نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟!

يەنە ‹‹ 1 – ئىيۇن ›› بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. جايلاردا ئىلگىرىكىدەكلا تۈرلۈك – تۈمەن ئۇلۇغ – ئۇششاق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىلگىرىكىدەكلا ئۇلۇغ – ئۇششاق ‹‹ رەھبەرلەر ›› قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەبرىكنامىلەرنى ئوقۇپ بەردى، بالىلار ئىلگىرىكىدەكلا ‹‹ رەھبەر ›› لەرگە ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىپ ناخشا – ئۇسۇل ئويناپ بەردى. ئالىمادىس ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسا،ھېچكىم يەنە بىر قېتىم ‹‹ ساۋاقداشلار قوزغالماڭلار، رەھبەرلەر باشتا مېىڭىۋالسۇن ›› نى تەكرارلانمايدۇ ، دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ. يۈكسەلنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن ‹‹ بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ! ›› دېيشىمىز. ئەمما، بىز زادى نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟! نېمەقىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ؟! …

ئالدى بىلەن ، بارلىق سۈپەتىسز، زەھەرلىك يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان ، ساتىدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئۇلۇغ تەڭرىدىن ئىنساب تىلەيمىزكى، دۇنيا ۋەسۋەسىدە سوزۇلغان قارا قولى بالىلارنىڭ كېكىردىكىدىن بوغمىسا، بالىلار يېمەكلىكلەرنى بولسىمۇ خاتىرىجەم ئىستېمال قىلسا! پەقەت زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى، سەمرىتېلگەن تاۋۇز، بويى ئۆستۈرۈلگەن تەرخەمەك، ئاقارتقۇچ قوشۇلغان ئۇن تائاملىرى … بولمىسىلا بولغىنى.
ئاندىن، بالىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ سېتىۋاتقان، ئوغرى – يانچۇقچىلىققا سېلىۋاتقان، زەھەر سېتىشقا مەجبۇرلاۋاتقان قارا كۆڭۈل ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى سەللىمازا ئاقارغان بولسا، شۇ گۈدەك بىغۇبار بالىلارغا رەھمى – شەپقەت قىلغان بولسا. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئاقارمىسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاقارتىپ قويغان بولسا، ئىچكىردىكى سەرسان – سەرگەردان بولىۋاتقان ئېنى – سىڭىللىرىمىز بالدۇرراق ئاتا – ئانىلىرىنىڭ باغىرىغا قايتىپ كەلگەن بولسا …
يەسلى – مەكتەپلەر يەنىمۇ ئىللىقراق بولسا. ئوقۇتقۇچى دېگەن ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرى دەپ قويسىلا ھېساب ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلار ھەممە بالىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر بالىغا مېھرىنى بېرىپ تەربىيىلىسە ھېساب. مەلۇم بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ( ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرىلىقى ) ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ مەنسەبدار، يۈز – ئابرويلۇق، ھېچ بولمىغاندا ‹‹ ئوقۇتقۇچىنىڭ قەدرى ›› نى قىلىدىغان بولغانلىقى تۈپەيلى باشقا بالىلاردىن پەرقلىق كۆزدە قارىماسلىقى لازىم. تاپشۇرۇقلار سەل ئازىراق بولسا، بالىلار بالىلىقىغا قېنىپراق چوڭ بولسا. ھەممە ئاتا – ئانا مۇئەللىمدىن بالىسىنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. پەقەت مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا كەمسىتىلمىسە، روھى زەربىگە ئۇچرىمىسا ، ساغلام ئۆسۈپ، ئاق – قارىنى پەرق قىلالىغۇدەك نورمال ئادەم بولۇپ يېتىلسىلا كۇپايە.
ئاتا- ئانىلارمۇ بالىلارغا بولغان ئۈلگىلىك تەسىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسا. ئائىلە بالا ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ، ئاتا – ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆرنەكتۇر. ئاتا – ئانىلار بالىنى تەربىيىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى رۇسلاپ ئېلىشلىرى زۆرۈر. ھەرگىزمۇ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ ‹‹ بالام، تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق ›› ، دەپ نەسىھەت قىلماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆزلىرى لاياقەتلىك ئاتا، لاياقەتلىك ئانا، دۇرۇس ئادەم بولۇشلىرى، ئاندىن بالىغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى لازىم. بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشى، ئۇلارنىڭ پىكىر – قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئاتا – ئانىلار چاي – ئولتۇرۇشلىرىدىن ئازغىنە قۇربان قىلىپ، بالىلارغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، بالا ئۆي ( 4 تام ) ۋە ياكى مەكتەپنىڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بالىمىز!
جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، مۇخبىر، زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ تۇتقۇلىرى ، ۋىجدانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يەلكىسىگە غۇنچە ئەۋلادلارنى ئويغىتىش، يېتەكلەش، پەرۋىشلەپ تەربىيىلەشتەك مۇقەددەس بۇرچ يۈكلەنگەن. بالىلارغا گۈزەل، ياخشى، چىن ، مەڭگۈلۈك بولغان نەرسىلەرنى تونۇتۇپ، كىشىلىك قەدىر – قىممەتنى، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي، باتۇر، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر، ھەقىقەتنى ئىستەيدىغان ئىرادىلىك ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېنى جاۋاب بېرىڭچۇ، نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟! نېمە قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟!…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟!

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!13 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قانۇنچىلىق مۇنداق يازغان:

    دىۋاندا ئولتۇرسا نىمە دېگەن راھەت ھە

  2. روھلان مۇنداق يازغان:

    بالىلىقىمنى ھەجەپ ئەسلەپ قالدىم دىسە …

  3. بۆرەيار مۇنداق يازغان:

    قارامايدىكى ئىشنى يەنە ئېسىمگە سېلىپ قويدىڭىزدە، ئۇنتۇپ كېتىپتىكەنمەن ئۇ ئىشلارنى. ھازىر قارىسام شەكىل ئۆزگەرگەن بىلەن ماھىيەت ئۆزگەرمىگەندەك….. ھەممە مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان بولۇپ كەتكەن بۇ دەۋردە ئىمان بولمىغان بولسا نىمە بولاپ كىتەر بولغىيتى دەيمەن بەزىلەرنى كۆرۈپ، شەكىلدە نۇرغۇن ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ھازىر، جەمىيەتتىن كۆرەمدۇق، ئۆزىمىزدىنمۇ ۋەياكى ئۆزگىلەردىنمۇ… بۇلارغا يەنىلا ئىشتاننى بىزدىن كۆپ ئىشتانلارنى يىرتقان چوڭلار جاۋاپ بەرسۇن، نېمىلا دېگن بىلەن كەمىنە ئۆزۈمنى تېخى بالا دەپ قارايمەن، ئىمزەك ئەممەيمەن !! دەپ ”ۋارقىرىيالىغىدەك“ بولغاندا ئاندىن چوڭلار قاتارىدا ھۆكۈم قىلاي

  4. weyrani مۇنداق يازغان:

    بىزنى ئاتا -ئانىمىز قانداق تەربىيەلىدىكىن تاڭ بىلمىدىم.مەنمۇ بالامنى مەنچىلىك تەربىيەلەشكە تازا كۇزۇم يەتمەيدۇ.

  5. گۈلىستان مۇنداق يازغان:

    ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىقيۇ،پەرزەنتلىرىمىزنى ئويلاپ باقمىدۇق؟‹ۇلار ئۈچۈن ھېچئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق.ئۆزلىرىمىز قاتار چايلاردا ئوينىغاندا ئۆيگە كىرەلمەي پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان بالىلىرىمىزنى ئەستىن چىقاردۇق.
    ھەممىمىز ئويلانغۇدەك ئىش بوپتۇ.

    ئىلان قىستۇرۋالاي

    ئەگەر شەرتكە چۈشسە بىلوگۇمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز.

  6. ئېدىقۇت مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە شەھەرلەردە ئۆسۈپ-يېتىلگەن بالىلار بالىلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىدىن قانغۇدەك ھوزۇر ئالالمايدىكەن. شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بالىلار ئۆي-مەكتەپ-سىرتقى شەھەر مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچلا نۇقتىدا چۆرگىلەيدىكەن. سەھرا بالىلىرىغا ئوخشاش كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش، مەھەللە-خوشنا بىرلىكى ئاساسىدىكى خوشنىدارچىلىق، ئادىمىيلىك، ئىنساندارچىلىق، نەزىر-چىراق، توي-تۈكۈن قاتارلىق ئىشلارغا يۇشۇرۇنغان سېتخېيىلىك كۆز-قاراشنى قۇبۇل قىلىشى يېتەرسىز بۇلىدىكەن. سەھرا بالىلىرى گەرچە ئېگىز بىنالاردا، راھەت ئۆيلەردە ئولتۇرمىسىمۇ، ئەمما ماددىي تەبئىيەت بىلەن ئىجتىمائىي تەبئىيەت بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، شەھەر بالىلىرىچۇ، ئوينايدىغان ئۇيۇن تۈرلىرى، دوستلىرىمۇ ناھايىتى ئاز. شۇنداق بولغاچكىمۇ، قورۇلاردا، ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىنى پۇتبۇل ئويناش، كوچا ئۇسۇلى ئويناش، كېنتاكى ئەخلەت يېمەكلىرىكلىرىنى مەززە قىلىپ يېيىش، ۋېلىسپىت ئوينىتىش، تور ئويۇنلىرىنى ئويناش، غەربنىڭ، ئىچكىرىنىڭ مودا بۇلۇۋاتقان چاچ پوسۇنى، كىيىم-كېچىكى، چولپانلار توغرىسىدا بەھىس-مۇنازىرە قىلىشىش قاتارلىق ئادەمنى ئويلاندۇرىغان مەنىۋى ئاتموسفىرا شەكىللىنىپ، بالىلىرىمىزنى نۇرغۇن ئىنساندارچىلىق، ئەدەپ -ئەخلاق، ئەجداد ئۈگۈتلىرى، ئىجتىمائىي توپنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئىشلاردىن يىراقلاشماقتا.
    بۇ ھەقتە گەپ بۇلۇنسا دەيدىغان گەپلەر ئۇزراپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي.

  7. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    شۇنداق بىز بالىلار ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق؟ بولۇپمۇ رەھبەرلىك ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ماددى جەھەتتە كۆڭۈل بۆلەلىگەن بىلەن بالىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىدىڭىز؟ ھەمىشە ئالدىراشلىغىڭىزنى بانا قىلىپ بالىڭىز بىلەن بىرەر قېتىم ئېچىلىپ يېيېلىپ مۇڭدىشىپ باقمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ بالىڭىزنىڭ دىلىدىكى ئەڭ ئاجىز نۇقتىلارنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ بالىلار «ئاپا-دادا سىلەر نەدە» دەپ تېنەپ-تەمتىرەپ ھەريان تەلمۈرگەندە سىز نەدە؟ ئۇ سورۇندىن بۇ سورۇنغا يۆتكىلىپ تېتىقسىز يۇمۇر ئاڭلاشقا رازى بولدىڭىزكى بالىڭىز بىلەن بىرەر ئىجادى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

  8. بەكتۇر مۇنداق يازغان:

    تۈنۈگۈن كوچىدا بالىلاردىن تولا ياشلار ۋە چوڭلار بايرام ئۆتكۈزدى .
    «-بۈگۈن بالىلار بايرىمىكەن ، بۈگۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن خوشە ! » دەپ سورۇندا ئولتۇرغاندا بىچارە بالىسى كۆزىنى پارقىرىتىپ ياندا تۇراتتى .
    »بۈگۈن بالىلار بايرىمىكەن ، ماۋۇ كىيىمىم يارىشىپتۇمۇ ئاداش ، بالامنى ئېلىپ بىر بازر ئايلىنىپ كىرەيلىچۇ !؟»
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى ، ماي ، ئۆكتەبىر ، ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇقلار ، …ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان تۈگىمەس بايراملار… بەزىلىرىمىنىڭ ئۆتكۈزمەيدىغان بايرىمىمىزمۇ بارمىدۇ دەپ قالىمەن .

  9. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    بىز بالىلىرىمىزغا نىمە ئىش قىلىپ بەردۇق؟ نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيمىز؟ دېگەن سۇئاللار ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەمما بۇ يالغۇز ئاتا – ئانىلارنىڭلا ئىشى ئەمەس. ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن بۇ مەسئۇلىيەتنى تونۇشىمىز زادى قانچىلىك؟ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن قانچىلىك چىقالىدۇق؟ ئارزۇ – ئۈمۈتلىرىمىز شۇنداق تاتلىق، شۇنداق شىرىن. ئەمما بال – ھەسەلچىلىك تەمى يوق.
    يازمىدىكى بىر جۈملە سۆز مىنىڭ گۈدەك ۋاقتىمدىكى مەرھۇم ئۇستازىمنى ئەسكە ئالدۇردى. ئۇستاز دائىم: «مىنى ھەممىنىڭ ئەسكى، زالىم دىيىشىسەن، مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم سەن نىمىلەرنى ئالىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئادەم قىلىش» دەيتتى. كىيىن بۇنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتتىم. شۇڭا مەن ئىمزايىمدا: زالىم بولغۇچە ئالىم بول، ئالىم بولغۇچە ئادەم بول دەپ كۆرسىتىپ كىلىۋاتىمەن. دېگەندەك، مىنىڭچە ئالىم بولماق تەس ئەمەس، بەلكى ئادەم بولماق تەس.

  10. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئاشۇ غەمسىز ، بىغۇبار ئۆتكەن بالىلىقمنى ، مەھەللىدىكى ھەمرالىرىم بىلەن سۇغا چۆمۈلگەن كىچىك ئۆستەڭلەرنى ، دوستلرىم بىلەن بىرگە پادا باققان ئاشۇ كەڭرى كەتكەن يايلاقلارنى ئەجەپ ئەسلەپ قالدىمما ، بىراق ھازىر ئۇ خۇشاللىقلارنىڭ بىرسىنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ دە ؟!

  11. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    ئالامەت ئىشلار بولۇۋاتىدۇ كۆز ئالدىمدىلا. بۈگۈن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان پائالىيىتىنىڭ باغىقىنى تاپشۇرۋالدۇق. ‹‹سەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقىدىغان بولغاندىن كېيىن›› دەپ مەكتەپ تەشكىلى ۋەكالەتەن مېنى ئەۋەتتى. بالىلىقىمنى بولسىمۇ ئەسىلىۋالارمەن دەپ خېلى خۇشال ھالدا باردىم. تەكەللۇپلار، دەبدەبىلىك تونۇشتۇرۇشلار بىلەن تۆردىن ئورۇن ئالدىم. سورۇن كەيپىياتى ناھايىتى كۆتىرەڭگۈ ئىدى. سورۇنغا ھەر قايسى سىنپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىمۇ قاتناشقانىكەن. مۇدىرنىڭ ئالدىن تەييارلىۋالغانمۇ ۋە ياكى ئالدىنىقى يىلى ئوقۇپ بولغاننى ئۆزگەرتىپلا قويغانمۇ ئەيتاۋۇر ئانچە بەك گەپلىرى قاملىشىپ كەتمەيدىغان تەبرىك سۆزىگە چاۋاك چېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كانايدىن چىققان ئاۋاز دىققىتىمىنى بۆلدى…. – 1- يىللىق 2- سىنىپتىن ئادىلەنىڭ ئاتا ئانىسى ئابلەت شۇجى مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تېخمۇ روناق تېپىشى ئۈچۈن 300 يۈەن ئىئانە قىلدى. ھەر قايسى ئاتا ئانىلارنىڭ كۆڭلى بولسا داۋاملىق ئىزھار قىلسا بولىدۇ…. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەيداندا ئوماق بالىلارنىڭ بايراملىق تەييارلىغان سەرخىل نومۇرلىرى كۆرسىتىلمەي تۇرۇپ، ئىئانە توپلاشلار بولۇپ كەتتى… – پالانى سىنىپ پالانىنىڭ ئاتىسى پالانى 10 يۈەن، – پالانى سىنىپ پالانىنىڭ ئاتىسى پالانى 5 يۈەن ….. شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى چىقىدىغان بولغاندىن كېيىن بەس-بەس بىلەن يانچۇقلىرىنى كولاشقا باشلىدى. بۇ ئىش تەخمىنەن 1 سائەتچە داۋاملاشتى…بىچارە باللىلارنىڭ پېشانىسىدىن تەر ئېقىپ، چىرايلىق كۆينەكلىرىنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى. بەزى ئەتىگەندە بايرام دەپ تاماق يېمەي كەلگەن بالىلار ھوشسىزلىنىپ يىقىلىشقا ئۈلگۈردى…
    ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. ئويلىنىپ قالدىم- ھەي مۇدىرلار! بۇنداق ساختا بايرام قىلىپ بېرىپ ساختا ئىناۋەت تاپقاندىن كۆرە ئەڭ ياخشىسى سىڭگەن ئېشىڭلارنى ئىچىپ ئۆزەڭلەرگە ماس كېلىدىغان ئىشنى قىلساڭلار، ‹‹تۇغماس توخۇ›› بولۇپ سەھنىنى ئېگەللىۋالماي سەھنىنى باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۈرەك باغرىنى يېرىپ ئوتتۇرغا چىقالايدىغان ھەقىقى ئەزىمەتلەرگە بەرسەڭلار بولماسمىدى….

  12. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ما يەردە ئەتە بايرام دىگەن كۈنىمۇ بالىلار كەچكىچە مايسا كۈچۈرۈش ئەمگىگىگە سېلىندى،بالىلارنىڭ ئەمگەك ھەققى بىلەن تويىنۋاتقان رەھبەرلەر بايرام كۈنى ئىسىدە يوقتەك شۇ بىچارە بالىلارغا بايراملىقىڭلار دەپ بىرەر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي يەنىلا سىنىپقا سولۋالدى،شۇ تاپ ئىچىم ئاچچىق بولماقتا،سىلەر ئېيىتقان ئۇ بالىلار ما بىزنىڭ بالىلاردىن مىڭ بەخىتلىك ئىكەن.

  13. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    ھەممە گەپ ئاتا-ئانىلاردا …
    پەرزەنت ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ئەجىر قىلغان بولساق؟! مەيلى ئاپا بولغۇچى ياكى دادا بولغۇچى بولسۇن ، بارلىق مەسئۇلىيەت مۇشۇ ئىككى كىشىگە باغلىق! بۇ يەردە چوڭلارغا ، يەسلىگە ، مەكتەپكە ، جەمىئيەتكە چوڭ ئۈمىد باغلاپ كەتمەيلى ، ھەم ئۇلاردىن ئاغرىنىپمۇ كەتمەيلى ؟ ئىنسان خام سۈت ئىمىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئۆزىمىز ھىچنىمە قىلماي تۇرۇپ ،يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز -ھە !

ئالىپ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟