torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ھەمجىنىسۋازلىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

ئاگاھنامە: تېما زىل بولغاچ، مەزكۇر يازمىنى باشقا تور بەت ۋە بلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇ تېمىنى يېزىشنى بىر ئاي ئىلگىرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قولغا قەلەم ئالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم يېزىپ، پۈتەي دەپ قالغان ئورگىناللارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم، يازما تېمىسى، ئاساسى مەزمۇن قاتارلىقلاردىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىش قىلدىم، ھەمجىنىسۋاز ( 同性恋 ، Homosexuality ) لاردىن ئىبارەت بۇ بىر ئالاھىدە كىشىلەر ھەققىدە ھەم ئوقۇرمەنلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئەمەلىيەتتىن چەتنىمىگەن بىر تېما يېزىش ماڭا تەسكە توختاۋاتاتتى. ئاخىرى نېمە بولسا بولسۇن، ئاۋۋال يازاي، شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرىنى، كۆز قارىشىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن يەنە قايتا يېزىشقا كىرىشتىم.

ھەمجىنىسۋازلار-نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، ھەتتا ئەتراپىمىزدا مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئالاھىدە ئادەملەر توپى. يەنىلا شۇ ئەيدىز ( AIDS ) بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى، بىزدەك ئەيدىز خىزمەتچىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىمىزنى تارتىشقا باشلىدى. بۇرۇن تەشۋىقاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى سۆزلىگىنىمىزدە، ئەيدىز جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ دەپلا ئۆتۈپ كېتەتتۇق، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تەبىئىيلا بۇنى ئەر- ئاياللار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنى دېمەكچى دەپ چۈشىنەتتى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەھۋاللار، غەربنىڭ جىنسى ئەركىنلىك تەرغىباتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بەزى بەك تەرەققىي قىلىپ كەتكەن دۆلەتلەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ ئۆز- ئارا توي قىلىشىنى قانۇنلۇق دەپ ماقۇللىدى، دۆلىتىمىزدىمۇ ھەمجىنىسۋازلارنىڭ ئەركىنىلىك ساداسى بارا-بارا كۈچىيىپ، ئۇچۇق ئاشكارا توي قىلغانلارمۇ چىقتى. بۇ كىشىلەر بۇرۇن ئىنتايىن يوشۇرۇن ھالەتتە بولسا ھازىر ئوچۇق ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدا ئەيدىز قانداق تارقىلىدۇ؟

بۇنىسى ئىنتايىن ئېنىق، چۈنكى ئۇلار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەت مەقئەت ئارقىلىق بولغاچقا، قاناش يېرىلىش ئاسان يۈز بېرىدۇ؛ يەنە ھەمجىنىسۋازلارنىڭ جۆرىسىنى ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى شۇنداق تېز، بۇ يەنە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىدىغان بىر ئامىل، مۇشۇلار سەۋەبلىك ھەمجىنىسۋازلار ھازىر ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك كىشىلەر توپى بولۇپ قالماقتا.شۇنچە سۆزلەپ ھەمجىنسۋازلار دېگەننى چۈشەندۈرمەپتىمەن.

ھەمجىنىسۋازلار قانداق كىشىلەر؟

ھەمجىنسۋازلار – ئۆزىگە ئوخشاش جىنسلىقلار (ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال) بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدىغان بىر خىل كىشىلەر. بۇ ھەم بىر خىل جىنسى قىزىقىش شەكلىنىڭ شۇنداقلا جىنسى مۇناسىۋەت شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆز. يەرلىك تىلدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بەچچىۋاز ( Gay ) دەل ئەر ھەمجىنىسۋازلارنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ھەمجىنىسۋازلارمۇ يەنىلا شۇ ئەر ھەمجىنىسۋازلاردۇر.

ھەمجىنىسۋاز قانداق بارلىققا كەلگەن؟

بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە، بۇ ھەقتە قاراشلارمۇ ھەر خىل، بىر قىسىمى تۇغۇلۇشىدىنلا ئاشۇنداق ئۆزى بىلەن ئوخشاش جىنسلىقلارغا قىزىقىدىغان چىقىدىكەن، ئەمما كۆپىنچىلىرى كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئاستا ئاستا مۇشۇنداق جىنسى قىزىقىش يېتىلىدىكەن. كېيىنكى ئامىلنى ئاساسى جەھەتتىن مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.
1. ئاتىسىدىن يىراقلىشىپ ئانىسىغا زىيادە ئامراق بولۇش
ئوغۇللار ئەگەر ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا ئاتىسى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرسا، ھالىدىن پۈتۈنلەي ئانىسى خەۋەر ئالسا تەبىئىيلا ئاتىغا قارىغاندا ئانىسىغا بەكرەك ئامراق بولىدۇ، بۇ ئامراقلىق تەدرىجىي ئانىنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىش، ئىش ھەرىكەتلىرىنى دوراشقا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە بارا بارا يات جىنستىكىلەر (ئەرلەر)نىڭ قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان،ئەرلەرگە بېقىنىدىغان ئاياللىق خۇسۇسىيەت شەكىللىنىدۇ. چوڭ بولغانسېرى دادىسىدىن يىراقلىشىدۇيۇ، باشقا ئەرلەردىن ئۆزىگە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق ئىزلەپ، دادىسىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزمىگەن دادىلىق مېھرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئورۇنىدۇ . كۆپلىگەن پسىخولوگىيە ۋە روھىي كېسەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆپلىگەن ھەمجىنىسۋاز ئەرلەرنىڭ ئانىسى خاراكتېر جەھەتتىن دادىل، قورقۇمسىز، ئوچۇق يورۇق ۋە ئىشلاردا كەسكىن بولۇپ، بالىسى كىچىك ۋاقتىدا بالىغا زىيادە كۆيۈنىدىغان تىپتىكى ئاياللاردىن بولسا، دادا بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچ مىجەز، خۇشاللىق خاپىلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، بالىسى بىلەن پىكىرلىشىشكە قېرىق ھەتتا بالىدىن بىزار كېلىدىغان ئەرلەركەن.
2. كىچىكىدە ئانىسى ياكى ھەدە سىڭىللىرى بىلەن كۆپرەك بىرگە تۇرغان بالىلار
بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى دوراپ ئۆگىنىدۇ، شۇڭا ئانىسى ياكى ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى، گەپ سۆز ھەتتا كىيىنىشلىرىگىچە ئوغۇلبالا ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولۇپ، ئۇنى دوراپ ئۆگىنىۋالىدۇ ھەم بۇنى ئىنتايىن نورمال دەپ ھېس قىلىدۇ، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا يەسلى ياكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئوغۇل بالىلار باشقا بارلىق ئىشلاردا ئوغۇل دوستلىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ، بىللە ئوينايدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ فىزىئولوگىيىلىك يېتىلىشلەر سەۋەبىدىن يات جىنستىكىلەرگە قىزىقىدۇ ۋە ئارىلىشىشنى ئۆگىنىدۇ، ئەمما كىچىكىدىن ئائىلىسىدە قىزلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان ئوغۇل باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىمۇ قىزلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرۈدۇ ، باشقا ئوغۇل دوستلىرىنىڭ ئوغۇللارچە قىلىقلىرى بىر خىل قوپال كۆرۈنىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە قىزلارچە ئىنكاس، ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بولسا يەنە قىزلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بۇنداق ئوغۇل تەبىئىيلا باشقا ھەمشىرىلىرىگە ئوخشاش قارشى جىنستىكىلەرگە -ئوغۇللارغا قىزىقىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىدىكى نازۇكلۇق بىلەن ئوغۇللارنىڭ قوپاللىقلىرىنى سېلىشتۇرىدۇ، ئوغۇللاردىن بىر خىل پاناھ تىلەيدۇ، ئۆزىنى ئاجىز، باشقا ئوغۇللارنى بولسا باشپاناھ بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. مانا بۇ شۇ بالىنىڭ ئوخشاش جىنستىكىلەرگە قىزىقىدىغان ۋاقتى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن ھەمجىنىسۋازلىق خاھىشى بار ئادەملەر ئۆزىنىڭ جىنسى قىزىقىشىنى تەخمىنەن 16 ياش ئەتراپىدا ھس قىلغان. ئەمما مۇشۇ باسقۇچتا يەنىلا ئوغۇلنىڭ ئاتا بىلەن مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ كېيىنكى جىنسى قىزىقىشى ۋە تاللىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاتىنىڭ بىپەرۋالىقى، ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلىشى بالىدا كۈچلۈك ئاتىسىدىن يىراقلىشىش خاھىشى پەيدا قىلىپ، ھەمجىنسىلىق جىنسى قىزىقىشىنى ئىپادىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئەكسىچە بالدۇر بايقاپ توغرا يېتەكلىسە، خاتالىقىنى تۈزەتسە يەنە ئىشنىڭ يامان تەرەپكە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇ يەنە بالىنىڭ ئەسلى خاراكتېرى بىلەنمۇ مەلۇم مۇناسىۋىتى بولۇپ، مەسىلەن بىر ئائىلىدىكى ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرسى ئىچ مىجەز، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، يەنە بىرسى ئوچۇق يورۇق ، دوستلىرى كۆپ، پائالىيەتچان بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئامىللار تەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئالدىنقىسىنىڭ ھەمجىنىسۋازلىققا تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.
3. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش
بۇ ئەھۋال ئوغۇللاردا يۈز بەرسە، تەبىئىيكى ئۇنىڭغا چېقىلغىنى بىر قۇرامىغا يەتكەن ھەمجىنىسۋاز، يەنە كېلىپ بالىنىڭ توغقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ دوستى، ئوقۇتقۇچىسى دېگەندەك تونۇش ئادەملەرنىڭ بىرسى. بۇنىڭدا ئەڭ چاتاق يېرى بالىدا ئۆزىنىڭ جىنسى سالاھىيىتىگە بولغان تونۇشى قالايمىقانلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىگە گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، بۇ خىل جىنسى پاراكەندىچىلىك ئەگەر بىر مەزگىل داۋاملاشسا بالىدا ھەتتا بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ بولۇپ، ئۆزىنى ئاسانلا ھەمجىنىسۋاز دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋال بۇنداق ئوغۇللارنىڭ بەزىسى ئائىلىسى بۇزۇلغان، ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بولۇپمۇ دادىسىنىڭ مېھرىبانلىقى، قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن بالا بولۇپ قالسا، بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، باشقىلارنىڭ زورلۇقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇنى باشقا چوڭ ئەرلەرنىڭ كۆيۈنۈشى دەپ قاراپ، دادىسىدىن تاپالمىغان مېھرى مۇھەببەتكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ-دە، كەينىدىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۆزى ئىزلەپ بارىدىغان بولىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىملىرى بولسا زورلۇققا ئۇچرىغان چاغدىكى ھۇزۇر تۇيغۇسى ئۈچۈنلا ھەمجىنىسۋازلىققا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ.
4. ئىرسىيەت سەۋەبلىك تۇغۇلۇشىدىن ھەمجىنسلىق خاھىشى بارلار
كۆپلىگەن قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىدۇ ھەم بالىلىقمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق دادىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ھەمجىنىسۋاز بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك بۇ ئادەمنىڭ گېنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دېگەن گەپ.

دىيارىمىزدا ھەمجىنىسۋازلار زادى قانچىلىك؟

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەمجىنىسۋازلىق ئەلمىساقتىن تارتىپ بار بولۇپ، مەيلى قايسى زامان، قايسى ماكان، قايسى مىللەت، مەدەنىيەت بولسۇن، شۇ بىر توپنىڭ ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئىچىدە 2 پىرسەنتتىن 4 پىرسەنتكىچە ئادەم ھەمجىنىسۋاز چىقىدىكەن، ئاياللارنىڭ نىسبىتى بولسا تۆۋەنرەك ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ھەمجىنىسۋازلار گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرىچە، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قاتنىشىدىغان ھەمجىنىسۋازلار يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا 10000 دىن ئاشىدىكەن، كۆپ قىسىمى ئالىي مەلۇماتلىق، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، خىزمىتى ياكى ئىش ئوقىتى ياخشى ئادەملەركەن. ئۇلارنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئۈرۈمچى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەمجىنىسۋازلار تەلپۈنىدىغان ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئاچىدىغان شەھەر ئىكەن، چۈنكى ئۈرۈمچىدىكى مىللىي ھەمجىنىسۋازلار ( ئاساسەن ئۇيغۇرلار) چىراي شەكلى، بوي تۇرقى ئالاھىدە بولغاچقا، «خېرىدار جەلپ قىلىش كۈچى» ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. ئىچكىرىدىكى پۇلى بار ھەمجىنىسۋازلار پات – پات ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۆڭلىنى ئېچىپ كېتىدىكەن، بۇ ھەم ئۇلارنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان ئىش ئىكەن، چۈنكى جەنۇبتىكى ۋە شەرقتىكى دېڭىز بويلىرىدىكى بەزى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ھەمجىنسىلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىمۇ يۇقۇملىنىش ئىنتايىن ئېغىرلاپ كېتىۋېتىپتۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەيدىزنىڭ ئۇلار ئارىسىدىكى تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز

1981-يىلى، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بىر ئېغىر كېسەل ئېلىپ كېلىندى. بۇ بىمار 31 ياشلىق بىر ئەر بولۇپ، قورايدەكلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى، يەنە كېلىپ ئادەتتە ياشلاردا كۆرۈلمەيدىغان، پەقەت ئىنتايىن قېرىپ بەدىنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەملەردىلا كۆرۈنىدىغان كېسەللىك- كاشى ئۆپكە قۇرتى مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى(卡氏肺囊虫肺炎PCP,) بۇ بىماردا كۆرۈلگەنتى، شۇنىڭ بىلەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ئەر ھەمجىنس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. 10 ئايدىن كېيىن بىمار قىزىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىكتەك ئالامەتلەر بىلەن بەدەن ئۇدا زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كەتتى، كەينىدىنلا يەنە بىر نەچچە ياش بىمار مۇشۇنداق كېسەللىك بىلەن بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالاندى، بۇلارنىڭمۇ ھەممىسى ئەر ھەمجىنىسلاردىن ئىدى……….
1983-يىلىغا كەلگەندىلا، تىببى ساھەدە بۇ كېسەلگە قارىتا ئىمممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆپلىگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان ئالاھىدە يۇقۇملىنىش دەپ تەبىر بېرىلىپ، ئەيدىز دىگەن ئىسىم قويۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئەيدىز ساقايماس قورقۇنچلۇق كېسەللىك دىگەن سۆزنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، ئەمما دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھەمجىنىسلاردۇر، بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئامېرىكا ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تېخىمۇ شۇنداق. 7 يىل بۇرۇن بىر يىل بىرگە خىزمەت قىلغان ئاۋسترالىيەلىك بىر ئايالدىن شۇنچە ياشقا كىرگۈچە توي قىلمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا چاقچاق قىلىپ ئەتراپىمدا مەن بىلەن توي قىلغۇدەك ئەر كىشى بولمىسا دىگەنتى، گەرچە بۇ سۆز چاقچاق بولسىمۇ ئەمما يەنە مەلۇم تەرەپتىن شۇ جاينىڭ رېئاللىقى ئىدى، بۇنى كېيىن يەنە شۇ ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن بىر نەچچە خادىم گەپ سۆزلىرىدىن ئىسپاتلىغانىدى.
2007-يىلى دۇنيا ئەيدىز خاتىرە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا دۆلىتىمىزدىكى ھەمجىنىسلار( ئەرلەر ھەم ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)5 مىليوندىن 10 مىليونغىچە ئىكەن، ئەمما مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە جۇڭگودا تەخمىنەن 30 مىليون ھەمجىنىس بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.
2010-يىلى 6-ئايدىكى بىر دوكلاتتا، دۆلىتىمىدىكى ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 10 پىرسەنتكە يەتكەن!

ئەر ھەمجىنىسلار خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ئايلانماقتا

جۇڭگودا ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، چۈنكى ئۇلار ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ قېنىنى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ، بۇنىڭدا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردىن قالسىلا ئەر ھەمجىنىسلار. چۈنكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئىچىدە قان ئۆتۈشۈشتىن قالسىلا جىنسى مۇناسىۋەت، ئەر ۋە ئايال ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتكە قارىغاندىمۇ ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە يۇقۇش ۋە يۇقتۇرۇش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى مەقئەت مۇناسىۋىتىدە مەقئەت ئەتىراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئېلاستىكىلىقى بولمايدۇ، مۇناسىۋەت جەريانىدا مۇقەررەر يېرىلىش ۋە قاناش يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىن ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن ئەيدىز، جىنسى كېسەللەر(سۆزنەك، سىفىلىس، جىنسى ئەزا قاپارتمىسى دىگەندەك) ۋە ھەر خىل جىگەر ياللۇغلىرىنى ئاسانلا يۇقتۇرىۋالىدۇ ياكى يۇقتۇرىدۇ.

2009-يىلى دۆلىتىمىزدە شۇ بىر يىل ئىچىدە دوكلات قىلىنغان 48000 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلار 32.5 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.
دۆلىتىمىز جۈملىدىن رايونىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە قارىتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش ئۈچۈن مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش، يېڭى ئىشپىرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى قاتارلىق ئۇنۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلىندى، ئەمما ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىشى يەنىلا تېز بولماقتا.
80 پىرسەنت ھەمجىنىس يەنىلا توي قىلىپ بالىلىق بولىدىكەن.
دۆلىتىمىزدە ئەر ھەمجىنىسلار جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلىش ئۈچۈنلا يەنىلا خوتۇن ئېلىپ ئائىلە قۇرىدۇ، ئەمما بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يۇشۇرۇش ۋە ئاتا-ئانا، ئەتىراپىدىكىلەرنى ئالداش رولىنىلا ئۆتەيدۇ، بىر ياقتىن ئايالى بىلەن نورمال ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئەپ تاپسىلا ئوغىرلىقچە باشقا ھەمجىنىسلارنى تېپىپ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇ خۇددى نورمال ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارنى تېپىپ كۆڭلىنى خوش قىلغىنىغا ئوخشايدۇ،(يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا ئېلان بېرىدىغانلار نەق مۇشۇنداق ئەر ھەمجىنىسلارنى جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تېنىنى ساتىدىغان ھەمجىنىسلاردۇر.) شۇنىڭ بىلەن بۇلار سىرتتا كېسەل يۇقتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئۇلار ھەتتا بالىلىق بولىدۇ، دېمەك بالىسىغىمۇ يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. بالىغا يۇقمىغان تەقدىردىمۇ بۇ بالىنىڭ چوڭ بولغاندا يەنىلا ھەمجىنىس بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
ھەمجىنىسلار كۇلۇبى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىدىغان كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىماقتا.
ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسى جۆرىسى مۇقىم بولمايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا تۇنجى قېتىم تونۇشۇپلا بىر بىرىگە «كۆيۈپ قالىدىغان» ھەم ياتاق ئاچىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇمىيۈزلۈك. ھازىر شەھەرلەردىكى كەسكىن بازار رىقابىتىدە بەزى شۇم سودىگەرلەر مۇشۇ ئەھۋالنىمۇ بىر سودا پۇرسىتى دەپ بىلىپ، ھەمجىنىسلار قاۋاقخانىسى، كۇلۇبى ۋە ناخشا ئېيتىش ئۆيى دىگەندەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھەدەپ ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىرىشىشى ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسى پائالىيىتى كۆپەيدى ۋە جۆرە ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەللەرنىڭمۇ مۇشۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشىمۇ تېزلەشتى.

خوش، قېنى ئوقۇرمەن سىز ئەمدى نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ بۇ ھەقتە سىز نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ ئىنسانشۇناسلىق، پسىخولوگىيە ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بىز قانداق ئىشلارنى قىلساق بۇلارنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؟ ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟

يۈكسەل بلوگ ئەسكەرتمىسى : مەزكۇر تېما نىسبەتەن زىل تېما بولغانلىقى سەۋەبلىك، تورداشلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى، ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىشىنى، بىر – بىرىنىڭ پەرقلىق قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پىكىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ھەمجىنىسۋازلىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!48 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ھەمجىنىس ئايال ئىشقىۋازلار ( lesbians ) روھىيتى ئېغىر دەرىجىدە كېسەللەنگەن، ئاياللىق تەبئىتىنى يوقاتقان ئۆزىدىن ياتلاشقان ئەركەك-زەدەك لەردۇر. بۇلارنىڭ نۇرماللىقتىن غەيرىلىككە ئۆزگىرىش جەريانىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشى نۇرمال ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىگە رەسۇللانىڭ ‘ ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر بىر تۆشەك (ئورۇن، جاي، كارۋات) تە بىرگە ياتمىسۇن’ دېگەن ئاگاھلاندۇرىشىنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. مەيلى بەچچىۋاز ئەر(gay ) لەر بولسۇن، ياكى ئوخشاش جىنىسلىق ئايال ئىشقىۋاز( lesbians )لار بولسۇن بۇلارنىڭ شۇ خىل بىنۇرمال ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى ئەنە شۇ بىر-بىرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇش، ئۇياتلىق جايلىرىغا قاراش، سىلاش، بىر كارۋاتتا ياكى بىر يوتقاندا يېتىش دېگەندەك ئىنتايىن سەل قارىلىدىغان ئىشلاردىن باشلىنىدىكەن. بولۇپمۇ كۆپۈنچە ھاللاردا يېشى كېچىك، ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ئىزىقتۇرۇش ياكى جىنسىي زوراۋانلىققا نىسبەتەن قوغدىنىش ئېڭى بولمىغان پەيتتە مۇشۇ خىل ئۆز جىنسىدىن ياتلىشىش مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى يوسۇندا يۈز بىرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پەرزەنت تەربىيسىدە بۇ تۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

    • ساددا مۇنداق يازغان:

      بەچچىۋازلىق ئەڭ قەبىھ ۋە ئەڭ سەت جىنايەتتۇر ، ئۇ ئىنسانىيلىقتىن چىقىپ ھايۋان قاتارىغا كىرگەنلىكنى ، ئەقىلنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ، ھەم كۈڭۈل ھىسياتىنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئەركەك ھايۋاننىڭ ئەركەك ھايۋانغا سەكرىگىننىمۇ كۈرۈپ قاممايمىز . بىراق بۇ بۇزۇقچۇلۇق ئىنسانلار ئوترىسدا مەيدانغا چىقتى .شۇڭا ھەرقانداق كىشى كىسىپ ئېيتالايدۇكى بۇتۇردىكى بۇزۇقچۇلۇق ئەخلاقىي پاسكىنلىقتۇر . دىلدىكى خەتەرلىك كىسەلدۇر .ئىنسانلىقنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتكەنلىكتۇر.
      بەچچىۋازلىق بۇنىڭدىن بۇرۇن لۇت ئەلەيھسسالامنىڭ قەۋمىدە يۈز بەرگەن . بەچچىۋازلىق ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت قىلشىنى كۆرسىتىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسدا مۇنداق دىگەن .سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن(بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر». سۈرە شۇئەرا، 165 ـ ئايەت

      ئاللاھ تائالا بۇرۇنقى پەيخەمبەرلەرنىڭ قىسسلىرنى سۆزلەش ئارقىلىق بىزلەرنى ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا شۇنداقلا پەيخەمبەرلەرگە بوي سۇنغان ھەم ئۇلارنىڭ يۇلغا ئەگەشكەن كىشلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىغا ئەكسىچە پەيخەمبەرلىرنى ئىنكار قىلغانلارنى بولسا ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق زاماندا ئۇلارنى جازالاشقا قۇدرىتىنىڭ تامامەن يىتىدىغانلىقىنى بىزلەرگە ئەسكەرتىدۇ بۇ توغرىسا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ (ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن(نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ(يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ)بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر ». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن. سۈرە ئەنئام، 65 ـ ئايەت

      لۇت ئەلەيھسسلامنىڭ قىسسى قۇرئان كەرىمنىڭ كەرىمنىۇ نۇرغۇن يىردا كەلگەن جۈملىدىن سۈرە ئەنئامنىڭ 65 ،86 ئايىتىدە سۈرە ئەئىراقنىڭ 81،82،83 ئايىتىدە سۈرە ھودنىڭ 44ئايىتى ۋە 71 دىن ئايىتىگىچە بۇنداق ساناپ ماڭساق نۇرغۇن سۈرە ئىبراھىم ، سۈرە ھىجىر ، سۈرە رەئىد، سۈرە كەھف ،سۈرە نەمىل، سۈرە شۇئارا قاتارلىق ئايەت ۋە سۈرۈلەردە لۇت ئەلەيھسسلامنىڭ قەۋمىنى بۇبۇزۇق قىلمىشتىن توسقانلىقى قەۋمىنىڭ بولسا ھەددىدىن ئېشىپ لۇت ئەلەيھسسالامنى ئۆزقەۋمىدىن سۈرگۈن قىلماقچى بولغانلىقى ئاخىردا ئاللانىڭ ئۇلارغا ھەرخىل ئازاپلارنى چۈشۈرگەنلىكى قەيىت قىلىنغان .

      لۇت ئەلەيھسسلامنىڭ ئۆزقەۋمىنى بۇ قىلىقتىن توسقانلىقى قەۋمىنىڭ بولسا بۇنى ئىنكار قىلغانلىقى توغرىسدىكى ئايەتلەر .

      بۇ توغرىسدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ .

      لۇتنى (ئەھلى سەدۇمغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېىچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى. سۈرە ئەئراف، 80 ـ ئايەت

      لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.ئەئراف، 82 ـ ئايەت

      لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم!مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، اﷲ دىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئۈستىدە مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟». سۈرە ھۇد، 78 ـ ئايەت

      ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن».

      لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۇچ قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)». سۈرە ھۇد، 80 ـ ئايەت

      لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر. سۈرە نەمىل، 54 ـ ئايەت

      ئاللاھ تائالانىڭ لۇت قەۋمىنى جازالىغانلىقى توغرىسدىكى ئايەتلەر .

      بۇ توغرىسدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ .

      ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ(يەنى لۇت ئەلەۈيھىسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۈلۈم قىلدى. سۈرە تەۋبە، 70 ـ ئايەت

      سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋم) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھيى قىلدۇق. سۈرە ھىجىر، 66 ـ ئايەت

      لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى . سۈرە نەجىم، 53 ـ ئايەت

      بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. سۈرە قەمەر، 34 ـ ئايەت

      لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى. سۈرە قەمەر، 33 ـ ئايەت

    • ئابدۇلغەنى مۇنداق يازغان:

      كىچىك ۋاقىتلىرىمدا خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلار غۇ ئۇ ….بىزنىڭ يۇرتلاردا ئاپىلىرىمىز بالىلىرىنى چاقىرغاندا ئاۋازىنى سوزۇپ تولايدىغان (ھازىرمۇ شۇنداق…)،ئاپام مېنى ئاشۇنداق چاقىرغاندامەنمۇ كىچىكلىكتە سوزۇپ تولاپ جاۋاپ قايتۇرغان ؛شۇنداق بىرقېتىم ئاشۇنداق جاۋاپ قايتۇرغىنىمدا ئاكام :«ئوغۇل بالىدەك گەپ قىل!»دەپ خاپا بولغىنى ھازىرغىچە ئېنىق يادىمدا.شۇنىڭزى مەن يادىمدا يوق ئۇنداق تولاپ سالمىدىم…..مانا بۇ تەربىيىنىڭ ھاسىلاتى دەپ قارايمەن

  2. ئەپسۇس مۇنداق يازغان:

    « بۇ يىل (2002) 3-ئىيۇلدا برازىلىيىنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە 400مىڭ بەچچىۋاز نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. تەبرىكلەش مۇراسىمىدە سان پاۋلو شەھىرىنىڭ باشلىقى نۇتۇق سۆزلەپ ، سان پاۋلو شەھىرىنىڭ بەچچىۋازلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشھاللىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ يىلقى نامايىشچىلار بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن( ئادىل ئابدۇقادىر: «مەن ياشاۋاتقان دۇنيا»، شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2002-يىل، 5-سان)
    ئىنسانلار ھازىر ھېچقايسى دەۋردە كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەخلاق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ چېكىدىن ئاشقان ھايۋانىيلىقنىڭ-ئاشكارا جىنسىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇر. غەربلىكلەر «ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى»، «بەچچىۋازلىق»، «پاھىشىۋازلىق» دېگەنلەرنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. كۆز ئالدىمىزدىكى غەرب جەمئىيىتى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئەخلاق قارىشى، ئۇ يەردىكى بۇزغۇنچىلىقلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ. «ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى»، «بەچچىۋازلىق»… دېگەندەك ئاتالغۇلىلار ۋە بۇ بۇزۇقچىلىقلار غەرب تۇپرىقىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا قانۇنلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ، غەربنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى تەسىرى پۈتكۈل يەرشارىغا ئورتاق بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە كۆڭۈل بۆلۈش ئەڭ زۆرۈر مەسىلىدۇر. غەربتە ئىجاد قىلىنغان مەيلى نەزەرىيىۋى ئىخترا بولسۇن، مەيلى ماددىي كەشپىياتلار بولسۇن شەرق تۇپرىقىدا بازار تېپىۋاتقان ، كېڭىيىۋاتقان، ئىستېمال قىلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە بۇ خىلدىكى چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مەيدانغا كېلىشى ۋە تەشەببۇس قىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. يۇقارقى تېمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەربنىڭ ۋە ئۇلاردا شەكىللەنگەن ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تەسىرى ئانا دىيارىمىزغا خېلىلا چوڭقۇر بوپتۇ. گەرچە بۇ يەردىكى مەسىلە غەربتىكىدەك بەك ئېغىر بولمىسىمۇ. ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەرلەردە مەخسۇس بەچچىۋازلار كۇلۇبىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ۋە تېخى بۇ كۇلۇبتىكى ئالقىشلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدىن بولغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە ھەرقايسىمىزنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان تەستەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس…
    بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھاياتتا قانداق ياشىشىى ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشىنىڭ ۋە تەربىيە ئېلىشىنىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولغان ئەخلاق قارىشىغا باغلىق بولىدۇ.شۇنداق بولغاچ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە تەبىئەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئوخشاش ئەمەس. يازغۇچى يازغۇچىغا خاس، رەھبەر رەھبەرگە خاس، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىغا خاس، دېھقان دېھقانغا خاس… ئەخلاقىي قاراشقا ئىگە بولمىسا ۋە ئۆزىدىن ھالقىغان ئومۇمىي كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن مەلم مەسئۇللۇق تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىسا، ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئاشۇنىڭغا ماس ئېلىپ ماڭمىسا، بۇ، دۇنيا پاساتچىلىقنىڭ كانى بولۇپ كېتىدۇ. ھەر بىر تائىپە چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەخلاقىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
    ئېيتىلىشىچە، لۇت قەۋمى ئومۇمىيۈزلۈك بەچچىۋاز بوپ كەتكەچكە، تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنىپتىكەن. نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە كىشىلەر ئەخلاقسىز بوپ كېتىپتىكەن. نوھ ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچىلىك ئۇلارنى بۇ رەزىل قىلمىشلاردىن يېنىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇلار بويۇنتاۋلىق قىپتۇ. ئاخىر نوھ ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارغا: « ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىغىن، ئەگەر ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ…» دەپ دۇئا قىپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالامغا پەقەت ئازغىنا ئىنسانلار ھەمراھ ئىكەن. ئۇ كۆڭلىدە، بۇ بۇزۇقلار يوقالسا، كېيىنكى ئىنسانلاردا بۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلاپتۇ… «توپان بالاسى»دىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بۇزۇق، ھاياسىز، ئەخلاقسىز كىشىلەر مەيدانغا كەپتۇ …
    ئىنسانلار يەن قانداق زامانلارغا، يەنە قانداق كىرىزىس، مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ نامەلۇم. مېنىڭچە، ئىنسانلار ( ھەر بىر ئىنسان) ئۆز مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇپ ( يەنى ئۆزىنى تونۇپ) ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلالىغاندىلا گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىنسانلار يەنە يېڭى-يېڭى كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋېرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ روھىنى ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ، سېسىق ئالمىدەك بىر-بىرىنىڭ روھىنى چىرىتىدۇ.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ھەمجىنىسلىق، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق ئەخلاقسىز قىلمىشلار يېقىنقى زاماننىڭ ھەمسۇلى ئەمەس. بەلكى ئەلمىساقتىن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەردۇر.
      بۇرۇن بۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئۆز قىلمىشلىرىنى پەقەت يوشۇرۇن ھالەتتە ئېلىپ باراتتى، ھازىر بولسا ئاشكارا ھالەتكە ئۆتتى خالاس. گەرچە بۇ قىلمىش مەلۇم جەھەتتە ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەجداتلىرىمىز بۇرۇن بۇ جەھەتتە ئەخلاقلىق بولۇپ، ھازىر تۇيۇقسىزلا ئەخلاقسىز بولۇپ قالغىنى يوق. ئەخلاق بۇرۇن قانداق بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق.

  3. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    ماڭىمۇ بۇنداق كىىشلەر كۆپ ئۇچۇرغان، راست گەپنى قىلسام بۇ خىل كىشىلەردىن خۇددى جىن ئالۋاستىدىن قورققاندەك قورقىمەن.

  4. ئەپسۇس مۇنداق يازغان:

    ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

    ئابدۇرېھىم دۆلەت

    ھېچكىم خاتالىشىشىنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى بولۇپ كەلدى .ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكە ئىنتىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى. لېكىن بەختنىڭ قەيەردىلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سوئال پېتى تۇرۇپتۇ. بەخت _ تارىختىكى بارلىق پەيلاسوپ – مۇتەپەككۇرلارنىڭ بەھىس تېمىسى، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى ‹‹بەخت›› يولىنى كۆرەلمىدى. يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادالەت داۋاسى بىلەن قۇرۇلغان. بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز .
    تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس تەجرىبە-ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپقېلىپ، خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك. ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكەنلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن پاتمان-پاتمان پۇشايمان-تۆۋىلىرىنى قىلىپ، ئەۋلادلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ-يۇ، ئەۋلادلار بولسا ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىشقىچە›› دېگەندەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا تالاي قان-ياشلىق ۋەسىيەت، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر شۇنداق ئايلىنىدىغان، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان جەريان .
    بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس، تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۇرىدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆرەلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادى ئامىللارنى بەلگە قىلغان يېڭى-يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى. ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى پەيدا بولدى، بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى. يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلىدار ئىدى .
    ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى، ئىلگىرى سىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر-بىرلەپ تېپىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىگە، تەبىئەتكە، دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئىنسانلار ئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھېس قىلمايدىغان بولدى .تېخنىكا ئارقىلىق قولغا كەلگەن، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋەپپىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇ جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى، بايلىق بايلىقنى، ئېھتىياج ئېھتىياجنى تۇغدى. ئىلگىرى ئىنسانلار ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى. بۇ قىقاس-سۈرەنگە تولغان ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا-ئاستا ئەمەلىي، ماددىي ئۈنۈم ئەكېلەلمىگەن ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەل قاراشقا باشلىدى. خۇددى ‹‹قۇرئان كەرىم ››دە ئېيتىلغاندەك: «ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم بۇ ئۆزەمنىڭ سەئىي-ئىجتىھاتىدىن كەلگەن) دەيدۇ››[سۈرە فۇسسىلەت 49-50-ئايەتلەر] ‹‹ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق، يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ››.[سۈرە فۇسسىلەت 50- ئايەت]
    بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا ھازىر توقلۇقتىن چىقىشقا باشلىدى. روھىي قىممەت، ئەخلاق-پەزىلەتلەر ئىقتىدار، قابىلىيەت دائىرىسىدىن سانالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاسىتە نەپ ئەكېلەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتۇقچە ساناپ، تەرك ئېتىشكە باشلىدى. ئەگەر ئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك. ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى، مەنىسىنى يوقاتمايدىكەن، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ .ھازىرقى ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماستىن، بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا، شەكىللەندۈرۈۋالغان سۈنئىي ئەخلاق ئىدى .
    كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىب قىلىنىشى باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان بارلىق ئىشلارنى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى. ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق-ئاشكارە ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى .ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل؟
    ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراش، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەيئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكلىگىلا باغلىق بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان ئۇسۇلغا باغلىق. بىز ئوخشاش شەيئىينى ئوخشىمىغان بىر قانچە نۇقتىدىن كۆزەتسەك، ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ پرىزىدېنت كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى .بۇ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈن قانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا پارىژ خەلقى ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان بىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فىرانسۇزچە كۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
    خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا دەپ قارالدى. بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدىغان ‹‹ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»[سۈرە ھەشىر 9-ئايەت] ئۆزىگە راھەت، لەززەت ئەكېلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىستىېمال بۇيۇمى سۈپىتىدە تاللىۋالدى. جىنسىي راھەت بولسا، ئىنسانلار تاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى. بۇنى قاندۇرۇش بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئىش، دەپ قارالدى. ئەنئەنىۋى نىكاھ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە، دەپ قارايدىغان بولدى .
    كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا، كىشىلىك ھاياتقا تەھدىت ئەكەلگەچكە چەكلىدى. ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭ ساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان بولسا، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كرىزىسكە دۇچار بولماس ئىدى. مەنىۋى بۇزۇلۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدى. ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى، جازالىدى، مېنىڭچە روھىنى بۇلغىغان مەنىۋى زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا جازالاش كېرەك .
    شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى، بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق، بۇزۇقچىلىق، قاتىللىق دېگەندەك جىنايەتلەر گاھى-گاھىدا يۈز بېرىپ تۇرسا، بۇ نورمال ھادىسە ھېساپلىنىدۇ، لېكىن ھەمىشە يۈز بەرسە بۇ نورماللىق بولماي، ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ، شۇنىڭدەك جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە ‹‹توغرا›› چۈشىنىپ، ئەپۇ قىلىشى، ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن .
    مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى، دەپ قارىمايمەن. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىسىدا شەكىللەنگەن، ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قۇرغاقلىشىپ قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر نەچچە تۈپىدۇر .
    بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇ ئادەم، ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى. بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتۇرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ‹‹ماڭا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالدىڭ›› دېيەلىگەن ھېلىقى كىشىدەك روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىك ئىشخانىلىرىدىن، دۆۋە-دۆۋە كىتاب-ماتېرىياللار ئارىسىدىن، قاتۇرۇپ كىيىنىپ، قۇرساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن، قىلالمىغان، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپىۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىلمايدۇ. ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىكى، ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد، سەمۇد قەۋملىرىدىن بەس تالىشالايدۇ. بۈگۈن ئىخلاس، ساداقەتمەنلىك يوقالدى. بۇ بىر خۇدا ئۇنتۇلغان، ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى .نەپىس ئېتىقادتىن غالىپ كەلدى .
    ئېرىخ فرۇم نېتزىي 20- ئەسىردە ‹‹ئادەملەر ئۆلدى›› دېدى. ئۇ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسلىسىز ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گەرچە بۇ گەپ 1979-يىلى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رىئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرگىنىمىز يوق .
    يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ روھىي قۇرغاقچىلىق، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. ئىپپەت قىزلار گۆھەرلىك سالاھىيىتىنى بارا-بارا يوقۇتۇشقا باشلىدى. يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا خۇددى كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى : ‹‹ كۆزۈم كۆرمىدى، قۇلىقىم ئىشتمىدى›› دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىشقا يۈزلەندى. قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيىسىنىڭ بازارلىشىشى، پارتلىماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى. ياشلىرىمىز تورمۇزى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاپ قالدى. ئىلگىرى كوچا-كويلاردا، كىشىلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋېتەتتى، ھازىر ئىتلارمۇ خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە ئادىمىي ئىتلار ئالدى. ئەرلەر ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ئۇنى كۈنلەش قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولدى. ئەجىبا ، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ؟
    جىنسىيەت ھازىرقى ‹‹مەدەنىيەتلىك›› جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكارا تېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى. جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندە ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. بىز بولساق بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرمىگەنلىكتىن، دەپ قارىدۇق. ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ؟ (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گېگىنا دەرسىدە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندە قانداق ھېسىسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ). نومۇسلىق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللارغا ئايرىم كۈندە، ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن، ھەم ئاياللارمۇ سوئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق سورايدىكەن .
    ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا، ئەخلاق يوقايدۇ، ئەخلاق يوقالغاندا، قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئېيتىلىشىچە، ئەخلاقنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ ئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپكەتكەچكە، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي ئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن .
    ھازىر قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىنى تاللىغاندا تاشقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى قىياپەت بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى. ئاتا-ئانىلارمۇ كۈيئوغۇل، كېلىننى ئابروي، پۇل، ھوقۇق نۇقتىسىدىن بەكرەك تاللايدىغان بولدى (مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالام ‹‹دىيانەتلىكنى تاللاڭلار›› دېگەنىدى). ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئەخلاق تەلىپى تولىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. ئاتا-ئانىسىنى ‹‹سىز ، سىلى›› دەپ ئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى .
    ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، خاتىرجەم ئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن، تەلەپ ئېھتىياجىنى پەرمانبەردارلىق بىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن ….. ، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن، بۇرنىدىن يېتىلىمەكچى بولغانلىقىدىن، پارچە-پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بۇزىدىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن …. قاقشايدۇ. ئەرلەر لايىقىدا ئەر، دادا بولۇپ بولالماي، ئاياللار خوتۇن، ئانا بولۇپ بولالماي تۇرمۇشىدىن رەنجىپ يۈرۈشمەكتە. تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ روھىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش. ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە.
    يىگىت دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇھەببەتلىشىشتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلە تاپا-تەنە، رەنجىش، كايىشلار بىلەن تولغان. ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىك، مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي، ئۇرۇش-جېدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان . . . ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز .
    بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. لېكىن ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ روھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
    ئادىل يىلدىرىمنىڭ ‹‹غەلىتە ئۆزگۈرۈش›› دېگەن ھېكايىسى گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئەينەن ئەكس ئەتتۈرمىسىمۇ، روشەن بىر يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېكايىدىكى پاجىئەلەر ئاۋۋال روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر .
    مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس (ئەمەلىيەتتە بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس). بەلكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر. ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دىپلوم، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسىېنىت، پروفېسسور بولغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھات بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ، چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك، ‹‹ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئەمەلدۇر››[‹‹ھەدىس››دىن].
    تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇر چىققان بولسىمۇ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپكەلدى. ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلارنى ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى. بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى-يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ، بۇنىڭغا قاراشقا ھەقىقەتەن ‹‹چولىسى›› تېگىپ بولالماي قالدى .
    ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر-بىرىنى يېگەنىدى. ھازىر بولسا توقلۇقتىن يەۋاتىدۇ. لۇشۈن ئەپەندى: ‹‹بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!›› دەپ نىدا قىلغانىدى، لېكىن مەن ئاۋۋال ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، دەپ نىدا قىلىمەن .چۈنكى ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن؟!…

  5. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    تور ئېچىلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ QQ دېگەن نەرسىنى ئىشلىتىپ يۈرگەن چاغلار.
    بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بېكەتكە تېما يوللىغاچ، شىنجاڭ QQ دا ئېنىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم، بىرسىدىن ئۇچۇر كەلدى .
    - سەن ئۇيغۇرما؟
    -ھەئە، مەن ئۇيغۇر.
    -ھە .
    قارشى تەرەپ بىردەم جىمىپ كەتتى. مەن ئىشىم بولۇپ كېتىپ ئۇنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. بىرەر سائەتلەردىن ئۇنىڭدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.
    - سىلەر ئۇيغۇرلار بەك قامەتلىك، كېلىشكەن ھە !؟
    - شۇنداق، نېمە بولدى؟
    - ھېچنېمە؟
    ئۇ يەنە جىمىپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن يەنە خەت يازدى:
    - مەن 22 ياشقا كىردىم، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى ياخشى كۆرۈمەن .
    - شۇنداقمۇ؟
    - سەن بىلەن كۆرۈشكۈم بار، تېلېفون نومۇرۇم XXXXX ، ماڭا تېلېفون قىل .
    ئۇنىڭ دەپ بەرگىنى ئۈرۈمچىنىڭ كىچىك زېرەك نومۇرى ئىدى.
    مەن جاۋاب قايتۇرمىدىم. پاراڭ مۇشۇ يەرگە كەلگىچە مەن ئۇنى قىز دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.
    - ئەجەبا ، سەن ئوغۇل بالا بىلەن بىللە بولۇشنى ياقتۇرمامسەن؟
    - ھە ؟؟؟
    تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى. مەن بىر ئەر ھەمجىنىسۋاز (بەچچىۋاز) بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپتىمەن-دە. خۇدايىم ئاسانچىلىق بەرگەيسەن.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى تېخىمۇ بەتتەر چىققىلى تۇردى، ئاخىرى بولماي ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللىدىم. لېكىن ئۇ گەپلىرىمنى قېتىغا ئېلىپ قويمايدىغاندەك. ئاقىۋەت خەتلىرىگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىۋېدىم، جىمىدى.
    ئەتىسى ئۇ دەپ بەرگەن نومۇرغا ئاممىۋىي تېلېفوندىن تېلېفون قىلدىم. قانداقتۇر ئىپلاس خىياللار بىلەن ئەمەس، بەلكى بەچچىۋاز ئەركەكلەرنىڭ ئاۋازى قانداق بولدىغاندۇ، ئەھۋال ئىگىلەپ باقاي دېگەن مەقسەتتە تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى دەرۋەقە بىر ئوغۇل ئالدى. ئاۋازىدىن 22-23 ياشلاردىكى كىشى دەپ پەرەز قىلدىم. ئۇ «ياخشىمۇسىز، گەپ قىلىڭە» دەپ ئاق قۇشقاچتەك سايراپ كېتىۋاتاتتى. ئاۋالقى ئويلىرىم نەگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى، تېلېفوننى گەپ قىلماي قويۇۋەتتىم.
    شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھازىرغىچە تېنىم شۈركىنىدۇ. بىر چاغلاردا دوستلىرىم بىلەن باشلىغان ھاجەتخانا تازىلاش (ھاجەتخانىلاردىكى بەچچىۋازلار ئېلانىنى تازىلاش) ئىشىنى ئاخىرىغىچە قىلالمىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن.

  6. ئىلىخو مۇنداق يازغان:

    مەن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاممىۋىي ھاجەتخانىلاردا مۇنداق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم. مېنىڭچە بۇ ئىشنى كۆپىنچىڭلار ئەمەس ھەممىڭلار بىلىسىلەر!
    ئەتە ماڭىمەن، دېگەن كۈنى بىر ئاممىۋىي ھاجەتخانىغا كىرگەنتىم. چىقىپ كەتكۈچە شۇنداق قارىسام تامدا «同性 ئوينايلى! » دېگەن خەت يېنىدا تېلېفون نومۇر تۇرىدۇ. يۈرىكىم زىقلا قىلىپ قوللىرىم غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. بۇرۇن كىنولاردا، گېزىت – ژۇرناللاردا كۆرگەن «بەچچىۋازلار» نىڭ تېلېفون نومۇرى ئەمدى كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ، ئەمما ئۇنداقلار بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقسا بۇ قانداقمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتسۇن؟ قەتئىي ئۆتمىدى. كاللامدا ئازاب ئارىلاش ئاچچىق. نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكىنىمنى ئۆزۈملا بىلىمەن، بۇ يەردە پەلسەپە سۆزلىگۈممۇ يوق. تېخىمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتمىگىنى بېرىپ تېلېفون نومۇرنى تاتىلاۋاتسام بىر ئاكامدەك ئادەم سورايدۇ:
    _ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ئۇكا! تېلېفون قىلساڭلا بولمىدىمۇ بولالماي قالغان بولساڭ، _ دەپ.
    _ نېمە؟ مەنما؟ تۈزۈك گەپ قىلىڭە ئاكا! كۆزىڭىزگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتامدىم؟ ماۋۇ تېلېفون نومۇرىنى چىقىرىۋېتەي، دەيمەن، _ دېسەم كۈلۈپ كېتىپ بېشىنى چايقاپ دەيدۇ:
    _ نېمە كارىڭ دەيمەن، سەن ئۇنداق بولمىغاندىكىن كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟ ئۈرۈمچىدىكى ھەممە ھاجەتخانىدا بار بۇنداق ئادەم ئەمەس نېمىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى، سەن ھەممە ھاجەتخانىدىكى تېلېفون نومۇرلىرىنى تاتىلاپ ئۆچۈرۈپ بولالمايسەن!
    مەنمۇ سەل قايناپ قالدىم:
    _ مەن ئۆچۈرۈپ بولالمىسام سىز ياردەملەشسىڭىز بولىدىغۇ؟ ئەجىبا بۇ يالغۇز مېنىڭ ئىشىممىكەن؟ بىز ئۇيغۇرلارغا ماس كېلەمدۇ مۇشۇنداق ئىش؟ قانداقمۇ غورۇرىڭىز كۆتەردى مۇشۇ ئىشنى؟ نومۇرنى كۆرۈپ ئىچىڭىز قاينىمىدىما ھەي ئاكا! يۈرىكىڭىز ئېچىشمىدىما؟ بىز مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالدۇقما؟ قاچانغىچە كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىمىز؟ بىز ئوڭشىماي كىم ئوڭشايدۇ؟. . .
    لېكىن سوئاللىرىم جاۋابسىزلا قالدى. ئۇ ئادەممۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا بېشىنى چايقاپ چىقىپ كەتتى…

    • باشپانا مۇنداق يازغان:

      ھەيھەي ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچڭىگە بارغان ئىدۇق نەچچە كۈن تۇردۇق بىز كىرگەن ئامىۋىي ھاجەت خاننىڭ ھەممىسىدە شۇ يىرگىنىشلىك سۆز ۋە نۇمۇر مەن تېخى باشقا مىللەتلەر ئوخشايدۇ دەپ كوپ ئويلاپ كەتمەپتىمەن ، ئەسلى ئىش مۇنداق كەندە …….. ئاللا پۈتۈن بەندىلىرىنى مۇشۇ ئىشتىن ساقلىسۇن ، توۋا دەيلى قېرىنداشلا …

  7. مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ غۇلجىدا كۆرگەن بۇنداق «ئېلان»لارنى ،قارىغاندا ھەمجىنىسلار تېز سۈرئەتتە يامراۋاتامدۇ نېمە ،ئىتىقادسىزلىق كۈچەيسە ئىنسان ھەر پەسكەشلىكلەرگە مۇپتىلا بولىدىكەن !! :sad:

  8. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    مەن قايسى بىر ماقالىدە، «سولغايلىقنىڭمۇ ھەمجىنىسلىققا تەسىر قىلىدىغانلىقى» نى يەنى، سولغاي كىشىلەرنىڭ ھەمجىنىس بولۇش نىسبىتى ئوڭغايلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى كۆرگەن ئىدىم.
    بۇرۇن بىر زىيالىي ئاكىمىزدىن، ئەر ھەمجىنىسلەر، يەنى بەچچىۋازلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەقىللىق ۋە زېرەك بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، كېيىن ماتېرىيال، تېلۋىزور ۋە باشقا مەنبەلەردىن بايقىشىمچىمۇ ئۇلار دەل شۇنداقكەن.

    ھەمجىنىسلار ئەر ھەمجىنىس ۋە ئايال ھەمجىنىس دەپ ئايرىلىدۇ. ئەر ھەمجىنىسلار تىلىمىزدا بەچچىۋاز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەنە مۇناسىۋەتتە ئوينايدىغان رولىغا قاراپ 3 تۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئەرلىك رولىنى ئالىدىغان، ئاياللىق رولىنى ئالىدىغان ۋە ئارىلاش رول ئالىدىغانلار، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ناملىرى كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا تونۇش سەت گەپلەر بولۇپ، بىۋاستە ئاتاشنى سەل ئەپسىز ھېس قىلدىم. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، تىلىمىزدىكى «گۇي» سۆزى 3- خىل بەچچىۋاز— ئارىلاش رول ئالىدىغانلارغا قارىتىلامدىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ ھەقتە تورداشلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ.
    غىتمەكتەك يۈرەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەمجىنىس بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بۇ سۆزنى بىزنىڭ قومۇل تەرەپتە «ئايلاخان» دەپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ ئەركەكتەك يۈرۈيدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەمجىنىسلار چىقىپ قالىدۇ.
    ئايال ھەمجىنىسنى ئادەتتە «لەۋۋاز» دەيدۇ. بۇنى مەن ئىزدىنىشتىكى ۋاقتىمدا مەلۇم بىر تېمىدىن كۆرىۋالغان ئىدىم. لەۋۋازلارنىڭ قانچە خىلغا بۆلىنىدىغانلىقىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن. بىلىدىغان تورداشلار دەپ باقسا بولىدۇ.
    ئۆزەم قوشۇمچە تەرجىمان، ھەمدە ئاتالغۇغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولغاچقا، يۇقارقى ئاتالغۇلارنى ئېسىمدە تۇتىۋېلىپ، كۆپىچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، يۈكسەل بلوگىغا يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    • يانغىل مۇنداق يازغان:

      2007- يىلى ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان 87 مىڭ ئېنگلىز ئەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ئەر ھەمجىنىس (بەچچىۋاز) لارنىڭ ئاكىلىرى نورمال ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن. لېكىن، ئايال ھەمجىنىس (لەۋۋاز) لاردا بۇنداق ئەھۋال يوق ئىكەن.

      «ئاكا ئېففىكتى» ئامىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان تورىنتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى برەيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەرنىڭ بىر ئاكىسى كۆپ بولسا، ھەمجىنىس بولۇش ئېھتىماللىقى %33 كۆپىيىدۇ». لېكىن بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك يېرى يوق. ئوغۇللار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھەمجىنىس بولۇش ئېھتىماللىقى %2 بولىدۇ، بىر ئاكىسى بولسا، ئېھتىماللىق يۇقىرىلاپ %2.6 يېتىدۇ.

      نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەمجىنىسلار ئىچىدە سولغايلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن. 2000- يىلىدىكى شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى 23 مىڭ ئەر ۋە ئاياللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن كۆرستىلىشىچە، ئەگەر ئەرلەر ئوڭغاي بولمىسا، ھەمجىنىس بولۇش ئېھتىماللىقى %34 كۆپىيىدىكەن. ئايللارنىڭ ئېھتىماللىقى بولسا %90 كۆپىيىدىكەن. بەزەنلەر، بۇ بالا ياتقۇدىكى تېستوستېروننىڭ بىنورماللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تېستوستېرون ھامىلەنىڭ كۆكرىكىگە تەسىر قىلىپ، سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ، ھەم جىنسىي مايىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدىكەن. يەنە بەزىلەر، بالا ھەمراھى مەلۇم ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ياكى ئانا كېسەل بولسا، تۇغۇلغان بالىنىڭ سولغاي بولۇشى ۋە ھەمجىنىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

      ئۇيغۇرلار ئادەتتە باللىرى سول قولىنى ئىشلەتسە ئاچچىقى كېلىدۇ. بەزىدە سول قولىنى بېلىگە تېىڭىپ قويۇپ، ئوڭ قولنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەندۈرىدۇ. ھازىرقى نۇرغۇن زىيالىلار بۇنى خۇراپىيلىق دەپ قارىغان بىلەن، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ھېكمەتنىڭ ياتقانلىقىنى چەتئەللەرنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

      - سەرۋەڭ تورىدىكى كۆكتاشكام ئۆزىنىڭ ماقالىسىكەن.

      • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

        ھە شۇنداق. مەن بۇ ماقالىنى مەلۇم بىر خەنزۇچە ساخاۋەت تورىدىن كۆرۈپ، زېركىشلىكتە تەرجىمە قىلىپ قويغان، كېيىن سەرۋەڭگە يوللىغان ئىدىم.

  9. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    تولۇق ئوتتۇرا مەزگىللىرى ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ-ئۆتكەندە،ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردىن ئاشۇنداق لاۋزا ئېلانلارنى كۆرۈپ تېخى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن،ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بۇ ئىشلار ھەققىدە گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ،ئاشۇ ئېلانلار ئىسىمگە كەچتىدە،بەدىنىمنى تۇيۇقسىز تىترەك باستى… :x

  10. پادىشاھ مۇنداق يازغان:

    توۋۋا مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭلا خۇدادىن تانغانلىققۇ بۇ

  11. ۋاپا مۇنداق يازغان:

    جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش رېتىمىنى تىزلىشى، كىشىلىك دۇنيا قاراشنىڭ ئۈزلىكسىز يېڭىلىنىشى بىلەن ئىپادىلىنىپ كىشلىەرنىڭ قىزىقىشىنى ھەرخىللاشتۇرۇپ دىنىمىزدا چەكلەنگەن، ئېڭىمىزدا پەسكەشلىك ھىسابلىنىدىغان بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئەۋىج ئېلىشى بىزگە لۇت قەبىلىسىنى ئەسلىتىش بىلەن ئۆزىمىزنى تۈزەشكە دەۋەت قىلماقتا……..

  12. باياۋان مۇنداق يازغان:

    ھەمجىنىسۋازلىق بۇ ئىنسان تەبىئىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان، بارلىق جەمئىيەتلەردە بىردەك قارشى تۇرۇلغان قىلىقتۇر. نۆۋەتتە غەرپ ئەللىرىدە ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ۋە زىنا قىلىشى كەڭ دائىرىلىك يامراش ۋەزىيىتىدە، ھەتتا خېلى كۆپ دۆلەتلەر ئۇلارغا قانۇن ئارقىلىق يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىمۇ ئەرلەرنىڭ بەچچىۋازلىق قىلىش ھادىسىسى ئاتام زامانىسىدىن بېرى ئاندا- ساندا ئۇچراپ تۇرغان ئىدى.ئۇيغۇرلار مۇنداق كىشلەرنى «قوڭچى»،«ھېجىقىز» دەپ ھاقارەتلىك ئاتاپ، مۇنداق كىشلەرنى ئىنتايىن پەس كورۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئۈزۈپ كەلگەن .بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بوھران ئەپەندى يازغاندەك مەخسۇس كۇلۇب قۇرۇپ، 10 مىڭلاپ ئەركەكلەر يىغىلىپ ئىشقىۋازلىق قىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولسا، ئەھۋالنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چالا قالغىنى پەقەت ھەزىرىتى نوھتەك بىرىنىڭ چىقىپ بەد دۇئا قىلىشى ئىكەن …

    يىتەر بەزى يادىمغا توپان ،
    نوھ قەۋمىنى باسقان شۇ قىيان .
    ئۇندا دەھشەت بالايىئاپەت ،
    بەخش ئەتكەن بارچىغا ھىجران .

    ئەركەكلىكتىن چەتنىگەنسېرى ،
    يوقىلىدۇ ئىنساپ دىيانەت .
    لۇت قەۋمىدەك بەچچىلەر ئېشىپ ،
    تاشلار سوقۇپ كېلىدۇ ئاپەت .

  13. ئىنسان مۇنداق يازغان:

    مەن مانا بۇ كېسەلگە دۇچار بولغانلارنىڭ بىرسى،ئاللاھ ئىگەم كوڭلىمگە ياخشىلىق سېلىپ،بۇ ئىشتىن ئوزەمنى تارتىشقا تىرىشىۋاتىمەن ۋە ئۈنۈمىنمۇ كۆرىۋاتىمەن.ئىشەنچىم باركى چۇقۇم تاشلايمەن.گەرچە بىزگە ئوخشاشلار كاللىمىزدا مەن ئۆزەم بۇنداق بۇلىۋالاي دەپ بۇنداق بولىۋالمىسام يا ،كىمنىڭ بۇنداق بۇلىۋالغۇسى بار،مىنىڭمۇ نورمال ھايات كەچۇرگىم بار،چوڭ بۇلۇپ ئەقلىمنى بىلسەم مۇشۇنداق ئىكەنمەن دەپ ئويلىساقمۇ، ئالدى بىلەن چۇقۇم كاللىدا بۇ ئىشنىڭ شەيتاننىڭ ئويىنى ئىكەنلىكىنى،ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلىشىدىن ئۇنداق ئەمەس،بەلكى شەيتاننىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىلا بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا بېسىپ كىرىپ، بىزدە خاتا بولغان بىر بورمىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ، بۇ ئىشنىڭ ئىسلامدا خاتا ئىكەنلىكىنى،ھەم بۇ ئىشنىڭ بىزنىڭ ئىككى دۇنيا ھاياتىمىزغا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى چۇقۇم تولۇق تونۇش كېرەك،ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن بىر سىنىقى !ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ بىر خۇمارى بۇلىدۇ،بۇ ھەم شەيتان تەرىپىدىن بۇلىدۇ،شۇنىڭغا بۇنداق خىيال كاللىمىزغا كىرىپ قالغاندا ئەئۇزى بىللاھى مىنەش شەيتانى رۇەجىم دەپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىشىمىز كېرەك، بولسا ناماز ئوقۇپ،كۆپرەك دىننىي كىتاپلارنى كۆرسەك،ئىشىنىمەنكى چۇقۇم بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلەيمىز.ئاخىرىدا مەن جەمئىيەتتىكى نورمال كىشىلىرىمىزنىڭ بۇنداق ئادەملەرنى پەس كۆرمەي،چۇنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ياخشى ئادەملەر بار،ئۇلارغا ھەقنى بىلدۇرۇپ،توغرا يولغا باشلىساق!

  14. بىرزات مۇنداق يازغان:

    تېبابىتىمىزدە بۇ ھەقتە تۈزۈكرەك داۋالاش چارىسى ئوتتۇرغا قويۇلمىغان. بەلكىم تېۋىپ-ھۆكۈمالىرىمىز بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولىشى مومكىن. نۇرمال كىشىلەردەك ياشاش ئارزۇسى بار شۇ خىلدىكى كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشى بىلەن ھەم شۇ دەۋردىكى ھاكىملارنىڭ بۇلارغا بىرىدىغان جازاسىنىڭ ئېغىر بولىشى سەۋەبلىك ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان بولىشى ھەم مومكىن. غەربنىڭ شۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكىرىچە ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ 100/1 ئىكەن. بۇ ئۆزگىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدىغان ھەمجىنىس روھىي جەھەتتىن چوڭ بىر دولقۇنغا دۇچ كەلگەن بولىشى كېرەك ئىكەن. مەسىلەن: دىنىي ئىتقاد تەسىرى، دىن ئۆزگەرتىش دېگەندەك. ئۇندىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، ئۇستازلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇنىڭ نۇرمال ئىدىيە، توغرا جىنسىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن يېتەكلىشىگە موھتاج ئىكەن.
    مەن بۇ ھەقتە بىر-نەچچە تورداشنىڭ ياردەم سوراپ يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ بۇلار ئۆزگىرىش ئىستىكىدە بولسىمۇ بەچچىۋازلىقنىڭ <> دىن قۇتۇلالمايۋاتقان ياش بالىلار ئىدى. مۇشۇ ساھەدە تەتقىق قىلىپ باققۇسى بار تورداشلارغا ماتىريال بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن ھەم ئاتا-ئانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بولسۇن ئۈچۈن شۇ خەتلەردىن بىرىنى يوللاپ قوياي:
    مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئىزچىل ئىلغار نەتىجە بىلەن ئەزىز خەلقىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. ئالىي مەكتەپكىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىندىم.
    يىشىمنىڭ چوڭ بولشىغا ئەگىشىپ مەن ئۆزۈمدە ئىنتايىن بىنورمال بولغان پىسخىك ھالەتنى بايقاشقا باشلىدىم. مەندە قىزلارغا نىسبەتەن ھىچقانداق قىزقىش يوق ئىدى. بەلكى ئوغۇللارغا قىزقاتتىم. كىينچە بۇنداق كىشلەرنىڭ «ھەمجىنىس» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدىم. ھەم بۇ كىشلەرتوپى ئارسىدا يۈرگىلى بەش يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەريانلاردىكى ئۆزۈمنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئۆگنىشىممۇ خىلى زور تەسىرگە ئۇچرىدى. گەپنىڭ راستىنى ئىيتسام كىچكىمدە تولا مەھەللىدكى قىزلار بىلەن بىرگە ئوينايدىغان، چىرايىممۇ بەكلا قىز بالىغا ئوخشايتى. كۆرگەنلا كىشى ھەجەپ چىرايلىق قىز بالىكەن ماۋۇ دەپ مىنى خاتا تونۇپ قالاتتى. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەشۇ ھىچ ئىشنى بىلمەيدىغان چاغلىرىمدا خىلى كۆپ قىتىم جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئىدىم . لىكن ئۇ چاغدا ئۇ ئىشلارنىڭ نىمە ئىش ئىكەنىكىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. تولۇق ئوتتۇردىكى چاغلىرىمدا گەرچە ئەشۇ ساۋاقداشلىرىمغا ئەگىشىپ «ساتىراشخانا»غا بىرىشنى ئويلاپ كۆرگەن بولساممۇ، لىكىن بۇنى ئىغىر گۇناھ شۇنداقلا بىر نۇمۇسسىزلىق دەپ ئويلاپ، ئۇنداق يەرلەرگە يولۇپ باقمىغان.
    تولۇقسىز ئوتتۇردىن باشلانغان مەكتەپنىڭ دىنىي چەكلىملىرى تەسىرىدە دىنغا بولغان ئىتىقادىم بارا-بارا سۇسلاپ كەتتى. ئىچكىرگە كەلگەندىن كىيىن، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنىڭ دىن ھەققىدە ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ سۇسلىشىپ، ئىغىزدا مۇسۇلمان لىكىن كۆڭلۈمدە بولسا بۇ ھەقتىكى نەرسىلەرگە پەقەتلا قىززىقماس بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەندە ھىچقانداق چەكلىمە قالمىدى. ئۆز كۆڭۈل خاھىشىم بويىچە ئىش كۆرىۋەردىم.لىكىن ئۇرۇق-تۇققانلىرمىز ھەممىسى دىگىدەك سودىگەر. ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان ئىتىقادي ھەم كۈچلۈك. مەن ئۆزۈم ھەققىدە داۋاملىق ئويلىناتتىم. بۇ يولنىڭ مەن ئۈچۈن ھالاكەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. شۇڭا كۆپلىگەن پىسخىكىدىن مەسلەھەت بىرىش ئورۇنلىرىغا بىرىپ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلدىم . لىكىن ئۈنۈمى ئۇنچە كۆرنەرلىك بولمىدى. يەنە كۆپلىگەن ماتىرياللاردىن لار مۇھەببەتلىشىشنىڭ ھەم نورمال بىر خىل مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈردىكى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئۆزگىرشىنىڭ ھەم مۈمكىنچىلىكنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەتتا بىر چەتئەلنىڭ داڭلىق ژورنىلدىن «ھەمجىنىس»لارنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھىچقانداق بىنورمال ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكۈزۈش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ ماقالىدە راستىنلا ئۆزگەرمەكچى بولسا بۇنىڭ مۈمكىنچىلىكىنىڭ پەقەت 1%ئىكەنلىكى ئىيتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. خۇددى يات جىنىسلىقلارنىڭ ھەم جىنىسلىقلارغا ئۆزگىرشىنىڭ مۈمكىنچىلىكىنىڭ كىچىكلىكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭ مۈمكىنچىلىكىمۇ ھەم كىچىك ئىدى. مەن ئەشۇ 1%كىشىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىگە ئىشنەتتىم، ھەتتا ئىسلام يولىغا قايتىدىن قايتىپ، ئۆز گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلىدىم. لىكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنە بولمىدى.
    ئەگەر مەن ئۆزۈمنى قوبۇل قىلىپ كىتەلىگەن بىلەن، ئائىلەم بۇنى قوبۇل قىلىپ كىتەلەمدۇ؟ بىزنىڭ جەمئىتىمىز قوبۇل قىلىپ كىتەلەمدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە، ياق. ئۇيغۇر جەمئىتى بۇنىڭغا ئىنتايىن كەسكىن پوزىتسىيەدە. توردىن «بەچچىۋاز، ھەزىلەك، ھېجىقىز» دىگەندەك كىشلەرگە بولغان كەمسىتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا بولغان بىزارلىق مانا مەن دەپ ئىنىقلا چىقىپ تۇرۇپتۇ.
    مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالدى. ئەگەر شىنجاڭغا قايتىپ كەتسەم، ئائىلەمدىكلەر مىنى توي قىلشقا ئالدىرتىشى مۈمكىن. لىكىن مىنىڭ بىگۇناھ بىر قىزنى نابۇت قىلغۇم يوق. ئەگەر ئۆز خاھىشىم بويىچە مىڭىشقا توغرا كەلسە،بەلكىم ئۆز ئائىلەمدىن، يۇرتۇمدىن ،مىللىتىمدىن كىچىپ يىراق، يىراقلا كىتشىم مۈمكىن. لىكىن مەن بۇنىڭغا چىدىمايمەن. تەقدىرنىڭ بۇنداق ئورۇنسىز چاقچىقى تۈپەيلى ئۆزۈمدىكى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى نابۇت قىلغۇم ھەم يوق .
    مەن زادى قانداق قىلسام بولار؟ سىلىنى ئۆز ئاكام ئورنىدا كۆرۈپ، مىنىڭ روھى بىسمىمنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ دەپ ئويلاپ ھىچقانداق بىر سىگە تىنىپ باقمىغان بۇ كۆڭۈل سىرىمنى بۇ بەت يۈزىدە سىلىگە ئاشكارلىدىم.

    گۆدەك

  15. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    بۇنى يېزىپ ناھايىتى توغرا قىلىپسىز. دېمىسىمۇ ئۇيغۇر ئوغۇل بالىلىرى ئارىسىدا بۇنداق بالىلار خېلى بەك كۆپىيىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، يەنە مۇنداق سەەبلەرمۇ باركەن قانچىلىك ئىلمىلىك دەرىجىسى بار بىلمىدىم.شۇنداقتىمۇ دەپ باقاي: ئەگەر ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ قىز بولۇشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىپ كەتسە ياكى ئوغۇل بولۇشىنى بەك ئۈمىد قىلىپ كەتسە، تۇغۇلغان بالىسى ئەكسىچە بولۇپ قالغاندا ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر مەكتەپلەردە بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس بېرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئايال ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ بۇنىڭ تەسىرى يوق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىشقىلىپ قانۇنىيەتنى بۇزىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: مەن يىگىرمىدىن خېلى ئاشقۇچە چېچىمنى بۈدرە قىلىپ باقمىغان. سەۋەبى باشنى قىزىتىدىغان ئەسۋابتا ئولتۇرۇشنى بەك ئازاب ھېس قىلاتتىم. ئەمما يېقىندا دوستلىرىمنىڭ زورى بىلەن ئاخىرى بۈدرە قىلىدىغان بولۇپ بىر ساتىراشخانىغا كىردىم. ئارقامدىنلا سۈرەتتەك چىرايلىق ئۈچ ئوغۇل بالا كىردى. مەندىن خېلى كىچىك. ئۇلارنى چېچىنى كەستۈرەمدىكى دەپتىمەن. بىر گەپ قىلىشقا چۈشكەنتى دەل مۇشۇ تېمىدىكىدەك بالىلار ئىكەن. ئاپلا دېدىم. ئارىدىن ئەڭ چىرايلىقى قېلىپ، چېچىنى بويىتىپ بۈدرە قىلدۇردى. پۈتۈن جەريانغا تۆت سائەتتەك ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئىچى پۇشماي ئىنتايىن نورمال ھالەتتە ئولتۇردى. ئارىدا قىز دوسلىرىدىن تېلىفۇن كەلدى. ئۇلار بىلەن خۇددى جىنىس پەرقى يوقتەكلا مۇڭدىشىپ كەتتى. ئىچىمدە تۆۋە قىلىپ يېنىپ چىققانىدىم. بۇ ئەركەكلەر نېمە بولۇپ كەتتى؟دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئاھىمنى يەنە ئىچىمگە يۇتۇپ بۈدرە قىلغان چېچىمنى لەپەڭشىتىپ كېتىپ قالدىم شۇ. ھەي! بەزىدە بۇرۇنغاقايتىپ باققۇم كېلىپ كېتىدۇ. تۆت -بەش خوتۇن ئون- ئون بەش بالىنى باقالىغان ئەركەكلەر قانداقتۇ دەپ كۆرۈپ كېلەي دەيمەن. ئۇنداق دېسەم ئۇ چاغلاردا بالا باقماق ئاسانتى دەيدۇ بەزىلەر. ئەمما ئەركەكلەر ئېتراپ قىلمىساڭلار بولمايدۇ. بەك بوشاپ كەتتىڭلار جۇمۇ؟ يا بىر ئىشەنگۈدەك گېپىڭلار يوق. يا بىر ئەركەكتەك جۈرئىتىڭلار يوق. سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار قانداق بولار؟ يەنە بىر ئىش ئەرلەردىكى ئەركەكلىكنىڭ بوشاپ كېتىشى بىلەن قىز تۇغۇلۇغ نىسبىتىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىپ بارىدۇ ؟ بۇلارنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ. كەچكىچە ئاچچىق ھاراق ياكى پىجۇ بىلەن خوگو يەپ. ئەتىگىنى يوۋتىياۋ يەپ يۈرسەڭلار سىلەردە قۇۋۋەت قالامدۇ؟سىلەر ئەركەكلىكنى ئاياللارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆزۈڭلار ئاياللىشىپ كېتىپ قالدىڭلار.
    ئاللىمۇ ئاللا يەي قار بارمۇ قار بامۇ؟ ئېرىتكىلى ئەر بامۇ؟

  16. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    ئىككىمىزنىڭ قوللانغان ئىسمى ئوخشاشكەن ؟

  17. بوھران مۇنداق يازغان:

    ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز
    1981-يىلى، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بىر ئېغىر كېسەل ئېلىپ كېلىندى. بۇ بىمار 31 ياشلىق بىر ئەر بولۇپ، قورايدەكلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى، يەنە كېلىپ ئادەتتە ياشلاردا كۆرۈلمەيدىغان، پەقەت ئىنتايىن قېرىپ بەدىنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەملەردىلا كۆرۈنىدىغان كېسەللىك- كاشى ئۆپكە قۇرتى مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى(卡氏肺囊虫肺炎PCP,) بۇ بىماردا كۆرۈلگەنتى، شۇنىڭ بىلەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ئەر ھەمجىنس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. 10 ئايدىن كېيىن بىمار قىزىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىكتەك ئالامەتلەر بىلەن بەدەن ئۇدا زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كەتتى، كەينىدىنلا يەنە بىر نەچچە ياش بىمار مۇشۇنداق كېسەللىك بىلەن بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالاندى، بۇلارنىڭمۇ ھەممىسى ئەر ھەمجىنىسلاردىن ئىدى……….
    1983-يىلىغا كەلگەندىلا، تىببى ساھەدە بۇ كېسەلگە قارىتا ئىمممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆپلىگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان ئالاھىدە يۇقۇملىنىش دەپ تەبىر بېرىلىپ، ئەيدىز دىگەن ئىسىم قويۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئەيدىز ساقايماس قورقۇنچلۇق كېسەللىك دىگەن سۆزنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
    دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، ئەمما دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھەمجىنىسلاردۇر، بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئامېرىكا ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تېخىمۇ شۇنداق. 7 يىل بۇرۇن بىر يىل بىرگە خىزمەت قىلغان ئاۋسترالىيەلىك بىر ئايالدىن شۇنچە ياشقا كىرگۈچە توي قىلمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا چاقچاق قىلىپ ئەتراپىمدا مەن بىلەن توي قىلغۇدەك ئەر كىشى بولمىسا دىگەنتى، گەرچە بۇ سۆز چاقچاق بولسىمۇ ئەمما يەنە مەلۇم تەرەپتىن شۇ جاينىڭ رېئاللىقى ئىدى، بۇنى كېيىن يەنە شۇ ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن بىر نەچچە خادىم گەپ سۆزلىرىدىن ئىسپاتلىغانىدى.
    2007-يىلى دۇنيا ئەيدىز خاتىرە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا دۆلىتىمىزدىكى ھەمجىنىسلار( ئەرلەر ھەم ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)5 مىليوندىن 10 مىليونغىچە ئىكەن، ئەمما مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە جۇڭگودا تەخمىنەن 30 مىليون ھەمجىنىس بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.
    2010-يىلى 6-ئايدىكى بىر دوكلاتتا، دۆلىتىمىدىكى ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 10 پىرسەنتكە يەتكەن!
    ئەر ھەمجىنىسلار خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ئايلانماقتا
    جۇڭگودا ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، چۈنكى ئۇلار ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ قېنىنى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ، بۇنىڭدا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردىن قالسىلا ئەر ھەمجىنىسلار. چۈنكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئىچىدە قان ئۆتۈشۈشتىن قالسىلا جىنسى مۇناسىۋەت، ئەر ۋە ئايال ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتكە قارىغاندىمۇ ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە يۇقۇش ۋە يۇقتۇرۇش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى مەقئەت مۇناسىۋىتىدە مەقئەت ئەتىراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئېلاستىكىلىقى بولمايدۇ، مۇناسىۋەت جەريانىدا مۇقەررەر يېرىلىش ۋە قاناش يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىن ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن ئەيدىز، جىنسى كېسەللەر(سۆزنەك، سىفىلىس، جىنسى ئەزا قاپارتمىسى دىگەندەك) ۋە ھەر خىل جىگەر ياللۇغلىرىنى ئاسانلا يۇقتۇرىۋالىدۇ ياكى يۇقتۇرىدۇ.

    2009-يىلى دۆلىتىمىزدە شۇ بىر يىل ئىچىدە دوكلات قىلىنغان 48000 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلار 32.5 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.
    دۆلىتىمىز جۈملىدىن رايونىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە قارىتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش ئۈچۈن مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش، يېڭى ئىشپىرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى قاتارلىق ئۇنۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلىندى، ئەمما ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىشى يەنىلا تېز بولماقتا.
    80 پىرسەنت ھەمجىنىس يەنىلا توي قىلىپ بالىلىق بولىدىكەن.
    دۆلىتىمىزدە ئەر ھەمجىنىسلار جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلىش ئۈچۈنلا يەنىلا خوتۇن ئېلىپ ئائىلە قۇرىدۇ، ئەمما بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يۇشۇرۇش ۋە ئاتا-ئانا، ئەتىراپىدىكىلەرنى ئالداش رولىنىلا ئۆتەيدۇ، بىر ياقتىن ئايالى بىلەن نورمال ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئەپ تاپسىلا ئوغىرلىقچە باشقا ھەمجىنىسلارنى تېپىپ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇ خۇددى نورمال ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارنى تېپىپ كۆڭلىنى خوش قىلغىنىغا ئوخشايدۇ،(يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا ئېلان بېرىدىغانلار نەق مۇشۇنداق ئەر ھەمجىنىسلارنى جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تېنىنى ساتىدىغان ھەمجىنىسلاردۇر.) شۇنىڭ بىلەن بۇلار سىرتتا كېسەل يۇقتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئۇلار ھەتتا بالىلىق بولىدۇ، دېمەك بالىسىغىمۇ يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. بالىغا يۇقمىغان تەقدىردىمۇ بۇ بالىنىڭ چوڭ بولغاندا يەنىلا ھەمجىنىس بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
    ھەمجىنىسلار كۇلۇبى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىدىغان كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىماقتا.
    ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسى جۆرىسى مۇقىم بولمايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا تۇنجى قېتىم تونۇشۇپلا بىر بىرىگە «كۆيۈپ قالىدىغان» ھەم ياتاق ئاچىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇمىيۈزلۈك. ھازىر شەھەرلەردىكى كەسكىن بازار رىقابىتىدە بەزى شۇم سودىگەرلەر مۇشۇ ئەھۋالنىمۇ بىر سودا پۇرسىتى دەپ بىلىپ، ھەمجىنىسلار قاۋاقخانىسى، كۇلۇبى ۋە ناخشا ئېيتىش ئۆيى دىگەندەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھەدەپ ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىرىشىشى ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسى پائالىيىتى كۆپەيدى ۋە جۆرە ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەللەرنىڭمۇ مۇشۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشىمۇ تېزلەشتى.

  18. جېلىليۈز مۇنداق يازغان:

    يـۇلەنسەك تاغ بولىدىغان سۇيۇملۇك ئەرلەر، ئۇزۇندىن بېرى قىسمەن قىز- ئاياللىرىمىزنى ناھىيىتىمۇ سوكۈپ تىللاپ كەلدىڭلار ھەتتا بەزىلىرىڭلارگە خۇددى پۈتۈل ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇزۇلۇپ كەتكەندەك بىلىندى………….ئەمەليەتتە كوپلىگەن ئاياللىرىمىز ئوز مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى ئادا قىلىپ ،شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئائىلىسى ھەم جەمىيەت ئۈچۈن توھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەرلەر چېكىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان ئىشىكلەرنى مۇشتۇمى بىلەن ئۇرالايدىغان ئاياللىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس …….
    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىنتايىن ئازاپلاندىم ۋە ئەپسۇسلاندىم . بىز ئىشەنگەن،بىز چوقۇنغان ئەرلىرىمىز ،بولۇپمۇ بىزنىڭ زىيالى ئەرلىرىمىز بۇنداق ئىپلاسلىقلارغا جەڭ ئىلان قىلالمىسا بىزنىڭ قىز- ئاياللىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتى قانداق بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  19. بەرنا مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ناھىيىدىكى بىر جۈپ قىزلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ھەرگىز ئىشەنمەيتىم .ئويلىساملا تىنىم شۈركىنىدۇ.

  20. سەخرالىق مۇنداق يازغان:

    اللا سالغان شەيتاننى ئۆزى ئوڭشىغاي، مىخرىبان ئېگەم اللا بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك!!

  21. بېلىجان مۇنداق يازغان:

    ھەربىر پىكىرلەرنى نەچچە قېتىم كۆرۇپ چىكتىم .
    مەنمۇ بىر *** ۆزۇممۇ بىلمەيمەن نىمىشقا بۇنداق بوپكالدىم، بولمىسا وتتۇرا مەكتەپتە تولىمۇ ياخشى كۆرىدىگان قىز دوستۇممۇ بارتى .
    ھازىر بەكمۇ ھارغىن ھېس كىلىمەن ، كۈندە خۇدادىن ىنساپ تىلەيمەن
    بۇرۇن تورگا چىقساملا توردىن دوست ىزدەيتىم گەرچە كۆرۇشكىلى چېقمىساممۇ بۇ قىلىقىم ۆزەمگە بەكلا چاكىنا بىلنىدۇ.
    نورمال دوستلرېمگا بەكمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ كۇندە خۇدادىن توغرا يول تىلەيمەن، يالغۇز قالغان بەزى چاغلاردا تازا ىچىم
    بوشىغىچە يىغلىۋالىمەن بەكلا چارچاپ كەتتىم، خۇدادىن قورقۇپ شەيتان كاللامغا سالغان خىياللارنى خىيال پېتى قالدۇرۋاتىمەن. خۇدانىڭ ازابىدىن قورقۇپ ياشاۋاتىمەن.

    ۆزۈمنىنىڭ ياخشى خىزمەت ورنۇم ياخشى اتا انام بار. نېمىشققىمۇ مۇشۇ ەرلەرگە قىزىقىپ قالغان بولغىتىم؟

    اللا دىن مەدەت تىلەيمەن اللا توغرا يولغا باشلىغايسەن!

  22. يامغۇر مۇنداق يازغان:

    ئاللائېگەم ئادەمنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتقان . ئادەمنېڭ تۇغۇلما ياكى بېرەر كېسەل تۈپەيلىدېن بۇنداق بوپ قېلىشېغا مەن ھەرگېز ئېشەنمەيمەن . بۇ شەيتانغا ئەگىشېپ شەيتان بۇلۇش جەريانېدۇر .بۇنداقلارنى بايقىغان ھامان سازايى قىلىپ چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۋېتېش كېرەك.بۇنى توغرا چۈشۈنىشكە ئېچ ئاغرېتېشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.مەنغۇ شۇنداقلارنى ئۇچراتمېدېم ئەگەر ئۇچرېتېپ قالسام شۇنداقلارنى ئۆلتۇرۋەتسەم دەيمەن .بۇدېگەن ئادېمېيلىككە قىلىنغان خائېنلىق.توۋا زادې ئەقلىم يەتمەيدۇ زادېلا .بۇنداقلارنىڭ گۇناھېدېن ئۆتكىلى زادې بولمايدۇ.بۇنېڭدېن ئارتۇق پەسلىك بۇنىڭدېن ئاتۇق رەزىللىك ،نۇمۇسسېزلىق بولمىسا كېرەك.بولدې ئېش قىلىپ بۇنداقلار ماڭا ئۇچراپ قالماڭلا.بولمىسا ئاناڭلاردېن تۇغۇلغانغا تۇيېسېلەر.سېلەردەك كېشىلەردېن بېز بېزار.

  23. نەسىھەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ!
    بۇ تېمىنى ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان باھالارنى ئاساسەن كۆرۈپ چىقتىم. اللە بىزگە رەھمەت شەپقىتىنى ياغدۇرغاي!
    ھەمجىنىسۋازلىق قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ قەبىي جىنايەت. ھەدىستىمۇ ئۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا يوليورۇق بار. شۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەرلەر ئەرلە ر بىلەن، ئاياللار ئاياللار بىلەن بىللە ياتماسلىق توغرىسىدا بەلگىلىمە بار. تولىمۇ ئەپسۇس! 1000 يىلدىن بېرى ئىسلامغا كىرىپ، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە، كۆپلىگەن ھالاكەتلىك گۇناھ ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ھەمجىنىسۋازلىق شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى ئەڭ يىرگەندۈرىدىغىنى دەپ قارايمەن.
    ئېھتىياتسىزلىقتىن شۇ خىل ئىللەتنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، شۇ تۇپەيلى ئازابلىنىۋاتقان ۋە اللەدىن قورقۇپ، تۈزۈلۈپ كېتىش توغرىسىدا اللەغا سېغىنىۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقۇپ، كۆڭلۈمدە ئۇلارغا قاتتىق ئىچىمنى ئاغرىتتىم. سىلەر بۇ ئىشنىڭ يىرگىنىشلىك ئىش، اللە غەزەپ قىلىدىغان قەبىھ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلگەنكەنسىلەر، ئۇ ئىشتىن قەتئىي قول ئۈزۈش ئۈچۈن چىڭ بەل باغلاپ، اللەغا ئۆزلۈكسىز دۇئا ۋە تۆۋبىدە بولۇڭلار! چۈنكى، اللە ھەقىقەتەن رەھىم شەپقەتلىك، چىن تۆۋبە قىلغۇچىنىڭ توۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. سىلەر ھەتتا، اللەنىڭ، رەسۇلۇاللەنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشنى ئارزۇ قىلىشىڭلار كېرەك. اللە چىقىش يولى بەرگەي!

  24. 131313 مۇنداق يازغان:

    bu ixlarga nima daymiz amdi

  25. سەلتەنەت مۇنداق يازغان:

    توۋا ما ئىشلارنى مەن مۇشۇ يىقىندىن بىرى تولا ئاڭلاپ كەتكەن بۇ خەۋەرنى ئەسلى ئەۋجىگە چقىپ بولغان پەسكەشلىك كەندە :roll:

  26. گۇناھكار مۇنداق يازغان:

    كۆپچىلىك بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكىنىنى ھىس قىلدى بولغاي.ئوچۇقىنى دىسەم مەنمۇ ئاشۇ خىل ئېقىمغا تەۋە. توي قىلغان، بالام بار، ھەم خېلى يۈز – ئابرويىممۇ بار، ئىسلامدىنمۇ ئوبدانلا خەۋىرىم بار، ھەم ھەممە جەھەتتىن ئىسلامغا قاتتىق ئەمەل قلىشقا تىرىشىمەن. قانچە تىللاڭلار، قانچە توۋا دەڭلار ، بۇ ئەمەلىيەت. بېشىغا كەلمىگەنلەر چۈشەنمەيدۇ. ئۇ خىل ئىشلار بۇرۇن يۇشۇرۇنچە بولغان بولسا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە خېلىلا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ھەم بۇ ئۇچۇر دەۋرى بولۇپمۇ ئىنتېرنېت ، تېلفۇنلار تونۇشۇش، مۇڭدىشىش، ئۇچرىشىش ئۈچۈن كەڭ مەيدان ھەزىرلاپ بەردى. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئىشلار مۇشۇ تور بارلىققا كەلگەندىن كىيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. مەنمۇ توردا ھەرخىل تېمىلاردا سۆھبەتلىشىشكە ئامراق ئىدىم، كىيىن تۇيۇقسىز شۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، پاراڭلاشقانسىرى مەندىكى بالىغ بولغاندىكى بىر يېنىپ ئۆچكەن ( ئۇ ۋاقىتتا قانداقتۇر ئوغۇل دوستلىرىم بىلەن بىللە قونۇشقا، ئۇ يەر بۇ يېرىنى تۇتۇشقا، يۇشۇرۇنچە قاراشقا قىززقاتتىم، سەۋەبى ، بىرسى بىلەن شۇنداق يېتىپ قالغان)كونا ھىسسىيات پارتلاپ چىقتى، دىمەك شەيتان لەشكەرلىرى بىلەن ماڭا يۇپۇرلۇپ كەلدى. بىلىشىڭلار مۈمكىن، ئادەم ئاداشقاندا، بولۇپمۇ شەھۋەتكە بېرىلگەندە ئەقىل پەردىلىنىدىكەن. مەنمۇ شۇ قىزغىنلىقتا كۆپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم، تونۇشتۇم. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەن كۆرەلەيدىغان ئاشۇ خىل مەزمۇندىكى تورلارنى ئىزدەپ كۆردۈم، تىل بىلىشەلەيدىغانلار بىلەن پاراڭلاشتىم. بىلدىمكى بىزدىكى بۇ خىل ھىسسياتتىكى كىشىلەر غەرىپ مىللەتلىرىدىلا بولۇپ قالماي ئېلىمىزدىكى خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردە، قازاق، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق قېرىداش تۈرك مىللەتلىرىدە ، ئەرەپ، ئىران، پاكىستان، ئافغان قاتارلىق دىنداش مىللەتلەردىمۇ خېلى كۆپكەن . يۇقۇرىسى نوپۇزلۇق رەھبەرلەر ، مۇھىم باشلىقلار،داڭلىق ئالىم، يازغۇچى، تەتقىقاتچى، دوختۇر، سەنئەتكار ،كارخانىچىلاردىن ئاددى پۇقرا، خىزمەتچى،ئوقۇغۇچى، تىجارەتچى ، ئىشلەمچى،دېھقان، ھۆنەرۋەن ھەتتا دىندا خېلى ئوقۇغان تالىپلار،دىننىي زاتلار، ھەرەم كۆرگەن ھاجىلارغىچە، ئەمدى بالىغ بولغان 13،14 ياشلىق كىچىن بالىلاردىن 50-60 ياشلىق چوڭلارغىچە، ئىسلام سۇسراق جايلاردىن، ئىسلام قويۇق جايلارغىچە، ھەممە جاي،ھەممە قاتلامدا بار ئىكەن. بەزىلەردىكى ئىنتىلىش پەقەتلا بىرخىل دوستلىشىش، سىرداش تېپىپ دەرتلىشىش بولسا، بەزىلەردىكى بىر بىرىگە مىھىر بېرىش، ئاشىق- مەشۇق بولۇش ئىكەن. بەزىلەردىكىسى جىنسىيەتتىن خالى بولسا، بەزىلەر جىنسىيەتنى ئاساس قىلىدىكەن. ھەتتا بەزىلەر پۇل-تەن سودىسى قىلىدىكەن. بەزىلەر ئەر – خوتۇن بولۇپ ئۆتىدىكەن . مۇناسىۋەت جەھەتتە بەزىلەر ئاكتىپ، بەزىلەر پاسسىپلىق رولىنى ئالسا بەزىلەر ھەر ئىككلىسى، يەنى ئارىلاشما، بەزىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلماي سىرتقى بەدەن ئارقىلىقلا كۇپايىلىنىدىكەن. ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ بۇ شۇنداق ئادەم ،بۇ ئۇنداق ئەمەس دەپ ئېيتقىلى بولمايدىكەن. بوي تۇرقى قاۋۇل، ساقال بۇرۇتلۇق، تەمبەل، خوتۇن بالىسى بار كىشىلەر ئىچىدىنمۇ خېلى باركەن ، ھەتتا پاسسىپ رول ئالىدىكەن ، قىسقىسى سىز ھىس قىلمىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىكەن.بەزى جايلاردا مەخسۇس يېغىلىش ئورنى، قاۋاقخانا بار ئىكەن، بەزى جايلاردا باغچا، مۇنچا، ھاجەتخانىلاردا تۇنۇشۇپ، ئۇچرىشىدىكەن. تېلفۇن ئېلانلىرىغۇ ھەممە يەردە بار.
    قىستۇرما : بەلكىم سىز بۇلارنى ئوقۇپ مېنى پەسكەش ئىكەن دىيىشىڭىز مۈمكىن، ئەمما مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك پەسكەش ئەمەس، پەقەت ئىچكى ئىشلاردىن خەۋەردار قىلاي دىدىم. مەن كىيىن خېلى ئاڭلىدىمكى بەزى نورمال ئادەملەرمۇ ۋاقتى كەلسە ياق دەپ تۇرۇپ ئۇنداق ئىشنى قىلىپ قويىدىكەن. سورۇنلار، ئولتۇرۇشلار، بەزمىلەر، ئارامگاھلاردا ئايالچە ياسىنىپ ناخشا ئوقۇپ، ئۇسۇل ئويناپ،مەخسۇس قىززىقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى چاقىرىپ ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىغان، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چىمدىۋالىدىغان، پاھىشىلەرگە ئىنتىلگەندەك كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئوتلىرىنى چاچرىتىدىغان نورمال ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. پۇرسىتى كەلسە ئۇلارمۇ باشقىچە ھوزۇر ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى ئازچىلىق.
    ئەسلى گەپكە كەلسەم، مەن كىيىن ھۇششۇمنى يىغسام بولار ئىشلار بولۇپتۇ. ھىسسىياتقا قۇل بولۇپ ئاشىقلىق كوچىسىغا كىرىپتىمەن. بۇ سەۋەپتىن ئەر- خوتۇن ئارىسىدا ھىسسىيات جەھەتتە كىرزىس چىقتى، تەنھالىقنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. مەن پىسخىكامنى تەڭشەشنىڭ زۈرۈل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئۆزەمنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشقا باشلىدىم. قۇرئان ئوقۇشقا ، ھەدىس كۆرۈشكە، ئىبادەتكە كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلدىم. بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن ۋە يېڭى تونۇشقان نورمال دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك ئارىلاشتىم، ئاتا-ئانام ۋە، تۇققانلىرىم بىلەن كۆپرەك بىللە بولدۇم. تورغا چىقىش ۋاقتىمنى ئازايتتىم، بولۇپمۇ شۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى ئازايتتىم، ئىمكان بار پاراڭنە نورمدل تېمىغا يېتەكلىدىم( پۈتۈنلەي پاراڭلاشماي دىسەم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئالتۇنغا بەرگۈسىز كىشىلەر بار ئىدى، ئاللاھ ھەممىمىزگە تەۋپىق بەرگەي)،خىزمەتكە بېشىمچە كىرىپ كەتتىم، بىكار ۋاقىتلاردا ئۆزەم قىززىققان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئۆزەمنى ئىمكان بار شۇ خىل خىياللاردىن يىراق قىلىشقا تىرىشتىم.ھازىر ئۆزەمنى خېلى يېنىك ھىس قىلىمەن، ئۇ خىل خىيالدىن خېلىلا قۇتۇلدۇم. ئەمما لەنىتى شەيتان ھە دىسىلا ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپلا تۇرىدۇ. ئۇ خىل قىززىقىشنى مىڭەمدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم، بەزىدە كۈچىيىدۇ، بەزىدە ئاجىزلايدۇ. بەزىدە باغچىلاردا، دەم ئېلىش ئورۇنلىرىدا شۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەمنى گەپكە سېلىپ، ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ ،توۋا دەيمەن ، ئۇلار ئادەمنىڭ ئىچىدىكى سىرلىرىنى قانداق بىلىشىدىغاندۇ ؟ بەلكىم مەنمۇ ئۇلارنى پەرەز قىلالىغاندەك، ئۇلارمۇ مېنى پەرەز قىلىشىدىغان ئوخشايدۇ. بەزى سۆھبەتداشلىرىممۇ ئاشۇنداق داتلىشىدۇ. بۇ خىل گەپلەرنى خالىغان كىشىگە دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇ خىل زىددىيەت ئىچىدە ياشاش بەكلا قىيىن ئىكەن، بەك چارچاپ كېتىدىكەن. بەزىدە يالغۇز قالغاندا تازا يېغلىۋالىمەن. مۇھىمى ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياردەم تىلەش كېرەككەن ،باشقىلارنىڭ كۆيىنىشى ۋە مۇھەببىتىمۇ مۇھىم ئىكەن . ئاندىن شۇنداق مۇھىتتىن ئۆزىنى تارتىش ، ئۇچراشماسلىق كېرەككەن، قەتئىي ئىرادە بولۇش ھەم شۇنىڭغا لايىق تەدبىر بولۇش كېرەككەن. بۇ خىل قىززىقىشنىڭ تۇغما بولامدۇ، گىندا بولامدۇ بىلمىدىم،( ئەلۋەتتە ئاللاھ ئىنساننى گۇناھكار قىلىپ ياراتمايدۇ) ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، كىينكى قىززىقىش ۋە مۇھىتنىڭ بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈككەن.
    مېنىڭ ئۈمۈدۈم، دوستلار ئەتراپىڭلاردا شۇنداق كىشىلەر ياكى دوستۇڭلار بولسا، ئىمكان بار ئۇلارنى شۇ خىل ھىسسىياتتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەڭلار، ئۇلارغا دوستلۇق قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. كۆپىنچىسى بەكمۇ بىچارە، روھى ئاجىز، ئۆزىنى توغرا تونىيالمىغان، شەيتاننىڭ قولى بولۇپ قالغانلار.
    ئاللاھتىن مۇشۇ خىل ھىسسىياتتىكى بارلىق دىنداش، مىللەتداش، دوستلارغا تەۋپىق،ھىدايەت، مۇستەھكەم ئىمان تىلەيمەن، ھەممەيلەننى ئاشۇ لەنىتى شەيتانلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى، نورمال ھاياتقا قايتۇرۇشىنى تىلەيمەن.ھەم، بارلىق دوستلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى تىلەيمەن. ئامىن.
    2011- يىلى 3- قەھرىتان، باشكۈن.

    • تۇغلۇق مۇنداق يازغان:

      مەن شۇنداق بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قالدىم، ئۇ ئادەم ئاتام دىمەتلىك، يەنى 60 ياشقا يىقىنلاشقان ئادەم. ئايرىم قالغان ۋاقىتلاردا چاندۇرمىغان بولۇپ قولۇمنى تۇتقىلى ئۇرۇنىدۇ. مەن ھەم ئۇ ئادەمنى خىجالەتتە قويماسلىق ھەم ئۇنداق يوشۇرۇن بىشارەتلىرىگە رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۇرۇپ كەلدىم. مەن قانداق قىلسام ئۇ ئادەمنى مۇشۇ يولدىن تارتىۋالالايمەن. ئۇنىڭ خوتۇن بالىلىرى بار. نەۋرە كۆرگەن ، ئابرۇيلۇق ئادەم.

  27. مۇز يۈرەك مۇنداق يازغان:

    االلە ئىگەم ساقلىسۇن بۇنداق رەزىل ئىشتىن!

  28. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    ئۆزۈڭنى -ئۆزۈڭ قۇتقۇزالمىساڭ ، ئۈلۈمدىنمۇ ئارتۇق خاتىرجەملىك بولماس ساڭا ، ئادەملىكىڭنى ئۇنتۇلماسلىققا بانا تاپالمىساڭ ياشاشقىمۇ بانا ئىزدىمەي قوي !!! شۇنداق قىلالىساڭ ئۆزۈڭگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ ياخشى …

  29. مەجنۇن مۇنداق يازغان:

    راست گەپنى قىلسام مەنمۇ شۇ ئېقىمغا تەۋە بىر يىگىت،ئۆزۈمنىڭ قاچانلاردا مۇشۇنداق نىجىس خىياللارنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن،بەلكىم تۇغۇلۇشۇمدىنلا شور پېشانە بولسام كېرەك، لېكىن مۇشۇ چاغقىچە بىرەرسى بىلەن ئۇچرىشىپ بىرگە بوپ باقمىدىم، باشقا كەلمىگەن كىشى بىلمەيدۇ، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئېغىر ئازاپ بولامدۇ؟ بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ يا ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچالمىساڭ، باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش كوچىلاردا سۆيگىنىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۈرەلمىسەڭ،،…………..بولدىلا باشقىلارنى دېگۈم يوق، ئەڭ ئەقەللىسى ئاخىرى بېرىپ ئۆزىمىز تۈپتىن ياخشى كۆرمىگەن بىر بەختسىز قىز بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ، ئۆمۈر بويى دەرت-ئەلەمدە ئۆتىمىز، بىز سىلەرگە ئوخشاش بولۇشنى ئويلايمىز، سىلەردەك نورمال ئادەم بولساق دەيمىز، سىلەرگە ھەۋەس قىلىمىز، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ پەس تۆۋەن كۆرىمىز، …………..ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، بىزنىڭ ئۆمرىمىز دەرت ھەسرەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ بەخت يولىمىز ئاللىبۇرۇن تىكەنلەر تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن، ئۇنى ئېچىشقا تىرىشىمىز ،لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، مەن ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ باققان، ھەم بۇ خىيالىم ناھايىتى تېز مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغان ئىدى،ئائىلىدە بىر ئوغۇل پەرزەنت بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاتا ئانامغا ، بىر تۇغقانلىرىمغا چىدىمىدىم،
    بولمىسا ئۆلۈۋېلىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان ئىدى، ئىشىنىمەن، مۇشۇ يولدا ماڭغان كىشىلەرنىڭ %80دە بۇنداق ئوي بولۇپ باققان، ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتۈپ، پىنھان جايلاردا يالغۇز يىغلاپ ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىمىز، چۈنكى بىز جەميەتنىڭ ئەڭ پەس ئادەملىرىگە ئايلىنىپ قالدۇق، ھېچكىم بىزنى ياخشى دېمەيدۇ، لېكىن بىز كۆڭلىمىزدە بىلىمىز، بىزمۇ ئىنسان ،بىزدىمۇ ھېسيات بار، بىزمۇ مۇھەببەتكە ئىنتىلىمىز،باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشكە ، باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈشكە موھتاج،…………… لېكىن بىزنى كىممۇ ياخشى كۆرەر؟……………..ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزۈڭگە قويدۇم..

    • قاينام مۇنداق يازغان:

      ماۋۇ يازما مەزمۇنى نۇرمال ئەمەسمۇ ، مىنىڭ كۆزۈم چاتاقمۇ ؟

    • يالغۇزلۇق مۇنداق يازغان:

      ھازىرقى جەميتىمىزدە مەۋجۇت ئىشلار …

    • پەس دىمە پەس ئەمەس مۇنداق يازغان:

      ئۆلىۋىلىشنىڭ دوزاققا مەھكۇملىقىنى بىلمەمسىز؟…..توغرا سىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپسىز،.ئەمما ئااللاھنىڭ مەرھىمىتىدىنى،مەغفىرىتىدىن ئۈمۈسىزلىنىپ ياشىسىڭز بولمايدۇ،مەيلى سىزنى خەق بولمىغۇر گەپلەر بىلەن تىللىسۇن،كارىڭىز بومىسۇن،ئاللاھقا چىن دىلىڭىزدىن تەۋبە قىلسىڭز،شەپقەتىلىك ئااللا كەچۈرىدۇ.بىشىڭزنى كۆتۈرۈپ اللھنىڭ ھىدايتىگە ئىرىشىشنى نىيەت قىلىپ ياشاڭ

  30. ئاقسۇ مۇنداق يازغان:

    ئىشقىلىپ بۇنداقلارنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ،يۇقىرىقى بىر تورداش سەن ئۆزەڭنى ئاقلىما،سەن نىمە ئۈچۈن باشقىلارنى ياخشى كۆرسەڭمۇ ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچالمايسەن،سەندە كېسەل بولسىمۇ ھازىرقى بۇ نېجىس كېسىلىڭدىن ئارتۇق ئەمەستۇر،سەن ئەر بولغاندىن كىيىن چۇقۇم ئەردەك ياشىشىڭ كېرەك،سەن تېخى ئىزا تارتماي مەن سۆيۈلۈشكە مۇھتاج دەۋاتامسەن،سەن بۇنداق دىگىچە بىرىنى ھەقىقى سۈيۈپ باق…………..!

    • ئابدۇلقادىر بەزمەس مۇنداق يازغان:

      بۇ دېگەن كېسەل ، خۇددى ساڭا ئوخشاش ئادەم مىڭ ئەققىلىق بولاي دېسىمۇ كاللىسى ئىشلمىگەنگە ئوخشاش ، ھېچكىنىڭمۇ توغۇلۇپلا ئۆزىگە ئاۋارچىلىق تېپىپ تەتۇر ئېقىمغا ماڭغىسى يوق ، بېراق بەچچىۋازلارىنڭ تولىسى بەلكىم ھەممىسلا بىر خىل كېسەل ، بۇ دېگەلكىم ئۇلارغا يول قۇيايلى ، قوللايلى دېگەن گەپ ئەمەس . ئەڭ ياخشىسى خودادىن ساغلام تەن ، غەيرەت تېلە!!!ئەتراپڭىدا شۇنداق ئادەم بولسا توغرا يلغا يېتەكلە ، ئەمما بۇنداق تىللاپ يۈرمە !!! … ئەدەپ ئەخلاققا زىت بولغندىن بېلەك ئولارنڭ دۇنياغا بەك تولا زينمۇ يوق ، زىينى بولسىمۇ باققان ئاتا ئانىسىغا باردۇر ….
      مەن بەچىچۋازمۇ ئەمەس . ئىنسانىي نوقتىدىن چقىپ پىكىر قلىپ قويدۇم ، خودا ئوڭشىمسىا خەقىنڭ كېسلىنى سەن بىز تىللاپ داۋالىيالمايمىز ….

    • گۇناھ كىمدە؟ مۇنداق يازغان:

      باشقىلارنى ئۇنداق-مۇنداق دەيدىغان ھوقۇقنى بىزگە بەرمىگەن،ئۆزىنى ئاقلىمىدى،بەلكى ئۆزىنى ئىبرەت قىلدى.سىز ئازغۇنلۇقتا ياشاشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق،بولۇپمۇ يالغۇز قىلىشنىڭ تەمىنى تىتىمىغان ئوخشايسىز،شەيتان يلغۇز قالغان كىشلەرنى ئاسانلا ئازدۇرىدۇ….ھاھاھاھاھ…گۇناھنى قىلىپ شەيتانغا ئارتىپلا قۇتۇلماقچىمۇ دەيدۇلەر…ھەقىقەتەن كۆڭۈللەردىكىنى ئاللاھ بىلگۈچى.سىزگە دەپ قوياي بۇ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىشقا تىگشلىك گۇناھ ئەمما ۋەزنى .ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن ئارتۇق بولماس،قالايمىقان پەتىۋا بەرمەيلى،پەتىۋا بىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس…

  31. يامان مۇنداق يازغان:

    توۋا ! بۇ ئىشنى ، دىمىسىمۇ بۇ ئشلار بەك كۆپىيىپ كىتىپ بارىدغۇ ؟؟؟ ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى خالاغا قوقماي كىرگىلى بولماس بۇلۇپ قالدى ، قانداق جاھان بۇلۇپ قالدى بۇ ؟! …

  32. قاينام مۇنداق يازغان:

    بۇ ئاتالمىش بەچچىۋازلار مۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىلى تۇردى .
    ئاممىۋى ھاجەتخانا ، تورخانا ، ئۇيۇنخانا ۋە باشقا ئورۇنلادىكى ھاجەتخانا تاملىرىغا يانفۇن ، چ چ ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى يېزىپ قۇيىشىدىكەن .
    بۇنىڭ بىلەن قانداق بولىدىغاندۇ ، ھىچنىمە بولماس ، سىناپ باقمامدىم دىگەن ئىدىيەلەر بىلەن بىلىپ بىلمەي ، چوڭ – كىچىكلەر بەزىبىرى تىگى يوق پاتقاققا پېتىپ قالىدىكەن .

    شۇڭلاشقا تورداشلىرىمىزدىن ، ئاشۇنداقلارنى كۆرگەندە بىر پەشۋا ياكى چىرايىغا تۈكۈرۈپ قۇيۇشقا ئەرزىمىسىڭىزمۇ ( بۇنداق قىلىش كىشىلىك ھوقوققا خىلاپ ) ، ئاشۇ تاملاردىكى نۇمۇرلارنى ئاچقۇچ ، تىرناق ئالغۇچ ، يان پىچىقى دىگەندەكلەر بىلەن قىرىپ چىقىرۋىتىڭ ، ياكى بىرنەچچە خانىسى يوق قىلىۋىتىڭ ئۆزگەرتىۋىتىڭ .

    مۇشۇنداق قىلالىغىنىڭىزدا ، بەزى ئازماسلارنىڭ ئېزىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز .

  33. يامان مۇنداق يازغان:

    ھەي، توۋا مەن بۇ ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ ئىشىەنمەيلا قالدىم ،مۇشۇنداق سورۇنلار قاۋاقخانىلار ھەم، ھەمجىنىسلار گۇرۇپىسى دىگەندەك يەرلەر بار دىيىلىپتۇ ، ئۇنداقتا بۇ يەرلەر ئۈرۈمچىنىڭ قايسى جايللىردىدۇ ؟مەن ئۆز كۆزۈمگە ھەم قۇلۇقىمغا زادىلا ئىشەنمەي قالدىم. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن ، مەن بۇ جايلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۈرۈپ بېقېش نىيتىگە كىلىپ قالدىم .ئۇ جايلاردا زادى نىمىشلار بۇلۇدىغاندۇ ؟مۇشۇ ماقالىنى يازغان ئادەمگە رەخمەت ئېيتايلى ؟مۇشۇ جايلارنىڭ ئادىرسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟بولسا دەپ بەرسەڭلار .ياكى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بۇلۇدۇ ،ياكى چ چ رىڭلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بۇلۇدۇ ،مەن بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق بۇلۇپ كىتىشىگە پەقەتلا ئىشەنمەي قالدىم .باشقىلارنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،،،،،،،بۇ رەسۋاچىلىقنى قانداق تۇسۇش كىرەك؟؟؟؟؟؟؟؟

  34. باياۋان مۇنداق يازغان:

    بېرىپ دوس تېپ كىلەي دىگەنما

بېلىجان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟