بلوگگىر (Blogger) ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغىنى يۇقىرى زىيارەت ئېقىمىدىن قالسا، زىيارەتچىلەر قالدۇرغان ئىنكاس – باھالاردۇر. ئۇنداقتا بلوگ (Blog) يازمىڭىزغا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟ ئادەتتە، بلوگلارغا ئىنكاس – باھا يازىدىغانلارنى مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1. تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدىگۈچىلەر
بۇ خىل كىشىلەر دائىم بلوگىڭىزدىكى ئۇششاق – چۈشەك خاتالىقلارنى كۆزىڭىزگە تىقىپ، بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بەلكىم ئۇلار كۆرسەتكەن خاتالىقلار ئەمەلىي خاتالىق بولۇشىمۇ ياكى تارازاغا چۈشمەيدىغان تايىنى يوق ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن.
2. سەمىمىي پىكىر – تەكلىپ بەرگۈچىلەر
بۇ خىل كىشىلەر مەيلى بلوگىڭىز ياكى بلوگدىكى يازمىڭىز ھەققىدە بولسۇن، ھەرقاچان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئاۋۋالقى ‹‹ ھەسەلدىن قىل ئىلغايدىغان ›› لارنىڭ پەرقى شۇكى، ئاۋۋالقىسى بېشىڭىزنى ئاغرىتىپ، نېرۋىڭىزنى قوچىسا، كېيىنكىسى كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدۇ. مۇھىمى، كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرى بلوگ (Blog) تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. ئالقىش – ماختاشچىلار
ئالقىش، ماختاش ، رىغبەت ، مەدەت دېگەنلەر كىشىگە روھىي ئوزۇق بولۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاددىيغىنا بىر – ئىككى ئېغىز ئالقىش – ماختاش بىلەن بلوگگىر (Blogger) نىڭ ھاردۇقى چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەر نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەمەن تېتىغاندەك، ماختاش – ئالقىشلارمۇ زىيادە بولۇپ كەتسە ‹‹ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كور قىلىپ قويۇش ›› تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
4. كۆرپە – ساپا تالاشقۇچىلار
قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولغىنى نائېنىق. ئەمما، شۇنداق بىرتۈركۈم كىشىلەر باركى، ئۇلار داڭلىق بلوگ (Blog) ياكى مۇنبەرلەردە تېما بىلەن كارى يوق بىرىنچى ئىنكاس ئورنىنى تالىشىپلا تۇرىدۇ. يازغان ئىنكاس – باھاسىمۇ شۇ ‹‹ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن ، قالتىس تېما ، ساپا ماڭا قاپتۇ … ›› دېگەندەك قۇرۇق پاراڭلار. ئۇلار بەلكىم بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازالغانلىقىدىن پەخىرلەنسە ياكى بۇ ئىشتىن ھۇزۇر تاپسا كېرەك.
5. ئېچىق ئاچقۇچىلار
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك، باشقا بلوگلارغا ئىنكاس قالدۇرساق ، ئۇ بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمىدىن ئۆز بلوگىمىزغا قارىتىپ بىر ئېچىق ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بلوگىمىزنىڭ زىيارەت ئېقىمى ئارتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىنكاس قالدۇرۇش ئارقىلىق زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نۆۋەتتە مەشھۇر SEO ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما، قىزىق يېرى ، بۇ خىل ئېچىق ئاچقۇچىلارنىڭ پۈتۈن ئىسىيادى ئېچىق بېشىدا بولۇپ، بلوگىڭىز ياكى يازمىڭىزغا قەتئىيمۇ قىزىقمايدۇ. ھەتتا ئوقۇپ كۆرمەيلا تاراسلىتىپ ئىنكاس يېزىشقا كىرىشىدۇ.
6. يولۇچىلار
پايانسىز تور دۇنياسىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئازغىشىپ ياكى باشقا مەلۇم توربەتلەردىكى سىز قالدۇرغان ئېچىقتىن كىرىپ قالغان نامەلۇم يولۇچىلار ئەگەر بلوگىڭىزدىن ئۆزلىرى ئۇزاقتىن ئىزدەۋاتقان ، ئەمما ھازىرغىچە تاپالمايۋاتقان نەرسىسىنى تېپىۋالسا ، بەلكىم قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە بىر پاتمان ئىنكاسىنى يېزىپ تاشلىشى مۇمكىن ۋە ياكى ‹‹ ئوقۇپ چىقتىم ، رەھمەت ›› دېگەن ئىزىنى قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
7. تايىقى كەملەر
بۇ خىل كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا خەتەرلىك كود ، ۋىرۇسلۇق ھۆججەتلەرنى بلوگىڭىزغا ئىنكاس شەكلىدە قىستۇرۇپ، بلوگ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى ۋە ياكى بلوگ (Blog) ۋە يازما بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ئېلانلاردىن بىرەر ۋاراق تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بلوگنىڭ ئىنكاس – باھالارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىقتىدارىنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.
خوش – ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلۇق، قېنى سىز يۇقىرىقى 7 خىل ئىنكاسچىنىڭ قايسىسىغا تەئەللۇق ئىكەنسىز ؟ ئەگەر بۇلارغا تەۋە بولمىسىڭىز ئۆزىڭىز قانداق ئەھۋال ئاستىدا باشقا بلوگلارغا باھا – ئىنكاس يازىسىز ؟ ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز …
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگ (Blog) قا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟
مەن ھازىرچە بۇ 7 خىل ئىنكاسچىنىڭ ھېچقايسىسىغا كىرمىگىدەكمەن.
چۈنكى مەن بلوگباستا ئىنكاسنى بەك يېزىپ كەتمەيمەن، چوقۇم يېزىشقا تېگىشلىك بوپ قالسا ئانچە-مۇنچە يېزىپ قويىمەن.
يازمىدا ئاساسەن يازمىغا باھا بەرگۈچىلەر تۈرگە ئايرىلىپ ياخشى تەھلىل قىلىنىپتۇ. بىزدە 4-تۈرگە چۈشىدىغانلار كۆپ ئەمەس، خەنلەردە بىر ئاز كۆپرەك. چۈنكى بىر قىسىم داڭلىق بلوگلاردا بىرىنچى قەۋەتنى ئىگىلەش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تۇنجى قەۋەتنى ئىگىلەشنىڭ مەن ھېس قىلغان ياخشى تەرىپى، يازما بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقنى ساقلاپ تۇرغىلى بولىدۇ، يەنى مەلۇم كىشى يازمىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە بەلكىم ئالدىنقى ئىنكاسلار كۆزگە چېلىقىشى، قىزىقىپ بۇ باھادىكى ئۇلانمىلار ياكى باھالىغۇچىنىڭ ئىسمىدىكى تور بېكەت ئۇلانمىسىنى بېسىپ كىرىپ بېقىشى مۇمكىن.
دەل يۇقارقىدەك سەۋەپتىن تۇنجى قەۋەتنى تالىشىش ئىشى كېلىپ چىققان، ئەلۋەتتە يەنە بىر قىسىملەرنىڭ ئالدىنقى قەۋەتنى تالىشىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىكى پىسخىك مەسىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا مەلۇم يازمىغا مەيلى يازمىدىن ئالغان تەسىرات بولسۇن، ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسۇن، ياكى ئىملاسى توغرا بولغان ھەر قانداق باھانى قالدۇرۇپ مېڭىش يازما ئىگىسىنى، جۈملىدىن ئاپتورنى رىغبەتلەندۈرۈشكە، دىققەت قىلىشقا ۋە يازما يازغاندىكى ھاردۇقنى چىقىرىشقا ئۈندەيدىغان بىردىنبىر ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بولسا ئامال بار يالغۇز قەلەم تەۋرىتىۋاتقان بلوگگېرلىرىمىزنى قوللاپ قويايلى، ياخشى-يامان تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرايلى، بلوگگېرلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بلوگىدا يالغۇز قالمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى قوللاۋاتقان، ھىمايە قىلىۋاتقان ياكى ئۆزىگە قارشى پىكىردىكى باشقا بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلسۇن، بلوگگېرنى يالغۇز قويمايلى!
يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپتىمەن. ئادەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھا يېزىشى ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش، بىراق ياخشى يازمىلارنى كۆرگەندە، ئوقۇرمەنلەر مەنچە چوقۇم تېگىشلىك باھالار بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشى، ھېچ بولمىسا ئىلھام مەدەت سۆزلىرى ئارقىلىق شۇ يازمىنىڭ باھا سانىنى ئاشۇرۇپ، تور بېكەتنىڭ ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىلار قاتارىغا مەزكۇر يازمىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بۇ يازمىغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىشى، ياخشى يازمىنىڭ توپا بېسىپ يېتىپ قالماي تېخىمۇ كۆپ كۆپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
سىز دىگەندەك مەنمۇ دائىم باشقىلارنىڭ بلوگىغا ئىنكاس يېزىپ قۇيىمەن، مىنىڭ ئىنكاس يېزىشىمدىكى مەقسىدىم ئىنىقكى سىز دىگەن 3-تۈردىكىگە ئوخشاش بلوگگىرلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقى چىقسىكەن دىگەننى ئۈمىد قىلىمەن. مىنىڭچە بولغاندا نۇرغۇن بلوگگېر دوستلار بلوگ يېزىش داۋامىدا ھەقىقەتەنمۇ جاپا چىكىدۇ، چارچايدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلار يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ ئۆزلىكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مەدەت بىرىشىمىز، قوللىشىمىز كېرەك.
مېنى سەمىمىي پىكىر-تەكلىپ بەرگۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمغا روخسەت قىلارسىزمىكىن؟
يەنە بىر تۈرنى قوشقان بولسىڭىز مېنىڭچە شۇنىڭغا تېخىمۇ ماس كېلىشىم مۇمكىنمىكىن دەيمەن. يەنى ھوزۇرلانغۇچىلار دېسەك قانداق بولار؟ ھې ھې
بۇ قېتىم بلوگىڭىزنىڭ مەيلى ئۇسلۇب بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن بەك پەيزى بولۇپتۇ جۇمۇ!
مەنمۇ بۇ تۇرلەرنىڭ ھىچقايسىسىغا تەۋە بولماسلىقىم مۇمكىن ،ۋە ياكى نەچچە تۇرگە تەۋە بولۇشىممۇ مۇمكىن .
مەن ئادەتتە ئۆزۇمگە يارىغان تىما ۋە مەزمۇنلارغا ئنكاس يازىمەن( تۇغىرراقى ئۆزۇم چۇشەنگەن ،چىشىم پاتىدىغان تىمىلارغا) ،پىكىر ۋە مەزمۇن يىڭىلىقىغا دىققەت قىلىمەن ،
مەن ئاشۇ ئىسىم،پارول،ئېلخەت تولدۇرۇشدىن ئىرىنىپ….
يۇكسەل ئەپەندى، ياخشىمۇسىز؟
سىزدىن سوراپ باقسام. بىلوگ پۇتكەندە يازما يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسەم بولامدۇ؟ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر ئورنىغا ئەنگە ئالدۇرىدىغان گەپمۇ؟
سىزنىڭ بلوگىڭىز مۇستەقىل تور نامدا ئەمەس بەلكى Blogbus سۇپىسىدا ئىكەن. دېمەك ، سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئەنگە ئالدۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بلوگىڭىزنى يېزىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپ بولمىغان تور يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. ئەنگە ئالدۇرمىغانلىق قانۇننىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نازارىتىدىن ساقىت بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
يا خەنچە ئۇقمايمەن، يا بىلوگ ئۇقمايمەن، يا ئۇستاز يوق. مېنىڭمۇ بىر بىلوگىم بولسىكەن دەيدىغان ئۈمۈدۈملا بار.
تارىم بىلوگى، بىزنىڭ بىلوگ، دۇنيا قارا بىلوگى، تەكلىماكان بىلوگى، ئورخۇن بىلوگى شۇنداقلا سىزنىڭ بىلوگىڭىز بولغان يۇكسەل بىلوگىدىكى بارلىق يازمىلارنى ئوقۇپ، جىجاپ-سىزىپ، تىماپ – تاتلاپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپالىقتا قارابەگ بىلوگىنى قۇرۇپ چىقتىم لېكىن يەنە مەن قىلىشقا تىگىشلىك ۋە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەن ئالدى بىلەن مۇشۇ ئاددىغىنە ئىنكاسىمدا بولسىمۇ سىلەر گە كۆپتىن – كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن! ۋە نامىڭىزلار، ھۆقۇقىڭىزلار، ئىززەت ھۆرمىتىڭىزلارغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈپ قويغان بولسام سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن!
ھە راست بۇجەريانا مەن ئورخۇن بىلوگىنىڭ 2008- يىللاردىكى نۇسخىسىنىڭcss ھۆججىتىنى ئورخۇن ئەپەندىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىشلەتتىم. بۇ جەھەتتىن ئورخۇن ئەپەندىدىن سەمىمىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن!
ئاخىرىدا بىلوگىمنى زىيارەت قىلىپ ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن
ئويلاپ باقسام، مەنمۇ بۇ 7 خىل تۈرنىڭ ھىچقايسىسىغا كىرمەيدىكەنمەن.
مەن كۆپىنچە يازمىلارنى بىر قۇردىن كۆرۈپ چىقىپ، ئۇ يازما توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، ئىنكاس يازمايلا چىقىپ كىتىمەن.