نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە

ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺩﯗﻣﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﺩﯗﻣﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﭘﯩﺸﻜﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘﻧﺪﻯ، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻣﯘﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺘﯩﻢ ﺩﻩﭘﻼ، ﻳﯘﻣﯘﺭﻧﯩﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﯨﻜﻪﻧﺘﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺵ ﻗﺎﺯﺍ ﺩﻩﭖ، ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻼ ﺗﯩﻨﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺗﯧﻠﯩﻘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﯨﻢ، ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﯩﻠﻪﻳﺴﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﯓ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﺩﺍﯞﯨﺘﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺎﺗﺘﯩﯔ … ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ …
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺩﻩﭖ  ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ ﺷﯩﺮﻩﻧﻰ ﻣﯘﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، – ﺳﻮﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ، – ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ ﭘﺎﻳﻼﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، – ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮔﯚﺩﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻕ ، ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺳﻮﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯧﻴﯩﺖ ﺩﯦﺪﻯ، – ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﺕ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﺧﻪﺕ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻰ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺟﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ  ﺧﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﺷﯘﭖ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﺴﺰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻣﯘﺭﻣﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪﺕ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺳﻮﺩﯨﻴﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ 5 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ، 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ، ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺶ.. .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻮﺕ ﻣﯧﻨﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﻘﺎﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ، ﮬﯧﭻ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯩﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﯘ ﻳﯘﻣﯘﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻻﺗﺘﻰ… ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ﺷﯘ … ﮬﻪﻣﻤﺴﻰ ﺷﯘ ﻳﯘﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ !

يېقىنقى كۈنلەردە ئاۋۇ ئىلھامجان ئەلى ئېنىمىزنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى سەۋەبلىك كۆڭۈل غەش يۈردۈق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە باشقا ئىشلار سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى. چىرايىمىزدىن كۈلكە ئۆچەپ كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. چارچىغان نېرىۋىلىرىمىز ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالسۇن، چىرايىمىزغا ئاز – تولا كۈلكە يۈگەرسۇن ، دەپ مۇزدەك يۇمۇردىن بىرنى ئويناپ قويدۇق. قېنى سىزنىڭمۇ قويۇن يانچۇقىڭىزدا ساقلاپ يۈرگەن يۇمۇرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاڭ ، تورداشلار بىرگە كۈلەيلى ! … كۈلۈپ تېلىقىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئالامەتنى بىرزات ھەكىم 80 خالتىسىدىكى ئېسىل دورىلىرى بىلەن ، بولمىغاندا قەشقەرنىڭ ئاچچىق – چۈچۈك پاراڭلىرى بىلەن ھەقسىز داۋالايدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!18 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بوھران مۇنداق يازغان:

    باشقا نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش مېنىڭ ئايالىمنىڭمۇ گەپنى جىقىراق قىلىدىغان مىجەزى بار، بولۇپمۇ تېلېفوندا پاراڭلىشىپ قالسا ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى سەزمەستىن تاكى توكى تۈگەپ كەتكۈچە پاراڭلىشىپ كېتىدۇ. بىر كۈنى كەچتە ئەمدى ئۇخلايلى دەپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ تۇرساق دالان ئۆيدىكى تېلېفون سايراپ كەتتى، ئايالىم چاققانلىق بىلەن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ تېلېفوننى ئالغىلى چىقىپ كەتتى ۋە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپلا كەتتى. شۇ ئارىلىقتا بىر دەم قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، بىر كەمدە ئايالىم قايتىپ كىرىپ ئويغىنىپ كەتتىم ۋە ياستۇق بېشىدىكى سائەتكە قارىسام ئايالىم چىقىپ كەتكىلى توپتوغرا يىرىم سائەت بولۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئويغىتىۋەتكىنىگە جىلى بولۇپ ئۇنىڭغا تەنە قىلدىم« ۋوي بۈگۈن ھەجەپ قىسقىلا پاراڭلىشىپسەن ھە؟!» «شۇ، ۋىيەي، تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپتۇ قاراڭ» دېمەسمۇ شۇ زامات…………..

  2. قاينام مۇنداق يازغان:

    بىر كۇنى قەشقەرلىك بىر بوۋاي تۇققان يوقلاپ غۇلجىغا بېرىپ ، تۇققىنىنىڭ ئويىنى تاپالماي ، كوچىدا كېتىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ياش بالىلار يولنىڭ بويىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ ، بوۋاي بۇ ياش بالىلاردىن سوراپ باقاي دەپ ، تۇققىنىنىڭ ئادىرسىنى سورىسا ، بۇ ياش بالىللارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ، بوۋاينى ئەخماق قىلىش ئۇچۇن — سىلى سورىغان جاينى مەن بىلىمەن ، مەن دەپ بىرىشتىن ئىلگىرى سىلىدىن بىر تېپىشماقنى سورايمەن ، دەپ بىرەلىسە سىلە سورىغان جايغا ئاپىرىپ قويىمەن — دەپتۇ ، بوۋاي — بولىدۇ سوراڭ —- دىسە ، ياش بالا تېپىشماقنى باشلاپتۇ :
    — ئالدىدا بىر چاقى بار ، كەينىدە ئىككى چاقى بار ، تۇز يەردە كېتىپ بېرىپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ نىمە ؟
    — ئايرۇپىلان .
    —ئايرۇپىلان ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ ئايرۇپىلانى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
    — ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .
    — ئۇنداق بولسا يەنە بىرنى سوراي ، ئىككى تۇمۇر رېلىسنىڭ ئۇستىدە ئۇزۇن بىر نەرسە نۇرغۇن يۇكنى ئېلىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىمە ؟
    — پويىزغۇ .
    —پويىز ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ پويىزى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
    — ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .— دەپ بولۇپ بوۋاي بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى كولدىرلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ ئاچچىغى كەپتۇدە ياندۇرۇپ ئۇ ياشتىن سوراپتۇ :
    — مەن سەندىن بىر تېپىشماق سوراپ باقاي ، سەن جاۋاپ بىرەلەمسەن قېنى ؟
    — سورىسىلا .
    — سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم ، چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالىدۇ ، قېشىغا ئانچە مۇنچە ئوسما قويىۋالىدۇ ، قولىغا خېنە قويىدۇ ، ئويدە بولسا تاماق ئېتىدۇ ، كىر قات يۇيىدۇ ، ئۇنىمە ؟
    — ئايال كىشىغۇ .
    — ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، مەن ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن

  3. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئۇ خىلى كىچىك ۋاقتىمدىكى گەپلەر…
    دادام بەك كۆڭۈلچەك ئادەم، بىر كىم بىر نېمە سورىسا ئالدى-كەينىگە قاراپ يۈرمەي يىنىدا بولسىلا بىرىدۇ. بىر كۈنى بىر ساقاللىق، ئۇزۇن چاپان كىيگەن، كۆزىدىن مۇغەمبەرلىكى چىقىپ تۇرغان بىر ئادەم ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ كىشى دادامغا قاراپ – غوجام، خۇدانىڭ ھەققىدە سىلىگە ئەتتىگەندە بىر توخۇغا دۇئا قىلدىم.
    دادام يانچۇقىنى كولاپ بىر تۇتام پۇللار ئىچىدىن بىر كويچەننى سۇغۇرۇپ ئىلىۋاتسا ھىلىقى ئادەم، – غوجام مەن بىر توخۇغا دۇئا قىلغان ئىدىم، دەپ 10 كويچەنلىك پۇلغا قول ئۇزۇتىشىغا ، دادام- ماۋۇ بىر كويچەننى ئىلىپ بىر چۆجىگە دۇئا قىلىپ قويسا… :mrgreen:

  4. مۇئەللىم بىلوگ مۇنداق يازغان:

    تۇنۈگۈن مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەلۇم يېزىدا نوپۇس تەكشۇرۇشكە قاتنىشىپ قالدۇق ، ئارىلاپ يۈرۈپ بىر قورۇ ئالدىغا كەلگەندە ئىغىر ئاياغ بىر ئايال ئىككى قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقتى . مەن قائىدە-تەرتىپ بويىچە سوراپ كىلىپ بالىلىرىغا كەلگەندە :ئۈچ قىزىم بار دەپ تونۇشتۇردى ئۇ .
    - ئىسىملىرىچۇ ؟
    -ماۋۇ چوڭى ئىسمى رامىلە ، ماۋۇ ئوتتۇرانچىسى ئىسمى كامىلە …
    -يەنە بىرسىچۇ ؟
    -مانا ماۋۇ قورساقتىكىسى بولمامدۇ ،بۇنىڭ ئىسمىنى ھامىلە دەپ يېزىپ قويىڭە بولمىسا ..

  5. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    يېنىمدىكى شىرئەلى ئەتىدىن-كەچكىچە ئۇخلايدىغان بىر بالاڭزا ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خېمىيە دەرسى بىلەن ئەسلى خوشى يوق.شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى خېمىيە دەرسى ۋاقتى،مۇئەللىم ھە دەپ سۇنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبىنى سۆزلەپ ئوكسىگىن،ھىدروگىن ئېلىمىنىتلىرىدىن سۇنىڭ فورمۇلاسىنى يېزىپ چىقتى.ئاندىن،ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ يازغۇزاي دەپ قارىسا شىرئەلى يەنە ئۇخلاۋاتقان،مۇئەللىمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ ئۇنى توۋلاپ سۇنىڭ فورمۇلاسىنى يازغۇزماقچى بولدى،ئۇيقۇچىلىقتا چىققان شىرئەلى فورمۇلانى HO2 دەپ يېزىۋىدى،مۇئەللىم:
    -ھەي،يازغىنىڭ سۇنىڭ فورمۇلاسىمۇ يۇندىنىڭمۇ؟-دېدى زەردە بىلەن.

  6. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    بىر كۈنى مۇشۇ ئاپتوبۇستا كېتىۋاتسام، ياشقىنا بىر ئايالنىڭ ئوغلى بىلەن قىلىشىۋاتقان پارىڭىغا قۇلىقىم چۈشۈپ قالدى،قارىسام ئوغۇل شۇنداق ئوماقكەن، ئاپىسى ھەدەپ ئوغلىغا كايىپ:
    -قارا يۈز نومۇرلۇق ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن ئاران 30نى ئاپسەن، نىمانداق دۆت سەن؟
    -دۆت ئەمەس مەن.
    -ئەمىسە قايلا مانىڭغا،نىمانداق ھەممە يەرنى ئاق قويدۇڭ؟
    -يازالمىسام شۇ….
    قارىسام بالا 7-8ياشلاردا باركەن،بىر نىمە دەي دېدىميۇ، پاراڭنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ يەنە قۇلاق سالدىم.
    -قايلا بالام،18گە 3نى قوشسا نەچچە بولىدۇ؟
    -بىلمەيمەن….
    ھەي دۆت، قولۇڭنى پۈكۈپ ھىسابلاشنى مەن ساڭا ئۆگەتمىگەنما؟
    ………
    قىنى ھىسابلا ،ھە قولۇڭنى پۈكە……
    …………….

    ئانا، مىنىڭ يا 18 قولۇم بولمىسا…… :lol:

  7. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ئاللا ئاللا بۇ يەردە غۇلجىنىڭ قىززىقچى باللىرىدىنمۇ ئۆتە يۇمۇرچى بالىلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ، ئىسىت يۇمۇر بىلگەن بولسام مەنمۇ يۈكسەل ئەپەندىمدەك بىرەر نەچچىسىنى دۇمىلىتىۋېتىپ ئەشۇ يىگانە جايلارغا بېرىپ كەلسەم بولاتتى، ھەر نېمە بولسا بۇ يۇمۇرلاردىن خېلى يىنىكلەپ قالدىم

  8. بوھران مۇنداق يازغان:

    يېزىدىن چىققان ئىككى ياش بالا تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ. چۈش بولغاندا ئۇلار بىرەر نەرسە يىمەكچى بولۇپ. پويىزدىكى مال ساتقۇچىدىن بىر نەچچە بانا ئاپتۇ. باناننى سويۇپ ئەمدى يەي دەپ تۇرۇشىغا پويىز بىر قاراڭغۇ تونېلغا كىرىپ كېتىپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى يەنە بىرسىدىن سوراپتۇ:
    –ئاداش، باناننى تېخى يېمىگەنسەن؟
    – ياق تېخى، سويۇپ بولالمىدىم……..
    – ياخشى بوپتۇ ئاداش، ئەمىسە يېمىگىن، بۇ بانان چاتاقكەن، مەن بىرنى چىشلەپلا كۆزۈم ھېچنىمىنى كۆرمەيۋاتىدۇ……

  9. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    بىر كۈنى بىر ئادەم دوستى بىلەن دالىدا چېدىر تىكىپ قونۇپ قاپتۇ. لېكىن يېرىم كېچىدە بۇ ئادەم زادى ئۇخلىيالماي ئاسمانغا قاراپ يېتىپتۇ، ئاسماندىكى ئايغا قاراپ شۇنداق خىيالغا پېتىپ تۇرغان پەيتتە دوستىمۇ ئويغىنىپتۇ-دە ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇخلىمىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ ئادەم دوستىغا ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېيتىپ دوستىدىن ئاسماندىكى ئايغا قاراپ سوراپتۇ.
    قارا شۇنداق گۈزەل ئايغا قاراپ نېمىنى ھېس قىلدىڭ؟
    دوستى بىر ئاز ئويلىنىپ بولۇپ دەپتۇ:
    شۇ ئاينىڭ شۇنچە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم.
    بۇ ئادەم دوستىغا قاراپ دەپتۇ.
    سەن بەكمۇ ئەخمەق ئىكەنسەن. سەن بىزنىڭ چېدىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭمۇ؟

  10. كامىل مۇنداق يازغان:

    بىر كۈنى ئۈچ بوۋاي پاراڭغا چۈشۈپ قاپتۇ ،
    بىرىنچى بوۋاي : ھەي ئاغىينىلەر ، سىلەر ئۈلۈپ جىنازىدا ياتقاندا خەقنىڭ نىمە دىيىشىنى ئەڭ ئارزۇقىلىسىلەر ؟!
    ئىككىنچى بوۋاي : مەن ، رەھمەتلىك بەك بەلەن ئادەمتى ھەممە ئادەمگە كۆيۈنىدىغان چىۋىنغىمۇ ئازار بەرمەيدىغان دىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن جۇما ! دەپتۇ ۋە سۇئال سورىغان بىرىنچى بوۋايغا قاراپتۇ.
    بىرىنچى بوۋاي : مەن خەقنىڭ :«چىۋىنغىمۇ ئازار بەرمەيدىغان ئىسىل ئادىمىتى ، ياتقان جايى چۇقۇم جەننەتتە بولىدۇ دىيىشنى ئارزۇ قىلىمەن » دەپتۇ . ۋە ئىككىنچى بوۋايغا قاراپتۇ .
    بۇ ۋاقىتتا چەتتە ئولتۇرغان 3-بوۋاي ئېىغز ئۇھسىنىپ :
    .ئاغىينىلەر مېنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم خەقنىڭ ئۇنداق بەلەنتى مۇنداق ياخشىتى دىيىشى ئەمەس : «قاراڭلا ! قاراڭلا ! ئۇ مىدىرلاۋاتىدۇ»دىيىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن

  11. بوھران مۇنداق يازغان:

    بىر ئايال كەچلىك سىمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايىتۋېتىپ كەينىگە بىر ئەرنىڭ چۈشىۋالغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ ئايال قورقۇپ ئەمدى قانداق قۇتۇلارمەن دەپ ئويلاپ بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە كاللىسىغا شۇ زامات ئەقىل كېلىپ، بىر قەبرىگە قاراپ « دادا، مەن قايتىپ كەلدىم، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپتىكەن، كەينىدىكى ئەر قورققىنىدىن ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. ئايالنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئەمدى كېتەي دەپ تۇرسا قەبرە ئىچىدىن «قىزىم، يەنە ئاچقۇچنى ئالماپسەندە؟» دىگەن بۇغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئايالمۇ قورققىنىدىن يۈگەرگەن پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قەبرە ئىچىدىن بىر قەبرە ئوغىرسى چىقىپ « ئادەمنى خىزمەت قىلغىلى قويماي، مۇشۇنداق قورقۇتۇپ جېنىڭنى ئالىمەن تازا» دەپ تۇرۇشىغا يېنىدا بىر بوۋاينىڭ قەبرە تېشىغا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتىكەن، بوۋاي ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ « قارىمامسەن بۇ ۋاپاسىزلار مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ خاتا ئويۇپ قويۇپتۇ…..» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قەبرە ئوغىرسى ئاللا كاللا دەپ توۋلىغان پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ« تېخى مەن بىلەن سودا تالاشقىدەك بولدۇڭما؟ ئۇنىڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلامدىكى….» دەپ سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى خەت ئويىدىغان نەرسىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، بوۋاي ئېڭىشىپ ئالاي دەپ قارىسا ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدا بىر قول ئۇ نەرسىنى تۇتۇپ تۇرغىدەك، بوۋاي ئەجەبلىنىپ تۇرسا چۆپلۈكنىڭ ئارىسىدىن « ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ نىمە مېنىڭ قەبرە تېشىمنى قالايمىقان چوقۇيسەن؟» دىگەن ئاۋاز كېلىپتىكەن، بوۋاي قورققىنىچە دۆڭدىن دومىلاپ دىگەندەك چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەخلەت تەرگۈچى ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ« ۋۇ ئاناڭنى، بىر تال ئەسكى تۆمۈرنى ئېلىۋېلىش ھەجەپمۇ تەسكە چۈشتا» دىگۈدەك.

  12. قاينام مۇنداق يازغان:

    بىر كۈنى كەچتە بىر چىرايلىق قىز ئۈرۈمچىدىكى 4- دوختۇرخانا يەنى ساراللار دوختۇرخانىسى يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا ، قىپ – يالىڭاچ بىر ئەر قوغلاپ كىلىۋاتقىدەك ، ئۇ قورۇققىنىدىن جىنىنىڭ بىرىچە قىچىپتۇ . ھىلىقى ئەرمۇ كەينىدىن داۋاملىق قوغلاپتۇ . بىر چاغدا ئۇ قىز ھىچ يەرگە قاچقىلى بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ . ھىلىقى ئەرگە مىنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ ، لىكىن ئۆلتۈرىۋەتمەڭ . دەپ يالۋىرىپتۇ .
    بۇنى ئاڭلىغان ئەر ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ، گىپىڭىز راست بولسا ھازىردىن باشلاپ مىنى سىز
    قوغلاڭ . دىگۈدەك

  13. قاينام مۇنداق يازغان:

    ساقچىلار قىمار ئويناۋاتقان تۆت كىشىنى تۇتىۋاپتۇ.
    _سىلەر قىمار ئويناشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر؟_دەپ سۇراپتۇ ساقچى.
    _مەن قىمار ئوينىمىدىم ،مەن پەقەت كۆرۇپ تۇرغان ،_دەپتۇ ئۇلارنىڭ بىرى.
    ساقچى يەنە بىر ئادەمدىن سوراپتۇ.
    _ مەن ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتقانتىم ،_ دەپتۇ يەنە بىرى.
    ئۇچىنچى ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،دەرھاللا :
    _ مەن يۇرگىنىمنى ساقلاۋاتقان،_ دەپتۇ.
    ساقچى قۇلىدا قارتا تۇتقان 4-ئادەمگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
    _ سېنىڭ قولۇڭدا ماددى ئىسپات بار ،سەنغۇ تىنىۋالالماسسەن .ئۇ ئادەم بىر دەم قۇلىغا ، بىر دەم ساقچىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
    _ ساقچى ئەپەندىم ،سىزنىڭچە ،مەن كىم بىلەن قىمار ئوينىغاندىمەن

  14. ئاتەش مۇنداق يازغان:

    بەك قىززىق يۇمۇرلانى سۆزلىۋىتىپتىغۇ تورداشلىرىمىز. بەزىلىرىنى ئوقۇپ كۈلكەمنى باسالماي،كۈلكەممۇ تىشىغا چىقىپ كەتتى دىسە.
    مەنمۇ قىزىقراق يۇمۇر بولغان بولسا بىرەر تورداشنىڭ تىنىقىنى توختىتىپ قويغان بولسام،ھىچ بولمىغاندا يارلاندۇرۇپ قيسام :lol:

  15. قاينام مۇنداق يازغان:

    داۋاملىق سۆزلەمدىكىن دىسەم توختاپ قالغىنىنى ما باللىنىڭ

  16. ئەرك مۇنداق يازغان:

    قىزىقچى باللار خېلى باكەن ھە،كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزلۈپ قالدى

مەلەك 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟