torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 9 تۈرلۈك يۇقۇش يولى

ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 9 تۈرلۈك يۇقۇش يولى

ئادەتتە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ:
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە .جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى .9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:

1. ساتراچخانىدا چاچ – ساقال ياسىتىش
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ – ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق – دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام – شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ – ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.

2. چىش تارتقۇزۇش – سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت – رەسىم چەكتۈرۈش
ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق – دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت – رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت – رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە – ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.

3. ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش
مەكتەپلەردە ، ھەربىي – ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.

4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە، ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.

5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن

6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش – قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.

7. داۋالاش ئەسلىھە – ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
دوختۇرخانىلاردا داۋالاش – داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.

8 . جىنسىي ئالاقە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ – جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 – %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.

9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 9 تۈرلۈك يۇقۇش يولى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يۇكسەل ئەپەندىم ؟ قاناق ئەھۋاللىرى ؟
    سىلىنىڭ بۇ يازمىلىرىنىڭ تەربىيۋىي ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئىكەن . چۈنكى ئادەم تۇمۇرشتا بىلىپ بىلمەي باشقىلار بىلەن كشىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا تاشلىقنى ئالدنقى ئوتۇنغا قويمىسا مانا مۇشۇندداق مەينەت كىسەلنى يۇقتۇرۋىلىش ئىھتىمالى با ئىكەن .
    مەن بىر قېتىم ماتىريالدىن ، بىر ئايالنىڭ تۇيۇقسىزلا ئايدىز كىلىسىگە گىرىپتا بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدا ھىچقدنداق جىنسىي ئالاقە ۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىر گىزىتتىن كۆرگەندىم . ئۇ ئايال ، ئىرى تەرىپىدىن ھەيدەلگگندىن كېيىن ، ئۇ ئايال بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ، دوختۇرغا كۆرۈنگەن . دوختۇر بۇ ئايالنىڭ جخنسىي يول ئارقىلىق يوقۇملانمىغانلىقىنى بايقىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال داۋالىنىش باسقۇچىدا ئەسلىگە كەلگەن . كېيىن ئۇ ساقايغاندىن كېيىن ، دوختۇرنىڭ ئىسپاتىنى كۆتۈرۈپ ئىرىنى ئىزدەپ بارغان . ئەمما ئىرى بۇ ۋاقىتتا داۋالىنىش ئۈنۈم بەرمەي ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنكەن .
    بۇ بىر خەنزۇچە گىزىتكە بېسىلغان تەسىرلىك ھىكايە ئىدى . سىلىنىڭ بۇ يازمىلرىنى ، ئاساسىي ۋەقەلىكىنى يوللاپ قويدۇم .
    [reply=Nursel,2009-05-28 01:09 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى!
    مەزكۇر تېمىغا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت. كۆپىنچە كىشىلەر ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق 3 تارقىلىش يولىنى بىلسىمۇ ، بۇ 3 تۈرلۈك تارقىلىش شارائىتىنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلىدىغانلىقىغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بۇ تېما ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىغا سەۋە بولىدىغان يۇقىرىقى 9 تۈرلۈك يولنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىپ، تورداشلارنى ھەرۋاقىت ئۆز ساقلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئەيدىزدىن نېرى تۇرۇشقا چاقىرىش نىشانلانغان ئىدى.
    ئەمدى سىز تىلغا ئالغان ئۇ ھېكايىگە كەلسەك ، ئەيدىز كېسەللىكىنى دىېمىسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بەزى ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان قىلمىشلار بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالىدۇ. شۇڭا، تەبىئىيلا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى يەكلەيدىغان، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان خاھىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ھەممىلا ئەيدىز يۇقۇمدارى ئەخلاقسىز قىلمىش سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ. بەلكى يۇقىرىقىدەك ساقال ئالدۇرىۋېتىپ، چىش سالدۇرىۋېتىپ، ھەتتا دوختۇرخانىدا قان سالدۇرۇپ داۋالىنىۋېتىپمۇ ئەيدىزدن يۇقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇد. شۇڭا بىز ھە دېگەندە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمىستمەسلىكىڭىز ئۇلارنى يەكلىمەسلىكىمىز لازىم. بەلكى ئۇلار كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولغانلىقى سەۋەبلىك جەمىيەت ئۇلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلىشى، كۆيۈنىشى كېرەك.
    ئۇ ئايالنىڭ ساقايغانلىق ئىشىغا كەلسەك، ئەيدىز نۆۋەتتە يەنىلا تېخى داۋاسى بايقالمىغان ، ھازىرىچە داۋالاش مۇمكىن بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇ ھېكايىدە توقۇلما ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولسا كېرەك.[/reply]

  2. padixa51 مۇنداق يازغان:

    rahmt biliwal dim

  3. yimit مۇنداق يازغان:

    ئەسىسلامۇ ئەلايكۇم،پاشا چاقسمۇ يۇقامدۇ؟
    [reply=Nursel,2009-06-29 04:25 PM]ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) يۇقۇملانغۇچىنى چاققان پاشا كېلىپ ساغلام كىشىنى چاقسا ئەيدىز ( AIDS ) يۇقمايدۇ. شۇڭا، بىھۇدە خاۋاتىرلەنمىگەيسىز![/reply]

yimit 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟