torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

شىنجاڭدا جىنسىيەت تەربىيىسى باشلانغۇچ 4 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى

شىنجاڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ «ساغلاملىق تەربىيىسى»دەرىسلىكى جىددىي تۈزۈلمەكتە

يۈكسەل AIDS  تور تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىن كروران تەييارلىغان

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك << ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساغلاملىق تەربىيىسى يېتەكچىلىك تىزىسى>> پات ئارىدا ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىلىرىغا تارقىتىلىدۇ. تىزىسقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان مەزمون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ مەخسۇس تىما قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇنجى قېتىم يېڭى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلۈپ مۇلاھىزە قىلىنغان.

8 -ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ھەر بىر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىدا بىر << ساغلاملىق تەربىيىسى >> دەرىسلىكى بار بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەخسۇس تارقىتىلىدىغان يېڭى دەرىسلىك ئىلگىرىكى ساغلاملىق تەربىيىسى دەرىسلىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەتراپلىق، مەزمۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە ساغلاملىق سەنئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەنۋەر ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم دۆلەت تارقاتقان تىزىسقا ئاساسەن رايونىمىز ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ساغلاملىق تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى، مەزمونىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، توردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، زەھەر چەكلەش، تويدىن ئىلگىرىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش قاتارلىق مەزمونلارنى يېڭى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلىدىكەن، ھەم جىنسى تەربىيە باشلانغۇچ 4-يىللىقنىڭ دەرىسلىك مەزمونىغا كىرگۈزىلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەل روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ موھىم باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا،قىزىئولوگىيىلىك،پىسخىك يېتىلىش ۋە تەرەققىياتىغا ،جەمئىيەت كۆزىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە،پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ،بولۇپمۇ دۇچ كەلگەن جەمىئىيەت رىقابەت بېسىمى ئاستىدا،ئولار ئۆگىنىش،تۇرمۇش،كىشىلىك مۇناسىۋەت،داۋاملىق ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش شۇنداقلا ئۆزىنى تونۇش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل ھەر تۈرلۈك پىسخىڭ ھودۇقۇش ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ.ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش ئۈچۈن،نۆۋەتتە،مائارىپ تارماقلىرى مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ << ساغلاملىق تەربىيىسى >> دەرىسلىكىنى تۈزمەكتە.

مەزكۇر دەرسلىكتە ئائىلە جەمئىيەت مەسىلىلىرى تۇنجى قېتىم مۇلاھىزە قىلىندى

ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى موھىم مەزمون قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ

تىزىسقا ئاساسلانغاندا،ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى،تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلتۈرۈش قاتارلىقلار نوقتىلىق ئۆتۈلىدىغان مەزمون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .ئەنۋەر ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئەيدىزنىڭ نىمىلىكىنى ئۆگەنسە،تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىدىن خەۋەردار بولىدىكەن.تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىق ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكىلەر «ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىك ۋە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار»،«ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش»،«ئەيدىز كېسىلىنى كونتىرول قىلىش تەدبىر-سىياسەتلىرى» قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆگىنىدىكەن.دەرىسلىك مەزمونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئوخشىمىغان ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تونۇش سەۋىيىسنى ئاساس قىلىپ بېكىتىلگە ن بولۇپ،بەش مەزمون ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز بىلىملىرىنى تەدرىجى چوڭقۇرلاپ ئىگەللىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

جىنسى تەربىيە 4- يىللىقتىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ

بۇ قېتىمقى ساغلاملىق دەرىسلىكىدە جىنسى تەربىيە بىلىملىرىگە ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنىسى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ياش چەكلىمىسى باشلانغۇچ 4-يىللىققا چۈشۈرۈلگەن.ئەنۋەر ئوسمان مۇخبىرغا مۇنداق دىدى:« شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېتىلىش يېشىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ،قىز-ئوغۇللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرىنى ئايرىم ئايرىم باشلانغۇچ 5- يىللىق ۋە تولۇقسىز تەييارلىق سىنىپ باسقۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغا بارغاندا،«ساغلاملىق تەربىيە»دەرىسلىك مەزمونىغا يەنە«جىنسىي خىيال ۋە ھاياجان»،«ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى»،«ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇشىنىڭ زىيان تەرىپى»قاتارلىق مەزمونلار كىرگۈزىلىدۇ.«

ئائىلە مەسىلىلىرى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلىدۇ

پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە قارىتا،بۇ قېتىمقى«ساغلاملىق تەربىيە» دەرىسلىكىدە چېتىلىدىغان مەزمونلار يەنىمۇ كۆپ.1-يىللىقتىن باشلاپ،ئوقۇغۇچىلار«قانداق قىلغاندا خوشال ئۆگەنگىلى بولىدۇ»،«كەڭ-قورساق بولۇڭ»،«ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىش»قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆگىنىدۇ.بۇلار ھەم پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. «ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كەتتى»،«ئاتا-ئانام ئىش ئورنىدىن قالدى» قاتارلىق تىمىدىكى دەرىسلەر تولۇقسىز 1-2-يىللىقنىڭ دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ،بۇ مەسىلىلەرنىڭ دەرىسلىكە كىرگۈزۈلىشى «ئالاھىدە» ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش جەريانىدىكى سەزگۈر باسقۇچتىكى پىسخىك بوراندىن ساقلىنىشىغا ياردىمى زور بولىدىكەن.

ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئاز دېگەندە 6 دەرس سائىتى

كىيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە 6-7 سائەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ساغلاملىق تەربىيىسى» ئېلىپ بارىدۇ. ئەنۋەر ئوسماننىڭ دېيىشىچە شىنجاڭدىكى «ساغلاملىق تەربىيىسى» دەرىسلىكى مەخسۇس ساغلاملىق تەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتۈلىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىك ماتېرياللار تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدىكەن«ساغلاملىق تەربىيەسى» دەرىسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»،«ئەخلاق ۋە جەمئىيەت»قاتارلىق دەرىسلىكلەر بىلەن، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى «بىئولوگىيە» دەرىسلىكى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلىدىكەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : شىنجاڭدا جىنسىيەت تەربىيىسى باشلانغۇچ 4 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. كروران مۇنداق يازغان:

    بۈگۈنكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا مۇشۇ تېمىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟