نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بالىلارغا ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك؟

بالىلارغا ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك؟

پەرزەنت ئاتا – ئانىلارغا تەڭرى تەرىپىدىن ئىرادە ئېتىلگەن بۈيۈك رەھمەتتۇر. پەرزەنت ئاتا – ئانىلارنىڭ بەخىت – ئامەت يۇلتۇزىدۇر. پەرزەنت ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇھەببەت دەرىخىنىڭ شېرىن مېۋىسى ھەم يىلتىزىدۇر. پەرزەنت ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ ئاداققىي ئۈمىد چىرىغىدۇر.
يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئاتا ئانىلارنىڭ ئالدى بىلەن دۇچ كېلىدىغىنى پەرزەنتلەرگە قانداق ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدۇر. ئەسلەردە مەھكەم تۇرۇشى كېرەككى، ئىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قىلغان تۇنجى ۋە ئىككى ئالەملىك سوۋغىسىدۇر. مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ. بالىغا قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ كىشىلىكى، كەلگۈسى، جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپىقىيىتى ۋە ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسىمنىڭ تاللىنىشى، دىققەت ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىزنىڭچە بالىلارغا ئىسىم قويۇشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. بوۋىقىمىزغا قويۇلىدىغان ئىسىملار دىنىي كۆرسەتمە – يۇسۇنلىرىمىزغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

(1) دىنىمىزدا قويۇش ھارام بولغان ئىسىملارنى قەتئىي قويماسلىق كېرەك. بۇلار ياراتقۇچىدىن باشقىغا قۇللۇق قىلىشنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار ( ئابدۇنەبىي، ئابدۇرەسۇل، ئابدۇلئەمىر دېگەندەك ) ، ياراتقۇچىغىلا خاس بولغان ئىسىملار ( رەھمان، خالىق دېگەندەك ) ، كوفىرىيلىقى روشەن بولغان ئىسىملار ( پېتىر، مەسىھ دېگەندەك )، ئىبلىس – شەيتاننىڭ ئىسمى ( تاغۇت ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك ئىسىم ئىسلام دىنىمىزدا قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان ئىسىملار بولۇپ، زىنھار قويۇشقا بولمايدۇ.
(2) دىنمىزدا قويۇش مەكروھ ھېسابلانغان ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇلار مەنسى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىسىملار، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىپ باشقىلارنى ئالاھىدە جەلىب قىلىدىغان ئىسىملار ( بولۇپمۇ قىزلارغا نىسبەتەن )، ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى، يامان ئىش، گۇناھلارنىڭ ناملىرى( ئوغرى، پاھىشە دېگەندەك ) ، دىن ياكى ئىسلام سۆزى قوشۇپ ياسالغان ئىسىملار ( نۇرىدىن، نۇرۇلئىسلام )، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان << ئابدۇل >> دىن باشقا سۆز قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار ( ھەسىبۇللا ، رەھىمتۇللا ) ، پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ناملىرىدىن ئىبارەت يۇقىرىدىكى 8 تۈرلۈك ئىسىملارنى قويۇش ئىسلام دىنىمىزدا مەكروھ سانالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ خىل ئىسىملارنى پەرزەنتلىرىمىزگە قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

دەلىلىي مەنبە: http://www.islamhouse.com/p/141338

2. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش كېرەك.

پەرزەنتلىرىمىزگە ئىمكانقەدەر مەنىسى چۈشىنىشلىك بولغان، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئىسىم قويۇشمىز لازىم. بۇ نۇقتىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق ھاجەتكى، بالىنىڭ ئىسمىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر پۇشتى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇ ھەر قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا ئۆز ئىسمىغا يوشۇرۇنغان گۈزەل مەنانى ( ئاتا – ئانىنىڭ ئۇشبۇ ئىسىمغا يۇغۇرىۋەتكەن مېھرى- مۇھەببىتى، ئۈمىد – تىلەكلىرى ) نى ئاڭقىرىپ تۇرالىشى كېرەك. تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىسىمنىڭ ئىنسان خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھالبۇكى بۇ خىل تەسىر پەقەت ئىسىم ئىگىسىنىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى دەخىلىسىز چۈشىنەلىشىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئاندىن مەيدانغا كېلىدىكەن. قارايدىغان بولساق، كىشىلىرىمىز نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان ئىسىملارنىڭ خېلى كۆپچىلىكىنىڭ ئەرەبىي ۋە فارىسىي ئىسىملار بولۇشى تۈپەيلى، پەرزەنتلىرىمىز ئۇ خىل تەسىرنىڭ غىدىقلىشىدىن مەھرۇم ھالەتتە ئۆسمەكتە.

3. ئىسىم قويۇشتا ئۇنىڭ پەرقلەندۈرۈش رولىغىمۇ ئىتىبار بېرىش كېرەك.

كىشىلەرنى بىرى – بىرىدىن ئايرىش، پەرقلەندۈرۈش ئىسىمنىڭ ئەڭ مۇھىم روللىرىدىن بىرى بولۇپ، بالىلارغا ئىسىم قويۇشتىمۇ مۇشۇ رولىغا سەل قارىماسلىق لازىم. يەنى ئەتراپمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا زىيادە كۆپ قوللىنىپ كېتىلگەن ئىسىملارنى ئىمكانقەدەر قويماسلىق لازىم. چامىمىزنىڭ يېتىشىچە يېڭى ، ئۆزگىچە ئىسىم قويۇشقا كۈچەش كېرەك. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆز مەيلىمىزچە مەناسى نائېنىق، ئېيتىلىشى غەيرىي سۆزلەرنى ياساپ ياكى كىنو – تېلېۋۇزۇرلاردىكى يات تائىپىلەرنىڭ ئىسملىرىنى قارا قويۇق قويۇشقا بولمايدۇ.

4. بالىغا قويۇلىدىغان ئىسىم ئاتىنىڭ ئىسمى ۋە شۇ جەمەتنىڭ تەگئاتى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.

بالىنىڭ ئىسمى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاتىسىنىڭ ئىسمى – تەگئاتى بىلەن قوشۇپ چاقىرىلىدۇ. شۇڭا، قويماقچى بولغان ئىسىم چوقۇم ئاھاڭدارلىق ۋە مەنا جەھەتتىن ئاتىنىڭ ئسمى – تەگئاتىغا ماس كېلىشى كېرەك.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ…

كەڭ تورداشلارنى مەزكۇر تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز. بەلكىم بىزنىڭ مۇشۇ ئەمگىكىمىز بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق بىر قوللانما تەييار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بالىلارغا ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن موللا چاقىرىپ ، ئەزان چاقىرىپ ئىسىىم قۇيىلىدىغان گەپكەن ، ھەتتا موللامنىڭ قويغان ئىسمى ھىساپ بۇلۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ( بالا يا موللامنىڭ بولمىسا) مانا بۇ تۇسالغۇ تۈپەيلى ( قورئاندىكى ئىسىمنى قۇيۇش) ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىسىملارنى قۇيۇش تازا ئۇمۇملىشىپ بۇلالمايۋاتىدۇ ، قورئاندا راستىنلا ئەرەبلەردىن باشقا مۇسۇلمانلار قورئاندا زىكرى قىلىنغان ئىسىملارنىلا قويسۇن دىيلگەنمىدۇ؟
    بۇ ئىسىملارنىمۇ كۆرۈپ باقايلى:
    ئىسمائىل مۇھەممەت ئىسمائىل مۇھەممەت ئىسمائىل
    بۇ بەش ئەۋلاتنىڭ دادىسى بالىسى نەۋرىسىنى قانداق ئايرىمىز، ئەلۋەتتە باش تەرتىپى بۇيىچە بولىدۇ ،بۇنداق قىلىش قۇلايلىقمۇ ؟
    بىرلا مەھەللىدە ، خىزمەت ئورنىدا ، ئشخانىدا ، مەكتەپتە ، سىنىپتا … ئوخشاش بىر ئىسىمدىكى كىشىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بۇلىشى ، يولداشلىرىمىز بىلەن بىللە ئشلەيدىغان بولغاچقا بۇلارغا قايتىدىن چوڭ ، ئوتتۇرا ، كىچىك … دىگەندەك ئىسىملارنىڭ قۇيۇلىشى …
    ھازىرقى پەن – تېخنىكا گۈللەنگەن دەۋردە كىملىك ، سوغۇرتا ، ئايلىق … قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنىشكىلەرنىڭ ئېلىكتىرونلىشىپ ، رەقەملىشىپ كىتىشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ يوقارقىدەك ئىسىملىرىمىز باشقىلارغا بۇلۇپمۇ ئۆزىمىزگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ، ئاددىيسى بانكىدىن پۇل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ يۇقارقى سەۋەپ تۈپەيلى مالامەت چەككەن دوستلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس …
    يىغىپ ئېيتقاندا ، كۆچەتنى كىچىگىىدىن پەرۋىش قىلماق بار ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش قۇلاي ئەمەس بولسا ، تەگئاتنى ۋاقتىدا قوللانساق ، بالىلىرىمىزغا ئىسىم قۇيۇشتا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىمۇ كۆپرەك قېزىپ چىقىرىپ قوللىنىپ تەگئاتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللانساق بۇنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە كەلتۈرگەن پايدىسى كۆپ بۇلار ئىدى.
    ئاخىرىدا مەن يەنىلا بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقات خىزمىتى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن ، كۆپچىلىكنىڭ قولىدىن كىلىدىغانلا تەشۋىقات بولسا كۈچەپ تارقىتىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمەن !!!

  2. ساخاۋەتچى مۇنداق يازغان:

    بۇ مەن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەڭ ياخشى پىكىر بۇلۇپتۇ ،مومكىن بولسا تەھرىرلىرىمىز كۆپرەك باش قاتۇرۇپ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى كەڭ تورداشلارغا يوللاپ بەرسە ياش ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى پۇرسەت بۇلاتتى .مەن ئىسىم قۇيۇش قوللانمىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىۋالسام دەيمەن .كۆپچىلىككە رەخمەت .

  3. alqin مۇنداق يازغان:

    مەن ئوغلۇمغا ئىمران دەپ ئات قويغان ئىدىم، ئۇ قۇرئاندىكى سۇرە ئال ئىمراندىن ئىلىنغان، بىلىشمچە ئىمران بۇۋى مەريەمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئىكەن . سىزنىڭچە بۇئىسىمنى قۇيۇش مۇئاپىقمۇ؟
    [reply=Yuksel,2009-06-10 03:55 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئىمران ئۆزى چىرايلىق ئىسىم. مېنىڭ جىيەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىمۇ ئىمران. ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن![/reply]

  4. قۇياش مۇنداق يازغان:

    بۇ قېتىم تۇغۇلغان بالامنىڭ ئىسمىنى ئىمران دەپ قويدۇق. قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قارىساق بالىغا ئال ئىمران دەپ دەپ ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ. ئىمران دىگەن ئىسىمنى قويۇشقا بولىدۇ.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئاتا بولغانلىقىڭىزنى قۇتلۇقلايمىز! ئاللاھ ئوغلىڭىز ئىمراننىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، دۆلىتىنى پۇزۇن قىلسۇن، ئىمان – ئىنسابىنى بەرسۇن، رىزقى – پىشانىسىنى كەڭ قىلسۇن! ئاكامنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىمۇ ئىمران ئىدى. بۇ ئىسىم چىرايلىق ئىسىم. مۇبارەك بولسۇن!

  5. شىر مۇنداق يازغان:

    شۈبھىسىزكى،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىسىمنى قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ چۈنكى باشقىلار مەلۇم كىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ.مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ.شۇ ئىسىم ئۇنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دىننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.ئىسىم باشقىلارغا مۇشۇ كىشى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئىسىم توغرىسىدىكى ھېسسىياتى خۇددى كىيىم بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ئوخشاش كۆزگە سىغمىغانغا ئوخشايدۇ.
    ئىسىم قويۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئىىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىسىملارنى قويۇشتۇر. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا بەزى ئىسىملارنى قويۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ ئىسىم قويغاندا شۇ ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
    تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان:
    1. ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىش،مەيلى ئۇ پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن.ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ياكى زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشتۇر.شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ھەرقاندان زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى قويۇشمۇ ھارامدۇر.مەسىلەن:ئابدۇلرۇسۇل (ئەلچىنىڭ قۇلى)،ئابدۇننەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)،ئابدۇلئەمىر (پادىشاھنىڭ قۇلى)دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ۋە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك بويسۇنۇشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.كىملەركى ئىسمىنى مۇشۇنداق قويۇۋالغان ئىكەن دەرھال ئۆزگەرتىش لازىم.مەشھۇر ساھابە ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:“مېنىڭ ئىسمىم ئەسلى ئابدۇ ئەمىر–يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە ئابدۇ كەئبە –ئىدى،مەن مۇسۇلمان بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ مېنى ئابدۇراخمان دەپ چاقىردى.“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.3/306,زەھەبى توغرا دېگەن)
    2 . پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇش.بەزى ئىسىملار پەقەت ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالاغىلا خاس بولغان ئىسىملاردۇر.مەسىلەن خالىق(ياراتقۇچى)،رازىق (رىزىق بەرگۈچى)، رەب ۋە رەھمان(ئەڭ شەپقەتلىك)دېگەندەك.بەزىلىرى پەقەت يىگانە ئاللاھقىلا خاس بولغان سۈپەتلەردۇر.مەسىلەن مالىك-ئەل-مۇلۇك(شاھلارنىڭ شاھى)،قاھىر دېگەنگە ئوخشاش.كىشىلەرنى بۇنداق ئىسىملار بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.كىم بۇنداق ئىسىم قوللانغان بولسا ئۆزگەرتىشى كېرەك.ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:“سەن ئۇنىڭ شېرىكى(ياكى ئوخشىشى) بارلىقىنى بىلەمسەن؟“(سۈرە“مەريەم“65-ئايەت)
    3. روشەن كافىرلارغا خاس بولغان ۋە كافىرلاردىن باشقىلار ئىشلەتمەيدىغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇل مەسىھ،بۇتروس(پىتىر)،جۇرجوس(گىئورگى)دېگەندەك ئىسىملارنى قوللىنىش ھارامدۇر.
    4. كىشىلەرنى تاغۇتنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.مەسىلەن ئىبلىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش دېگەندەك.
    يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك ئىسىمنى قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان.كىم بۇنداق ئىسىم قويىدىكەن ئۇ ئىسىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشى لازىم.
    تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك ئىسىمنى ئىشلىتىش مەكرۇھ:
    1. مەنىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. بۇنداق ئىسىملار مەنىسى ناچار،يېقىمسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ شۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ پەيغەمبەر نىڭ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.مەسىلەن،مەنىسى سەلبىي بولغان ھەرب(ئۇرۇش)،راشاش(چېچىش دېگەندەك مەنىدە)،ھەييام–تۆگىلەردىن تارقىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئىسمى-دېگەندەك يېقىمسىز ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.
    2. كىشىنى جەلب قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىسمىنى تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.باشقىلار قىزلارنى بۇ خىل ئىسىم بىلەن چاقىرغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ قىز توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
    3. ناخشىچى،ئارتېس قاتارلىقلارنىڭ ئېچىدىكى بەزى بىر ئەخلاقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىسىملىرىنى دوراپ قويۇشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئىسىملىرى بولسا قوللىنىشقا بولىدۇ،لېكىن مەقسەت شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بولۇشى كېرەككە ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرنى دوراش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
    4. يامان ئىش، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىسىم قىلىپ قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن،سارىق(ئوغرى) ياكى زالىم دېگەندەك؛فىرئەۋننىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن:فىرئەۋن،ھامان،قارۇن..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ .
    5. كىشىلەر ئارىسىدا يامان خىسلەتلەر بىلەن تونۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەرھىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)،قىرد(مايمۇن)دېگەنگە ئوخشاش.
    6. دىن ياكى ئىسلام دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن، نۇرىددىن(دىننىڭ نۇرى)،شەمسىددىن(دىننىڭ قۇياشى)،نۇرۇل ئىسلام،شەمسۇل ئىسلام دېگەنگە ئوخشاش.بۇنداق ئىسىملار كىشىگە ئۆزى لايىق بولمىغان سۈپەتلەرنى بېرىپ قويىدۇ.سەلەف ئالىملىرى بۇنداق ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە لەقەب بولۇپ چاقىرىلىشىنى يامان كۆرەتتى.ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ”مۇھيىددىن“(دىننى قايتا بەرپا قىلغۇچى)دەپ چاقىرىشىنى يامان كۆرگەن؛شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەم ئۆزىنىڭ لەقىبى بولغان ”تەقىيددىن“(دىننى قوغدىغۇچى)دېگەن ئىسىمنى يامان كۆرگەن.ئۇ دائىم:ماڭا بۇ لەقەبنى ئائىلەم بەردى،شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى“دەيتتى.
    7. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان“ئابدۇ“)يەنى ئابدۇللاھ (كەلىمىسىدىن باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.مەسىلەن ھەسبۇللاھ،رەھمىتۇللاھ دېگەندەك.شۇنداقلا رەسۇل سۆزىگىمۇ باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.
    8. پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن تاھا،ياسىن دېگەندەك.بۇ ئىسىملار ھۇرۇفۇل مۇقەتتەئ (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەربلەر؛مەنىسىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ-تەرجىماندىن)تۇر. ئۇئىسىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئەمەس.بۇ توغرىدا ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ئىبنۇل قەييىمنىڭ تۇھفەتۇل مەۋدۇد دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.109-بەت.
    بۇ ئىسىملارنى قوللىنىش،باشقىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش مەكرۇھتۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئىسمى بولسا،ئائىلىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش قېيىن بولسا قوللىنىۋەرسە بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى بەش خىل ئىسىم ياخشى ئىسىملاردىندۇر:
    1. ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرھماندۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:“ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراھماندۇر“(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس)
    2. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئابدۇ سۆزى قوشۇلغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇلئەزىز، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلمەلىك ،ئابدۇلئىلاھ،ئابدۇسسالام دېگەندەك.
    3. پەيغەمبەرلەر-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-نىڭ ئىسىملىرى.ھېچ شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ﯻﺴﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯻﺴﻤﯩﺪﯗﺭ.ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ ئىسمىدۇر.ئۇنىڭدىن قالسا ”ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر(سۈرە ”ئەھقاف“35-ئايەت)نىڭ ئىسىملىرى،ئىبراھىم،مۇسا، ئىيسا ۋە نۇھ.ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.
    4. ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىلىرىنىڭ ئىسىملىرى.رەسۇلۇللاھ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش مۇستەھەپتۇر.
    5. كىشىنى خوش قىلىدىغان،مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملار.
    ئىسىم قويۇشتا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
    1. شۇ ئىسىمنىڭ ئاشۇ كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.ئەگەر ئۇ شۇ ئىسىم سەۋەبلىك بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسا بەلكى دادىسىن ياكى شۇ ئىسىمنى قويغۇچىدىن رەنجىشى،يامان كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.
    2. تاللىماقچى بولغان ئىسىمنى بىر قانچە تەرەپتىن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.شۇ ئىسىم شۇ كىشىنىڭ ياشلىق ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۆسمۈر چېغىدا ياكى قېرىغان ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۇنىڭ پەرزەنتى پالانىنىڭ ئوغلى/ قىزى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ،دادىسى پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ دېگەنگە ئوخشاش.
    3. ئىسىم قويۇش دادىنىڭ ھوقۇقىدۇر.چۈنكى ئۇ بالا شۇ دادىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،پالانىنىڭ ئوغلى ،پالانىنىڭ قىزى دېگەندەك.لېكىن دادىغا نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئارزۇلىرىغا قۇلاق سېلىش،ئۆزى تاللىغان ئىسىم توغرىسىدا ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇستەھەپتۇر.
    4. بالا چوقۇم دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشى كېرەك.مەيلى دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسۇن،بالىسىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ھەتتا بالىسىنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقمىغان بولسۇن.بالىنى دادىسىدىن باشقا كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.پەقەت بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا،ئەگەر تۇغۇلغان بالا زىنادىن تۇغۇلغان بولسا ئۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشقا بولمايدۇ

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟