torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› كەڭ تورداشلار ۋە بلوگگېرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئىزدىنىش، بىلىك، مىسرانىم، نۇرقۇت، كروران قاتارلىق 5 نوپۇزلۇق مۇنبەر مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئادىل بېلەت تاشلاش سورۇنى ھازىرىلاپ بەردى( خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، يۇقىرىقى مۇنبەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتە كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىم 1 مۇ ساختا بېلەت تاشلانماي، پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە چىن بولۇشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى ). ھەرقايسى بلوگلار ، ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز چامىلىرىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ جاي بېرىشتى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق تورداشلار ۋە تور بېكەت – بلوگلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، مىننەتسىز تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت، قىسمەت، كۆككەپتەر، مىسرانىم، ئوسمانجان نوھ بىلىگيار، كروران، جۇلالىق قاتارلىق باھالاش ھەيئەتلىرىگە ئېھتراملار بولسۇن!

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 20 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلغان ئىدى. جەمئىي 2548 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 78 پارچە بېلەت تەكرار تاشلانغان بېلەت ( يەنى ئوخشاش ئىسىمدىكى 1 كىشى 5 مۇنبەردە 5 بېلەت تاشلىغان بولسا پەقەت 1 بېلەت دەپ ھېسابلاندى) دەپ قارىلىپ، ئۈنۈملۈك بېلەت 2470 پارچە بويىچە ھېسابلاندى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھەرقايسى بلوگلار ئېرىشكەن بېلەتنىڭ جىق – ئازلىقىغا قاراپ چىقىرىلدى. تۆۋەندە، ناھايىتى قايناق ھاياجان بىلەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ئېلان قىلىمىز:

 

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

 

دەرىجىسى بىلوگ ئىسمى تور مەنزىلى ئىرىشكەن بىلەت سانى
1 80خالتا بلوگى http://www.80halta.com 303
2 ئالىم ئەھەت بلوگى http://www.alimahat.com 275
3 تورخۇمار بلوگى http://www.torhumar.com 187
4 شاھ ئۇيغۇر بىلوگى http://shahblog.net 185
5 جېك بلوگى http://jeckblog.com 172
6 تەدبىركار بلوگى http://www.tedbirkar.net 164
7 ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى http://www.uyghurbeg.net 161
8 ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com 122
9 ۋەتەن بلوگى http://weten.me 120
10 كروران بلوگى

http://blog.kroran.net/

98


10 چوڭ بلوگنى مۇكاپاتلاش خۇسۇسىدا

1. مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان 80 خالتا  بىلەن ئالىم ئەھەت  بلوگىغا ئوخشاش ھالدا بىلكان شىركىتى تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى بىلكانپەد مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
بىرىنچى باھالانغان بلوگ ئۈچۈن: 8 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.
ئىككىنچى باھالانغان بىلوگ ئۈچۈن: 8 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.

2. قالغان بلوگلارغا  ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قاتار بويىچە، ئۈچىنچى بولغان تورخۇمار بلوگىغا 500 يۈەن، تۆتىنچى بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا 400 يۈەن، بەشىنچى بولغان جېك بلوگىغا 300 يۈەن، قالغان 5 بلوگنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن نەقپۇلنى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىدۇ.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقىتى
مۇكاپات بارلىق بلوگلارغا 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. نەقپۇلنىڭ ۋاقىت سۈرۈكى 3 كۈن، بىلكانپەدنىڭ 2 ھەپتە.

ئاخىرقى سۆز

2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئاجايىپ تېز يۈكسەلگەن بىر يىل بولدى. ئۇلۇغ-ئۇششاق تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى بۇ ساھەگە تىكىلدى. ئارقا-ئارقىدىن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى، فىلىملەر ئىشلەندى. بۇقايناق مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالمىغان يۈكسەلمۇ «ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر ! » دەپ ئەلگە چوقان توۋلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يۇقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،نۇرغۇن ئوي – دوڭغۇللارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بلوگگىرلار قوشۇنى زورايماقتا، بارغانسېرى تاۋلانماقتا، بلوگلار بارغانسېرى پىشىپ يېتىلمەكتە، سەرخىللاشماقتا. ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ دىققەت – نەزىرى بارغانسېرى ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى بلوگدىن ئىبارەت بۇ يورۇق يۇلتۇزغا ئاغدۇرۇلماقتا. ئەل بلوگگىرلاردىن يېڭى نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە…
ئەڭ ئاخىرىدا، << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش >> پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان يۈكسەل بلوگى ۋە باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار يۇقىرىدا جاكارلانغان << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەرقايسى بلوگلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيدۇ.

بۈگۈن سىلەر ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق! بۈگۈن ئەلنىڭ ئالقىشى پەقەت سىلەر ئۈچۈن!!! ھارمىغايسىلەر ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ھارماس تۇلپارلار !

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!25 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    شۈكرى… شۇنداق قىلىپ بۇ 2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاپ چىقۋالدۇق، بۇ بەلكىم جاپاكەش بىلوگىرلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر ياخشى جاۋاب بولغۇسى دەپ ئويلايمەن.
    چوڭ بىكەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا ساقتىلىق قىلمىشىڭ سادىر بولۇشى نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن شارائىتتا، بۇ يىلقى بىلوگلارنىڭ باھالاش جەريانىدىكى رىقابىتى، يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ (دەرىجىگە تىزىلغان بىلوگلارنىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانىدىن بۇنى كۆرۋىلىش مومكىن.) بىلەت سانى پەرقىنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كىچىك بولۇشى سەۋەبلىك، چۈشكەن 2500دىن ئارتۇق بىلەت بىرمۇ بىر سىلىشتۇرۇپ چىقىلدى، شۇڭىلاشقا بىلوگىرلارغا ئەڭ ئادىل بولغان جاۋابنى بىرەلىدۇق دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىڭى يىلدا بىلوگىرلارغا يېڭىچە ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

    • بىلكان مۇنداق يازغان:

      ئالدى بىلەن بىلكان شىركىتى نامىدىن «2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» شەرىپىگە نائىل بولغان بىلوگلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

      ​«2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» نى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن يۈكسەل بىلوگىغا، باھالاش ھەيئىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

      ​بىلكان شىركىتى «2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» باھالاش پائالىيتىدىكى ئالدىنقى ئىككى بىلوگنى بىر 8 دىيۇملۇق، بىر 7دىيۇملۇق پەد بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بولغان ئىدى. شىركىتىمىز ۋەدىسى بۇيىچە باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بىرىنچى كۈنى(يەنى بۈگۈن-2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى) بىر بىلكان پەدنى سەكسەن خالتا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندىگە يوللانما قىلىپ سالدى. يەنە بىر بىلكان پەدنى ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

      ​ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا بىرىلمەكچى بولغان 7 دىيۇملۇق بىلكان پەدنىڭ سىناق ئىشلىرى تېخى تاماملىنىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئوخشاشلا 8 دىيۇملۇق بىلكان پەد بىرىلدى(مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشنى كىچىكتۈرۈشنى خالىمىدۇق).

      ​مۇكاپات بىرىلگەن پەدلەرگە «2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» خاتىرە سۆزى يېزىلىپ مەخسۇس تەييارلاندى.

      ​ئەسلى ئون بىلوگ باھالانغان ئىكەن ھەممىسىگە مۇكاپات بىرىشىمىز كىرەك ئىدى. بۇنىڭغا ئۆزرىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا بۇ يىللىق (2012-يىللىق) باھالاش پائالىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشقا تىرىشىمىز. يىڭى بىر يىلدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ نادىر بىلوگلارنىڭ بارلىققا كىلىشىنى، بىلوگ مەزمۇنلىرىنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەگە يىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

      بىلكان ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

      2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

       

       

      • نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

        گۈللەپ روناق تېپىشىڭلارغا تېلەكداشمەن. بۇ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپراق ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

  2. نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرىۋاتقان بۇ پائالىيەت بىزنىڭ بلوگ تىپىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا خېلى زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. بلوگلار سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە سۈپەت جەھەتتىن ياخشىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.
    پائالىيەت نەتىجىسىنىڭ ئادىل چىقىرىلىشى بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولغان ئىشلارنىڭ بىرى. شۇنداقتىمۇ پائالىيەتنىڭ باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر(بولۇپمۇ كۆك كەپتەر ئەپەندىم)نىڭ بۇ جاپالاردىن باش تارتماي، باسقۇچ ۋە قاتلام بۇيىچە رەتكە تۇرغۇزۇش، قايتىلانغان تەكرار بېلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق جاپالىق باسقۇچلارنى ئېغىر كۆرمەي ئەستايىدىللىق بېلەن ئېلىپ بېرىشى نەتىجىنىڭ ئادىللىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈردى دەپ ئويلايمەن. گەرچە تور شارائىتى سەۋەبىدىن بلوگقا باھا بېرىشكە بىۋاستە قاتناشمىغان بولساممۇ، پائالىيەت باشلانغاندىن تارتىپ ئىزچىل دېققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. نۇرقۇت دۇنياسىدىكى بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا بەلگىلىمە خىلاپ بېلەت تاشلاش ئىشلىرىنىڭ ئالدى ئېلىندى، ھەمدە بۇ خىل ناچار قىلمىشمۇ بايقالمىدى. مېنىڭچە باشقا بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىدىمۇ بۇ خىل ساختىپەزلىك قىلمىشى كۆرۈلمىدى دەپ ئويلايمەن.
    بۇ پائالىيەت ئىلگىرى بلوگ نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، مانا بۇ يىل چوڭ شېركەتلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تېلەكداشمەن. بۇ يىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلكىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سىزنىڭ كىلەر قېتىملىق پائالىيەتكىچە بلوگىڭىزنىڭ سۈپىتى ۋە رولىدا قانداق ئۆزگىرىش ياسىيالىشىڭىزدۇر! بلوگگېرلارنىڭ كېلەر يىللىق پائالىيەتكىچە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  3. Miss مۇنداق يازغان:

    مارەك بوسۇن ! ئۆمەرجانغا بىلكانپەد كەپتۇ بىرزاتكا :mrgreen:

  4. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    10 چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان ھەرقايسى بلوگگىرلارنى تەبرىكلەيمەن! :razz:

  5. كۆكتېكىن مۇنداق يازغان:

    10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن بىلوگ ئېگىلىرىگە تەبرىكلەر ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق بىلوگگىر دوستلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەكلەر بولغاي! يۈكسەل ئەپەندى، ئەلداۋا ساغلاملىقى، بىلكان شىركىتىنىڭ يېڭى يىلدا ئىشلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەي~

  6. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    ئون چوڭ بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بلوگىرلارغا مۇبارەك بولسۇن!ئۇيغۇر بلوگچىلىقى سىلەرگە ئوخشاش نادىر ھەم سەرخىل بىلوگلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى!بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان يۈكسەل ئەپەندىگە،پائالىيەتنى ئىقتسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئەلدۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەر ياغدۇرسۇن!بارلىق بىلوگىرلارنىڭ يېڭى يىلدا يېڭىچە قەدەملەر بىلەن يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  7. [...] تۆۋەندە، ناھايىتى قايناق ھاياجان بىلەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ئېلان [...]

  8. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    پائالىيەت نەتىجىسىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، باھالانغان نامزاتلارغا قايىلمەن ، (بىلىشىمچە) يىڭىدىن نامزاتلىققا كىرگەن ئالىم ئەخەت مۇئەللىمىڭ بىلوگى ۋە ساۋاقدىشىم كىرورەننىڭ بىلوگىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
    بىرزات ھەكىمنىڭ باللىرىنىڭ بىلىكان ئايپەد ئويناپ ئولتۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ، خۇشال بولىۋاتىمەن .
    ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن ،مۇبارەك بولسۇن .
    ماۋۇ گەپنى چۇشەندۇرۇپ قويۇڭلار ماڭا .؟
    ( يەنى ئوخشاش ئىسىمدىكى 1 كىشى 5 مۇنبەردە 5 بېلەت تاشلىغان بولسا پەقەت 1 بېلەت دەپ ھېسابلاندى)
    بۇنداق بولغاندا بىر كىشى بەش مۇنبەردە بەش خىل ئىسىمدا بولسا ، ئۇ تاشلىغان بىلەتنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتلىك بولامدۇ ؟
    ئەگەر مەن ھەممە مۇنبەرگە بىرلا خىل ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرگەن بولسام ، ئۇنداقتا مەن تاشلىغان بەش تور بەتتىكى بىلەت بىرلا بىلەت سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىنسا ، سەل باراۋەرسىزلىك بارمۇ قانداق .

    • ھۆرىيەت مۇنداق يازغان:

      بۇ پائالىيەت باشلانغان چاغدا ئەزا تىزىملاشنى توختاتتى ياكى يېڭى تىزىملاتقان ئەزالار بېلەت تاشلىيالمايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.

    • ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

      مېنىڭچە بۇ پەقەت ئىسمىغىلا ئەمەس بەلكى ئوخشاش IP دا تىزىملاتقان ياكى ئوخشاش IP دا ئوخشىمىغان ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرگەن بارلىق ئىسىملاردىمۇ ئوخشاش بىرلا بېلەتنى ئىناۋەتلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىنى ھەر قايسى تور بېكەت ئاتامانلىرى چوقۇم ئالدىنئالا ئويلىشىپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن

  9. بۆرەيار مۇنداق يازغان:

    ھەرقايسى ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگلارنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن! مۇبارەك بولسۇن!

  10. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن! 10 نادىر بلوگلارنى تەبرىكلەيمىز

  11. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 نادىر بىلوگنى ۋە بىلوگگىرلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن! ئۇيغۇر بىلوگ يىلى ھەقىيقەتەنمۇ نەتىجىلىك بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولغۇسى! ئاخىرىدا ئەلداۋا شىركىتىگە ۋە بىلكان شىركىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

  12. ناتىق مۇنداق يازغان:

    شۇنداق قىلىپ ئاخىرلىشىپتۇ ئەمدى 2012 يىللق ئۈچۈن تىرشايلى…

    10بۇلغانلا بولسۇن 10 كىرەممىگەنلە بولسۇن ھەممىڭلار جاپا چەكتىڭلار….

    ھەممىڭلارنىڭ ئۇيغۇر بىلوگىغا قاتقان تۆھپەڭلارغا باركاللا..

  13. ھاڭۋاىتى مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىغا چوقۇم «مۇنەۋەر تەشىكللەش مۇكاپاتى» بىرىش كېرەك ئىدى .

  14. راخمان مۇنداق يازغان:

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇنداق بىر نوقتىغا بەك سەل قارالغان:
    مۇنبەرلەرنىڭ رولى زىيادە چوڭايتىۋىتىلگەن. مەن بىلىدىغان بلوگقا قىزىقىدىغانلار مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرمەيدۇ. دىمەك، بلوگنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغان كىشلەرگە بلوگنى باھالىتىپ چىقتۇق. دىسەم گەپ ئاۋۇت كىتىدۇ.
    يۈكسەلكا، بۇ قېتىم ئىشلارنى يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلغاندەك تۇرىسىز.
    ئۇيغۇربەگ بلوگىدىكى «بىلكان پەد ئىشقىدا» دىگەن فىلىمنى كۆرسىڭىز خاتا گەپ قىلمىغانلىقىمنى بىلىسىز، ئۇ فىلىم بىر قىسىم بلوگ يازغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ دەو قارىدىم.

  15. فورمات مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاش بىر قىسىم كەسپىي بلوگلارغا تازا ئادىل بولمىدى ، بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى بلوگ دىگەننى تازا چۈشەنمەيدۇ ، مىسرانىمدىكى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھېلقىدەك ۋال ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان 主页لىرىنى كۆرستىپ ، مەنمۇ قاتنىشسام بولامدۇ دىگەن ئىنكاسلىرى دەلىل بولالايدۇ، بولۇپمۇ پرىستان بىلەن ئۇيغۇربەگە بلوگچىلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىۋاتسا، تېخى پرىستاندىن باشقا بىرەر ئۇيغۇر ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب ياساپ باقمىدى، بۇ يەردىكى تۇنجى قەدەمنى شۇلار دەل مۇشۇ 2011-يىلى باسقان ئىدى ، لىكىن سىلەر بىر توپ بلوگنى چۈشەنمەيدىغانلارغا بىلەت تاشلا دېسەڭلا ، ئۇلار ئۇسلۇب دىگەن نىمە ، بىلوگ دىگەننى قانداق قۇرىدۇ دىگەنلەرنى بىلمىسە ، ئۇيغۇربەگ پرىستانلاردەك بىكارغا ئۇسلۇب ياساپ تارقىتىۋاتقان ، ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ رەڭگارەڭ بولىشىدا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشىۋاتقانلار بىراقلا كەينىگە ئۆتۈپ قالىدۇ دە ،ئۇيغۇربەگنىڭ يىللاردىن بۇيانقى نەتىجىسى بىلەن بۇ قېتىمقى نەتىجىسىنىڭ پەرقى بۇنچە زور بولىشىنىڭ سەۋەبى مېنىڭچە مۇشۇ بىلەت تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدە . مەن بلوگىر ئەمەس لىكىن بلوگلارغا دائىم دىققەت قىلىپ تۇرۋاتىمەن ، ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرەرسىلەر

    • كۆكتېكىن مۇنداق يازغان:

      مېنىڭچە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئادىل بولدى. چۈنكى تېخنىكىلىق بىلوگلارغا پەقەت كەسىپ ئىچىدىكىلەرلا قىزىقىدۇ، ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر بولسا ئۆزىنى جەلىپ قىلالامدۇ يوق، ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلەلەمدۇ يوق دېگەنگىلا قارايدۇ. خۇددى ئادەتتىكى ئادەملار ئاشخانىلارغا كىرىپ پەقەت تاماقنىڭ تەمى قاتارلىقلارغا قىزىققاندەك، ئۇلار ھەرگىزمۇ تاماقنىڭ تارىخى، ئېتىلىش ئۈسۇلى قاتارلىقلارغا قىزىقمايدۇ. شۇڭا ئېنىقكى تېخنىكىلىق بىلوگلار گەرچە بىلوگ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىدە كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ ئەمما ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلار ئۇنى چۈشۈنمەي قالىدۇ. بىراق ئاشۇ تېخنىكىلىق بىلوگلارنىڭ تۆھپىلىرىنى چۈشەنگەن كىشىلەر ھەم كەڭ ئەقلىي – ھۇشى جايىدا بولغان بىلوگگىرلار مېنىڭچە ئۇيغۇربەگ، پىرىستاندەك تېخنىكىلىق بىلوگچىلارنىڭ بىلوگلىرىغا چوقۇم ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بىلەتلىرىنى تاشلاشتى. بولۇپمۇ ۋوردپرەسچىلەر تېخىمۇ شۇ. شۇڭا تېخنىكىلق بىلوگلارمۇ ھەرگىز كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلگىنى، تۆھپىسىنىڭ ئىنكار قىلىنغىنى يوق. بەلكىم كىلەر يىلىدىكى بىلوگ سايلىمىدا بىلوگ تېخنىكا مۇكاپاتى دېگەننىمۇ تەسىس قىلىپ تېخنىكىلىق بىلوگلارنى ئايرىم ھالدا سايلاش كېرەكتۇ… ئەمما مېنىڭچە مۇكاپات ۋە نام – ئاتاق ئانچە مۇھىم گەپ ئەمەس، مۇھىمى كەڭ بىلوگگىرلارنىڭ ئۆز خاھىشى ۋە مەيلى بويىچە مەيلى ئاڭلىق مەيلى ئاڭسىز ھالدا ئۇيغۇر تورچىلىقىنى يۈكسەلدۈرىشى ھەم سىز ۋە مېنىڭ بىلوگلارغا، بىلوگ سايلىمىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنىمىز… ئۇيغۇر مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىش كېرەك…

  16. باي دادام مۇنداق يازغان:

    10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئىرىشكەن بىلوگلارنى قىزعىن تەبرىكلەيمەن . مۇبارەك بولسۇن !

    بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلىشىشى ئۅچۅن ئەجىر سىڭدۅرگەن يۅكسەل ئەپەندىنىمۇ ھەم تەبرىكلەيمەن .

    مۇبارەك بولسۇن ! ھارماڭ !

  17. ھاڭۋاىتى مۇنداق يازغان:

    ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم . تەكلىپ :
    كىلەر نۆۋەت يۇقارقىدەك سايلاش بولغاندا نوقۇل «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ» دەپ چىڭ ئىسىلىۋالماي ، تۈرلۈك ناملاردا مۇكالاتلاش ئارقىلىق رىغبەتنى ئاساس قىلساق .

    بىراق مېنىڭچە يۇقارقى تورداشلارنىڭ پىكىرىدىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى ، بۇ تۈردىكى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى يىللاردىن بىرى مەزمۇن ۋە تەسىر دائىرىسى جەھەتتىن زورىيىۋاتىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ . شۇڭا كېيىنكى نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى مۇكاپاتلاشنى ئىلىپ بارغاندا بالدۇراق كىڭىشىپ تىخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ، تېخخمۇ ئادىل قىلىشقا تىرىشساق دىمەكچىمەن .

  18. تەجەللى مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن سىلەرگە…..مەن تەجەللى تخىمۇ تىرىشىپ سىلەردىن ئىشىپ كىتىشكە تىرىشىمەن….بىلوگىم قۇرۇلغىلى نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ،لىكىن تەرەققىياتى يامان ئەمەس بولۋاتىدۇ….ۋاقتىڭلار يەتسە كىرىپ بىقىڭلار بولمىسا،سىلەرنى قارشى ئىلىش ئادىرسىم:http://www.tejelli.com/

  19. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    نېمىدىگەن چىرايلىق بىلوگلار بۇ ھە! مۇبارەك بولسۇن! ھەقىقەتەن 10 چوڭ بىلوگ بولۇشقا مۇناسىپ سىلەر!!

  20. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ياخشى بوپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
    بىلوگگىرلاغا مۇبارەك بولسۇن.

قاپلان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟