نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئاقسۇدا كىملىك بىلەن تورغا چىقىش

شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ ئاسىيا كىندىكى تورى (亚心网) نىڭ بۈگۈنكى ( 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ) خەۋرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايتى تەۋەسىدە 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلاپ، تورخانىدا كىملىك ئاساس قىلىنغان ھەقىقىي سالاھىيەت بىلەن تورغا چىقىش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان. ئىلگىرىكى بىرقانچە يىل مابەينىدە قوللىنىلغان ‹‹ تورغا چىقىشنى تىزىملاش كارتىسى ، 上网登记卡 ›› ئارقىلىق تورغا چىقىش ئاستا – ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى 2 – ئەۋلاد كىملىكنى سۈرۈش (刷二代身份证) ئارقىلىق تورغا چىقىش رەسمىي يولغا قويۇلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكى تارماق ئەتىرىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايتى تەۋەسىدىكى بارلىق تورخانىلار 2 – ئەۋلاد كىملىكنى سۈرۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تورغا چىقىشنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كىملىكى يوقلارنىڭ تورخانىلاردا تورغا چىقىشى رەت قىلىنغان.
مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى تورخانىلار ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى تورخانىلار بەس – بەستە 2 – ئەۋلاد كىملىكنى ئوقۇغۇچ (二代身份证读卡器) نى ئورنىتىشقان بولۇپ، يېڭى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا باشلاشقان. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، تورخانا مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1 – ئەۋلاد كىملىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن كىشىلەرمۇ تورخانىدا كىملىكىنى تەكشۈرۈتىش ئارقىلىق تورغا چىقالايدىكەن. چۈنكى، 2 – ئەۋلاد كىملىكنى ئوقۇغۇچنىڭ 1 – ئەۋلاد كىملىكنىمۇ سىكانىرلاپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
بۇ چارىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەتنىڭ تور باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، بىخەتەر تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى، كىملىك تورخانىدا تورغا چىقىشنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماي، يەنە تورغا چىقماقچى بولغان كومپيۇتېرغا كىرىشتىكى كىرىش نومۇرى قىلىنىدىكەن. بۇ بويىچە بولغاندا تورخانىدا پەقەت قورامىغا يەتكەنلەرلا چىقىشقا بولىدىكەن. يېشى 18 كە توشىمىغان ئۆسمۈرلەر بولسا تورخانىدا تورغا چىقىشتا رەت قىلىنىدىكەن.
تورخانىدا كىملىك سۈرۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تورغا چىقىشتا خۇسۇسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتەمدۇ ؟
بۇ سۇئالغا ج خ خادىملىرى ئۇنداق بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، كىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى يوق بولۇپ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھېچنىمنى ساقلاپ قالماي، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنتۇپ قالىدىكەن. مۇنداق بولغاندا، خۇسۇسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتىش ھادىسىسى پەيدا بولمايدىكەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئاقسۇدا كىملىك بىلەن تورغا چىقىش

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. birzat مۇنداق يازغان:

    ساقلاش ئىقتىدارى بولمىسا كىيىن مەسىلە چىققانلارنى قانداق سۈرۈشتە قىلىدىغاندۇ؟
    [reply=Yuksel,2010-07-11 02:19 PM]ئىلگىرى ، جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە بىر يازما ئېلان قىلغان ئىدىم. كۆرۈپ باققايسىز:
    article/7iqlim/kimlik-uchurliri.htm/reply

  2. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    بەلكىم كىملىك ئوقۇغۇچ ساقلاپ قالمىغان بىلەن ، كىملىك نۇمۇرى بىلەن تورغا چىققان ۋاقىتتا كومپىيۇتىرغا كىرىش خاتىرسى ساقلىنىپ قالا ھەقىچان ،؟؟؟؟؟. ھوكۇمەت ئاندا ئاخماق ئەمەس . تەمسىل : بىر بالاسى بولمىسا ،قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا .

  3. Nokiafun مۇنداق يازغان:

    مۇشۇنداق ئىشلار بار دەڭ…. ئاقسۇغا بارغاندا سىناپ باقساق بولغۇدەك.

Nokiafun 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟