نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سەن كىمنىڭ پەرزەنتىسەن؟

سەن كىمنىڭ پەرزەنتىسەن؟

بىر چاغلاردا، مەھەللىمىزدە ياشايدىغان تۆمۈر بوۋا دائىم مال باققاچ بالىلارنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۇلارغا قىزىق ھېكايە – رىۋايەتلەرنى، جەڭنامە – تارىخلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. ھەربىرىنى خۇددىي ئۆز پەرزەنتىدەك سۆيۈپ ئەركىلىتەر ئىدى. لېكىن دەرەخ شېخىنى پۇتىغان، قۇشقاچ – پاختەكلەرنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزغانلارنى كۆرسە، ئاياپ ئولتۇرماستىن << نېمىشقا مۇنداق قىلدىڭ؟ ئاقىۋېتىنى ئويلاپ قويمىدىڭمۇ ؟>> دەپ قۇلاقلىرىنى يۇلاتتى. بىر كۈنى تۆمۈر بوۋىنىڭ قۇرداشلىرى ئۇنى ئارىغا ئېلىشىپ:
- قاچانغىچە شۇ بالىلار ئىچىدىن چىقالماي ، ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ يۈرىسەن؟ ئۇلار قۇشقاچ تۇتامدۇ؟ قۇش ئۇۋىسىنى بۇزامدۇ، دەرەخ شاخىنى سۇندۇرامدۇ سەن بىلەن نېمە ئىشى؟ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىلىرى تەربىيە قىلمامدۇ؟ – دېيىشىپتى.
تۆمۈر بوۋا قۇرداشلىرىنىڭ گېپىنى ئۈندىمەستىن ئىشتىپ تۇردى – دە، گەپلىرى تامام بولغاندا بېشىنى چايقاپ:
- بالىلارنى تەربىيىلەش پەقەت ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇنىڭغا بارچىمىز جاۋابكارمىز. بۈگۈن قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزغان، دەرەخ شاخىنى سۇندۇرغان بالىنى كۆرۈپ، ھېچبىرىمىز گەپ قىلمىساق << بالام بۇ ئىشىڭ خاتا >> دېمىسەك، بىر كۈن كېلىپ، ئۇلار بۇندىن چوڭراق ئەگرى ئىشلارغا قول ئۇرماسمۇ؟ ئۆيىنى ھەتتا يۇرت – ۋەتەننى زەبىتلەش كويىغا چۈشمەيدۇ ، دەپ قايبىرىمىز ھۆددە قىلالايمىز؟ شۇ چاغدا ھەممەيلەن يولدىن چىققان بالىلىرىمىزغا قاراپ لەۋ چىشلەپ قالساق مەيلىمۇ؟ – دەپ قويغان ئىكەن.

دەرۋەقە، تۆمۈر بوۋا ھەق گەپنى ئېيتقان ئىدى…

ئىلگىرلەرى، كېينىشلىرى رەتلىك – پاكىزە، سومكىسىنى بوينىغا سالغان مەكتەپكە كېتىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى كۆرگەندە، مەھەللە – يۇرت چوڭلىرى ئۇنى توختىتىپ، << سەن كىمنىڭ پەرزەنتىسەن، ئوغلۇم ؟ >> دەپ سۇئال سورىشاتتى. بالا ئاتىسىنىڭ ئىسىمى – شەرىفلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن، چوڭلار << پالانچىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنسەن - دە ، سېنىڭ بوۋاڭ مانا شۇنداق ئېسىل ئادەم ئىدى ... بوۋاڭنى تارتقىن ئوغلۇم >> دېيىشەتتى. بوۋىسىنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى ئۆزگىلەر تىلىدىن ئىشتقان ئوغۇل قەددىنى يەنىمۇ رۇسلاپ، تېخىمۇ روھلۇق ھالدا يولىنى داۋام ئېتەتتى. ئاتا – بوۋىلىرى بىلەن ئىپتىخارلارنغان ئوغۇل بىر كۈن كېلىپ ئۆز مىللىتى، ئۆز يۇرتى بىلەن ھەم غورۇرلىناتتى.

بالىنى يانغا تارتىپ ھەدەپ نەسىھەت قىلىۋېىرىدىغان ئاتا – ئانىلار بار. ھەتتا بالىلارنى بولۇشىغا ئۇرۇپ – دۈشكۈللەپ گېپىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار ھەم بار. ھەر ئىككى ھالدا كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشىش قىيىن. ئاتا – ئانا ئۆز بالىسىغا شەخسىي ئىبرەت كۆرسىتەلىشى كېرەك. ئەكسچە بولغاندا، دانالار ئېيتقاندەك : << بېجىرمەيدۇ پەرزەنت ئاتا سۆزىنى، ھالۋا يېمە دېسە، يەپ تۇرۇپ ئۆزى!>>

- بىز ئۆزىمىزنى شۇنداق تۇتايلىكى، تاكى پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىن ھاياتنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ يەتسۇن، ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ ياشىشى زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتسۇن، يۇرت مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆگەنسۇن، دەيدۇ مەھەللىمىزدىكى چوڭ ئاتىلاردىن بىرى. – ئەگەر ھەربىرىمىز ئۆز مەنپەتىمىزنى كۆزلەپ ياشاۋەرسەك، ئۇلۇغ، ئەزگۈ مەقسەتلەر يولىدا كۆيۈپ يانمىساق، ئىزىمىزدىن كېلىۋاتقان ئوغۇللىرىمىز، نەۋرىلىرىمىزنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ خاتا ھەرىكەت – قىلىقلىرىمىزنى ئۆگىنىشىدۇ، گەپ – سۆزلىرىمىزنى ئىشتىپ پىكىرلىشىدۇ ، بويىمىزغا قاراپ ئۆز بويلىرىنى رۇسلىشىدۇ. پەرزەنتنى ياخشى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى سەگەك، ھۇشىيار، بىلىملىك ۋە مېھنەتكەش بولۇشلىرى شەرت!

ھەي، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ مەھەللە – قىشلاقلىرىمنى، ئەشۇ سۆزلىرىنى ئالتۇنغا بەرگۈسىز بوۋا – مۇمىلارنى شۇنداق سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. مەن دەل شۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئېسىل تەربىيەتلىرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئەر بولغان ئىدىم. ھېلىھەم بىراۋ مەندىن كىمنىڭ پەرزەنتىسەن ؟ – دەپ سورىسا، قەددىمنى رۇس تۇتۇپ، ئابدۇكېرىم ھاجىنىڭ نەۋرىسىمەن، دەپ جاراڭلىق ئاۋازدا جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىم.
ئەمما، ئەپسۇسكى، ھازىر بۇنداق مەسئۇلىيەتچان چوڭلار بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتاتتى. ھەممە كىشى ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت ، باشقىلارنىڭ بالىسىنىڭ ھەرىكەت – قىلمىشلىرىنى، گەپ – سۆزلىرىنى تەربىيەت قىلغۇدەك، ھەتتاكى ، ئۇلاردىن << بالام، سەن كىمنىڭ بالىسسەن ؟ >> دەپ سورىغۇدەك چولىسى يوق.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: سەن كىمنىڭ پەرزەنتىسەن؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    ئەنە شۇۋاقىتلاردىكى چوڭلار ئۆزىنىڭ 7-8 بالىسىنى تەربىيەلەشتىن باشقا مىللەتنىڭ بارلىق بالىلىىرىغا كۆڭۈل بۈلۈشكىمۇ ئۈلگۈرەتتى ، ئەمما ھازىرچۇ ؟
    جەمىئيەت "مەدەنىيلىشىش"كە يۇزلىنىپ ، تام قوشنا تۇرغۇل ئىشىك قوشنىمىزنى تۇنۇمايمىز ، مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بۇلۇش ،ئىلھام بىرىش بىر ياقتا تۇرسۇن ، ئۆزىمىزنىڭ 1-2 بالىلىىرىغا كۆڭۈل بۈلۈشكە ئۈلگۈرەلمەيمىز ، ناۋۋادا ئاشۇنداق بولدىمۇ دەيلى ، بىراۋنىڭ پەرزەنتىدىن ئاتا-ئانىسىنى سورىساڭ ئۇنى ئالداپ ئېلىپ قاچماقچى بولغان بۇلىسەن ، تەربىيە قىلماقچى بولساڭ ئۆزەڭنى بىلەرمەن چاغلاپ ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋالغان ئەخمەق بۇلىسەن ، ئېيتاۋۇر ئادەملەردىكى مېھرى -ۋاپا شۇنچىلىك كۆتۇرۈلۈپ كەتكەنمىدۇ ،بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ئىشەنمەس بۇلۇپ كەتكەنمىدۇ ؟
    مانا بۇ ئىنسانلار نىڭ جەمىئيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش بەدىلىگە كەلگەن ئامەتلىرىمۇ ؟؟؟؟
    [reply=Yuksel,2009-03-12 09:39 PM]قىسقىسى مەنىۋىيىتىمىز كۈنسېرى پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئومۇمەن بىر – بىرىمىزگە كۆيۈمىمىز يوق. ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ، كۆڭۈللىرىمىز دەككە – دۈككە تەشۋىشتە، خاتىرىجەملىك – خىرامانلىقتىن ئەسەر يوق، دوست تۇرماق قېرىنداشقمۇ ئىشەنچ قىلىشتا ئىككىلىنىپ كېتىمىز…
    ئەجەبا بىز كۈتكەن تەرەققىيات – يۈكسىلىشلەر مۇشۇمۇ ؟ …[/reply]
    [reply=Yuksel,2009-03-12 09:39 PM]قىسقىسى مەنىۋىيىتىمىز كۈنسېرى پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئومۇمەن بىر – بىرىمىزگە كۆيۈمىمىز يوق. ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ، كۆڭۈللىرىمىز دەككە – دۈككە تەشۋىشتە، خاتىرىجەملىك – خىرامانلىقتىن ئەسەر يوق، دوست تۇرماق قېرىنداشقمۇ ئىشەنچ قىلىشتا ئىككىلىنىپ كېتىمىز…
    ئەجەبا بىز كۈتكەن تەرەققىيات – يۈكسىلىشلەر مۇشۇمۇ ؟ …[/reply]

  2. yolqi مۇنداق يازغان:

    infitar ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. دېمىسىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئېرىشكەنلىرىمىز قانچە، يۇقاتقانلىرىمىز شۇنچە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا تۇرىدۇ! ئادىمىيلىك ئۆلىۋاتىدۇ. روھىي دۇنيارىمىز بارغانچە گادايلىشىپ، ھېس – تۇيغۇلىرىمىز قاشاڭلىشىپ كېتىپ بارىدۇ …

  3. infitar مۇنداق يازغان:

    راسىت ئېيتىسىلەر ،ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىئيتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قەدىمكىى ئىتالىيلىك يازغۇچى ژىۋاننى بوككاچو نىڭ " ئون كۈنلۈك سۆھبەت " دىگەن رومانىنىڭ ۋەقەلىكى يادىمغا كىچىۋاتىدۇ :
    قەدىمكى رىمدا ۋابا تارقىلىپ ، ئازغىنە ۋابادىن خالىي كىشلەر ھاياتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن يۇرۇت-شەھەرلىرىنى تاشلاپ مۇھىتى ساپ ، باراقسان بىر قىشلاققا كىلىپ ئۆزئارا ھېكايە ئېيتىشىپ كۈننى ئۆتكۈزۈشىدۇ ، گەرچە بىزنىڭ تىنىمىز ساغلام بولسىمۇ لېكىن روھىتىمىزدە ۋابا يوق ، مەيدىمىزگە مۇشىتلىيالامدۇق ؟ يۇقارقىدەك ھالەت ۋابا بولماي نىمە ؟ بىز بۇ ۋابادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەگىمۇ بارارمىز ، نەگىمۇ بارالايتتۇق ؟
    بىز ياشاۋاتقان بۇيۇرۇت ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شەرق ، غەرب مەدەنىيتى ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ئىدى ، ھازىرمۇ ھىلھەم خىسلىتىنى يۇقاتقىنى يوق ، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى كۆۋرۈكىمىزنىڭ رۇلى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى:
    ھازىرقى بىزنىڭ تىلىمىز ، يېزىقىمىز ، ئۆرپ-ئادىتىمىز ، روھىتىمىز …..ۋاھاكازالار قايسى جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى شەرق ،مەيلى غەرب، مەيلى شىمال ، مەيلى جەنۇبنىڭ بۇلسۇن ،ھەممە خىل مەدەنىيەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن يېڭى تارىم مەدەنىيەت چۆكمىسىنى ھاسىل قىلدى ، مەسلەن : توي -توكۈنىمىزنى ئالايلى ، مۇسۇلمانچە نىكاھ ئۇقۇتىمىز ، قانۇن بويىچە خەت ئالىمىز ،( بەزىلەر ئالمايدۇ) خىرىستىيانچە توي كۆينىكى كىيىمىز (ئۆزىمىزنىڭ كىيىم -كېچەك مەدەنىيتى يوقتەك )، خەنزۇچە رېستۇراندا تۈرلۈك قورۇمىلارنى چىقىرىپ مېھمان چاقىرىمىز ، بىزچە تويلۇق سېلىش مۇسابىقىسىگە چۈشىمىز …، چامىمىز يەتسىمۇ قىلىمىز، يەتمىسىمۇ قىلىمىز ، خوش يۇقارقىدەك ئىلغارلىقنى قۇبۇل قىلىپ ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە قاراپ توختىماي يۈكسىلىمىز ، ئۇنداقتا بۇئىلغارلىقلارنىڭ قايسىسى بىزگە تەۋە بۇلىدۇ ، بىز كىمنىڭ نامىدا بۇ مەدەنىيەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرىمىز ، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىمىز ؟ توغرا ، مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىجادىيتى لېكىن ، مىللەتچۇ ؟ روھىيەتچۇ ؟ ۋابانىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتەمدۇ ؟ ئۇنداق بولمايدۇ ، چۈنكى بىز تاللىيالايمىز ھەم شاللىيالايمىز ، بۇنداق ئىقتىدارنى ھىچغانداق كۈچ چەكلىيەلمەيدۇ ھەم توسىيالمايدۇ !شۇڭلاشقا ، بىزنىڭ قەدىمكى رىملىقلاردەك جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋابادىن قېچىپ ، خالىي جايلارغا بىكىنىۋېلىپ شاللاق ، چاكىنا ھېكايىلەرنى تۇقۇپ ، غەيۋەت -شىكايەت ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق !!!

  4. toghrayol مۇنداق يازغان:

    بۇ بىلوگمۇ ياكى توربەتمۇ ،ئىقتىدارى بىلوگدىن چوڭراق ،توربەتتىن كىچىكرەكمۇ نىمە ؟
    نىمىلابولسۇن ،ئادەمگە رەتلىك ،پاكىز تۇيغۇ بىرىدىكەن ،جىق كۆچەپسىز .تىخىمۇ يۈكسەلسۇن !
    بىر دوستانە پىكىر : بولسا ئىكاس يازىدىغان يەرنى تىخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇڭ ،مەسىلەن :تەستىق كودى.

    [reply=Yuksel,2009-03-15 07:15 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. ئىنكاس يازىدىغان ئورۇن ۋە ئىنكاس يېزىش مەشغۇلاتىنىڭ بىرئاز مۇرەككەپلىكى راست، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلەت ئىنكاسلاردىن ساقلىنىشدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇ. شۇڭا، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز![/reply]

  5. qq327819602 مۇنداق يازغان:

    بىز ئاللىبۇرۇن روھىمىزنى تولدۇۇرپ كېلىۋاتقان دىنىمىزنى تاشلاپ قويدۇق ،، چۈنكى خۇدادىن قورقۇش بىلەن ئىنساندىن قورقۇشنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار، لىكىن دىنىنى تاشلىۋەتمىگەن خۇدانى ئۇنتۇپ قالماي مۇسۇلمانچىلىقىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقان ئائىلىلەر ئۇنداق خاتىرجەمسىزلىكلەردىن خالى ياشاۋاتىدۇ، مانا مەن تۇرۋاتقان بۇ دۆلەت كىشىلىرى كەمبەغەل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشايدۇ ،، لىكىن ئۇلار شۇنچىلىك ئەركىن شۇنچىلىك خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ياراتقان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ،ئىگىسىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ دۆلەتتە بىرەسىنىڭ بىرسىنى بۇلىغىنىنى بىرە لۈكچەكنىڭ بىرە قىزغا ئەدكىلىك قىلغىنىنى ئاڭلىمايمىز.

    خۇدا ساقلىسۇن بىزنىڭ خەلقىمىز بۇلاردەك نامرات بولۇپ قالسا بىربىرسىنى يىيىشتىنمۇ يانمايدۇ .ئۆزىنى بىرتامچە سسق سۇدىن مۇشۇنچىكىلىك ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە شۇ بەندىسىگە رەھمەت قىلىۋاتقان ،بىر دەقىقە خالى بولماي خۇدانىڭ نېمىتىدىن راھەتلىنىپ شۇنىڭغا بىر قىتىم شۈكرى ئيتىشقا يارىمىغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولماقچى؟ ئەگەر خۇدانىڭ رەھمىتى غەزىپىىدىن ئۈستۈن كەلمىگەن بولسىتى بىزنىڭ قىلىۋاتقان گۇنەھلىرىمىزغا بۇكەمگىچە ئاسماندىن تاش يىغىپ كىتەتتى. ئارتۇقچە قاخشىغاننىڭ پايدىسى يوق ،، قىيامەتكىمۇ ئاز قالدى . ئەڭ ياخشىسى كۆتۈمىزنى قىسىپ ئانچە مۇنچە تەييارلىق قىلىپ قويغىنىمىز ياخشى.
    ئى ئاللاھ ئىمانىمنى سالامەت قىلغىن . قەبرىدىكى ۋە قىيامەتتىكى ئازابىڭدىن ساقلىغىن.
    چچ،،،،
    [reply=Yuksel,2009-03-19 02:58 PM]ئالدى بىلەن سىزنىڭ سۆھبىتىمىزگە ئىشتراك ئەتكەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    دەرۋەقە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىشى ، ئۇيغۇرلاردا قايتىدىن شەھەرلىشىش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت ، قىممەت قاراشلارنىڭ بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ، كەسكىن يۇغۇرۇلىشى نەتىجىسىدە، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە ئىمان – ئېتىقاد سۇسلىشىۋاتىدۇ، مەنىۋىيىتىمىز كۈنسېرى شالغۇتلىشىۋاتىدۇ. تىرىكچىلىك – تۇرمۇش بىزنى ھەر ئىشلارغا قىستىماقتا.
    مېنىڭچە سىز ئىنكاسىڭىزدا ئېيتقاندەك، ئومۇمىي خەلقتىن قاقشاش ۋە بارلىق ئەيىپنى ئۇلاردىن كۆرۈشمۇ تازا ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە مۇشۇ كەمگىچە تەڭرىنىڭ ئاسماندىن تاش ياغدۇرماسلىقىدىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ھېكمەت – ئىرادىلىرى بولۇشى مۇمكىن.[/reply]

  6. aqqikuzum مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم، سۆزلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، تۆمۈر بوۋا ئۇ ھەقىقىتەن بەكمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن، بىر بالا كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر ئائىلىگە مەنسۈپ بولسا، چوڭراق جەھەتتىن ئۇ بىر مىللەتكە، تېخىمۇ چوڭ جەھەتتىن بولسا، ئۇ ئىنسانىيەتكە مەنسۈپ، شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللىتىمىز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە ئائىلىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشىمۇ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق مەسئۇلىيتىمىزنى ئادا قىلساق تولىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولاتتۇق.

aqqikuzum 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟