تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان 2009 – يىللىق قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئائىت كۆك تاشلىق كىتاب << جۇڭگو قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرەققىيات دوكلاتى >> ( 中国法治发展报告 ) دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.
مەزكۇر دوكلات جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، دوكلاتتا ، << كىملىك گۇۋاھنامە قانۇنى >> دا كىملىك گۇۋاھنامىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە – نىزام يوق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بانكا، ئۆي – مۆلۈك شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. ھەتتا، بانكىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىلىرىنىڭ كېلىشىمنامە – بەلگىلىمىلىرىدە پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ بانكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئورۇنلارغا تەمىنلەپ بېرىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقى بەلگىلەنگەن بولىدىكەن.
بۇندىن باشقا يەنە بۇ كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، << كىملىك گۇۋاھنامە قانۇنى >> دا پۇقرالارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بار بولسىمۇ، ئەمما ، نۆۋەتتە مەھەللە- ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئامانلىق خادىمىدىن تارتىپ، شىركەت دەرۋازىۋىنى، پويىز ۋاگۇنىدىكى كۈتكۈچىگىچە ھەممەيلەن ئاممىۋىي ئامانلىقنى ساقلاش نامى بىلەن خالىغانچە پۇقرالارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ يۈرىيدىكەن. ھەتتا بەزىدە پۇقرالار كىنوغا كىرسىمۇ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن.
جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش ناھايىتى ئېغىر
ۋاقىت:03-03-2009 / 20:24 / ئاپتور:Yuksel / سەھىپە:يەتتە ئىقلىمدا / زىيارەت: 138
جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش ناھايىتى ئېغىر
يازما مەنزىلى:
ئالدىنقى يازما: خۇدا خالىسا …
كېيىنكى يازما: غۇلجا شەھىرىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر