torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاڭ!

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى. نامزات قوبۇل قىلىش ۋە نامزات بېكىتىش باسقۇچى ئارقىلىق 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 27-دېكابىردىن يەنى بۈگۈندىن باشلاپ تاكى 31-دېكابىر كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدىغان، 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلدى.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە جەمئىي 5 كۈن.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: ئىزدىنىش مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، بىلىك مۇنبىرى، نۇرقۇت مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى (جەمئىي 5 مۇنبەر)
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان مۇنبەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى ياكى بېلەت سىستېمىسىغا 27-دېكابىردىن ئىلگىرى تىزىملانغان ئەزالارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ‹‹ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى›› دىكى ‹‹ 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرى ›› دېگەن تۈردىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
6. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى
شىنجاڭ مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن مىسرانىم ئەپەندى

شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن ئوسمانجان نوھ بىلىگيار
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز)
كروران تورى ۋە بلوگىدىن كروران (قىز)
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل

10 چوڭ بلوگقا نامزات قىلىنغان بلوگلار

 

بلوگ ئىسمى

ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرى

1

80خالتا بلوگى

630.4

2

ئالىم ئەھەت بلوگى

619

3

قىسمەت بلوگى

615.3

4

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

614.1

5

ئىلقۇت بلوگى

611.6

6

جېك بلوگى

610.2

7

تەدبىركار بلوگى

606.5

8

ۋەتەن بلوگى

604.6

9

شاھ ئۇيغۇر

598.7

10

كۆككەپتەر بلوگى

596.3

11

پرېستان بلوگى

588.3

12

پاسىبان بلوگى

585.7

13

تورخۇمار بلوگى

580.2

14

خالاستان بلوگى

580.1

15

تۇرپان تەزكىرىسى

579.4

16

نۇھ بلوگى

575.1

17

لوپنۇرى تور خاتىرىسى

574

18

ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بلوگى

570.9

19

كروران بلوگى

570.7

20

باي دادام بلوگى

569.9

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى


بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ بلوگنى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش›› سەھىپىسىگە نەزەر سېلىڭ!

 

ئەمسە تۆۋەندىكى مەنزىللەردىن كىرىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلاڭ!

 

1. ئىزدىنىش مۇنبىرى

2. مىسرانىم مۇنبىرى

3. بىلىك مۇنبىرى

4. نۇرقۇت مۇنبىرى

5. كروران مۇنبىرى

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاڭ!

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!23 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    مەن باشلاپ كەتتىم ئەمسە. ئىزدىنىشتا كۆرۈشەيلى!

  2. قاپاقچى مۇنداق يازغان:

    ئۇتۇقلۇق بولغاي

  3. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    چەۋەندازلار بىلەت تاشلاش نامزاتلىقىغا كىرگەن بىلوگلارغا ۋە بىلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ سالىمىنى يوللايدۇ! ئۇتۇق سىلەرگە يار بولغاي!

  4. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    بىلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يەنىلا بۇرۇنقىدەك بېرىلگىنى ياخشى دەپ ھېس قىلدىم.

  5. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ھە قېنى دوستلار، قىزغىن-قىزغىن بېلەت تاشلاپ يۈكسەلباينىڭ باش ئاغرىقىنى تۈگەتمەيلىما؟ :lol:

  6. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئاپلا…ھەدەپ ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىمگە توغرىلاندى بۇ ئىش…

  7. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مىسرانىم ۋە بىلىك كۇلۇبىدىن ئۇلىنىش چۈشۈپ قاپتۇ :smile:

  8. [...] قوزغىشى مۇمكىن! تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بىلەي دېسىڭىز «يۈكسەل بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېما»غا ئىشتىرااك [...]

  9. مەريەم خېنىم مۇنداق يازغان:

    ۋولقان بىلوگىغا بىلەت تاشلىغىلى ماڭدىم ئەمسە…………. ;-) :lol: :o

  10. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئاخىرى باشلىنىپتۇ ماۋۇ بىلەت تاشلاش. مەن تېخى 22-چىسلا باشلىنىدۇ دەپ يۈرۈپتىكەنمەن. ساقلاپ كۆزۈم 4 بولدى. :razz:

  11. مەريەم خېنىم مۇنداق يازغان:

    ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى داۋاملىق سايلىنىش پۇرسىتىدىن چىكىنىپتۇ،كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدا……….. :cry: :cry:

  12. ۋولقان مۇنداق يازغان:

    ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن چىكىنىدۇ. تەپسىلاتىنى بىلوگىمدا ئېلان قىلىپ قويدۇم. باشقۇر غۇچىلارغا ۋە كۆپچىلىككە رەھمەت.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      شۇنچە بلوگلار ئارىسىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا رەسمىي 20 نامزات بلوگنىڭ ئارىسىغا تاللىنىشنىڭ ئۆزى ۋولقان بلوگىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سەۋىيىسىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا، سىز تىلغا ئالغان سەۋەبنىڭ ئاساسىمۇ ئاجىز دەپ ھېسابلايمىز.
      بۇندىن باشقا، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق بلوگگېرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىدىكى ئىش ئەمەس. نامزاتنى تورداشلار كۆرسىتىدۇ، باھانىمۇ تورداشلار بېرىۋىرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە قانداقتۇر چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس.

  13. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    لوپنۇرى تور خاتىرسىنىڭ نامزاتلىققا تاللانغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.ھەم غەيرەتكە كەلدىم.دوستلارنىڭ مېنى قوللىغىنىغا،ماڭا مەدەت بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۈر.

  14. نۇھ مۇنداق يازغان:

    2011 -يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاللىقاچان باشلانغانلىقى ھەم كەمىنە نۇھ بلوگىنىڭمۇ نامزاتلانغىنىمنى ئاڭلاپ، يۈكسەل تۇرايىغا كەلگىنىمدە پائالىيەت رەسمىي ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىپ بولۇپتۇ. ئۆزۈمنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرىپ قېلىشىدىن ھەيران قالدىم دىسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى شۇنچە كۆپ نادىر بلوگلار ۋە تىرىشچان بلوگېرلار تۇرغان يەردە، يېڭىلىنىشى ئاستا، يازمىلىرى ئېغىر، قاراتمىلىقى كۈچلۈك نۇھ بلوگىنىڭ تاللىنىشى ئىككى مەسىلىنى، بىرى بلوگ ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدە ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر خېلى بارلىقىنى، يەنە بىرى بولسا بۇ يىلقى پائالىيەتتە بلوگلارنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ،ئۆزۈممۇ ئىككىنچى قاراشقا مايىلراق تۇرىمەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، نەچچە يىلدىن بېرى بۇ پائالىيەتنى ئىزچىل ئۇيۇشتۇرپ كېلىۋاتقان يۈكسەل ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ تۇراسىغا ھەم بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتىگە بارىكاللا!

  15. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ قېتىم بېلەتتىن خېلى زىيات تارتىدىغان ئوخشايمەن. بىزنىڭ بلوگنى ئوينايدىغانلا تۈزۈك مۇنبەر ئوينىمايدىكەن. لېكىن بۇ پائالىيەت بۇ قېتىم پەقەت مۇنبەر ئەزالىرىغىلا بېلەت تاشلاش ھوقوقى بېرىپتۇ. :|

  16. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەن ئۆزەم ياختۇرغان بىر بىلوگنى ئونتۇپ قاپتىمەن.يەنى سەرخۇش بلوگىنى دىمەكچى ئىدىم.www.serhush.com

پاسىبان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟