نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ياشلار ۋە جىنسىيەت : جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مۇنازىرە

ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتلەر ئارا ئۆتۈشىشنىڭ تېز بولۇشى، ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ، مەدەنىيەت چىقىرىندىلىرىنىڭمۇ تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرلۈك – تۈمەن يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ جىددىي ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز قېچىپ ئالالمايدىغان رېئال مەسىلىلەردىن بىرى دەل ياشلار ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ياشلىرىمىزدىكى نىكاھسىز جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ مېڭىشى، ياشلىرىمىز ئارسىدا ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە پىسىخىك جەھەتتىن كېسەللىنىۋاتقانلىقىنى ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ھالاك قىلىش، ئۆز ھاياتىغا قەست قىلىش گىردابىغىچە بېرىپ يېتىشكەنلىرىنى كۆرۈمىز. كاللىمىزنى سەللا سىلكىۋېتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئوي سۈرىدىغان بولساق، بۇ ئىشلارنىڭ مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مەۋجۇدلىقىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى ياشلار مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جېنى . ئۇلارنىڭ جىسمى ۋە روھى كېسەللىنىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش تۇرماق ، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن سۆز ئاچماقمۇ مۇشكۇل بولۇپ قالىدۇ. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ رېئال مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچالمايمىز. بەلكى بىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارە – ئاماللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمىكىمىز لازىمدۇر. نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل ئۇشبۇ نىيەتتە يېزىلىپ، بارچە تورداشلىرىمىزنى ئۇشبۇ مۇھاكىمىمىزگە ئاۋاز قېتىپ، ئۆز پىكرىنى بېرىشلىرىنى چاقىرىق ئەتمەكتىمىز.
ساغلام جىنسىي ھايات ، ئائىلەۋىي مۇناسىۋەتلەر ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ھەربىر خەلق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ياشلىرىنى ئەتە ئۈچۈن تەييار قىلىشىدۇ. خۇسۇسەن، ياشلارغا بېرىلىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ئەللەر ئارا پەرقلەر مەۋجۇد. ئەمما، شۇ مەسىلە ئورتاقكى، جىنسىي تەربىيىنى ياشلارغا زادى قاچاندىن باشلاش خوپ؟ دېگەن مەسىلە ھازىرغىچە كەسكىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان، تېخىچە ئېنىق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان مەسىلىدۇر.
بىر بۆلۈك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ياشلارغا جىنسىي تەربىيىنى بالىلىقىدىن باشلاش ۋە مەكتەپلەردە بۇ ھەقتە دەرسلەر تەسسس قىلىنىشى كېرەك. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، جىنسىي تەربىيە بېرىش ھاياسىزلىق، جەمئىيەتتىكى پەدىشەپنى يىرتىپ تاشلىغانلىق، بالىلار بالاغەتكە يەتكەنچە بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئۆزلىرى چۈشىنىپ قالىدۇ، دېگەن قاراشنى ئالغا سۈرۈشىدۇ.
ياشلار ئارىسىدا ھەم جىنسىيەت ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.
- جىنسىي ھايات بۇ شەخسىي مەسىلە.
- جىنسىي ھايات بۇ تەبىئىي نەرسە.
- جىنسىي تەربىيە ۋە ئۆزىنى تونۇش، ساغلام جىنسىي تۇرمۇش ، ھامىلىدارلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەلىملەر بېرىلىشى كېرەك.
- چوڭلا كۆپىنچە بۇ ھەقتىكى گەپلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
- ھەممە ئۆز چۈشەنچىلىرىگە تالىق تۈرلۈك پىكىرلەرنى قىلىشدۇ.
مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپلەرگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلىرىمىزنىڭ پىكىرلەرى.
مېنىڭچە، ياشلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنسېرى يات جىنىسلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىشى ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جىنسىيەت ھەققىدە خيال سۈرۈشى ، جىنسىي ئاكتىپ بولۇشى تەبىئىي. لېكىن مەسىلىگە پەقەت فىزىئو – بىئولىگىيىلىك نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمى جەھەتتىن قاراش كېرەك. ياشلارغا جىنسىي تەربىيە بېرىش ئاتا – ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بۇرچى. چۈنكى، كۆپىيىش – نەسلىيەت ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ئىكەن، جىنسىي ھايات ھەققىدە تەربىيە بېرىش ھەم تەبىئىي زۆرۈرىيەت.
خۇش ، ئۇنداقتا بىز تورداشلار بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە – مۇھاكىمە قىلىپ باقساق:

ياشلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيىنى قاچاندىن باشلاش خوپ؟

كۆپچىلىككە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ياشلارغا بولغان جىنسىي تەربىيەت ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي.

شىۋىتسىيە: ئادەتتە بالىلار 7 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن جىنسىيە ھەققىدە دەسلەپكى تەربىيىلەرنى بېرىشنى باشلايدىكەن. باشلانغۇچ ئوقۇش يىلى تۈگكىچە 1-2 قېتىم مەخسۇس جىنسىيەت ھەققىدە لېكسىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى ساۋاتلار ئاساسەن ئۆزى ۋە جىنىسنى تونۇش بولىدىكەن.

گوللاندىيە : بۇ دۆلەت دۇنياغا مەشھۇر جىنسىي جەھەتتە تولۇق ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت. ئەمما، كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغان يېرى شۇكى، گوللاندىيىدە ياشلارنىڭ مەزگىلسىز ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. گوللاندىيىدە بالىلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيە 6 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە باشقا دەرسلىكلەرگە ئوخشاش مەخسۇس دەرسلەر تەسسىس قىلىنىدىكەن. ھەتتا ، ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرى << تەتقىقات >> لار ئىشلىشىدىكەن. گوللاندىيە ياش – ئۆسمۈلىرىنىڭ تۇنجى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشى ئوتتۇرىچە 17 ياش ئىكەن.

ئەنگىلىيە: ئەنگىلىيىدە بالىلارنىڭ ياش قورامىغا قاراپ 4 باسقۇچقا بۆلۈپ جىنسىي تەلىم – تەربىيە ئىشلىنىدىكەن. 5- 7 ياشلاردا ئادەم ئورگانىزمى ۋە ئادەمنىڭ ئەۋلاد قالدۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش؛ 8- 10 ياشلاردا ھاياتلىقىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئائىت ساۋاتلار ؛ 11 – 13 ياشلار ياشلىق مەزگىلىدىكى جىسمانىي ۋە پىسىخىك ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش، ئادەت كۆرۈش ۋە ئىسپىرما ھاسىل بولۇش ھەققىدىكى تەلىملەر؛ 14-16 ياشلاردا كۆپىيىش ھورمۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ۋە ئەر ۋە ئايال جىنىسلىرىغا ئائىت مۇرەككەپرەك مەسىلەر ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكا: %95 تىن ئارتۇقراق ھۆكۈت ئىلىكىدىكى مەكتەپلەردە جىنسىي تەربىيە بېرىش جەريانىدا ئەيدىز مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرى، ئۆزىنى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مەكتەپلەردە ياشلارغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن، ھەتتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدىكەن. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى، 3/1 مەكتەپلەردە جىنسىي ھەۋەسنى كونترول قىلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش دەرسلىرى ئۆتۈلۈپ، جىنسىي تۇرمۇشنى نىكاھدىن كېيىن باشلاش ھەققىدە تەشەببۇسلار ئىلگىرى سۈرۈلىۋېتىپتۇ.

فىنلاندىيە: فىنلاندىيىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپلا جىنىيسەت ھەققىدىكى مەزمۇنلار باشلانغۇچ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزلگەن بولۇپ، ھەتتا ، يەسلىلەردىمۇ جىنسىيەت ھەققىدىكى ئوقۇشلۇقلارنى چېلىقتۇرغىلى بولىدىكەن. << مېنىڭ بەدىنىم >>، << مىڭ بىر كېچە >> گە ئوخشاش ئوقۇشلۇقلارنى ئاتا – ئانىلار كۈندە بىر ھېكايىنى ئوقۇپ بەرگەندەك بالىلارغا سۆزلەپ بېرىدىكەن.
يۈكسەل بلوگى ئىلگىرى ‹‹ شىنجاڭدا جىنسىيەت تەربىيىسى باشلانغۇچ 4 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى ›› ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىش ئەمەلىيلەشتىمۇ يوق ئۇچۇر ئىگىليەلمەي قالدۇق. قېنى تورداشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشلارغا جىنسىي تەربىيە كېرەكمۇ يوق؟ كېرەك بولسا ئۇنى قاچاندىن باشلاش كېرەك؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقمايلىمۇ؟!…

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ياشلار ۋە جىنسىيەت : جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مۇنازىرە

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يالغۇزبۆرە مۇنداق يازغان:

    بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز.جىنسىيەت تەربىيسى ھەممىمىز بىلىشكە تىگىشلىك ئەقەللى تۇرمۇش ساۋتىنىڭ بىرى.چۈنكى ھەر قانداق بىر ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ھەممىمىز بۇ تەربىينىڭ مۇھملىقىنى بىلىمىزيۇ ئەمما بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا ئۇيۇلىمىز،باشقا بىرى كىلىپ بالىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە توغرا تەربىيە بىرىشىپ بەرمەيدۇ،ئاقىۋەتتە باللىرىمىز توغرا بۇلامدۇ-خاتا بۇلامدۇ ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىش قىلىپ تولدۇرغۇسىز پۇشايمانغىمۇ قالىدۇ.بۇ چاغدا ”ئۇيىلىش“نىمىلىكىنى ئاندىن تۇلۇق ھىس قىلىمىز.

    ئاساسى گەپكە كەلسەم :بىز چۇقۇم تەربىيە بىرىشىمىز كىرەك ،ئۇنداقتا تەربىينى قانداق بىرىمىز؟

    مىنىڭ قارىشمچە بولغاندىمۇ بىز ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىدىغان بولغاندىكىن ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيسىنى ئۆزىمىزگە دەرىسلىك قىلساق ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ دەپ قارايمەن . چۈنكى ياراتقۇچى ئۆزى ياراتقان ئىنسانغا قانداق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىقىنى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ!

    ئىسلام دىنىدا بۇ ھەقتىكى بىلىملەر تۇلۇق،ئەمدىكى گەپ دادا،ئانا بولغان بىزلەرنىڭ بۇ بىلىملەرنى قانداق قىلىپ چۈشەندۈرشىمىزدە قالدى،دىمەكچى،چۈشەندۇرۈۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىمىز چۈشىنىشىمىز كىرەك،بىزدە بۇ ھەقتە بىلىم بۇلىشى كىرەك.ئەمدى ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقايلى قېنى قۇرسىقىمىزدا قانچىلىك ئۇمىچىمىز بار؟

    ئامال قىلىپ ئىسلام دىندىكى بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى توپلاپ تورداشلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمەن .

  2. تورداش مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىدىكى بۇ يازمىنى كۆرۈپ سەل ئويلىنىپ قالدىم. بىزدە يانى كېلىپ ھېچقانداق ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى ئېنىق قىلىپ، جىنسىي تەربىيە بەرمەيدۇ. بەرسىمۇ ياكى ئانا تەرەپ يالغۇز ھالدا، ياكى ئاتا تەرەپ يالغۇز ھالدا بۇ خىل تەربىيىنى بېرىدۇ. ۋە ياكى بۇ خىل تەربىيىنى بېرىشكە ئانا ۋە ئاتا تەرەپ تازا مۇناسىپ بولمىسا ( يەنى ئارىدىسىكى پەردىشەپ جەھەتتىن ئاتا-ئانا ئالىدىدا بالا خىجىل بولىدىغان بولسا) شۇ بالىنىڭ ئاكىسى ( ئەگەر ئوبىكىت ئوغول بولسا)ياكى شۇ بالىنىڭ ئاچىسى ( ئەگەر قىز بولسا) دېگەندەك مۇناىسىۋىتى يېقىن بولغان كىشىلەر بۇ خىل تەربىيىنى بېرىدۇ. يالغۇز بۆرە دېگەن تورداشنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق. بىزدە بۇ ناھايىتى يۇشۇرۇن بولغان بىر تېما ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە بىزدە باشقا مىللەتلەردەك ئوچۇق-ئاشكارا سۆز قاتىدىغان ئىش يوق. بلوگ ئىگىسىمۇ بۇندىن كېيىنكى تېمىلىرىدا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغاي، خەقنىڭ يامان نەرسىلىرىنىمۇ مىسال سۈپىتىدە ئېلىپ يوللاۋەرسە، قانداق تەسدىر بېرىدىغانلىقىنى ھەممىزگە ئايان. ھەم بۇ ھەقتە بەك كۆپ ئەزۋەيلەپ كېتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      كۆز ئالدىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى يالغۇز جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ يېتىشسىزلىكىدىن بولغان دېيىشكە بولمايدۇ، بۇنىسى سۆزسىز. ئەمما، بۇ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىنىمۇ يوققا چىقىرۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ ھېلھەم، بۇندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانا – بالىلار مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە پەردشىەپ، شەرمىي – ھايالىق بولۇشىنى تەكتىلەيمىز، بەلكى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. ئەمما، شۇنى چوقۇم كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيىتىمىزدە مەدەنىيەت كۆپ قىرلىشىپ، بالىلار – ياشلىرىمىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت مۇرەككەپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، پاكىز بولماي قالدى. ياشلىرىمىزنى غىدىقلىغۇچى ئامىللار ھەممىلا جايدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاتا – ئانىلار يەنىلا سۈكۈت قىلىپ، زىيادە < < پەردىشەپ >> نى تەكىتلەپ، بالىلىرنى جىنسىيەت جەھەتتە مۇۋاپىق توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تاشقى غىدىقلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ تۇرمىغاندا، بالىلاردا گاڭگىراش، ھەتتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى كۆرۈلمەيدۇ ، دېگىلى بولمايدۇ.

      بىز بۇ مۇنازىرىدە، ئاتا – ئانىلار بالىلرىغا شەرمى – ھايا ، پەردىشەپنى قايرىپ قويۇپ، جىنسىيەت ھەققىدە تەربىيىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا باشلىۋەتسۇن، دېمىدۇق. بىز پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى رېئال مەسىلە ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەققىدە ھەرقايسى مۇنازىرىخانلىرىمىز بىلەن پىكىرلىشىپ باقايلى، بەلكىم مۇشۇ باھانىدە توغرا قاراشلار، ئۈنۈملۈك چارە – ئۇسۇللار ئوتتىرىغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ، ئويلىدۇق خالاس. ئۈمىدىكى، تورداشلار بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىگە سەل سوغۇققانلىق بىلەن، مەسىلىنى ئەتراپلىقراق ئويلاشقان ئاساستا قاتناشقان بولسا، بولۇپمۇ بىر – بىرىمىزگە تەنە قىلىدىغان كەيپىياتتا پىكىر قاتناشتۇرمىساق.

  3. ي.م.ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر جايدا (مۇنبەر، تور، باشقا تاراتقۇ) دا جىنسىيەت ھەققىدە گەپ بولسا ئەڭ تەسىر قوزغايدۇ. بۇ خۇددى، بىر تورداش «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دەپ تېما يوللىسا بۇ تېما ئالاھىدە بەك دىققەت ئىتىبارغا ئېرىشكەندەكلا ئىش.
    خوش، بىز جىنسىيەت ھەققىدە زادى قانچىلىك بىر نەرسە بىلىمىز؟ بۇ ھەقتە بىزدە قانچىلىك ئىزدىنىشلەر بولدى؟ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىمىز دە دېسىلا «پاھىشە» تېمىسىنى چۆرىدەپ ئەسەر يازىدۇ؟ مانا بۇلار بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە جىنسىيەت تېمىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    خۇددى تېما ئىگىسى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، بىزدە چوڭلار جىنسىيەت ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتىش (باشقىلار تەرىپىدىن «قېلىن»، «پاھىشىۋاز» ئاتىلىپ قېلىشتىن پەخەس قىلىش)، كىچىكلەر بۇ ھەقتە ھېچ نەرسە بىلمىگەچكە بۇ جەھەتتىكى ئانچىكى مەزمۇنغىمۇ ئالاھىدە دىققەت ئىتىبارىنى قارىتىش قاتارلىقلار بىر تەتۈر تاناسىپلىق ئەھۋال. مېنىڭچە جىنسىيەت ھەققىدە ئەڭ مۇھىمى ياشلار بالاغەتكە يېتىش باسقۇچىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيە قۇبۇل قىلمىقى زۆرۈر!
    ئالدىنقى مەزگىلدە بىر قانچە ساۋاقداش بىر يەرگە جەم بولۇپ قالغاندا، ئارىمىزدا بىر ساۋاقدېشىمىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا توي قىلىۋالغان ئىدى، بىز ئۇنىڭ تويدىن كىيىنكى بەزى پاراڭلىرىغا شۇنچە بېرىلىپ ئاڭلىدۇقكى، ھەتتا ئۇ ساۋاقدېشىمىزنى بۇنىڭدىن كىيىن تۇرمۇشىمىزغا يىتەكچىلىك بولىسەن دەپ ئالدىن 约了قىلىپ قويدۇق. دېمەك بىز جىنسىيەت جەھەتتىكى بىلىملەرنى بىلىشىمىز زۆرۈر. ئەگەر بىزدە يىتەرلىك جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىم بولمىسا توي قىلغاندىن كىيىن قانداق بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغىنىمىزنى بىر ئاللاھ بىلسە كېرەك….

  4. شاتلىق مۇنداق يازغان:

    بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيەسىنى چوقۇم كىچىگىدىن بېرىش كېرەك ،لېكىن تەربىيە بىرىشتە ئەڭ ئالدى بىلەن ئوزىمىزنىڭ دىنى ،ئورۇپ -ئادىتى ،ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇپ بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىگى ،خاراكتىرى بۇيىچە قوبۇل قىلالىغىدەك ھەم بەك ئۇچۇقلاشتۇرۋەتمەي تەربىيە بەرسەك مۇۋاپىق بۇلارمىكىن دەپ ئويلايمەن ،بالىلارنىڭ ياخشى – ياماننى ،كەلگۇسىدىكى ئىشلارنى ،ئاقىۋەتنى ئويلاش ئېڭى تېخى توۋەن ،بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تەربىيىمىزنى بالىلار ياخشى تەرەپتىن قۇبۇل قىلالىسا بۇنىڭ ئۇنۇمى ناھايتى چوڭ بولىدۇ ،لېكىن تېلۋۇزۇر ،ئەتراپىمىزدىكى ئادەم بار يوق دىمەيدىغان ھاياسىز قىلمىشلار تۇپەيلى كېلىپ چىققان ھەيران قېلىش بىلەن تەربىيەدىكى ئۇچۇقچۇلۇق تۇپەيلى كېلىپ چىققان قىزىقىش بىرلىشىپ بالىلارنى گاڭگىراش ھالىتىگە ئەكىلىپ قويساق بۇنى ئوڭشىماق تەس ،يەنىلا ئەڭ ئالدى بىلەن ئائىلىدەئەخلاق تەربىيىسى بىلەن جىنسىيەت تەربىيەسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كىېرەك ،بۇلۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئاتا – ئانىلار ئەڭ يۇكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئۇلگە بۇلۇش كېرەك .

  5. ئۆركەش مۇنداق يازغان:

    مەن يالغۇز بۆرە ئاداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن

ئۆركەش 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟