تېخى يېقىندىلا ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يۈكسەل بلوگىدا باش قوشۇپ، << ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى >> ئۈستىدە ئوي سۈرۈشۈپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. كۈتمىگەندە، بۈگۈن ( 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، پەيشەنبە ) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2 – قانىلى (2 XJTV) << بۈگۈنكى سۆھبەت >> پروگىراممىسىدا مەخسۇس بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ، سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ( ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دېروكتورى ) تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالىم ئەھەد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بلوگ، مىكروبلوگ، مۇنبەر قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالدى. مەزكۇر سۆھبەتتە يۈكسەل ، 80 خالتا قاتارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ، پروگىرامما كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تەدبىركار، يۈكسەل، 80 خالتا بلوگلىرىمۇ تېگىشلىك يەر ئالدى.
بۇ سۆھبەت ئۇيغۇر بلوگچىلىق تارىخىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەزكۇر پروگىرامما XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە ئىشلىگەن تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە جىددىي باش قاشلاۋاتقان پەيتتە، XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشى بىز بلوگگىرلارغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى.
بۈگۈن مەزكۇر سۆھبەتنى كۆرەلمىگەن تورداشلار ئەتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكرار قويۇلغان فىلىمنى كۆرسە بولىدۇ.
بۈگۈنكى سۆھبەت پروگىراممىسىنىڭ تەكرار كۆرسىتىلىش ۋاقتى:
XJTV2 دە ئەتە ( جۈمە) سائەت 9:21 دە.
XJTV5 تە ئەتە ( جۈمە ) سائەت 11:00 دا.
XJTV2 دە ئۆگۈنى ( شەنبە ) كەچ سائەت 8 دە.
يۇقىرىدىكى ۋاقىتلار بىردەك ئۈرۈمچى ۋاقتى.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: تارىخىي دەقىقە – ئۇيغۇر بلوگلىرى XJTV دا ( فىلىم قىستۇرۇلدى )
راست، يۈكسەل ئەپەندى. مەنمۇ بايىلا تېخى شۇ سۆھبەتنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە دەرھال مىكرو بلوگدىن بىرنى ئىلتىماس قىلدىم. سۆھبەتتە يۈكسەل بلوگى ۋە 80 خالتا بلوگى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. مۇبارەك بولسۇن. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى تېخىمۇ قۇتلۇق بولغۇسى!
سىزنى تەبرىكلەيمەن
مۇبارەك بولسۇن! بۇنداق ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنى خاتىرىلۋېلىپ، تورغا قويۇپ قويۇش كېرەكتۇر. بىزدەك تېلېۋىزوردا قايتا-قايتا بەرسىمۇ كۆرەلمەيدىغانلار بار ئەمەسمۇ…
بۇ كۈننى كۈتكىنى بەك ئۇزۇن بولدى، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىر چاغدا تېلېېىزوردىكى بىلىك دىگەن تېمىنى كۆرۈپ مۇشۇ نداق كۈنلەر قاچان كىلەر دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇنداق خوش بولىۋاتىمەن.
مۇبارەك بولسۇن!
رغۈر راس بەك ياخشى بوپتۇ گەرچە بلوگنىڭ نىمىلىگى چۇشەنمىسەممۇ .مەنمۇ ئازىر تىلۋۇزوردىن كورىپ بلوگ دىگەن نىمىدۇ دەپكىرشىم
سائەت تېخى 9 بولمىدى، لېكىن باشقىلار كۆرۈپ بولدۇق دەيدۇ يا؟
ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ئۇتۇقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ سۆھبەت، بلوگگىرلار ئۈچۈن زور ئىشەنچ ۋە ئۈمۈد ئاتا قىلىپتۇ.
بىرلىكتە تىرىشايلى!
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇيغۇر بلوگلىرىغا ئامەت تىلەيمەن.
ئەپسۇس مەن كۆرەلمەي قالدىم دە . توردا كۆرگىلى بۇلامدۇ ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ خەۋەرنى بارلىق دوستلار ( بىلوگگىرلار ) بىر كۆرگەن بولسا ناھايىتى ياخشى بۇلاتتى .
ۋاي نىمە دەيدىغاندۇ ؟ مەن نىمە قىلدىم دەيمەن مانى كۆرمەي …. ۋىروس بىلوگى توغۇرلۇق سۆزلىمىدىما ؟
مىنىڭچە يۈكسەل بلوگى بىلەن 80ىخالتا بلوگى ھەقىقەتەن بىلوگچىلقىمىزنىڭ نەمۇنىسى بولالايدىكەن!
مۇبارەك بولسۇن! ماۋۇ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش بوپتۇ! خۇددى بىر ئادەم ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغاندەكلا. كۆچۈرىۋېلىپ سازايى قىلىدىغان ئىشتى ماندا نەرسىلەنى
ئابايام بىلىكتىن ئوقۇپ خۇش بولدۇم. سەكسەن خالتا بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگىغا ئاپىرىن.
بۇ سۆھبەت بارلىق بلوگگىرلارغا ئېلھام ۋە مەدەت بولغۇسى دەپ ئويلىدىم.
مۇبارەك بولسۇن يۈكسەل ئەپەندىم،سىزنى تەبرىكلەيمەن.مەن كۆرەلمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ.