نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىسىم ‹‹ مۇۋەپپەقىيەت نەزەرىيىسى ››

ئىسىمنىڭ ياخشى قويۇلۇش – قويۇلماسلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ، خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشى بولغان نىكاھلىنىش – توي قىلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قاراش سىزنىڭچە خوراپاتلىقمۇ ؟! يېقىندا ئامېرىكا  پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى ئالىي ئوقۇل Shippensburg University نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىلىپ قالغان ياكى شۇغۇللانغان ئۆسمۈرلەر بىلەن نورمال ئۆسمۈرلەرنى سېلىشتۇرغاندا ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىچىدە غەيرىي – غەلىتە ئىسىملار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قارا ئۆڭلۈك ئەلباشى باراك ھۆسەيىن ئوباما ( Barack Hussein Obama ) ئامېرىكا ئەلباش سايلىمى بولۇشتىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ساخاۋەت يىغىلىشىدا، چاقچاق تەرزدە : ‹‹ ناھايىتى روشەنكى، ماڭا بۇ ئىسىمنى قويغان كىشى ھەرگىزمۇ مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەلباش سايلىمىغا قاتنىشىشىمنى ئويلىمىغان ›› دەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قويۇق مۇسۇلمان تۈسىگە ئىگە ئىسمى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن خېلى داۋراڭ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئامېرىكان ياكى ئەمەسلىكى كۆپ غولىغۇلا قىلىنغان ئىدى. قارايدىغان بولساق ئامېرىكىنىڭ يۈرۈكىگە سانچىلغان خەنجەر دېيىلگەن ئوساما بىن لادىن (Usama Bin Laden) بىلەن ئوبامانىڭ ئىسمىدا پەقەت 2 لا ھەرپ ئوخشىمايدۇ. تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن زىيادە ئەنسىرەيدىغان ئامېرىكىدا، ئەگەر ئىسىم – تەگئات ئىسلام پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ قالسا، ئىسىم ئىگىسىگە ئوڭايلا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ھىندىستان چولپىنى شاھرۇھخان (Shahrukh)  ‹‹ مېنىڭ ئىسمىم خان ( My Name Is Khan ) ›› دېگەن كىنونى ئىشلىگەن ئىدى. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شاھرۇھخان ئۆزىمۇ مەزكۇر كىنونىڭ ئامېرىكىدىكى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشماق بولۇپ، ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئاياغ باسقاندا، ئىسلام پۇراپ تۇرغان ئىسمى سەۋەبلىك ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن 2 سائەت تۇتۇپ قېلىنغان، ئاخىرىدا ھىندىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قۇتۇلغان ئىدى…
غەربتە ، ھەربىر ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا، مەزكۇر ئىسىمنىڭ بالىسىنىڭ ئۆزگىچە بەلگىسى بولۇشىنى، بالىنىڭ ئىسمى سەۋەبلىك ئەتراپىدىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا كۆزگە چېلىقىپ ، دىققەت – ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسىم بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ئۇزاق مۇددەتلىك پسىخىكىلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى روھىي كېسەللىكلەر ئارخىپلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل بىمارلار ئارىسىدا ئىسمى غەلىتە ئادەملەرنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇندىن باشقا، قارشى ئېلىنمايدىغان ئىسىم قويۇلغان بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش ، ھەتتا جىنايى يولغا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن.
ئوھىئو ئالىي ئوقۇلى ( Ohio University ) نىڭ پروفېسسورى James Browning نىڭ قارىشىچە، بىر كىشىگە پەقەت ئۇنىڭ ئىسمى – شەرىپىگە قاراپلا باھا بەرسەك، بۇ ئادىل بولمايدۇ، ئەمما ئامېرىكىلىقلاردا بۇ خىل بىرتەرەپلىمە قاراش خېلىلا ئېغىر.  مەسىلەن، شەرق پۇرىقى كۈچلۈك ( جۇڭگو ، كورىيە، ياپونىيە ) ئىسىملارنىڭ ئىگىلىرى ماتېماتىكىغا ماھىر دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، شىركەتلەر كومپيۇتېر تېخنىكلىرى ، پروگىراممىرلىرى ۋە ياكى مالىيىگە ئالاقىدار ئىش ئورۇنلىرىغا كۆنۈكۈپ كەتكىنى بويىچە شەرقچە ئىسىم ئىشلەتكەنلەرنى تاللايدۇ.
Gallup Data سانلىق ئۇچۇر شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى ، پسخىلوگشۇناس 布雷特•佩汉姆 دوكتورنىڭ قارىشىچە، ئىسىم كىشىلەرنىڭ كەسىپ تاللىشىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئىسمىغا يېقىن كېلىدىغان ياكى ئالاقىدار بولغان كەسىپلەرنى تاللاشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ.
پروفېسسور James Browning نىڭ ئېيتىشىچە، ئىسىم شۇ كىشىنىڭ مىللىي ، دىنىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە شۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارىدىنمۇ بېشارەت بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ھەتتا، ئىسىم كىشىلەرنىڭ مەلۇم جايدا ماكانلىشىپ ياشىشىغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
دوكتور 布雷特•佩汉姆 ئامېرىكىلىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسىم كىشىلەرنىڭ نىكاھ – توي ئىشلىرىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. ‹‹ بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا ئىسىمغا ئوخشاش سۆز ، بەلگىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلساق، بۇ بىزگە ئىجابىي ، ئاكتۇئال تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.›› دەيدۇ، James Browning .
ئامېرىكا، ياۋروپادىكى غەرب كىشىلىرى ئومۇميۈزلۈك ‹‹ ئىسىم ئارىسىغا شۇ كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى يوشۇرۇنغان ›› دەپ قارىشىدۇ. ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلار 2006 – يىلى ئىشلىگەن ئىسىم – تەگئات بىلەن كىشىلەرنىڭ كەسىپ – كاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسىم – تەگئاتىنىڭ ھەرپلىرى ئالدىغا تىزىلىدىغان  ( ھەرپلەر قاتارىدا ) كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، كۆپلىرى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرى ، ئالىي ئوقۇل ، كارخانىلاردا ئىشلىگەن بولسا، بەزىلىرى تېخى نوبېل مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. بۇ خىل ئەھۋال بۇ كىشىلەر ئىسىملىرىنىڭ تۈرلۈك ئىسىم تىزىملىكلىرىدە تەبىئىي ھالدا ئالدىغا تىزىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  University of Hertfordshire ئالىي ئوقۇلىدىكى پروفېسسور Richard Wiseman نىڭ ئېيتىشىچە، بىزدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىرخىل كۆنۈكۈش خاراكتېرلىك تىزىملىكنىڭ ئالدىغا تىزىلغان كىشىلەرنى باشقىلاردىن ئىلغار ، دەپ قارايدىغان قاراش بار . دەل بۇ خىل قاراش ئۇزاق مۇددەتلىك پىسىخىك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز كەسىپ – كارلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان. مەيلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقلىما تىزىملىكى بولسۇن ياكى ئىدارە – ئورگانلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى بولسۇن، ئىسمى ئالدىغا قويۇلغان ئوقۇغۇچى ياكى خادىم ئۆزىنى ‹‹ ھەرقاچان ئالدىدا تۇرۇشۇم كېرەك ›› دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل پسىخىك ھالەت كىشىلەرنىڭ ئوقۇش، كەسىپ، ئىش – ئوقەت، ساغلاملىق، نىكاھ – توي قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. پروفېسسور Wiseman كۆرسىتىشىچە، ئىسمى دائىم ئارقىغا تىزىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانمىقى ئىسمى ئالدىغا تىزىلغان كىشىلەرگە قارىغاندا تەسكە توختايدىكەن.
قىستۇرما : مەن بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوقۇغاچ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش – خىزمەت تارىخىمغا نەزەر سېلىپ باقتىم ۋە ھەيران قالارلىق توغرا كېلىپ قېلىشنى بايقىدىم. بىز ئوقۇيدىغان چاغلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقلىما تىزىملىكى نومۇر قاتارى بويىچە تىزىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئەمەس بەلكى مۇناسىپ نومۇرىنى چاقىراتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نومۇرۇم ‹‹ 23 – نومۇر ›› ئىدى. باشلانغۇچتىكى نەتىجەم سىنىپ بويىچە شۇ ئارىدا بولۇپ، بىر قېتىم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇم ‹‹ چۆچۈرە قۇلاق ›› دەپ قۇلىقىمنى تارتقان. باشلانغۇچ 3 – يىللىقتا ماتېماتىكىدىن ئۆتەلمەي دادامدىن شاپىلاق يېگەن ئىدىم. كېيىن تولۇقسىزغا چىققاندا نومۇرۇم ‹‹ 7 – نومۇر ›› بولدى. مەنمۇ مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى 10 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى قاتارىغا ئۆتكەن بولدۇم. ھەر يىلى دېگۈدەك ‹‹ 3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى ›› بولاتتىم. ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ئامراق ئىدى. تولۇققا چىققاندا نومۇرۇم ‹‹ 3 – نومۇر ›› ئۆزگەردى. مەنمۇ تاكى تولۇقنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈچە مەكتىپىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 3 ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى بولدۇم ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ ئالغان نومۇرۇم مەكتەپ بويىچە 3 – ئورۇندا بولدى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە بولسا، ئوقۇغۇچىلىق نومۇرۇم بىراقلا 121 – نومۇرغا چۈشتى. سىنىپىمىزدا 200 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئالىي مەكتەپنى مەنمۇ بەك ئالدىغا ئۈزۈپ چىقالماي ياكى كەينىدە قالماي، ئوتتۇرىھالدىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولدۇم … بۇلارنى ئويلاپ، يۇقىرىقى ئالمىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى كىشىنىڭ پسىخىكىسىغا ، ھەتتا ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە قەدەر تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق ؟؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
گەپنى يىغسام، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق ئىسىمنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق . ئەمما، بالىغا ئىسىم قويغاندا چوقۇم بۇ ئىسىمنىڭ بالىغا ئىككى ئالەم ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىنى ياخشى ئويلاش كېرەك.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىسىم ‹‹ مۇۋەپپەقىيەت نەزەرىيىسى ››

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    ئنگىلىز تىلىدا ‹‹ as his name so is he ›› دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان .

  2. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    باشلانغۇچتا 23-نۇمۇرتىم دەڭ، مەنمۇ باشلانغۇچتىن تاكى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە 23-نۇمۇر بولۇپ ئىدىم، ئەمما نەتىجەم ئىزچىل ئالدىنقى 3 نىڭ ئىچىدە ئىدى، قارىغاندا بۇ يازمىدا ئېيتىلغان بەزىبىر يەكۈنلەر ماڭا تازا ماس كەلمەيدىكەن :razz:
    ئەمما مەن بەزىلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئىسمىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشىنى قەتئىي قوللىمايمەن.

  3. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    ھە راست، شۇنى سورىۋالسام، ئاۋۇ ئوقۇل دېگەن سۆز ئونۋېرسىتىت دېگەن سۆزنىڭ بىزچە ئاتىلىشىمۇ؟ قارىسام شۇنداقتەك قىلىدۇ. ئەمما مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كىيىن بىلىۋالاي دەيمەن.

  4. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئوقۇل دېمەك مەكتەپ، بىلىم يۇرتى دېگەنلىكتۇر. ئۇنىۋېرسىتېت ، ئىنستىتۇت ، ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يازمىدىكى ئالىي ئوقۇل دەل ئالىي مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ.
    دېمىسىمۇ كىشىنىڭ ئىسمىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس. ئەمما، جەمئىيەتتە يەنىلا شۇ خاھىش ئېغىر. كىشىنىڭ ئىسمى ئادەمگە بېرىدىغان تۇنجى تەسىردىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇ تۇنجى تەسىرنىڭ قانداق بولۇشى كېيىنكى ئىشلارنىڭ ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
    شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ئۆز يۈرەك پارىسىغا مەسئۇلىيەتچان بولغان ئاساستا ئىسىم قويۇشى كېرەك. باغرىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى سەۋەبلىك كېيىنكى تۇرمۇشىدا ئۇھسىنىپ قالسا ياكى ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىپ قالسا بولمايدۇ.

پەنگىيار 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟