نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلار بىلمەيدىغان ‹‹ تارانچى ››

كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ‹‹ تارانچى ›› سۆزىنى ئاڭلىسا، ‹‹ ئىلى دىياردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ›› دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تەۋەسىدە ‹‹ تارانچى ›› دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم كۆمۈر سانائەت بازىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
تارانچى كۆمۈر كانى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1-كان، 2-كان ۋە ئۈستى ئوچۇق كاندىن ئىبارەت 3 كاندىن تەشكىل تاپقان. ‹‹ ئۈستى ئوچۇق كان ›› شىنجاڭ ھەتتاكى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كان بولۇپ، كۆمۈر قېزىلغان ئازگالنىڭ ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تارانچىنىڭ خەنزۇچە نامى 三道岭 بولۇپ، بۇ نام 1960-يىللاردىن كېيىن قويۇلغان ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ‹‹ تارانچى ›› دەپ نام ئېلىۋاتقان بۇ يۇرتنىڭ نامى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن لۇغەتكە، يۇرتلار نامى قاتارىغا ياكى خەرىتىگە ئېلىنغىنى يوق. ‹‹ تارانچى ›› سۆزىنى لۇغەتتىن ئاختۇرسىڭىز، ‹‹ ئىلى دىيارىدىكى تارانچىلار ›› نى چۈشەندۈرىدۇ، شىنجاڭدىكى يۇرتلار نامى قاتارىدا ‹‹ تارانچى ›› دىگەن سۆزنى قەتئىي تاپالمايسىز، ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن خەرىتىدىمۇ بۇ مۇھىم ئورۇننى تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە، تارانچى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن جاي ناملىرى خاتا يېزىلغان. مەسىلەن: ‹‹ جىگدە ›› (جىگدىلىك) نى خەنزۇچە ‹‹沙枣泉 ›› سۆزىگە ئاساسەنلا  ‹‹ جىگدە بۇلاق ›› دەپ ئالغان. ‹‹ ئۆردەكلىك ›› نى بولسا ‹‹ يازىچۈەن›› دەپ ئالغان.

قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ››

قۇمۇل (قامىل) دىيارىغا نىسبەتەن، تارانچىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 32 مىڭدىن ئارتۇق  ( 2010 -يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە 40 مىڭدىن ئاشقان ) بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل (بالىكۆل) ناھىيەسىدىن قالسىلا، نوپۇس جەھەتتە 3-ئورۇندا تۇرۇپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى چوڭ بازارلاردىن ھېسابلىنىدۇ. تارانچىدا 5000 غا يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولۇپ، ئومومىي ئاھالىنىڭ %14 ئەتراپىدا ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 25 مىڭ خەنزۇ، 1000 دىن ئارتۇق تۇنگان، 1000 دىن ئارتۇق مانجۇ، قازاق قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەنلەر بولۇپ، يەرلىك قۇمۇللۇقلار بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ يەردىن ھەر قايسى يۇرتتىكى كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆلكە ئازات بولۇپ، 1960-يىلدىن كېيىن دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان زامانىۋى كانغا ئىشچى بولۇپ كەلگەنلەر ھېساپلىنىدۇ.
تارانچىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ سەۋىيىسى قۇمۇل دىيارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تارانچىدا باشلانغۇچتىن تولۇققىچە بىر گەۋدىلەشكەن بىرلا ئۇيغۇرچە مەكتەپ بار بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ. ھەتتا ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەردىن جەمئىي 45 ئوقۇغۇچى چىققان. ئۇيغۇرلار ئاساسەن باللىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلىكى بالىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى چىقىدۇ.  مۆلچەرىمچە، %30-%40 كىچە بولغان ئوقۇغۇچى ئالىي ئوقۇللارغىچە ئوقۇيالايدۇ. قالغانلىرى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈپ قالىدۇ.

 قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ›› نامىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى

‹‹ تارانچى ›› نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەن بىلگەن مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار.
1. بۇ يۇرتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى باشقا يۇرتلاردىن تارىلىپ كەلگەنلىكتىن، ”تارانچى“ دەپ ئاتالغان. بۇ قاراش تارانچىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلگەنلىكتىن، كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق دەپ قارىشى مۇمكىن.
2. بۇرۇنقى چاغلاردا، بىر قانچە ئۆيلۈك تارانچىلار ئىلىدىن كېلىپ، مۇشۇ رايون تەۋەسىدە بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلغان ئىكەن. كىشىلەر ‹‹ نەگە ماڭدىڭ ›› دەپ سورىسا، ‹‹ تارانچىلار چۈشكەن يەرگە ›› دىگەندەك سۆزلەشمىلەر ئارقلىق، بۇ يەرنىڭ ئىسمى بارا- بارا ‹‹ تارانچى ›› بولۇپ قالغان ئىكەن.
مېنىڭ قارىشىمچە، 2-خىل كۆزقاراش تارىخىي پاكىت ۋە ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن. چۈنكى، باشقا يۇرت خەلقلىرى تارانچىغا ”تارىلىپ“ كەلمەستىن بۇرۇنلا، بۇ يەر ”تارانچى“ دەپ ئاتىلىدىكەندۇق.

قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ›› نىڭ قىسقىچە تارىخى

يازما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تارانچى كۆمۈر كانى ئەڭ دەسلەپ 1761-يىللىرى (چيەنلوڭنىڭ 26-يىلى) تەشكىللىك قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى باشقۇرغان، ھەمدە ئاساسەن قۇمۇلدىكى چىڭ قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن. 1884-يىلى، قۇمۇل خان ئامبالى بىكار قىلىنىپ، قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كومتروللىقىدىن شەخىسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، جاۋ فامىلىلىك بىر خەنزۇ سودىگەرگە تەۋە بولغان. 1895-يىلى شامەخسۇت ۋاڭ 3000 سەر كۆمۈشكە تارانچى كۆمۈر كانىنى پۈتۈن ئەسلىھەلىرى بىلەن سېتىۋالغان. 1930-يىللىرىغا كەلگەندە، يولۋاسنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 1960-يىللىرى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن خەنزۇ ئىشچىلارنى تارانچىغا ئېلىپ كەلگەن، ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇل ئەتراپىدىكى رايونلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىمۇ يىغقان. شۇنداق قىلىپ، تارانچى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان يېڭى يۇرت بولۇپ قالغان. 2007-يىلى، تارانچى كۆمۈر كانى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۇئەن (山西潞安) كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىغا سېتىۋېتىلىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلار بىلمەيدىغان ‹‹ تارانچى ››

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!10 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مۇنداق گەپلەرمۇ باركەن دەڭ! مەن تېخى بۇلارنى ئىلىدىلا بارمىكىن دەپتىمەن!

  2. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مەن تېخى ‹‹تارانچى›› مىللىتى دەپ سۆزلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، ئەسلىي باشقا بىر بىلىم ئىكەندە…بىلىۋالدۇق!

  3. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    مەن ئۆزەمنىڭ بىر (ئىلىدىكى) تارانچى بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە ئىلىدىكى تارانچىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى يەنى شىۋىسى لوپنۇرلۇقلارنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىدىكى بەزى مۇڭ-كۈيلەرمۇ شۇنداق، بۇرۇن بوۋاملار ھايات چېغىدا بېشىغا لوپنۇرلۇقلارنىڭكىدەك مالخاي(شىلەپە) كىيەتتى، شۇنىڭغا قاراپ بەزىدە ئىلىدىكى تارانچىلارنى ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇر ئەتراپىدىن كۆچۈپ كەلگەنمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    بۇ تېما ئارقىلىق يەنە بىر يېڭى نەرسىنى بىلۋالغانلىغىم ئۈچۈن رەخمەت…

  4. قانۇنچىلىق مۇنداق يازغان:

    تارانچى دېسە مەن تېخى بىزنىڭ خوتەندە ماشنىگە قاچىلايدىغان گاز چاۋا دەپتىمەن

  5. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    قۇمۇلدىكى تارانچى توغرىسىدا بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم،رەھمەت،يەنە بىر بىلمگە ئىگە قىلىپ قويدىڭىز.ئۈمۈدۈم مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز يۈكسەل بىلوگىدىن ئۈزۈلمىسۇن.

  6. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ ئابابەكرى ئىسىملىك بىر ساۋاغدىشىم سەن نەلىك دەپ سورىسام قۇمۇل سەن داۋ لىڭدىن دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى، ئەسلىدە بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچە نامى بار ئىكەنغۇ….

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      شۇنداق، بۇ يەرلىك ياش بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك «سەنداۋلىڭ» دەپ ئاتايدۇ. «تارانچى» دەپ ئاتايدىغانلاردىن پەقەت مەن بىلەن ئايالىملا قالدۇقمىكىن دەيمەن، ئوغلۇمنىڭ تىلى چىقسا ئۈچەيلەن بولىمىزمىكىن ئەمدى.

  7. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    تارانچى- ياقا يۇرۇتتىن كىلپ ئولتۇرۇقلاشقان دىگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ .
    مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ، ئازادلىقتىن بۇرۇن قەشقەر ،خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن كىشلەر ئالتايغا بىرقانچە قېتىم ئالتۇن قازغىلى ھاشارغا يۆتكەپ كىلىنگەن ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاخىرقى بىر تۈركۈم كىشلەر ئالتايغا بېرىشقا ئۈلگۈرمەي ئىلى ، قاراماي ، قۇمۇل دىگەن جايلارغا تارىتىۋىتىلگەنمىش ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تارانچى ئاتىلىپ قالغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ تەرەپلەرگە يۆتكەپ كىلىنگەن كىشلەر ئاساسى جەھەتتىن تارانچى دەپ ئاتىلىپ قالدى .
    كۆكتاش ئەپەندى ،مەيۈسلەنمەڭ ! بىز ئۇقۇيدىغان ۋاقىتلاردا قۇمۇللۇق ساۋاقداشلارنىڭ بەزى يۇرتلۇقلىرىنى تارانچى دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرگەن ، مېنىڭچە ئۆزىنى تارانچى دەپ يۈردىغان سەنداۋلىڭلىقلار ئاز ئەمەس ..

  8. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    ئەسلى مەن تىخى ئىلىدىكى يەرلىك ئىلى پۇخرالىرىنى تارانچى دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ئەمدى بىلىۋالدىم

  9. torbajin مۇنداق يازغان:

    ئاقسۇدىكى توقسۇنى شىنخا دەپ ئاتىغاندەك ئىشكەنغۇ بۇ . تېخى بىر قىسىم ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەر توقسۇ دىسە بىلمەيدۇ .

torbajin 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟