نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەلداۋا شىركىتى خادىم قوبۇللاش ئېلانى

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان رايۇنىمىزدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ۋە پارلاق بازار ئىستىقبالىغا ئىگە.
شىركىتىمىز جەمئىيەتتىن ئەلنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان، ئۆزىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان، خىزمەتنى بەجانىدىل ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تەپەككۇرى ئوچۇق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە 2 نەپەر خادىم قوبۇل قىلماقچى.

 

قوبۇللاش شەرتى:


1. ئىدىيىۋى-سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس، سەمىمىي بۇلۇش.
2. ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق، خەنزۇ تىلىدا مۇئەييەن سەۋىيەگە ئىگە بولۇش؛ خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ( بولۇپمۇ تېببىي ماتېرىياللارنى ) كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرچىغا راۋان تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇش.
3. ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دىتاللىرى (Word, Excel)، كومپيۇتېر ۋە تور مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇش؛ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەتنى كومپىيۇتېردا تېز، ئىملاسى توغرا، ئۆلچەملىك ئۇرالايدىغان بولۇش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.
4. ۋاقىت قارىشى ئىنىق، ئىش تۈزۈمى قارىشى كۈچلۈك بولۇش.
5. يۇقىرىقى 4 تەلەپنى ھازىرلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تىببىي پەن كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغانلار ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

 

خىزمەت مۇھىتى ۋە تەمىنات:

 

شىركىتىمىز قوبۇل قىلىنغان خادىملار ئۈچۈن، ئەۋزەل خىزمەت شارائىتى ۋە ياخشى بولغان مائاش-تەمىنات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
خادىملار مائاش-تەمىناتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1)ئاساسىي مائاش؛ (2)ئۈنۈم مائاشى؛ (3)مۇكاپات(پەسىللىك ۋە يىللىق)؛ (4)قاتناش خىراجىتى؛ (5)تېلېفۇن سۆزلىشىش خىراجىتى (6) ۋە باشقا ھېيت-بايراملىق تەمىناتلار؛ (7) خادىملار سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ، شېركىتىمىزنىڭ رەسمىي خادىمىغا ئايلانغاندىن كىيىن، شېركىتىمىز خادىملارنىڭ سوغۇرتا پۇللىرىنى ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىدۇ.
ئۆزىدە يۇقىرىقى تەلەپلەرنى ھازىرلىغان ۋە شىركىتىمىزدە ئىشلەشنى خالايدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ شىركىتىمىزگە كېلىشىنى قارىشى ئالىمىز.

 

شىركەت ئورنى:

ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايۇنى جەنۇبىي بېيجىڭ يولى 6-نومۇر گۇاڭخۇي جىڭدۇ مەھەللىسى

乌鲁木齐新市区北京南路6号广汇京都小区
2-يول، 25-يول، 52-يول (ئەسلىدىكى 26-يول)، 153-يول ئابتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ داشىگوۋ بېكىتىدە چۈشۈپ تېلېفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ ياكى 535-يول ئابتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ جىڭدۇ مەھەللىسى بېكىتىدە چۈشسىڭىز بولىدۇ.

 

ئالاقىلاشقۇچى: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
تېلېفون: 13999842993 ، 3824988 – 0991

 

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

2011-يىلى 9-ئىيۇل

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئەلداۋا شىركىتى خادىم قوبۇللاش ئېلانى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!10 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ئاساسى مائاشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى قانچە پۇل؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەلداۋا شىركەت خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئاساسىي مائاش سىناق مەزگىلىدە 800 يۈەن، سىناق مەزگىلى 3 ئاي، سىناقتىن كېيىن ئاساسىي مائاش 1000 يۈەن بولىدىكەن. 6 ئايدىن كېيىن ئۇزاق مۇددەتلىك توختام تۈزلۈپ سوغۇرتا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. مائاش – تەمىنات يەنە شىركەت تەرەققىياتى ۋە خادىملارنىڭ خىزمەت سىتاژى ، مىقدارىغا قاراپ داۋاملىق تەڭشىلىدىكەن.

  2. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل، ئەپەندىم شىركەت ئېچىۋالغان ئوخشىمامدىلا :lol:

  3. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    شەرتىم توشمايدىكەن،بولمىسا مەن ۋە ئايالىم چۇقۇم تىزىملىتىپ باققان بۇلاتتۇق.

  4. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ شەرتىم تامامەن توشۇدىكەن، تېببىي تەرجىمانلىق قىلىۋاتقىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، خەنزۇچەدىن باشقا، ئېنگلىزچە سەۋىيەرىممۇ ھەر ھالدا ياخشى.
    ئەپسۇس، مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس، 8 سائەت مۇقىم ئولتۇرۇپ ئىشلەشكىمۇ شارائىتىم يار بەرمەيدۇ. بىلمىدىم، ئىشتىن سىرت ئىشلەپ بېرىشكە مۇمكىن بولارمىكىن؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      بۇندىن باشقا، سىلى مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. نەق جايىغا چۈشىدىلا! سىلى ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئادىمى ( ئايرىم كېڭىشەيلى)…

  5. ھاڭۋاقتى مۇنداق يازغان:

    ئەپەندۇم ! «ئۆزىمىزنىڭ ئادىمى» ، «باشقىلارنىڭ ئادىمى» دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايلى . ھەممىمىز «ئۆز» غۇ ؟ ھەي…

  6. تورداش مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ چۈشىدىكەنمەن .

  7. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلكا مەن قايتىپ كەلدىم!!!!!!

  8. گۈلدەستە مۇنداق يازغان:

    تەمىناتلىرى ياخشىكەنتۇق،مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ ئىزدەي ،ھازىرچە باشقىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن

گۈلدەستە 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟