torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

HIVيۇقتۇرغان ئېرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولامدۇ؟

قانۇن مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىغا : بىز 2007 – يىلى توي قىلغاندىن كېيىن ، ئېرىم ئىزچىل زەھەر چىكىپ كەلدى . ئۇ ئۆتكەن يىلى 18 – ئىيۇندىكى قان تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ، مەندىن يوشۇرۇپتۇ . بۇ يىل ئاپرېلدا بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ قان تەكشۈرتسەم ، دوختۇرلار ھازىرچە مەندە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ يوقلىقىنى ، بۇنداق كىسەللىك ئالامىتىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 10 يىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئېرىم ھازىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا . مۇشۇنداق ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ ، كېسىلىنى يوشۇرۇن باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرسا ، جىنايەت شەكىللىنەمدۇ ، ئۇنىڭدىن تۆلەم تەلەپ قىلسام بولامدۇ ؟ مەسلىھەت بىرىلسە .

ئاقسۇدىن ئالىيە

ئالىيە خانىم : نىكاھ قانۇنىنىڭ 32 – ماددىسىدا : < بىر تەرەپ قىمار ئويناش ، زەھەر چېكىشكە ئوخشاش يامان ئادەتنى قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمەي ، ئەر – خوتۇننىڭ بىر – بىرىدىن ھەقىقەتەن كۆڭلى قىلىپ ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەندە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك > دەپ بەرگىلەنگەن . ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئىنكاس قىلغاندەك بولسا ، نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەققىدىكى تەلىپىڭىز قانۇنى جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ .

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 360 – ماددىسىدا : <ئۆزىنىڭ سىفىلىس ، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كىسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىپ ۋە پاھىشۋازلىق قىلىپ ، جىنسىي كىسەللىكلەرنى تارقىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ، قوشۇمچە شىتراپ قويۇلىدۇ > دەپ بەلگىلەنگەن .

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىنىڭ 62 – ماددىسىدا : < ئەيدىز ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كىسىلى بارلاردىن كىسىلىنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ > دەپ بەلگىلەنگەن .

يۇقىرقى بەلگىلىمىلەرگە ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسلانغاندا ، ئەيدىز ۋىرۇسى HIVياكى كىسىلىنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ ، قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللنىدىغان – شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى بىر تەرەپنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا سەۋەب بولغاندا ، سەۋەنلىك يوق تەرەپ ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ زىيىنىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىدىغان بىر خىل تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ . زىيان جىسمانىي ، روھىي ۋە ئىقتىسادى زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئېرىڭىزنىڭ سىزگە ئەيدىز ۋىروسىنى قەستەن يۇقتۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانسا ، ئۇنىڭدىن شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىيىنىڭىزنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ .

مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى ئەيدىزنى تەكشۈرۈش – مەسلىھەت بىرىش ئىشخانىسىدىن ( AIDS testing And Advisory Office ) ئىگەللىشىچە ، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى يەتتە يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدىكەن . ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان – يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە ، ئاخىرقى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ۋاقىت بىلەن تەكشۈرگەن ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى چوقۇم ئۈچ ئايغا توشۇشى كېرەك ئىكەن . ئۈچ ئايدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى %95 ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدىكەن . ئاز ساندىكىلەرنى يېرىم يىلدا ياكى بىر يىلدا ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدىكەن ، ئەگەر بىر يىل ئىچىدە تەكشۈرتۈش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى بايقالمىغان ئادەمنى تامامەن ساغلام ، دەپ قاراشقا بولىدىكەن .

گېزىتىمىزنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسى .

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2009 – يىللىق 22 – ئىيۇن سانىدىن ئىلىندى .

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن تورداش yolbaxqi-ksg يوللانمىسى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : HIVيۇقتۇرغان ئېرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولامدۇ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟