torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

10 چوڭ بلوگنى باھالاش توغرىسىدىكى غەلدى-غەشتى پاراڭلار

بۇ تېمىنى يېزىش-يازماسلىق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئاقىۋەت، ھېچبولمىغاندا كۆڭلۈمدىكى بەزى گەپلەرنى تورداشلارغا ئېيتىشنى، بلوگ باھالاش ھەققىدىكى بەزى غەلدە-غەشتە پاراڭلاردىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ قويغۇم كەلدى.
تورداشلارنىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە جەمئىي 3 نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىققان بولدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ، ئوي-دوڭقۇللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. باشقا ئىشلارنى دېمىگەندىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە كۆپ ئەقىدە، زېھىن، ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. نېمە ئۈچۈن؟!…  بىرلا سەۋەب، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنى چامىمىزنىڭ يەتكەن يېرىچە جانلاندۇرۇش، ئاشۇ ئۈن-تىنسىز بلوگ يېزىۋاتقان، ئۆزلىرىگە تالىق بولغان مۇئەييەن ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىلەن ھارماي ئەجىر قىلىۋاتقان بلوگگېرلار ئۈچۈن ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى سورۇن ھازىرىلاش، ئۇيغۇر بلوگچىلىق تەرەققىياتىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت خالاس! بۇندىن ئۆزگە مەقسەت-مۇددىئا بىزنىڭ ئۇدا بىرقانچە يىل، شۇنچىلىك زېھىن، شۇنچىلىك ۋاقىت، شۇنچىلىك ئەقىدە سەرپلىشىمىزگە زىنھار ئەرزىمەيدۇ……
شۇنىڭغا ھېچ كۆز يۇمالمايمىزكى، زور كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ، بلوگگېرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بولمىغاندا، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 3 يىللىق تارىخنى بېشىدىن كەچۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. پەقەت شۇنىڭغا ئوخشاپ كەتكەن تۈرلۈك شەكىلدىكى قوللاش سادالىرى بىزگە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملىق ياخشى تەشكىللەش ھەققىدە كۈچ-ماغدۇر بېغىشلاپ تۇرۇپتۇ.
ئەمما، ئىشلار ھەر زامان ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكىنى يوق. 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ ھەر نۆۋىتىدە گاھى ئۇنداق گاھى مۇنداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېشىمىزنى ئاغرىتقان، زېھنىمىزنى ئۇپراتقان، تورداشلارنى قاقشاتقان بولدى. مەسىلەن، 1-، 2-نۆۋەتلىك باھالاشلاردا ساختا بېلەت تاشلاش ئىشى بېشىمىزنى خېلى ئاغرىتتى. بولۇپمۇ 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشتا، تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولساقمۇ ساختا بېلەت تاشلاش ئىشى ئەدىسە ئەدىدىكى ھەرگىز بېسىقىپ قالمىدى. ئەڭ ئاخىرىقى بېلەت ستاتىستىكا قىلىدىغان چاغدا، كۆككەپتەر بىلەن ئىككىمىز ئۇدا 3 كۈن كېچىسى ئۇخلىماي ساختا بېلەتلەرنى بىرمۇ-بىر ئىلغاپ چىققانلىقىمىز بايقىدەكلا يادىمدا. تورداشلارمۇ بېلەت تاشلاش سىستېمىسىغا ئىزچىل گۇمانىي قاراشتا بولۇپ، باھالاشنىڭ نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلغان، ھەتتا بەزىلەر قايىل بولمايمۇ قويغان ئىدى. ئەمما، توردىن ئاز-تولا خەۋرى بار كىشى ئۈچۈن شۇنىسى سىر ئەمەسكى، ساختا بېلەت تاشلاشتىن مۇتلەق ساقلىنىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. cookies چەكلىسىڭىز كومپيۇتېرنى تازىلاپلا تەكرار تاشلىغىلى بولاتتى،IP نى چەكلىسىڭىز مودېمنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئاچسىلا ئالمىشاتتى-دە ، يەنە تاشلىغىلى بولاتتى. ئەڭ بولمىغاندا، 1 ئادەم بىرقانچە كومپيۇتېردا بىرقانچە بېلەت تاشلىغىلى بولاتتى… ھەممىدىن يامان يېرى، بىر قىسىم تورداشلاردىكى، بولۇپمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بلوگگېرلاردىكى كىشىلىك پەزىلەت، سەمىمىيەت شۇنچىلىك ئىدى.
2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشتا، گەرچە ۋاقىت ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە قىسىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۈچ ئاز سەرپ قىلىنغىنى، سەل قارالغىنى يوق. باشقا گەپنى دېمىگەندىمۇ، باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى ئالىم ئەھەت، قىسمەت، كۆككەپتەر، مىسرانىم، ئوسمانجان نوھ بىلىگيار، كروران، جۇلالىق، مەن قاتارلىق ئەزالار ھەر بىر بلوگقا ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، باھالاشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۆلچەملەر بويىچە بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، باھالاپ نومۇر قويۇپ چىقتۇق. بۇ قېتىم باھالاشنىڭ شۇنچىلىك ئەستايدىل بولۇنغانلىقىدىن، ئەسلىدە 25-چىسىلا باشلانماقچى بولغان بېلەت تاشلاش 26-چىسىلاغا سۈرۈلدى. چۈنكى، باھالىغۇچىلارغا 60 قا يېقىن بلوگنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ باھالاش ئۈچۈن 5 كۈن ۋاقىت يەتمىگەن ئىدى. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھېچبىر باھالىغۇچى ھېچقانداق بىر بلوگقا كۆزىنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويۇپ باھا بەرمىدى. باھالاشنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن باھالاش ھەيئەتلەرنىڭ سالاھىيىتى بىر-بىرىدىن مەخپىي تۇتۇلدى. ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ھەيئەت ئىكەنلىكىنى قىسمەت بىلمەيتتى، قىسمەتنىڭ ھەيئەت ئىكەنلىكىنى كۆككەپتەر بىلمەيتتى. ئىشلار شۇ قەدەر ئىدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆڭلىمىزدە پەقەت ۋە پەقەت بلوگگېر دوستلار ۋە تورداشلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي مەسئۇل بولۇشتىن باشقا نەرسە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى….
بۇ قېتىم بېلەت تاشلاشتا ئالدىنقى نۆۋەتلەردىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ساختا بېلەتتىن مۇتلەق ساقلىنىشنىڭ ئامالىنى ئىستىدۇق. ئاقىۋەت ھەيئەتلەر ئارا ئايرىم-ئايرىم كېڭىشىش ئارقىلىق ئىزدىنىش، مىسرانىم، بىلىك، نۇرقۇت، كروران قاتارلىق ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىرقەدەر نوپۇزلۇق ھېسابلانغان، ھەم ئوخشىمىغان ساھەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 5 مۇنبەرنى بېلەت تاشلاش سورۇنى قىلىپ بېكىتتۇق. مەزكۇر بېكەتنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بۇ پائالىيەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوللىدى. پائالىيەت سورۇنى قىلىنماقچى بولغان مۇنبەر پائالىيەت باشلىنىپ تاكى ئاخىرلاشقۇچە چوقۇم يېڭى ئەزا قوبۇللاشنى توختىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ 5 مۇنبەر بىزنىڭ تەلىپىمىزنى تېز سۈرئەتتە بەجا كەلتۈرگەن بولدى. ئەمما، شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، ئەسلى پىلانلغان مۇنبەر جەمئىي 7 بولۇپ، 2 مۇنبەر ئەزا قوبۇللاشنى توختىتشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش سورۇنى قىلىنمىدى. كۆرۈپ يېتىش قىيىن ئەمەسكى، بىر ئىشنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللاش ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەس.
شۇنداق قىلىپ، نەتىجىمۇ چىققان بولدى. ئەمما، 5 مۇنبەردىكى ئوخشاش ئىسىملىك ئەزالارنىڭ تاشلىغان بېلەت مەسىلىسى ئالدىمىزغا قويۇلدى. مەسىلەن، يۈكسەل ئىسىملىك تورداش ئىزدىنىش، بىلىك، مىسرانىمدا ئوخشاش پائالىيەت قىلىدىغان بولسا، بۇ تورداشنىڭ يۇقىرىقى 3 مۇنبەردە تاشلىغان بېلىتىنى قانداق ھېسابلاش مەسىلىسى ئالدىمىزغا تاشلاندى. ئاخىرىدا، بىز 5 مۇنبەردىكى ئوخشاش ئىسىملىك ئەزا تاشلىغان بارلىق بېلەتنى 1 تال ئۈنۈملۈك بېلەت دەپ ھېسابلاشنى توغرا دەپ قارىدۇق. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئادىل نەتىجىگە چەكسىز يېقىنلىشىمىز دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن 1-چىسىلا سائەت 0 دىن تاكى سەھەر سائەت 4 كىچە كۆككەپتەر، نۇرقۇت، كروران تورىدى ئەنقا ۋە مەن بېلەت تاشلاش جەريانىنى تەكشۈرۈپ، ھەر بىر مۇنبەردىكى بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ تەپسىلىي تېزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇش، تەكرار دەلىللەش ئارقىلىق ئىناۋەتسىز بېلەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئاخىرقى نەتىجىنى ئېلان قىلدۇق.
شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا مەيلى تەشكىللىگۈچى ھېسابلانغان مەن بولاي ۋەياكى باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، بېلەت تاشلانغان مۇنبەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولسۇن ھەممەيلەن ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىدۇق. رەسمىي نامزاتلىققا تاللانغان 20 بلوگ ھەقىقىي باھالاشتىن ئۆتۈپ ئاندىن تۇرغۇزۇلدى. ئەڭ ئاخىرقى 10 چوڭ بلوگمۇ بىرمۇ ساختا بېلەت ئارىلىشىپ قالماستىن تورداشلار تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلدى. مېنىڭ نەزىرىمدە، بۇ قېتىمقى باھالاشنىڭ نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ ئادىل، ھەققانىي بولغان بىر نەتىجىدۇر!
ئەمما، گەپ بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدىغانلىقى ئېنىق. جۈملىدىن، نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. بەزىلىرى نەتىجىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، شەرەپ ئىگىلىرىنى سەمىمىي قۇتلۇقلىسا، بەزى تورداشلار پائالىيەتنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىگە ئانچە رازى بولۇپ كېتىشمىدى. بەزى تورداشلار لىللا مەيداندا تۇرۇپ سەمىمىي پىكىر بەرگەن بولسا، بەزى تورداشلار تۈكى يوق پاراڭلارنى تولا قىلدى. سەمىمىي تەكلىپلەرگە قۇلاق سېلىپ، كېلەركى نۆۋەتلىك پائالىيەتلەردە پايدىلىنىشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن بولساق، تۈكى يوق پاراڭلارغا كۈلۈپ قويۇپ بولدى قىلدۇق. چۈنكى، ھېچ ئىش قىلمىغان كىشىگە ھېچكىم بىر نەرسە دېمەيتتى، ھەقىقىي ئىش قىلغاندا بولسا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق گەپلەر بولۇنۇپ تۇرۇشى بۇ نورمال ئەھۋال ئىدى.
ئاخىرىدا، بىزنى چۈشەنگەن، بىزنى قوللىغان، مەدەت بەرگەن، سەمىمىي تەكلىپ بەرگەن تورداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز! بىزنى چۈشەنمىگەن، قوللاشقا مۇھتاج پەيتلىرىمىزدە سۈكۈت قىلغان تورداشلاردىن ھەم رەنجىمەيمىز! قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزنى كۆرەلمىگەن، قەلبىنى رەشىك-ھەسەت قاپلاپ ئالغان، ئارقىمىزدىن پىتنە توقۇش بىلەن ئاۋارە يۈرگەنلەرنى ھەم كەچۈرىمىز، كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمىز!
خوش، دەيدىغاننى دېدۇق، قىلىدىغاننى قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى داۋام ئەتكەيمىز!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 10 چوڭ بلوگنى باھالاش توغرىسىدىكى غەلدى-غەشتى پاراڭلار

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!16 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› نىڭ غەلىبىلىك ئاياقلاشقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 10 نادىر بلوگ بولۇپ سايلانغان بلوگلارنىڭ بلوگىرلىرى سىلەرگە مۇۋاپىقىيەت يار بولسۇن!
    يۇقىرىقى تېمىنى ئوقىغاندىن كېيىن ئوبېكتىپ مەيداندا تۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشنى لايىق كۆردۈم. 2011 – يىلى ئۇيغۇرلاردا بلوگچىلىق ئالاھىدە گۈللەنگەن بىر يىل بولدى، بۇ خىل گۈللىنىشنىڭ ئەلۋەتتە ئوبېكتىپ ۋە سوبېكتىپ سەۋەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. لېكىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى 2011 – يىلىلا ئاسماندىن چۈشمىدى، بەلكى بىر تۈركۈم پىداكار بلوگېرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۈن – تۈنسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدە 2011 – يىلىغا كەلگەندە كۆلەم شەكىللەندى خالاس.
    يۈكسەل بلوگى ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدە قەدەمنى سەل بۇرۇن باسقان بلوگ بولۇپ تەرەققىياتى خېلى نەتىجىلىك دىيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر بلوگ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەردىن تارتىپ باشقىلار ئادەتتە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدىغان نۇقتىلارغىچە دەل ۋاقتىدا بلوگ تېمىلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ناھايىتى تېزلا كۆزنەك بلوگلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بلوگنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسى ئۆزگىچە، مەزمۇنلىرى سەرخىل بولۇپلا قالماستىن سۈپەت ئۆتكىلىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى. ئەڭ مۇھىمى ئوقۇرمەنلەر يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى ئۈن تۈنسىز ئېتىراپ قىلدى. سەۋەبى مەزكۇر بلوگ پەقەت ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەل بلوگى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر گېنىغا قوشۇۋەتكەن ئىدى.
    ئۇدا ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆتكۈزىلىۋاتقان « ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ » پائالىيىتىنى خۇددى يۈكسەل بلوگىنىڭ مەجبۇرىيىتىدەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق، ئەمىلىيەتتە بۇ كىملا قىلسا بولىۋېرىدىغان ئىش ئىدى، لېكىن مەسئۇلىيىتى چوڭ بولغاچ ھىچكىم بۇ يىل مەن ئۆتكۈزەي دىيەلمىدۇق. ئويلىغان بولىشىمىز تەبىئى، مەسئۇلىيىتىمىز، جۈرئىتىمىز يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى.
    بۇ يىلقى پائالىيەتنى يۈكسەل بلوگى 3- نۆۋەت ئۇيۇشتۇردى، ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل پائالىيەتنىڭ 3- يىلىغا ئەمدى قەدەم قويغانلىقىنى، پەقەت بىر يۈكسەل بلوگىدىلا مۇشۇنداق پائالىيەت بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلالىغىنىمىزدا، بۇ پائالىيەتكە ئەستايىدىل، سەمىمى مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئايان بولىدۇ.
    يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىدى بلوگلارنى قاتارغا تىزىپ، تەبىقە شەكىللەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بلوگ مەدەنىيىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بلوگېرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم دۇنياسىدىكى دونكىخوت ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بلوگچىلىق مەدەنىيىتىدىكى رىئال كۈچكە ئايلىنىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
    بىر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئارقىغا نۇرغۇن ئامىللار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بلوگىرلارنىڭ بۇ خىل ئامىللارنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  2. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    ھەي… ھىچكىمنى رازى قىلىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر جاھان… :shock:
    ئۇدا ئىككى قىتىملىق پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ سۈپىتىدە قاتناشقانلىق سالاھىيىتىم بىلەن، بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ باقاي.
    ئۆتكەن يىللىق پائالىيەتتە WordPress نىڭ ئاددىي بىلەت تاشلاش قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارە بىلەت تاشلاش ئىلىپ باردۇق، تورداشلارغا ئەڭ ياققان يىرى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا بىلەت تاشلىغىلى بولغانلىق ئىدى. بىراق كىم بىلسۇن، بىزنىڭ بىلوگلىرىمىزغا ناھايىتى «كۆيىنىدىغان»، ئىنتايىن «قابىلىيەتلىك» نامەلۇم بىر توردىشىمىز، ئومومى بىلەت سانى تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقتىن ئەنسىرىدىمۇ قانداق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتىدە نىقابلىنىپ، سىكونىتىغا 100 پارچە يۇقۇرى سۈرئەت بىلەن بىلەت تاشلاپ، تاس قالدى پائالىيەتنى ئىنتايىن يۇقۇرى پەللىگە چىقىرۋەتكىلى. بىز تېخى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ پۈتۈن ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ پائالىيتىمىزگە خۇددى ئامىركىنىڭ زوڭتوڭ سايلىمىدەك كۆڭۈل بۆلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمىز. ئاخىرىدا ئۇنداق بولماي چىقتى. نەچچە كىچە كۈندۈز ئولتۇرۇپ، 400مىڭ قۇردىن ئارتۇق مۇلازىمىتېر خاتىرىسىنى بىربىرلەپ ئىلغاپ چىقىپ، ئاخىرى مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقتۇق. ھەتتا كىم ئىكەنلىكىنى تىپىپ چىقىشقا بىر قەدەم قالغاندا، ئاچچىقىمىزغا ھاي بەردۇق، (تېپىپ چىقىشنىڭ مومكىن بولمايدىغانلىقدىن ئەمەس.) شۇ ۋاقىتتىكى مۇلازىمىتېر خاتىرىسى، نامەلۇم تورداشنىڭ ھەقىقى IP ئادىرىسى، مىنۇت سىكونىتلىرىغىچە يىنىمدا ساقلاغلىق. ئاخىرى شۇ تورداش ۋە شۇ ئەتراپتىكى تورداشلارغا نىسبەتەن، بۇ پائالىيەتنى سۇدىكى ئاي شولىسىغا ئوخشاش قىلىپ قويۇپ بولدى قىلدۇق. بەلكىم شۇ تورداش ھازىرمۇ مۇشۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلەتكەن رەزىل ۋاستىلىرىنى ياكى ئۆزىنىڭ نىمىشقا داۋاملىق كۆيۈمچانلىق قىلالمىغانلىقىنى ئويلاۋاتقاندۇ.
    بۇ يىلمۇ پائالىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ ھەقتە يۈكسەل ۋە نۇرقۇت ئەپەندىم سۆزلەپ بوپتۇ، شۇڭا مەن سۆزلىمىسەممۇ بولار.
    ھەر قىتىم مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى كەلگەندە، پائالىيەت جەريانىدا دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە تورداشلار ئىتراپ قىلىدىغان بىكەت باشلىقى، بىلوگلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كىلۋاتىمىز. تىرىشتۇق ئەمما ئامال قانچە، نۇقسانسىز ئىش بولمايدىكەن.
    يۇقۇرقىدەك قىيىنچىلىقلار ئارقىسىدا، يۈكسەل بىلوگىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ ئىشنىڭ پۈتۈن تورداشلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان ۋاقتىمدا، تورداشلاردىن بىر مەسىلىنى سوراپ باققۇم كىلۋاتىدۇ، ئەجىبا، تورداشلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپكە نىمە پايدىسى باردۇ؟ ئۆزىدىن باشقا بىلوگلارنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلارغا ئىلھام بىرىشتىن باشقا ئۆزىگە نىسپەتەن ھىچقانداق پايدا تاپالمىدىم، ھەقىقەتەن تاپالمىدىم. (تورداشلار ئىلان پۇلى بىرىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇۋال بولىدۇ.) ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ پائالىيەتنى ھەممە ئادەم ئىتراپ قىلغۇدەك، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاشلاپ بىرىمىزمۇ؟ ياكى مەيدىسىگە مۇشلاپ، مەن قىلالايمەن دەيدىغاندىن بىرسى بارمۇ؟ ياكى جاپاكەش بىلوگىلارغا بولغان كىچىككىنە روھى ئىلھامنىمۇ يوق قىلۋىتىش كىرەكمۇ؟
    ناۋادا بۇنداق پائالىيەت يوقالسۇن دەيدىغانلار بولسا مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ. (بۇ پىكىرگىمۇ بىلەت تاشلايمىز دەپ ئولتۇرمايمىز.)
    ناۋادا، نارازى بولدۇق بىراق، داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرەيلى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا پائالىيەتكە قارىتا، ئۈنۈملۈك، ياخشى، ئەڭ مۇھىمى قوللىنىشقا ماس كەلگۈدەك تەكلىپلەرنى ئايىماڭ، مەسىلەن: بىلەتنى نەدە، قانداق تاشلاش مەسىلىسى. ساقتىلىقتىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى (مۇھىمنىڭ مۇھىمى)، قايسى خىل ئۇسۇلدا باھالاش مەسىلىسى، پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات مەسىلىسى، مۇكاپات بۇيۇملىرى ۋە ئۇنىڭ چىقىملىرى مەسىلىسى دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر. (پائالىيەتنىڭ باھالاش تەرتىپى، قىسقىسى پائالىيەت پىروگراممىسى ئۆتكەن يىلى تۈزۈلگەن ئىدى.)
    بىز دىسەك ئىشلىتەرسىلەرمۇ دەپ ئويلىماڭ، چۈنكى بۇ بىلوگلارنىڭ ئەسلى باھالىغۇچىسى سىز.

  3. Jahangir مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە 3–قېتىملىق ‹‹10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى››نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياغلاشقىنى ھەقىقەتەن تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش،يازمىڭىزدا دىيىلگىنىدەك بەزى كىشلەرنىڭ ئازتولا قايىل ئەمەسلىق پاراڭلىرى ھەريىلى مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتىدۇ،ئىشىنىمىزكى ئاز بىر قىسىم كىشلەرنىڭ گەپ سۆزلىرى ھەرقايسىڭلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا بولغان ئىرادەڭلارنى چىكىندۈرەلمەيدۇ. بۇ يىللىق پائالىيەتكە بىلكان شىركىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىدىن مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. يۈكسەل بلوگىغا شۇنداقلا باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كېچە–كۈندۈز ۋاقىت چىقىرىپ ھەر قېتىملىق باھالاش ئىشلىرىنى خالىس تاماملىشى ھەربىر ئۇيغۇر تورچىلىرىنىڭ ئالىي ھۆرمىتىگە لايىق. ئاخىرىدا بۇ يىللىق 10 چوڭ بلوگ ، يۈكسەل بلوگى ، باھالاش ھەيئەتلىرى شۇنداقلا بىلكان شىركىتىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىنكى ھەربىر قەدىمىگە ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز!
    3 قېتىملىق تەجرىبە ساۋاقلار ياخشى يەكۈنلىنىپ كىلەر يىللىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ داغىدۇغىلىق ئىلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشبىز!

  4. ئىلكان مۇنداق يازغان:

    پەزىلەتسىز بلوگ ئىگىلىرى ۋە بلوگلارنىمۇ ئاشكارىلاپ قويۇڭلار. مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ نۇمۇسسىزلىق قىلغانلار نۇمۇسسىزلىقىنىڭ جازاسىنى تارتمىسا، كېلەر قېتىم باشقا نۇمۇسسىزلار يەنە كۆپىيىدۇ.

  5. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    بىرنى جازالاپ مىڭغا ئىبرەت قىلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن ھەممىمىز پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوللىدۇق سايلىنىپ چىققان بىلوگلار ھەممىمىزگە پايدىسى تىگىدىغان ھەممىزگە ئۆرنەك بولغۇدەك بىلوگ بولىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن

  6. تورلار دۇنياسى مۇنداق يازغان:

    ھەر يىلى مۇشۇ بلوگ سايلىمىغا قاتنىشىمەن ، ھېس قىلىشىمچە بۇ يىلقىسى ماڭا سەل نورمالسىز تۇيۇلدى .

  7. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    پەزىلەتسىزلىك قىلغانلار بىلوگىرلار ئەمەس. بەلكى پائالىيەتكە (بىلوگىرلارغا) سىرىتتىن زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلار.
    كۆزىتىشىمىزچە بىلوگىرلاردا پەزىلەتسىزلىك قىلغان بىلوگىرلار كۆرۈنمىدى. بۇ قىتىم بىر نەچچە قائىدىنى ئوچۇق ئىيتمىغان (ياكى تورداشلار چۈشەنمەي قالغانمۇ) بەش مۇنبەرنىڭ تۆتىدە بىر بىلوگقا بىلەت تاشلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. (بىراق بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس) بۇ بىلوگىرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئىيتالايمىز. جۈملىدىن، ئون چوڭ بىلوگلا ئەمەس، نامزاتلىققا تاللانغان 20 بىلوگنىڭ ھەممىسى شۇنداق پەزىلەتلىك، ئىشەنچىلىك بالىلار دەپ ئىشىنىمىز.

  8. ئىلكان مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەت كېيىنچە تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى. تۈزۈم، تەدبىرلەر مۇكەممەللىشىپ، ئۇقۇشماسلىق،ساختىلىق، غەلدى-غەشلىكلەرنىڭ ئاز يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  9. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچىمۇ بۇ قېتىمقى باھالاش ھالقىلىرى ۋە تەرتىپلىرى ناھايىتى چىڭ تۇتۇلدى.ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېلەت تاشلاش دائىرسىنى كېڭەيتىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتلدى.ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بىلەن بىلكان شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.بۇ نۇرغۇن بىلوگگىر دوستلارنىڭ بىلوگىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك يېزىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بولدى دەپ قارايمەن. تور دۇنياسدا بۇنداق چوڭ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماق ھەقىقەتەن قىيىن ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش.باھالاش ھەيئەتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرىپ قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشغا كۆپ كۈچ چىقاردى.ئارقىدىن ئۆسەك سۆز ۋە پىتنە قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس،بۇ ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋال.بۇنداق ئادەملەرگە «بىپەرۋا»دېگەن ناخشىدىكى «ماختىغانغا ئۇچۇپ كەتمىدىم،تىللىغانغا قىلمىدىم پەرۋا»دېگەن مىسىرالار كۇپايە قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا،2012-يىلىدا ئۇيغۇر بىلوگىرلىرى تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەر بىلەن ئۇيغۇر تورچلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشالايدۇ دەپ ئويلايمەن.ھەم شۇنداق بولىشىغا ئىشەنچىم كامىل.

  10. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    مەيلى قانداقلا قىلمايلى ، قانداق چارە ، تېخنىكا قوللانمايلى ھامىنى بىر قىسىم مەسىللەر بىلەن قوشۇلۇپ ھارغۇچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ چىقىدىغىنى ئېنىق . بۇلتۇرقى سايلامدىمۇ يۇكسەل ئەپەندى ئېغىز بۇرنىغىچە تويۇپ كەتكەنىدى . لېكىن شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا داۋاملىق تۈردە بۇ يىلقى پائالىيەتنى داۋام ئېتىپ كەلدى . مەن قارىساممۇ بۇ قېتىمقى تاللانغان 10 بلوگنىڭ ھەممىسى ئۇتۇقلىرىغا ھەقىقەتەن مۇناسىپ ئىكەن . شۇڭا مېنىڭچە ئەسلى يەنە داۋاملىق تۈردە بۇ پائالىيەتتىن ئورۇنسىز رەنجىشنىڭمۇ ئورنى قالمىغانتى …گەرچە ھازىرقىدەك ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان كۈنلەردە نادىر بلوگلار سانى 10 دىن ھەسسە ئارتۇق بولسىمۇ ، ھەممىسىنى بىراقلا نادىرلاشنىڭ ئورنى يوق . شۇڭا دوسلارنىڭ تولا قۇتىراتقۇلۇق قىلماي قوللاپ بېرىشىنى ، بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرماسلىقىنى ئۈمۈتلايمەن.

  11. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ھەممىسى نۇرمال ئىش، رەنجىش كەتمەيدۇ . تارىخىمىزدابىزرەنجىمىگەن قايسى ئىش باركىنتاڭ ؟!
    بۇ پائالىيەتنىڭ3-يىلىغا قەدەم قويۇشى ئاسان ئەمەس، بۇنى تەشكىللىگۈچىلەر، باھالاش پائالىيىتىگە ئەمگەك قىلغۇچىلارۋە بىز بلوگېرلار ،قىسقىسى ئەقەللىي ئىدراكى بار ئىنسان بىلىدۇ.
    بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىر يېڭىلىق دەپ قارايلى، ئۇ- ئۇيغۇرتورئاممىسىنىڭ ساپاسىنىڭ پەيدىن-پەي ئۆسىشىگە ئەگىشپ مۇناسىپ تۈردە مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.

  12. نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

    ھەممىنى تەڭ رازى قىلماق تەس. كونىنى قويۇپ 2012-يىللىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا تەيييارلىق كۆرەيلى.

  13. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    دېمىسىمۇ بېلەت تاشلاش ئىشىدا ساختىلىقتىن مۇتلەق ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس! بۇنى ھەر بىر بېلەت تاشلىغۇچى يۈرىكىنى بىر تۇتۇپ بېقىپ، ھەقىقى مەيداندا تۇرۇپ تاشلىمىسا بېكار.. شۇنىسى ئېنىقكى ھەقىقەت ھامان غالىپ كېلىدۇ. بۇ يىلمۇ تېخىمۇ كۆپ بىلوگىر بۇ ساھەگە قېتىلغۇسى. ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

  14. سۈرخان مۇنداق يازغان:

    5 مۇنبەردە بېلەت تاشلايدىغان ئىشتىن مەنمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. باشقا مۇنبەردە قانداقكىن بىلمەيمەن، مىسرانىمدا بىر ئەزانىڭ 3-5كىچە كىچىك ئىسىملىرى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىنى تىللايدىغان، قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان ئىشلىرى بار. بۇ ئەھۋالمۇ باھالاشقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تۇرغانلا گەپ.
    يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى مۇنبەرگە بىر ئادەم ئوخشاتمىغان ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان بولسا بۇمۇ ھەم باھالاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئەگەر مۇمكىن بولسا ھەقىقىي ئىسىم ۋە كىملىك نۇمۇرى ئارقىلىق بېلەت تاشلاشمۇ ياخشى ئۇسۇل ئىدى (ئەلۋەتتە بۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي ساقلىنىشىغا باھالاش گۇرۇپپىسى كاپالەتلىك قىلىدۇ).
    ئەمدى باھالاشمۇ ئاياغلاشتى، نەزىرىمىزنى كىلەر يىلدىكى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا ئاغدۇرساق.

  15. قاپلان مۇنداق يازغان:

    دادام ۋاپات بولۇپ كىتىپ پائالىيەتكە بېلەت تاشلىيالمىدىم. يېقىنىمدىن ئايرىلىپ خېى بىر كۈنگىچە ئىسىمنى يىغالماي يۈرۈپ قالدىم. كۆپ جاپا تارتىڭىلار.
    مەنمۇ ئەمدى ئاستا ئىسىمگە كىلىپ تىلەك بىلوگىنى ئۆزگىچە تىلەكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      دادىلىرىنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن بىزمۇ قايغۇرىمىز. ھەممەيلەن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز، كېچىكتۈرمەستىن بىزمۇ يېتىپ بارغايمىز. كۆپ قايغۇرماڭ!
      مېھرىبان ئاللاھتىن ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋمى- قېرىنداشلار ئۈچۈن چەكسىز مەغفىرەت تىلەيمىز!

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟