ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» باشلانغاندىن بېرى، كەڭ بلوگگېر دوستلار ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە سازاۋەر بولدى. شۇ تاپتا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ئىدىتلىق ھالدا داۋام ئەتمەكتە. توررداشلارنىڭ پائالىيەتكە پىكىر-تەكلىپ قاتناشتۇرۇش، نامزات بلوگلارنى كۆرسىتىش قىزغىنلىقى ھەقىەتەنمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. ئەمما، پائالىيەتنىڭ كۆلەم ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات قاپلىنىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا روشەن چەكلىمىلىككە ئېگە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا، مەزكۇر تېمىدا بلوگگېر دوستلارنى، كەڭ تورداشلارنى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىرى بولۇشقا تۆۋەنچىلىك بىلەن تەكلىپ قىلىمىز!
نېمىلا دېمەيلى بۇ ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق بولغان، بەلكى شۇنىڭدىكى كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئۆزگىچە بىر مەنزىرە. بۇ مەنزىرىدىن تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىمۇ بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز ، ئەلۋەتتە! بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 3- قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تور ساھەسىدە ئۈزۈلمەي 3 نۆۋەت داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پائالىيەتلەر يوق دېيەرلىك بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر بلوگچىلىق تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز، دەپ قارايمىز. خۇلاسە، ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش يالغۇز يۈكسەلنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى بارچە بلوگگېر، كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق ئىشى! شۇنداقكەن، كەمىنە يۈكسەل يەنە بىر قېتىم بلوگگېر دوستلارنى، كەڭ تورداشلارنى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق، يىللاردىكىگە قارىغاندا يەنىمۇ بەكرەك داغىدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!
ئەسكەرتمە: مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىمىزغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، مۇشۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار يازما-ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بلوگ، مۇنبەر، توربېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىش مەنزىلى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇلغان بولسا، تورداشلارمۇ كىملەرنىڭ قانداق كۈچ قوشىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ قالغان بولساق، رەھمەت!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا كۈچ قوشىۋاتقانلارغا
يەنىلا ئۆزەم دەسلەپ قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش تېمىسىنى ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم.
مۇناسىۋەتلىك مەنزىل: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئۇيغۇر ئۇلىنىشى 2011-يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ 10 چوڭ بلوگ سايلاپ باھالاش ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ شۇنداقلا بېكىتىمىز مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ!
باھالاشتا تاللانغان 10 چوڭ ئۇيغۇر بلوگى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇلىنىشىمىزدىن مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ شۇنداقلا شۇ بلوگ ھەم بلوگگىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا تونۇلۇشى ئۈچۈن تەشۋىق خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.
ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ مۇشۇنداق خالىسانە ياخشى ئىشلارغا باش بولۇپ بەرگىنىگە شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشبىز!
ئۇدۇن بلوگى مەنزىل:http://udun.me باش بېتىدە ئېلان بېرىلدى. ئۇندىن باشقا ئوغلان تورىدا(http://oghlan.net) ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈمەكچى…
ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=66278
مىسرانىمدا ئېلان قىلىندى.
2011 يىللىق 10 داڭلىق بلوگنى باھالاش پائالىيتى باشلىنىپتۇ http://www.alxat.net/2859.html
ئوغلان تورىدا ئېلان رەسىمى قويۇلدى، مەنزىل: Oghlan.Net
ئوغلان مۇنبىرىدە تەشۋىق تېما يوللاندى، مەنزىل: Oghlan Munbiri
[...] ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بلوگ [...]
كەمىنە ھېچكىم كىرمەيدىغان بلوگۇمدا تەشۋىق قىلىپ قويدۇم،تەشۋىقات رەسىملىرىمۇ پۈتۈۋاتىدۇ!http://bilikyar.net/complex/2011-yilliq-10-chong-blog.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! يۈكسەل بىلوگىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدىكى 3- قېتىملىق ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› نى باھالاش پائالىيىتى ياخشى داۋاملىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ھەم رىقابەتمۇ كەسكىن بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. تەشۋىق ئىشلىرى دەسلەپكى قەدەمدە باشلاندى. تەشۋىق رەسىمى ئەلۋەتتە بۇ پائالىيەتنىڭ ئوبرازى بولۇپ قالغۇسى! تەشۋىق رەسىمىگە ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۈچى يەتكۈچە تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە تېزراق پۈتۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن!
چەۋەندازلار ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيدۇ!
جۇلالىق بلوگىغا 2011-يىللىق بلوگلارنى باھالاش تېمىسى يوللاندى.
مەنزىل: http://www.julaliq.com/?p=10483
يەتتە قىزلىرىم مۇنبرىگىمۇ 2011-يىللىق بلوگلارنى باھالاش تېمىسى يوللاندى.
يازما مەنزىلى: http://www.7qiz.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2602&page=1&extra=#pid20526
ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=5778
باغداشتا ئېلان قىلىندى
ئىزتىل بلوگىدا تەشۋىق قىلىندى ، مەنزىل :http://www.iztil.com/?p=743
ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
http://bbs.sodiger.net/read.php?tid=245
سودىگەردە ئېلان قىلىندى
كروران تورىمىز يۈكسەل بلوگى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتنىڭ يىللاردىكىگە ئوخشاشلا مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئادىل ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ھەم بۇ پائالىيەتنى يېقىندىن قوللايمىز. مەزكۇر پائالىيەت كروران تورىدا تەشۋىق قىلىندى، ھەم داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تېما ئادرېسى: http://www.kroran.net/ud/thread-4963-1-1.html
مەنمۇ شىنلاڭ قاتارلىق تورلاردا تەشۋىق قىلىۋاتىمەن .
ئالىم بىز بلوگىمۇ 2011- يىللىق ئون چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى باشلىدى.
مەنزىل: http://www.alimbiz.net/?p=1644
«ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» مۇ تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ تەشۋىقاتنى باشلىۋەتتى.
مەنزىل: http://atesh.biz/?p=4024
«ئۆزقان بىلوگى»مۇ مۇناسىپ ھەسسە قوشۇشقا تىرىشتى.
http://www.ozkani.com/on-qong/html
مېنىڭچە بالىلار ئۆزى كۆنگەن، بىلگەن بلوگلارنىلار كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۆزىنى تەشىق قىلمايدىغان بلوگ دېگەن جىق. بۇنىڭدا قانداق قىلىپ پائالىيەتنىڭ ئادلىققىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى يوقما؟؟ يىڭى بىلوگلارنى قوللاش يۇزىسىدىن ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى بىرىڭلار، ھەريىلى بۇ 10چوڭ بىلوگغا سايلىنىدىغانلار يەنە شۇ ئالدىنقى يىلدىكىلەر بۇلىدۇ، چوڭ ئۆزگۇرۇش يوق، ما بىزدەك كىچىكلەر يەنە قالىمىز.
بوغلام مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق بلوگى http://www.boghlan.com/?p=547 دىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلدى، پات ئارىدا قۇتيار توردىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلمەكچى
قۇتيار تورىغىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان بېرىلدى http://qutyar.net/mb/forum.php?mod=viewthread&tid=2538&page=1&extra=#pid24269
كەڭساي قاتارلىق بىرقانچە مۇنبەرلەرگە يوللاندى. ئەڭ مۇھىمى ئوكيان تورىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈلۈپ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ زور تەشۋىق قىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇردى! شۇ مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان ئوكيان تورى يازغۇچىسىغا ۋە ئوكيان تورىغا ئۆزۈمنىڭ نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.رەھمەت سىلەرگە!
بەكتۇر تورىغا تەشۋىق ئېلانى چىقىرىش ئىشى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى.
http://bektur.com/index.html