نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردىكى تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى

پەرھات مەمتىلى جىلان

( شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيەسى )

 

ئۇيغۇرلاردىكى تەگئات مەسىلىسى ئىلمى جاۋاپ بېرىشكە ، نەزەرىيەۋى يەكۈن چىقىرىشقا ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بىزدە كىشى ئىسىمىغا قوشۇلغان ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمى تەگئات ( فامىلە ) دەپ ئاتالماقتا. بۇ تار مەنىدىكى  ئۇقۇم بولۇپ  تەگئات ( فامىلە ) ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا كۆچۈپ داۋاملىشىدىغان ئەسلىدىكى تولۇق مەنىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ. تەگئات ( فامىلە ) ئۇقۇمىدىكى بۇنداق ئېنىقسىزلىق بىرقاتار تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دېققىتىنى تارتتى.  ئۇلار ئۇيغۇرچە ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمى قاراشلىرىنى،  پىكىر-تەكلىپلىرىنى، تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنۋەر سەمەت غەربىينىڭ « ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( فامىلە ) » سەرلەۋھىلىك مەخسۇس ئەسىرىدە تەگئات ( فامىلە ) توغرىسىدا بىرقەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىلگەن. ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ يازغان قوللانما خاراكتىرلىق كىتاپ «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى » ئەسلىي مەنىسىدىكى تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ. ئۇيغۇرچە ئىسىم-فامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا يەنە بىر قاتار ئىجتىھاتلىق قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى گىزىت-ژورناللار دا ئېلان قىلىندى . دېمەك ، بۇجەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ، ئىزدىنىشلەرنى ئازدىگىلى بولمايدۇ . تەتقىقىتچىىلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ئەجداتلىرىمىز يىراق ئۆتمۈش زامانلاردا تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنى بىلگەن ۋە ھەرقايسى دەۋىرلەردە تۈرلۈك تەگئات ( فامىلە ) ئۆرنەك لىرىنى قوللانغان . تارىخى يازما ماتېرىياللىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھەرقايسى دەۋىرلەردە توتېم ناملىرى، ئۇرۇق-قەبىلە ناملىرى ، ئۇنۋان-مەنسەپ ناملىرىنىڭ تەگئات ( فامىلە ) مەنىدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەينى زامانلاردىكى ئىسىم-فامىلىلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ياكى ئومومىي تۈركىي تىللارنىڭ لىكسىكا قاتلاملىرىدىن تاللاپ ئىلىنغان . مەسلەن ، بىلگە قاغان ، قۇتلۇق  تارقان ، ئىنال تېكىن ۋە باشقىلار.

10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) ئۆرنەكلىرى تەدرىجى ئۆزلەشتۈرۈلدى. خۇسۇسەن ، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى خان جەمەتى ئىچىدە ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) تۈرلىرى ئارىلاش قوللىنىلدى.   مەسلەن، مەھمۇد ئىبىن ھۈسەيىن مۇھەممەد كاشىغەرىي، نىزامىدىن ئىسراپىل  توغان تېكىن، يۈسۈپ بالساغۇن ، سۇلايمان ئىبىن قادىرخان ۋە باشقىلار. ئەرەبچە –پارىسچە ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) ۋە تەخەللۇس شەكىللىرى كېيىنكى چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋكىللىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كەڭ تارقالدى. مەسلەن، ئەلشىرنەۋايى، ئابدۇرىھىم نىزارىي ، ئەھمھد يەسەۋى…

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ، بولۇپمۇ 20-ئەسىر كىرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلاردا رۇسچە تەگئات ( فامىلە ) شەكىللىرى پەيدا بولدى. بۇنداق فامىلىلەر ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا رۇسچە تەگئات ( فامىلە ) ياسىغۇچىلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئاساسەن غۇلجا، چۆچەك، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ئارىسىدا تارقالدى. مەسلەن،ئابدۇكېرىم ئابباسوف، زاھىر ساۋدانوف، ئابدۇللا زاكىروف، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە باشقىلار. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار كىشى ئىسىملىرىنىڭ كەينىگە « ى » قوشۇمچىسى ئۇلىنىدىغان ئەرەبچە-پارىسچە تەگئات ( فامىلە ) شەكلىمۇ خېلى ئومۇملاشقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسلەن، ئەخمىتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى،ئىبراھىم مۇتىئى، مەھمۇد زەيىدى ۋە باشقىلار.

شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى ، مەيلى رۇسچە تەگئات ( فامىلە ) شەكىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئەرەبچە-پارىسچە تەگئات ( فامىلە ) ئۆرنەكلىرى بولسۇن ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كېتەلمىدى. بىر ئائىلىنىڭ ياكى پۈتۈن بىر جەمەتنىڭ نامىنى بىلدۇرىدىغان ھەقىقى تەگئات ( فامىلە ) پەقەت ئازساندىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىلا قوللىنىلدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق بولماقتا.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ تەگئات ( فامىلە ) قىزغىنلىقى  قايتىدىن قوزغالدى،ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى سىستىمىسىدا تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ئارزۇسى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ تەلىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇشقا باشلىدى . بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ۋە پىكىر-تەكلىپلەر مەتبۇئات يۈزىدەئېلان قىلىندى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بايان قىلىندى. 1986-يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يىزىق خىزمىتى كومتىتى ۋە شىنجاڭ ئجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى  تىل تەتقىقات ئورنىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي خادىملار بىرلىكتە  بۇ ئىشنى رەسمىي تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تۇتۇشقا بەل باغلىدى ھەمدە ئىبراھىم مۇتىئى ، ئېلى ئابىت، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار، غەنىزات غەيۇرانى، ئابلىز ياقۇپ، ئابدۇرىشىت سابىت، پەرھات جىلان قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا تەسسىس قىلىندى. شۇ يىلى 5-،6-ئايلاردا گۇرۇپپا ئەزالىرى بىر نەچچە قىتىم تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئىلمىي خادىملار ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى قەيت قىلىشتى. گۇرۇپپا ئەزالىرى بىردەك مۇنداق قارارغا كەلدى:  تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى، دەۋىرنىڭ تەلىپى، ئىچكى ۋە خەلقارالىق ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ئىھتىياجى. تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللانغاندا ھەربىر جەمەتنىڭ ئۆز نەسەبنامىسى تۇرغۇزىشىغا ، ئۆز نەسەبىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكىگە ئىمكانىيەت ھازىرلىنىدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى يەنە مۇنداق پىكىردە بىرلىككە كەلدى: نۆۋەتتە تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتىنى باشلاپ ، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش زۆرۈر. لىكىن، بۇنداق تەتقىقات ۋە تەشۋىقات بىلەن تەگئات ( فامىلە )  تۈزۈمىنى ئوموملاشتۇرۇش تەس، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ مەمۇرىي پەرمانى ئاساسىدا پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا خىزمەت ئىشلەشكە تورا كىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت بىلەن كۆرۈشتى. رەئىس تۆمۈر داۋامەت بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئالدى بىلەن بىزنىڭ فامىلىنى ئوموملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر لاھىيە تۈزۈپ چىقىشىمىزنى ، ئاندىن شۇ لاھىيە ئاساسىدا ھۆكۈمەت نامىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گۇرۇپپا ئەزالىرى رەئىسنىڭ قوللىغانلىقىدىن ئىلھاملىنىپ ، لاھىيە تۈزۈش ئىشىنى مۇزاكىرلەشتى. بۇ ئىشتا كەڭ خەلققە تۇراقلىق فامىلىنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈشكە ھەم ئىختىيارلىق بىلەن تەگئات ( فامىلە ) تاللاش ئۈچۈن تەگئات ( فامىلە ) مەنبە لىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە توغرا كىلەتتى. بۇ مەسىلىدىمۇ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ پىكرى بىردەك بولۇپ، تەگئات ( فامىلە ) تاللاشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك مەنبە كۆرسىتىلدى:

1.  كىشى ئىسىملىرى. ئاتىسىنىڭ ، بوۋىسىنىڭ، ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ياكى ئۆز جەمەتى ئىچىدىكى ئۆزى خالىغان بىر زاتنىڭ ئىسمىنى فامىىلە قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرت شۇكى ، تەگئات ( فامىلە ) قىلىپ تاللانغان ئىسىم ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆزگەرمەي داۋاملىشىشى كېرەك.

2.  قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىملار ۋە ئەمەل ناملىرى. مەسىلەن، ئىلتەمۈر، قۇتادمىش، بارمان، تارخان، سانغۇن، قاراخان، ئىلىكخان، ئىدىقۇت دىگەندەكلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىشقا بولىدۇ.

3.  ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۇرگەن قەدىمكى ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى. مەسىلەن،  قارلۇق، ياغما، ياغلاقار، چارۇق، ئادىز، باسىمىل،ئوغۇز دىگەندەكلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىشقا بولىدۇ.

4.  قەدىمكى ۋە ھازىرقى جۇغراپىيەلىك ناملارنى، يەرناملىرى، مەسىلەن، دەريا، كۆل، تاغ، تەڭرىتاغ،  خانتەڭرى، تارىم، تەكلىماكان، ئۇدۇن، كۈسەن، چانبالىق دىگەندەكلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىشقا بولىدۇ.

5.  دەل-دەرەخ ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناملىرى. مەسىلەن، چىنار، سۇۋادان، قارىغاي، ئارچا، توغراق، يۇلغۇن دىگەندەكلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىللىشقا بولىدۇ.

6.  لەقەم. ئۇيغۇرچە نام-ئاتاق سىستىمىسى ئىچىدە لەقەملەر خېلى كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ خوتەن، قۇمۇل قاتارلىق يۇرتلاردا جەمەت لەقىمى ئوموملاشقان بولۇپ، مۇئەييەن جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق لەقىمى بىلەن ئاتىلىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان تۇراقلىق فامىلىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا ، مۇۋاپىق لەقەمنى تەگئات قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

7.   تەخەللۇسلار . تەخەللۇس قوللانغانلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ تەخەللۇسىنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىپ بىكىتىشكە بولىدۇ.

8.  يىڭىچە ياسالما فامىلىلەر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەردىن پايدىلىنىپ يىڭىچە تەگئات ( فامىلە ) ياساپ قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەلقۇت، قۇتيار، بۆرەيار، ئەركال (ئەرك+ئال)، پاكزات…

9.  سۈپەت سۆزلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىسقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكۈر، سۈزۈك، يارقىن، تاسقىن، ئاقىل، قابىل…

گۇرۇپپا ئەزالىرى يۇقىرقىلاردىن لەقەملەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىدى. ئۇيغۇرچە لەقەملەر ھەقىقەتەنمۇ تەگئات ( فامىلە ) تاللاشتا ئۈنۈملۈك مەنبە بولالايدۇ. شۇڭا، ئىشنى جەمەت لەقەملىرىنى تەكشۈرۈشتىن باشلاش كىرەك، دېگەن قارار قۇبۇل قىلىندى. شۇ قارار بويىچە مەن 1986-يىلى 7-ئايدا لەقەم تەكشۈرۈش ۋەزىپىسنى ئۈستۈمگە ئىلىپ، تىل تەتقىقات مەركىزىمىزدىكى نىجات قاسىم بىلەن بىرلىكتە قۇمۇلغا باردۇق. قۇمۇل پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈر جۈبەيرى ئاكا بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ئۈچىمىز بىرلىكتە شەھەر ئىچى يىزىسى، راھەتباغ ۋە پالۋانتۇر يىزىلرىدا تەشۋىقات  ۋە تەكشۈرۈشتە بولدۇق. ئالدى بىلەن شۇجايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈردۇق ھەمدە ئۆزىمىز تەييارلاپ كەلگەن جەدىۋەللەرنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردۇق. بۇ جەدىۋەلگە كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، يۇرتى، جەمەت لەقىمى يېزىلىش كېرەك ئىدى. كۆپچىلىك بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىزغىن قوللىدى ۋە جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇردى. ئاندىن ھەممەيلەن باشقە جەدىۋەللەرنى بۆلىشىۋىلىپ ئۆز دائىرىسىدىكى چۈشەندۈرۈپ تارقىتىشقا ۋە تولدۇرۇلغان جەدىۋەللەرنى يىغىپ كېلىشكە مەسئۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تولدۇرۇلغان جەدىۋەللەرنى ئىلىپ، بىزنى قىزغىن قوللىغان بىزگە سەمىمىي ياردەمدە بولغان خۇش كۆڭۈل كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتتۇق. قايتىپ كىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن مەن تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قۇمۇلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكىلات بەردىم. يىغىندا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

1.  مۇشۇ تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرچە تەگئات ( فامىلە ) تۈزۈمى تۇرغۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى، تەگئات ( فامىلە ) مەنبەسى ۋە شەكلى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كونكىرت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىر دوكىلات ياكى تەشەببۇسنامە يىزىپ، ئۇنى ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىغا سۇنۇش؛

2.تەگئات ( فامىلە ) مەنبەسى توغرىسىدا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش ، ئەمما بۇنى قائىدىلەشتۈرۈپ بىكىتمەسلىك، تەگئات ( فامىلە ) تاللاشنى ھەربىر شەخىسنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇش.

تەگئات ( فامىلە ) شەكلى توغرىسىدا شۇنى ئىيتىش كىرەككى ، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆز فامىلىسىدە ئەرەپچە ياكى رۇسچە گىرامماتىكىلىق شەكىللەرنى قوللانغان. مەسىلەن، بىرىنچىسى، فامىلىگە ئەرەبچە (ى) قوشۇمچىسىنى ئۇلاش، يەنى«ئەزىزى،ئەھمەدى»دېگەندەك؛ ئىككىنچىسى ، رۇسچە «-وف،-ېف-ىن» قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاش. يەنى ، «ئابباسوف، ئېلىيىف، ئابدۇلىن » دىگەندەك. بىز بۇ مەسىلىدە ھازىرقى ئومومىي ئەھۋالغا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن فامىلىگە ھىچقانداق قوشۇمچە قوشماسلىق پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدۇق.

قۇمۇلدىكى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن ،يەنە خوتەن دىيارىنى تەكشۈرۈش بېكىتىلدى ۋە بۇ ۋەزىپىمۇ ماڭا تاپشۇرۇلدى .بۇ تەكشۈرۈشلەر ئاياغلاشقاندىن  كىيىن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتكە سۇنۇلىدىغان دوكىلاتنى تەييارلاش قارار قىلىندى. دوكىلاتنى مەن يازىدىغان بولدۇم.

ئەپسۇسكى ، مەن خوتەنگە بارمىدىم، تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتى ئۈستىدىكى شۇنچە ئىجتىھات بىلەن باشلانغان خىزمەتلىرىمىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالدى ، تەتقىقات گۇرۇپپىمىز جىمجتلا تارقىلىپ كەتتى، ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ نەتىجسى چىقمىدى.

ۋاھالەنكى، جەمىئيەتتە تەگئات ( فامىلە ) قىزغىنلىقى بىسىقىپ قالمىدى، كىشىلەر يەنىلا بۇ جەھەتتە ئىزدەندى. بولۇپمۇ،مەتبۇئات يۈزىدە قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئۆز ئىسمى ، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبلىك سالاھىيەت نامى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ دەل بىز تەشەببۇس قىلغان ئۈچ تەركىبلىك ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ. شۇ جەرياندا تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىلمى ماقالىلەر ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىندى. بەزىدە غەيرى رەسمىي سورۇنلاردىمۇ تەگئات ( فامىلە ) ھەققىدە تالاش-تارتىشلار ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولۇپ تۇردى. شۇ تەرىقىدە تەگئات ( فامىلە ) قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولغان ئاممىۋى ئاساسىنى ياراتتى. بولۇپمۇ، بىرقىسىم ئىجتىھاتلىق زىيالىلار بۇ جەھەتتە ئەسەر يىزىش ۋە تەرغىباتچىلىق پائالىيىەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەمەلىي ھەركەتكە قەدەم قويدى. مەسىلەن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىدىكى غەيرەت ئابدۇللا كالدىر 2000-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى  تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق رەھبەرلەرگە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئۈچ قىتىم خەت يىزىپ ، ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( فامىلە ) تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ ئىلمىي ۋە قانۇنى ئاساسلىرىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. تۆمۈر داۋامەت بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىدى ھەمدە بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلارنى يىغىپ بۇھەقتە پىكىر ئالدى. يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى شىنجاڭدا تەتقىقات قىلىنسا ، دېگەن پىكىردەبىرلىككە كەلدى. 2000-يىلى 12-ئايدا تۆمۈر داۋامەت ئۇيغۇرلاردا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىشىنى ش ئۇ ئا ر نىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتكە تاپشۇردى  . 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى رەئىس  ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ھۆكۈمەت  ئىشخانىسىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئىككى تۈرلۈك مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى . بۇنىڭ بىرى ، ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىنى ئۆزگەرتىش ئۆزگەرتمەسلىك مەسىلىسى، يەنە بىرى ، تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى . شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، 1982-يىلى لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھازىرقى ئىستېمال قىلىنىۋاتقان كونا يېزىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئىلىم ئەھلى ئىچىدە بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان  كۆزقاراشلار داۋاملىق ساقلىنىپ كەلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ، بولۇپمۇ كومپيۇتېر تېخنىكىسى جەمىئيەتتە ئوموملىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن لاتىن يىزىقىغا بولغان مايىللىق يەنىمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى، بۇھەقتە ئىلمىي ماقالىلەرمۇ يېزىلىپ ئېلان قىلىندى، لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋە رەھبەرلەرگە پىكىر-تەكلىپلەرمۇ سۇنۇلدى. رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان شۇ يىغىندا ئالدى بىلەن يېزىق مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قويۇلدى. ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارلىرى لاتىن يېزىقىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا كەڭ دائېرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزدى . كونا يېزىق تەرەپدارلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتتە يېزىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى ، يېزىق ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنىڭ ھازىرقى پەن-مەدەنىيەتنى ئوموملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى توغرىسىدا كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن پىكىر بايان قىلدى. ئاخىرىدا، رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىت بۇ مۇنازىرىنى يەكۈنلەپ  يېزىق ئۆزگەرتىشنى  كۈن تەرتىپتىن قالدۇردى ۋە داۋاملىق ھازىرقى كونا  يېزىقنى ئىشلىتىش توغرىسىدا پەرمان قىلدى. ئاندىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسىگە كۆچتى. كۆپچىلىك بىردەك تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلىشتى . بۇ مەسىلىدە ھەممەيلەننىڭ كۆزقارىشى بىردەك بولدى .

شۇيىلى 2-ئايدا « ش ئۇ ئا ر ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى » قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر نەسىردىن گۇرۇپپا باشلىقى ، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەلى ئابدۇرىھىم بىلەن سابىق مۇدىرى ئېلى زاھىت مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىمىن تۇرسۇن ، نۇر مۇھەممەت دۆلەتى، ئابلىز ياقۇپ، ئەنسەردىن مۇسا ، سابىت روزى، غەيرەتجان ئابدۇللا كالدىر ، پەرھات مەمتىلى جىلانلار دىن تەركىپ تاپتى. گۇرۇپپا ئەزالىرى بىرنەچچە قېتىم يىغىلىپ تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسىنى ھەر تەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلدى ۋە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانى» نى تۈزۈپ چىقتى. تۈزۈلگەن  پىلان بويىچە شۇ يىلى يازدا گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى يۇرتلارغا باردى يەنى ، مۇھەممەت ئەلى ئابدۇرىھىم بىلەن غەيرەت ئابدۇللا كالدىر خوتەن ۋە قەشقەرگە ، ئابلىزياقۇپ بىلەن نۇر مۇھەممەت دۆلەتى غۇلجىغا ، ئېلى زاھىت بىلەن پەرھات مەمتىلى جىلان تۇرپانغا  (كىيىن ئېلى زاھىت ئۆزى يالغۇز يەنە قۇمۇلغا) باردى. گۇرۇپپا  ئەزالىرى ئۆزلىرى بارغان جايلاردا ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىپ، «يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىسى ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەتلىىرىنى  تونۇشتۇردى ، پىكىر ئالدى. ھەرقايسى جايلاردىكى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان زاتلار تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسىگە يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى ۋە ئۇيغۇر لار دىكى ئىسىم –تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن  تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش توغرىسىدىكى لاھىيەنى  ئىشلەپ چىقتى. مەزكۇر لاھىيە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدى:

1.تەگئات ( فامىلە ) ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە؛

2.ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ئەھۋالى؛

3.بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش توغرىسىدا تەكلىپ.

شۇ يىلى 10- ئايدا گۇرۇپپا ئەزالىرى قايتا –قايتا مۇزاكىرلىشىپ، لاھىيەنىڭ تۈزىتىلگەن ئاخىرقى نۇسخىسىنى رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتقا يوللىدۇق. رەئىس لاھىيەنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلىدى ۋە «ۋاقىتنى سوزماي، مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ ، تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرساق ، ئورۇنلاشتۇرساق »دېگەن مەزمۇندا يوليورۇق بەردى.

رەئىس  ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر نەسىردىن ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومتىتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەدئەلى ئابدۇرىھىم بېيجىڭغا باردى ھەمدە 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 27-،28-كۈنلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كومىسارى ئىسمايىل ئەھمەدكە  ئۇيغۇرلاردىكى تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش توغرىسىدىكى لاھىيە ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە يېزىش قائىدىسى ۋە  «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» نىڭ ئىشلىنىشى توغرىسىدا دوكىلات بەردى. رەھبەرلەر بۇ دوكىلاتقا زور ئەھمىيەت بەردى.

 تۆمۈر داۋامەت مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ناھايىتى مۇھىم ئىش. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرستىتىدا بىر قىتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇلتۇر مەن رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتقا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، بىر لاھىيە تۈزۈپ چىقىش پىكىرنى بەرگەنىدىم. ئەمدى سىلەر بۇ ئىشنى ئورۇنداپسىلەر ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بۇ ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، جەمىئەت  تەرەققىياتىغا ، دەۋىرنىڭ ئىلگىرلىشىگە ماسلىشىشتىكى چوڭ ئىش. بۇ ئىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك . قەتئىي نىيەتكە كەلسەڭلا كۆزلەنگەن نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز.

بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەممە ئادەم تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنسۇن. ھەرقايسى ۋىلايەتلىك  ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە بىردىن رەھبىرى خادىم مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولسۇن . جايلاردا رەھبەرلىك گورۇپپىسى قۇرۇلسۇن . بۇ خىزمەت رەھبەرلىكى بولغان ئاساستا پىلانلىق ، قەدەم –باسقۇچلۇق ئىشلەنسۇن. دىھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) تاللىشىغا يادەملىشىش كېرەك. بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن ھەر مىللەت زىيالىلارنىڭ ، بولۇپمۇ مىللىي كادىرلارنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ بېقىڭلار. تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇلار ئۆزلىرى سۆزلىسۇن. بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇش كىرەك. كېيىن تەشۋىقاتنى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشىنى باشلاڭلار . سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن !».

ئىسمايىل ئەھمەد مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر  كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ياخشى تەكلىپ ئىكەن. مەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلىمەن ۋە ئۇنى قوللايمەن. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردا تەگئات ( فامىلە ) قوللانغان، لىكىن ئوموملاشمىغانىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەگئات ( فامىلە ) پۈتۈنلەي قوللىنىلمايدىغان بۇلوپ كەتتى . يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەر تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللاندى. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشنىڭ بەلگىلىك ئاممىۋى ئاساسى بار، شۇنداقلا خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش تەجىربىسىمۇ  بار . سىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىنى ئوبدان ئويلىشىڭلار، سۆھبەت يىغىنلىرىنى كۆپرەك ئېچىىڭلار، تىلشۇناسلار ، ئالىملار تېلىۋىزوردا ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى سۆزلىسۇن ، مەتبۇئاتتا سالمىقى بار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلسۇن،كەڭ ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرسۇن. بۇ خىزمەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشتە ھەركەت ئېلىپ بىرىشقا بولمايدۇ، ۋاقىت ئۇزاقراق بولسۇن ، ھۆكۈمەت ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشى قىلىپ تۇتسۇن ».

2001-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ش ئۇ ئا ر مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر نەسىردىن مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرستېتىدا دۆلەت مىللىي ئىشلار كومتىتى، مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى ، مەركىزى تەرجىمانلار ئىدارىسى ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، مىللەتلەر نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئوقۇتۇش ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنللىنىدىغان بىر قىسىم مۇتەخەسىس-ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك مۇنداق تونۇشاق كەلدى: ئۇيغۇر كشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم. تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشتا نەچچە مىڭ يىللىق ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش كىرەك. كىشى ئىسمى ئالدىدا، تەگئات ( فامىلە ) كەينىدە بولۇش، بىر جەمەتتە بىرلا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش ، « شەخىسنىڭ ئىسمى + ئاتىسىنىڭ ئىسمى + تەگئات ( فامىلە ) » شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، فامىلىنىڭ تەكرارلىنىش ھادىسىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەكلىپ بىرىىپ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت چىڭ تۇتىشى، قانۇن تۈزۈپ، شۇ قانۇن بويىچە ئەمەلىلەشتۈرۈشى كېرەك. 2002  -يىلى 3-،4- ئايلاردا «يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈنۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر  ئاكادىمىيسى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى. شۇ جەرياندا يېتەكچىلىك قىلىش گورۇپپىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر مەخسۇس تىلىۋىزىيە پروگىراممىسىدا تەگئات ( فامىلە ) ھەققىدە ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

2002-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىسىتىتوتى ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسىسلەرنى تەكىلپ قىلىپ يىغىن ئاچتى ۋە تەگئات ( فامىلە ) مەسلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇ يىلى 10-ئايدا ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاپتورلۇقىدا«ئۇيغۇر تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتى» سەرلەۋھىلىك بىر كىتاب نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتىدا ھازىرغا قەدەر ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ قالدى. شۇنداق قېلىپ، تەگئات ( فامىلە ) مەسلىسىنى تۇتۇپ ئىشلەيدىغان مەخسۇس تەشكىل بىردىن ئىككىگە كۆپەيدى.

  بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، بىزدىكى تەگئات ( فامىلە ) تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىسى كىشلەرگە تەگئات ( فامىلە ) مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ گۇرپپىمىز تۈزگەن لاھىيەدە كۆرسىتىلگەن تەگئات ( فامىلە ) مەنبەلىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىردىكى كىتابىدا كۆرسىتىلگەن مەنبەلەر مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ.  ھەرقايسى ئىلمىي سورۇنلاردىكى مۇھاكىمىلەردە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتىدا بىر قەدەر كۆپرەك مۇنازىرە بولدى:

  1. بىر قىسم مۇتەخەسىسىسلەر ئىسىم- تەگئات ( فامىلە )نىڭ ئىخچام بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەخسنىڭ ئىسىمدىن كېيىنلا تەگئات ( فامىلە ) كېلىش قۇرۇلمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاھالەنكى، بۇنداق بولغاندا، ئاتا ئىسمى قاتاردىن چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق قۇرۇلمىنى كۆپچىلىك قوبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس. بىزنىڭ ئىسىم-تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش ئەنئەنىمىزدە ئاتا ئىسمى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر تەركىب ھېسابلىندۇ. شۇڭا،« شەخسىنىڭ ئىسمى+ئاتا ئىسمى+تەگئات ( فامىلە ) » قۇرۇلمىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدۇر. زۆرۈر بولغاندا بۇخىل تولۇق شەكىلنى قىسقارتىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسلەن، «غەيرەت ئابدۇللا كالدىر» دېگەن ئۈچ تەركىبلىك شەكىلنى «غەيرەت كالدىر» ياكى«غ.ئا. كالدىر» دەپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.
  2. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسىسىسلەر ئايال كىشى ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىش كېرەك، دېگەن پىكىرنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ تولىسى بولۇپمۇ ئايال مۇتەخەسىسىسلەر بۇ تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمىدى. ئاخىرى، تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشتا ئەر-ئايال باراۋەربولۇش پىرىنسىپى قوبۇل قىلىندى. يىگىت-قىز توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز جەمەتىنىڭ فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن ئايال ئەر تەرەپنىڭ، ئەر ئايال تەرەپنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئاتا ياكى ئانا تەرەپنىڭ فامىلىسىنى تاللاپ قوللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە؛
  3. بەزىلەر تەگئات ( فامىلە ) چوقۇم ئۆزىگە خاس شەكىلگە ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى ۋە پارىسچە-ئەرەبچە تەگئات ( فامىلە ) قوشۇمچىسى «ى» نى قوللىنىشنى (ئەزىزى، ئەھمەدى دېگەندەك) تەۋسىيە قىلدى. بىز فامىلىگە ھېچقانداق قوشۇمچە قوشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولساقمۇ، يەنىلا بۇنى تەگئات ( فامىلە ) ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قالدۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.

    نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس. ئالدى بىلەن زىيالىيلار ئارسىدا تۇراقلىق تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، تەدىرىجىي ئوموملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.شۇڭا، تەگئات ( فامىلە ) قوللىنىشتا زىيالىيلار باشلامچىلاردىن بولۇشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە!   

<< تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرنىلىنىڭ 2011 – يىللىق 1 – سانىدىن ئېلىندى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!11 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ فامىلە قوللىنىمەن دەپ ھازىرغىچە قانۇنىي يوسۇندا بىجىرىپ بولالمىدىم.
    يۈكسەل ئەپەندىدىن سوراپ باقسام. ھازىر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز قانداق شەكىللىك (ئىسىم -فامىلە ) تەرتىپى؟
    مەن ئالدىغا ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنى كەينىگە فامىلەمنى(ئوتتۇردا ئايرىش بەلگىسى بار) قوللىنشنى ئويلاشقان.
    يەنە بىر تەرەپتىن فامىلىنى قانۇنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشقا تەرتىپلەرمۇ كىرەكمۇ؟
    رەھمەت سىزگە.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      جەمەتىمىز قوللىنىۋاتقان ئىسىم – تەگئات قۇرۇلمىسى يۇقىرقى ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار بىرلىككە كەلگەن ‹‹ شەخس ئىسمى + ئاتا ئىسمى + تەگئات ›› قۇرۇلمىسىدۇر. مەسىلەن، مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل ، ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل … دېگەندەك.
      سىلىغا تىلغا ئالغان ‹‹ شەخس ئىسمى + تەگئات ›› ئىككى تەركىبلىك بۇ خىل قۇرۇلما ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا ئاتا ئىسمى چۈشۈپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئاتا ئىسمىنى چىقىرىۋېتىش ئەسلا دۇرۇس بولمايدۇ.
      ھازىرچە قوللىنىۋاتقان تەگئاتنى قانۇنىي تۈسكە ئىگە قىلىشنىڭ تاكى ھۆكۈمەت رەسمىي مەمۇرىي پەرمان چۈشۈرمىگىچە تۈزۈك ئىمكانىي يوق. قۇتلان ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەگئاتىنى كىملىككە قوشۇپ كىرگۈزگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەمما، بۇ يەردىكى مەسىلە كىملىككە قوشۇلغان تەركىبنىڭ يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن رەسمىي تەگئات سۈپىتىدە ئېتراپقا ئېرىشەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.

  2. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ھەي، بۇ ئىش شۇنداق ئىسىل باشلىنىپتىكەن. ئەمما 87-يىللىرى بىر ئۇزۈلۈپ قاپتۇ، 2002-يىللىرىغا كەلگەندە يەنە بىر ئۈزۈلۈپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت بۇنى بىر قوللىسا بوپتىكەن. ھېچ بولمىسا مۇشۇ ئوخشاش ئىسىملىكلەر بولسىمۇ ئازايغان بولاتتى.

  3. تارىخ مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ئۇشبۇ يازمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرىتكەن ھالدا بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم ،بىر ئادەم بولسىمۇ جىقراق كۆرسۇن،ناۋادا يۈكسەل ئەپەندى قوشۇلمىسا دەرھال ئۆچۈرۋېتىمەن . :roll:

  4. نۇھ مۇنداق يازغان:

    بۇ ماقالە ئۇيغۇرلاردا تەگئات قۇرۇلىشى تارىخىنى ناھايىتى ئىخچام يورۇتۇپ بېرىپتۇ، لېكىن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تولۇق تاماملانماي قېلىشى تارىخىمىزدىكى بەكمۇ ئەپسۇسلۇق بىر ئىش بولدى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر باشلىغان ئىدى، خەلقىمىز ماسلاشقان بولسىمۇ تەسىرى چوڭقۇرلاشمىغان ئىدى. مېنىڭچە كۈنىمىزدە تەگئاتنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر قېرىندىشىمىز ھىس قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە، خەلق رايىنىڭ كۈچىيىشى ۋە كېڭىيىشىلا تەگئات قۇرۇلىشىمىزنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  5. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    ھۆكۈمەت قوللىمىسا، قالغان ئىش ئاقساپ قالىدۇ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بەك قوللاپ كەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ، بۇ ئىشلارنى مەلۇم سەۋىيىدە رويقاپقا چىقارغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە!

  6. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ئۇلباسنى فامىلە قىلىپ قوللىنىپ كىلىۋاتقىلى خىلى بولدى.مەسلەن:ئىلتەبىر قۇربان ئۇلباس دىگەندەك.

  7. سداھسدا مۇنداق يازغان:

    ئەمدى بىزمۇ ئۆزبىكتەك ، ياكى خەنزۇلاردەك بولىدىغان ئوخشىمايمىز ما ؟ ئىسىت ھالىمىز ! مەن تازا چۈشەنمىدىممۇ ياكى ، بىر ئوبدان دادىسىنىڭ ئىسمى تۇرسا ، نەدىن كېلىدۇ بۇ تەگئات دىگەن نەرسە ، قۇرەيىش مىللىتىدە ، مۇسۇلماندا مۇشۇنداق ئىش بارمۇ ؟
    ( ئەسكەرتىش : پىكىرنى قالايمىقان يازماڭ ، مېنى تىللىسىڭىزمۇ مەيلى ، لېكىن مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا تىل تەككۈزمەڭ ، ياكى كۆزگە ئىلمىغاندەك گەپ قىلماڭ ! اللە ھەممىمى بىلىپ تۇرىدۇ ! )

    مۇشۇ يۈكسەلگە ئىنكاس يازىدىغانلاردىن بىر قانچىسى بار ، پەن – تېخنىكىنى خۇدادىن ئۇلۇغ بىلىدىغان . شۇلارنىڭ مەن دوزاقتا قىينىلىپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار . چوقۇم كۆرەلەيمەن !

  8. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    بۇ ئەسلى ئىنتايىن بەلەن گەپ ئىكەندۇق. لېكىن شۇنىسى 1- ئەۋلاد كىملىك چىقىشتىن بۇرۇنلا مۇشۇ مەسىلە ئويلىشىلىپ ھەممە ئادەم بۇنى قوللانغان بولسا ۋە ياكى ھازىر بولسىمۇ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولغان بولسا بولىدىكەندۇق. بىلمىدۇق! ھازىر ئىسمىمىزنى قىسقارتىپ ئاتاش مودا بولىۋاتقان مۇنۇ جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئوزۇن ئىسىمنى قوللىنىش ۋە ئۇنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىش تەسكە توختاپ قالۇرمىكىن….

  9. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلنىڭ بۇ بىلوگى ئۇزۇن بولدى ئەجەپ بىر يېڭىلىناي دىمەيدۇ.قارىغاندا يۈكسەلگىمۇ بىلوگ بېسىمى بولۇپ قالغان ئوخشدايدۇ. ھەپتە ئاخىرى بولۇپ ئۆينى خويمۇ سېغىنغاندا كۆڭۈل سۇ ئىچكىدەك بىر يازمىلارنى ئوقۇساق بولاتتى.

  10. ئەرچىن مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ئەرچىن دېگەن ئىسىمنى تەگئات قىلىپ ئىشلىتىۋاتقىلى 11 يىل بولدى. خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.

ئەرچىن 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟