نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

[خوش-خەۋەر] UTV «ئىقتىساد كۆزنىكى» دە ئەلداۋا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى كۆرۈرمەنلەرگە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئەھمىيىتى بار بولغان، ئاۋام-خەلققە بەلگىلىك ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن كەسپىي تور بېكەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، << ئىقتىساد كۆزنىكى >> پروگراممىسىدا مەخسۇس ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزنى تونۇشتۇرۇپ بىر فىلىم ئىشلىگەن ئىدى. مەزكۇر فىلىم بۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئۇدا بىر ھەپتە قويۇلماقچى. كونكېرت قويۇلۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

بۈگۈن جۈمە كەچ : ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:50 دىن 7:20 گىچە.
ئەتە شەنبە ئەتىگەن: ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دىن 7:30 غىچە.
كېلەر ھەپتە سەيشەنبە كۈنى چۈشتە: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:30-12:00 گىچە
كېلەر ھەپتە چارشەنبە كۈنى كەچ: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:30-6:00 گىچە

مەزكۇر فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ۋە ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز! تېلېۋۇزۇر كۆرۈش ئىمكانى بولمىغان ۋەياكى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن تورداشلار ئۈچۈن كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزدا مەزكۇر فىلىم سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012-يىلى 20-يانۋار

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : [خوش-خەۋەر] UTV «ئىقتىساد كۆزنىكى» دە ئەلداۋا

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تىلەك مۇنداق يازغان:

    مارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىز ياخشى باشلىنىۋاتىدۇ جۇمۇ.
    غەيرەت قىلىڭ.
    تىلەك ئىسمىدا ئەلداۋاغا تىزىملىتىپ كىرىپ مەخپى شىغىرنى ئۇنتۇپ قالدىم. بۇ توغۇرلۇق elkemyuksel@hotmail.com، ۋە eldawa02@gmail.com غا خەت يازسام جاۋپ كەلمەيدىغۇ؟
    تور بېتىڭلارنىڭ Email ئارقىلىق مەخپى نۇمۇرنى قايتۇرۋالىدىغان ئۇسۇل يوقمۇ؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      قائىدە بويىچە ئۇنتۇپ قالغان مەخپىي نومۇر قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ. ئاران بىر ئۇنتۇپ قالغان تۇرسىلا :mrgreen:
      يېڭى مەخپىي نومۇرلىرىنى ئېلخەتلىرىگە يوللاپ قويدۇق، ۋاقىپ بولغايلا!

  2. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ قائىدە بولىدىكەن جۇمۇ، بۇندىن كىيىن مەن دىققەت قىلاي……………….
    تاپشۇرۇپ ئالدىم، كۆپ رەھمەت.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟