نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

نەسەبنامە ( Family tree ، 家谱 ) تۇرغۇزۇش ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ،تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر ۋە خاقانلار ئۆز نەسەبنامىسىنى تۇرغۇزۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،جەمەتنىڭ پائالىيەت دائرسىنى كېڭەيتىش ، جەمەتنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئەجداد-ئەۋلادلىق رېتى ۋە باشقا تەرتىپلەرنى كۈچەيتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .

ئۇيغۇر تىلىدا مەلۇم جەمەتنىڭ تارخى خاتىرسى ‹‹نەسەبنامە›› دىيلىدۇ ، شۇنداقلا يەنە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ‹‹جۇرۇڭقاي›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ‹‹نەسەب ›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى ‹‹تۇغقان، قان قېرىنداش ، قانداشلىق مۇناسىۋەت›› دىگەنلىك بولىدۇ . ‹‹نەسەبنامە ›› بولسا مەلۇم ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ قان قېرىنداشلىق يىلتىزى ۋە مۇناسىۋىتى خاتىرلەنگەن جەمەت تارىخى دىگەنلىكتۇر. ‹‹جۇرۇڭقاي››سۆزىگە كەلسەك ،بۇ سۆز ھازىر ‹‹ئائىلىنىڭ تارىخى خاتىرسى›› دىگەن مەنىدە مۇڭغۇل تىلىدىمۇ ساقىلىپ كەلمەكتە.

ئائىلە – جەمەت نەسەبنامىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبي قىسمى – شەجەرىدۇر . ‹‹شەجەرە ›› ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ ، مەنىسى ‹‹بىر تۈپ دەرەخ ›› دىگەنلىكتۇر. بۇ ئۇقۇم (شەجەرە تۇن نەسەب) شەكىلىدە ئىشلىتىلىپ، ‹‹ئائىلە ياكى جەمەت نەسەبنامىسىدە بايان قىلىنغان قانداش ئەۋلادلارنى دەرەخ شاخلىرى شەكىلىدە كۆرسىتىپ بېرىىدىغان سخېما›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ‹‹شەجەرە›› ئۇقۇمى خۇددى ‹‹نەسەبنامە›› ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا نىسبەتەن بۇرۇن كىرىپ كەلگەن. ئائىلە شەجەرىسى بىر جەمەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى رۇشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان سېخېىما بولۇش بىلەن ،ئۇ يازما شەكىلدىكى نەسەبنامىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدلىككە ئىگىدۇر .ئائىلە شەجەرىسىدە ئانا (ياكى ئايال ) تەرەپنى شەجەرىدە ئىپادىلەشنى خالىسا،ئۇنداقتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەرت شۇكى بىر شەجەرىدە بىرلا فامىلىلىك ئادەملەر (ياكى بىر جەمەتكە تەۋە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە كىشىلەر ) تىزىپ كۆرسىتىلىشى كېرەك .دىمەك، شەرت شۇكى ،ئاتا- ئانا ،ئەر – ئايال تەرەپنى ئايرىپ تۇرۇپ تاق لىنيە بۇيىچە شەجەرە تۇرغۇزۇش كېرەك.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ نەسەبنامە تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن…بولۇپمۇ،مىللىي كىملىكىمىز…

ئۇيغۇربەگ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟