نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > جىنسىي كېسەللىكلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش توغىرسىدا

1. سىفلىس(梅毒،Syphilis) دېگەن نېمە؟
سىفلىس-سىفلىس ئاقۇش بۇرغىسىمان تەنچە پەيدا قىلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق كۈزىتىپ كونترول قىلىنىدىغان جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى.
2. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ يۇقۇش يوللىرى قايسى؟
1) بىۋاسىتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ خىل يۇقۇش يولى تەخمىنەن %95 تىن %98 كېچە نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
2) ۋاسىتىلىك تېگىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ كېسەل ئادەمنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى ئىشلىتىش، كېسەل بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
3) ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش:ھامىلىدار ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ ساقايمىغان بولسا بالىسىغا يۇقىدۇ.
4) قان ئارقىلىق يۇقىدۇ: قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىدا سىفلىسنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولسا، قان قوبۇل قىلغۇچىغا بىۋاسىتە يۇقۇپ قالىدۇ.

3. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ كېسەللىك سەۋەبى
سىفلىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇرمىسىمان تەنچە ئىنچىكە،ئۇزۇن، قويۇق بۇرمىلىق مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى مىكرومېتردىن 20 مىكرومېترغىچە بولىدۇ،ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدۇ. ئەمما بەدەن سىرتىدا ئاسانلا ئۆلىدۇ، قۇرغاق مۇھىت، سوپۇن سۈيى ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئۇنى ئاسانلا ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما سوغۇققا چىداملىق كېلىدۇ.

4 . سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىلىرى
سىفلىس تارقىلىش يولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۇغما سىفلىس(ھامىلە ۋاقتىدا يۇقۇملانغان)ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كېسەلنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە قاراپ بىرىنچى باسقۇچ، ئىككىنچى باسقۇچ، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى باسقۇچ دەسلەپكى مەزگىل دەپ ئاتىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل داۋالانسا ئاسارەتسىز ساقىيىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى باسقۇچتا مىكرو ئورگانىزم بەدەندىكى ئەزالارغا زەخىملىنىش پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئوخشىمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ ساندىكى بىمارلار ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇغما سىفلىس ھامىلىنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى، بۇرمىسىمان تەنچە تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان كېسەللىك ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ، بىر قىسىم بالىلار مېيىپ تۇغۇلىدۇ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئەي بولمايدۇ ياكى ئانچە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ.

5.سىفلىس (梅毒،Syphilis) قانداق تارقىلىدۇ؟
ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس ئاساسىي جەھەتتىن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلەتكەن شپرستا ئوكۇل ئۇرۇش، كۆپ ئادەم بىر ئۇستىرىدا چاچ-ساقال ئېلىش، ئورتاق چىش چوتكىسى ئىشلىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. ھامىلىدار ئانا سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولسا،تۇغۇش جەريانىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقۇشىمۇ مۇمكىن.
تۇغما سىفلىس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ، تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ھامىلە سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ھامىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا بالا ھەمراھى تېخى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، بۇرمىسىمان تەنچە ھامىلە بەدىنىگە ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭا تۆت ئاي ئىچىدىكى ھامىلە ئاسانلىقچە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانسا، بالا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بەزى بالىلار غەيرىي تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
سىفلىس بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ،ئۇزاق مەزگىللىك كېسەللىك تارىخى جەريانىدا ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بەزىدە يوشۇرۇنۇپ،بەزىدە ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ،دەسلەپكى باسقۇچتىكى سىفلىس(يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە)نىڭ يۇقۇملىنىشچانلىق كۈچلۈك بولىدۇ،كېسەل تارىخنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ.كېيىنكى مەزگىلىدە كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ يۇقۇملىشىچانلىقى ئاجىز بولىدۇ.

6. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى قايسىلار؟
يوشۇرۇن دەۋرى:سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملىنىپ(كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىس كېسىلىنىڭ يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولغان كىشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىلەر(10كۈندىن 75كۈن)گىچە بىماردا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ،بۇ دەۋردىكى بىمارمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرۇشچانلىققا ئىگە، بۇ دەۋر سىفلىسنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى دېيىلىدۇ.
يوشۇرۇن دەۋر ئۆتكەندىن كېيىن،يۇقۇملانغان ئورۇندا (كۆپرەك تاشقى جىنسىي ئەزالاردا، بەزىدە كالپۇك ،تىل، مەقئەت ياكى قول قاتارلىق ئورۇنلاردا)ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان، ئەتراپ چېگراسى روشەن بولغان، پىلە غوزىكى چوڭلۇقتىكى قىزىل رەڭلىك قاتتىق مونەك پەيدا بولىدۇ،تېرىسى بۇزۇلۇپ،ئاز مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى لىمفا تۈگۈنى يوغىناپ قالىدۇ،ئاجرالمىلارنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە،نەتىجىسى مۇسپىي بولۇپ چىقىدۇ.قاتتىق شانكىرنى داۋالاتمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا5-7ھەپتىگىچە ئۆزلۈكىدىن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ،بۇ بىرىنچى دەۋرلىك يوشۇرۇن سىفلىس باسقۇچىغا كىرىدۇ.
ئىككىلەمچى باسقۇچلۇق بىرلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:
تەخمىنەن يۇقۇملىنىپ 10ھەپتىلەر بولغاندا (سەككىز ھەپتە بىلەن 12 ھەپتە ئەتراپىدا ) بىماردا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، سۆڭەك ۋە بوغۇملىرى ئاغرىش،مۇسكۇل ئاغرىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك قىزغۇچ رەڭلىك،يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىلدىكى زىچ تارقالغان ئۇششاق ئەسۋىلەر چىقىدۇ،بەزىلەر تېرە بىلەن تەكشى بولۇپ،بەزىلىرى بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ،بەزىلىرى يىرىڭدىشى مۇمكىن،ئادەتتە سىممېترىك بولۇپ،ئاغرىمايدۇ، قىچىشىمايدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىنايدۇ،بەزىلەرنىڭ مەقئەت ئەتراپىدا ھۆل دۆڭچە ئەسۋە ياكى ياپىلاق ھۆل سۆگەل ياندىشىپ كېلىشى مۇمكىن، بەزىلەردە سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى، چىش بۇزۇلۇش، چېچى چۈشۈش (يەنى چېكە، چوققىسى ۋە گەجگە قىسىمىدا قۇرت يېگەندەك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ)، كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن كېلىشى مۇمكىن.قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپىي بولۇپ چىقىدۇ.
داۋالانمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا،يۇقىرىقى ئالامەتلەر يوقىلىپ، كېسەل ئىككىنچى قېتىملىق يوشۇرۇن مەزگىلىگە كىرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىككىلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:
كۆپرەك ئەھۋالدا يۇقۇملىنىپ ئىككى يىللار ئىچىدە شەكلى بىرلەمچى ئەسۋىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان،ئەمما سانى ئاز،شالاڭ ئەسۋىلەر چىقىدۇ. كۆپرەك يۈز ۋە پۇت-قول قىسىمىدا بولىدۇ ياكى ئالىقان ، پۇت ئاستى، شىللىق پەردە قاتارلىق ئورۇنلاردا بولىدۇ .تارقىلىشى سىممېترىك بولۇپ، كۆپرەك يۇمىلاق ياكى يايسىمان بولىدۇ، بەزىدە ياپىلاق ھۆل سۆگەل پەيدا بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردە سۆڭەك ياكى كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپىي بولىدۇ.
داۋالاتمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا،يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ، كېسەللىك ئۈچىنچى باسقۇچلۇق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس
يۇقۇملىنىپ ئىككى يىللار ئۆتكەندە بۇرمىسىمان تەنچە ھەرقايسى ئەزالارغا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كېسەللىك ئالامىتىدىمۇ زور پەرقلەر بولىدۇ، بۇ دەۋردە يۈز ياكى پۇت-قول تېرىلىرىدە سىفلىس ئۆسمىلىرى پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرى يۈزى بۇزۇلۇپ شەلۋەرلەيدۇ، كېسەللىك ئېغىزى بوشلۇقىدا كۆرۈلگەندە يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىل، تىل قاتارلىق ئورۇنلار زەخىملىنىپ يارىلىنىشى، ھەتتا تېشىلىشى مۇمكىن. سۆڭەك، يىلىك قاتارلىقلاردىمۇ زەخىملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئاساسىي ئارتېرىيە قاتارلىقلاردىمۇ زەخىملىنىشى مۇمكىن. نېرۋا سىستېمىسى زەخمىگە ئۇچرىغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پالەچلىك، گالۋاڭلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
دەسلەپكى باسقۇچلۇق تۇغما سىفلىس كۆپرەك ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا بولىدۇ. تېرە، ئېغىز بوشلۇقى، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا قېنىق قىزىل رەڭلىك ياكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك ئۆسمىسىمان ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئەسۋىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ۋە جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالىرى يوغىنىغان بولىدۇ،بالىنىڭ ئوچۇقلىنىشى ناچار بولۇپ، ئورۇق، تېرىلىرى قېرىلارنىڭكىدەك قورۇقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈشلەر مۇسپىي بولىدۇ،بوۋاقنىڭ ئانىسىنى تەكشۈرگەندە قاندىكى RPRتەكشۈرۈشلەر مۇسپىي بولىدۇ.
ئاخىرقى دەۋردىكى سىفلىس ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ تېرە، شىلىمشىق پەردە، سۆڭەك، كۆز ۋە ئىچكى ئەزالىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سىفلىسلىق زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ، بوۋاقنىڭ تۇغما سىفلىسلاردا بولىدىغان ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ.ئۈستۈنكى تاڭلاي يايىسى تار بولىدۇ، چىشى غەلىتە، بۇرنى ئېگەرسىمان بولۇپ،كالپۇكلىرى ئەتراپىغا تارتۇقلار پەيدا بولىدۇ، كۆپ ساندىكى بالىلار نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندا مۇسپىي بولىدۇ. ئانىسىنىڭ قېىنىدا RPR مۇسپىي بولىدۇ.
7. سىفلىس (梅毒،Syphilis) قا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ ۋە سېلىشتۇرما دىئاگنوزنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
سىفلىس كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىن نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىشتۇرما دىئاگنوز ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.كېسەللىك تارىخى گۇمانلانغان ھامان سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنى تېپىش، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوزنى مۇقىملاش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، تىرىك توقۇلمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك داۋالاشقا بولىدۇ.
سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ داۋالاش پرىنسىپى نېمە؟
دىئاگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، داۋالاش قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى، دورا مىقدارى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، داۋالاش باسقۇچى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك، داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن،يېتەرلىك كۆزىتىش باسقۇچى قوبۇل قىلىشى، ئەگەر كېسەللىك سېزىلسە داۋالىنىشى كېرەك،كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋالىنىش جەريانىدا جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
8. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نى داۋالاش مەقسىتى نېمە؟
دەسلەپكى باسقۇچلۇق سىفلىستا تېزلىك بىلەن يۇقۇملىشىچانلىقىنى يوقىتىپ، بىمارنى سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەنپىيگە ئايلاندۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئاخىرقى باسقۇچلۇق سىفلىستا سىفلىسلىق زەخىملىنىشىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، زەخمىلىنىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. داۋالاشتىن كېيىن بۇرمىسىمان تەنچە يوقىتىلىپ، ياللۇغلىنىش كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئاللىقاچان زەخىملەنگەن قىسىمى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي، ھەرخىل ئاسارەتلەرنى قالدۇرۇشى مۇمكىن.
9. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نى داۋالاش لايىھىسى قانداق؟
ئادەتتە بېنىزانتىن پېنتسىللىن (芐星青霉素 )دىن 2400000U ئىككى يانپاشتىن ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنىپ،3-2قېتىمدىلا ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بېنىزانتىن پېنتسىللىن تېپىلمىغاندا ئادەتتىكى ئوكۇل ئۇرۇش پېنتسىللىن ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
پېنتسىللىن رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تېتراتسىلىندىن بىر قېتىمدا 500 مىللىگرام،كۈندە تۆت قېتىمدىن 15كۈن ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ(جىگەر،بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بار بىمارلارغا قارىتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك)ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىترومىتسىن قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
قان ئايلىنىش سىستېمىسى سىفلىسنى داۋالاش: بىماردا ئەگەر يۈرەك ئاجىزلىشىش ئەھۋاللىرى بولسا،ئالدى بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،پېنتسىللىننى دەسلەپكى ئاز مىقداردىن باشلاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن،ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىپ.ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن،ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇدا ئېرىيدىغان پېنتسىللىننن Gنى بىرىنچى كۈنى 100000Uبىر قېتىم،ئىككىنچى كۈنى 100000U ئىككى قېتىم،ئۈچىنچى كۈنى 200000U ئىككى قېتىم يانپاشتىن ئوكۇل قىلىپ،تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
پروكائىن پېنتسىللىننن Gدىن 800000Uئوكۇل قىلىپ 15كۈن ئىشلىتىش كېرەك،ئىككى ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن يۇقىرىقى مىقداردا يەنە بىر باسقۇچ ئىشلىتىش كېرەك.
تۇغما سىفلىسنى داۋالاش: تۇغما سىفلىسقا گىرىپتار بولغان بالىلارغا بېنىزاتىن پېنتسىللىن،پروكاين پېنتسىللىن قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.مىقدارى بىر كىلوگرام ئېغىرلىققا 500000Uتوغرا كەلسە بولىدۇ،دورا ئىشلىتىش ئارىلىقىنى ئاشۇرۇپ دورىلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرىگە قاراپ بەلگىلەش كېرەك.
پېنتسىللىن رېئاكسىيە بەرگۈچىلەرگە قارىتا ئېرىترومىتسىندىن ھەربىر كىلوگرام ئېغىرلىقغا قارىتا 30 كۈن ئۇلاپ ئىچۈرۈشكە بولىدۇ،سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتا تېتراتسىللىن ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.
ئەكس تەسىر كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قوزغىلىپ،24سائەت ئىچىدە يوقىلىدۇ،قىزىش،بىئارام بولۇش،يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەكس تەسىر يۈز بەرگەندە قاتتىق شانكىر تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن.ئەكس تەسىر ئەگەر ئىككىنچى باسقۇچلۇق سىفلىستا كۆرۈلسە،شۇ چاغدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،بۇ خىل ئەكس تەسىر ئاخىرقى مەزگىللىك سىفلىستا ئانچە كۆپ كۆرەلمىسىمۇ،ئەمما كۆرۈلگەن ھامان ئاقىۋىتى ئېغىرراق بولىدۇ،مەسىلەن،گالۋاڭ بولۇپ قېلىش،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن،بۇ خىل ھادىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن سىفلىسقا قارشى داۋالاشتىن بۇرۇن كورتىزون قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
11. سىفلىس (梅毒،Syphilis) نىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
- جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.
- بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
- قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .
12 . سىفلىس (梅毒،Syphilis) بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
- سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.
- بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
- قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز داۋالاش ياكى داۋالىماسلىقنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا بىمارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
- بەزى بىمارلار تۇنجى قېتىم پېنسىلىن ئارقىلىق داۋالانغاندا،بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا قىزىش،باش ئاغرىش،كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ ئالامەتلەر 24 سائەت ئىچىدىلا يوقاپ كېتىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە吉海反应دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك.
- سىفلىس (梅毒،Syphilis) بىمارلىرى توي قىلماقچى،ھامىلىدار بولماقچى بولسا،تەلتۆكۈس ساقايغاندىن كېيىن ئويلاشسا بولىدۇ.

(كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆتكۈر زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش قوللانمىسىدىن ئېلىندى)

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ياڭاق مۇنداق يازغان:

    سىفىلىس توغۇرسىدا ئېنىقراق مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم . مۇمكىن بولسا تىلفۇن نۇمۇرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار !

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟