك ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىدىن ئىبارەت 2چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سانائەت مۈلۇك ھوقۇقى پاتىنىت ھوقۇقى،تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ،ناتوغرا رىقابەتنى چەكلەش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە تارقىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ۋاھالەنكى،ھەرقايسى دولەتلەرنىڭ سانائەت مۈلۈك ھوقۇقىغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئوخشاش بولمىغان پەرقلەر مەۋجۇت.مەيلى نەزىرىيە جەھەتتە ياكى ئەمىلىيەت جەھەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەر(جۇملىدىن جوڭگۇ)نىڭ پىكرى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگىنى ئەنئەنىۋى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاساسلىقى پاتېنىت ھوقۇقى،تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ۋە نەشر ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،دەپ قاراشتىن ئىبارەت.
    < >دىن ئېلىندى
    مەنبە: بىلقۇت تورى

koinlun 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟