نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردا تور مەدەنىيىتى ھەققىدە رادىئو سۆھبىتى (ئۈن ھۆججىتى)

ئەتە، يەنى 2012– يىلى 4– ئاينىڭ 1- كۈنى ( يەكشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 8 دىن 9 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسى ‹‹ يەكشەنبىلىك سۆھبەت ›› تە، شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەد ئەپەندى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە يۈكسەل بلوگىنىڭ مەسئۇلى كەمىنە يۈكسەلنىڭ ئىشتىراك ئېتىشىدە ‹‹ ئۇيغۇرلاردا تور مەدەنىيىتى ›› نەقمەيدان سۆھبىتى ئاڭلىتىلماقچى. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى
يۈكسەل بلوگى

2012- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردا تور مەدەنىيىتى ھەققىدە رادىئو سۆھبىتى (ئۈن ھۆججىتى)

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ دىكتور ئاكاشقا بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئەگەر يۈكسەلكا سىلى كىيىن كۆرۈشۈپ قالسىلا خاپا بولماي مەن ئۈچۈن يەتكۈزۈپ قويغان بولسىلا.
    ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقاندا ئىمكان بار شەخسىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلسا، گەپ ئارىلىمىسا… ئاشۇ ئېلاننى ئازىراقلا قىسقارتسا پروگىراممىنىڭ ۋاقتىدا مەسىلە يوق مەنچە… ئادەم دىمەكچى بولغان گەپنى دەپ بولغۇچە گەپنى ئارىلىۋىتىپ… ئىشقىلىپ تازا قاملاشمىغاندەك ھېس قىلدىم… ئالىم ئەھەد ئەپەندىنىڭ بىر ئىغىز سۆزىنى مۇشۇ دىكتورغا سوۋغا قىلىمەن،«روزۋىت زۇڭتۇڭنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پەلسەپىسى» نى ئۆزىگە تەدبىقلىۋالسا!!!

  2. شەھەرلىك مۇنداق يازغان:

    سەھرالىققا تەكلىپ:
    بولسا، سىزمۇ مۇشۇنداق بىرەر پروگرامما ئىشلەپ باقسىڭىز، شۇ چاغدىكى ئىنكاسىڭىز بىلەن يۇقارقى ئىنكلاسىڭىزدا يەنىلا ئوخشاشلىق بولارمۇ؟ يەنە بىرى، توغرا جامائەت پىكرى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى يېتەكلەش – ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇرچىدۇر. ئېلاننىڭ ئاز – كۆپلىكى پروگراممىنىڭ نوپۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات. مېنىڭچە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «يەكشەنبىلىك سۆھبەت« پروگراممىسىدىكىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىچىدە، تورچىلىقنى قوللاۋاتقان نوپۇزلۇقلاردىندۇر. شۇڭا، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا» بولۇشىمۇ ئەقەللىي ساۋاتتۇر.

    • سەھرالىق مۇنداق يازغان:

      ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دەيدىغان گەپمۇ بار شەھەرلىك يولداش! ئەقەللىسى بىراۋ گەپ قىلىۋاتقاندا ھەر قانچە ئىش بوپ كەتسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتسە…بۇ نوپۇزلۇق ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان، نوپۇزلۇق پروگىرامما دىكتورنىڭ «ئەخلاق»ىما؟ بەلكىم مەن سەھرالىق بولغاچقا شەھەردىكى پروگىراممىلارنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغاندىمەن، ئەمما مەن ئاز- تولا بولسىمۇ«ئەدەپ» نى بىلىمەن. ئادەمنىڭ پىكىرى چېچىلسا كىيىنكى پىكىر كاللىغا كىلىپ بولغۇچە دەيدىغان گەپنى تاپالماي قالىدۇ.
      ئەمما مەن دىكتور ئاكاشنىڭ قىلغىنىنى خاتا دىمەيمەن، ئومۇمىيلىق ھەممىدىن مۇھىم، شۇندىمۇ شەخسنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك ئىدى.«قوللاش» نىڭ« يېتىلەش» مەنىسى چىقىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن بۇ پروگىراممىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن!!!

سەھرالىق 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟