نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:
ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.

ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.
… … …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!40 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    غەربلىكلەر بىلەن شەرقلىقلەرنىڭ دىئالوگى ئىكەن بۇ!…

  2. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    ئامرىكىنىڭ شۇنداق قىززىق ، سېتىلىشى مىليۇندىن ئاشقان كىتابلىرىنىڭ بىزگە ئانچە قىززىق بىلىنمىگىنىدەك بىر ئشتە بۇ ، بولكىمۇ ئانچە تاتلىق تېتىمايدىغۇ بىزگە .مەدەنيىتىمىز ، كېلىپ چىقىشىمىز ، ياشاش شارائتىمىز ئوخشىمايدۇ بىزنىڭ .

  3. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە بۇ ھەقىقى شەرقلىق بىلەن غەربلىكنىڭ ئاڭ ھەم تەپەككۈر قىلىشتىكى زور پەرقىنى ئاددى ئىپادىلەپ بەرگەن ماقالە بولۇپتۇ، مانا بۇ دۇنيانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر نەرسىنى تەپەككۈر قىلىشتىكى پەرقى، ئۇلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى ھەممە نەرسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۈر قىلىشقا ماھىر، ئەمما بىز بولساق ئەمەلىيەتتىن سەل چەتنەپ كېتىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۈنىيلىككە تولغان دۆلەتتىكى ئاكا مىللىتىمىزدىن بارغانسىرى سىڭىپ كېلىۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ماس كەلمەيدىغان ناچار ئىدىيەمۇ بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئىدىيە ئاڭ تەپەككۈر جەھەتتىكى ئارىلىقىمىزنى بارغانسىرى يىراقلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      شۇنداق غەرپلىكلەر بىلەن شەرقلىقلارنىڭ تەپەككۇرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بىز بولساق تەپەككۇر جەھەتتە يا غەرپلىكلەرگە كىرمەيدىغان، يا شەرق تىپىگە كىرىمەيدىغان شالغۇت تەپەككۇر قىلىغۇچىلاردۇرمىز….
      قىسقىسى بىزدە تەپەككۇر قىلىش ئېڭى تۆۋەن، تەپەككۇرىمىز كۆپ ھاللاردا تۇلىمۇ پۈچەك چىقىپ قالىدۇ….

  4. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    بۇ ھېكايە ماڭىمۇ ياقمايدۇ،مېنىڭچە ئاۋۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېگىنى خېلى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئەلمىساقتىن قالغان بايلارنى يامان كۆرۈش پىسخىكىسى بار، خۇددى ئەينى يىللاردا پومىشچىك،كاپىتالىستلارنىڭ بېشىغا قالپاق كىيگۈزگەندەك. مېنىڭچە باينىڭ باي باي بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقدىن بولغان ئۇنىڭ قازىنىدا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق، بىكارغا قازان بەرسە ئېلىشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوققۇ دەيمەن ، نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا بىكارغا بەرگەن نەرسنى گەپ قىلماي ئالىدۇ، ئەپەندىنىڭ نامرات بوپ قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۆزىدە ئۇمۇ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىسە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، ھە دېسىلا باينىڭ مال دۇنياسىغا كۆز قىززارتىپ يۈرسە ئۇ مەڭگۈ كەمبەغەل پېتى تۇرىۋېرىدۇ، مېنىڭچە ئەپەندىنىڭ ھېكايىسى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ھازىر جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئەڭ چوڭ تكھپە قوشىۋاتقانلار يەنىلا شۇ باي كاپتالىستلىرىمىز.

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      مېنىڭچە سىزنىڭ ئىدىيىڭىزدە ئازراق مەسىلە بار….« ئەپەندىنىڭ نامرات بوپ قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۆزىدە ئۇمۇ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىسە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، ھە دېسىلا باينىڭ مال دۇنياسىغا كۆز قىززارتىپ يۈرسە ئۇ مەڭگۈ كەمبەغەل پېتى تۇرىۋېرىدۇ… مېنىڭچە ئەپەندىنىڭ ھېكايىسى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ» مۇنداق دەپ قويۇڭ.
      ئەپەندىمنىڭ ھېكايىسى شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنچە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ ھەتتا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا يەنە چەتئەل تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەسلىكىدىنمۇ؟ مېنىڭچە مەسىلىگە بۇنداق يۈزەكى باھا بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ئەپەندىمنىڭ ھېكايىسىنى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ دېيىشىڭىزدە دەل سىزنىڭ بەك «تەرەققىي» قىلىپ كەتكەنلىكىڭىز سەۋەبچى بولغان. مېنىڭچە بىز ھەر قانداق بىر مەسىلىدە چوقۇم مېغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلاش پىرىنسىپىنى ياخشى قوللىنىشىمىز كېرەك.

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      مېنىڭچە سىز بەك «تەرەققىي» قىلىپ كېتىپسىز. « ئەپەندىنىڭ نامرات بوپ قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۆزىدە ئۇمۇ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىسە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، ھە دېسىلا باينىڭ مال دۇنياسىغا كۆز قىززارتىپ يۈرسە ئۇ مەڭگۈ كەمبەغەل پېتى تۇرىۋېرىدۇ، مېنىڭچە ئەپەندىنىڭ ھېكايىسى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ» قانداقسىگە ماس كەلمىگۈدەك؟
      ئەپەندىمنىڭ ھېكايىلىرى بۇرۇندىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىدا جەۋھەرلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت يەنە چەتئەل تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشى ئۇنىڭ زامانغا ماس كەلمىگەنلىكىدىنمۇ؟ بىزنىڭ قانچىلىك ئۇيغۇرچە ماتىرىياللىرىمىز خەنزۇچىغا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندۇ؟ شۇڭا سىز «تەرەققىياتىڭىز»نى سەل ئاستىلاتسىڭىز بولغىدەك….

      • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

        مانا بۇ بىزنىڭ بىر نەرسىنى تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىمىز، بۇ يەردە بۇ لەتىپىنىڭ زامانغا ماس كېلىش كەلمەسلىكى بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋېتىمىز يوق، بىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى پەنگىيار ئەپەندىم ئېيتقاندەك شاكىلىنى چىقىرۋېتىپ مېغىزىنى ئېلىپ قىلىش بىلەن بىرگە شۇ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغاندەك بۇ لەتىپىدىن ئۆزىمىزگە بىر ئۆرنەك ئېلىش، بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ توغرا ھېچكىمنىڭ خاتا دەيدىغان نەرسىمۇ يوق. بۇ لەتىپىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگىنى پەقەتلا شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ قېنىنى شوراش بەدىلىگە بېيىپ خەلقنى ئىزىپ كېلىۋاتقان قىسمەن بايلارنى قامچىلاشتۇر. ھېكايىدىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەتلا بۇ لەتىپىنى ھازىرقى دەۋرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئەپەندىم ۋە بايغا باھا بەرگەن، بىز بولساق لەتىپىنىڭ تارىخى شارائىتىگە قاراپ تۇرۇپ ئىككىسىگە باھا بېرىپ كېلىۋاتىمىز ئۇنى ئۆز ئەمىلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەس، دېمەك ئىككىلى خىل باھانىڭ ئۆز ئاساسى بار، بۇ ھېكايىنى يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ يوللىشىدىكى سەۋەبمۇ مېنىڭچە بىزمۇ بىرەر نەرسىنى خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مۇئەللىملەر ئۈگىتىپ قويغان بويىچە نوقۇل بىرلا نۇقتىئىنەزەردىن باھا بەرمەي ئۇنى ئۆز ئەمىلىيىتىمزگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىشتىن ئىبارەت (ۋە بەلكىم باشقا مۇددىئا باردۇر)
        يەنە كېلىپ سەرگەردە ئەپەندىمنىڭ دېگەنلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمايدۇ، خۇددى ھازىر دېگىنىمدەك سەرگەردە ئەپەندىممۇ بۇ لەتىپىنى ئۆز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ باھا بەرگەن، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ لەتىپە ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ ئەمەس بەلكى لەتىپىدە بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىشلار ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ.
        مەنمۇ بىر شەرقلىقلەر بىلەن غەربلىكلەرنىڭ تەپەككۈر قىلىش پەرقىنى ئىچىپ بەرگەن بىر مىسال ئېلىپ ئۆتسەم يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى دېگەن ھېكايىنى بەلكىم بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك، بۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق ھېكايىسى، بۇنىڭغا جۇڭگولۇقلارنىڭ بېرىدىغان باھاسى يۈگۇڭ ناھايىتى باتۇر، جاپادىن قورقمايدىغان، ئەقىللىق كىشى دەپ باھا بېرىدۇ، ئەمما مېنىڭچە بولغاندا ئۇ بىر ئۇچىغا چىققان ھاماقەت، دۆت، كالۋا بىر ئادەم، ئويلىنىپ كۆرۈڭ تاغ ئۆيىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالسا «مەن يۆتكەپ بولالمىسام ئەۋلادلىرىم يۆتكەيدۇ» دەپ تاغ يۆتكىگەندىن كۆرە ئۆيىنى تاغنىڭ ئالدى تەرىپىگە كۆچۈرىۋالسىلا بولمىدىمۇ؟ مانا بۇمۇ بىر مەسىلىنى نەچچە خىل تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى

      • باي مۇنداق يازغان:

        قايسى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قانچىلىك ئادەم ئوقۇپ كەتتى؟ ھە دېسىلا چەت ئەللەرگە كەڭ تارقالدى، چەت ئەلدە ئاق بولدى كۆك بولدى دەپلا ئۆزەڭلارنى ئالدايدىكەنسىلەر.

    • كۆكنۇر29 مۇنداق يازغان:

      ئەگر ئەگەر شۇدەۋرلەردە تىرىشقانلا ئادەم باي بولالايدىغان ئىش بولسا،بايلارنى مەسخىرە قىلىدىغان شۇنچىۋالا كوپ لەتىپ-مەسەللەر تارقالمىغان بولاتتى.بىر جەھەتتىن بۇ لەتىپىلەر شۇ دەۋرلەردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى يەنى :تىرىشىپ ئەمگە قىلاي ،باي بولاي دېسىمۇ يول ئېتىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن.بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ بەزى جايلاردا بۇلۇشى مۇمكىن.خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىز.

  5. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    بۇ تېكىستلەرنى، لەتىپىلەرنى ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك چېغىمىزدا بىزمۇ ئوقۇيتۇق. بىراق بىز ئوقۇپ بولۇپ، مۇئەللىمنىڭ يېشىپ بەرگەن مەركىزى ئىدىيەسى بويىچە ئۆزلەشتۈرەتتۇق، خاتىرە قالدۇراتتۇق. مۇئەللىم ئەپەندىمنى قانداق چۈشەندۈرگەن بولسا، كاللىغا شۇ بويىچە ئورنايتى. ئوقۇغۇچىلارغا پىكىر قىلدۇرغان ئىش ھېچ ئېسىمدە يوق. چوڭ بولۇپ ھېس قىلسام، بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ياكى پىكىر يولۇمغا بىرەر تەسىر كۆرسەتكىنىنى بايقىماپتىمەن.

  6. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    مىڭ ئادەمنىڭ مىڭ خىل كۆز قارىشى بولىدۇ پەنگىيار ئەپەندى ، سىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنۋېلىڭ نىمە ئۇ تەرەققىياتنى ئاستىلىتايلى دىگەن، دېمىسىمۇ ئەپەندىنىڭ خەقنىڭ قازىنىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەققىللىق چاغلاپ يۈرىشى ئاقىلانىلىك ئەمەس يەنە كېلىپ ھېكايىدە باينىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن ياكى بۇلاڭچىلىق قىلغان ۋە ياكى ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق بايانات يوق دىمەك ئۇنىڭ قازاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارىلىق مال مۈلىكى ھالال، خەقنىڭ ھالال مال مۈلىكىدە ھېچ كىمنىڭ ھەققى يوق، يەنە كېلىپ ئەپەندىنىڭ ئۇنچىلىك ھېيلە مىكىرسىنى ھازىرقى كىچىك بالىلارمۇ قىلالايدۇ ، ئەقىللىق دېگۈچىلىكىمۇ يوق.

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      توۋا، ئاۋۇ گەپنى توغرا چۈشىنىدۇ دېسەم راستلا چۈشەنمەپسىزدە، تەرەققىياتنى «ئاستىلىتايلى» دېگەندىكى ئاستىلىتىش سۆزى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى بايقىماپسىزدە؟ بۇ بىر تەتۈر مەنىدە قوللىنىلغان سۆز.
      بولدى سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدىم، قارىسام سىز پىكىرىمگە ئانچە قايىل ئەمەسكەنسىز، بولىدۇ، سىزنىڭمۇ كۆز قارىشىڭىزنىڭ ئاساسى بار «ئەپەندىنىڭ ئۇنچىلىك ھېيلە مىكىرسىنى ھازىرقى كىچىك بالىلارمۇ قىلالايدۇ ، ئەقىللىق دېگۈچىلىكىمۇ يوق.» سۆزىڭىز بەك يۈزەكى بولۇپ كەتكەن. سىز ھازىرقى قاتتىق تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئۆزىڭىزنى ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئەقلى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويسىڭىز مېنىڭچە سىز ئالدىڭىزغا قارىمايدىكەنسىز، بۇ بىر نىسپىيلىك ساقلىنىدىغان مەسىلە. ئەگەر ئەپەندىم ھازىرقى دەۋردە بولغان بولسا ئىدى، مېنىڭچە ئۇنىڭغا ھازىرقى سىز ھەم مەنمۇ ئەقىلدە تاقابىل تۇرالمىغان بولغان بولاتتۇق.

  7. مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    توۋۋا ، مەن ھازىر دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە مەسىلە ئۈستىدە يېزىش باسقۇچىدا ئىدىم ،ئەجەپ توغرا كېلىپ قىلىش بولدى دېسە بۇ ؟!
    ئۆتكەندە بىر قېتملىق دەرس باھالاش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدىم ،شۇ جەرياندا بىر ئەدەبىيات دەرىسىدە «ئۈجمە سايىسى » ناملىق چۆچەك تەھلىل قىلىندى .ئۈجمە سايىسىنى ساتقان باي بىلەن ئەپچىلەم ئوبرازى ئۈستىدە تەھلىل بولوپ قالدى .شۇ قاتاردا بىر ئوقۇغۇچى ئەپچىلەمنى ئەخلاقسىز دەپ باھالىدى . سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ ئەپچىلەمنىڭ ئەل-بۇرادەرلىرىنى باشلاپ كىلىپ باينىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ ئەل-نەغمە قىلغانلىقىنى ،ئۇندىن باشقا باينىڭ مىھمانلىرى كەلگەندە ئۇنىڭ ئىشەك-پىشەك بىلەن داستۇرخانغا ياماشقىنىنى مىسال ئالدى .دەرۋەقە ئەپچىلەم شۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ ئۇچۆچەكتە !!
    مانا بىزنىڭ بالىلارمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلسا ،گۇمانتارلىق ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلسا ،بىزىدىكى قىتىپ قالغان تەپەككۇر ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ .
    يۇقارقى ماقالىدىن ئامېرىكا مائارىپىغا يەنە بىرقەدەم قايىل بولدۇم .

  8. دوخمۇشاخۇن مۇنداق يازغان:

    نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىدىن سوراپ باقامتۇقيا … ؟!
    ئامىرىكىلىق دېگەن دەۋرىدۇ. ياشىغان ماكانى ، مەدنىيەت تۇپرىغى ئوخشىمىسا، شۇنداق ئوخشىمايدىغان ئىدىيەدىكى ئۇماقلار دۇنياغا كېلىدىغان ئىش. ئەمسە، نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىلىرىم بىر چارەك كەتتى، خاپولاشمايلا …

    ———————————————

    ۋاپا قىلمىغان كەش

    ئەپەندىم بىر ئېرىقتېن ئاتلىغانىكەن،پۇتىدىكى بىر پاي كەشى ئېرىققا چۈشۈپ ئېقىپ كىتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن بىر كىشى كەشكە ئىچ ئاغرىتىپ؛
    -ھەي،ھەي،ئەپەندىم،بىر ئوبدان كەشىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز-دە ،-دەپتۇ.
    ئەپەندىم ھەسرىتىنى يوشۇرۇپ:
    -ئوبدانلىقى قۇرۇسۇن،ئىگىسىگەۋاپا قىلمىغان كەشتىن قۇتۇلغىنىم مىڭ ياخشى،-دەپتۇ-دە،يولىغاكېتىۋېرىپتۇ.

    ———————————————
    بىر تۆگە زىيان تارتقۇچە…

    ئەپەندىمنىڭ بەش تۆگىسى بار ئىكەن.ئۇ تۆگىلىرىنى باققىلى ئاچىقىپ،كەچتە بىر تۆگىسىگە مىنىپ،قالغىنلىرىنى ھەيدەپ قايتىپتۇ.يولدا تۆگىلىرىنى سانىسا تۆگىسى تۆت چىقىپتۇ.ئۇ دەرھال مىنىۋالغان تۆگىسىدىن چۈشۈپ سانىسا بەش چىقىپتۇ.ئەپەندىم خاتىرجەم بولۇپ تۆگىگە مىنىپ يەنە بىر قىتىم ساناپ باقسا تۆگىسى يەنە تۆت چىقىپتۇ.ئەپەندىم تۆگىدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،يەنە تۆگىسىنى ساناپتۇ.قارىسى تۆگىسى بەش ئىكەن.شۈنىڭ بىلەن ئەپەندىم:

    -خەير،بىر تۆگە زىيان تارتقۇچە ،تۆگىلەرنى ياياق ھەيدەپ كەتكىنىم تۈزۈك ئىكەن،-دەپ،تۆگىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپتۇ.

    ———————————————

    قەيەردىن چىقىپ كەتتىكىنتاڭ

    بىركۇنى، پادىشاھ ئوۋغا چىقماقچى بولۇپ ئەپەندىمنى چاقىرتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قارچۇغىلارنى ئېلىپ كەينىدىن بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.ئەپەندىم پادىشاھنىڭ تازا ئوبدان قارچىغىسىدىن ئۇچنى ئاپتۇ ۋە قاپقا سىلىپ ئاغزىنى چىڭ بوغۇپتۇ.ئوۋ مەيدانىغا بارغاندا :

    -ئەپەندىم،قارچىغىلار قېنى ؟-دەپ سوراپتۇ پادىشاھ .

    ئەپەندىم قاپنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا ،قارچىغىلار ئۆلۇپ قاپتۇ.

    -قانداق گەپ بۇ!-دەپ كايىپتۇ پادىشاھ .

    -پادىشاھىئالەم ،قاپنىڭ ئاغزىنى ناھايىتى ھىم قاپلىغانىدىم ،قارچىغىلارنىڭ جىنى قەيەردىن چىقىپ كەتتىكىنتاڭ ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئەپەندىم.

    ———————————————

    غازنىڭ شورپىسى

    ئەپەندىم مىجەزى يوق بولۇپ قىلىپ ،تىۋىپقا بارسا ، تېۋىپ غاز شورپىسى ئىچىشنى بۇيرۇپتۇ.
    ئەپەندىم بېلىكىگە ئىككى ناننى تۈگۈپ،قولىغا ئۇزۇن تاياقنى ئىلىپ شەھەر ياقىسىدىكى چوڭ كۆل بويىغا غاز ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ.كۆلدە غاز كۆپ بولسىمۇ ،ئەپەندىم كەچكىچە ئاۋارە بولۇپ بىرمۇ غاز تۇتالماپتۇ.ئاخىرى كەيپى ئۇچقان ھالدا كۆل سۈيىگە ناننى چىلاپ ئولتۇرسا ،بىر ئوۋچى كىلىپ قىلىپ:
    -ئەپەندىم، نېمە قىلىپ ئولتۇرىسىز؟-دەپ سوراپتۇ،
    -ئاغرىقىمغا شىپا بولار دەپ غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەۋاتىمەن ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

    ———————————————

    ھاسىنىڭ ئۇزۇن تەرىپى

    ئەپەندىم قىرىغان كۇنلىرىدە، بىر دوستى ئەپەندىمگە چىرايلىق بىر ھاسا سوۋغا قىپتۇ.بىراق،ھاسا ئەپەندىمنىڭ بويىغا ئۇزۇنلۇق قىپتۇ.ئەپەندىم ھاسىسىنى بويىغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ،ھاسىنىڭ باش تەرىپىدىن ئىككى غىرىچ كىسىۋىتىپتۇ-دە. باش تەرىپىگە لاتا ئورىۋاپتۇ.
    بۇنى ككرگەن كىشىلەر ھاسىغا ئىچ ئاغرىتىپ:
    -ئىسىت،ئىسىت!ھاسىڭىز خويمۇ چىرايلىق ئىدى ،بىشىنى بىكار كىسىۋىتىپسىز، ئۇزۇنلۇق قىلغان بولسا ئۇچىدىن كەسسىڭىز بولمايتتىمۇ،-دەوتۇ.
    -ھاسىنىڭ بىشىغۇ چىرايلىق ئىدى ،بىراق،ئۇزۇن كىلىپ ئىسىلىپ قالدىم. ھاسىنىڭ ئۇزۇن تەرىپى مۇشۇ تۇرسا!-دەپتۇ ئەپەندىم.

    ———————————————

    لاپقا لاپ ….

    ئۇرۇشتىن قايتقانسەركەردىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە لاپ ئۇرۇشۇپتۇ ، بىر ماختانچاق سەركەردە :
    – ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ، ئوق خۇددى يامغۇردەك يېغۋاتاتتى . مەن دۈشمەن بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ قىلچ ئاستىدا قالدىم . كاللام ئۈزۇلۇپ بوينۇمنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ …- دەپتۇ .
    پاراڭدا ئەپەندىممۇ بار ئىكەن . ئەپەندىممۇ قاتاردىن قالغۇسى كەلمەي :
    – راسىت ئېتىسىز ، ئۇرۇشتا ئادەم قىزىپ كەتكەندىن كېيىن ھېچنىمىنى تۇيماس ، بىلمەس بولۇپ قالدىكەن ، سىزنىڭ بېشىڭز بوينىڭىزنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ، مېنىڭ بىشىم يەلكەمدىن چۈشۈپ ئۈچ – تۆت قېتىم دومىلاپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ئۇرۇشىۋەردىم ، – دەپتۇ .

    ———————————————

    كالاچنىڭ مىجەزى

    ئەپەندىم بىر تويغا بارغاندا كالىچىنى يېشىپتۇ – دە ، قولتۇقىغا قىسىپ تۆرگە چىقىپتۇ ، مېھمانلاردىن بىرى :
    – ئەپەندىم ، كالاچنى تالاغا قويسىڭىزمۇ بولاتتى ، – دەپتۇ .
    – بۇرادەر ، كالىچىمنىڭ مىجەزى يامان ، كىم يۈر دېسە ، ئىگىسىنى تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ ، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم .

    ———————————————

    ئەمدى جىم ياتىمەن

    ئەپەندىم كېچىسى قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا ، ئالدىدىن بىر مۇنچە ئاتلىق كىشىلەر چىقىپ قاپتۇ ، ئەپەندىم بۇلارنى ئوغرىمىككىن دەپ ئويلاپ ، دەررۇ قەبىرستانلىقتىكى بىرئوچۇق گۆرگە يۇشۇرنۇپتۇ . ئاتلىقلار ئەپەندىمنى كۆرۇپ قىلىپ ، گۆرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاقىراپتۇ :
    – كىمسەن ؟ بۇياققا چىق !
    -ئۆلۇكمەن ، ئارامخۇدا ياتقىلى قويۇڭلار ، – دەپتۇ ئەپەندىم.
    -ئۆلۇك بولساڭ ، تالادا نېمە قىلىپ يۈرۇيسەن ؟
    – ساياھەت قىلپ يۈرگەنىدىم ، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم .
    -ئۆلۈكمۇ ساياھەت قىلامدىكەن ؟
    – كەچۈرگەيسىلەر، – دەپتۇ ئەپەندىم ، – ساياھەت قىلىپ خاتالىشىپتىمەن ، ئەمدى جىم ياتىمەن .

    ———————————————

    قوي يېمەيدىغان بۆرە

    بىر قويچى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
    – ئەپەندىم ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى قوي باقىمەن ، لېكىن دائىم قويلىرىمنى بۆرە يەپ كېتىدۇ ، بۆرىنىڭ دەستىدىن جاق تويدۇم ، دۇنيادا قوي يېمەيدىغان بۆرە بارمىدۇ ؟
    – بار ، – دەپتۇ ئەپەندىم .
    -قانداق بۆرە ؟ – دەپتۇ قويچى ئالدىراپ .
    -ئۆلۇك بۆرە ، – دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئەپەندىم .

    مەنبە : ئۇيغۇر خەلق تورلىرى

  9. كۇنۇپكا مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بايلارنى يامان كۆرمەيدۇ، بايلارنى يامان كۆرۈش تېخى يېقىندا پەيدا بولغان، بايلارنى يامان كۆرۈشنى بىزگە غەرپلىك ماركىس ئۆگەتكەن، مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە بۇ تەمسىل غەرپلىك ماركىستىن كىيىن پەيدا بولغان.

    • خەنجەر مۇنداق يازغان:

      توغرا خەلقىمىز ئەزەلدىن يۇرت سۆيەر خەلقپەرۋەر بايلارنى قوللاپ كەلگەن . خەلقنى شىلىپ تومپايغان باينى بولسا مۇشۇنداق نەسىردىن ئەپەندىدەك كىشلەر قامچىلاپ كەلگەن .

      ئەمدى مەسلىگە ھەر تەرەپتىن ئويلاپ باھا بېرىش كېرەك . بۇ لەتىپىلەردە بايلارنى بەك دۆت چىقىرىۋەتكەن ، ئەگەر دۆت بولسا ئۇ شۇنچە دۇنيانى توپلىيالامتى؟ بۇمۇ توغرا بۇ خۇددىي بىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرى تەسۋىرلەنگەن كىنودا ئۇلارنى دۆت چىقرىۋەتكەندەك ئىش ، قارىساق كىچىككىنە جاڭگالار ياپونلارنى بەك ئەخمەخ ، ئۇلارنىڭ نەزرىدە ياپونلۇقلار قورقۇنچاق ،يارىماس،دۆت . ئەگەر ئۇلار راستىنلا شۇنداق بولسا يەر ۋە نۇپۇس جەھەتتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن دۆلەتنىڭ نۇرغۇن زىمىنىنى بېسىۋالالامتى؟ بىر ئادەم بىر لىيەن ئەسكەرگە تەڭ كېلدىغان دۆلتىمىز شۇنچىۋالا ئەقىللىق ئادەم بىلەن بوزەك بولامتى ؟

      ئەمدى يەنە باي مەسلىسىنى يەنە بىر خىل ئويلىساق بەلكىم ئۇلار راست ئازراق دۆتتۇ ئۇنىڭ مال دۇنياسى ئاتا ئانىسىدىن قالغاندۇ ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس . يەنە بەلكىم ئۇنىڭ يەنە دەۋر سۈرەلىشى خەلىقلەر كۆنۈپ كەتكەن بايغا سۆز قايتۇرماسلىق نىمە دېسە ھە دېيىش قاتارلىق ئىشلارغا .

      ئەمدى نەسىردىن ئەپەندىم نىمىشقا باي بولالمىدى ئۇنىڭ ئىككى قولى يوقمۇ ؟ مەنچە بۇنى شۇ تارىخىي شارائىتتىن ئىزدەش مۇمكىن . ئەپەندىمنىڭ ئاتا ئانىسى نامرات شۇڭا ئۇ نامرات بوپ قالغان . ئۇ باي بولالايدۇ ، لېكىن بايلار ئۇنى باي بولغىلى قويمايدۇ چۈنكى ئەگەر ئۇ باي بولۇپ قالسا ، راست سۆزلەپ بايلارنىڭ نىسىۋىسىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ئىناۋىتىنىمۇ تارتىپ نەسردىن ئەپەندىم قىلغاننى بايلار قىلمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بايلار ئۇنداق قىلسا ئەسلىدە ئېرىشىدىغىنىدىن ئاز ئېلىپ قالىدۇ.

      يەنە بىر خىل ئويلىساق ئەپەندىممۇ ھەم يالغانچىلىق قىلمايدۇ ، ھەم خەلقلەرنى ئويلايدۇ. ھەم ئۆز ۋاقتىدا نامرات خەلق جىق ئەپەندىم بولسا ئاز . شۇڭا تەبىئيلا ئەپەندىم باي بولسىمۇ يەنە نامراتلارنى ئويلاپ شۇنداق نەرسە كېرەكلەرنى ئۈلەشتۈرۈش جەريانىدا تەبئىيلا يەنە يالاڭتۆشكە ئايلىنىپ قالىدۇ .شۇڭا ئۇ داۋاملىق تاپقىنىنى خەلققە ئۆلەشتۈرۈپ تۇرغان .

      توغرا ئەمدى ئۇ لەتىپىدە ئۇ باينىڭ بايلىقنى قانداق توپلىغانلىقى يەنە ئەپەندىمنىڭ قازاننى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى سۆزلەنمىگەن . چۈنكى ئۇ لەتىپە شۇڭا ھەممە مەزمۇننى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرىمەن دىگىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇن قىزىقارلىق قىسقا بولىشى كېرەك ، بەلكىم ئەمەلىي مەيداندا بولۇنغان دېئالوگ جىق بولىشى ۋە ئوخشىمايدىغان بولىشى مۇمكىن . خەلقىمىز ئۇنى چۈشۈنۈشلۈك قىسقا ئوڭاي ئەستە ساقلاشقا بولۇش ئۈچۈن ئۇنى تىلدىن تىلغا ئۆتۈشتە شۇنداق مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان . بەزىدە بىزمۇ قىلغان ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەيمىزغۇ شۇنىڭدەك . ئەمەلىي بولغان ئىش ئېغىز تىلى بىلەن تارقالغاندا مەنچە ھەرگىز ئۆز پېتى تارقالمايدۇ ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرەيدۇ. مۇشۇنداق ئۆزگىرەشلەر بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى قىسقا ،قىزقارلىق بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋىرگىچە يېتىپ كېلەلىگەن ئەلۋەتتە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. ئەگەر پۈتۈن مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ يازىمەن دېسە ئۇنى لەتىپە ئەمەس رومان پۋسىت قىلىپ يازسا بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ئېغىز تىلدا ساقلاپ قېلىش تەس ، شۇنڭىدەك ئوموملىشىشمۇ ھەم . ھەممە خەق ئۇنى ئوقۇپ ئولتۇرمايدۇ دە. ئۇنى ئېغىز تىلدا مۇكەممەل ساقلاش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن چوقۇم يازمىچە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ لەتىپە بولۇپ تارقالغان .

      بۇ بىزنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى پەرق شۇڭا بۇنى بىز بىر قارساقلا چۈشۈنەلەيمىز. ئەمدى ئەگەر ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەيدىغان ئىش بولسا چوقۇم ئۇنىڭ ئارقا كۆرنىشىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى چۈشەندۈرگەندە ئاندىن باشقىلارمۇ بۇ لەتپىنى توغرا تەپەككۇر قىلالايدۇ.

  10. سەلىم مۇنداق يازغان:

    مىنڭچە ئاشۇ باينىڭ باي بولالىشى ، مەدىكار ئىشىلتەلىشى ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ يەنىلا خىلە ئىشلەيدىغانلىقىنى
    بىلدۇرىدۇ .

  11. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بىلىكتىكى FinalFantasy نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكىرلىرى:

    دىققەت قىلسام، بۇ ماقالىدە ئوقۇتقۇچى پەقەت «باي دېگەن نېمە؟»، «قازان دېگەن نېمە؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىپتۇيۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرىنىشتىن ئېغىز ئاچماپتۇ (بۇلارنى كىچىك بالىلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغاندا). شۇڭا مۇشۇ تىل مۇھىتى (context) كەم بولغاچقا، ھېكايىدە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە، ھېكايىدىكى ھەرقايسى ئوبرازلارنىڭ خاراكتېرى، ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ۋە تەبىقىلەرنىڭ ئەھۋالى ئېنىق، روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ بېرەلمىگەنلىكتىن، ئاۋۇ شاكىچىكلەردەك يەكۈن چىقىرىش تەبئىي. شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، بۇنداق قويۇق تارىخىي، مىللىي ھېكايىلەرنى، تەمسىللەرنى، شۇنداقلا چاقچاقلارنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ توغرا چۈشىنىش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، دەپ ئويلايمەن.

    بىز دەل مۇشۇ مەدەنىيەت ئىچىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ئارقا كۆرىنىشتىن ئانچە-مۇنچە خەۋرىمىز بولغاچقا، بۇ ھېكايىنىڭ ئۆزى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئوبرازلارنىڭ خاراكتېرلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى شۇنداق تەبىئىي تۇيۇلىدۇ. لېكىن، بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ بۇ ھېكايىدە نۇقسان يوق دېگەنلىك ئەمەس. مەنمۇ ئويلاپ قالدىم: باي كەمبەغەللەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ باي بولدى، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ چاغدا بۇ ھېكايىدە ئەپەندىممۇ باينى ئالداش بەدىلىگە بىر قازانغا ئىگە بولدى. دېمەك، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ قىلمىشىدا ھازىر خاراكتېر جەھەتتىن ھېچقانداق پەرق قالمىدى (گەرچە ئالداش ئوبيېكتى ئوخشاش بولمىسىمۇ). بىزنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىمنى قوللىشىمىزنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۇنىڭ كەمبەغەل خەلق تەرىپىدە تۇرغانلىقىدا (خەلق نېمىشقا كەمبەغەل؟ ھورۇنلۇقتىنمۇ؟ بۇنى بەك ئويلاشمىدۇق)، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىزمۇ ئۇنى قوللىمىغان بولاتتۇق. شۇڭا، دېمەكچى بولغىنىم، بۇ يەردە بىزنىڭ تەپەككۈرىمىز مۇشۇنداق سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، چىقارغان يەكۈنىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن ئەمەس. بۇ سۇبيېكىتپ ئامىللار دەل ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىلىق بىزگە بىلىپ-بىلمەي تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر ئاۋۇ چەتئەللىك شاكىچىكلەرگىمۇ، توختىماي مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ «مېڭىسىنى يۇيۇۋەتسەك»، ئۇلارمۇ چوقۇم بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر قىلىدىغان ۋە يەكۈن چىقىرىدىغان بولىدۇ.
    بلىكتىكى شۇ نامىلىق تېمىدىن ئېلىندى.

  12. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بىلىكتىكى بۈركۈت (Eagle) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكىرلىرى:
    «مېڭە يۇيۇش» يامان نەرسە، «ئارقا كۆرۈنۈش» مۇھىم نەرسە.

    مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن بىر كىچىك دىئالوگنى سۆزلەپ بېرەي:

    ئالى مەكتەپتە ئوقۇغاچ، ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان زامانلار ئىدى. بىر دەم ئېلىش كۈنى بازارغا چىقىپ، كوچىدا ئالدىرىماي كوچا چۆگىلەۋاتقان بىر چەتئەللىكنى ئۇچراتتىم. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئېغىز تىلىمنى مەشق قىلىۋېلىش نىيىتىدە دىئالوگ باشلىدىم:

    مەن: كەچۈرسىز.
    ئۇ: (ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى.)
    مەن: سىز ساياھەتچىمۇ؟
    ئۇ: شۇنداق.
    مەن: قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭىز؟
    ئۇ: ئامېرىكىدىن.
    مەن: بىزنىڭ تۇپراقلارغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    ئۇ: رەھمەت.
    مەن: سىز نىمە خىزمەت قىلىسىز؟
    ئۇ: مەن ئىشچى، ئىنژېنېر.
    مەن: قانداق يەردە ئىشلەيسىز؟
    ئۇ: IBM دا.
    مەن: خوجايىنىڭىز سىزنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلامدۇ؟
    ئۇ: نىمە؟
    مەن: مەن دىمەكچى، خوجايىنىڭىز سىزنى بوزەك قىلامدۇ؟
    ئۇ: بۇ قانداق گەپ؟
    مەن: مەن دىمەكچى، ئۇ كاپىتالىستمۇ؟ پۇلى جىقمۇ؟
    ئۇ: پۇلى جىق.
    مەن: سىلەرنىڭ مۇئاشىڭلارنى تولۇق بەرمەي، سىلەرنى بوزەك قىلىپ توپلىغان پۇلدۇ ئۇ؟
    ئۇ: نىمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
    مەن: بايلار، كاپىتالىستلار ئەسكى بولىدۇ. ئىشچىلارنى بوزەك قىلىپ، ھەر يوللار بىلەن پۇل تۇتىۋېلىپ، پۇل ئۈندۈرىۋېلىپ، باي بولىدۇ.
    ئۇ: سىز قانداق بىلىسىز؟
    مەن: بىز شۇنداق ئوقۇغان، مۇئەللىم بىزگە شۇنداق سۆزلەپ بېرىدۇ.
    ئۇ: ھىم…
    مەن: خوجايىنىڭىزغا قىلچىمۇ ئۆچ ئەمەسمۇ سىز؟
    ئۇ: نىمىشقا ئۆچلۈك قىلاي. مەن تېخى ئۇنىڭغا ئامراق. ئۇ ئاشۇ شىركەتنى قۇرۇپ، مېنى ئىشقا ئېلىپ، ماڭا مۇئاش بېرىپ، مېنى غەمدىن خالاس قىلىۋاتسا. يەنە تېخى بۇ ئاي مۇكاپات بېرىپ، دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى. شۇڭا بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلەلىدىم.
    مەن: مۇنداق دەڭ…

  13. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بىلىكتىكى Faith نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكىرلىرى:
    ئەگەر ئاۋۇ ئامېرىكىلىق شاكىچكلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ بۇ ھېكايىگە نىسبەتەن ياقتۇرماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇشۇم تەس ئىكەن. مەنچە مەنلا ئەمەس كۆپىنچىڭلار شۇنداق. بۇ خۇددى ئۆزىمىزنىڭ كەمچىىلىگىنى بايقاش تەس بولغانغا ئوخشاش. مەلۇم بىر كىشى تەرىپدىن دېيلگەندىلا ئاندىن بىز ئويلىنىش ئېلىپ بارىمىز.
    نىمىشقا؟ چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ھېكايىللىرىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئوقىغان ۋە قىزىقىپ ئوقۇيمىز .نەسىردىن ئەپەندىم ھېكايىللىرىدە نەسىردىن ئەپەندىن ئىجابىيى پىرسوناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندىم دېسىلا بىزنىڭ ئېڭىمىزدە ئۇ بىر ھەققانىيەتچى ،ئەقىللق …ئىجابىي پىرسوناژ دېگەن ئاڭ تەبىئىيلا شەكىللنىپ بولىدۇ. شۇڭا مەزكۇر ھېكايە گەرچە ئۇنچە كونكىرىت يېزىلىپ كەتمىسۇ بىز ئاساسىي مەركىزى ئىدىيىنى چۈشۈنۈپ بولىمىز. ئەمدى ئاشۇ ئامېركىلىق شاكىچىكلەرنىڭ ئىنكاسىى تۈپەيلى مەزكۇر ئوقۇشلۇقنى كونكىرت تەھلىل قىلساق باينىڭ سەلىبىي پىرسوناژ ئىكەنلىكى روشەن ئىپادىلەنمىگەن. ئەكسىچە ئەپەندىمنىڭ ھىيلىگەرلىگى ئىپادىلىنىپ قالغان. بۇ ھېكاينى تولۇقلاپ باينىڭ سەلىبىي پىرسوناژ ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەندە بەلىكم ئۇ شاكىچكلەرنىڭ قارىشدا ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىىن. ئادەتتە نەسىردىن ئەپەندى ھېكايللىرىنىڭ كۆپنچىسىدە باشتىلا باينىڭ ،پادىشاھلارنىڭ سەلبىي پىرسوناژ ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىندۇ، مەسىلەن: بۇرۇن بىر زالىم پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، بۇرۇن بىر جازانىخور باي بولغانىكەن دېگەندەك. مەزكۇر ھېكايىدە باينىڭ ئاچكۆزلىكى، ئەپەندىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ئىپادىلىنپ قالغان. شۇڭا ئاۋۇ شاكىچلەرنىڭ قارىشىغا مەن قارشى ئەمەس. مەنچە بۇنى ھېكاينىڭ يېزىلىشدىكى مەسىلە دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ھېكاينى بىز ئوقىساق باشقىچە باشقىلار ئوقىسا باشقىچە بولىشى ئېنىق.
    بلىكتىكى شۇ نامىلىق تېمىدىن ئېلىندى.

  14. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    خەنجەر ئەپەندىم خەنجىرىڭىز بىلەن مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھيىتىنى ياخشى ئېچىپ ،قارنىنى يېرىپ بېرىپسىز ،تەھلىلىڭىز ياخشى بولۇپتۇ .
    مەنمۇ بۇرۇن باشلانغۇچتا ساۋادىم چىققاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان چۆچەكلەرنى ئۇقوپ چىققان ئىدىم ، كىيىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن چۆچەك ئوقۇشنى تاشلاپ قويدۇم ، چۆچەكلەردىن بىر خىل مەنىسىزلىك ، تىتىقسىزلىق ، ھىس قىلدىم .چۆنكى چۆچەكلەرنىڭ ئاخىرى نامرات پادىشاھ بولۇپ ياكى ئارزۇسىغا يېتىپ ،كەنجى ئوغۇل روناق تېپىپ ، تاز مەلىكە بىلەن توي قىلىپ ، شاھزادە يالماۋۇز ،دىۋىلەر بىلەن ئىلىشىپ ، تەختىنى ياكى مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا يېتىپ تۇگەيدىكەن ، يامان جازاسىنى تارتىدىكەن ، ياخشى ياخشىلىققا ئېرىشىدىكەن .شۇنداق قىلىپ چۆچەكنى تاشلىۋىتىپ،ھىكايە ، رومان دىگەنلەرنى ئوقۇپ يۇردۇم ، ئالىي ئوقۇل (ئالىي مەكتەپ ) لەرگىمۇ باردىم ،شۇ چاغلاردا بەزىدە يېتەلمىگەن ئارزۇ ھەۋەسنىڭ كەينىدە چۆلدە ئالۋۇننى قوغلىغان ئادەمدەك قوغلىشىپ يۇرگەن ، مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن ئومىدسىزلەنگەن ، ئشەنچىمنى يوقاتقان چاغلارمۇ بولغان .ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم، يەتكەن ئارزۇنىڭ خوشلىقىدا ، يىتەلمىگەن ئارزۇنىڭ غىمىدە يۇرۇۋاتىمەن ، يىقىندا ‹‹جەمشىتنامە››دېگەن بىر كىتاپنى ئوقۇپ بولدۇم ، بۇ كىتانى كىنو قىلىپ ئشلىسە ، ئامرىكىنىڭ خاررىي پوتتىر كىنوسىدىن قىلىشمىغۇدەك ، تەسەۋۋۇرغا بايكەن ،
    بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىزمۇ تەسەۋۋۇرغا ئنتايىن باي ، تەسۋىرلىرى ئنتايىن جانلىق .ئەجەبا چۆچەكلەر بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيتىمىزنى ئاشۇرماسمۇ ؟ ‹‹كەللىلە ۋە دېمىنە ››دېگەن كىتاپنى ئوقۇغانلار ، بۇ كىتابنىڭ سۇنزىنىڭ 36 تەدبىرىدىن ياىشى ئكەنلىكىنى ھىس قېلىدۇ .
    تۇرمۇشتا كىشى ھەممە ئارزۇسىغا قانغان ئەمەس ، لېكىن چۆچەكتە ھامىنى يامان جازاسىنى تارتىدۇ ، ياخشى ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ ،ئاۋام مۇراد – مەقسىتىگە يېتىدۇ .بەلكى بۇ تەرىپى چۆچەكلەرنىڭ ھەممە كىشى ياقتۇررشىنىڭ ۋە كەڭ تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك ،چۇنكى ئاۋام ئەمەلىيەتتە يىتەلمگەن ئارزۇسىغا ،چۆچەكتە يېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە يوقىتالمىغان زالىم بەگ ۋە زالىم شاھنى چۆچەكتە يوقىتىدۇ ،ياخشىنى ھىمايە قىلىدۇ .

    ئامىرىكىلقنىڭ ‹‹پەندورانىڭ قۇتىسى ››دەيدىغان بىر چۆچىكى بولىدىغان ،ئەگەر مۇشۇ چۆچەكنىمۇ ھازىرقى تەپەككۇرىمىز بىلەن تەھلىلل قىلىدىغان بولساق ، بۇنڭدىنمۇ يىڭى‹‹ نەرسىلەر ›› چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ،لېكىن ئامرىكىلىق ھەرگىزمۇ بۇ چۆچىكىنى بىرنىڭ نەسىردىن ئەپەندىنى تەھلىلل قىلغاندەك تەھلىلل قىلمايدۇ .
    خۇلاسە كالام ، نان بىزگە بولكىدىن تاتلىق تىتىيدۇ ، ئەلۋەتتە ئامرىكىلىقمۇ ئۆزىنىڭ بولكىسىنى ياخشى كۆرىدۇ ،لېكىن ناننىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولكىنى باھالىساق ياكى بولكىنىڭ ئولچىمى بويىچە ناننى باھالىساق ئانچە توغرا ھەم ئاقىلانىلىك بولماس دەپ ئويلايمەن .

    • خەنجەر مۇنداق يازغان:

      رەھمەت . رادىئو ھەۋەسكارى ئەپەندىم ھازىر رادىئودىنمۇ يېڭلقتىن خەۋەردار بولغىلى بولىدىكەن ھە ! شۇ زامان بۇ تېمىنى تېپىپ كەپسىز.
      توغرا رىئاللىق دىگەن ھامان كىنو چۆچەكلەردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ . كىنو ،چۆچەكلەردە چوقۇم ياخشى غەلبە قىلىشى كېرەك . ھېچ بولمىغاندا مەن ھازىرغىچە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلار غەلبە قىلىدۇ بۇ تەرەپنى كىنو كۆرگەچمۇ پەرەز قىلالايمىز. لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتىچۇ ؟ مەنچە ئۇنداق بولىشى ھامان ياخشىلارنىڭ غەلبە قىلىشى ناتايىن . بەلكىم ئۇيغۇر خەلق ماقالى ياخشىغا كۈن يوق ، يامانغا ئۆلۈم . بىكاردىن چىقمىغان مۇشۇ رىئاللىقنى ئاساس قىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن.

  15. مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    يۇقارقى ئىنكاسلارنى كۆرۇپ چىقىپ بىرتۇرۇپ پىكىرىڭلار چىچىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدىم . سىنچىلاپ قارىساق بۇيەردىكى ھادىسە ئامېرىكلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەسىرىددىن ئەپەندىگە بەرگەن باھاسى ،ماھىيەت بولسا ئىككى خىل مەدەنىيەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن قىممەت قارىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئاشكارىلىنىشى .
    غەرب ئادەملىرى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن باشلاپ مەسىلىلەرگە رىئاللىقنى ئاساسى مەنبە ، ئىنسان قەدىر -قىممىتىنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ باھا بىرىدىغان بولغان . شەرقلىقلەرنىڭ كىنايە ياكى يوشۇرۇن ئىشارىگە تولغان بۇ خىلدىكى ئەقىل ھاسىلاتلىرنى ئۇلار دىتىغا سىغدۇرالمايدۇ .

  16. كۇنۇپكا مۇنداق يازغان:

    غەرپنىڭ تەپەككۇرى، شەرقنىڭ تەپەككۇرى دىگەن گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن، ھەممىسى ئوخشاش ئادەم، ھەممىسى ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدۇ، غەرپلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس، دانىشمەن ئەمەس، ھەممىسى ئالىيجاناپ ئادەملەر ئەمەس، ئىشقىلىپ بىز بىلەن ئوخشاش ئادەم، مەن غەرپ مەدىنىيىتى، شەرق مەدىنىيىتى، غەرپ تەپەككۇرى، شەرق تەپەككۇرى دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىسام ئەرۋاھىم ئۇچىدۇ، غەرپلىكلەر بىزدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان خەق ئەمەس، ياكى غەرپلىلەر چىرىكلەشكەن ناچار خەق ئەمەس، بىز بىلەن ئوخشاش خەق.
    قىزىلكۆز بايلار ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن توقۇغان «بايلار تىرىشچان بولغاچقا باي بۇلىدۇ، نامراتلار ھورۇن بولغاچقا نامرات بۇلىدۇ» دەيدىغان سەپسەتىنى تەشۋىق قىلماڭلار، باي بۇلۇشنىڭ، نامرات بۇلۇپ قېلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بۇلىدۇ.

    • خەنجەر مۇنداق يازغان:

      توغرا مەن بۇ پىكىرنى قوللايمەن . سىزنىڭ پىكرىڭىزدىكى ھەممىسى ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدۇ دىگەن گەپ خاتا ئېلنىپ قالغان ، ئەگەر ھەممە ئادەم ئوخشاش تەپەككۇر قىلسا ئوخشىمايدىغان ئىشلار ۋە ئادەملەر مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. مۇشۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ پىكىر قىلىشى ئوخشىمىغاچقا مۇشۇنداق ئىنكاسلار يېزىلغان. ئەمدى غەربلىكلەر ھەممىسى دانىشمەن ئەمەس دىگەن پىكرىڭىزنى مەن قوللايمەن كۇنۇپكا ئەپەندى . ھەر مىللەتتە ياخشى ،يامان ، دانىشمەن ،نامرات ..دىگەندەك ھەر خىل ئادەملەر مەۋجۇت. قارسىغا غەرب ئىلغار دەپ ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۆز قارشىنى توغرا دەيدىغانلارغا مەنمۇ بەك ئۆچ. يەنە سىز دىگەندەك باي نامرات بولۇشنىڭ ھەر خىل سەۋەبى بار مەن ئىنكاسىمدىمۇ دىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بولىشى مۇمكىن شۇڭا بىز بىر تەرەپلىمە يەكۈن چىقاساق بولمايدۇ . شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم مەسلە ئويلاشقاندا ھەر تەرەپتىن ئويلاش كېرەك .

    • سەركەردە مۇنداق يازغان:

      مەن بۇ پىكىرگە قارشى ھازىرقى ۋەزىيەتتە سىز تىرىشسىڭىزلا باي بولالىشىڭىزدە چاتاق ،تېرەك ياغىچى بادىر بولماس دېھقان بالىسى كادىر بولماس دەيدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى، ئەجىبا دۆلەت مەمۇرىلىق ئىنتاھاندا ئەمەلدارلارنىڭ باللىرى سىزنىڭ ئورنىڭىزنى ئىگەللىۋاسىلا سىزنىڭ تەرەققىيات يولىڭىزنى توسىغان بولامدا ،تەرققىي قىلىمەن دىسىڭىز ئەركىن بازار رىقابىتىگە قاتنىشىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك بىڭىسىڭىز بولسا شۇنچىلىك نەپكە ئېرىشىشڭىزدە گەپ يوق ئاشۇ مەمۇرى ئورۇنلاردا تەييار پۇلنى خەجلەپ باشلىققا خوشامەت قىلىپ ياشىغاندىن مىڭ ياخشى، رادىل ئابلامۇ قېينى ئاتىسىدىن 3000يۈەن پۇل قەرز ئېلىپ ئىش باشلاپتىكەن، بېلگەيتىسمۇ مىليونېر ئائىلىسىدە تۇغۇلماپتىكەن بەلكى ئادەتتىكى ئادۇكات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپتىكەن، ئەجىبا بىز ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپلا قىزىل كۆز دەپ قار چاپلىساق بولامدا؟ ئاشۇ رادىل ئابلا،بىلگەيتىس تەك بايلار بولمىسا سىز بىر ئادەمنىڭ كۈچى بىلەن مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرالامتىڭىز ،ياكى windowsتەك مەشخۇلات سېتىمىسىنى تۈزۈيەلەمسىز؟ جاھاننى جاھان قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۋاتقىنى يەنىلا ئاشۇ كاپىتالىسلار ، قارىغاندا سىز مەكتەپتىكى بىر قىسىم دەرسلەرنى بەكرەك ئۆگىنۋالغان ئوخشايسىز، سىزگە شۇنى دەپقۇيايكى ماركىس ئوتتۇرغا قويغان ئاتالمىش ھەممە ئادەم باراۋەر ،باي كەمبەغەللىك پەرقى يوقىتىلغان جەمىيەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولماي، ئادەم بار يەردە پەرق بولىدۇ ،تىرىشقانلار ئۈزۈپ چىقىدۇ ،تىرىشمىغانلار يەنە شۇ ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت پۇلىسىغا تايىنپ جان باقىدۇ.

      • رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

        باشقىلارنى ئۆلگە قىلىش ياخشى ئىش ، لېكىن ،شۇ رادىل ئابلا ، بىل گەيتىسلەردەك بولىمىز دەپ ۋەيران بولغان ئادەم زادى قانچە، ؟؟!! ‹‹چاخچاق :سىز جۇڭگودىن بىل گەيتىس چىقمايدۇ دېگەن فىليەتوننى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز ؟››
        مەن بۇ يەردە پۇرسەت باراۋەر بولسىكەن دېمەكچى ، جەمىيەت تىخىمۇ ئادىل ، باراۋەر بولسىكەن دېمەكچى .يەنى بىرى ئۇتقان باي ، ئۇتتۇرغان گاداي بولغان چاغدا ،شۇ گادايمۇ ئاچلىقتىن ئولۇپ قالمىسا ،

  17. مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    ئەپەندىم ئامېىرىكىلق بولوپ قالغان بولسىچۇ ؟ :grin:

  18. كۇنۇپكا مۇنداق يازغان:

    ئويلاپ باقسام بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپلا تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنمەپتىمىز، بىرەرسىمۇ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەتمەپتىكەن، تەپەككۇر قىلىشىمىزغىمۇ يول قۇيماپتىكەن. كىچىكىمىزدە چوڭلار ئۇنى قىلساڭ يامان بۇلىدۇ، بۇنى قىلساڭ يامان بۇلىدۇ دەپ نۇرغۇن «فورمۇلا» لارنى ئۆگەتكەن، كىيىن بىسەك بۇ «فورمۇلا» لار ئاساسىي جەھەتتىن توغرىكەن؛ بىز پەقەت فورمۇلانى يادلاپتىمىز، لىكىن كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىنى، ئىسپاتلاشنى ئۆگەنمەپتىمىز.
    مەكتەپتە بولسا ئىجتىمائىي پەنلەرنى كىتاپتا نىمە دىگەن بولسا شۇنى ئۆز پېتى يادلىتىدۇ، تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەتمەيدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا رۇخسەت يوق. ئىمتىھاندا كىتاپتىكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش جاۋاپ يازماي، بىرەر سۆزنى شۇ سۆز بىلەن مەنىسى ئوخشاش سۆزگە ئالماشتۇرۇپ قويساق نومۇر تارتىدۇ.
    ئادەم بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ پەرقى كومپيۇتېر تەپەككۇر قىلالمايدىكەن، مەسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەتسە شۇ بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن، ماۋۇ مەسىلىنى باشقىچە تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ دىگەننى ئويلىيالمايدىكەن. ئۆزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن ئاشۇ ئۇسۇلدا بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىكەن. بىزمۇ تەپەككۇر قىلىشنى بىلمەي كومپيۇتېرغا ئوخشاش بۇلۇپ قالىدىكەنمىز.

  19. كەسىپداش مۇنداق يازغان:

    ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىدا دىيىلىۋاتقان دەرس نىشانىدىكى ھىسىيات، پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى دەل مانا مۇشۇنداق ئەركىن پىكىر قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يۇقۇرىدا باشقا دوستلار دىگەندەك بىز ئەركىن تەپەككۈر قىلىشقا يىتەكلەنمىگەن، ھەممىدە مۇئەللىمنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگىنىپ ئادەتلەنگەن، شۇڭا بۇنىڭدىن بەك ئەجەپلىنىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
    يەنە بىرسى ئامىرىكىلىق ھىلىقى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار ئەپەندىن ياشىغان دەۋىردىكى، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاشۇ كۈلپەتلىك كۈنلىرىمىزنى ئۆز بىشىدىن بىر قىتىم ئۆتكۈزۈپ باقسا ئاندىن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىگە ئاندىن توغرا باھا بىرىشى مۈمكىن. بىر ئىغىز گەپ تۈتىننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.

  20. جانىۋار مۇنداق يازغان:

    بۇ لەتىپىنىڭ ئىلمى قىممىتى ھەقىقتەنمۇ يۇقىرى. ئەپەندى بىلەن بايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەخسنىڭ دىئالوگىلىرىدىن بىز ھازىرقى قىممەت قارىشىمىز بويىچە ئېيىتقاندا ئەپەندى بىلەن بايغا ھەقىقتەنمۇ يىنىكلىك بىلەن باھا بېرىپ قىلىشىمىز مۈمكىن. ئەمما، ئامىرىكىلىق ئاشۇ ئوقۇغۇچىلاردەك تەتۈرىگە ياندۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، شۇ پىرسۇناژلاردىن ئۆزىمىزدە خېلىلا يىنىك بولمىغان ، بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ، نادانلىققا تولغان پىسخىك روھىمىزنى ئوڭايلا سېزىپ يىتەلەيمىز. شۇڭا، يۇقاردا دىيلىۋاتقان شەرق-غەرپ مەدىنىيتىدىكى پەرقنى نۇقۇل ھالدا ئىجتىمائىلىققا ئىگە بولمىغان سەبىيلەرچە پىكىرلىرىمىز بىلەن سۈپەتلىمەيلى، ھەتتا، كىرزىسقا تولىۋاتقان ئادىمىيلىك ۋە روھى مەغلۇبىيەتنى شەرق مەدىنىيتى،-دەپ قارىماستىن، بەلكى، غەرپنىڭ ئىلغار مەدىنىيتى ۋە كىشىلەرگە ئادىل، تەڭ-باراۋەر باھا بېرىشنى شەرقنىڭ مەدىنىيتىدىمۇ بولىشى زۆرۈر،-دەپ قاراش كىرەك. شۆبھىسىزكى، ئەپەندى ئەقىل بىلەن قارشى تەرەپنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقىنى يۇغۇرۇپ ئىشلەتكۈچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ ئازتولا مەنپىئەت غەملىگۈچىدۇر. باي بولسا قارشى تەرەپنى نادان ۋە زەئىپ چاغلاپ قىلتاققا چۈشكۈچى ۋە تەستە جۇغلىغان بايلىقنى توغرا يولغا ئىشلىتىشكە بىخىللىق قىلغۇچىدۇر. قېنى، بىزگە زادى قايسى خىلدىكى «شەخس»لەر كىرەككەن؟!

  21. ياغما ئوغلى مۇنداق يازغان:

    ھەي نادانلىق!!!!
    تەپەككۇر دىگەن نىمە زادى؟؟؟؟
    مەنچە تەپەككۇر دىگەننىۇ خاتاسى يوق ، ياخشى يامىنى يوق ، شۇ تەپەككۇر دىن كىلىپ چىققان نەتىجە ئوخشىمايدۇ خالاس،
    تەپەككۇر دىگەن بىر شەيئىنىڭ يەنە بىر شەيئى ئۈستىدە قىلغان پىكرى، ئويلىغانلىرى خالاس، تەپەككۇر ئىككى خىل بولىدۇ ، ئابىستىراكىت تەپەككۇر ، يەنى چىكىدىن ئاشقان خىيالا تەپەككۇر ، بۇنداق تەپەككۇرلار بايىقى تورداش ئېيتقاندەك پۇچەك چىقىش ئىھتىمالى 99% بلىدۇ، يەنە بىرى كونكىرت تەپەككۇر كۆزئالدىدىكى رىئاللىق ئۈستىدە، رىئاللىقنى چۆرىدىەەن ئاساسستا، رىئاللىقنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدىغان تەپەككۇر ، بۇ ئىككىلى تەپەككۇر ئادەمگە پايدىلىق، ئالدىنقىسى روھنى ئۇرغۇتىدۇ، كۆڭۈلنى خوش قىلىدۇ، كىيىنكىسى ئەقىلنى ئاچىدۇ، لىكىن ھەرقانداق نىمە چەكتىن ئاشسا ئادەمنى ئۆللتۈرىدۇ. تەپەككۇر: ئادەمنىڭ تىلى، مۇھىتى، تارىخى، پىسخىكىسى، ساپاسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،
    مىنىڭچە ئانا تىل ئارقىلىق يىتىلدۈرگەن تەپەككۇر ئەڭ ياخشى تەپەككۇ! خەق دىگەن خەق ! تەپەككۇرىمىزنى خەق بىلەن ئوخشاش قىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى قىلچە يوق!!! ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەۋەس قىلىدىغان يەرلىرى ساماندەك تولا!!!
    شۇڭا بىزدىكى تەپەككۇر 100% نوچى!

  22. چىنئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    كۆچۇردۇم ھە!

  23. ئىزباسار مۇنداق يازغان:

    گەپ ئوقۇتقۇچىدا ئىكەن.چوڭقۇرلاپ چۇشەندۇرمەپيۇ.ياكى بولمىسا ئامرىكىلىقلارنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارى ئۇيغۇرلارغا يەتمەيديكەن.

  24. سىيت نوچى مۇنداق يازغان:

    توۋا دىمسەم بولمىدى .
    ئامىركىلىق ئوقۇغۇچىلار ئەپەندىمنىڭ قىلغىنى قىزلىكۆزلۈك دىگىنى بىلەن، ئۆزنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەيدۇ.
    ھازىقى ئامىركا دەل شۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆزى شۇ ،ئەسەردىكى باي ھازىرىقى ئۆز كۈچگە تاينىپ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر . ئەمدى ئامىركا ،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ چۆچىكىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن.
    بولۇپمۇ قازان دىگەن چۆچەكنى . جۇڭگۇغا،ئىراققا، كىچىك قازان بىرىپ قويۇپ چوڭ قازان ئىلۋالغنى ئىنىق بۇ قىزل كۆزلۈك ئەمەسمۇ ؟ بۇ سىلەرنىڭچە ئختىساد مۇ ؟
    ئەدىبيات كەسىپ بولمىغاچقا گەپلىرىم چىچىلىپ كەتتى .شۇنداقتىمۇ مەركىزى ئىدىيە ئېنىق

  25. yarkanit مۇنداق يازغان:

    بۇلارغا تارىخ دەرسى ئۆتمەمدىغاندۇ.

  26. ئويغاق مۇنداق يازغان:

    باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇزۇگۈم توغرۇلۇق ئۆتۈلگەن مۇنداق بىر دەرس ئىسىمگە كېلىپ قالدى .
    نۇزۇگۇمنىڭ مىللەتنىڭ ئار- نۇمۇسىنى ،ئۆزىنىڭ پاك ئىپپىتىنى قوغداش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خۇلاسىلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ سىز نۇزۇگۇمنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى ؟›› دىگەن سۇئال بويىچە سۆھبەتكە تەشكىللىدىم، بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭمۇ نۇزۇگۇمدەك قىلىدىغانلىقىنى ، قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى سۆزلىدى. ئەمما كىيىنكى جاۋابلار مىنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى .
    - مەن بولسام مانجۇ ئەمەلدارغا تېگەتتىم .
    - نىمىشقا ؟
    ئۆزۈم خارلانساممۇ ئۇنىڭ ھوقۇقى ئارقىلىق خەلقىم ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرەتتىم .

    - مەنمۇ تېگەتتىم .
    - نىمىشقا ؟
    - ئۇنىڭ مال دۇنياسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇقسۇللارنىڭ بېشىنى سىلايتىم.

    -ئۇنداقتا نۇزۇگۇم خاتا قىلدىمۇ ؟
    - ياق ، بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ، ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك.

    ئەمەلىيەتتە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش ، پىكىر بېرىش ھوقۇقى بېرىلسە بىز ئەمەس بىزنىڭ سەبىي پەرزەنلىرىمىزمۇ ئۆزگىچە پىكىرلەرنى قىلالايدۇ . شۇنىسى بىزنىڭ مائارىپىمىز كېسەل. گەپ سۆزىمىز ، ئىش ھەركىتىمىز قىلىپلاشقان، ئوخشاش پىكىردىكى ئوخشاش ئىدىيىلىك ئەلىيۇل ئەلالارنى تەربىيىلەش مائارىپىزنىڭ تۈپ نىشانى ، ئىسلاھات دولقۇنلىرى ھامان سىياسەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟