نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىسىم – فامىلىچىلىكىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى: مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، خالىدە ئىسلام قەلىمىدىكى ماقالە بولۇپ ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتچىلىقى ھەققىدە ئاپتورنىڭ پىكرىي قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا ‹‹ تەگئات ›› سۆزى يازما مەتبۇئاتلىرىمىزدا قېلىپلاشقىنى بويىچە ‹‹ فامىلە ›› دەپ ئېلىنغان. ھالبۇكى ، بىز كىرمە سۆز ‹‹ فامىلە ›› ئورنىغا ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ‹‹ تەگئات ›› نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەسەر ھوقۇقىغا دەخىلە يەتمەسلىكى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا ئۆزگەرتىلمەي، ئەينەن ئېلىندى. تورداشلار تۈزىتىپ ئوقۇغاي!

ئىسىم – فامىلە كىشىلەرنىڭ نامىنى ئاتاش ۋە ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىدەك قىلغىنى بىلەن، ماھىيەتتە، ئۇنىڭدا مىللەت، رايون ۋە كىشىلەرنىڭ روھىيەت قاتلىمىنىڭ ئىزنالىرى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. ئىسىم – فامىلە بىر پۈتۈن سىستېما بولۇپ، ئىسىم نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىپ ، يېڭىلىنىپ تۇرسىمۇ ، فامىلە نەسەبتە ئىزچىللىقنى ساقلىغان بولىدۇ. ئىپتىدائىي ئۇرۇقلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باغلاپ، ئۆز ئۇرۇقىنىڭ نامى قىلىشى ياكى ئۇرۇق نامىغا قوشۇپ ئاتىشىدىن باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ باشلانغۇچ تەپەككۇرىدا ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش، جەمەت – ئەجداد سۈرۈشتۈرۈش، نەسەبىنى ساقلاش ئىستىكى تۇغۇلغان دېيىشكە بولىدۇ.

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتتە فامىلە قوللىنىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ فامىلە قوللىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا مۇئەييەن پەرقلەر بولسىمۇ ، ئەمما فامىلىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچە ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. ئىسىم يەككىنىڭ نامى، شەخسنىڭ ئىجتىمائىي بەلگىسى، ئىسىمغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان فامىلە جەمەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم يىلتىزدۇر. ئىسىم – فامىلە يەنە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە شەخسنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىدا سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى ئىسىم – فامىلىلىرى باشقا مىللەت خەلقلىرىگە ئوخشاش شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادەت، تىل، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت، پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. يازما يادىكارلىقلار، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەجدادلىرىمىز ئۆزىگە خاس ئىسىم – فامىلىلەرنى قوللانغان، ئەۋلادلارغا نۇرغۇن ئېسىل ئىسىم – فامىلە ئۆرنىكىنى قالدۇرغان. بۇ ئىسىم – فامىلىلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى خېلى كۆپ ساقلانغان. تارىخ چاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ توختاۋسىز غىدىقلىشى نەتىجىسىدە باشقا ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تىل، ئىسىم – فامىلىلىرىمۇ خەلقىمىزگە سېڭىپ كىرىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا بىر قىسىم ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر سىڭىشىپ كەتتى، ھەتتا ئەرەپچە، پارسچە ئىسىم – فامىلىلەر تەدرىجىي كەڭ ئىستېمال قىلىنىشقا باشلىدى. زامانلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىسىم – فامىلە ئادەتلىرىمىزدە بەزى ئۆزگىرىشلەرمۇ بولدى…

نەق گەپكە كەلسەك، خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئىسىم – فامىلە قوللىنىشىدا ساقلىنىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، ئىسىم ساپ ئۇيغۇرچە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە ئىزچىللىقىنىڭ ئومۇملاشمىغانلىقىدىن ئىبارەت. ھازىرقى ئىسىم – فامىلە ئادىتىمىزدە ئۆز ئىسمىنىڭ كەينىگە دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ، ئۇنى ‹‹فامىلە›› قىلىۋالىدىغان ئادەت بىر قەدەر ئومۇملاشقان. قارىماققا بۇ‹‹ فامىلە››دەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ‹‹فامىلە›› ئەمەس. فامىلە (Family) ‹‹ئائىلە››، ‹‹جەمەت››، ‹‹قەۋم>> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەر توپىدىكى بىر جەمەت – نەسەبنى پەرقلەندۈرۈش، ئەجداد يىلتىزىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، خەلقىمىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىسىم – فامىلىلەردە تېخى ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە ئىزچىللىقى شەكىللەنگىنى يوق. چۈنكى بۇنداق ئاتىغاندا، ئەۋلاد ھەر بىر ئالماشقاندا ئىسىمنىڭ كەينىدىكى (بىز فامىلە دەپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان) دادىنىڭ ئىسمى تەبىئىيلا ئالمىشىدۇ. بۇ تەرىزدە تۆت – بەش ئەۋلاد ئالماشقاندىن كېيىن، ئەجداد – نەسەبنى سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەجداد – نەسەبنى بىلەلىشى تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھازىر بىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە ئىزچىللىقى، ئائىلە شەجەرىسى تۇرغۇزۇش ئادىتى تېخى تولۇق شەكىللەنگىنى يوق.

مۇشۇنداق ھالەتتە بىر قىسىم ئەبجەش ئىسىملارنىڭ خەلق ئارىسىغا تېز تارقىلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى شەھەرلەردە بۇنداق ئەھۋال خېلىلا گەۋدىلىك. مودا ۋە شەكىل قوغلىشىپ، مىللەت ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە قارىماي، چۈشىنىكسىز، يات تۇيغۇدىكى ئەبجەش ئىسىملار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان پەرزەنتلەرگە <<چىرايلىق>> ئىسىم دەپ قارىلىپ ‹‹ئارزۇلاپ›› قويۇلماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا فامىلىدىن سۆز ئېچىش تۈگۈل، تاتلىق – چۈچۈك تىللىرى بىلەن بوۋىسىنىڭ كىملىكىنى سورىغان ئوماق نەۋرىلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان ئەمەس. يەنە بىر مەسىلە، بىزدىكى ئىسىملارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن، قوش ئىسىم ۋە ئوخشاش ئىسىملارنىڭ كۆپ بولۇشى، كۆپىنچە ئىسىملارنىڭ ئەرەب – پارسلارنىڭكىگە ئوخشاپ قېلىشى، ئىزچىللاشقان فامىلىنىڭ بولماسلىقى، ئائىلە شەجەرىسى تۇرغۇزۇشنىڭ تېخى تولۇق نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقى قاتارلىقلار ئىجتىمائىي ئالاقە، خەت – چەك ۋە ئائىلە مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدە بەزى ئورۇنسىز قۇلايسىزلىقلار ۋە ئاۋارىچىلىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. ناۋادا بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي، ئۆزىمىزگە خاس ئىسىم – فامىلە ئەنئەنىسى تۇرغۇزۇلمىسا، ئۇرۇنسىز ئاۋارىچىلىك، قۇلايسىزلىقلار تېخىمۇ كۆپىيىشى، ئۇنتۇش – ئۇنتۇلۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسىمنى ياخشى تاللاپ قويۇشىمىز، ئىزچىللاشقان، مۇقىم فامىلە قوللىنىشىمىز كېرەك.

ئىسىم قويغاندا ئاۋۋال ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسىمنىڭ يىلتىزى ۋە مەنىسىگە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىسىم قويۇشتا مەنىسىنى چۈشەنمەي، قارىغۇلارچە دوراش، ئەگىشىش، تەكرارلاش خاھىشلىرىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى ئىچىدىكى نادىر ئۈلگىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەھۋالىمىزغا يارىشا، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت پسىخىكىسىغا ماسلاشقان، يېنىك، قىسقا، مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇشىمىز كېرەك. باشقىلارنىڭ ئىسىملىرىنى قارىغۇلارچە دوراپ، قارا – قويۇق قوللانغىنىمىز بىلەن، بىز مەڭگۈ ئۇلار بولالمايمىز. دۇنيادا مەدەنىيەت يەنىلا ئۆز خاسلىقى بىلەن گۈزەل ۋە جەلپكاردۇر.

ھازىر بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە فامىلىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى، ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەنلەر فامىلە قوللىنىشنى باشلاپ، فامىلىچىلىكىمىزگە ئۈلگە ياراتتى. ئەلۋەتتە بۇنى ياخشى باشلىنىش دېيىشكە بولىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم فامىلە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، فامىلە ئىزچىللىقىنى ئاستا – ئاستا شەكىللەندۈرۈش، ئىككى – ئۈچ ئەۋلادتىن كېيىن يوقاپ، بەش – ئالتە ئەۋلادقا بارغاندا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان فامىلە ئەمەس، بەلكى جەمەت – نەسەبنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئىزچىل داۋاملىشىدىغان فامىلە قوللىنىش زۆرۈر.

فامىلە قوللىنىشتا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئېسىل فامىلە ئۆرنەكلىرىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە خاس فامىلە مەدەنىيىتىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە خەلقىمىزدە فامىلىگە يانداشقان، تارىخى ئۇزاق، شۇنداقلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان لەقەم قوللىنىش ئەنئەنىسى بار. بىز فامىلە قوللىنىش ۋە ئىشلىتىشتە تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزمۇنى مول، شەكلى خىلمۇخىل لەقەم بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقىمىز بۇنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. ھازىرمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى لەقىمى بىلەن قوشۇپ چاقىرىدىغان ئادەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ، لەقەملەردىن پايدىلىنىشنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.

ئىسىم – فامىلىلەر چوقۇم ئىخچام، يىغىنچاق، يېنىك، چۈشىنىشلىك، مەنىلىك بولۇشى، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان ئىسىم – فامىلىلىرىمىزدە كىملىكىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىدىن ئەكس ئېتىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. شۇندىلا خەلقىمىزنىڭ تىل، ئۆرپ – ئادەت ، رايون – مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشقان، ئۆزىمىزگە خاس ئىسىم – فامىلە مەدەنىيىتىنى يارىتىشنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىسىم – فامىلىچىلىكىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بەكتۇر مۇنداق يازغان:

    يېقىندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە يازمىلار خېلى كۆپىيىپ قالدى . بۇ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال . 2010-يىلى 6-ئايدا نەشىردىن چىققان ئەنۋەر سەمەد قورغان ئاكىنىڭ «ئۇيغۇر ئىسىم-فاملىچىلىكى» دىگەن كىتابىدىمۇ بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار باركەن . يەنە بۇ كىتابتا يۈكسەل ئەپەندىمنىڭمۇ توردىكى ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۇپتۇ ، بۇرۇنقى بلوگ ئادرىسى(yuksel.blogbus.com) مۇ بېرىلىپتۇ . گەرچە«فامىلە ، تەگئات ، شەجەرە ، نەسەبنامە…» دىگەندەك ھەر خىل نام بىلەن ئاتىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ، تەتقىقات-تەشۋىقاتنىڭ توختىمىغىنى تولىمۇ ياخشى ئەھۋال . قانداق ئۇسۇل بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئۇمۇملاشتۇرالىساق شۇنىڭ ئۆزى ئەۋزەل . شۇ قاتاردا يۈكسەل ئەپەندىمگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز .

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئۇيغۇر خەلقىنى تەگئاتلىق خەلقلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش چوڭ ئىشىغا بېغىشلانغان ئاددىيغىنا ئەمگەكلىرىمىزنىڭ ئەھلى – جامائەت تەرىپىدىن ئىتراپ ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن زور ھاياجاندىمىز. ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ، يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن چەكسىز مەدەت ۋە ئىلھام بولغۇسى!

  2. بەكبول مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ سىلەرگە ئاۋاز قۇشۇپ بەكبول دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە بۇ نامنى ئۆزەمگە تەگئات قىلىپ تاللىدىم
    ۋە شۇنامدا بلوگبۇستىن بىر بلوگمۇ قۇرۇۋالدىم

بەكبول 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟