torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۈرۈمچىدىكى AIDS يۇقۇمدارى 10226 نەپەرگە يەتتى

ئاسىيا كىندىكى تورى ( 亚心网 ) نىڭ بۈگۈنكى خەۋرىگە كۆرە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1995 – يىلى تۇنجى ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى بايقالغاندىن تاكى 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 10226 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئومۇمىي سانى ( 32532 نەپەر ) نىڭ ئازغىنە كەم 3 / 1 نى ئىگىلىگەن. يۈكسەل بلوگىدا 2009 – يىلى 4 – ئايدا ئۈرۈمچىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ 9000 نەپەردىن ئاشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. دېمەك بۇ بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئۈرۈمچى شەھرىدىلا 1000 دىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن AIDS يۇقۇملاندى دېگەن سۆز. يۇقۇم ۋەزىيىتىدىكى ئېشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىنقى يىللاردىكى ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەڭ بولغان ( 2009 -يىلىمۇ 1087 نەپەر كىشى يېڭىدىن AIDS دىن يۇقۇملانغان ئىدى ). ئۈرۈمچى شەھرىدە AIDS نىڭ قان ئارقىلىق، جىنسىي يول ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3 خىل يۇقۇشنىڭ ھەممىسى مەۋجۇد بولۇپ، يۇقۇم يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيمەكتە. يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ، AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا.

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟