نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر Blog چىلىقىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە خۇسۇسىي تور نەشىر قورالى ئەڭ دەسلەپ 1997 – يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 2002 – يىلىغا كەلگەندە جۇڭگوغا كىرگەن. ئۇيغۇرلاردا بولسا بلوگ ئۇقۇمى 2005 – يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن پەيدا بولغان. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بلوگگىرلار قوشۇنى نىسبەتەن زورايغان، تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى بلوگلار ئارقىمۇ – ئارقا قۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى نۆۋەتتە يەنىلا تەرەققىياتى بوغۇق ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. نۆۋەتتىكى يازمىمىزدا دوستلار بىلەن دەل مۇشۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە مۇڭداشقايمىز!  

ئۇيغۇر بلوگچىلىقى دۇچ كېلىۋاتقان قىينچىلىقلار

1. زىيارەت ئېقىمى تۆۋەن بولۇش

زىيارەت ئېقىمى Blogger ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىمكى ، ئۇ بلوگگىرنىڭ ئىلھام قۇشى قاناتلىرىغا كۈچ بېغىشلىغۇچى ئەڭ زور مەدەتتۇر. دەرھەقىقەت، << خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە ئەتىۋا >> دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغاندە. ھازىر ئۇيغۇر بلوگلىرىدا ئومۇميۈزلۈك زىيارەت ئېقىمى تۆۋەن بولۇش مەسلىسى مەۋجۇد. ئىگىلىنىشىچە، ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى 10 داڭلىق بلوگنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ باھالانغان << 80 خالتا بلوگى >> نىڭ كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمى 1000-3000 ئەتراپىدا ئىكەن. << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمىمۇ 700 – 1000 ئەتراپىدا بولماقتا. كۆپىنچە بلوگلارنىڭ زىيارەت ئېقىمى 500 دىن تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇپ، ھەتتا كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمى 100 دىن ئاشمايدىغان بلوگلارمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەكسىچە، مەزمۇن سۈپىتىنىڭ ئانچە تايىنى بولمىغان ئادەتتىكى بىر تور بېكەتنىڭ زىيارەت ئېقىمىمۇ 1000 دىن تۆۋەن بولمايدىكەن.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەت ئېقىمى تۆۋەن بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە ؟
مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلاردىن ئىزدەش مۇمكىن:
(1) ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ بلوگ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ، بۇ يېڭىچە تور تاراتقۇسىغا قىزىقماسلىقى. بۇ يىل يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش >> پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقاتى 2008 – يىلىغا قارىغاندا خېلىلا كۈچەپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بىلىك، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ، نۇرقۇت، ئىزباسار ، ئەلكۈيى ، ئىز ، مىسرانىم …. قاتارلىق چوڭ تور بېكەتلەر، 80 خالتا، تەدبىركار، تورخۇمار، جېك … غا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنگەن بلوگلارنىڭ ھەممىسىدە تېگىشلىك ئېلان بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇدا 3 ئايغا سوزۇلغان پائالىيەتتە ئاخىرقى ھېسابتا بېلەت تاشلىغان تورداش ئاران 2000 دىن ئاشقان. تورداشلاردىكى بلوگچىلىقىمىزغا تۇتقان بۇ خىل سوغۇق پوزىتسىيە بىزنى قاتتىق ئويغا سالماي قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە.
(2) ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ تور زىيارەت ئادىتىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ۋە يەككە يۆلىنىشلىك بولۇشى ، زىيارەت سەۋىيىسىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى. تور زىيارەتتە ئۇلىنىش تورلىرىغا زىيادە تايىنىۋېلىشى، Google غا ئوخشاش ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن پايدىلانماسلىقى. ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ Blog لارغا بولغان قوللاش سالمىقىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولىشى.
(3) ئۇيغۇر تور ئاممىسىدا << مۇنبەر قىزغىنلىقى >> نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بولۇشى ، تور ساھەسىدىكى << يۇرتۋازلىق >> خاھىشىنىڭ ئېغىر بولۇشى . يەنى، مەلۇم تورداش مەلۇم تور ياكى مۇنبەرگە ئەزا بولغان بولسا شۇنىڭدىن باشقا تور ۋە Blog لارنى زىيارەت قىلىشنى خالىماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىش.
(4) بلوگنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان سۈپەت مەسىلىسى. Blog لاردا ئۇيغۇر تور ئاممىسى نۆۋەتتە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، جەلبكارلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى.

2. ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ تۆۋەن ياكى يوق بولۇشى

ئادەمگە ئاش، ماشىنىغا ماي كەتكەندەك، Blog نەشىر قىلىشتىمۇ پۇل بولمىسا بولمايدۇ. Blog نىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن ( تورنام ، بوشلۇق ، تېخنىكىلىق ئاسراش قاتارلىقلار ) پۇل كېتىدۇ ياكى بولمىسا بلوگنى يېزىۋاتقان بلوگگىرنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ. ئەمما، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، ئۆز – ئۆزىنى قامداۋاتقان بلوگلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا . بلوگدىن ئېشىنىپ بلوگگىر خەجلىگۈدەك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بلوگلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئانالىز قىلساق، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئەندىزىسىنىڭ بىرلا خىل بولۇشى ( يەنى Google Adsense ، Baidu ، 890 تور ئېلان سۇپىلىرىغا تايىنىپ ئېلان كىرىمى قىلىش )، ھەقلىق ئېلان قويۇش بازىرىنىڭ تازا ياخشى بولماسلىقى ( ئۇيغۇرلاردا تور ئېلان بازىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مونپۇل قىلىۋېلىنغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ تور ئېلانغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسزلىكىدىن )، باشقىچە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئەندىزىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. مېنىڭ قارىشىمدا، 80 خالتا بلوگى ئۆزىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تورخۇمار نۆۋەتتە بۇ ھەقتە جىددىي ئەندىزە ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. يۈكسەل بلوگى بولسا 2010 – يىلى دەسلەپكى قەدەمدە ھەقلىق ئېلان مۇلازىمىتىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدى.

3. بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ كۆزگە ئىلىنماسلىقى

بۇ بەلكىم ھەربىر بلوگگىرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان، << يۈرىكىگە پىچاق بولۇپ سانچىلىۋاتقان >> ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. بلوگگىر ھەر بىر يازما ئۈچۈن سائەتلەپ ھەتتا كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئەجىر قىلىدۇ. مىڭبىر مۇشەققەتتە ئېلان قىلغان يازمىسى باشقىلار تەرىپىدىن پەقەتلا << كۆچۈرۈپ چاپلاش >> مەشغۇلاتى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللىنىدۇ. ئىنسابلىقراقلىرى << قازاننى ئالسىمۇ تۇۋىقىنى قويۇپ >> ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ئىنسابسىزلىرى بولسا << تۈگە كۆردۈڭمۇ ياق، قوزا كۆردۇڭمۇ ياق >> دەپ ئۆز قىلغۇلىقىنى قىلىۋېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا شۇ بلوگنىڭ ئەسلىدىنلا ئاز بولغان زىيارەت ئېقىمى گوياكى بىقىنىدىن يوغان ئېچىق ئېچىلغان ئۆستەڭ سۈيدەك ئازلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلوگگىرنىڭ ئىلھام بۇلىقى قۇرۇشقا باشلايدۇ.

ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى

ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى نەدە ؟ دېگەن سۇئالغا << مانا بۇ يەردە >> دەپ ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاب بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ سۇئال يۈكسەل ئۈچۈنمۇ ئېنىق يېشىمى يوق سۇئاللارنىڭ بىرى. بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىيىنچىلىقلار ھەل بولغاندا، كۆز ئالدىمىزدا يېيىلىپ ياتقىنى كەڭرى داغدام يول بولار ۋەياكى ئۇ چاغدا بلوگدىن ئىبارەت بۇ تور تاراتقۇسى زامان قۇم – بورانلىرىغا كۆمۈلۈپ ، << قۇم باسقان شەھەر >> گە ئايلىنىپ كېتەر…
ئىشقىلىپ، مېنىڭ قارىشىمدا ھەر بىر Blogger ئۆز بلوگىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭىچە ئاماللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە ئەندىزلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆز يازمىلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش تېخنىكىلىق ئامىلىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان بلوگ يېزىش يولىدا تەۋرەنمەي ماڭساق، نۇرانە ئىستىقبال بىز ئۈچۈن بەلكىم يىراق ئەمەس .

تۆۋەندىكى چارە – ئاماللارنى قوللىنىشقا بولامدۇ يوق ؟ كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلەشكۈم بار:
1. ئۇيغۇر بلوگلىرى مەلۇم شەكىلدە بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ ، ئۇيغۇر تور ساھەسىدە بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە زاھىر بولۇش. بەلكىم شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تور ساھەسىدە كۆپچىلىكنىڭ دىققىنى ئاز – تولا ئۆزىگە جەلب قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، زادى قانداق شەكىلدە ئۇيۇشۇش كېرەك ؟ بۇ يەنىلا باش قاتۇرىدىغان مەسىلە.
2. ئۇيغۇر تور ساھەسىدە مەخسۇس بلوگلارنىڭلا ئۇلىنىشى بېرىلگەن خاس بلوگ ئۇلىنىش بېتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە بۇنى ھەممە بلوگلار بىرلىكتە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ تور ئاممىسىنىڭ بلوگلارنى زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاش. مەسىلەن، ئۇز بلوگ ئۇلىنىشلىرى (UZBlog.Net ) دەك.
3. Blogger لار قوشۇنىنى زورايتىش، يېڭىدىن – يېڭى بلوگلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈش. تونۇلغان يازغۇچى ، شائىر، سەنئەتكار، ئالىم – ئۆلىمالارنى بلوگ يېزىشقا دەۋەت قىلىش.
4. ھەر Blogger ئەتراپىغا تەسىر كۆرسىتىشى لازىم. ئوقۇرمەننى توردىن، دۇنيانىڭ نېرىسىدىن ئىزدىمەي، ئۆز ئەتراپىدىكى دوست – بۇرادەر ، ئۇرۇق – تۇغقان ، يارۇ – قاياشلىرىنى ئۆز بلوگىنى زىيارەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ، ئۇلارغا بلوگدىن ئىبارەت بۇ شەيئىنى تونۇشتۇرۇش ، شۇ ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردە بلوگ زىيارەت قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.
ھازىرچە، مېنىڭ كاللامغا كەلگەن پىكىرلەر مۇشۇنچىلىك. قالغانلىرىنى يەنە تۆۋەندە ئىنكاس ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە جۆر بولغايمىز. سلەرچە ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يەنە قانداق قىينچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ؟ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى زادى نەدە ؟! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇر Blog چىلىقىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!21 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دىلكەش مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلدە بىر قېتىم دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي

  2. ئەرك مۇنداق يازغان:

    ئاۋال دىۋان

  3. دىلكەش مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى ناھايتى ئەتراپلىق پىكىر قىلىپسىز، مېنىڭچىمۇ بىرىنچىدىن، بلوگلار چوقۇم خاسلىققا ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇشى كىرەك، بۇ بلوگنىڭ زىيارەت ئىقىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر يولى، ئەگەر بلوگدا ئىجادىي يازمىلار كۆپ بولسا تەبئىيلا زىيارەت قىلىدىغانلار، ئوقۇرمەنلەر كۆپىيىدۇ. ئىككىنچىدىن، بلوگگىرلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا قوللاش ۋە ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچىنچىدىن، مۇشۇ ئەسەر ھوقۇقى مەسىلىسىمۇ ناھايتى مۇھىم.
    بلوگدىن كىرىم كەلتۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك خاسلىق بولسا زىيارەتچى كۆپەيگەندىن كېيىن تەبئىيلا ئېلان ھەمكارلىقى قىلىدىغانلار چىقىدۇ. خۇددى يۈكسەل بلوگىدەك.

  4. قۇتبىلىك مۇنداق يازغان:

    يېڭىدىن سەپكە قېتىلىۋاتقان بىلوگلارنى ئامال بار يىتەكلەپ مېڭىش كىرەك، بۇ ساھەگە كىرگەن ئىكەن قايتىپ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەك قاتتىق تەگمەسلىك كىرەك، بىلمىسە سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش، سورىسا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بىرىش كېرەك، نۇرغۇن يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر كىچىككىنە تېخنىكىلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەل قىلىش يولىنى تاپىمەن دەپ ئېزىپ قېلىپ بىلوگ ئويناش شۇنداق بىر ئىشدەك بىلىنىپ كىتىدۇ.
    يەنە بىر مەسىلە ئالىي مەكتەپتىكى ياشلار مەسلىسى.
    مىنىڭ كەسىپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىم بار، قورساقتىكى بىلىممۇ خېلى يامان ئەمەس، ئۇلارغا بىلوگ ئويناڭلار، قورساقتىكىنى يېزىپ قويساڭلار پايدىسى بولىدۇ، خەقلەرگىمۇ ياخشى ، ئۆزەڭگىمۇ ياخشى دىسەم ئاداش ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇش ئېغىر كىلۋاتسا قاچان يېزىپ بولىمەن، لازىم بولسا گوگېلدىن ئىزدىسە بولمىدىمۇ ؟ دەپ تۇرىۋالىدۇ، ھەي گەپ يىگۈزۈپ بولالمىدىم، مەن بىلوگ ۋە تورلارغا ماقالە ئېلان قىلسام قاخشاپ كىتىدۇ، نىمىمۇ قىلارسەن ئۆزەڭنى قىيناپ دەپ، قورسىقىم شۇنداق كۆپىدۇ، لىكىن ئامال يوق، بۇنداقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كىرەككىن تاڭ، ئەسلى يازسا مۇشۇلار يېزىپ باشلايدىغان يەردە، ئونۋېرسىتىتتا ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇيالمىغانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ماڭسا بولاتتى، ھەي…

    • كۆرەش مۇنداق يازغان:

      راس دەيسىز ئۇيغۇرچىنى ئوقۇماق تەسكەلگەن قانداق ئۇيغۇر دۇ ئۇ .ۋاي ئاللا
      بىلىملىكلەر بىلوگ قۇرسا بىلمىگەن بىلىشكە ئىنتىلگەنلەر ئولىشىپ ئۆگەنسە ياخشى ئەمەسمۇ؟

  5. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەمما لېكىن،ھازىر دەھشەت ئالدىراش ۋاقىت بولۇپ قالدى،مەن قولۇم سەل سىلىككەندە قايتىپ كېلەي،رەنجىمىگەيلا يۈكسەل ئالىيلىرى…

  6. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە ھازىر كىشىلەرنىڭ بىلوگقا بولغان تونۇشى تېخى ياخشى ئەمەس، مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپتىكىلەرگە «پالانى بىلوگدا ئىتايىن ياخشى تېما بار ئىكەن » دىسەم ،ئۇلار نىمە ئۇ بىلوگ دىگەن؟ دەپ سورايدۇ، مەن ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.بۇنى دەل «ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ بلوگ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆگىنىۋالغان ئازىراق بىلىمى بىلەن بىر ئۆمۈر جېنىنى باقىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئادىيسى گەرىچە ئاللىقاچان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى بىرلىككەكېلىپ بولغان بولسىمۇ ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆگەنمەي QQ دا خەت يازغاندا يا ئۇيغۇرچىغا، يا باشقا يېزىققا ئوخشىمايدىغان پىنيىن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلار ھازىرمۇ ناھايىتى كۆپ.ئۆزىنى كەمسىتىشقۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە ئىزدىنىش، تېرىشچانلىقىنىڭ كەم بولىشى. مەن ھېس قىلغان يەنە بىر تەرەپ، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ يازمىلىرىنىڭ قاراتمىلىقى بىر قانچە بىلوگلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇلاردىن پەقەت ئىچىمىز پۇشقاندا كىرىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈشكىلا بولىدۇ. بىلوگنىڭ ئىنىق بىر مەۋقەسى يوق. ئۇ بىلوگنى بىر كۈن قېزىپمۇ ئۆزىمىز گە پايدىلىق بىرەر نەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. پەقەت ئېرىشىدىغىنىمىز پۇشايمان، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى خالاس. سىزنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىدىيىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىم بىر جەمگاھ قۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ئىش قىپتۇ. بولسا شۇنداق قىلساق، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلگەن ساھە بويىچە قاراتمىلىق ھالدا بىلوگنى تەرەققى قىلدۇرساق….

    • ئەرك مۇنداق يازغان:

      مىنىڭچە ھەممە بلوگ چوقۇم نەپ بېرەلىشى كېرەك دېگەن بۇ خاتا ئۇقۇم، بلوگ دىگەن بۇ ئاممىباپ نەرسە، قورسۇقىدا ھەقىقى بىلىمى بار باشقىلارغا نەپ بېرەلەيدىغانلار بار، لېكىن كۆپ قىسىم بلوگىرلار ئۆزىنىڭ بىلىمى چاغلىق بولغانلىقتىن باشقىلارغا ئەسلا نەپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن بۇلار ئۆز بلوگلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشقا بولغان كۆز- قاراشلىرىنى، ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى يازىدۇ، بىز بۇلارنى باشقىلارغا نەپ بېرەلمەيدىكەنسەن دەپ چەتكە قاقساق قاملاشمايدۇ.

      • تەدبىركار مۇنداق يازغان:

        توغرا. شەخسى تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن، باشقىلار بىلەن مەلۇم ئوي-پىكىرنى ئورتاقلىشىش ياكى مۇنازىرە قىلىش مەقسىدىدە قۇرۇلغان بلوگلارمۇ بولىدۇ. بىراق، بلوگگېر مەيلى شەخسى تۇرمۇشنى يازسۇن، ياكى ھېسىياتىنى يازسۇن، مۇئەييەن ھالدا ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى، تەجرىبىسىنى سۆزلەپ ماڭسا، مۇنداق بلوگدىنمۇ ئوخشاشلا مەنپەئەتلىنىش مۇمكىن.

  7. بىرزات مۇنداق يازغان:

    تېما ئوبدان ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، ياشلارنى، يېڭىدىن بلوگچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويىۋاتقان تورداشلارنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئۆز تەجرىبەمنى سۆزلەپ باقاي:
    بلوگ يېزىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولىدىكەن. تورداشلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ پەرقلىق بولىدىكەن. شەخسەن مەن بلوگنى شەخىسنىڭ تور يۈزىدە ئۆزىنى ئىپادىلىشى دەپ چۈشەندىم. مېنىڭ بلوگ يېزىشتىكى مەقسىدىم ئەسلىدە مۇنبەرلەردە يوللاپ تۇرغان ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك يازما-ماقالىلەر، ھېس-تۇيغۇلۇرۇم، ئويلىغانلىرىم دېگەندەكلەرنى بىر يەرگە جۇغلاپ قوياي دەپلا شۇ ۋاقىتتىكى (2006-يىلىغۇ دەيمەن) ئۇيغۇرچە بلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى ‹‹ئېلغار›› تورىدىن ‹‹ بىرزات شىپاخانىسى›› نامىدا بلوگ تىزىملىتىپ بالدۇرقى تور يازمىلىرىمنى جەملەپ قويدۇم. پۇرسەت بولسىلا يەنە يېڭىدىن يىزىپ تۇرغانمۇ بولدۇم. بلوگدىكى يازمىلار كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە قىزىقىشىنى قوزغاپ زىيارەت سانىمۇ كۈندىن -كۈنگە ئىشىشقا باشلىدى. تېبابەت، ساغلاملىق، ئوزۇقلىنىش، توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە سۇئال سورايدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. مەنمۇ ئىلگىركى مۇنبەر قىزغىنلىقىمنى بلوگ يېزىشقا قارىتىپ بالدۇرقىدىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان بولىدۇم. بلوگنى تىرىكچىلىك يولۇمدىكى مۇئەييەن تەشۋىقات رولىنى ئوينىسۇن دەپ بلوگ باش بېتىدە دۇكان ئادرىسىمنى، تىجارەت دائىرەمنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويدۇم. ئانچە-مۇنچە يىراق يېقىندىن تېلفۇنلار كىلىپ تۇرىدىغان، دۇككىنىمدىكى ھەر خىل تېبابەت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەسەل، گۈلقەنت ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەرنى زاكاس قىلىدىغان، مەسلەھەت سورايدىغان ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يېراق-يېقىندىن ئانچە-مۇنچە ئىزدەپ كىلىپ مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ دۇكاننى زىيارەت قىلىپ كىتىدىغان تورداشلىرىممۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دېمەك مەن بلوگ يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماڭا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئۆزى مەندە بىر خىل ئىپتىخارلىق، ئۆز كەسپىمگە بولغان مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. تور يۈزىدە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان ساغلاملىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئاممىباب تىل ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشنىڭ تورداشلارغىمۇ ھەم ماڭىمۇ پايدىلىق بىر يول ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تېخىمۇ سەمىمىي بولۇپ ئىمكان بار باشقىلارنى ئەمەلىي پايدىلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەندە بۇ يولنىڭ تېخىمۇ كەڭرى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. تورداشلارنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى سورىغان سۇئاللىرىغا ئىمكان بار شۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغۇچى ناتوغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ۋە يېمەك-ئىچمەكتىكى مىزاجغا مۇۋاپىق بولمىغان ئوزۇقلىنىش، غىزالىنىش ئادەتلىرىنى تەرتىپكە سىلىش، نۇرمالسىز روھىي ھالەت-كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش دېگەندەكلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىدىم. كىتابلاردا بايان قىلىنغان نەزىرىيۋى ئۇسۇل ۋە ئاتالغۇلارنى ئىمكان بار ئىشلەتمىدىم. ئاممىباپ بولۇش، چۈشۈنۈشلۈك بولۇش، پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى بولۇش دېگەندەك سەۋەبلەر بلوگىمنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى كۆپەيتكەن بولۇشى مومكىن.

    گەپ سەل ئاينىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، ئەسلى سۆزىمىزنى تېپىۋالساق بىرزات شىپاخانىسى نەشىر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي زىيارەت ئېقىمى خىلىلا ئوبدان بولۇپ كۆزلىگەن مۆلچەردىن كۆپ ئىشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال بلوگنىڭ مۇستەقىل بوشلۇق ھەم نامىنىڭ بولۇشىنى تەبئىيلا تەلەپ قىلاتتى. بۇ چاغدا ‹‹بىرزات شىپاخانىسى ›› نىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان يۈكسەل بۇرادەر ماڭا مۇقىم بوشلۇق ھەم مۇستەقىل تور نامىنىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن بولدى. شۇ ئارلىقتا كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن بلوگ نامىنى ‹‹80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى http://www.80halta.com›› غا ئۆزگەرتىپ مۇستەقىل بوشلۇق ۋە تور نامى بىلەن ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ كەتتىم. ئۇندىن كىيىن دىيارىمىزدا بىر يىلغا يېقىن تور توختاپ تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلار دېگۈدەك ئاقساپ قالدى. تور توختاپ 2-3 ئايلاردىن كىيىن ئىچكىردىكى بوشلۇقنى دىيارىمىزغا يۆتكەپ 80خالتىنى ماڭدۇرىۋەردىم. تور توختاشتىن بۇرۇن بلوگنىڭ كۈندۈلۈك زىيارەت ئېقىمى 6000-7000 ئەتراپىدا بولغان بولسا تور توختاپ ئىچكى قىسىمدا بلوگنى قايتا ماڭدۇرغاندا كۈندۈلۈك چىكىلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 40000 غا يەتكەن بولدى. بىر بلوگقا نىسبەتەن بۇنى ئادەتتىكى سان دېگىلى بولمايتتى.

    بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن ھەر بىر تېمىغا نەچچە ھەتتا ئونلاپ سۈپەتلىك ئىنكاسلار چۈشۈپ بلوگنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. گەرچە بۇ ئەھۋاللارنى بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىت، باشقا بەتلەر تاقىلىپ 80خالتىنىڭ ئوچۇق بولىشى بىر پۇرسەت دەپ قارىساقمۇ لىكىن ئەينى ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاسلارنى يىزىشى، زىيارەت مىقدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى بولۇشىدىن 80خالتا بلوگىنىڭ ئەمەلىي پايدىلىق نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە تورداشلارنى جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
    كىيىن 2010-يىلى يىل بېشىدىن تاكى تور ئومومىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلگۈچە 80خالتا بلوگى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىچىلالمىدى. بۇ جەرياندا كۈندە نەچچە ئون تورداشنىڭ دېگۈدەك تېلفۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ تۇردۇم. جاھان تىنجىپ، ئىناق-ئىتتىپاق جەمئىيەت ئەسلىگە كىلىپ مۇقۇملۇق خىزمەتلىرى تەرتىپكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن تورمۇ ئەسلىگە كەلدى، بلوگنى يەنە نۇرمال ئىچىۋالدۇق. گەرچە ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىنلىقى ئىلگىركىدەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ 80خالتا بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمى يەنىلا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

    ئەمدى گەپنى يېغىپ 80خالتا بلوگىنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى نادىر بلوگلارنى باھالاشتا چولپان بولۇشىدىكى ئامىللار ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقاي، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تىرىشىۋاتقان ياش دوستلارغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار:
    1. 80خالتا بلوگىنى كەسپنى ئاساس قىلىپ يېزىپ ماڭغان بولغاچقا ئۆزۈممۇ زېرىكىپ قالمىدىم، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ قازاندىم، تورداشلارمۇ ئەمەلىي نەپ ئالدى دەپ قارايمەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈم دېگەندە بلوگدىن پايدىلىنىپ ئىلان كىرىمى قىلىش مېنىڭچە ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لىكىن كەسپىي جەھەتتىن مەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغان، ماڭا خىرىدار بولىدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى تېپىپ بەردى. مەن تونۇمايدىغان، كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىلەر بلوگدىكى يازمىلىرىمغا قاراپ دۇكىنىمدىكى مەھسۇلاتلارنى زاكاس قىلىشىپ بانكا كارتامغا پۇل جۆنىتىپ تۇردى. ئالدىمىزغا كىرگەن خىرىدارغا قانداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، قىممىتى دېگەنلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولسام يىراقتىكى خىرىدارلىرىمغىمۇ شۇنداق ئوبدان مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشتىم. مەن مال ئەۋەتىپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقىلى 4-5 يىل بولغان 8-10 قېتىمدىن ئارتۇق مال ئەۋەتكەن خىرىدارلىرىم خىلى بار. بۇنى 80خالتا بلوگىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋە مېنىڭ خىرىدارلىرىمغا بولغان سەمىمىيتىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    2. ئىمكان بار ئىجادىي، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېمىلار كۆپلەپ يېزىلدى.
    3.بلوگ يېزىشتا ئاساسلىقى تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان ياشلارغا زۆرۈر مەزمۇنلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈندى. بۇمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ 80خالتا بلوگىنى ياقتۇرۇپ كۆرىشى ھەم بلوگ باھالاش پائالىيىتىدە ئاكىتىپلىق بىلەن 80خالتا بلوگى ئۈچۈن بىلەت تاشلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
    4.بلوگ تېمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. مېنىڭچە بلوگنى زىيارەت قىلغان ئادەم ھەر قىتىم كىرگىندە يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك ھېس قىلالىسا كۈندە بولمىسىمۇ 2-3 كۈندە بىرەر قىتىم كىرىپ يوقلاپ باققۇسى، ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ چىققۇسى كىلىپ قالىدۇ. ھەر كىرگىنىدە يېڭىلىق ھېس قىلالمىسا بىرەر ئۆزگىچىلىك، خاسلىق بولمىسا ئۇ تورداش مەزكۇر بلوگ ئادرىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشى مۇقەررەر.
    زىيارەت مىقدارى كۆپ بولغان ئىكەن تەبئىيلا تورداشلارنىڭ ھەر خىل پىكىر-سۇئاللىرى يېڭى تېمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى تەقەززا قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن. بەزى تورداشلار دۇكانغا كىلىپ قالسا شۇنداق ھاياجانلىنىپ سوراپ كېتىشىدۇ – 80خالتا بلوگدىكى مەزمۇن-تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى سىلى يازاملا؟ قانداق يېتىشىپ بولالايلا؟ سىلى شۇنداق جان كۆيدۈرۈپ بلوگ يازسىلا سىلىگە بىرەر يەردىن پۇل بىرەمدۇ؟ ئىشقىلىپ بەك ئېسىل، پايدىلىق ئىش قىلىۋاتىلا، سىلى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ سالامەتلىكىم ھەققىدە مۇڭداشماقچى ئىدىم دېگەنلەرنى بىر خىل ئىشەنچ، چوڭ كۆرۈش تۇيغۇسىدا زوق-شوق بىلەن ئېيتىشىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ بلوگ يېزىپ چارچىغىنىمغا ھاردۇقۇم چىقىدۇ، قىلغان ئەجرىمدىن سۆيۈنۈپ قالىمەن.
    5. 80خالتا بلوگىمنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر ئامال – باشقا بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، مۇنبەرلەردىكى ئەھمىيەتلىك يېزىلغان تېمىلارغا كىرىپ سۈپەتلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئىنكاس بىلەن بىللە ئىز قالدۇرۇپ مېڭىش، يەنى مۇنبەرگە تېزىملاتقان ئېسىمغا ئىمزا شەكلىدە بلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇش قاتارلىقلار. قالغىننى ئاستا-ئاستا ئورتاقلىشارمىز!

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      بىرزات ھەكىم ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر بلوگگىرلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋاپپەقىيەت قازانغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!
      ئۆز نۆۋىتىدە ، باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدە ئويلىغان ئويلىرىنى، ئۆزىنىڭ بلوگ نەشىر قىلىش يولىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئۇشبۇ تېما ئىتىبارىدا ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
      تەدبىركار كەبىي ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان سەركىلەر ۋە يەنە جېك، تەكلىماكان كەبىي ئاتامانلار بۇ تېمىغا پىكىر قوشمىسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولىدۇ ، ئەلۋەتتە!

  8. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ئاۋۋال ئورۇن ئەپ قوياي، مۇشۇ توغىرلىق بىلجىرلىغۇم بار

  9. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ يۇقىرىدا دىۋان ، ئورۇن – كۆرپە تۇتۇپ ئېغىناپ ياتقان ئۇيغۇربەگ، سەھرالىق، ئەرك قاتارلىق بلوگگىر دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكرى بايانلىرىغا قاراپ قالدۇق ، كۆپچىلىكنى بىتاقەت قىلىشمىغايلا !

  10. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    مەن شۇ بالدۇر باشلىغانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاشقىلا تۇرغان ئوخشايمەن. ھازىرچە «ئېلىپ» «بە» گە كېيىنچە … :oops:

  11. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بلوگلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۈكسەل ۋە باشقا بىر قىسىم تورداشلار كۆرسىتىپ ئۆتكەچكە،بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگۈم كەلمىدى،شۇنداقتىمۇ ئەينى چاغ 10 چوڭ بلوگ سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن چاغدا ئالغان تەسىراتىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.

    مەزكۇر پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىر كۈزىتىپ كەلدىم.بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر مېنى ئازراق ئويلاندۇرغان بولسىمۇ،ئەمما،يۈكسەلجاننىڭ ئەتراپلىق ھەمدە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،بۇ مەسىلىلەر پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىدى.بولۇپمۇ،بېلەت تاشلاش داۋامىدىكى ساختىلىقلار مېنى سەل ئەنسىرىتىپ قويغانىدى(كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)،ئەمما،تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلار بىلەن بۇ ساختىلىقلار ساقىت قىلىندى.ئەمما،قايىل بولماي تۇرالمايمەنكى،بلوگ تاشلاش كۆزنىكىگە ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ھەقىقەتەن ئىسىلكەن،ساختا بېلەت،ساختا IP ھەممىنى سۈزۈپ چىقالايدىكەن ئەمەسمۇ،تېخنىكا ھەي تېخنىكا!…

    ئەينى چاغ،بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ-پىكىر بېرىش باسقۇچى شۇنداق قىززىق باشلانغان ئىدىيۇ،كەينىدىكى باسقۇچ،يەنى بلوگغا نامزات بىرىش باسقۇچىدا يۈز بەرگەن بىرقىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى ئويلاندۇردى.بىر بلوگنىڭ <> ئىشلىتىپ،نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىنىشى،ئەمما بلوگگېرنىڭ بۇ جەرياندىكى نارازىلىقى؛يەنە بىر ياش بلوگگېرنىڭ كىچىككىنە ئىش تۈپەيلى ئاچچىقلىنىپ،باشقا بلوگگېرلارغا تەسىر كۆرسۈتۈشى-مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ھەمدە تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ كونكىرىتنىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇمۇمىي تاشلانغان بېلەت سانى بىزنى بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئويلىنىشقا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.بۇ قېتىم مەزكۇر پائالىيەتتە جەمئىي 2089 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ،80 خالتا بلوگىدىن باشقىلارنىڭ بېلەت سانى 500گە يەتمىگەن.ناۋادا،نۆۋەتتىكى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى بىلەن بېلەت سانىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ باقىدىغان بولساق،بۇ يەردىكى پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھىس قىلىمىز.بۇنى مەن بلوگ دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇتقان ئورنى بىلەن مەزكۇر پائالىيەت تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن بىرىكتۈرۈپ چۈشەندىم.

    يەنى،ئۇيغۇرلاردا تورغا چىقىدىغانلار كۆپ،ئەمما،بلوگنى بىلىدىغانلار ھەمدە چۈشىنىدىغانلار ئاز(خۇددىي،قايسى كۈنى يۈكسەل بلوگىغا چۈشكەن بىر ئىنكاس،يەنى يۈكسەل بلوگىنى بلوگلىق ھالەتتىن،توربېكەت ھالىتىگە ئۆتۈشى ھەققىدىكى تەكلىپتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىمىز).ھەتتا،ئۆمرىدە بلوگ دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىرقىسىم تورداشلارمۇ بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ،ساختىلىق قىلىشقا قاتناشقان.

    ئاندىن،تەشۋىقات ئانچە يېتەرلىك بولمىغان.گەرچە،بىرقىسىم بلوگلار ھەمدە توربېكەتلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ،قوللىشىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما،نۇرغۇنلىغان نۇپۇزلۇق بېكەتلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە نەزىرىنى ئاغدۇرمىغان.پائالىيەتمۇ تۇيۇقسىزلا باشلىنىپ(يەنى،1-ئۆكتەبىر كۈنى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ،كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ پائالىيەتتىن كىچىكىپ خەۋەر تاپقان)قالغاچقا،تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلىشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ چىقىرالمىغان…

    ئۇنىڭدىن باشقا،مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدىم.

    1.بلوگگېر دوستنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە:بلوگ يېزىۋاتقان دوستىمىز بلوگنى كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ئاچتىمۇ ياكى مەقسەتلىكمۇ؟ خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە بىرقىسىم بلوگلارنى كۈزىتىپ كەلدىم،بۇ بلوگلار ھەقىقىي نۇقتىدىكى تورخاتىرىسى بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى،شۇنداقلا كۈندىلىك ئوي-پىكىرلىرىنى قالدۇرۇپ ماڭىدىكەن.ئۇيغۇرلاردا بۇخىل بلوگلاردىن 80خالتا بلوگىنىڭ بۇ جەھەتتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بلوگ دەپ قاراشقا بولىدۇ.ناۋادا،بلوگنى غەرەزسىز ئېچىپ،يەنى مودا قوغلاشقاندەك ئېچىپ توختىتىپ قويسا….شۇڭلاشقا،بلوگنى يېڭى باشلىغان بلوگگېر دوستلار ئاۋۋال،بىزمەزگىل ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى كۈزىتىپ بېقىشى،شۇ جەرياندا ئۆزىنى دەڭشەپ بلوگ يېزىش-يازماسلىقنى بەلگىلەپ چىقىشى زۆرۈر.

    2.بلوگ دىگەن كىشىنىڭ مېڭىسىدىن چىقىشى كېرەك،ئۇنى ھەرگىزمۇ ئويۇن مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.دېمەكچىمەنكى،بىر بلوگگېر بولغان كىشى بلوگىدا چوقۇم ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يارىتىشى كېرەك.بىركۈنى سەھىيە،بىركۈنى خېمىيە،بىركۈنى گېئومېتىرىيە،بىركۈنى بىئولوگىيە يېزىپ ئۆزىنىڭ شۇنداقلا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋەتسە ياخشى بولمايدۇ،ئۆزىمۇ ئاسان چارچاپ قالىدۇ.شۇڭلاشقا،ئۆزى قىزىقىدىغان ھەمدە يازالايدىغان بىر ساھەنى تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭسا ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلۇدۇم.شەخسەن ئۆزۈممۇ،ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا،قىسقىسى يېڭىلىقلارنى كوچىلاپ بېقىشقا قىزىقىدىغان بولغاچقا،ئىزدىنىشدىن ئېرىشكەن يېڭىلىقلارنى شۇ ھامان تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايمەن،بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ خۇش بولىمەن،ھاردۇقۇممۇ چىقىدۇ…

    3.بلوگ يېزىش بىر ئۇزۇن جەريان،دەسلەپ باشلىغاندا،زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەن بولىشى مۇمكىن،بەزى چاغلاردا ئايدا بىر ئىنكاس چۈشمەيدۇ.ھىچ ۋەقەسى يوق،بلوگگېر چوقۇم سەۋىرچان بولۇپ،بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم،ھامان بىركۈنى ئورتاقلىق ئوي-پىكىرگە ئىگە تورداشلار بلوگ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ.

    4.بلوگ يېزىش بىلەن تەڭ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش.بۇنى مۇنبەرلەردە تىما يوللاش،ئىنكاسلاردا تورئادرىسىنى قالدۇرۇش،ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرسا بولىدۇ…

    ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ چىقىش يۇلى نەدە؟

    مەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلمايمەن،گەرچە تورغا خېلى بالدۇر كىرىشكە باشلىغان بولساممۇ،ئۇيغۇر تورچىلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغۇدەك بىلىمگە ئىگە ئەمەسمەن.ئەمما شۇنى ھىس قىلدىمكى،ئۇيغۇر بلوگچىلىقى-ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى مۇنبەر ۋە ناخشا-مۇزىكا بەتلىرىدەك ئاۋات ئەمەس.بۇنى بىزنىڭ تورغا چىققۇچىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساپاسىدىن كۆرىمىز ئەلۋەتتە…

  12. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    قارىغاندا ئەمدى گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭىمۇ كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ. توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ باقاي ئەمىسە.
    ئۇيغۇر بلوگچىلىقى مەيدانغا كېلىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بلوگچىلىقنى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بەكمۇ ۋاي دەپكەتكۈدەك نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ كەتمىدى، بلوگ ئۇقۇمى يەنىلا شۇ بلوگ يازىدىغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ. بلوگ دېگەن نېمە؟ بۇنى بەلكىم قىسمەن بلوگگېرلارمۇ تۇلۇق بىلمەسلىكى مۇمكىن، ھازىرغا قەدەر نامى بلوگ بولغىنى بىلەن ئەمما تور بەت شەكلىنى ئېلىپ قالغان بلوگلارمۇ يوق ئەمەس، بىزنىڭ بلوگ خاسلىققا ئىگە بولىشى كېرەك دەپ بار كۈچىمىز بىلەن توۋلىشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈنكى خاسلىق بىر مۇستەقىل بلوگنىڭ تۆۋرۈكى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خاراكتىرى، مىجەز خۇلقى بولغانغا ئوخشاش ھەر بىر بلوگنىڭمۇ شۇ بلوگگېرنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان خاسلىقى بولىشى كېرەك، خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىيالماسلىقىدىكى سەۋەپ نېمە؟
    بىرىنچىدىن، گەرچە ئۇيغۇر بلوگچىلىقى مەيدانغا كەلگىلى بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ئەمما دەسلەپكى يىللاردا بلوگ قۇرغۇچىلاردا بلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيلا قالايمىقانلا نەرسە يوللايدىغان، قىسقىغىنە پايدىنى كۆزلەپلا بلوگ قۇرۇپ باقىدىغان، بلوگنى تور بەت ۋە ئۇلىنىش بېتى قىلىپ ئېلان بېرىپ پۇل تېپىشقا بەكلا ئالدىرايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ بۈگۈن ئاچسا ئەتە يوق بلوگلار ئارقىمۇ ئارقا مەيدانغا كېلىپ بىر مەزگىل قىسقا مۇددەتلىك بلوگ پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇنىڭلىق بىلەن بەزى كىشىلەردە بلوگدا ھېچقانداق پايدىلىنىدىغان نەرسە يوق، توردا بار نەرسىنى كۆچۈرۈپلا يوللايدىغان مۇشۇنداقلا نەرسىكەن دېگەن قاراش پەيدا بولۇپ قالغان.
    ئىككىنچىدىن، قىسمەن داڭلىق ئۇلىنىش بەتلىرىدە ھەرقايسى ئۇيغۇرچە ۋە ياكى خەنچە تور بەتلەرنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان ئاساسى بەتلەرنىمۇ (主页) بلوگ نامىدا ئۇلىنىش بەتلىرىگە چىقىرىپ ھەقىقى بلوگ بىلەن بۇنداق يالغان بلوگلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن تورداشلارنىڭ كاللسىدىكى بلوگ دېگەن ئۇقۇم يەنە بىر قېتىم خىرەلەشكەن.
    ئۈچىنچىدىن، بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ تورغا چىقىدىغان كىشىلىرىنى %10 دەپ ئالساق، دېمەك بۇ %10پىرسەتنىڭ %6 تى پەقەت ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، پاراڭلىشىش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈنلا تورغا چىقىدۇ، پەقەت %4 يېقىن كىشىلا ھەر قايسى مۇنبەرلەردە، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان تور بەتلەردە ئارىلاپ يۈرۈيدۇ، دېمەك مۇشۇ %4 نىڭ %1 كىمۇ يەتمەيدىغان كىشىلەرلا بلوگ دېگەن نەرسىنىڭ بىزدىمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭدىمۇ خېلى پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەر بارلىقىنى بىلىدۇ، دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ تورغا چىقىش مەقسەت مۇددىئارىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس (بۇ سانلىق مەلۇماتلار پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىللىق تور تارىخىمدا ھېس قىلغانلىرىمغىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ)
    تۆتىنچىدىن، ھەر قايسى جاپاكەش «جانابى كۆچۈرمىكەش» دوستلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى بلوگلاردا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى رۇخسەتسىزلا باشقا مۇنبەر ياكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىشى، شۇ يازمىنى يازغۇچى بلوگگېرنىڭ ئۆز بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (شەخسەن پېقىرنىڭ بلوگىدىمۇ تەرجىمە فىلىملەرنى تورغا يوللاپ ئۆز بلوگومدا ئېلان قىلغۇچە ماراپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ كىنو سەھىپىسىدە ئېلان قىلىدىغان ئىشلار بىر قانچە تور بېكەتلەردە ئورتاق كۆرۈلگەن، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمۈدۈم)
    دېمەك يۇقىرىدىكى بىر قانچە سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھازىرغا قەدەر تېخى كەڭ تۇنۇلالمىدى، ئۇنداقتا بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك
    ئالدى بىلەن ئىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، يەنى، بۇنىڭدا يەنىلا ئالدى بىلەن توۋلايدىغان مۇقامىمىز يازغان بلوگىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلسۇن، تور دۇنياسىدا ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئۇسلۇبنى ياراتسۇن، شۇندىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ، كىشىلەردە ماڭا مۇنداق نەرسە كېرەك بولسا ئۇنداقتا ماۋۇ بلوگدا شۇنداق نەرسىلەرنى يوللايتتى دېگەن ئۇقۇم ئاستا ئاستا پەيدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەريان، ئەمما كونىلار توغرا ئېيتقان «سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن»دەپ
    ئىككىنچىدىن، بلوگ پاخالچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىز ئۇلىنىش قىلغان بلوگلارغىمۇ چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بلوگنىڭ دوستانە ئۇلىنىشىمۇ يەنە بىر بلوگنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم يول، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلىنىش قىلماقچى بولغان بلوگلارنىڭ زىيارەت ئەھۋالى، يېڭىلىنىش ئەھۋالى….. قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۈزەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلىنشقا قېتىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، گەرچە بۇ ئۇسسۇل بىلەن قىسمەن تورداشلارنىڭ ۋاقىتلىق كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويساقمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، شۇنداقلا بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى قۇرۇلغان بلوگلارنى يەكلەش ئەمەس، بەلكى بلوگ ئاتالغۇسىنى ساپلاشتۇرۇش، يېڭى قۇرۇلغان بلوگلارمۇ تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن دەرىجىگە كەلگەندە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇلىنىشقا قاتىدىغان بلوگلار چىقىدۇ
    ئۈچىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بلوگ بىلەن ئاساسى بەت (主页) نىڭ چەك چىگرىسىنى ئايرىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا ھەر قايسى ئۇلىنىش بەتلىرى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئۇلىنىش.كومدا بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر، دېمەك شۇ ئۇلىنىش بېكەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولسىمۇ بلوگ ئۇقۇمىنى ئاساسى بەت (主页) بىلەن ئايرىپ چىقىشىمىز كېرەك
    تۆتىنچىدىن كۆچۈرمىكەشلىك، بۇنىڭغا مېنىڭچە ئامال يوقمىكىن، شۇنچە دېسەكمۇ بۇنداق شەرەپسىزلەر يەنىلا چىقىشى مۇمكىن
    مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم پەقەت مۇشۇنچىلىك بۇندىن سىرت دوستلاردا بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل كۆز قاراشلار بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغانلار قانداق قارايدىكىن؟

  13. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    مەن ئادەتتە ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆزلىيەلمەيمەن (مۇئەللىم تېخى!) شۇڭا بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىمنى قىسقىچىلا دەپ ئۆتەي:

    راست گەپنى قالغاندا ، بىز يەنىلا ئېنتېرنت مەدەنىيىتىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن چىقىپ كىتەلمىدۇق ،بۇ بىز قاقشاۋاتقان بۇ ھەقتىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كېلىش مەنبەسى .
    دەرۋەقە ،ھازىر تورغا چىقالايدىغان ئۇيغۇرسان جەھەتتىن كۆپەيدى ،لېكىن رېئال تۇرمۇش بىلەن بۇ مەۋھۇم تۇرمۇشنىڭ گىرەلىشش دەرىجىسى يۇقىرىدا ئىيتىلغاندەك .بىرقەدەر كونكرت ئىيتساق تورغا چىقالايدىغانلىرىمىزنىڭ تەخمىنەن %60ى توربەتلەرنى كۆرۆپلا قويىدۇ ،%20ى خىلمۇخىل ئۇششاق-چۈشەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ،10%ى خىزمەت،ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارئۈچۈن پايدىلنىش قۇرالى سۈپىتىدىلا پايدىلىنىدۇ ..قالغان %10 ى توربەت،بلوگ ياساش -يېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
    مىنىڭ بۇ پەرەزىي سانلىق مەلۇماتىمغا ئاساسلانغاندا بىز دەۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغان ،كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم ئاساسەن ئاخىرىدكى 10% ئادەملەردۇر ..
    ئەمدى بۇ بلوگ مەسلىسى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلساق ، بلوگ دېگەن تېگىدىن ئىيتقاندا «توردىكى كۈندىلىك خاتىرە»دىن ئىبارەت ،ئۇنىڭ ئەسلى مەلۇم بىر ئىجدىمائى مەسئۇليىتى ياكى ۋەزىپىسى بولۇش -بولماسلىقى بلوگ يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئىش . بىز ئەسلى بلوگنىڭ ئەسلى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتۇق ،لېكىن بۇنى خاتا دېگىنىم ئەمەس ،دېمەكچى بولغىنىم ،نۆۋەتتە بىز دەۋاتقان ھەقىقى بلوگلىرىمىز ،ئاللاقاچان ئادەتتىكى تورخاتىرىدىن ،ئەتىراپتىكىلەرئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان تور ئەپكارىغا ئايلاندى …
    ئۇنداقتا ،بۇنى ھازىرقى شارائىتىمىزدا قانداق قىلىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىلىش مۇھىم بولۇپ قالدى . مېنىڭچە تۈرلۇك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە بلوگ ئۇقۇمىنى تونۇشتۇرۇش ، بلوگ يازغۇچىلار قوشۇنى ئۆزىنىڭ بلوگلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى سۈپىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار قىلىش ،چوڭ بىكەتلەر (بىزدىكى چوڭ بىكەتلەر ھازىرچە كۆرۆرمەن كۆپ كىرىدىغان بىكەتلەر ) بىلەن ئالاقە باغلاپ شۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزدە باربولغان بايلىقلارنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك .
    ئۇيغۇر بلوگلىرىمۇ ھامان بىركۈنى تور ئاممىسنىڭ ئاساسلىق زىيارەتگاھى ۋە ئىدىيە ، بىلىم ، ئۇچۇر …تارقىتىدىغان ۋاستىسى بولۇپ قالىدۇ .

  14. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    مەن گەرچە بۇ سەپكە يىڭى قېتىلغان بولساممۇ ئۆزەمگە تۇشلۇق ھېس قىلغانلىرىمنى بايان ئەيلەپ باقاي .

    ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى يىڭى بارلىققا كېلىپ ھازىرغىچە خېلى ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئېگە بولدى . ئەمما تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بىلوگ دىگەن بۇ سەھېپە ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنىچىلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتالمىدى . بۇنىڭ مېنىڭچە مۇنداق بىر قانچە سەۋەبى بولسا كېرەك .
    1- بىلوگ نامى يەنى بىلوگ دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەسلىك ياكى يىڭىلىققا كۆنەلمىسلىك سەۋەب بىلوگلاردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئىزدىمەسلىك . ھازىرقى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بىلوگنى كۆپىنچىسى خۇددى 33591 غا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان بىلوگ سۇپسىدىنلا چۈشىنىش بەك ئېغىر . ھەتتا نۇرغۇنلىرى بىلوگباس ، ۋوردپىرېسس دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرىدۇ خالاس . ياخشىلىرىنى چۈشەندى دىگەندىمۇ ئۇنى بىر بىلوگ ئەمەس بەلكى بىر تور بەت دەپ چۈشىنىش ( نۇرغۇن تورداشلار تورخۇمار ، يۈكسەل ، تەدبىركار 80 خالتا قاتارلىق نادىر بىلوگلارغا كۈندە كىرىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ بىر بىلوگ ئىكەنلىكىنى تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ .) مانا بۇ بىزدىكى ئېغىر مەسسىللەرنىڭ بىرى . شۇڭا بىز بىلوگگېرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىكىمىزدىن تەشكىللىنىپ بىلوگ دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بارلىق ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىغا چۈشەندۈرۈش كېرەك . بولسا چوڭ بولغان بىرەر بىلوگ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلسا تېخى ياخشى .

    2- ئۇيغۇرلاردىكى داڭلىقلارنىڭ بىلوگ يازماسلىقى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى چەت-ئەللەردە بىلوگ يېزىش ناھايتى ئوموملاشقان . يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەربابلار بولسۇن ياكى ئالىم ئۆلىمالار بولسۇن ھەممىسىنىڭ بىلوگ يېزىش خاھېشى شەككىللەنگەن . بىزدىچۇ ؟ بىلوگنى كىلملەر يېزىۋاتىدۇ ؟ قايسى داڭلىقلىرىمىزنىڭ بىلوگى بار . بىلوگ يېزىش تۇرۇپ تۇرسۇن ھەتتا تېخى مۇنبەر يۈزىدىمۇ ساناقلىقلا ئەدىبلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىمىز . بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ ئەدىب -يازغۇچى ،ئالىملىمىز بىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ . مۇشۇنداق شارائېتتا ئالدى بىلەن ئەشۇ داڭلىقلىرىمىز باش بولۇپ بىلوگ يېزىشنى باشلىغان بولسا ئەلۋەتتە بىلوگ دىگەن بۇ ئۇقۇم نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ قىزىقىش ئوبىكتى بولۇپ قالاتتى .

    3- چوڭ چوڭ ئۇلىنىش بېكەتلىرىدىن بىلوگلارغا بېرىلگەن ئورۇن بەكلا ئاز . ( بۇ جەھەتتە ياخشى ئۇلىنىش بېتى جىق كۈچىدى ، شۇڭا يۇقىردا دىيىلگىنىدە ياخشى بىلوگى نەزەردىن ساقىت قىلىندى ) . بىلوگ يازغۇچىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى كىرىم قىلىشى ئۇخلاپ چۈشى ، كىرىم قىلدى دىيىلگەندىمۇ بىلوگنىڭ ئۆز خىراجىتىدىن ئاشمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇلىنىش بىكەتلىرىمىز بىلوگگېرلاردىن ھەق تەلەپ قىلماي ياخشى ئورۇن بوشىتىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ يىڭى سەھېپىسى ئۈچۈن بىر كىشلىك مەجبۇرئيىتى بار ئېدى .

    ئۆزەم يىڭى بىلوگگېر بولغاندىكىن مۇشۇنچىلىك دەي …

  15. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئۇيغۇر بلوگلىرى توغرىسىدىكى بۇ مۇنازىرە ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. دەل مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مەن 2011-يىللىق ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ بىر يىللىق پىلانىنى تۈزىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەنچە ھەرقانداق ئىش پىلان بويىچە مەلۇم مۇددىئا مەقسەت بويىچە ماڭغاندا تەرتىپلىك ۋە بىر قەدەر مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەيلى چوڭى دۆلەتتىن كىچىكى يېزىلىق ھۆكىمەتكىچە ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يىللىق پىلانى ھەتتا 5 يىللىق پىلانى بولغىنىدەك يېتىشىۋاتقان ۋە ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭمۇ پىلانى بولىشى كىرەك دەپ قارايمەن. ھەمدە بۇنداق پىلاننىڭ بولىشى ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تېز سۈرئەتتە كەڭ خەلق تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىشىغا ئېرىشتۈرىدۇ دەپ قارايمەن. خەلقىمىزدە ‹‹بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار›› دەيدىغان سۆز بار. شۇڭا مەن ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    تۆۋەندە مەن بىر قانچە تەرەپنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

    1. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر شۇئارى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. بۇ شۇئار ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ خاسلىقىنى ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى كۈچلۈك دەرىجىدە جەلىپ قىلالايدىغان بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

    2. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى مۇنبەرلەرنى ئۆزىنىڭ بلوگلارنى تونۇتۇشتىكى يەنە بىر سەھنە قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ھەر بىر بلوگگىر ئۆزىنىڭ مۇنبەردىكى ئىمزاسىغا بلوگىنىڭ ئۇلىنىشىنى چىقارسا بۇ تەبىئىيكى نۇرغۇنلىغان تورداشلاردا ئاڭ جەھەتتىكى غىدىقلاشنى قوزغاپ بلوگقا بولغان يۇشۇرۇن ئىنتىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. دىمەك ئۇيغۇر بلوگلىرى بۇنى يۇشۇرۇن ئۇرۇش تاكتىكىسى قىلسا تامامەن بولىدۇ(چەۋەندازلار بلوگى ئۆزى ئاساسلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇنبەرلەردە ئىمزاسىغا بلوگىنىڭ ئۇلىنىشىنى چىقىرىپ كېلىۋاتقىلى 3 يىلغا يېقىنلاپ قالدى). بۇ ئارقىلىق ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنبەرلەردىكى باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزالاردا ھەربىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزى-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان بلوگىنىڭ بولۇش ئىستىكىنى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا قوزغاش، ئاندىن شۇ ئارقىلىق باشقا تورداشلاردىمۇ بلوگقا بولغان تەلپۈنۈشنى شەكىللەندۈرۈش. بۇ تۈر پىسخىكىلىق تەدبىرگە كىرىدۇ. يەنى بلوگگىرلار پىسخىكىلىق ئۇرۇش قىلىدۇ.

    3. ئۇيغۇر تورلىرىدا خۇددى خەلقارالىق توربىكەتلەردىكىلەرگە ئوخشاش تور بىكەتنىڭ باش بېتىدىن بلوگلاردىكى نادىر يازمىلارنى ۋە جەمىيەتتە قىززىق نوقتا بولىۋاتقان بلوگ يازمىلىرىنى كۆرسىتىدىغان رامكىدىن بىرنى كۆپەيتىش. سىز سۇمرۇغ، سىنا…دىگەندەك توربىكەتلەرگە كىرسىڭىز بلوگلاردىكى ھەرخىل مۇلاھىزىلەرنى يەنى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلە، تارىخ…قا ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى يازمىلىرىنىڭ باش بەتتىكى مەخسۇس ئاجرىتىلغان‹‹ بلوگ يازمىلىرى›› سەھىپىسىنى ئۇچرىتىسىز. بۇ ئەھۋال تەبىيلا بلوگقا بولغان قىزغىنلىقنى قوزغىغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۆزىنىڭ تور بىكەتلىرىگە ‹‹شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرچە توربىكەت››،‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرچە توربىكەت›› دىگەندەك ئىزاھات بېرىۋالغان توربىكەتلەرنىڭمۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر بوشلۇق ۋە كەمچىلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئاندىن ئۆزلىرىگە شۇنداق ناملارنى قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك كۈندە يازما يېڭىلاپ تۇرغىدەك يېڭى ۋە جەلىپ قىلارلىق يازمىلىرى بارمۇ دىگەننى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىمىز كېرەك. ئېنىقكى بۇ ئۇيغۇر توربىكەتلىرىنىڭ خەلقارالىشىشتىكى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇقەررەر بىر يۈزلىنىشى، شۇڭا ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يازمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىشى ۋە سېستىمىلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە مەن بايقىغان ئۇيغۇر بلوگلىرىدىكى يازمىلارنى ئۆز توربىكىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسى قىلىپ ئېلان قىلغان بىر توربىكەتنى كۆردۈم، ئۇ بولسىمۇ ‹‹ياخشى تورى›› دىمەك تۇنجى قەدەم بېسىلغان ئىكەن تىرىشساق بۇ مەنزىلمۇ يىراق ئەمەس. لېكىن بۇ توربىكەتتىكى بلوگ يازمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ تېز ئەمەس. بىر تېما ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېنىقلا ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىكەن دىگەن تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى تور بىكەت پەقەت مۇستەقىل نامدىكى بىرىنجى دەرىجىلىك ئىسىمدىكى بلوگلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان. ھالبۇكى ئۇيغۇرلاردا مۇستەقىل نامدىكى بلوگلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز. ئاساسىي ئېقىم بولغان ئىككىنجى دەرىجىلىك بلوگلاردىن يازمىلار تاللانمىغان. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلسە دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن.
    بۇ قەدەم ئوڭۇشلۇق بېسىلسا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارالىق يىمىرىلمەس تەمسىلى ‹‹ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالىيىپتۇ›› دىگەن ئەھۋال تەبىيلا شەكىللىنىپ ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇنغا ئېرىشكەن بلوگلارنىڭ تەبىيلا داڭلىق شەخىس ۋە ئالىم، يازغۇچى، مۇتەپپەككۇر،سىياسىيونلارنىڭ قىززىقىشىنى قوزغاپ بىز قىلماقچى ۋە يەتمەكچى بولغان مۇددىئايىمىزغا يېتىمىز!

    4. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ سانىنى مۇشۇ يىلدا مىڭدىن ئاشۇرۇش پىلان قىلىنسا دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن. بەلكىم تىزىملاتقان سانى يىتىپ قېلىشى مۇمكىن لىكىن ئەمىلىي يېزىۋاتقانلار ئاز. شۇڭا بىز تىرىشىش ئارقىلىق بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك ئېنىقكى ھەرخىل كەسپىي بلوگلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۈرگە ئايرىلىشى تېز ۋە ئېنىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭدا بلوگگىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرغۇلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

    5.ئۇز بلوگدەك مەخسۇس ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئۇلىنىش توربىكىتى بولىشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ قايتىدىن رەتلەپ ئېچىۋېتىلگەن ‹‹ئۇيغۇربەگ بلوگ جەمگاھى›› ئىنتايىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بلوگلاردىكى يازمىلار جەمگاھى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنداق توربەتلەرنىڭ بولىشى ئۇيغۇر بلوگلىرىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

    تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرى بولسا پىكىرلەشسەك ۋە يۇقارقى بەش تۈر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشساق يېڭى-يېڭى ئىددىيە ۋە پىكىرلەرنى بايقىيالايمىز دەپ قارايمەن. ۋە پىلان ئاستىدىكى ئىلگىرلەشنىڭ تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  16. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    مەن يەنىلا كۆپرەك كۆرۈپ بلوگ چۈشەنچەمنى چۇڭقۇرلاشتۇرسام بولىدىكەن.

  17. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    بۇ ماقالىنىلا ئوقۇپ، ئالدىراشلىقتا ئىنكاسلارنى ئوقۇشقا ۋاقت يەتمەي قالدى. مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ تەجىربىسىنى قىسقىغىنا سۆزلەپ ئۆتەي. قېرى بلوگېرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتە گەپ قىستۇرۇشقا شەرتىم توشىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    1. بلوگ – شەخسى تور بەت (دەپ قارالغاندا ) ئۇنىڭ ئالاھىدە بەك چوڭ تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن تور دۇنياسى، ياكى ئۇيغۇرچە بلوگىمىزنىڭ ، ئۇلىنىش توربەتلىرىگە ئوخشاش تورغا چىققانلىكى ئۇيغۇر بىرە قېتىم قاراپ باقىدىغان ھالەتكە يەتكۈدەك تەرەققىياتىدىن ئۈمد كۈتمەسلىك كېرەك. مېنىڭچە 80 خالتا، جېك بلوگ، يۈكسەل ۋە تەدبىركار دىگەن بلوگلار ناھايىتى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
    مەن بۇنداق دەپ بلوگ تەرەققى قىلمايدۇ، مەلۇم يەردە توختايدۇ دىمەكچى ئەمەس، بلوگ يازمىلىرى كۆپۈنچە مەخسۇسلاشقان بولغاچقا، ئۇنىڭغا كىرىدىغان، قىززىقىدىغان ئادەملەرنىڭ سانىمۇ شۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ئادەملەر بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن. مەسلەن مەن ئېنگلىزچە بلوگلاردىن Adsense كە مۇناسىۋەتلىكتىن باشقىنى ئاساسەن ئوقۇمايمەن. تەكلىماكان بلوگ يازمىلىرى يۇمشاق دېتال ۋە داڭلىق تور پروگراممالىرىنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. ئايرىم ۋاقتلاردا ئۆزۈمنىڭ شەخسى ھېسىياتى ئارلاشقان، يازمىلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا يازمىلارنىڭ دائىرسى ئاشۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
    دىمەك بلوگقا ھازىر تونۇلغان bilik ياكى ulinix تورلىرىدەك تەرەققى قىلغان ھالەتكە يەتكۈزىمەن دەپ بەك ئارتۇق ئۈمد كۈتمەسلىك كېرەك. ئەگەر شۇنداق نىيەت بولسا چوقۇم تور بەت قۇرۇش، بلوگ نامىدا ئىش باشلىماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە كۈنىگە نەچچە يۈزمىڭ ئادەم كىرىدىغان mashable, digg, arztechnica دەيدىغان بلوگلار بار، پۈتۈن تور ساھەسىدىكى بلوگلاردىن مىسال ئالغاندىمۇ بۇنداق چوڭ توربېكەتلەرگە ئوخشاش يۈكسەك تەرەققى قىپ كەتكەن بلوگلارنى سانى ناھايىتى ئاز.
    2. سوۋۇپ قالماسلىق كېرەك.
    مەلۇم ئۇنۋېرستىتتىكى بىر پروففېسسور بىر كۈنى ماڭا تېلفون قىپتۇ، سەن كومپيوتېرغا خېلى ئۇستىتىڭ، ھازىر بلوگ دەپ بىر ئوقەت باركەن. مەن بلوگ ئېچىپ، ئۆزەمنىڭ ماقالىلىرىنى چىقىراي، بۇ ئادەم يازغان خېلى كۆپ كىتابلار بار.
    ماقۇل دەپ، بىر كۈن ئولتۇرۇپ ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتىن بىرنى قوراشتۇرۇپ ياساپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەم كۈنىگە 20 پارىچىدىن دىگۈدەك كومپيوتېرىدىغا بارلىكى ماقالىلىرىنىڭ ھەممىنى چىقارغىلى تۇردى، ۋە قانچە ئادەم كىرگەنلىكىنى ساناپ تۇردى. لېكىن بەش كۈن بولغاندا يوق. قارىسام يېڭىلانمايدۇ. ھازىرغىچە يېڭىلىنىپ باقمىدى.
    خەق بلوگ يېزىپتۇ، مەنمۇ يازاي دەپ ۋاش-ۋۇشلا قىزىقىپ، تۆت كۈندە توختاپ قالماسلىق، يېزىشقا توغرا كەلسە بىر ئۆمۈر يازسىمۇ بولىدۇ بۇنى. كۈندىلىك خاتېرە ھىسابىدا.
    3. بلوگ مەزمۇنى
    بەزى يېڭى ئېچىلغان بلوگلارغا قارىساق ئۇچرايدۇ، ناخشا، ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو، ئېلكىتاب چۈشۈرۈش…. خۇددى بلوگ دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ بىرسى بەلگىلەپ قويغاندەك ھەممىسى ئۇ يەردىن، بۇ يەردىن ئۇلاپ قويغان مەزمۇنلار. ھەممە بلوگ ناخشا، ئېلكىتاب تەمىنلىمىسىمۇ بىزدە ئېلىكىتاب بلوگى قاتارلىق مەخسۇس بۇ ساھەگە مۇقىملاشقان بلوگلار بار.
    ئۇنداقتا بلوگدا نىمە يازىمىز؟
    ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى بىلىدىغان نەرسىنى يازىمىز، ئۆزىمىز ئەڭ قىززىقىدىغان نەرسىنى يازىمىز، ئۆزىمىز يېزىشقا ئەڭ ئامراق نەرسىنى يازىمىز.
    سىز بلوگىڭىزدا چوڭ توربەتلەردە تەمىنلىنىدىغان ھەممە تۈرلەرنى قويۇپ، ئۆزىڭىزچە مۇشۇنداق قىلسام ئادەم كۆپ كىرەمىكى دەپ ئويلىغان بىلەن…… سىز ئۇنچىۋالا جېق مەزمۇنلارنى يېڭىلاپ بولالمايسىز. (مىز). ھەم ئۇنداق جېق ئۇنۋېرسال مەزمۇنلارنى بلوگدىن كۆرۈدىغان ئادەملەر يوق دىيەرلىك.
    ياغاچچىلار ئۆز ياغاچچىلىقى ساھەسىدىكى ئىشلارنى، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ھەققىدە، فوتوگرافلار ئۆزى تارتقان ۋە زوق ئالغان رەسىملەرنى…. دىگەندەك ھەممەيلەن ئۆز كەسپى ياكى ئۆزى قىززىققان دائىردە يازسا، بلوگ مەزمۇنى ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق چىقىدۇ ۋە مۇقىم زىيارەت ئېقىمى ئۇزۇنغا قالمايلا شەكىللىنىدۇ.
    تەكلىماكان بلوگدا ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا نۇرغۇن دوستلار ئۆز بلوگلىرىنى ئۇنۋېرسال بلوگ دەپ تەمىنلىدى، مېنىڭچە مۇشۇ ئۇنۋېرسال بلوگ دەيدىغان گەپ تازا جايىغا چۈشمەيدۇ.
    4. زىيارەت ئېقىمى
    زىيارەت ئېقىمى تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىرىنى يۈكسەل ئەپەندى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ. مەن ئۆزۈمنى مىسال ئالسام، تەكلىماكان بلوگ كۈنىگە تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلىدۇ (كۆرۈلۈش سانى، كىرگەن ئادەم سانى ئەمەس). ھەم بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بۇ سان ئىزچىل مۇشۇ دائىردە ئايلىنىۋاتىدۇ. ھەم تەكلىماكان بلوگدا بىر قانچە يىل بۇرۇن ‹كۈندە يۈز دوللار› دىگەن تېما ئارقىلىق كۈنىگە 2000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، يازغۇچى شىياۋچيۇشۈي خانىمنىڭ تەكلىماكان بلوگ ھەققىدە يازغان ماقالىسى ئارقىلىق كۈنىگە 5000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، تەكلىماكان بلوگ يازغان، ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنىڭ ئەھۋالى دىگەن ماقالە ئۇلىنىش تورىغا ياراپ كېتىپ ulinix.cn نىڭ باش بېتىدە چوڭ رەسىملىك باغلانمىسى بېرىلىپ كۈنىگە 1000 قېتىمىدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ….. 200 دىگەن ساندىن بەك ئۆرلەپ كەتمىدى، ھەم چۈشۈپمۇ كەتمىدى. مېنىڭچە بۇ سان بەلكىم (يۈكسەل ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان سەۋەبلەر مەۋجۈد ھالەتتە) مۇقىم زىيارەت ئېقىمى بولۇشى مۇمكىن.
    زىيارەت ئېقىمى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىشى ناتايىن. پەقەت قەتئى داۋاملاشتۇرغاندا … بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قانچىلىك جەريان كېتىدىغانلىقىنى بىركىم ھىسابلاپ چىققان ئەمەس. ئەمما مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرىمەن دەپ، زىيارەت ئېقىمىنى سۈنئى ئۇسۇلدا ئاشۇرۇش تەدبىرى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
    ئەلۋەتتە مۇنبەر ۋە باشقا توربەتلەردە ئۆز بلوگىڭىزنىڭ ئېلانىنى ئانچە-مۇنچە بېرىپ قويمىسىڭىزمۇ خەق بىلمەيدۇ. بولۇپمۇ بىزدە Reader ئىقتىدارى ھازىرلىغان ئۇيغۇرچە چوڭ بلوگ جۇغلانمىسى تور بېكىتى كامچىل ئەھۋالدا يېڭى بلوگلارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىشى خېلى قىيىن مەسلە. بۇنى خەقنىڭ كۆزىگە چېلىقتۇرۇۇپ، داۋاملىق زىيارەت قىلىدىغان قىلىش تېخىمۇ قىيىن
    مۇستەقىل تور نامى ۋە بوشلۇق مەسلىسى:
    نۇرغۇن دوستلارمۇ مەندىن سورىدى، بلوگنى مۇستەقىل تورنامى ۋە مۇستەقىل بوشلۇقتا ئېچىش ھەققىدە پىكىرى بېرىشىمنى ئېيتىشتى.
    مەن ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دىگەنلەر ئانچە چىڭ تۇتۇلمايدىغان چاغدا tekli.cn دەپ مۇستەقىل تورنامىدا بلوگ ئاچقان، ئەمما ئۈچ كۈن بولغاندا قارىسام… بلوگنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر قىزىل رەڭلىك خەت چىقىپ قالدى. بلوگىڭىزدا يوچۇق بار، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپ.
    مېنىڭ بۇ ھەقتە پىكرىم مۇنداق: ئەگەر سىزنىڭ توربەت ياساش ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىز مول بولسا، ھەم توربەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ كېتەلىسڭىز، مۇستەقىل مۇلازىمىتېردا ئاچقان ياخشى. ئەگەر توربەت بىلىملىرىدىن ئانچە خەۋرىڭىز بولمىسا، Blogbus ۋە Blogger لارمۇ بولىدۇ.
    بۈگۈنكى كۈندە ICP ئىلتىماس قىلىش، بوشلۇققا يوللاپ، تەڭشەپ، تورنامىنى ئۇلاپ قىلىش خېلى ئاۋارچىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدە تورنامى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپى تورنامىنى باشقا بوشلۇققا ئۇلاش دىگەندەك نۇرغۇن مۇلازىمەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاۋارچىلىق تېخىمۇ كۆپ.
    شىنلاڭ قاتارلىق توربېكەتلەردە زىيارەت سانى كۈنىگە نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدىغان، ئەمما تور ئادرېسىنى ئەستە ساقلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس 7 – دەرىجىلىك URL دا ئېچىلغان بلوگلار كۆپ…..
    كەچۈرۈڭلار…. تېلفون كەپ قالدى، باشقا ئىشىم بىلەن بۇ ئىنكاسنىڭ داۋامىنى باشقا بىر كۈنى يازاي.
    باشقا بىر كۈنى يازىدىغان ئىنكاسىمدا Team Blog ۋە بلوگنىڭ كىرىمى، تەكلىماكان بلوگنىڭ كىرىمى قانداق بولىۋاتىدۇ دىگەن نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىشىم مۇمكىن.

تەكلىماكان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟