نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

نەسەبنامىنىڭ 5 تۈرلۈك رولى


تارىخي ماتېرىياللارغا كۆرە، قەدىمقى ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىزدا نەسەبنامە ( Family tree، 家谱 ) يېزىش ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بىراق، نەسەبنامە تۇرغۇزۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ۋە ئاز ساندىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىلا چەكلەنگەن ئەنئەنە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئېڭى كۈچلۈك، ئۆز جەمەت تارىخىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر تەركىبى دەپ ھېسابلايدىغان، نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا.
ئەمما، يېقىنقى زامانغا كەلگەندە شۇ كەبىي ئېسىل ئادەتنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن تەرك ئېتىلىشى ياكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرۇدىغان كىشىنىڭ تولىمۇ ئازلىقى  ئەپسۇسلىقىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
خوش، ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن ئائىلە نەسەبنامىسى يازمايمىز؟ مېنىڭچە بۇ سۇئالغا مانا ماۋۇ سەۋەب تۈپەيلى نەسەبنامە يېزىشمايمىز دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمىسىمۇ، نەسەبنامىنىڭ رولىنى چۈشەنمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭ رولىغا بولغان سەل قاراش نەسەبنامە يازماسلىقتەك ناچار قىلمىشنىڭ مۇھىم يىلتىزى دېسەك قىلچە خاتالاشقان بولمايمىز.
يازمىنىڭ قىسقا ، نان بېرىدىغان بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەسەبنامىنىڭ رولىنى ئىخچام قىلىپ تۆۋەندىكى 5 تۈرگە يىغىنچاقلاپ تونۇشتۇرىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ نەسەبنامە ھەققىدىكى سۆھبەتلىرىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.

نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ مۇنداق 5 تۈرلۈك چوڭ رولى بار:

1. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مەدەنىي بويۇم ياكى ئاسارە – ئەتىقىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىنىڭ مەدەنىي بويۇملۇق قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ. شۈبىھسىزكى بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي تارىخى ۋە مەدەنىي جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپ قالىدۇ.

2.يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.

نەسەبنامە ئۆزىگە شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى يەنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى، نىكاھلىنىشى، ئىرسىي ئىزچىللىقى، جەمەت مىزانى ( قائىدە – تۈزۈمى )، ئۆلۈمى قاتارلىق سانسىزلىغان ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ ، ئۇ تارىخشۇناسلىق، ئۆرۈپ – ئادەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئىرسىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان پايدىلانما ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

3. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى تەربىيەت قىممىتىگە ئىگە .

ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىلەردە كۆپۈنچە شۇ جەمەتنىڭ جەمەت مىزانى، ئەڭ تۈپكى كىشىلىك قاراشلىرى ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قويۇلغان تەلەپلىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنداق يازما شەكىلدە قالدۇرۇلغان جەمەت يۇسۇنلىرى شۈبھىسىزكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىدە مىسلىسىز تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. كىشگە باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن كۆرە ئۆز ئاتا – بوۋىلرىنىڭ ئۆگۈتلىرى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.

بەزى نەسەبنامىلەردە جەمەت يۇسۇنى ئايرىم سەھىپە ئاجرىتىلىپ ، ئېنىق پۈتۈلمىدى دېگەندىمۇ، نەسەبنامىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈلگەن ئەجدادلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا  كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزگۈدەك جانلىق دەرس ۋە ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ روھىدىكى ئىزچىللىق نەسەبنامىگە پۈتۈلۈش يولى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ ئۇدۇم قالىدۇ.

4. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى رېشتە باغلاش رولىغا ئىگە.

دەرەخنىڭ يىلتىزى ، ئېقىننىڭ بېشى بولسا قۇرۇپ قالمىغىندەك، جەمەتنىڭمۇ ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامىسى بولسا ئۇرۇق- ئەۋلادلىرى چېچىلىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۈزۈلمەس قىلىپ مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمەت ئەزاسى ئائىلە نەسەبنامىسىنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەجدادى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا رېشتە باغلاپ تۇرىدۇ. ئېغىزدىكى ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق پەقەت نەچچە ئەۋلادلا داۋام ئېتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامە ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقنى زامان چەكلىمىسىدىن ھالىقىتىپ، ئەسىر – ئەسىرلەرگە ئۇلىشى مۇمكىن.

5. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتىگە ئىگە.

شۈبھىسىزكى نەسەبنامىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتى ئۇنىڭ بارچە قىممەتلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. نەسەبنامىگە بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىملەردىن بولىدىغانلىقى ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈلگەن بولىدۇ. بىلگە تۇنيۇق شەجەرىسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كورىيدىن تېپىلغانلىقى ( مەزكۇر بلوگدىكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسىگە قاراڭ ) ، جىيەن تەگئاتلىق ۋە ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا تۈزەلەڭلىكتە مىڭ يىلغىچە دەۋران سۈرۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىبىي ئەمەس. بىز بۇ يەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇشى ئۇلارنىڭ بىر تەگئات ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدرغانلىقى دەپ، كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ رولىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بولغانلىقىنى ئىتراپ قىلالماي تۇرالمايمىز. ئازادلىقتىن كېيىن، نوپۇسقا تىزىملاش باشلانغاندا، خېنەندىكى ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىىتى دەپ تىزىملاشنى تەلەپ قىلغان، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بېكىتىشتە بىرقارارغا كېلەلمىگەندە، ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشۇتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئائىلە نەسەبنامىسىنى كۆرىستىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش 14 كۈنلۈك ئايدەك روشەن بولغان.
يەكۈن شۇكى، نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتبارسىز قاراش ئۆزى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : نەسەبنامىنىڭ 5 تۈرلۈك رولى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. كارۋان مۇنداق يازغان:

    مەن نەسەبنامىنى قانداق يېزىشنى ئەمدى بىلىۋالدىم

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟