نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

1000 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىپلومات

يۈەن سۇلالىسى گەرچە مۇڭغۇل خەلقى تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان بۈيۈك ئېمپىرىيە بولسىمۇ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخي تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئوخشاشلا يۈەن سۇلالىسىنىڭ تارىخي تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلار مۇھىم روللارنى ئوينىغان دېيشىكە تامامەن بولىدۇ. يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىر قەدەر روناق تاپقان ھالەتتە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان سىياسىئۇنلار،ئەدىبلەر، تارىخشۇناسلار ھەرقايسى پەن تۈرى بويىچە ئالىم – ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىدۇ. بىز بۇ پارچە ماقالىمىزدا مۇشۇ دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان مەشھۇر ئۇيغۇر دىپلومات راببىن سائۇما (Rabbin Sauma) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئىككى مەشھۇر دىپلومات يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ئەلئۇقمىىش ( بۇددا مۇرتى ) يەنە بىرى راببىن سائۇمادۇر. ئەلئۇقمىش جۇڭگودىكى تۇنجى دېڭىزچى دىپلومات بولۇشى سۈپىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا ئەلچىلىككە بېرىپ، يۈەن سۇلالىسى بىلەن ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. راببىن سائۇما نىستۇرىئان دىنى مۇرتى ئىدى. ئۇ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا قەدەر ئەلچى بولۇپ بارغان ئىدى.

نۆۋىتى كەلگەندە ، نىستۇرىئان دىنى ھەققىدە ئازىراق توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. نىستۇرىئان دىنى خىرستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، ئەيسا پەيغەمبەرنى ھەم ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقانلىقلىرى ئۈچۈن رېم پادىشاھى تەرىپىدىن قوغلاندى قىلىنغان، مۇرتلىرى تۇتۇلغان ھامان ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇلار ئامالسىز شەرق تامان كۆچۈپ ماكانلاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا مەزكۇر دىن 600 – يىللاردا كىرگەن بولۇپ، تۇرپان، دەشت ئاتا ( دۈنخۇاڭ )، كەڭسۇ ( گەنجۇ ) قاتارلىق جايلاردا نىستۇرىئان مۇرتلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە چىققان. شۇ چاغدىكى ھۆكۈمدارلار ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىشىغا يول قويغان گاھىدا قوللىغان. يۈەن دەۋرىگە كېلىپ، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارغا بەيئەت قىلغاندا، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋرەپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بارچە دىنلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنى چەكلىمەيدۇ. بۇ خىل سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە نىستۇرىئان دىنىمۇ باشقا دىنلارغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. جۈملىدىن مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئارىسىدا مەزكۇر دىن تېز يامرايدۇ. بۇ دىن مۇرتلىرىنىڭ ئايىقى يەتمىگەن قەشقەر، يەركەنت، كۆسەن ، ئۈرۈمچى، ئالمالىق قالمايدۇ. مەنئىيى غەربتىن كەلگەن دىن بولغانلىقى سەۋەبلىك نىستۇرىئان دىن مۇرتلىرى غەرب بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىدۇ.بولۇپمۇ پارس ئېلىدىكى نىسۇرىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر كىچىك يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، نىستۇرىئان دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقلىشى مۇقەرەر ھالدا ئۇيغۇرلار نىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋېىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك بولغان غەربكە ئىنتىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، راببىن سائۇما بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھ دوستى ماركوسنىڭ خېيىم – خەتەردىن قورقماي، جاپا – مۇشاقەتتە چارچىماي ئىرۇسالىمغان بېرىپ، تاۋاپگاھنى تاۋاپ قىلىشى يۇقىرىقىدە ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ئەمەس.

مۇڭغۇل – يۈەن دەۋرىدە خىرستىيان دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولغان نىستۇرىئان دىنىنىڭ مۇڭغۇل يايلىقى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تېز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، مۇڭغۇل ھۆكۈمدارلىرى ياكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربتىكى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ. كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان ئىش شۇكى، قۇبلاي خان دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەلچى راببىن سائۇما ( 1225-1294)ۋە ماركوسلار يېقىن شەرىق ۋە ياۋۇرۇپاغىچە ئەلچىلىككە بېرىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئېلىكخانلار ۋە ياۋرۇپادىكى ئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ.

راببىن سائۇمانىڭ ياۋرۇپاغا بېرىشى ئۇيغۇرلار ئىچىدىنلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو بويىچە ئەڭ بالدۇر ياۋرۇپاغا بارغان كىشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى خەنزۇچە مەنقىباتلاردا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە تۈزۈك ئۇچۇر خاتىرلەنمىگەن. سۈرىيە تىلىدا يېزىلغان << باش ۋالىي ئىرھىم ئۈچىنچى ۋە راببىن سائۇما تەزكىرىسى >> ۋە ۋاتىكان دىنىي ئىشلار مەھكىمىسى ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللاردا بۇ ئۇيغۇر ئەلچى راببىن سائۇما ھەققىدە بىر قەدەر مۇپەسسەل بايانلار خاتىرە قالدۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئاۋالىقى تەزكىرىدە ئۇنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە تۆۋەندىكى قۇرلار بايان قىلىنغان:
راببىن سۆزى سۈرىيىچە بولۇپ، ئۇستاز دېمەكلىكتۇر. سائۇما مەزكۇرنىڭ ئۆز ئىسمىدۇر. ئۇ تەخمىنەن 1225 – يىللىرى خانبالىق ( ھازىرقى بېيجىڭ ، ئەينى ۋاقىتتىكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى ) تا بىر نىستۇرئان مۇرتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى نازارەتچى بەگ بولۇپ ، خانبالىقتىكى نىستۇرىئان دىنىي جەمئىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. سائۇمانىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەشھۇر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، كىچىكىدىن ياخشى تەربىيە قىلغان. كېيىنكى زامانلاردا ئۇ دىنىي جەھەتتىن كاتتا ئۆلۈما بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

1275 – يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە، سائۇما ئىرۇسالمىغان بېرىپ تاۋاپگاھنى تاۋاپ قىلىش قارارىغا كەلگەن. ھەمراھى ماركوس بىلەن بىرگە قۇبلاينىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، خانبالىقتىن يولغا چىقىپ ئاۋۋال ماركوسنىڭ يورتى كۇشاڭ ( ھازىرقى شەنشى تەۋەسىدە )، خوتەن، قەشقەر، تالاس قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ئىلكخانلارنىڭ ئاستانىسى تېبرىزغا بارغان ھەمدە نىستۇرىئان دىنىنىڭ باش پوپى Mar Dinha بىلەن كۆرۈشكەن. باش پوپ بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئۇيغۇر ، مۇڭغۇل تىللىرىغا راۋان ئىكەنلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ماركوسنى جۇڭگو ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باش پوپى قىلىپ تەينىلگەن، راببىن سائۇمانى بولسا باش نازارەتچى بەگە قىلىپ تەيىن قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارقىغا قايتىپ ئۆز دىيارلىرىغا كېلىپ دىن تارقاتماقچى بولغان. يېرىم يولغا كەلگەندە باش پوپ Mar Dinha نىڭ قازا تاپقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئارقىغا قايتىشقان، كېيىنكى باش پوپنى بەلگىلەشتە ماركوس ھەممىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشى بىلەن باش پوپ بولۇپ Mar Jabalaha III دەپ ئاتالغان.
1287 – يىلى ئىلىكخانلارنىڭ 4- ئەۋلاد پادىشاھى ياۋرۇپادىكى خىرستىيان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ۋە شۇخىل مۇددىئا بىلەن سائۇما باشچىلىقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى رۇم ئېمپىرىيىسى ، فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئىۋەرتىدۇ. سائۇما ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ شۇ يىلى 3- ئايدا باغدادتىن يولغا چىقىدۇ. قارا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىكى كونىستانپول ( ھازىرىقى ئىستانبول ) غا كېلىدۇ ۋە ۋىزانتىيە ئېمىپىرىيىسنىڭ ئىمپراتورىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ دېڭىز يولى ئارقىلىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى ئايدا ئىتالىيەنىڭ نابىلۇس شەھرىگە كېلىدۇ. نابلوستىن رۇم شەھرىگە كېلىپ روم پاپىسىى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ . ئەمما روم پاپىسى تېخى يېقىندىلا قازا قىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ داۋاملىق غەربكە قاراپ سەپەر قىلىپ 9 – ئايدا پارىژ شەھرىگە يېتىپ كېلىدۇ. پارىژدا فىرانسىيە پادىشاھىنىڭ داغادۇغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . ئۇ ئىلىكخانلار پادىشاھىنىڭ تاپشۇرغان خېتىنى فىرانسىىيە پادىشاھىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ پارىژدا 1 ئاي تۇرغاندىن كېيىن ، پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بوردو شەھرىدە ئەنگىلىيە پادىشاھى ئىدۋارد برىنچى ( Edward I ) بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئەنگىلىيە پادىشاھى سائۇمانى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇنى مول تارتۇقلايدۇ. شۇندىن كېيىن، ئۇ ئارقىغا قايتىپ، رۇمغا كېلىدۇ ۋە يېڭى تەيىنلەنگەن پاپىغا ئىلىكخاننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. روم پاپىسى ناھايىتى زور مىقداردىكى سوۋغا سالاملار بىلەن يولغا سېلىش بىلەن برىگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىلكىخان ۋە قۇبلايخانغا قارىتىپ مەكتۇپ يازىدۇ. مەكتۇبىدا سائۇمانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇنى قايتا – قايتا تەرىپلەيدۇ.
سائۇمانىڭ بۇ قېتىمقى غەربىكە قىلغان دىپلۇماتىيە سەپىرىنىڭ نەتىجىسى ئىرۇسالىمنى ئېلىش بىلەن تۈگەللەنمىسىمۇ ( ئىلىكخان، روم،فىرانىسيە ، ئەنگىلىيەقاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ ئىرۇسالىمنى ئېلىش مۇددىئاسى ئاخىرىقى ھېسابتا ئىشقا ئاشمايدۇ )، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تارىخي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. غەرب بىلەن شەرقنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدە ئۇنى باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھەتتاكى جۇڭگولۇقلار ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ ياۋرۇپا بېرىشى ئۇنىڭ زىيارىتىنى يەنە بىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان دېيشىكە بولىدۇ.

تارىخي مەنقىباتلارغا قارىغاندا، سائۇمانىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ئەمما، ئۇنىڭ ھەمراھى ماركوسنىڭ مىللىي كىملىكىدە تالاش – تارتىش بار. بەزىلەر ئۇنى مۇڭغۇل دېسە ، بەزىلەر تۈرك دېيشىدۇ. 周清澍 ئەپەندىنىڭ سىستېمىلىق تەتقىقاتىدىن كۆرە، ماركوس ئۇنگۇت ( Öngüt / Öng ) لەردىن بولۇپ، بۇلار مۇڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلار جەنۇبقا كۆچكەندە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرۈكۈمى بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ماركوسنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇ.

سائۇما ۋە ماركوسنىڭ غەربكە قىلغان ئۇتۇقلۇق زىيارەتلىرى كېيىنكىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. سائۇما 1294- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ، ماركوس 1317- يىلى 11-ئاينىڭ 13- كۈنى سۈرىيىدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ۋاپات بولىدۇ. پايتەختتىكى نسىتۇرىئان دىنى مۇرتلىرى ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىشىپ، 1320 – 1330 يىللار ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ نامىغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ ، 1365 – يىلى ئابىدە تۇرغۇزىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 1000 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىپلومات

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك تارىغ ئىكەن. بۇ ماقالىدە پايدىلانغان ماتىرياللارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا بولامدۇ؟ ياكى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا سىتاتا شەكلىدە بېرىلسىمۇ بولاتتى.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟