نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

« ئۆلۈم » نىڭ ئالدى – كەينىدە

ئالدىنقى كۈنى بىر ئىشداشىمىزنىڭ ئاتىسى راك كېسىلى شىپا تاپماي ئاخىرلىشىپ كەتتى. خىزمەتداش يېقىنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ‹‹ ئۆلۈم ›› ىنىڭ ئالدى – كەينىدە بولدۇق. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار ئۇزاقتىن بېرى ئالدىراشلىقتا ‹‹ قېتىپ ›› قالغان كاللامنى غىدىقلاپ، كۆڭلۈمدە قانداقتۇر پىكىر غەليانلىرىنى قوزغايتتى…
رەھمەتلىك ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى ئۆپكە راكىنىڭ ئازابىنى تارتىپ كەلگەن بولۇپ، بىز بىرقانچە ئىشداشلار تېخى جۈمە كۈنى چۈشتە كېسەلخانىغا بېرىپ يوقلاپ چىققان ئىدۇق. كېسەللىك ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، تېببىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماڭدۇرۇلىۋاتقان ئوكۇل ۋە ئوكسىگېنلا ھاياتنىڭ داۋام بولۇشىغا كاپالەت بېرىپ تۇراتتى. ئىشداشىمىز دوختۇرلارنىڭ كېسەلخانىدىن چىقىپ ئۆيدە كۈتۈۋېلىشنى ئېيتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تازا بىر قارارغا كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئارىمىزدىكىلەر ناھايىتى ‹‹ تەمكىن ›› لىك بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى، بىمارنى ئارتۇق قىينىماي، بالدۇرراق ئارام تاپقىلى قويۇشنى ئېيتىشىپ مەسلىھەت بېرىشىتى. مەنمۇ شۇ تەرىقىدە گەپ قىلاي دېىدىمۇ، ئەمما ، بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم مەرھۇم ئانام ئايشەمخان تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇلىۋاتقان پەيتلەرنى، دوختۇرنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدنىڭ يوققا چىقانلىقىنى بىلدۈرگەن دەقىقلىرى ۋە شۇ دەقىقلەردە قانداقتۇر بىر مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىپ، ئانىمىزنىڭ ئارىمىزغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھقا تۈمەنمىڭلارچە ئىلتىجا قىلىپ كەتكەنلىرىمنى ئويلاپ ، بۇ نىيتىمدىن ياندىم…
دېگەندەك ، ئۇلار ئەتىسى چۈش بىلەن ئاتىسىنى دوختۇرخانىدىن ئۆيگە ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆيگە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆز يۇمغان ئىكەن. ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ خىزمەتداشلار ھەممەيلەن ئىشداشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھازىر بولدۇق. كېلىم – كېتىم بولۇپ تۇرىۋاتاتتى. شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ھازىدار بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ كۆرۈشكەننى ۋە ھازىدارغا چاقچاق قىلغاننى كۆردۈم. ئەجىبا كىشىلەرنڭ باغرى شۇنچە قېتىپ كەتتىمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ چۈچىمەس بولۇپ قالدىمۇ ۋە ياكى قايسى چاغدا يىغلاش قايسى چاغدا چاقچاقلىشىپ، كۈلۈش كېرەكلىكىنى بىلمەي قالدىمۇ؟!…
كونىلار « تار يەردە پولۇ يېگىچە، كەڭ يەردە مۇشت يە » دەپ، بىكار ئېيتمىغان ئىكەن. شەھەردىكى بۇ كاتەكتەك ئۆيلەر مانا مۇشۇنداق ئۆلۈم – يېتىم، توي – تۆكۈنگە ئوخشاش چوڭراق مەرىكە – مۇراسىملاردا تولىمۇ كىچىكلىك قىلىپ قالاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. 10 – 15 ئادەم بىلەن ئۆي توشۇپ قالدى. ئاخىرى، ئامالسىز ئۆينى خوتۇن خەقلەرگە تاشلاپ بېرىپ، ئەرلەر سىرتتا تۇرۇشقا توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ ، كارىدور ، پەشتاق قاتارلىق جايلار تارلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ۋە كەلگەنلەرنىڭمۇ ئىچىنى سىقىپ قويدى.
ئەرلەرنىڭ بەزىسىنىڭ بېشىدا دوپپا بار بولسا، بەزىسى يالاڭباش ئىدى. بەزىسى ھازىدارغا تەسەللىي بەرگەچ ئېغىر ئولتۇرسا، بەزىلىرى نېمىگە كەلگەنلىكى ئېسىدە يوق دۇنيا پاراڭلىرى ۋە چاقچاقلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئادەمنىڭ كۆپلىكى، جاينىڭ تارلىقى بىلەن كارى يوق بەزىلىرى تاماكىمۇ چېكىپ قوياتتى. كۆپۈنچە ئاياللار  ياغلىقلارنى سىموۋول خاراكتېرلىك بويۇنلىرىغا سېلىشىپ، يالغىنىغا يىغلىشىپ يېنىپ چىقىشاتتى…
بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن كېيىن نوغاي مەسچىتىدە مەرھۇمنڭ مېيت نامىزى ئوقۇلدى. مانا تاماشا دېمەيسىز! جامائەت پېشىن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىراش مەسچتىكە كىرىپ كېتىشەتتى. بىر قىسىم مېيت ئىگىلىرى ۋە مېيت نامىزىغا قاتنىشىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەر مەسچىت ئالدىدىكى ھويلىدا جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇراتتى. مانا، بىر بۆلۈك كىشى مەسچىتكە كېلىدۇ – يۇ، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس. پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارغا مېيىتىنىڭ نامىزىنى ئوقۇتىۋېلىش ئۈچۈن، بىر بۆلۈك كىشىلەر ناماز ئوقىمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېيىتلىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېرەتتى…
تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، ھويلىدا ساقلاپ تۇرغانلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچىسى تاھارەتسىز مېيت نامىزىغا داخىل بولىشاتتى. ھېلىقى ناماز ئوقۇمىغانلار ئارىسىدىن بولسا جىنازىنى قانداق كۆتۈرسە دۇرۇس بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى، بېشىنى قايسى تەرەپكە قارىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان بىلەرمەنلەر كۆپ ئىدى، ئۇلار توختىماي ياشلارغا بۇيرۇق سوقاتتى. ئۇلارنىڭ بۇيرۇق سوققان ھالىتى شۇنچىلىك رەسمىي تۈس ئالغانكى، ئۇلار ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئىبادەتكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ھېلىقى تاھارەتسىز مېيىت نامىزىغا تۇرغانلار بولسا، جامائەتنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ سەپراس بولۇشۇپ، ئالدىراش سەپكە تىزىلىشاتتى. يانلىرىدىكى  كىشىلەرنى بولسا نوقۇشلاپ سەپتە رۇس تۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى ئىشارىلەپ تۇرۇشاتتى…
مېيىت نامىزىنى ئۈرۈمچى دىنىي ئاممىسىغا مەشھۇر شېرىپ داموللىنىڭ ئوغلى ئوقىدى. نامازدىن ئاۋۋال قىسقا ئەمما مېغىزلىق ۋەز – تەبلىغ قىلىندى. – ‹‹ بۈگۈن مانا مۇشۇ مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزىغا ھازىر بولغانلار ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلىقكى، بىزمۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىمىز، جەزمەنكى ھاياتىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولىدۇ. ياخشى – ياماننىڭ بىر جاۋابى بولىدۇ، ھەممەيلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىك ھەققىدە ئوي سۈرەيلى …›› . مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا ئارتۇقچە باھا بېرىلمىدى. پەقەت ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلىك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادا ئۇلۇغ سانىلىدىغان كەسپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگىرى مەن قاتناشقان بەزى مېيت نامازلىرىدا مەرھۇم ئۇنداق مۇسۇلمان، بۇنداق مۇسۇلمان ئىدى دەپ، مەرھۇمنىڭ كىشىلىكىگە باھا بېرىلەتتى. ئەمما، بۇ قېتىم بۇ خىل باھا بېرىش ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغاندەك قىلاتتى …
شۇنىڭ بىلەن مېيت نامىزى ئاخىرلىشىپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا مەرھۇمنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن يول ئالدۇق. مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ يەر نەچچە يىل ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە زورىيىپ كەتكەن بولۇپ، زۇمچەك – زۇمچەك قەبرە – گۈمبەزلەر بىلەن بۆلەكچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى. تاماشا يالغۇز بازاردا ئەمەس مانا مۇشۇنداق مازاردىمۇ ئۆزگىچە تاماشا بارىكەن دېمەيسىز. قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرى تولىمۇ ياسىداق بولسا، بەزىلىرى تولىمۇ ئاددىي ئىدى… ماشىنا قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن يېڭى ئېچىلغان قەبرە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ رايوندىكى قەبرىلەر بولسا بىردەك ئوخشاش قېلىپ، ئوخشاش شەكىلدە ياسالغان ئىدى. دەل مۇشۇ تېمىدا سورۇندىكىلەر سۆھبەت باشلىدى:
- ھۆكۈمەت قەبرە سېلىشتىكى قالايمىقانچىلىك ۋە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق  چارىنى چىقارغانمىش. ھەرقانچە كاتتا ياسىغۇمىز بولسىمۇ ياسىغىلى قويمايمىش.
- ھەببەلى، ئەسلى زادى مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ئۆلگەندە بولسىمۇ باراۋەر بولۇش كېرەك…
- ھەرقانچە ياسىغان بىلەن ئۆلگۈچىگە بىر تيىنلىق پايدىسى يوق، پەقەت پالان – پۇستانچىلار ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى مۇنداق ياساپتۇ دەپ، يەنىلا ھاياتلار ئۈچۈن ئەھمىيتى بولۇشى مۇمكىن.
- گوڭچەنداڭنىڭ كاللىسى زادى ئىشلەپ قويىدۇ – جۇما ، بوپتۇ ما ئىشى. بولمىسا بىز خەق بەس تالىشىپ ، تاپقان تەرگىنىمىزنى قەبرىلىرىمىزگە خەجلەپ بولىمىز…
- توختاڭلار دەيمەن، ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇ، بۇنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش دەيدىغۇ؟ مۇشۇ ئۆلچەملىك قەبىرلەرنىڭ ھەر بىرى 5000 يۈەنمىش ، تېخى لازىم بولغاندا تاپالمايسىزكەن، يولىڭىز بولمىسا ئالالمايسىزكەن
- نېمە 5000 مېڭ كوي؟! ئۆي ئالايمۇ ، ئۆيلىنەيمۇ دەۋاتاتتى خەق. ئەمدى ئۆلۈۋالايمۇ دېسە بولامدۇ نېمە؟
- شۇ ، شۇ ! يا ئۆي ئالغىلى بولمىسا، قەبرە مۇنداق قىممەت بولسا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئۆلۈپ قالمىساق بولغۇدەك  جۇما
…..
مېيتنى تۇپراققا قويغۇچە ئارىلىقتىمۇ ھېلىقى تاھارەت ئالماي مېيت نامىزى ئوقۇغانلار ‹‹ يول كۆرسىتىپ ›› تۇرغان بولدى. ئارىدا بىر مويسىپىت كىشى تۇپراق بېشىدىكى تەبلىغنى باشلىدى.
- ئەي خالايىق! بىز شۇ تاپتا مەرھۇمنىڭ تۇپراق بېشىدا ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىپ تۇرۇپتىمىز. شۇنى بىلىپ قويايلۇقكى، بىز ھەممەيلەن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز. ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز، مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىمەن. بارىدىغان يېرىمىز مۇشۇ قېرىندىشىمىز كىرگەن 2 گەز تۇپراق بولىدۇ. بىر تارتىشقان دۇنيا شۇ پېتى قالىدۇ. ھەممىدىن ئايرىلىپ مانا شۇ مەرھۇمدەك تۇپراققا كىرىپ كېتىمىز. شۇڭا بىز ھاياتنى قەدىرلىشىمىز ، ھاياتتا كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىشىمىز، ناچار – گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانمىقىمىز لازىم…
يەنە بىر گەپ، مۇشۇ جايدا، يەنى قەبرىگە كۆمۈلگەندىن باشلاپ بارچە تىل، ئۇيغۇر تىلىمۇ، خەنزۇ تىلىمۇ، ئېنگىلىز تىلىمۇ كۈچتىن قالىدۇ. ھېساب ئەرەب تىلىدا ئېلىنىدۇ. ھە، شۇنداق!  بۇ جايدا پەقەت ئەرەب تىلى يەنى قۇرئاننىڭ تىلى ئىشلەيدۇ. شۇڭا، ھاياتلىرىمىز ناماز ئوقۇپ، ئايەت كەلىمىلەردىن يادىلاپ قويايلى. بولمىسا، ماۋۇ جايدا ھېساب بېرەلمەي قالىمىز… ھېساب مۇنداق بولىدۇ، مۇنكىر ۋە نەكىر دەپ ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ …
تەبلىغ بىر ئوبدان داۋاملىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز  بىر ياش قارى تازا يۇقىرى ئاۋازدا قىرائەتنى باشلىۋەتتى. بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى دەپ بولغۇچە، ھېلىقى مۇيسىپت كىشى ياش قارىغا ئالايغىنىچە جايىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىگە قۇلاق سالدى. قىرائەت تولىمۇ مۇڭلۇق بولدى. ھېلىقى ياش قارىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىرائەت قىلدى. قىرائەت ئاخىرلىشىپ، باشقىلار ھېلىقى مويسىپېت كىشىگە دۇئا قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى، ئۇياق دۇئاغا قول كۆتۈرىۋېدى، بۇ ياقتىكى ياشمۇ ئامىن دەپ توۋلاپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. ياشمۇ ، قېرىمۇ ئۈنلۈك دۇئا قىلىۋاتاتتى، مەن زادى قايسىسىغا  « ئامىن » دېيىشنى ئۇقالماي، ئۇدۇل كەلگىنى ھېساب بولسۇن دەپ، بولۇشىغا دەۋەردىم. ياشنىڭ دۇئاسى تۈگىمەستە، قېرىسى دۇئانى ئاخىرلاشتۇردى ، جامائەت تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدى. تۇپراق بېشىغا 10 غا يېقىن دىنىي زات چىققان بولۇپ، بارلىق ئىشلار تامام بولۇنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئايرىم – ئايرىم كونۋېرتلاردا پۇل قويۇلدى. ئۇلارنىڭ كونۋېرتلارغا تەلمۈرگەندىكى تۇرقىغا قاراپ شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتتىم…
تۇپراق بېشىدىن قايتقاچ، بىرەيلەن يەنە بىرەيلەندىن قېرى بىلەن ياش موللىنىڭ ئىشىنى سوراپ قالدى.
- بۈگۈن قاملاشمىدىمۇ بىر – بىرىگە يول قويماي، ياش قارى بولسىمۇ چوڭغا يول قويسا بولمامدۇ دەيمەندە؟!
- ھەممىسى بايام قويغان كونۋېرىت ئۈچۈن، قىرائەت قىلغان، تەبلىغ قىلغان، دۇئا قىلغانلارغا ئارتۇقراق بېرىلىدىغان گەپ، شۇڭا نۆۋەتنى باشقىلار ئىگىلەپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىشىدۇ …
- بۇنداق بولۇپ كەتسە، جامائەتنىڭ ئارىسىدا قانداقمۇ نوپۇزى بولسۇن، ئۆزلىرىگىغۇ مەيلى، ئەمما مۇبارەك دىنىمىزنىڭ يۈزىگە سەت ئەمەسمۇ؟ بىر قىسىم ياشلارغا بولۇپ بەرمەسمۇ ؟!
- ئامال يوق ئۇكا، ھەممەيلەن ئۆلۈپ كېتىمىز دەپ ۋەز سۆزلەشنى بىلىمىز، ئەمما شۇ سۆزلىگەن كاناينىڭ ۋەسۋەسىدىن كېچەلمەيدىغان ئىش ئىكەن  …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : « ئۆلۈم » نىڭ ئالدى – كەينىدە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!18 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    دىۋان ماڭا ئوڭچە قاپتۇ دە بۈگۈن.

  2. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    ھازىر كىشلىرىمىزدە ئىمان،ئېتقاد،ئىنساپ،دىيانەت قالمىغىلى تۇرۋاتىدۇ،پۇلدىن ئىبارەت بۇ نىجىس ھەممىمىزنى ھەرخىل ئويلارغا ۋە كويلارغا سالماقتا،ئەڭ ياخشىسى ئاللاھدىن ئۆزىمىزگە ۋە بارچىمىزگە ئىمان،ئىنساپ،تەۋپىق تىلەيلى.

  3. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ ماقالە مەن يۈكسەل يازمىلىرى ئېچىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلىنىپ ئوقۇغان ماقالەم.
    شۇ تاپتا مەنمۇ ئۆلۈم ھەققىدە جىسمىمغا سىغمىغان تۇيغۇلىرىمنى ھەزىم قىلالماي سۈكۈتتىمەن.
    ئاشۇ پىرسۇناژلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئوبرازىنى ئىزدەۋاتىمەن…..

  4. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ھەي ھەممە پۇلنىڭ قولىغا ئايلانغان ئىتىقادسىز دۇنيا!!!

  5. تالىپ مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر گەپ، مۇشۇ جايدا، يەنى قەبرىگە كۆمۈلگەندىن باشلاپ بارچە تىل، ئۇيغۇر تىلىمۇ، خەنزۇ تىلىمۇ، ئېنگىلىز تىلىمۇ كۈچتىن قالىدۇ. ھېساب ئەرەب تىلىدا ئېلىنىدۇ.
    —–
    قارىلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ھەق يول ئۈستىدىكى ئۆلىمالارغا ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بولسۇن! مېنىڭچە ياش قارى تەبلىغ قىلغۇچىنىڭ ئىلىمسىزلىكىگە چىدالمىغان بولىشى مۈمكىن . چۈنكى ئىسلامدا ئاخىرەت تىلى ئەرەب تىلى دەيدىغان ھېچقانداق قاراش يوق.بىراۋلار يېزىپ قالدۇرغان ،پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامىدىكى «جەننەتنىڭ تىلى ئەرەب تىلىدۇر…»دېگەن ھەدىسنى ھەدىسشۇناس ئالىملار تەتقىق قىلىپ زەئىپ ،يالغانغا چىقارغان.
    ھەممىمىز ئارلىشىپ باقساق ، ئىنچىكە كۆزىتىپ باقساق بىلىمىزكى ، زامانىمىزدىكى ئابرويلۇق قارى موللىلار پىتنە پاساتچىلار دېگەندەك ئۇنچە دۇنياخۇمار ،پەس ئەمەس .بۇخىلدىكى سورۇنغا مەنمۇ ئىشتىراك قىپ باققان ، ئالماي كەسكىن رەت قىلسىڭىز ،ساھبخان بولمىشلار شۇ قەدەر رەنجىپ كېتىدۇكى ، كەينىڭىزدىكى نېمىشقا ئالمايدىغانلىقىڭىز بىلەن كارى يوق ،چوڭچى ،كىبرى بار دەپ سۆز چۆچەك قىلىدۇ. ئالسىڭىز ،مانا ماقالىدە دېيىلگىنىدەك سۆز چۆچەك قىلىدۇ.
    ھەي بۇرادەرلەر ،بىز ئەشۇ ئۆلىمالىرىمىزنى ،داۋاملىق ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ يامانلىقتىن توسۇۋاتقان ئۆلىمالىرىمىزنى توغرا چۈشۈنەيلى ،ھەتتا ئۇلاردىن ئاز پاز ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ….
    ئاللاھ ،ھەممىمىزنى توغرا ئەقىدە ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن ،ئامىن!

    • پاسىبان مۇنداق يازغان:

      توغرا دەيسىز. ياشلار دىننىڭ ئەسلى گۈزەل ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشتە ياخشى رول ئويناۋاتىدۇ. بەزى خۇراپى قاراشلارنى ياش دىنى زاتلىرىمىز ياخشى تونۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

  6. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    «ھەممەيلەن ئۆلۈپ كېتىمىز دەپ ۋەز سۆزلەشنى بىلىمىز، ئەمما شۇ سۆزلەتكەن كاناينىڭ ۋەسۋەسىدىن كېچەلمەيدىغان ئىش ئىكەن» …

  7. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى :

    يېقىندا بىر قوساق قېرىندىشىم ئاكامنىڭ پەرزەنتى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاشماقچى ، شۇ سەۋەب ئۆيدىكىلەر ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە ئالدىن تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە ھەر تەرەپتىن ياخشى مەناغا ئىگە بولغان ھەقىقى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئىزدەش بىلەن بەند بولۇپ يۈرمەكتە . شۇ سەۋەب بۈگۈن سىزدىن مۇشۇ ئىش ھەققىدە ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بۇ پەرزەنتىمىزگە (ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن ) ياخشى بولغان تۈرۈكچە ئىسىم تەۋسىيە قىلسىڭىز . ئويلىشىپ بولۇپ چ چ دا خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز بولدى . رەھمەت !

  8. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئىسىل يازما… ئۆلۈمنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە جەمئىيىتىمىزنىڭ كىچىك كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىپتۇ. يۈكسەلگە رەھمەت.

  9. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ئەمەلىي تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ياخشى ماقالە ئىكەن!
    تالىپ ئەپەندى دىگەندەك، ياش قارى سۆزلىگۈچىنىڭ ئىلىمسىزلىكىگە چىدىماي، قىرائەتنى باشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. دىمىسىمۇ، ئاخىرەتتىكى سوراق ئەرەب تىلىدا بولسا، ئەرەبتىن باشقا كىشىلەر سوراقتىن ئىبارەت تۈنجى قەدەمدىنلا ئۆتەلمەي، ئۇددۇل دوزاققا كىرىپ كەتممەمدۇ؟! شۇنداق بولغاندا، جەننەت ئەرەبلەرگىلە خاس بولۇپ قالمامدۇ؟! شۇنىسى، ئاللاھ بۇنداق ئادالەتسىزلىكتىن پاكتۇر!
    دەرۋەقە، جەمئىيەتتە نەپسانىيەتچى موللاملار ئاز ئەمەس! ياق-ياق دەيدۇ، موك-موك يەيدۇ، دىگەندەك!

  10. ئىلچىن مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ مۇشۇ قارى كىشلىرىمىزنىڭ نىيتىنى دۇرۇس قىلسۇن…بىزنىڭمۇ ھەم!!

  11. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ئۇلارنىڭ كونۋېرتلارغا تەلمۈرگەندىكى تۇرقىغا قاراپ شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتتىم…

    يۈكسەلكا ماۋۇ ئەمىلى كۆرگىنىڭزمۇ ياكى ئەدەبىي تىلىڭىزمۇ؟ قارا قويۇق بىر تاياقتا ھايدىمايلى، مەنمۇ كۆرگەن بۇ ئىشلارنى، سەل دىققەت قىلىپ ئۇزۇنراق كۆزەتكەن بولسىڭىز بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ ئاشۇ كۆنۋىرىتلارنى ئاچمايلا يىتىم يوقسۇللارغا بەرگىنىمۇ كۆرۈپ قالاتتىڭز. ئەگەر نەق مەيداندا ياردەم قىلغىدەك يوقسۇللار چىقماي قالغان بولسا كىيىن ئەينى پېتى بويىچە خالىس ھالدا ئۆز جايىدا ئىشلەتكىنى كۆرۈپ قالغان بولار ئىدىڭىز.
    ھەممىنى بىر تاياقتا ھايدىمايلى………………………………..

    ماقالىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.

  12. بەگزادە مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ‹قالاق› نامرات رايۇنلارنىڭ دىننى زاتلىرىمۇ ‹قالاق›ھازىرچە… مىيت نامىزىنى خالىس ئوقويدۇ..ئەل جامائەت يەرلىكنى خالىس ئالىدۇ….

  13. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    مەن يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ كۆرگەن :
    چاققان نامىزىنى چۈشۈرۈپ، كۆمىدىغاننى كۆممەمسەن ، بىزنىڭ ۋاقتىمىز پۇل -پۇل …
    ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىدىن بىرى مۇشۇ گەپنى نۇرغۇن جامائەتنىڭ ئالدىدىلا دىگەن ، گەرچە مىيىت شۇنچە تېز يەرلىكىگە قۇيىلىۋاتقان بولسىمۇ !

  14. ۋىسال مۇنداق يازغان:

    ناھايتى ياخشى يازمىكەن!
    دىمىسىمۇ ھازىر ئۆلمەكمۇ تەس بوپ كەتتى،بىز تۇرۋاتقان يەردە يەرلىك خالىس تەييارلىنىدۇ بىراق نەزىر- چىراق ئىشلىرى ئادەمنى ھالسىرتىۋىتىدۇ،ئۈچ نەزىر،يەتتە نەزىر،قىرىق نەزىر،يىل نەزىر ئۈچۈن ئاز بولغاندا30000 يىۋەن سەرىپ كىلدىغان گەپ ،تىخى ھازىدارلارنى دوس يارەنلىرى ئۆلۈم بولۇپ تا بىر يىلغىچە ئۆيلىرىگە ھازىدار چىيغا چاقىرىپ ھالىنى قويمايدۇ،چاقىرغان يەرگە ئاز بولغاندا 100-200 سەل يىقىنلىرغا 300-500 يىۋەنگىچە ئىپ باردۇ بىچارە ھازىدارلار،يىل نەزىرسىنى تۈگەتمىگىچە ھازىدارلارنىڭ تويغا بىرشى چەكلىنىدىغان گەپ،شۇ سەۋەپ يىل نەزىرسىمۇ ئامال بار بالدۇرراق بىرلىدىغان بوپ كەتتى،ھەتتا 6 ئايدىن ئۆتتىمۇ بولدى يىل نەزىرگە تۇتۇش قىلدىغان گەپ

  15. ئىنسان مۇنداق يازغان:

    تىرىكلىكتە ئىمتىھاندا، يا ئىش بىجىرگەندە ئۆتمىسە،ئۆلگەندە سۇئال-سوراقتا ئۆتمىسە………….ئۇ دۇنيادىكى قىسمەت بىلەن بۇ بۇنيادىكى قىسمەتنىڭ ئوپ -ئوخشاشلىقى،تىلىمىزغا بولغان چەكلەشنىڭ بىردەكلىكى تېخى(ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن گۇمانىنى قوزغايدۇ)
    سۈيۈملۈك ئانا تىلىم………..

  16. pawan مۇنداق يازغان:

    ئاپتورغا ئاپىرىن! ئۈرۈمچىدىكى بۇنداق ئومۇميۈزلۈك بولغان ئەھۋالنى تولۇق يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ، ئۈرۈمچىلىكلەر نىمىشقا بۇنداق بوپقالىدۇ؟ ئۇلارنىڭ دىنني ئېتقادى نىمىشكە بۇنچە سۇس؟ ئۇلاردا نىمىشكە مېھرى-مۇھەببەت يوق؟ بۇ ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى خاتا قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلار دىنغا ئېتقات قىلىشنى قالاقلىق، مىللىتىمىزنىڭ ئاقكۆڭۈل، مېھماندوس، مېرىبانلىقتەك نۇرغۇن ئېسىل ئەخلاق خىسلەتلىرىنى بولسا نادانلىق، ئەخماقلىق، زىيادە تەكەللۇپ قىلىش، ئادەم دىگەن ئەمەلىييەتچىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دىنسىز، مېھرى مۇھەببەتسىز مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان نەچچە مىڭ يىللىق ئېسىل مەدەنىيەتتىن يۇقىرى كۆرۈپ قارغۇنلارچە قۇبۇل قىلغانلىقىدىندۇر، ئۇلار تېخى ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان جەنۇپتىكى قېرىنداشلىرىنى كۆزگە ئىلماي نادان، قالاق دەيدۇ، ئۆزى بولسا يات مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتىن شەكىللەنگەن ئاڭ، كۆزقاراشلىرىنى تەرەققىي قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. ھەي……. ئۈرۈمچىلىكلەر، بىزنىڭ قايسى مەدەنيتىمىز باشقا مەدەنىيەتلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ؟ ئۈرۈمچى بولسا بىزنىڭ مەركىزىمىز، ئۈرۈمچىلىكلەر شۈبھسىزكى مىللىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ، تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنلىشىنى تاپالمايۋاتقان جەنۇب- شىمالدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بولسا ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇمەركىزى شەھەردە ياشايدىغانلارنىڭ ئېڭى ۋە كۆزقاراشلىرى‹‹ تەرەققىيات›› سۈپىتىدە تىزلا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۈرۈمچىلىكلەر مىللەت تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۈرۈمچىدە توغرا، زامانىۋىلاشقان مىللىي مەدەنىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىشىمز، پۈتۈن مىللەتنى قۇتۇلدۇرۋېلىشىمىز لازىم.

  17. ۋاپادارىم912 مۇنداق يازغان:

    سىلى مۇشۇ تېمىدىكى ئىشلارنى دەپ بەرگەندىن كىيىن «ئۇيغۇرچىنى بىلمەمدۇ خۇدا ؟» دەپ بىر نېمە يازاي دەپ نىيىتىمدىن يانغان ئىدىم ،مۇشۇ تاپتا ئوقۇپ يېزىلمىغان شۇ شئېرىم ئېسىمگە كەلدى .
    مېھرىبان ئاللاھ ،ئاقىۋىتىمىزنى خەيىرلىك قىلغىن !

ۋاپادارىم912 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟