نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كىتاب ئوقۇش ماھارىتى ۋە ئۇنىڭ تەئرىباتى

م . ئا . يۈكسەل

كىتاب – قىممەت باھا يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە.

- بىكۇن

 

ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمۈرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا بولىدۇ. كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى ، كىتاب كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەت بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىيپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت. كىتاب ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات.

- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

كىتاب – دۇنيانىڭ تارىختىن بۇيانقى بىھېساب مەنىۋى بايلىقلىرى ۋە دۇنيانىڭ تۈرلۈك – تۈمەن يېڭىلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئىخچاملانغان ۋە يەكۈنلەنگەن << ئېچىل داستخېنىم >>. كىتاب ئادەمنى مەنىۋىيەتنىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدىن ئازاد قىلىپ، ئەقلىيەتنىڭ يورۇق دۇنياسىغا چىقىرىشتىكى ئالتۇن شوتا. كىتاب مەنىۋى بالاغەتكە يېتىشنىڭ سۇنماس قانىتى. كىتاب دۇنيا، جەمئىيەت ۋە كائىنات سىرلىرىنى ئېچىشتىكى سېھىرلىك ئاچقۇچ.
كىتابنىڭ خاسىيىتى ۋە كارامىتى تەسۋىرگە سىغماس، قۇدرىتى بىقىياس. ئەنە شۇنداق تەييار مەنىۋى بايلىق غەزىنىسى بولغان كىتابتىن قانداق پايدىلىنىش، مەنپەئەتلىنىش ھەربىر ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش ماھارىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق. بۇ ماقالىدا مەن ئۆزۈمنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ كىتاب ئوقۇش ماھارىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىمەن.

 

كىتابنى قانداق ئوقۇش كېرەك؟


بەزىلەر ھەركىم ئۆز خاھىشىغا ماس كېلىدىغان، ئۆزى قىزىقىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. بۇ ، توغرا ئەمەس. ھەرقانداق ئادەمدە ئالدى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىۋېرسال بىلىم ئاساسى بولۇشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال بىلىم ئەلۋەتتە تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە، جۇغراپىيە، تارىخ، پەلسەپە، دىن ئىلمى، زامان سىياسەتلىرى، قانۇن ، ئېقىم مەسىلىلىرى، تېببىي ساۋات قاتارلىق ئاساسىي پەن تۈرىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ.
پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىق ھەققىدىكى بىلىم بولۇپ ، ھەممە پەنلەرنىڭ جەۋھىرى- ئانىسى دېمەكتۇر. ھەركىمدە پەلسەپەدىن ئاساسى ساۋات بولىشى زۆرۈر.  يۇقىرىقى پەنلەرنى ئۆگىنىش، ئىزدىنىشتىن ئادەم تامچە – تامچە ئەقىل دۇردانىلىرىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ، تاما – تاما كۆل بولۇر، دېگەندەك، قانچە كۆپ بىلىمگە ئېرىشسە، كىشى شۇنچە كۆپ ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە بولىدۇ، دېگەن گەپ. شۇڭا، نۆۋەتتىكى دۇنيا پەنلىرىدىن ھېچ بولمىغاندىمۇ ئاساسىي ساۋاتقا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ ئادەمنىڭ تەپەككۇر – پىكىر قىلىش، يول تېپىش، تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەمنىڭ ياشاش سۈپىتى – ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىپ، ياشاشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
ھەركىمنىڭ كىتاب ئوقۇش مەقسەت – مۇددىئاسى ئوخشاش بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىلىم ئېلىش، ئۆزىگە ئەقلى كۈچ تولۇقلاشنى نىشان قىلىپ كىتاب ئوقۇيدۇ. بەزىلەر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىش – كەسپىگە ئالاقىدار يېڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش، ئىزدىنىش، كەسىپتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش مەقسىتىدە كىتاب ئوقۇيدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ. يەنە بەزىلەر تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدەش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا ئىزدەش، تەسەللىي تېپىش مەقسىتىدە كىتاب ئوقۇيدۇ. ھەركىمنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسەت – مۇددىئاسى ئوخشاش بولمىغاچقا،كىتاب تۈرى، مەزمۇنىغا ئاساسەن كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى، ماھارىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
بەزىلەر ئۆزىگە زۆرۈر كېرەكلىك بولغان، دەرھال ئەسقاتىدىغان تېما – مەزمۇنلارنى، پەن – تېخنىكىغا دائىر كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇشتا جەۋھەر كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. بەزىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشتا، ھەرخىل كەيپىيات تەسۋىرلىرى، ئىچكى ھىسيات تەسۋىرلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ۋەقەلىكلەرنىلا قوغلىشىپ ئوقۇيدۇ. يەنە بەزىلەر، ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئايرىمىسى بويىچە ئاتلاپ ئوقۇيدۇ. تارىخى تەزكىرىلەرنى ئوقۇشتا، بەزىلەر  يېزىلغان دەۋر بويىچە ۋەقەلىك قوغلىشىپ ئوقۇيدۇ. بەزىلەر يىل تەرتىپى بويىچە، شەخىسلەر بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئوقۇيدۇ. دېمەك، ھەركىمنىڭ كىتاب ئوقۇش مۇددىئاسى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇل – ماھارىتى ئوخشىمايدۇ.
مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق كىتاب ئوقۇش تەجرىبە، ھاسىلاتلىرىمدىن قارىغاندا،  بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ، ئېلېكترون دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى دېيىلىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا، ھەركىم ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاپ – پرېسلاپ – ئىخچاملاپ ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە كىتاب ئوقۇسا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. تۇرمۇش رېتىمى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا، ياشلار، كەسپىي خادىملار تاللاپ ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە جەۋھەر كىتابلارنى ئوقۇمىسا، ھەممە كىتابلارنى ، ھەتتا ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ بولۇشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ. شۇڭا، كىتابلارنى تاللاپ، مەزمۇنلارنى ئىخچاملاپ، پرېسلاپ ئوقۇش ئۇلارغا ماس كېلىدۇ.
لېكىن ھەممە كىتابلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئوقۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلماق مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھەركىم ئۆز ئەھۋالىغا، ئۆز كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل بىلەن كىتاب ئوقۇماق زۆرۈر.
پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشتا، ئەڭ يېڭى  نوپۇزلۇق كىتابلارنى ئوقۇماق كېرەك.
ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇشتا، قەدىمقى كلاسسىك ئەسەرلەرنى ، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندە ئەسەرلىرىنى تاللاپ ئوقۇماق كېرەك. ئۇلاردىن كېيىن، ئۆزىمىزدىكى ھەرخىل ژانىردىكى داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇماق كېرەك.
تارىخ – تەزكىرە ئەسەرلەرنى ئوقۇشتا، ئەڭ ياخشىسى قەدىمقىسىنى، ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇش كېرەك. تارىخنى بىلمەسلىك،بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك- ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىك دېمەكتۇر. بۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ نۇمۇسلۇق ئىشتۇر. ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشنى بىلمىگەن ئادەم-نادان ئادەم، بولۇمسىز ئادەم ۋە ئىستىقبالى قاراڭغۇ ئادەم دىمەكتۇر.  بۇنى چەتئەلگە چىققانلار بەكرەك چۈشىنىدۇ. چەتئەللىكلەر سىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، سىزنىڭ مىللىي كىملىكىڭىز – تارىخىڭىزغا بەكرەك قىزىقىدۇ. ئۆز كىملىكىڭىز – تارىخىڭىز ھەققىدە بىلىمىڭىز يېتەرلىك بولمىسا ئۇلار سىزگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆز ئېلىنىڭ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلىشنى ھەركىم ئۆزىنىڭ ۋىجدانەن بۇرچى دەپ ھېسابلىشى لازىم. يەنە  دۇنيا تارىخىنىمۇ بىلىش زۆرۈر. تارىخي ئەسەرلەرنى، تەزكىرە خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، ھادىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەسلي ماھىيەتنى كۆرۈش كېرەك. چۈنكى، تارىخى ئەسەرلەر شۇ دەۋر سىياسى ئاتمۇسفېراسىنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالمايدۇ. نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەر دىنىي ۋە ئىجتىمائىي سۈپەت ، پەرداز، بېزەك ۋە نىقابلار بىلەن ئورالغان بولىدۇ. يەنە ئاپتۇرنىڭ سۇبيېكتىپ ئىدىيىسى ۋە بىلىم – ماتېرىيال ئاساسىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا، تاللاپ ئوقۇش بىلەن ئىلغاپ – تاسقاپ ، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
ئېلېكترون-كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، نەشرىياتچىلىق-باسمىچىلىق كەسپىمۇ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە تەرەققى قىلدى، بۇرۇن بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە يىلدا نەشىر قىلىنىدىغان-بېسىلىدىغان كىتاب-قامۇسلار بۈگۈنكى كۈندە بىر نەچچە كۈندىلا بېسىلىپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئوقۇشلۇقلار مىسلىسىز دەرىجىدەكۆپەيدى. ھەممە ئادەمگە كەڭ كۇشادە بولغان كىتاب ئۇقۇش-بىلىم ئېلىش شارائىتى يارىتىلدى. لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىسمەن ھالدا خام-پىشمىغان مەنىۋى مەھسۇلاتلار،ھەتتا ئەخلەت يازمىلارمۇ بازارغا چىققىلى تۇردى.بۇ خىل ئەخلەت يازمىلار نۇرغۇن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلماقتا. شۇڭا دېمەكچىمەنكى، كىتاب دېگەندە-بىباھا، قىممەتلىك، بىلىم خاراكتېرلىك قۇرال كىتابلار، قامۇسلار، كەسپىي كىتابلار، ژۇرناللار كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
كىتابنى دىت بىلەن، نىشانلىق ئۇقۇش، مۇھىم مەزمۇنلار، جەۋھەر مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىش، مەزمۇن تۇرى بويىچە كارتوچكا تۇرغۇزۇش-كىتاب ئۇقۇشتىكى ئادەمگە بىۋاستە نەپ بېرىدىغان ئاساسىي ماھارەتتۇر.
دېمەك، كىتاب- ئىنسان قەلبنى يورۇتقۇچى مەنىۋى مەشئەل، توغرىلىق، دۇرۇسلۇق، ئادالەتلىك، ۋىجدانلىق، مەردانىلىقنى ئۆگەتكۈچى يۈكسەك ئۇقۇل، ئەقىل-پاراسەت بۇلىقى، پارلاق  ئىستىقبالغا باشلىغۇچى نۇرلۇق ماياكتۇر.

2012 -يىلى 5-يانۋار، شەھرى كاشىغەر

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كىتاب ئوقۇش ماھارىتى ۋە ئۇنىڭ تەئرىباتى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

    «تەئرىبات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟(مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، لۇغەتتىن ئىزدىسەممۇ تاپالمىدىم.)
    مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قارىتا بولغان قارىشىم خېلى زور پەرق باركەن، ئۆزەمنىڭ قارىشىنىلا بۇ يەرگە يازسام كۆرگەنلەر ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇش، ياكى قايمۇقۇش چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، توغرا كېتابنى تېپىپ ئوقۇش پايدىلىق ئىش، كىتابنى توغرا تاللىمىسىڭىز ۋاقت ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. مەيلى سىز قانداق مەقسەتتە ئوقۇڭ ئۇنىڭدىن ھامان مەلۇم نەپكە ئېرىشىسىز، بۇ ۋاقتنى بېكارغا زايا قىلغاندىن تالاي ھەسسە ياخشى.

  2. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    نېمىشقىدۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنجى ئابزاسى ماقالىنىڭ مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىلىندى.
    مەن ئادەتتە كىتاب ئوقۇسام مۇنۇ ئۇسسۇلنى كۆپرەك قوللىنىمەن-ئاۋۋال كىتابنى تىز سۈرئەتتە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىمەن. ئاساسىي مەزمۇنى كۆرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن، كىتاب ماڭا يارىسا ئوقۇيمەن يارىمىسا ئوقۇمايمەن.
    ئەگەر ياراپلا قالسا قايتا-قايتا ئوقۇيمەن،ماڭا ھازىرغا قەدەر ئەڭ يارىغان كىتاب-رومان تۈرىدىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى. خەت ساۋادىم چىققاندىن تارتىپ، مۇشۇ يېشىمغىچە 18- قېتىم ئوقۇپ تۈگەتتىم.
    بۇرۇن روماننى كۆپرەك ئوقۇيتۇم،ھازىر پەلسەپە خاراكتىرىدىكى ، ئىقتىساد خاراكتىرىدىكى كىتابلارنى ئوقۇيمەن.
    بىر ناچار ئادىتىم بار.ئۇ بولسىمۇ ژورنال ئوقۇغاندا ئاۋۋال مۇندەرىجىسىنى كۆرمەي،ئەڭ ئاخىرىدىن كۆرىمەن.شۇغىنىسى كۆزۈمدىن چاتاق چىققاندىن بىرى كىتابقا تازا سىرداش بولالمايۋاتىمەن.

  3. قاپلان مۇنداق يازغان:

    كەسپى كىتاپلارنى كۆرسەم ئادەتتە ئەڭ كەينىدىكى ۋارىقىنى ئېچىپ ئۆزەمگە لازىمىلىق بولغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەر، ئۇقۇملار كۆرىلىدىغان بەتلەرنى تېپىپ چىقىپ شۇلارنىلا ئوقۇيمەن. بۇ بەزىبىر ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىم ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق. يېقىندا تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان، مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان «ھەزرىتى ئائىشە» دىگەن كىتابنى ئوقپ چىقتىم، ھەقىقەتەن ئىسل ئىكەن. بولۇپمۇ ئاياللارغا بەكمۇ ماس كەلگىدەك.

  4. مەرۋايىت مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياقتۇرىمەن، ھەتتا نەچچە يىل ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغان كىتابلىرىممۇ بار. ئادەتتە كىتاب كۆرسەم ئاۋال بىر قېتىم شۇنداق تىز سۈرەتتە ئوقۇيمەن، ئاندىن چۈشەنچەم ئېنىق بولمىغان جايلارنى قايتا ئوقۇيمەن، ئاندىن تەپەككۇر قىلىمەن.

    يۈكسەل ئەپەندى، خالىسىڭىز ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق.

  5. ئەنجۈر مۇنداق يازغان:

    قىرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر! مەن رومان ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەن،ياختۇرۇپ قالغان كىتابلارنى قايتا-قايتا ئوقۇيمەن،ھەتتا يادئالىمەن.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟