ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.
شۇنداق قىلىپ،  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

بېلەت تاشلاش سورۇنى: شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى

بېلەت تاشلاش تور مەنزىلى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3103-1-1.html

ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى ھەققىدە زۆرۈر ئىزاھاتلار:
       1. نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئامال كونكېرت ۋە ئىنچىكە بولدى.
2. ھەيئەتلەر ئىسىملىكى مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغانغا قەدەر ئاشكارىلانمىدى.
3. بىلوگى نامزاتلىققا كىرگەن بىلوگگىرلارنىڭ ھېچقايسىسى باھالاش ھەيئىتى گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈلمىدى.
4. بەزى بىلوگلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا ئېچىلمىغان ياكى نورمال بولمىغان قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نومۇر قويۇلمىدى ياكى نومۇر تارتىلدى.
5. باھالاش نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، بۇ يىللىق باھالاشتا ئالدىنقى يىللىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن بەزى بىلوگلار شالللىنىپ قالغان، يېڭىدىن خېلى كۆپ بىلوگلار سەپكە قوشۇلغان. بۇنى باھالاش گۇرۇپپىسىكى ھەيئەتلەرنىڭ يىللاردىكىگە نىسبەتەن كەڭرەك ساھەدىن تاللانغانلىقىدىن دېيىش مۇمكىن.

پائالىيەتنى ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىغۇچىلار:
      (ئورۇنلارنىڭ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
1. بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
2. مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
3. ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
4. مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
6. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
7. ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
8. ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
9. بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
بۇ ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر:
(ھەيئەتلەر ئىسىملىكى بىلوگ باھالاش نەتىجىسىنى شىركىتىمىزگە يوللاپ بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
      يۈسۈپ مۇھەممەت (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ خادىمى)
ئابدۇخېلىل ئوسمان (يەكەن ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى)
ئابدۇرېشىت نىياز (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر تورى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى)
ئابدۇقادىر جالالىدىن (شىجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)
يالقۇن روزى (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
نىزامىدىن ۋاھاپ ( ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
ئەلى (بىلكان ئېلېكتىرون شىركىتى يۇمشاق دېتال بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
ئابدۇرېشىت غۇپۇر (شىجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
بۇ ھەيئەتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر نومۇر قويۇپ تاللاپ چىققان بىلوگلار تىزىملىكى:
(باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئومۇمىي نومۇر جەملىمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىلدى)
باھالاشقا جەمئىي 61 بىلوگ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر تۆۋەندىكى 20 بىلوگنى تاللاپ چىقتى. بۇ 20 بىلوگنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شاللىنىپ قالغان 41 بىلوگقا يەنىمۇ غەيرەت، ئۈمىدۋارلىق تىلەيمىز. چۈنكى، پائالىيەت ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

بىلوگ نامى: تورخۇمارلار كۇلۇبى
تور ئادرېسى: http://www.torhumar.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 525

بىلوگ نامى: ئالىم ئەھەت بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.alimahat.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 509

بىلوگ نامى: بىر ھون بىلوگى
تور ئادرېسى:  http://www.birhon.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 495.5

بىلوگ نامى: 80 خالتا بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.80halta.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 489

بىلوگ نامى: ھەزرەت گىرافىكى
تور ئادرېسى: http://www.hezret.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 450

بىلوگ نامى: Jeck بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.jeckblog.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 438

بىلوگ نامى: شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.shahblog.net
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 424

بىلوگ نامى: يۈكسەل بىلوگى
تور ئادرېسى:  
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 418

بىلوگ نامى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
تور ئادرېسى: http://www.uyghurbeg.net
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 409

بىلوگ نامى: ئۈمىدلەن! بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.umidlen.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 406

بىلوگ نامى: ئالىم بىز بىلوگى
تور ئادرېسى:  http://alimbiz.net
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 405

بىلوگ نامى: گۈلەن بىلوگى
تور ئادرېسى:  http://www.gulenblog.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 404

بىلوگ نامى: تور سودا بىلوگى
تور ئادرېسى:  http://www.torsoda.net
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 390

بىلوگ نامى: ۋەتەن بىلوگى
تور ئادرېسى:  http://www.weten.me
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 389

بىلوگ نامى: بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى
تور ئادرېسى: http://bilnur.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 388.5

بىلوگ نامى: ئىلقۇت بىلوگى
تور ئادرېسى: http://blog.ilqut.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 387

بىلوگ نامى: لوپنۇرى بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.lopnuri.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 385

بىلوگ نامى: پىرېستان بىلوگى
تور ئادرېسى: http://prestan.net/blog
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 382

بىلوگ نامى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى
تور ئادرېسى: http://pasahet.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 380

بىلوگ نامى: روھچىن بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.rohqin.com
ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 377

تېما ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش ئورنىدىن بېلەت تاشلاپ، «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقايسىز.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59  غىچە بىر ئاي.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى [http://bbs.xjcfan.com]
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 بىلوگقا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ئەزا بولماي تۇرۇپ پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
5. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى.
6. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تورداشلارنىڭ نامزات بىلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نامزات بىلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
7. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

       تەشۋىقات رەسىملىرى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3110-1-1.html

بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
تور بېكەت:  http://www.xjcfan.com
ئېلخەت:  xjcfan@sina.com
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:34
كۆرۈلۈشى: 626 قېتىم
خەتكۈش: ، ،
يازما مەنبەسى: ?p=2093  [كۆچۈرۈش]