torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىزنى داۋالايدىغان جوڭيىچە دورا – تاڭ ساۋ پيەن (唐草片)

  بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىم دوستىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەيدىز (AIDS) نى داۋالايدىغان بىر خىل جوڭيىچە دورا توغىرسىدا ماتېرىيال ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن بۇ توغىرلىق ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقىمنى سورىدى،  بۇ دورىنى تۇنجى ئاڭلىشىم بولغاچقا قىزىقىپ خىزمەتدىشىم تاپقان بەزى ماتېرىياللار ئاساسىدا توردىن دورىنىڭ باھاسى، ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدىكى  مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپتىم. ئىچكىرىدىكى بۇ دورىغا تونۇش كەسىپداشلارنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن توپلىغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ قويدۇم.

تاڭ ساۋ پيەن

 تاڭ ساۋ پيەن(唐草片)- نۇرغۇن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان جوڭيىچە تابلېتكا دورا بولۇپ، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى يۇقىرلىتىپ، كەم ماغدۇرلۇق، چاچ چۈشۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تۈگىتىش، بەدەننىڭ ھەرىكەت فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەسىرگە ئىگە.( بەيدۇ تورىدىن)

بۇ دورا رېتسىپلىق دورا بولۇپ، ھازىر گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلكىلەردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار ئارقىلىق ئەيدىز (AIDS) بىمارلىرىغا ھەقسىز تەمىنلىنىۋاتقان بولۇپ، يەنىلا تەجىرىبە باسقۇچىدا ئىكەن. باشقا بىر قىسىم رايونلاردا، مەسىلەن شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ رېتسىپى ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن، ئەمما دورىخانىلاردا سېتىلمايدىكەن.

 بۇ دورىنى تور ئارقىلىق ساتىدىغان مەخسۇس شىركەت بار بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تور بېتىدىكى مۇلازىمەت خادىمىدىن ئىگەللىشىمچە، بۇ دورا دۆلەتلىك دورا نازارەت ئىدارىسى تەرىپىدىن سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان دورا بولۇپ، ھەر قۇتىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 126 يۈەن ئىكەن، بىر قۇتىسى 5 كۈن يېتىدىكەن، بىر داۋالاش باسقۇچى 6 ئاي بولۇپ، مۇلازىمەت خادىمى 6 ئاي تولۇق ئىچكەندە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا بىر مەزگىل توختاتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

ئارقىدىن يۈننەن قىزىل كرېستتىكى كەسىپداشلىرىمدىن بۇ دورا توغىرلىق مەسلىھەت سورىدىم، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ  دورىنى ئىچكەن بىمارلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىغا قارىتا تەسىرى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس بولۇپ، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارغا قارىتا مەلۈم دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەسىرى باركەن، ئەمما يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بۇ دورىنى ئىچىپ بەرسە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بولغاندىن سىرت، مۇھىمى بىماردا ئىزچىل دورا ئىچىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، كېيىنكى مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشكە قارىتا پايدىلىق بولىدىكەن.

 يۇقارقىسى توردىن ۋە باشقا مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار بولۇپ، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئويلىغان تورداشلار بەيدۇ ( 百度 ) تورىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ. مېنىڭچە يۇقۇملانغۇچىلار ياكى بىمارلار ئۈچۈن بولسۇن، دورا ئىچىشتىن مۇھىمراق بولغىنى ياخشى ئۇزۇقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، زىيانلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ۋە رېتىملىق تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىزنى داۋالايدىغان جوڭيىچە دورا – تاڭ ساۋ پيەن (唐草片)

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يىللار مۇنداق يازغان:

    /ئەيدىز دېگەن نىجىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىن تېزراق يوقىلىشىنى كېچە – ھەم كۈندۈز خىيال قىلىمەن ، ئۇدېگەن بىر ئەزرائىل .مەلئۇن . ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز بىمارلىرى قانداق تۈردىكى يېمەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى ھەم ئادەتتىكى دورىخانلاردىن تاپقىلى بولىدىغان قايسى تۈردىكى دورىلارنى ، قايسى خىلدىكى ۋېتامىنلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك ؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز .

يىللار 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟