ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى بارچە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن قىزغىن قۇتلۇقلايمىز، ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
«ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى» نى نورۇز پەيتىدە تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تور، رادىئو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مانا شۇ قۇتلۇق مىنۇتلاردا «ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى» نىڭ تۇنجى سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا نورۇزلۇق سۈپىتىدە سۇندۇق.

بۇ ساندا:
مۇقاۋا:

 

 


مۇندەرىجە:

 

 

مەزكۇر ژۇرنال قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ، ژۇرنالغا ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتىمىزدىكى ئەڭ نادىر، جانغا ئەسقاتىدىغان ماقالىلەر تاللاپ كىرگۈزلدى. ژۇرنال لايىھەلەش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەلەپلەرنى ئادەتتىكى نەشرى ئەپكارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەندى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ شارائىتنىڭ چەكلىك، تەجرىبىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى تورداشلار بىزدىن كۈتكەن ئۈنۈم ۋە سۈپەتكە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما، بىز بۇندىن كېيىن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شارائىتىمىزنى پەيدىنپەي ياخشىلاپ، «ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى» نى ساغلاملىق سۆيەر تورداشلارنىڭ ھەقىقى سىرداش دوستى بولۇشقا يارايدىغان، مۇنەۋۋەر تور ژۇرنىلى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز! سىزنىڭ قوللىشىڭىز، رېغبىتىڭىز، تەكلىپ-تەنقىدلىرىڭىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئەلۋەتتە.


قېنى ئەمىسە ژۇرنالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ!

ژۇرنالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.eldawa.com/magazine/201203.zip

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 03-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:03
كۆرۈلۈشى: 202 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=1997  [كۆچۈرۈش]