نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ھالاللىق ھەققىدە ئويلار

بارچە ئەزگۈلۈكلەرنىڭ، خەيرلىك ئىشلارنىڭ بېشى ھالاللىقتۇر. ھالاللىقنىڭ ئۆزى كەبى دوستلىرى كۆپ: ياخشىلىق، بەرىكەت، خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق …
ئىبرەت كۆزى بىلەن باقسىڭىز، ھالال ئىنساننىڭ دىلى دۇرۇس ، يولى توغرا، دەرىجىسى ئۇلۇغ. ‹‹ دۇنيادا ھالال بولساڭ، ياشىيالمايسەن ›› بولسا ئۆز نەپسىگە كۈچى يەتمىگەن، بوينى مېھنەتكە يول بەرمەيدىغان مەمەدانلارنىڭ چالا خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى ھاياتنىڭ ئۆزى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھالال رىزىق گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمايدۇ، زەردىنى قايناتمايدۇ، ئۇيقۇنى قاچۇرمايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ھالالى بولسۇن، دەپ بىكارغا ئېيتمايدۇ – دە.
تەن ئېلىش كېرەككى، كۆپچىلىكتە ھالال بولۇش بەكمۇ قىيىن، دەيدىغان چۈشەنچە بار. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى، ھەمىشە ياشاشنىڭ ئاسان يوللىرىنى ئىستەيمىز، ھاياتتا يايراپ ياشىىغۇمىز كېلىدۇ. ‹‹ ئەنە باشقىلارمۇ شۇنداق ياشاۋاتىدىغۇ ؟ ›› دەپ، ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. نېمە ۋەجىدىن ھالاللىقتىن شۇ قەدەر قورقىمىز ؟ ئەجىبا ھالال ياشاش شۇنچە قىيىنمۇ؟
‹‹ ھالال ! ›› كۆرۈشىدە رەقىبىنىڭ ئىككى يەلكىسىنى ھېچ قانداق ھىيلە ئىشلەتمەستىن يەرگە تەگكۈزگەن پالۋانلار ئۈچۈن، ئەسلىدە ئەڭ ئالىي مۇكاپات ‹‹ ھالال ›› دىن ئىبارەت بىرگىنە سۆزدۇر. ئۇشبۇ سۆزگە مۇجەسسەملەنگىنى مەردنىڭ ئار – نومۇسى، غورۇرىدۇر. ھالال ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ھاقارەت ئۇنىڭ ھالاللىقىدىن گۇمان قىلىشتۇر . ھاياتنىڭ ئۆزى كۆرەش مەيدانى دېيىلسە، ئۇنداقتا ھازىر مەردلەر قالمىغىنى ئېنىق. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئار – نومۇس، غورۇر – ئىماننى پايخان قىلىپ، نۇمۇسسىز پاخشىلارچە ياشاپ يۈرگىنىنى كۆرۈمىز. بۇ پاخشىلارنىڭ ئىچىدە بەلكىم سىزمۇ ، مەنمۇ بولىشىم مۇمكىن…

نەزىرىمىزدە، ‹‹ ھارام ›› سۆزىگە نىسبەتەن پوزىتسىيە – قاراش ئۆزگەردى. كىشىلەر ئۇنى بارغانچە ‹‹ ئاددىيلاشتۇرۇپ ›› چۈشەنمەكتە. ‹‹ مۇشۇلارما ھارامما ؟! ›› دېگەن سادا بارغانچە ئەدەپ بارماقتا. بەزىلەر ئاددىي ئىشلارنىمۇ ھارامغا باغلىسا، بەزىلەر خېلى چوڭ ئىشلارنىڭ ھاراملىقىدىن ئاغرىنىپ ، ناقايىل يۈرۈشىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر نەزىرىدە ھارام سۆزى پەقەت تاشقى جەھەتتىن ‹‹ ناتوغرا ›› بولغان قىلمىش ياكى ‹‹ ناپاك ›› بولغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. ئەمما، ‹‹ ھارام ›› پەقەت ماددىي نەرسىلەر ياكى زاھىرىي ئىشلارغىلا تەدبىقلىنامدۇ؟ ئۇنداقتا مەنىۋىي ( نىيەت ) ھالاللىقچۇ ؟
‹‹ ھارام ›› نىڭ كۈنسېرى ئاددىيلىشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ، بۈگۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان ھالغا كېلىشتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنڭدىن قورقۇش بىھاجەت بولۇپ تۇيۇلدى.
ھالاللىق ئۇستازلارغا ھەم شۇ دەرىجىدە يارىشىدۇكى، تەلىم – تەربىيە جەريانىدا ھالاللىقنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ گەپ باشلايدۇ بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم، – ياشلارغا بۇ گۈزەل پەزىلەتنىڭ قەدرى ، ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش – ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بار ئىمكانىيىتىمىز بىلەن تىرىشىمىز. بىر ھېكايەت ئىشتكەن ئىدىم. بالىسىنىڭ كۆپ ھەسەل يېيىشىدىن تەشۋىشلەنگەن ئاتا ئۇنى تېۋىبقا ئېلىپ بارىدۇ. گۈدەكنىڭ بۇ ئادىتى ھەققىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ھەكىم ئاتىغا ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 40 كۈندىن كېيىن كېلىشىنى تەيىن قىلىدۇ. نىھايەت، بەلگىلەنگەن كۈن كېلىپ، ئاتا يەنە ئوغلى بىلەن تېۋىبنىڭ ھوزۇرىغا كېلىشىدۇ. شۇ ئەسنادا تېۋىب گۈدەك ئوغۇلنىڭ بېشىنى سىيلاپ ‹‹ ئوغلۇم بۇندىن كېيىن بۇنداق كۆپ ھەسەل يېمە ›› – دەيدۇ ۋە ئاتىسىغا ئەمدى قايتىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى، بالىنىڭ ئەمدى ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەيران بولغان ئاتا سورايدۇ :‹‹ شۇ گەپنى بىز كەلگەن بىرىنچى كۈننىڭ ئۆزىدە ئېيتىپ قويسىڭىزمۇ بولار ئىدىغۇ ؟ ›› . دانىشمەن ھەكىم جىلمىيىپ: ‹‹ دۇرۇس. لېكىن ئۇ كۈنى ئۆزۈم ھەسەل يېگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئېيتىقان نەسىھەتىم كار قىلماس ئىدى. 40 كۈن ھەسەل يېمىدىم، ئەمدى بالىڭىز ھەم كۆپ ھەسەل يېيىشنى تاشلايدۇ .›› دەيدۇ. دانىشمەن ھەكىم بالىنى داۋالاشنىڭ بۇنداق ئۇسۇلىنى ئېيتىپ، ئاتىنى ھەم لال قالدۇرغان ئىكەن.
- دېمەكچىمەنكى، بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تەربىيىلەپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ئۆتكىنمىز خوپ. نېمە ۋەجىدىن بالىلارغا گېپىمىز، نەسىھەت – تەربىيىمىز كار قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىز ھالاللىق، ئالىيجانابلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرىمىزغا پسەنت قىلمايدۇ ؟ چۈنكى ئۆزىمىز ھازىر ئەنە شۇ ھەسەل يەپ قويغان تېۋىب ئەھۋالىدىمىز.
ھالاللىق بازاردىكى تارازا بىلەن ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك. ئۇنى ئىمكانبار قەلب تارازىسىغا سېلىپ كۆرۈڭ، قايسى پەللە كۆپرەك تاش باسار ئىكەن؟!
خۇلاسە ئورنىدىكى ھېكايەت:
ھالاللىق ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى بۇ كىچىك يازمىغا سىغدۇرۇپ بولمايدۇ. شۇڭا، تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك ھېكايەتنى پىكىرلىرىمىزنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە بايان ئەيلەيمىز، خۇلاسىنى ئۆزىڭىزگە قالدۇرىمىز.

بىر كۈنى ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف مۆمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ھەزرىتى ئۆمەر رەيزۇللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. سالام بەرگەندىن كېيىن، كۈتۈپ تۇرىدۇ.
خەلىفە ئۆمەر يېنىپ تۇرغان شامنى ئۆچۈرۈپ، ئارقىدىنلا باشقا بىر شامنى ياقىدۇ. بۇ ئەھۋال مېھماننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە:
- ئەي ئەمىرۇل مۆئمىنىن! ئالدىڭىزدا شام يېنىقلىق ئىدى، ئۇنى ئۆچۈردىڭىز. ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر شامنى ياقتىڭىز. بۇنىڭ بىر ھېكمىتى بارمۇ؟ – دېدى.
ئەمىرۇل مۆئمىنىن ھەزرىتى ئۆمەر رەيزۇللاھۇ ئەنھۇ تەبەسسۇم بىلەن دېدى:
- ھەي ئابدۇراھمان، بايا ئۆچۈرگىنىمز دۆلەتنىڭ شامى ( مالىدۇر ). ھازىر ياققىنىم ئۆز پۇلۇمغا ئالغان ئۆزۈمنىڭ شەخسىي شامىمدۇر. دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرگەندە دۆلەتنىڭ شامىنى ياقىمەن. ھازىر سەن بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ ئولتۇرغىنىمدا دۆلەت شامىنى ياقسام ھالاللىق بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆچۈرۈپ، ئۆزمنىڭ شامىنى ياقتىم. شۇنداق قىلمىسام ، ئاللاھقا قانداق ھېساب بېرىمەن؟

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ھالاللىق ھەققىدە ئويلار

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. 80halta مۇنداق يازغان:

    ئۆزى قىسقا ئەمما تولىمۇ ئېسىل تېما بوپتۇ. دۇرۇس بۈگۈنىمىزدە ھارامنى ھالال سانايدىغان قىلمىشلار شۇ قەدەر كۆپىيىپ كەتتىكىن ھارامنى يېگۈچىلەر ، كىشى ھەققىگە خىيانەت قىلغۇچىلار يوشۇرۇنلىقتىن ئاشكارلىنىشقا، نۇمۇس قىلىشتىن پەخىرلىنىشكە تەرەققى قىپتۇ.
    پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان دەۋرلەر كىلىپ قالدىمىكىن – كىشىنى ئەنسىرتىپ قويىدۇ: ھالال -ھارامنىڭ چەك-چىگرىسى ئىنىق ئايرىلغان دىنغا ئىگە مۇسۇلمانلار ئىچىدىمۇ ھاراق، زىنا-پاھىشە، قىمار، ئەيشى -ئىشرەتلىك نەغمە ناۋالار ھالال سانىلىدىغان زامانلار كىلىدۇ دېگەن مەزمۇندا بىشارەت بەرگەن ئىكەن.
    بەزىلەر تېخى ئۆزىنىڭ ھارم قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ پالانچى قىلغان ئىشقا نىسبەتەن بىز تېخى كۆپ پاكىز ياشاۋاتىمىز. سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس دەپتىكەن چوڭلىرىمىز. ھالال ياشايمەن دېسەڭ ھارامغا توشۇپ كەتكەن بۇ جاھاندا ئۆلۈپلا قالساڭ بولىدۇ دەيدىغان چىرىندى قاراشنى بازارغا سالىدىغان نائەھلى نۇمۇسسسىز ئادەملەر تولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە مۇشۇ خىل سەپسەتە بىلەن ئىلھام بىرىشىدۇ، تەسەللى تېپىپ گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشماقچى بولىشىدۇ.
    بىر چاغدا بەشتە ياخشى مەسچىت بولۇپ باھالانغان بىر مەسچىتنىڭ لۇكچەكرەك مىجەزدىكى ئىمامىنىڭ : "تاماكىنى ھارام دىيشىدۇ، ھەممە ئادەم چەكسە ئاندىن ھارام ئۇ، ھاراقنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ھەممە ئادەم ئىچىدىغان بولاپ كىتىپ ، ھەتتا مەست ھالەتتە نامازغا تۇرغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەچكە ئاندىن ھارام قىلىغان " دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ، توۋا ھارامنى بىكىتىشنىڭ مۇنداقمۇ ئۆلچىمى بولىدىكەن دەپ ياقكامنى چىشلەپ قالغان ئىدىم.

  2. 80halta مۇنداق يازغان:

    ئىلگىرى ھارام ئىش قىلغۇچىلار خەلقتىن ئۇيات قىلىپ يوشۇرۇن قىلسا ھازىر ھارام- ھاراق، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يېنىڭىزدا تولىمۇ بىخەرامان ، ھەتتا سىزنىڭمۇ شۇلاردەك ھارام ئىشنى بىللە قىلمىغانلىقىڭىزدىن رەنجىشىپ تاماكىسىنى بۇرنىڭىزغا پۈۋلەپ قويىدۇ. سىز بۇ ھارام ئىش ئىدى دەپ ئۇلارنى قايىل قىلالمايسىز ، ھېچبولمىغاندا بۇ دېگەن ئاممىۋى سورۇن ، تاماكا چەكسەك ئادەم يوق يەرگە بىرىپ چەككىن دېگەن ھارامغا يول قويۇپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدىكى گەپنىمۇ دادىل ئېيتالمايدىغان ھالغا قالدۇق.

  3. 80halta مۇنداق يازغان:

    نىكاھسىز بالا تاپسىلا ھارامدىن بالا تاپقان بولمايدىكەن، ھارامدىن بىر لوقما تائام يەپ شۇ كۈنى بالا تاپقان بولسا شۇ بالىغىمۇ ھارام قۇۋۋەت ئارىلاشقان بولىدىكەن. بىر كىشى قەھرىتان قىشتىكى بىر كۈنى ئوتۇنى تۈگەپ كېتىپ قوشنىسىنىڭ بىر باغلام ئوتۇنىنى سورىمايلا ئۆيىگە ئىلىپ كىرىپ ئىسسىنىپ شۇ ھارام ئوتۇننىڭ ھارارىتدە شەھۋەت قوزغىلىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ بالا تاپقان ئىكەن. ھارام ئوتۇندىن ھارارەت ئىلىپ تاپقان بالىمۇ ھارام تۇغۇلىدۇ دېگەن ئىكەن ئۇلۇغلار. كۈنىمىزدىكى ھارامغا چۈمۈپ كەتكەن، يېمىكىمۇ ھارام ،كىيىمىمۇ ھارام، زادى ھالال دېگۈدەك ھېچنىمىسى قالمىغان كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتىلىرى نېمە بولار؟!!!

  4. yimit مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،مەلۇم كىسەلنىڭ شىپالىقى ئۇچۇن ھارام نەرسە يىسە بولامدۇ؟

80halta 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟